مۇسۇلمانلار

ئىنىمنىڭ خوتۇنى تالاقمۇ؟

سوئال:

ئىنىم ئايالى بىلەن ئارازلىشىپ قېلىپ ئۇچ تالاق دەپتىكەن. بۇنىڭ قايتا يارىشىش ئىمكانىيىتى بولارمۇ؟ سىزنىڭ تالاق توغرىسىدىكى بايانلىرىڭىزنى ئاڭلاپ خېلى بىلىمگە ئىگە بولۇپ قالدىم. سىز بايانىڭىزدا تالاق ئۇچ قېتىم بولىدىغانلىقىنى قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرى بىلەن دەلىللەپسىز، بۇ يەردىكى ئۇچ تالاق دېگەنلىك ئۇچ قېتىملىق تالاقنى ئىپادىلەپ قالامدۇ ياكى بىر قېتىمغا ھېساب بولامدۇ؟

جاۋاب:

قۇرئان كەرىمدە تالاقنىڭ ئاغزىدىن چىققان سانى ئەمەس، قىلىنغان قېتىم سانى ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ. قۇرئان كەرىمدە يەنە قىلىنغان تالاقنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن قويۇلغان شەرتلەر بار. ئۇ شەرتلەرگە ئۇيغۇن قىلىنمىغان تالاقمۇ كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. بىز بۇنى تور بېتىمىزدىكى «ئىسلامدا تالاق نىزامى» دا تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويدۇق. ئۇلارنى بۇ يەردە قايتا تەكرارلاشنىڭ ھاجىتى يوق. شۇڭا سوئالىڭىزغا قىسقىلا جاۋاب بېرىمەن:

ئىنىڭىزنىڭ بۇ ئۈچ تالاق دېيىشى ئەگەر تالاقنىڭ شەرتلىرى تولۇق تېپىلغان ئەھۋال ئاستىدا بىرىنچى قېتىم ياكى ئىككىنچى قېتىم مەيدانغا كەلگەن بولسا ئۇلارغا يول چىقىدۇ. يەنى ئۇلار قايتا يارىشىۋالسا بولىدۇ. ئەگەر بۇ يارىشىۋېلىش ئايالنىڭ ئىددىتى توشۇشتىن ئىلگىرى بولسا، ئۇلارغا قايتا نىكاھ ئوقۇشقىمۇ كېرەك يوق.

ناۋادا ئىنىڭىزنىڭ بۇ ئۈچ تالاق دېيىشى تالاقنىڭ شەرتلىرى تولۇق تېپىلغان ئەھۋال ئاستىدا مەيدانغا كەلگەن بولسا، يەنى بۇ قېتىمقى تالاق ئۈچىنچى تالاق بولسا ئۇلارغا يول چىقمايدۇ. بۇ تەقدىردە ئىنىڭىزنىڭ خوتۇنى ئىددىتىنى توشقۇزۇپ باشقا بىر ئەرگە تېگىدۇ- ۋەسسالام.

 ئاندىن كېيىن ئەگەر ئىنىڭىزنىڭ بۇ كونا خوتۇنى ئۇ تەگكەن ئېرى بىلەن ئۆي تۇتالماي ئېرى ئۇنى قويۇۋېتىپ قالسا ياكى ئۇ ئېرى (ئىككىنچى ئېرى) ئۆلۈپ كەتسە، ئاندىن بۇ خوتۇن تالاقنىڭ ياكى ئۆلۈمنىڭ ئىددىتىنى تۇتۇپ توشقۇزغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ كونا ئېرى ۋە سىزنىڭ ئىنىڭىز بولغان كىشى بىلەن قايتا توي قىلسا بولىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر