ھېيت نامىزى ھەققىدە 3
باش بەت > تەتقىقاتلار تارىخ: 06.08.2013 يازدۇرغىن
2- ئىككى ھېيت نامىزى
ئا- ھۆكمى
ئىككى ھېيتنامىزى ئوقۇش پەرزدۇر، شۇنداقلا ئىسلامنىڭ شۇئارىدۇر. دەلىلى ئاللاھ تەئالانىڭ بەقەرە سۈرىسنىڭ 185- ئايىتىدىكى ۋە ھەج سۈرىسىنىڭ 37- ئايىتىدىكى «ئاللاھقا تەكبىر ئېيتقايسىلەر!» دېگەن مەنىدىكى سۆزلىرىدۇر. چۈنكى ئاللاھ تەئالا بۇ ئەمرىنىڭ بىرىنى رامىزان روزىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەرنى، يەنە بىرىنى قۇربانلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەرنى بايان قىلغاندىن كېيىن بارلىق مۇسۇلمانلارغا قارىتىپ چۈشۈرىدۇ. دېمەككى، ئاللاھ تەئالا مۇسۇلمانلارنى رامىزان روزىسى تۇتۇشقا ۋە قۇربانلىق قىلىشقا ئەمىر قىلىش بىلەن بىرگە تەكبىر ئېيتىشقىمۇ بۇيرۇغان.
پەيغەمبىرىمىزنىڭ قېرى-ياش، چوڭ-كىچىك، ئەر-ئايال پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنى ھەر ھېيت نامىزىغا ھازىر بولۇشقا چاقىرغانلىقى، ھەتتا ئادەت كۆرۈۋاتقان خانىم/قىزلارنىمۇ بۇ ناماز ئوقۇلغان يەرگە ھازىر بولۇپ نامازنى ئوقۇماي تەكبىرگە قېتىلىشىنى بۇيرۇشى، شۇنداقلا ھېيت نامازلىرىنى بۇ شەكىلدە ئوقۇشى ئىككى ھېيت نامىزىنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى بۇ ئاللاھنىڭ ئەمرى بولماي پەيغەمبىرىمىز ئۆزى ئىجتىھات قىلىپ ئوقۇغان ناماز بولسا ئىدى، بۇ قەدەر كۆڭۈل بۆلمىگەن ۋە ئۇنچىۋالا ئەھمىيەت بەرمىگەن بولاتتى.
پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىككى ھېيت نامىزىنىڭ ھەر بىرىدە نامازغا كېتىۋېتىپ يولدا بىرقانچە يەردە تەكبىر ئېيتىشى ۋە باشقىلارنى بۇنىڭغا بۇيرۇشى، ھەر ھېيت نامىزىنى باشقا نامازدىن پەرقلىق ھالدا، نامازنىڭ ئىچىدە بىرقانچە قېتىم تەكبىر كەلتۈرۈپ ئوقۇشى، نامازدىن قايتىشتا يەنە يولدا بىر قانچە يەردە تەكبىر ئوقۇشى ۋە باشقىلارنى بۇنىڭغا بۇيرۇشى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ «تەكبىر ئېيتقايسىلەر!» دېگەن ئىلاھىي بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
شۇنداقتىمۇ ھېيت نامازلىرى جۈمە نامىزىغا ئوخشاش جامائەت بىلەن ئوقۇلىدىغان ناماز بولغاچقا زۆرۈرەتتىن ھېيت نامىزىئوقۇلىدىغان يەرگە ھازىر بولالمىغانلار، ئۆزلىرى يالغۇز ھېيت نامىزى ئوقۇمايدۇ ۋەقازاسىنىمۇ قىلمايدۇ، شۇنداقلا گۇناھكارمۇ بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇشياكى تىجارەت ۋە ياكى خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ھېيت نامىزى ئوقۇلىدىغانيەرگە ھازىر بولالماسلىقىنى چاغلىغانلارنىڭ ئوقۇش يېرىنى ياكى تىجارەت ۋەخىزمەت قىلىش ئورنىنى تەرك ئېتىپ، ھېيت نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن ئاتايىن باشقاشەھەرگە بېرىشىغا ھاجەت يوقتۇر. 
