مۇسۇلمانلار

قىز بالىنى ئوقۇتۇش مۇھىم

قىز بالىلارنى ئوقۇتۇشنىڭ ئەھمىيىتى
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
بىزنى بىر ئەر ۋە بىر ئايالدىن ياراتقان[1]، بىزگە قىز-ئوغۇل پەرزەنتلەر بەخش ئېتىپ[2]، ئۇلار بىلەن بىزنىڭ بۇ قىسقا مۇددەتلىك ھاياتىمىزنى زىننەتلىگەن[3] ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن.
ياخشى ئاقىۋەت ئاللاھ تائالانىڭ غەزەپ ۋە ئازابىدىن ساقلىنىش يولىدا ماڭغان ئەر-ئايال (تەقۋادار) لارغا بولسۇن.
ئاللاھ تەرىپىدىن ئەر-ئايال پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەدنىڭ شەنى ئۇلۇغ، دەرىجىسى ئۈستۈن بولسۇن.
ئاللاھ ئۇ پەيغەمبەرنىڭ ئائىلە-تەۋەلىرىگە، ئەر-ئايال ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئەر-ئاياللارغا رەھمەت ۋە بەرىكەت ياغدۇرسۇن.
جانلىقلار ئالەمىنىڭ ئىنسان تۈرى ئەر ۋە ئايال دەپ ئىككى جىنسقا ئايرىلىدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ دۇنيادا ئاللاھقا بەندە، رەسۇلۇللاھقا ئۇممەت بولۇپ ياشاش تەكلىپى ھەر ئىككى جىنسقا قارىتىلىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئەرلەر ئاللاھنىڭ قانچىلىك بەندىسى بولسا ئاياللارمۇ شۇنچىلىك بەندىسىدۇر. ئەرلەرنىڭ ئاللاھ ئاتا قىلغان نازۇنېمەتلەردىن قانچىلىك بەھرىمەن بولۇش ھەققى بولسا ئاياللارنىڭمۇ شۇنچىلىك ھەققى بولىدۇ. ئەرلەرنىڭ ئاللاھقا قانداق شۈكۈر ئېيتىش مەجبۇرىيىتى بولسا ئاياللارنىڭمۇ شۇنداق مەجبۇرىيىتى بولىدۇ.
ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ھەر ئىككى جىنسقا ئوخشاش ئىنسانىي ئالاھىدىلىكلەرنى ئاتا قىلغان. جۈملىدىن ھەر ئىككى جىنسقا روھ، ئەقىل، دىل ۋە بەش سەزگۈ ئەزا قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر بەرگەن.
ئالاھىدىلىكلەر ئوخشاش بولغانلىقى ئۈچۈن  ۋەزىپىلەر ئوخشاش يۈكلەنگەن. رۇخسەتلەر ئوخشاش بېرىلگەن، ئىمكانلار ئوخشاش سۇنۇلغان. مەسىلەن: ئىمان ئاساسلىرى، ئىسلام ئەركانلىرى ھەر ئىككى تەرەپكە ئوخشاش يۈكلەنگەن. سەپەر ئۈستىدە كېسەللىك ھالەتتە روزىنى كېيىن تۇتۇش رۇخسىتى، نامازنى ئادا قىلىشتا بەزى شارائىتقا قاراپ تۇغدۇرۇلغان (قادىر بولالمىغانلارنىڭ تەيەممۇم قىلىپ، ئولتۇرۇپ ياكى يېتىپ ناماز ئوقۇشى… قاتارلىق رۇخسەتلەرگە ئوخشاش ئاسانچىلىقلار بېرىلگەن). ھەر ئىككى جىنس ئوخشاش ئىنسانىي ئالاھىدىلىك بىلەن يارىتىلىپ، كائىناتتىكى نازۇنېمەتلەر ھەر ئىككىسى ئۈچۈن ئوخشاش مۇساپىدە قويۇلغان.
ئىككى جىنسنىڭ پەرقلىق تەرەپلىرىگە قاراپ ئۇلارغا يۈكلەنگەن بەزى ۋەزىپىلەرنىڭ شەكلى پەرقلىق بولغان. جۈملىدىن: ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشتا ھەر جىنسنىڭ پەرقلىق ئالاھىدىلىكلىرى دىققەتكە ئېلىنىپ ۋەزىپە تەقسىم قىلىنغان. مەسىلەن: ئانىلارغا بالىلارنى ئېمىتىش ۋەزىپىسى، ئاتىلارغا ئانىلارنىڭ ماددىي ئېھتىياجىنى قامداش ۋەزىپىسى يۈكلەنگەن. ئائىلىنى بېقىش ۋەزىپىسى ئەرلەرگە، ئائىلىنىڭ ئامانەتدارلىق ۋەزىپىسى ئاياللارغا يۈكلەنگەن.
پۈتۈن بۇ ۋەزىپىلەرنى تونۇپ لايىق رەۋىشتە ئادا قىلىش ئۈچۈن يېتەرلىك دەرىجىدە ئىلىم بولمىسا بولمايدۇ. ئاللاھ ئاتا قىلغان قابىلىيەتلەرنى توغرا ئىشلىتىپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن سەۋىيە بولمىسا بولمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن دىنىمىز ھەر ئىككى جىنسقا ئىلىم تەلەپ قىلىشنى پەرز قىلغان. سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى زۆرۈر قىلغان.
ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق جەمئىيەتتە قىز بالىنى ئوقۇتۇشقا ئۇنچە ئەھمىيەت بېرىلمىگەنلىكى، ھەتتا سەل قارالغانلىقى ئۈچۈن مەن بۇ يازمامدا قىز پەرزەنتلەرنى ئوقۇتۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشىمەن. قىزلارنى ئوقۇتۇپ ھەر ساھەدە ئىلىم ئەھلى قىلىپ يېتىشتۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتىنى ئىلمىي بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ نۇرى ئاستىدا ئالدى بىلەن ھەر ئىككى جىنسىنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى، ئورتاق ۋەزىپىسى، ئورتاق مەسئۇلىيىتى ۋە ئورتاق ئېھتىياجىنى ئوتتۇرىغا قويىمەن، ئاندىن قىزلارنى ئوقۇتۇشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە پايدىلىرى ئۈستىدە توختىلىمەن.
تىرىشچانلىق بەندىدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.
1- ئىنسان ھۆرمەتلىك مەخلۇقتۇر
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَلَقَدْ كَرَّمْنَا بَنِي آدَمَ وَحَمَلْنَاهُمْ فِي الْبَرِّ وَالْبَحْرِ وَرَزَقْنَاهُمْ مِنَ الطَّيِّبَاتِ وَفَضَّلْنَاهُمْ عَلَى كَثِيرٍ مِمَّنْ خَلَقْنَا تَفْضِيلًا»
 «شۈبھىسىزكى، بىز ئادەمنىڭ ئەۋلادىنى ھۆرمەتلىك قىلدۇق. ئۇلارنى قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا توشۇدۇق. ئۇلارغا پاك رىزىقلارنى ئاتا قىلدۇق. ئۇلارنى نۇرغۇن مەخلۇقاتىمىزدىن ئۈستۈن قىلدۇق»- ئىسرا 17/70.
ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئەر-ئايال دەپ ئايرىماستىن ئادەم ئەۋلادى بولغان ئىنسانلارنى ھۆرمەتلىك قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ ھۆرمەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى باشقا ئايەتلەردە بايان قىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك بەزى ئايەتلەر مۇنداق:
«هُوَ الَّذِي خَلَقَ لَكُمْ مَا فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا ثُمَّ اسْتَوَى إِلَى السَّمَاءِ فَسَوَّاهُنَّ سَبْعَ سَمَاوَاتٍ وَهُوَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ»
«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈن ياراتتى، ئاندىن ئاسمانلارغا يۈزلىنىپ ئۇلارنى يەتتە ئاسمان قىلىپ مۇستەھكەم ئورۇنلاشتۇردى. ئۇ، ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر»- بەقەرە 2/29.
