مۇسۇلمانلار

ھېيت نامىزى ھەققىدە2

1- نامازغا بېرىشتىن بۇرۇن قىلىنىدىغان ئىشلار
روزا ھېيت كۈنى ئەتە شەۋۋال ئېيىغا بىر دېگەن كۈنىنىڭ ئاخشىمى يەنى رامىزان ئېيىنىڭ 29- كۈنىنىڭ ئاخشىمى يېڭى ئاينىكۆرۈش بىلەن، ئەگەر ئاي كۆرۈنمىسە رامىزان ئېيىنى 30 كۈن قىلىپ تاماملاشبىلەن بەلگىلىنىدۇ.
بۇنىڭغائاساسەن رامىزاننىڭ 29 – كۈنى كەچتە يېڭى ئاينى كۆرسەك، ئەتىسى روزاتۇتۇشىمىز توغرا ئەمەس. ئەگەر رامىزاننىڭ 29 – كۈنى كەچتە يېڭى ئاينىكۆرمىسەك، ئەتىسى بىر كۈن روزا تۇتۇپ رامىزاننى 30 كۈن قىلىپ تاماملايمىز ۋەبۇنىڭدىن كېيىنكى كۈندە روزا تۇتمايمىز. چۈنكى ئۇ كۈن روزا ھېيت كۈنىدۇر. ھېيت كۈنىدە روزا تۇتۇشقا بولمايدۇ. بۇئىش، بىرەر سەۋەب بىلەن ھېيت نامىزى ئوقۇش كېچىككەن بولسىمۇ مۇشۇنداقبولىدۇ. يەنى بىز رامىزان ئېيىنىڭ 29- كۈنى ئاخشامدا ئاي كۆرگەن كۈننىڭ ئەتىسى ياكى رامىزاننى 30 كۈن قىلىپتاماملىغان كۈننىڭ ئەتىسى ھېيت نامىزى ئوقۇلمىسىمۇ روزا تۇتمايمىز. مۇناسىۋەتلىك ھەدىس مۇنداق:
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ رامىزان ھەققىدە سۆز قىلىۋېتىپ مۇنداق دېگەن: «ھىلالنى كۆرمىگىچە روزا تۇتماڭلار، ھىلالنى كۆرمىگىچە ئېغىز ئاچماڭلار (ھېيت قىلماڭلار)»[1].
 ئۆزىمىز ئۈچۈن ۋە ئائىلىمىزنىڭ ھەر ئەزاسى ئۈچۈن سەدىقە فىترە بېرىشىمىز كېرەك. مىقدارى بىر كىشى ئۈچۈن بىرمىسكىننىڭ بىر كۈنلۈك يېمەك -ئىچمىكىگە يەتكۈدەك بىر نەرسىدۇر.
سەدىقەفىترىنى ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن بۇرۇن بېرىۋېتىش كېرەك. ھېيتتىن بىر-ئىككى كۈن بۇرۇن بەرسەكمۇبولىدۇ. بۇنى بېرىش ئۈچۈن ئىقتىسادىي جەھەتتە مەلۇم بىر نىسابقا يېتىششەرت ئەمەس، ھەتتا بۇنى بىر كۈنلۈك ئوزۇق-تۈلۈكى بار كىشىلەرمۇ بېرىشىكېرەك. مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر:
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ فىتىر زاكىتىنى روزا تۇتقۇچىنى ئاغزىدىن چىقىپ كەتكەن بىھۇدە سۆز ۋە سەت گەپلەردىن پاكلىسۇن، مىسكىنلەرگە تاماق بولسۇن دەپ پەرز قىلدى. كىم ئۇنى ھېيت نامىزىدىن بۇرۇن ئادا قىلسا ئۇ مەقبۇل بىر زاكات بولىدۇ. كىم ئۇنى ھېيت نامىزىدىن كېيىن ئادا قىلسا سەدىقىلەردىن بىر سەدىقە بولىدۇ[2].
بۇ ھەدىس سەدىقە فىتىرنىڭ ھېكمىتىنى ۋە ئادا قىلىش ۋاقتىنى بايان قىلىدۇ.
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق دەيدۇ:
رەسۇلۇللاھ فىتىر زاكىتىنى قۇل-ئازاد، ئەر-ئايال ھەر مۇسۇلمانغا خورمىدىن بىر سا[3] ياكى ئارپىدىن بىر سا پەرز قىلدى[4]. رەسۇلۇللاھ فىتىر زاكىتىنى قۇل-ئازاد، چوڭ-كىچىك، ئەر-ئايال ھەر مۇسۇلمانغا خورمىدىن بىر سا[5] ياكى ئارپىدىن بىر سا پەرز قىلدى[6].
باشقا بىر رىۋايەتتە مۇنداق بىر ئىپادە بار: «خەلق بىر سا خورمىغا يېرىم سا بۇغداينى تەڭ قىلدى. ئىبنى ئۆمەر سەدىقە فىترىسىنى خورما بېرىپ ئادا قىلاتتى. مەدىنە خەلقى خورمىغا موھتاج بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يىلى ئىبنى ئۆمەر سەدىقە فىتىرىسىنى ئارپىدىن بەردى»[7].
ئەمر ئىبنى شۇئەيب چوڭ دادىسىدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىنىڭ كوچىلىرىغا بىر جاكارچى ئەۋەتىپ مۇنداق جاكارلاتتى: دىققەت، دىققەت! سەدىقە فىتىر ئەر-ئايال، ھۆر-ئازاد، چوڭ-كىچىك ھەر مۇسۇلمانغا ۋەزىپىدۇر. بۇ يا ئىككى مۇد[8] بۇغداي، يا ئۇنىڭدىن باشقا بىر سا يېمەكلىكتۇر[9].
بۇ ھەدىسلەر سەدىقە فىتىرنىڭ كىملەرگە پەرز قىلىنغانلىقىنى ۋە مىقدارىنى بايان قىلىدۇ.
روزا ھېيت نامىزىغا بىر نەرسە يەپ-ئىچىپ چىقىش، مۇمكىن بولسا خورما يەپ چىقىش ياخشىدۇر. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «رەسۇلۇللاھ روزا ھېيت كۈنى نامازغا بىرقانچە خورما يېمەستىن چىقمايتتى. رەسۇلۇللاھ خورمىلارنى تاق يەيتتى»[10].
قۇربان ھېيت كۈنى ھېيت نامىزى ئوقۇلۇپ بولغۇچە بىر نەرسە يېمەسلىك ياخشىدۇر. بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «رەسۇلۇللاھ روزا ھېيت كۈنى ھېيت نامىزىغا بىر نەرسە يېمەستىن چىقمايتتى. قۇربان ھېيت كۈنى ھېيت نامىزى ئوقۇماستىن بىر نەرسە يېمەيتتى»[11].
ھېيت نامىزىغا غۇسۇل قىلىپ يەنى بوي تاھارەت ئېلىپ، تازىلىق قىلىپ بېرىش ياخشىدۇر. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ روزا ھېيت كۈنى ۋە قۇربان ھېيت كۈنى غۇسۇل قىلاتتى»[12].
ھېيت نامىزىغا بىر ئائىلە كىشىلىرى بىرلىكتە بېرىش ۋە يولدا  كېتىۋېتىپ: «ئاللاھۇ ئەكبەر،ئاللاھۇ ئەكبەر، لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ، ئەللاھۇ ئەكبەر، ئەللاھۇ ئەكبەر ۋەلىللاھىلھەمد» دېگەن تەكبىر ئوقۇش ياخشىدۇر.
زۇھرىدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «رەسۇلۇللاھ روزا ھېيت نامىزىغا چىقسا نامازگاھقا كېلىپ نامازنى ئادا قىلغانغا قەدەر تەكبىر ئېيتاتتى، نامازنى ئادا قىلغان چېغىدا تەكبىر ئېيتىشنى توختىتاتتى»[13].
نافىئدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ئىككى ھېيتتا فەزل ئىبنى ئابباس، ئابدۇللا، ئابباس، ئەلى، جەئفەر ھەسەن، ھۇسەين ئۇسامە ئىبنى زەيد، زەيد ئىبنى ھارىسە ۋە ئەيمەن (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم) لار بىلەن بىرلىكتە چىقاتتى ۋە نامازگاھقا كەلگەنگە قەدەر يۇقىرى ئاۋاز بىلەن تەھلىل ۋە تەكبىر ئېيتاتتى[14].
داۋامى بار…