ئە- شەكلى
1- ھېيت نامىزى ئىككى رەكەتتۇر ۋە ئالدى- كەينىدە سۈننەت (نەپلە) ناماز ئوقۇلمايدۇ. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ ھېيت كۈنى چىقىپ ئىككى رەكەت ھېيت نامىزى ئوقۇدى. بۇ ئىككى رەكەت نامازدىن ئىلگىرى ياكى كېيىن ھېچقانداق ناماز ئوقۇمىدى»[1].
2- ھېيت نامازلىرىنىڭ ئىچىدە تەكبىرلەر ئوقۇلىدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت نامازلىرىدا بىرىنچى رەكەتتە يەتتە تەكبىر، ئىككىنچى رەكەتتە بەش تەكبىر ئېيتاتتى. بۇ تەكبىرلەرنىڭ ئىچىدە رۇكۇنىڭ ئىككى تەكبىرى يوق ئىدى»[2].
كەسىر ئىبنى ئابدۇللاھ دادىسىدىن، دادىسى چوڭ دادىسىدىن رىۋايەت قىلىدۇكى[3]، «رەسۇلۇللاھ ئىككى ھېيت نامىزىنىڭ بىرىنچى رەكىتىدە قىرائەتتىن ئىلگىرى يەتتە تەكبىر، ئىككى رەكەتتە قىرائەتتىن ئىلگىرى بەش تەكبىر ئېيتاتتى»[4].
رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھېيت نامىزى تەكبىرلىرى توغرىسىدا سوئال سورىغان بىر كىشىگە: «ئالدى بىلەن تۆت تەكبىر ئېيتىدۇ، ئاندىن قىرائەت قىلىدۇ، ئاندىن تەكبىر كەلتۈرۈپ رۇكۇغا بارىدۇ. ئاندىن كېيىن ئىككىنچى رەكەتكە تۇرۇپ قىرائەت قىلىدۇ، ئاندىن قىرائەتتىن كېيىن تۆت تەكبىر ئېيتىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن[5].
ئىككى ھېيت نامىزىنىڭ تەكبىرلىرىنى يۇقىرىدىكى ھەدىسىلەرنىڭ بىرىدە كۆرسىتىلگەن بويىچە ئېيتىشقا بولىدۇ[6].
شۇنىڭ ئۈچۈن بىز تۆۋەندە ھېيت نامىزىنىڭ تەكبىرلىرىنى بىرىنچى رەكەتتە قىرائەتتىن ئىلگىرى، ئىككىنچى رەكەتتە قىرائەتتىن كېيىن دەپ زىكىر قىلىمىز. چۈنكى يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغىنىدەك، ھېيت نامازلىرىنىڭ تەكبىرلىرىنى بۇ شەكىلدە ئوقۇشنىڭمۇ ھەدىستىن دەلىلى بار. دۇنيانىڭ نۇرغۇنلىغان جايلىرىدا ۋە بىزنىڭ دىيارىمىزدا ھېيت نامازلىرىنىڭ تەكبىرلىرى بۇ شەكىلدە ئېيتىلىدۇ. پەرقلىق رىۋايەتلەردىكى تەكبىر شەكىللىرىنى «تەبلىغ» قىلىپ «كونا مەھەللىگە يېڭى ئادەت» كەلتۈرۈشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق.
3- ھېيت نامازلىرىغا ئەزان-تەكبىر ئوقۇلمايدۇ. جابىر ئىبنى سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن رەسۇلۇللاھ بىلەن ئىككى ھېيت نامىزىنى بىر قېتىمدىن كۆپ ئەزانسىز ۋە تەكبىرسىز ئوقۇدۇم»[7].
4- ھېيت نامازلىرى خۇتبىدىن ئىلگىرى ئوقۇلىدۇ. نافىئدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئىبنى ئۆمەر مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام، ئەبۇبەكرى ۋە ئۆمەر ئىككى ھېيت نامىزىنى خۇتبىدىن ئىلگىرى ئوقۇيتتى»[8].