«اللَّهُ الَّذِي سَخَّرَ لَكُمُ الْبَحْرَ لِتَجْرِيَ الْفُلْكُ فِيهِ بِأَمْرِهِ وَلِتَبْتَغُوا مِنْ فَضْلِهِ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ. وَسَخَّرَ لَكُمْ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا مِنْهُ إِنَّ فِي ذَلِكَ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ»
«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەرگە دېڭىزنى بويسۇندۇرۇپ بەردى. ئاللاھ بۇنى، ئۆزى بېكىتىپ قويغان قانۇنلار بويىچە دېڭىزدا كېمىلەرنىڭ يۈرۈشى ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىشىڭلار ئۈچۈن ۋە شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن قىلدى. ئاللاھ يەنە ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز تەرىپىدىن بىر ئىنئام سۈپىتىدە سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى. بۇنىڭدا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئايەتلەر بار»- جاسىيە 45/12-13.
«وَمَا خَلَقْتُ الْجِنَّ وَالْإِنْسَ إِلَّا لِيَعْبُدُونِ»
«مەن جىن ۋە ئىنسانلارنى ماڭا قۇللۇق قىلىشلىرى ئۈچۈنلا ياراتتىم»- زارىيات 51/56.
بۇ ئايەتلەر دالالەت قىلىدۇكى، ئاللاھ تائالا بارلىق مەخلۇقاتلارنى ئىنساننىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن، ئىنساننى پەقەتلا ئۆزىگە (ئاللاھقا) قۇللۇق قىلىشى ئۈچۈن ياراتقان. مانا بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانغا قىلغان ھۆرمىتىدۇر.
تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا ئاللاھ تائالا ئالدى بىلەن كائىناتتىن ئىبارەت بۇ مېھمانخانىنى يارىتىپ ئۇنى بارلىق نازۇنېمەتلەر بىلەن بېزىگەندىن كېيىن ئىنساندىن ئىبارەت مېھماننى ئۇ نازۇنېمەتلەردىن پايدىلىنالايدىغان قابىلىيەتتە يارىتىپ، ئۇنى بۇ مېھمانخانىغا باشلاپ، ئۇ نېمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشى ئۈچۈن «قېنى مەرھەمەت!» دېگەن. شۇنداقلا ئۇنى ئۆزىگە ئوخشاش مەخلۇققا، بەلكىدە ئۆزىدىن تۆۋەن نەرسىلەرگە قۇللۇق قىلىپ مەزكۇر «ھۆرمەت» ىنى ئاياغ ئاستى قىلماسلىقى ئۈچۈن قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇرغان. ئەكسىچە ئۆزىگە (ئاللاھقا) قۇللۇق قىلىپ ئەركىنلىكنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىگە چىقىشقا بۇيرۇغان.
ئىنسان ئەنە شۇ ئىلاھى ئەمىر-پەرمانلارغا بويسۇنغاندىلا ئۆزىنىڭ ئىنسانلىق ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلاپ ياشىيالايدۇ، شۇنداقلا ئىلاھىي ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ ئۇ دۇنيادىكى ئەبەدىي ھاياتىنىڭ جەننەتتە باشلىنىپ، جەننەتتە داۋاملىشىشىنى كاپالەت ئاستىغا ئالغان بولىدۇ. مانا بۇ «ھۆرمەت» تە ئەر، ئايال پەرقى يوق.
2- ھۆرمىتىنى ساقلاش ئىنسان قېلىشنىڭ شەرتىدۇر
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَإِذْ تَأَذَّنَ رَبُّكُمْ لَئِنْ شَكَرْتُمْ لَأَزِيدَنَّكُمْ وَلَئِنْ كَفَرْتُمْ إِنَّ عَذَابِي لَشَدِيدٌ»
«ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭلار: ‹ئەگەر شۈكۈر قىلساڭلار، سىلەرگە تېخىمۇ كۆپ بېرىمەن. ئەگەر تۇزكورلۇق قىلساڭلار، بىلىپ قويۇڭلاركى ئازابىم بەك قاتتىقتۇر!› دەپ جاكارلىغان ئىدى»- ئىبراھىم 14/7.
