مۇسۇلمانلار

ئۈنلۈك ئوقۇمدىم، مەخپىيمۇ؟

سوئال:
تەھەججۇد نامىزىنىڭ قىرائىتىنى ئۈنلۈك ئوقۇيامدىم، مەخپىيمۇ؟ چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز، ئاللاھ رازى بولسۇن.
جاۋاب:
ئۈنلۈك ئوقۇسىڭىز باشقىلار ئەزىيەت چېكىپ قالىدىغان ياكى ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ كېتىدىغان ئىش بولسا مەخپىي ئوقۇشىڭىز كېرەك. چۈنكى ئىبادەت باھانىسى بىلەن بولسىمۇ ھېچكىمنىڭ ھېچكىمگە ئەزىيەت يەتكۈزۈشى ياكى ھېچكىمنىڭ ھېچكىمنىڭ ھۇزۇرىنى بۇزۇشى توغرا بولمايدۇ. ئەگەر ئۈنلۈك ئوقۇسىڭىز ئەتراپىڭىزدا ئويغىنىپ كېتىدىغان ياكى بىئاراملىق ھېس قىلىدىغان كىشى/كىشىلەر بولمىسا، بۇ تەقدىردە ئۈنلۈك ئوقۇشىڭىزغا رۇخسەت قىلىنىدۇ.
تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا تەھەججۇد نامىزىنىڭ قىرائىتىنىڭ ئۈنلۈك ياكى مەخپىي بولۇشى توغرىسىدا تەھەججۇد ئوقۇغۇچى ئىختىيارىغا قويۇلغان: خالىسا ئۈنلۈك، خالىسا مەخپىي ئوقۇسا بولىدۇ. لېكىن ئۈنلۈك ئوقۇش ئەگەر تەھەججۇد ئوقۇغۇچى ئۈچۈن جانلىق ۋە روھلۇق بولسا ياكى ئۇنىڭ يېنىدا ئۇنىڭ قىرائىتىنى ئاڭلاپ پايدىلىنىدىغان كىشى بولسا، بۇ تەقدىردە ئۈنلۈك ئوقۇشى ئەۋزەلدۇر. ناۋادا ئۇنىڭ يېنىدا باشقا تەھەججۇد ئوقۇيدىغان ياكى ئۇنىڭ ئۈنلۈك ئاۋازىدىن ئەزىيەت تارتىدىغان كىشى بولۇپ قالسا، بۇ تەقدىردە مەخپىي ئوقۇشى ئەۋزەلدۇر. ئەگەر بۇ ئىككى ئەھۋالنىڭ ھېچبىرى بولمىسا خالىغىنىچە ئوقۇسا بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەر مۇنداق:
1- ئابدۇللاھ ئىبنى قەيس مۇنداق دەيدۇ: مەن ئائىشە (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) دىن رەسۇلۇللاھنىڭ تەھەججۇد نامىزىدىكى قىرائىتى قانداق ئىدى؟ دەپ سورىغان ئىدىم. ئۇ: بەزى ۋاقىتتا مەخپىي ئوقۇيتتى، بەزى ۋاقىتتا ئۈنلۈك ئوقۇيتتى، دەپ جاۋاب بەردى.- (تىرمىزى).
2- ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ تەھەججۇد نامىزىنىڭ قىرائىتىنى بەزەن ئۈنلۈك، بەزەن مەخپىي قىلاتتى.- (ئەبۇ داۋۇد).
3- ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ تەھەججۇد نامىزىنى ئۆيدە ئوقۇغاندا قىرائىتىنى ھۇجرىدىكى كىشى ئاڭلىغۇدەك ئاۋازدا قىلاتتى.- (ئەبۇ داۋۇد).
4- ئەبۇ قەتادە مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ بىر كېچىسى سىرتقا چىقتى. ئەبۇ بەكىرنىڭ تەھەججۇد نامىزىنىڭ قىرائىتىنى پەس ئاۋازدا قىلىۋاتقانلىقى، ئۆمەرنىڭ يۇقىرى ئاۋازدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. كېيىن ئۇ ئىككىسى رەسۇللاھنىڭ يېنىدا جەم بولغاندا رەسۇلۇللاھ ئەبۇ بەكىرگە: ئى ئەبا بەكىر! مەن سېنىڭ يېنىڭدىن ئۆتتۈم، سەن پەس ئاۋازدا قىرائەت قىلىپ ناماز ئوقۇۋاتاتتىڭ، دېدى. ئەبۇ بەكىر: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مەن، مەن مۇناجات قىلغان ئاللاھقا ئاڭلاتتىم، دېدى. رەسۇلۇللاھ بىرئاز يۈكسەلتكىن، دېدى. رەسۇلۇللاھ ئۆمەرگە: مەن سېنىڭ يېنىڭدىن ئۆتتۈم، سەن يۇقىرى ئاۋازدا قىرائەت قىلىپ ناماز ئوقۇۋاتاتتىڭ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مەن مۈگدەپ قالغانلارنى ئويغىتىمەن، شەيتاننى قوغلايمەن، دېدى. رەسۇلۇللاھ: بىرئاز پەسلەتكىن، دېدى.- (ئەبۇ داۋۇد).
5- ئەبۇ سەئىد مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ مەسچىتتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان ئىدى، مەسچىتتىكىلەرنىڭ ئۈنلۈك قىرائەت قىلىشقانلىقىنى ئاڭلىدى. شۇنىڭ بىلەن پەردىنى ئېچىپ مۇنداق دېدى: دىققەت! ھەممىڭلار رەببىڭلارغا مۇناجات قىلىسىلەر، شۇڭا بەزىڭلار بەزىڭلارغا ئەزىيەت بەرمىسۇن، بەزىڭلار قىرائەتىنى بەزىڭلارنىڭكىدىن يۇقىرى قىلمىسۇن!- (ئەبۇ داۋۇد).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر