ھېيت نامىزى ھەققىدە
يوللىغۇچى: مۇسۇلمانلار، ۋاقتى: 05/08/2013
ئىككى ھېيت ھەققىدە ساۋات
 
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«شَهْرُ رَمَضَانَ الَّذِي أُنْزِلَ فِيهِ الْقُرْآنُ هُدًى لِلنَّاسِ وَبَيِّنَاتٍ مِنَ الْهُدَى وَالْفُرْقَانِ فَمَنْ شَهِدَ مِنْكُمُ الشَّهْرَ فَلْيَصُمْهُ وَمَنْ كَانَ مَرِيضًا أَوْ عَلَى سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِنْ أَيَّامٍ أُخَرَ يُرِيدُ اللَّهُ بِكُمُ الْيُسْرَ وَلَا يُرِيدُ بِكُمُ الْعُسْرَ وَلِتُكْمِلُوا الْعِدَّةَ وَلِتُكَبِّرُوا اللَّهَ عَلَى مَا هَدَاكُمْ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ. وَإِذَا سَأَلَكَ عِبَادِي عَنِّي فَإِنِّي قَرِيبٌ أُجِيبُ دَعْوَةَ الدَّاعِ إِذَا دَعَانِ فَلْيَسْتَجِيبُوا لِي وَلْيُؤْمِنُوا بِي لَعَلَّهُمْ يَرْشُدُونَ»
«ئۇ ساناقلىق كۈنلەر رامىزان ئېيىدۇر. ئۇ شۇنداق ئايكى، ئىنسانلار ئۈچۈن ھىدايەت بولغان، ھىدايەتنىڭ ۋە ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى ھۆكۈملەرنىڭ دەلىللىرى بولغان قۇرئان ئەنە شۇ ئايدا نازىل قىلىنغان. سىلەردىن كىم بۇ ئايدا ھازىر بولسا[1]، ئۇنى روزا تۇتۇپ ئۆتكۈزسۇن. كىم كېسەل بولۇپ ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ روزىسىنى تۇتالمىسا باشقا كۈنلەردە بىر كۈنگە بىر كۈن قازاسىنى تۇتسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى ئىرادە قىلىدۇ، تەسلىكنى ئىرادە قىلمايدۇ. ساننى تولۇقلىغايسىلەر[2]، ئاللاھقا تەكبىر ئېيتقايسىلەر! چۈنكى ئاللاھ سىلەرگە توغرا يولنى كۆرسەتتى. شۈكۈر قىلغايسىلەر! ئى مۇھەممەد! بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا، مەن ناھايىتى يېقىن. مەن ماڭا دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن. ئۇنداقتا ئۇلارمۇ مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا ئىشەنسۇن. شۇنداق قىلسا كامالەتكە يېتەلەيدۇ» بەقەرە 2/185-186.
«وَالْبُدْنَ جَعَلْنَاهَا لَكُمْ مِنْ شَعَائِرِ اللَّهِ لَكُمْ فِيهَا خَيْرٌ فَاذْكُرُوا اسْمَ اللَّهِ عَلَيْهَا صَوَافَّ فَإِذَا وَجَبَتْ جُنُوبُهَا فَكُلُوا مِنْهَا وَأَطْعِمُوا الْقَانِعَ وَالْمُعْتَرَّ كَذَلِكَ سَخَّرْنَاهَا لَكُمْ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ. لَنْ يَنَالَ اللَّهَ لُحُومُهَا وَلَا دِمَاؤُهَا وَلَكِنْ يَنَالُهُ التَّقْوَى مھِنْكُمْ كَذَلِكَ سَخَّرَهَا لَكُمْ لِتُكَبِّرُوا اللَّهَ عَلَى مَا هَدَاكُمْ وَبَشِّرِ الْمُحْسِنِينَ»
«بىز قۇربانلىق قىلىدىغان گەۋدىلىك ھايۋانلىرىڭلارنى سىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ نىشانلىرىدىن قىلىپ بەردۇق. سىلەر ئۈچۈن ئۇ ھايۋانلاردا ياخشىلىق بار. ئۇ ھايۋانلارنى قاتار تۇرغۇزۇپ قۇربانلىق قىلىشقا ھازىر ھالەتكە كەلتۈرگەن چېغىڭلاردا بىسمىللاھ، دەپ بوغۇزلاڭلار. ئۇلارنىڭ جېنى چىقىپ بولغاندا ھەم ئۆزۈڭلار يەڭلار، ھەم ئېھتىياجىنى يوشۇرغان ۋە يوشۇرمىغان موھتاجلارغا يېگۈزۈڭلار. ئاللاھ ئۇ ھايۋانلارنى سىلەرگە ئەنە شۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردى. شۈكۈر ئېيتقايسىلەر.
شۈبھىسىزكى، ئاللاھقا قۇربانلىقىڭلارنىڭ گۆشلىرىمۇ يەتمەيدۇ، قانلىرىمۇ يەتمەيدۇ. ئاللاھقا سىلەرنىڭ تەقۋادارلىقىڭلار يېتىدۇ. ئاللاھ ئۇ ھايۋانلارنى سىلەرگە ئەنە شۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردى. ئاللاھقا تەكبىر ئېيتقايسىلەر! چۈنكى ئاللاھ سىلەرگە توغرا يولنى كۆرسەتتى. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن»- ھەج 22/37.
بىرىنچى ئايەتتىكى يەنى بەقەرە سۈرىسىنىڭ 185-ئايىتىدىكى «ئاللاھقا تەكبىر ئېيتقايسىلەر!» دېگەن ئىپادە روزا ھېيت نامىزى ئوقۇشنىڭ لازىملىقىغا، ئىككىنچى ئايەتتىكى يەنى بەقەرە سۈرىسىنىڭ 186- ئايىتىدىكى «ئۇلارمۇ مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا ئىشەنسۇن» دېگەن ئىپادىلەر روزا ھېيت نامىزىدا خۇتبە ئوقۇشنىڭ لازىملىقىغا دالالەت قىلىدۇ. ئۈچىنچى ئايەتتىكى يەنى ھەج سۈرىسىنىڭ 37- ئايىتىدىكى «ئاللاھقا تەكبىر ئېيتقايسىلەر!» دېگەن ئىپادە قۇربان ھېيت نامىزىنى ئوقۇشنىڭ لازىملىقىغا، «ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن» دېگەن ئىپادە بولسا قۇربان ھېيت نامىزىدا خۇتبە ئوقۇشنىڭ لازىملىقىغا دالالەت قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ ئايەتلەردىكى «ئاللاھقا تەكبىر ئېيتىش» ۋەزىپىسى كۆپچىلىككە، «كۆپچىلىككە ئاللاھنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىشلىرىنىڭ ۋە ئاللاھقا ئىشىنىشلىرىنىڭ لازىملىقىنى ئۇقتۇرۇش، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بېرىش» بىر كىشىگە يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تاپشۇرۇلغان.
تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا بەقەرە سۈرىسىنىڭ 185- ئايىتى روزا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەر بايان قىلىنغاندىن كېيىن ۋە ھەج سۈرىسىنىڭ 37- ئايىتى قۇربانلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بايان قىلىنغاندىن كېيىن ئاللاھقا تەكبىر ئېيتىشقا بۇيرۇش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىككى ھېيت نامىزىنىڭ ھەر بىرىدە نامازغا كېتىۋېتىپ، نامازنىڭ ئىچىدە ۋە نامازدىن قايتىشتا تەكبىر ئوقۇشى ۋە مۇسۇلمانلارنى تەكبىر ئوقۇشقا بۇيرۇشى، ھەر ئىككى ھېيت نامىزىدا خۇتبە ئوقۇشى، ئۇنىڭ مەزكۇر ئايەتلەرنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئىجرا قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېرى-ياش، چوڭ-كىچىك، ئەر-ئايال پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنى ھېيت نامىزىغا ھازىر بولۇشقا چاقىرغانلىقى، ھەتتا ئادەت كۆرۈۋاتقان خانىم/قىزلارنىمۇ بۇ ناماز ئوقۇلغان يەرگە ھازىر بولۇپ نامازنى ئوقۇماي تەكبىرگە قېتىلىشىنى بۇيرۇشى بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا ناھايىتى مۇھىمدۇر[3]. چۈنكى ھەر مۇسۇلماننىڭ ئۇ تەكبىرلەرگە قېتىلىشى ۋە خۇتبىنى ئاڭلىشى ئاللاھ تەئالانىڭ ئەمرىدۇر. تۆۋەندە ھېيت نامىزى ۋە ھېيت نامىزىنىڭ ئالدى-كەينىدە قىلىنىدىغان ئىشلار ئۈستىدە تەپسىلىي توختىلىمىز:
داۋامى بار…


[1] – يەنى رامىزان ئېيى يېتىپ كەلگەندە ھايات بولسا،

[2] – يەنى، كېسەل ياكى سەپەر سەۋەبىدىن بىر ئاي رامىزاننىڭ قانچە كۈنىدە روزا تۇتالمىغان بولساڭلار، باشقا كۈنلەردە ئۇ كۈنلەرنىڭ قازاسىنى تۇتۇپ بىر ئايلىق ساننى تولۇقلىغايسلەر.

[3] – ئەممۇ ئەتىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ بىزنى ھېيت نامىزىغا ياش قىزلارنى، چېدىرلىرىدىن چىقمايدىغان مەستۇرە قىزلارنى ۋە ئادەت كۆرۈۋاتقان خانىم/قىزلارنى ئېلىپ چىقىشقا ئەمىر قىلدى. ئادەت كۆرۈۋاتقان قىز/خانىملار مۇسۇلمانلارنىڭ جامائىتى كۆرەتتى، ئۇلارنىڭ دۇئالىرىغا قېتىلاتتى، ناماز ئوقۇلىدىغان جاينىڭ تېشىدا بىر چەتتە تۇراتتى.- بۇخارى، ئىيدەين 15، 20، ھەيز 23، سالات 2، ھەج 81؛ مۇسلىم، ئىيدەين 10 (890)؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات 247 (1136-1139)؛ تىرمىزى، سالات 388 (539، 540؛ نەسەئى، ئىيدەين 3، 4، (3/180-181). مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە ئۇممۇ ئەتىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا سۆزلىرىنىڭ ئىچىدە: «ھەيزدار ئاياللار ئىنسانلارنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ تەكبىر ئېيتاتتى» دېگەن ئىپادىمۇ بار.- مۇسلىم، ئىيدەين 11 (890).


مۇسۇلمانلار تورى، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