بۇ ئايەت يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان «ھۆرمەت» نى ساقلاش، داۋاملاشتۇرۇش ۋە تېخىمۇ كۆپ ھۆرمەت كۆرۈشنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ يول مەزكۇر نېمەتلەرگە شۈكۈر قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. «شۈكۈر»نىڭ مەنىسى شۈكۈر سۆزىنى تەلەپپۇز قىلىش ئەمەس، بەلكىدە نېمەت بەرگۈچىنى تونۇش، سۆز ۋە ھەرىكىتى بىلەن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش، نېمەتتىن نېمەت بەرگۈچى رازى بولىدىغان شەكىلدە بەھرىمەن بولۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر. 
ماقالىمىزنىڭ «ئىنسان ھۆرمەتلىك مەخلۇقتۇر» دېگەن بۆلۈمىدە زىكىر قىلىنغان ئايەتلەردىن ئېنىق بىلىنىدۇكى، ئىنساننىڭ نەزەرىيە جەھەتتىن ئۈچ، ئەمەلىيەت جەھەتتىن ئۈچ بولۇپ جەمى 6 ۋەزىپىسى بار:
ئا- نەزەرىيە جەھەتتىكى ئۈچ ۋەزىپىسى:
 1- ئۆزىنى تونۇش، 2- كائىناتنى تونۇش، 3- ئاللاھنى تونۇش.
ئە- ئەمەلىيەت جەھەتتىكى ئۈچ ۋەزىپىسى:
1- توغرا يولدا مېڭىش ۋە ئۆزى بىر ئەزاسى بولغان ئىنسانىيەتنىڭ توغرا يولدا مېڭىشىغا ھەسسە قوشۇش، 2- كائىناتتىكى نازۇنېمەتلەردىن توغرا شەكىلدە پايدىلىنىش، ئۆزىنىڭ ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ كائىناتتىكى نەرسىلەرگە زىيان يەتكۈزمەستىن ئۇلاردىن رۇخسەت قىلىنغان دائىرە ئىچىدە پايدىلىنىشىغا يول ئېچىش خىزمىتىگە بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇش، 3- ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە قۇللۇق قىلىش، ئۆزىنىڭ ۋە بارلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئاللاھقىلا قۇللۇق قىلىش شارائىتىنى يارىتىشقا تىرىشىش.
مانا بۇ ئالتە تۈرلۈك ۋەزىپىنى ئادا قىلغانلىق يۇقىرىدىكى نېمەتلەرگە شۈكۈر ئېيتقانلىق بولىدۇ.
3- ۋەزىپىنى تونۇش ۋە ئادا قىلىش ئۈچۈن ئىلىم شەرت
ئىنسان بۇ دۇنياغا بىكار يارىتىلمىغان، ئەكسىچە ئۇ قۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن يارىتىلغان. ئۇ ۋەزىپىنى تونۇش ۋە لايىق رەۋىشتە ئادا قىلىش ئۈچۈن كېرەكلىك دەرىجىدە ئىلىم بولمىسا بولمايدۇ. ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا تۇنجى نازىل قىلغان ۋەھيىسىنى «ئوقۇ!» بىلەن باشلىغان، شۇنداقلا ئۇ ۋەھىيدە پۈتۈن ئىلىم-پەنلەرنى ئوقۇشقا، ئۆگىنىشكە، ۋە قانات يايدۇرۇشقا بۇيرۇغان. ئۇ ۋەھىي (تەرجىمىسى) مۇنداق:
«ياراتقان رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇ! ئۇ ئىنساننى يېپىشقاق بىر قاندىن ياراتتى. ئوقۇ! رەببىڭ ئەڭ سېخىيدۇر. ئۇ شۇنداق زاتكى، قەلەم بىلەن ئۆگەتتى، ئىنسانغا ئۇنىڭ بىلمىگىنىنى ئۆگەتتى»- ئەلەق 96/1-5.
ئاللاھ تائالا بۇ ۋەھىيىسىدە پۈتكۈل ئىلىملەرنى ئوقۇشقا ۋە بارلىق ھۈنەرلەرنى ئۆگىنىشكە بۇيرۇغان. مەن بۇنى «ئىلىم ھەقىقىي يېتەكچىدۇر» دېگەن ماقالەمدە تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويدۇم. بۇ ماقالىدە ئۇنى تەكرارلىمايمەن. ئەكسىچە بۇ يەردە باشقا ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ نۇرى ئاستىدا سۆزۈمنى داۋاملاشتۇرىمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تۇنجى نازىل قىلغان ئەنە شۇ ۋەھىي ھەققىدىكى ئىزاھلىرىمنى بىلمەكچى بولغانلار مەزكۇر ماقالەمنى ئوقۇپ باققايلار.
 ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«قُلْ هَلْ يَسْتَوِي الَّذِينَ يَعْلَمُونَ وَالَّذِينَ لَا يَعْلَمُونَ إِنَّمَا يَتَذَكَّرُ أُولُو الْأَلْبَابِ»
«…ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: ‹بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار ئوخشاش بولامدۇ؟› بۇنى پەقەت ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى چۈشىنىدۇ»- زۇمەر 39/9.
دېمەككى، ئىسلام دىنى ئىلىم ئىزدەشنى ئەر-ئايال ھەر مۇسۇلمانغا پەرز قىلغان، بەلكىدە جەننەت يولىنىڭ ئىلىم تەلەپ قىلىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:
«ئىلىم تەلەپ قىلىش ئەر-ئايال پۈتكۈل مۇسۇلمانغا پەرزدۇر»- بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
«كىم ئىلىم تەلەپ قىلىش يولىغا كىرىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنىڭ يولىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ»- ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىلەر رىۋايەت قىلغان.
4- ئىلىم تەلەپ قىلىشنىڭ پەرلىكىدە قىز، ئوغۇل پەرقى يوق
يۇقىرىدىكى ئايەت-ھەدىسلەردە بولمىسۇن. مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەت-ھەدىسلەردە بولمىسۇن ئىلىم ئوقۇشقا تەشۋىق قىلىدىغان، ئىلىم ئوقۇشقا ئەمىر قىلىدىغان، ئىلىم ئوقۇشنى پەرز قىلىدىغان ھېچبىر ئايەتتە ياكى ھېچبىر ھەدىستە قىز-ئوغۇل پەرقى يوقتۇر. چۈنكى يۇقىرىدىكى ۋەزىپىلەرنى تونۇش ۋە مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىش ئەر-ئايال ئايرىماستىن پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە پەرزدۇر.
مانا بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا ئوغۇل بالىلارنى ئوقۇتۇش قانچىلىك مۇھىم بولسا قىز بالىلارنى ئوقۇتۇشمۇ شۇنچىلىك مۇھىمدۇر، ھەتتا تېخىمۇ مۇھىمدۇر. چۈنكى قىزلار ئائىلە قۇرىدۇ. ئائىلە بالىلارنىڭ ئىپتىدائىي مەكتىپى ھېسابلىنىدۇ. قىزلار ئانا نامزاتىدۇر. ئانىلار بالىلارنىڭ تۇنجى ئۇستازى، دەسلەپكى تەربىيەچىسى ۋە ئاۋۋالقى يېتەكچىسى بولىدۇ.
ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئىنچىكە، ئەستايىدىل تەربىيىلەپ، زېرىكمەي-تېرىكمەي ئۆگىتىپ، بار-يوقىنى ئۇلارغا ئاتاپ ئۇلارنى سۈپەتلىك، ياراملىق ئەۋلاد قىلىپ يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن يېتەرلىك دەرىجىدە ئىلىملىك بولۇشلىرى شەرتتۇر.
باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا بىر قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن «سالىھ پەرزەنت»، يولدىشى ئۈچۈن «ۋاپادار جورا»، بالىلىرى ئۈچۈن «ياخشى ئۇستاز»، جەمئىيىتى ئۈچۈن «ئوبدان ئايال» بولۇشنىڭ بىردىنبىر يولى ئۇنىڭ ھەر جەھەتتىن ئىلىملىك بولۇشىدۇر، خالاس.
5- قىزلارنى ئوقۇتۇشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە بىر قىسىم پايدىلىرى
يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك قىز بالىنى ئوقۇتۇشنىڭ ئەھمىيىتى چوڭ، پايدىلىرى كۆپتۇر. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى مۇنداق:
1- ئىلىملىك ئايال كۈندىلىك ھاياتىدا خۇشال، ئائىلىسى بەختلىك، ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى خاتىرجەم ياشايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قىزلارنى ئوقۇتۇپ كەلگۈسىنىڭ «ئىلىملىك ئايال» لىرى قىلىش كېرەك.
 2- ئىلىملىك ئايالنىڭ بالىلىرى ھاياتىدا يولۇقىدىغان ئەگرى-توقايلىقلاردا تېڭىرقىمايدىغان بولۇپ يېتىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قىزلارنى ئوقۇتۇپ كەلگۈسىنىڭ «ئىلىملىك ئانا» لىرى قىلىش لازىم.
3- قىز بالىنى ئوقۇتۇش ئۇنىڭغا شەرەپلىك ياشاش يولىنى ئۆگەتكەنلىكتۇر، ئۇنى دىنى جەھەتتىن خەدىچە، ئائىشە ۋە فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇننە ئانىلىرىمىزنىڭ يولىغا، مىللىي جەھەتتىن ئاماننىساخان ۋە نۇزۇگۇملارنىڭ يولىغا باشلىغانلىقتۇر.
4- قىز بالىنى ئوقۇتۇش ئۇنى دىنى جەھەتتىن بىدئەت ۋە خۇراپاتتىن، دۇنيالىق جەھەتتىن پېقىرلىق ۋە موھتاجلىقتىن ساقلاپ قالغانلىقتۇر.
5- قىز بالىنى ئوقۇتۇش كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى بولغان ئۆسمۈرلەرنىڭ «ياخشى ئىنسان»، «ياراملىق ئۇيغۇر»، «تەقۋادار مۇسۇلمان» بولۇپ يېتىشى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ مەبلەغ سالغانلىقتۇر.
6- قىز بالىنى ئوقۇتۇش دىنى تەۋەررۈكلىرىمىزنىڭ ۋە مىللىي ئەنئەنىلىرىمىزنىڭ ساقلىنىپ قىلىشىغا غەيرەت قىلغانلىقتۇر.
7- قىز بالىنى ئوقۇتۇش  ئۇنى توغرا دۇنيا قاراش ئۈستىدە تۇرغۇزغانلىقتۇر، ئۇنىڭغا كىشىلىك ۋە كىملىك قازاندۇرغانلىقتۇر، قىسقىسى ئۇنى ھايۋانىيەت زېمىنىغا چۈشۈپ كەتمەستىن ئىنسانىيەت ئاسمىنىدا تۇرۇپ، شۇ يەردە شەرەپ ۋە ھۆرمەت بىلەن ياشاشقا تەييارلىغانلىقتۇر.
8-قىز بالىنى ئوقۇتۇش ئۇنىڭغا بىز ئاتا- ئانىمىزدىن مىراس ئالغان ئىپپەت-نومۇس، شەرم-ھايا، غۇرۇر-ۋىجدان قاتارلىق ئالىي خىسلەتلەرنى مىراس قالدۇرغانلىقتۇر.
9- قىز بالىنى ئوقۇتۇش كەلگۈسى جەمئىيەتتە ئەرلەرنىڭ ئۆز ساھەسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا تەييارلىق قىلغانلىقتۇر. چۈنكى «ھەر مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئەرنىڭ يېنىدا بىر پىداكار ئايال بولىدۇ». بۇ «نامسىز قەھرىمان» ئۇ ئەرنىڭ ئانىسى ياكى ئايالى ۋە ياكى ئاچا-سىڭلىسىدۇر.
10- قىز بالىنى ئوقۇتۇش ئۇنى مەنىۋى جەھەتتىن تەربىيىلىگەنلىك، شۇنداقلا ئۇنى ئاتا قىلغان ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتقانلىقتۇر.
11- قىز بالىنى ئوقۇتۇش ئۇنىڭغا لايىق رەۋىشتە ئاتا-ئانىلىق قىلغانلىقتۇر.
ئاللاھ تەۋپىق ۋە ھىدايەت بەرگەي

[1]– ھۇجۇرات 49/13.

[2]– شۇرا 42/40.

[3]– كەھف 18/46.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر