باش بەت > ماقالىلەر  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ظَهَرَ الْفَسَادُ فِي الْبَرِّ وَالْبَحْرِ بِمَا كَسَبَتْ أَيْدِي النَّاسِ لِيُذِيقَهُمْ بَعْضَ الَّذِي عَمِلُوا لَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ»
«ئىنسانلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا بۇزۇقلۇق مەيدانغا كەلدى. بۇ، ئاللاھنىڭ ئۇلارغا بەزى قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تېتىتىشى ئۈچۈن بولدى. ئاللاھ ئۇلارنى قايتسۇن، دەپ مۇشۇنداق قىلدى»- رۇم 30/41.
مۆھتەرەم قېرىنداشلار! بىز ھازىر شۇنداق بىر زاماندا ياشاۋاتىمىزكى، ئىچىمىزدە دىنىمىز ئىسلامنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىغا رىئايە قىلىنمىغان، تەقۋادارلىقنىڭ ئورنىنى پاسىقلىق، ياخشى ئەخلاقنىڭ ئورنىنى ناچار ئەخلاق ۋە پەزىلەتنىڭ ئورنىنى رەزىللىك ئىگىلىگەن. خالىقتىن قورقۇش، مەخلۇقتىن تارتىنىش كۈندىن-كۈنگە ئاجىزلاۋاتقان. ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ قەۋملىرىنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارغان گۇناھلار قىلىنىۋاتقان.
بىزدىن ئادىللىق، راستچىللىق، مەردلىك، سەمىمىيلىك، ئادەمگەرچىلىك، كەمتەرلىك، باتۇرلۇق، قانائەتچانلىق، سەۋرچانلىق، ئەپۇچانلىق، ئېغىر بېسىقلىق قاتارلىق ياخشى ئەخلاقلارنى كۆرۈش، ھېس قىلىش ۋە تېپىش قىيىنلىشىپ كەتكەن، شۇنداقلا ئارىمىزدا ئۇلارنىڭ بازىرى كاساتلىشىپ قالغان.
يالغانچىلىق، ئالدامچىلىق، بېخىللىق، ھەسەتخورلۇق، پەسكەشلىك، ئاچكۆزلۈك، قىزىلكۆزلۈك، مەنمەنچىلىك، ماختانچاقلىق، ھاكاۋۇرلۇق، بوشاڭلىق، ھۇرۇنلۇق، تەمەخورلۇق، شەخسىيەتچىلىك قاتارلىق يامان ئەخلاقلار ھەر جايدا مەۋجۇت، شۇنداقلا بۇلارنىڭ بازىرى ناھايىتى قىزىپ كەتكەن.
دىنى تەلىماتلارغا بويسۇنماسلىق، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرگە رىئايە قىلماسلىق ئەۋجىگە چىققان. ئۆلۈم، قەبرە ھاياتى، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش، ھېساب، كىتاب، تارازا … قاتارلىق قىيامەت سەھنىلىرى خىيال ئېكرانلىرىمىزدىن ئۆچۈپ كەتكەن. نىيەت ۋە چۈشەنچىلىرىمىز، تەسەۋۋۇر ۋە خىياللىرىمىز، سۆز ۋە ھەرىكەتلىرىمىز، مۇئامىلە ۋە مۇناسىۋەتلىرىمىز بۇ دۇنيادىكى قىسقا مۇددەتلىك ھاياتقا قارىتا شەكىللەنگەن.
ئەھۋالىمىز مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بىزنىڭ ياشاش ساھەمىز بولغان قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدا بۇزۇقلۇق مەيدانغا كېلىپ بىزنىڭ يەر يۈزىدە ياشاش ئىمكانىيىتىمىز كۈن ئۆتكەنسېرى ئاز قېلىۋاتقان. يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ مەزمۇنى بويىچە بۇ ئاللاھنىڭ بىزگە بەزى قىلمىشلىرىمىزنىڭ جازاسىنى تېتىتىشىدۇر، خالاس. ئاللاھ تەئالا باشقا بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:
«وَمَا أَصَابَكُم مِّن مُّصِيبَةٍ فَبِمَا كَسَبَتْ أَيْدِيكُمْ وَيَعْفُو عَن كَثِيرٍ»
 «سىلەرگە يەتكەن ھەر قانداق مۇسىبەت، ئۆز قوللىرىڭلار ئىشلىگەن ئىشلارنىڭ تۈپەيلىدىن يېتىدۇ. ئاللاھ كۆپىنچىسىنى ئەپۇ قىلىدۇ»- شۇرا 42/30.
مۆھتەرەم قېرىنداشلار! بىز بۇ دۇنيانىڭ پالاكىتى ۋە ھالاكىتىدىن، ئۇ دۇنيانىڭ دەھشىتى ۋە ئازابىدىن قۇتۇلۇش، يەنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆزىمىزنى بىر  تەكشۈرەيلى، شۇنداقلا باشتىن-ئاخىر ئىسلاھ قىلايلى!
قەلبىمىزگە توغرا ئېتىقاد ۋە خالىس نىيەت يەرلەشسۇن، پۇت-قول ئەزالىرىمىزدىن سالىھ ئەمەللەر سادىر بولسۇن، تىلىمىز ھەقنى سۆزلىسۇن، دىلىمىز ھەقنى كۆزلىسۇن، كۆزىمىز ھەقنى كۆرسۇن، كۆڭلىمىز ھەقكە باغلانسۇن، يۈرىكىمىز ھەق ئۈچۈن سوقسۇن.
دوزاخ يولىنىڭ چۆرىسىدىكى مەنزىرىلەر، بۇ يولنىڭ تۈزلىكى ۋە يولۇچىلىرىنىڭ كۆپلۈكى بىزنى ئالدىمىسۇن. جەننەت يولىنىڭ مۇشەققەتلىرى، يولدىكى داۋانلار ۋە بۇ يولدا ئالدىمىزغا چىققان ئىت-مۈشۈكلەر بىزنى ھاردۇرۇپ قويمىسۇن.
ئىنساننىڭ دىلى ئاپئاق بىر كىيىم ياكى پاكىز بىر ئەينەككە ئوخشايدۇ. ئۇ كىر بىلەن داغنى بەك تېز قوبۇل قىلىدۇ. تامامەن كىرلىشىپ بولغان قەلب سەتنى چىرايلىق، چىرايلىقنى سەت كۆرۈشكە باشلايدۇ. كېسەل ئادەمگە تاتلىق ئاچچىق تېتىغاندەك، مەنىۋى كېسەل ئادەمگىمۇ توغرا خاتا، راست يالغان كۆرۈنىدۇ. ئىش بۇ سەۋىيەگە يەتكەندە قەلب مۆھۈرلىنىپ كەتكەن بولىدۇ. مانا بۇ چاغدا ئىنسان توغرا يولغا كېلەلمەيدۇ. قەلبىمىز بۇ ھالەتكە كېلىشتىن بۇرۇن ئۇنى قۇتقۇزۇۋالايلى.
قېرىنداشلار! شۇنى بىلىشىمىز لازىمكى:
كاپىر توغرىنىڭ توغرىلىقىغا ئىشەنگەن، لېكىن توغرىغا بويسۇنمىغان كىشىدۇر. مۇناپىق توغرىغا بويسۇنغان، لېكىن توغرىغا ئىشەنمىگەن كىشىدۇر. مۇئمىن توغرىغا ئىشەنگەن، مۇسۇلمان توغرىغا بويسۇنغان كىشىدۇر. ئاللاھنىڭ ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن كىشى بۇ دۇنيادىكى قىسقا مۇددەتلىك ھاياتىنى ھەم مۇئمىن، ھەم مۇسۇلمان بولۇپ ئۆتكۈزگەن كىشىدۇر. دېمەك، ئىسلامسىز ئىماننىڭمۇ پايدىسى يوق، ئىمانسىز ئىسلامنىڭمۇ پايدىسى يوق.
قۇرئان بىكارغا نازىل قىلىنغان كىتاب ئەمەس، پەيغەمبەر بىكارغا ئەۋەتىلگەن ئەلچى ئەمەس. تارىخ بويىچە ئىسلام ئۈچۈن بارلىقىنى پىدا قىلغان، قىينىلىپ بەش ۋاخ ناماز ئوقۇغان، ئاچ ۋە ئۇسسۇز قېلىپ روزا تۇتقان، يامان ئىشلارنى كۈچى يەتمىگەنلىكتىن ئەمەس، ئاللاھ چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن قىلمىغان كىشىلەر ئەخمەق ئەمەس.
«مۇئمىن» لىق قۇرۇق ئارزۇ بىلەن ھاسىل بولمايدۇ. «مۇسۇلمان» لىق يىلدا ئىككى قېتىم ھېيت نامىزى، ھەپتىدە بىر قېتىم جۈمە نامىزى ئوقۇپ قويۇش بىلەن ئەمەلگە ئاشمايدۇ. جەننەت شېرىن خىيال ۋە قۇرۇق ئارزۇلار بىلەن ئەمەس، كەسكىن ئىمان  ۋە توغرا ئىسلام بىلەن قولغا كېلىدۇ.
ئەسلىدە بىز مەخلۇقاتلارنىڭ ھۆرمەتلىكى «ئىنسان»، ئىنسانلارنىڭ ئەۋزىلى «مۇئمىن» لاردۇرمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئاللاھ تەئالانىڭ بىزنى «ئىنسان» لىقىمىز بىلەن ۋە «مۇئمىن» لىقىمىز بىلەن چاقىرىپ قىلغان مۇنۇ نىدالىرىغا قۇلاق سالايلى:  
«ئى ئىنسانلار! ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، شۇنداق بىر كۈندىن قورقۇڭلاركى، ئۇ كۈنى ئاتا بالىسىغا ئەسقاتمايدۇ، بالا ئاتىسىغا ئەسقاتمايدۇ. ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرنى دۇنيا ھاياتى ئالدىمىسۇن. ئالدامچى شەيتان سىلەرنى ئاللاھنىڭ كەڭ رەھمىتىگە ئەمەلسىز ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرمىسۇن»- لۇقمان 31/33.
«ئى ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىنى ياد ئېتىڭلار. ئاللاھدىن باشقا ياراتقۇچى بارمۇ؟ ئۇ سىلەرگە ئاسماندىن ۋە زېمىندىن رىزىق بېرىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. شۇنداق تۇرۇقلۇق قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغانسىلەر؟»- فاتىر 35/3.
«ئى ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرنى دۇنيا ھاياتى ئالدىمىسۇن. ئالدامچى شەيتان سىلەرنى ئاللاھ بىلەن ئالدىمىسۇن»- فاتىر 35/5.
«ئى ئىنسان! سەن رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىغا بارغانغا قەدەر جاپالىق ئىشلەيسەن، ئاندىن ئۇنىڭغا مۇلاقات بولىسەن.ئۇ چاغدا كىمنىڭ كىتابى ئوڭ تەرىپىدىن بېرىلسە،ئۇنىڭدىن ئاسان ھېساب ئېلىنىدۇ. ئۇ، يېقىن – يورۇقلىرىنىڭ يېنىغا خۇشال ھالدا قايتىدۇ.كىمنىڭ كىتابى ئارقا تەرىپىدىن بېرىلسە، ئۇ يوق بولۇپ كېتىشنى تىلەيدۇۋە يالقۇنلاپ تۇرىدىغان ئوتقا كىرىپ كۆيىدۇ.چۈنكى ئۇ بىر زامانلار يېقىن – يورۇقلىرى ئارىسىدا خۇشال ئىدى،قايتا تىرىلىپ ھېساب بەرمەيدىغانلىقىنى ئويلايتتى»- ئىنشىقاق 84/6-14.
«ئى مۇئمىنلار! سىلەر ئۆزۈڭلارنى ۋە ئائىلەڭلەرنى ئوتتىن ساقلاڭلار. ئۇنىڭ يېقىلغۇسى ئىنسانلاردۇر ۋە تاشلاردۇر. ئۇنىڭ بېشىدا قوپال ۋە قاتتىق قول پەرىشتىلەر بار. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلمايدۇ، ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ئەمرلەرنى ئىجرا قىلىدۇ»- تەھرىم 66/6.
«ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار رەببىڭلار سىلەرنىڭ يامانلىقلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىشى ۋە سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزۈشى مۇمكىن. ئۇ كۈنى ئاللاھ پەيغەمبەرنى ۋە ئۇنىڭ تەرەپتارلىرى بولغان مۇئمىنلارنى رەسۋا قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئالدىلىرىدا ۋە ئوڭ تەرەپلىرىدە يۇگۈرىدۇ. ئۇلار: ‹رەببىمىز! بىزگە نۇرىمىزنى تامام قىلغىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، سەن ھەر نەرسىگە قادىرسەن› دەيدۇ»- تەھرىم 66/8.

مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