[1] – بۇخارى، ئىيدەين 8، 16، 18، 26، 32، ئەزان 161، زاكات 21، 33، تەپسىر مۇمتەھىنە 1، نىكاھ 124، لىباس 56، 57، 59، ئىئتىسام 16؛ مۇسلىم، ئىيدەين 13 (884)؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات 256 (1159)؛ تىرمىزى، سالات 387 (537)؛ نەسەئى، ئىيدەين 29، (3/193).

[2] – ئەبۇ داۋۇد، سالات 252 (1149، 1150). بۇ تەكبىرلەرنىڭ سانى توغرىسىدا فىقىھ ئالىملىرىنىڭ ئارىسىدا بەزى چۈشەنچە پەرقى بار. ئىمامى نەۋەۋىنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ پەرق مۇنداق:
1- ئىمام شافىئىينىڭ كۆزقارىشىچە بىرىنچى رەكەتتە ئىفتىتاھ تەكبىرىدىن باشقا يەتتە تەكبىر بار. ئىككىنچى رەكەتتە قىيام تەكبىرىدىن باشقا بەش تەكبىر بار.
2- ئىمامى مالىك، ئەھمەد ۋە ئەبۇ سەۋرلەرنىڭ كۆزقارىشىچە سان ئوخشاشتۇر، لېكىن بىرىنچى رەكەتتىكى يەتتە تەكبىرنىڭ بىرى ئىفىتىتاھ تەكبىرىدۇرر.
3- ئەبۇ ھەنىفە ۋە سەۋرىنىڭ كۆزقارىشىچە بىرىنچى رەكەتتە بەش، ئىككىنچى رەكەتتە تۆت تەكبىر بار. ئىفىتىتاھ ۋە قىيام تەكبىرلىرى بۇ تەكبىرلەرنىڭ ئىچىدىدۇر. مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ بۇ تەكبىرلەرنىڭ ئورنى توغرىسىدىكى پەرقلىق چۈشەنچىلىرى كېيىنكى ئىزاھلاردا زىكىر قىلىنىدۇ.

[3] – كەسىرنىڭ دادىسى ئابدۇللاھ، ئابدۇللانىڭ دادىسى ئەمر ئىبنى ئەۋفتۇر. كەسىرنىڭ چوڭ دادىسى ئەمر ئىبنى ئەۋف ئەلمۇزەنى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدۇر.

[4] – تىرمىزى، سالات 386 (536). تىرمىزى بۇ ھەدىسنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەيدۇ: بۇ بابتا ئائىشە، ئىبنى ئۆمەر ۋە ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرلەردىنمۇ ھەدىسلەر رىۋايەت قىلىنىدۇ. كەسىرنىڭ چوڭ دادىسىنىڭ ھەدىسى ھەسەن ھەدىس بولۇپ بۇ بابتا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن رىۋايەت قىلىنغان ئەڭ ياخشى ھەدىستۇر. كەسىرنىڭ چوڭ دادىسىنىڭ ئىسمى ئەمر ئىبنى ئەۋف ئەلمۇزەنىيدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بولغان ۋە ئۇلاردىن بولمىغان ئەھلى ئىلىملەرنىڭ كۆزقارىشىدا ھېيت نامازلىرىنىڭ تەكبىرلىرىنى مۇشۇ ھەدىستىكى بويىچە ئېيتىش كېرەك. ئەبۇ ھۇرەيرە (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) نىڭ مەدىنىدە ئىماملىق قىلغان زامانلاردا ھېيت نامازلىرىنى مۇشۇ ھەدىستە كۆرسىتىلگەن شەكىلدە ئوقۇغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. بۇ ئەينى ۋاقىتتا مەدىنە ئەھلىنىڭ كۆزقارىشىدۇر. مالىك، شافىئىي، ئەھمەد ۋە ئىسھاقلار مۇشۇ بويىچە ھۆكۈم قىلغان. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىككى ھېيت نامىزىنىڭ تەكبىرلىرى توغرىسىدا مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «بىرىنچى رەكەتتە توققۇز تەكبىر بار. بۇلارنىڭ بەشى قىرائەتتىن ئىلگىرىدۇر. ئىككىنچى رەكەتتە ئالدى بىلەن قىرائەت قىلىنىدۇ. ئاندىن رۇكۇنىڭ تەكبىرى بىلەن قوشۇپ تۆت تەكبىر ئېيتىلىدۇ». بۇنىڭ ئوخشاش رىۋايەت پەيغەمبىرىمىزنىڭ بىرقانچە ساھابىسىدىنمۇ نەقىل قىلىنىدۇ. بۇ كۇفە ئەھلىنىڭ كۆزقارىشىدۇر. سۇفيان سەۋرى مۇشۇ بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ.

[5] – ئابدۇرراززاق ئەسسەنئانى، مۇسەننەف سالاتۇلئىيدەين 5687.

[6] – فىقىھ ئالىملىرىنىڭ ئىككى ھېيت نامىزىنىڭ ئىچىدىكى تەكبىرلەر توغرىسىدا ئۈچ تۈرلۈك كۆزقارىشى بار:
1- بىرىنچى رەكەتتە تەكبىر تەھرىمىدىن كېيىن ئۈچ تەكبىر ئېيتىدۇ. ئىككىنچى رەكەتتە قىرائەتتىن كېيىن رۇكۇدىن ئىلگىرى ئۈچ تەكبىر ئېيتىدۇ. بۇ ھەنەفىيىلەرنىڭ كۆزقارىشىدۇر. بۇلارنىڭ دەلىلى ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلىنغان رىۋايەتتۇر. قاراڭ: ئىبنى ئابىدىننىڭ ھاشىيىسى 2- جىلد، 172.
2- بىرىنچى رەكەتتە تەكبىر تەھرىمە بىلەن قوشۇپ يەتتە تەكبىر ئېيتىدۇ. ئىككىنچى رەكەتتە قىرائەتتىن ئىلگىرى قىيام تەكبىرى بىلەن قوشۇپ ئالتە تەكبىر ئېيتىدۇ. بۇ مالىكىي ۋە ھەنبەلىيلەرنىڭ كۆزقارىشىدۇر. بۇ ئەينى ۋاقىتتا ئىبنى تەيمىييە ۋە ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزىلەرنىڭمۇ كۆزقارىشىدۇر. بۇلارنىڭ دەلىلى ئائىشە ۋە ئەمر ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالاردىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسلەردۇر. قاراڭ: ئەلمۇدەۋۋەنە 1/169؛ ئەلكافى 1/264؛ ئەلمۇغنى 3/271؛ مەجمۇئۇلفەتاۋا 20/365؛ زادۇلمەئاد 1/444.
3- بىرىنچى رەكەتتە ئىفتىتاھ تەكبىرىدىن كېيىن يەتتە تەكبىر ئېيتىدۇ. ئىككىنچى رەكەتتە قىيام تەكبىرىدىن كېيىن بەش تەكبىر ئېيتىدۇ. بۇ شافئىيلارنىڭ كۆزقارىشىدۇر. بۇلارنىڭ دەلىلى شۇدۇر: ئىبنى ئۆمەر ئەبۇ ھۇرەيرە (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما) گە ئىقتىدا قىلىپ ھېيت نامىزى ئوقۇدى. ئەبۇ ھۇرەيرە بۇ ھېيت نامىزىدا بىرىنچى رەكەتتە قىرائەتتىن ئىلگىرى يەتتە تەكبىر، ئاخىرقى رەكەتتە قىرائەتتىن ئىلگىرى ئالتە تەكبىر ئېيتتى. قاراڭ: ئەلئۇم 1/395. بۇ كۆزقاراشلارنىڭ ھەممىسى توغرىدۇر. قايسىنى قىلسا جايىزدۇر، يەنى ئىككى ھېيت نامىزىنىڭ تەكبىرلىرىنى قايسى مەزھەپتىكى بويىچە قىلسا بولىدۇ. چۈنكى ھەممىسىنىڭ ھەدىستىن دەلىلى بار.

[7] – مۇسلىم، ئىيدەين 7 (887)؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات 250 (1148)؛ تىرمىزى، سالات 384 (532). ھېيت نامىزىغا جامائەت نامازگاھقا ئۆزلۈكىدىن يىغىلىدۇ. ئاندىن ئىمامنىڭ ياكى مەزىن (مۇئەززىن) نىڭ ۋە ياكى بىر مەسئۇد كىشىنىڭ: «ھازىر ناماز باشلىنىدۇ دېگەندەك» ئېلان قىلىشى بىلەن جامائەت ئورنىدىن تۇرۇپ سەپ بولىدۇ، شۇنداقلا ناماز ئوقۇلىدۇ.

[8] – بۇخارى، ئىيدەين 7، 8؛ مۇسلىم، ئىيدەين 8 (888)؛ تىرمىزى، سالات 383 (531)؛ نەسەئى، ئىيدەين 9 (3/183).

Facebook'ta PaylaşTwitter'da Paylaş
7.012 قېتىم ئوقۇلدى