[1]– بۇخارى، سەۋم 11، 5، 13، تالاق 25؛ مۇسلىم، سىيام 9 (1080)؛ مۇۋەتتا، سىيام 1 (1/286)؛ ئەبۇ داۋۇد، سەۋم 4 (2320)؛ نەسەئى، سەۋم 10، 11، (4/134). بۇخارىنىڭ بىر رىۋايىتىدە «بۇلۇت كۆرۈشۈڭلارغا توسالغۇ بولسا ساننى ئوتتۇز قىلىپ تاماملاڭلار» دېيىلىدۇ، مۇسلىم ۋە نەسەئىنىڭ ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلغان رىۋايىتىدە «ھاۋا بۇلۇتلۇق بولسا ئوتتۇز كۈن روزا تۇتۇڭلار» دېيىلىدۇ. بۇ ھەقتە بۇخارى، مۇسلىم ۋە تىرمىزىدە پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىمۇ رىۋايەت قىلىنىدۇ: «ﺋﺎﻱ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﯘﯕﻼﺭ، ﺋﺎﻱ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﯧﭽﯩﯖﻼﺭ، ﮬﺎﯞﺍ ﺑﯘﻟﯘﺗﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖﻗﺎﻟﺴﺎ ﺷﻪﺋﺒﺎﻥ ﺋﯧﻴﯩﻨﻰ 30 ﻛﯜﻥ ﻗﯩﻠﭗ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﯕﻼﺭ»، «ﺭﺍﻣﺰﺍﻥ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺭﻭﺯﺍﺗﯘﺗﻤﺎﯕﻼﺭ، ﺋﺎﻳﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﯘﯕﻼﺭ، ﺋﺎﻳﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﯧﭽﯩﯖﻼﺭ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﺎﻱﺑﯘﻟﯘﺗﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ھىلالنى ﻛﯚﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺷﻪﺋﺒﺎﻥ ﺋﯧﻴﯩﻨﻰ 30 ﻗﯩﻠﯩﯖﻼر». 

[2] – ئەبۇ داۋۇد، زاكات 18.

[3] – پەيغەمبىرىمىزنىڭ زامانىدىكى بىر سا كۈنىمىزدىكى ئۆلچەم بىلەن ئېيتقاندا ئۈچ كىلوگرامغا يېقىن بىر مىقداردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن كۈنىمىز مۇسۇلمانلىرى سەدىقە فىتىرنى بىر كىشى ئۈچۈن ئۈچ كىلوگىرام بۇغداي ياكى ئۇنىڭ بەدىلى سۈپىتىدە ئادا قىلسا توغرا قىلغان بولىدۇ.

[4] – بۇخارى، زاكات 77.

[5] – پەيغەمبىرىمىزنىڭ زامانىدىكى بىر سا كۈنىمىزدىكى ئۆلچەم بىلەن ئېيتقاندا ئۈچ كىلوگرامغا يېقىن بىر مىقداردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن كۈنىمىز مۇسۇلمانلىرى سەدىقە فىتىرنى بىر كىشى ئۈچۈن ئۈچ كىلوگىرام بۇغداي ياكى ئۇنىڭ بەدىلى سۈپىتىدە ئادا قىلسا توغرا قىلغان بولىدۇ.

[6] – بۇخارى، زاكات 70، 71، 73، 74، 76، 78؛ مۇسلىم، زاكات 13 (984)؛ مۇۋەتتا، زاكات 51، 53، 55، (1/283)؛ تىرمىزى، زاكات 35 (676؛ ئەبۇ داۋۇد، زاكات 19(1611- 1615)؛ نەسەئى، زاكات 30-34، 41 (5/47)؛ ئىبنى ماجە، زاكات 21 (1926).

[7] – بۇخارى، زاكات 77.

[8] – بىر مۇد بىر سانىڭ تۆتتىن بىرىگە تەڭ كېلىدۇ.

[9] – تىرمىزى، زاكات 35 (674).

[10] – بۇخارى، ئىيدەين 4؛ تىرمىزى، سالات 390 (543). 

[11] – تىرمىزى، سالات 390 (542).

[12] – ئىبنى ماجە، ئىقامەتۇسسالات 169 (1315).

[13] – ئەبۇ بەكىر ئىبنى ئەبى شەيبە، مۇسەننەف، سالاتۇل ئىيدەين 5 ()5621 

[14] – بەيھەقى، ئەسسۇنەنۇلكۇبرا سالاتۇل ئىيدەين 2 (6130)؛ بۇ ھەدىس بەيھەقىنىڭ ئەسسۇنەنۇلسسۇغرا، شۇئەبۇلئىمان ۋە فەزائىلۇل ئەۋقات ناملىق ئەسەرلىرىدىمۇ ئۆتىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر