ئاجرىشىپ كېتىشى شەرتمۇ
باش بەت > پەتىۋالار > نىكاھ تارىخ: 28.06.2013 يازدۇرغىن
سوئال:
 سىز بىر پەتىۋايىڭىزدا «نىكاھلانماقچى بولغان مۇسۇلماننىڭ كاپىر بىلەن نىكاھلىنىشى توغرا ئەمەس، لېكىن نىكاھلىنىپ بولغان كاپىرلارنىڭ بىرى مۇسۇلمان بولسا، ئۇلارنىڭ ئاجرىشىپ كېتىشى شەرت ئەمەس» دەپسىز. بۇ ئىپادىڭىز سۈرە مۇمتەھنە نىڭ 10ـ ئايىتىگە زىت ئەمەسمۇ؟
جاۋاب:
ئاللاھ تەئالا تالاق سۈرىسىدە «تالاق»نىڭ شەكلىنى بايان قىلىدۇ. بەقەرە سۈرىسىنىڭ 229- ئايىتىدە ئۇ تالاقنىڭ ئىككى قېتىم بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغاندىن كېيىن ئاياللارغىمۇ «نىكاھنى بۇزۇش» ھوقۇقى بېرىدۇ. بۇ ھوقۇق ئۇ يەردە «ئىفتىدا (يەنى ئايال ئېرى تەرەپكە ئالغان تويلۇقنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى قايتۇرۇپ بېرىپ، ئۆزىنى ئۇنىڭ نىكاھىدىن قۇتقۇزۇش)» دەپ ئاتىلىدۇ. «ئىفتىدا» نىڭ نېمىلىكىنى تۆۋەندىكى ئادرېسقا كىرىپ تېمىنى ناھايىتى دىققەت بىلەن ئوقۇسىڭىز چۈشىنىسىز.  http://www.musulmanlar.com/?p=1455  
مۇمتەھىنە سۈرىسىنىڭ 10- ئايىتى مانا مۇشۇ «ئىفتىدا» مەسىلىسىنى تەپسىلىيرەك بايان قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ ئايەتتە ھەر ئىككى تەرەپتىن بولغان ئاياللار ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالىماي مۇئمىنەلەر مۇئمىنلارنىڭ يېنىغا، مۇشرىكەلەر مۇشرىكلارنىڭ يېنىغا كەتكەن بولسا، ئۇلارغا بېرىلگەن تويلۇق ۋە ھەدىيەلەرنىڭ قايتۇرۇلۇپ ئۇلارنىڭ نىكاھلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىنىڭ ھۆكمى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.
مەسىلە ئەگەر كىلاسسىك فىقىھ چۈشەنچىسى بويىچە بولسا يەنى بىر تەرەپ ئىمان ئېيتقان ھامان ياكى بىر تەرەپ مۇسۇلمان بولغان ھامان نىكاھ يوق بولۇپ كېتىدىغان ئىش بولسا ئىدى بېرىلگەن تويلۇق ۋە ھەدىيىلەرنىڭ قايتۇرۇلۇشى بايان قىلىنمايتتى. چۈنكى بەقەرە سۈرىسىنىڭ 229- ئايىتىنىڭ ئۆزىدە، ئايالغا بېرىلگەن نەرسىلەرنى پەقەت «ئىفتىدا» ھالىتىدىلا قايتۇرۇپ ئېلىشنىڭ ھالال بولىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
مۇمتەھىنە سۈرىسىنىڭ 10- ئايىتىدە بېرىلگەن نەرسىلەرنىڭ قايتۇرۇلۇشىنىڭ بايان قىلىنىشى بۇ ئايەت بىلەن بەقەرە سۈرىسىنىڭ  229- ئايىتىنىڭ ئوخشاش مەنىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. پەيغەمبىرىمىزنىڭ، قىزى زەينەپنىڭ مۇشرىك ئېرى بىلەن نىكاھنى داۋاملاشتۇرۇشىغا قارشى چىقماسلىقى بۇنى تەكىتلەيدۇ. بۇ ھەقتە يەنە باشقا ھەدىسلەرمۇ بار. ئەمدى سىزگە مۇمتەھىنە سۈرىسىنىڭ 10- ئايىتىنى ۋە ئۇنىڭ تەرجىمىسىنى يوللاپ بېرەي:
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا جَاءكُمُ الْمُؤْمِنَاتُ مُهَاجِرَاتٍ فَامْتَحِنُوهُنَّ اللَّهُ أَعْلَمُ بِإِيمَانِهِنَّ فَإِنْ عَلِمْتُمُوهُنَّ مُؤْمِنَاتٍ فَلَا تَرْجِعُوهُنَّ إِلَى الْكُفَّارِ لَا هُنَّ حِلٌّ لَّهُمْ وَلَا هُمْ يَحِلُّونَ لَهُنَّ وَآتُوهُم مَّا أَنفَقُوا وَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ أَن تَنكِحُوهُنَّ إِذَا آتَيْتُمُوهُنَّ أُجُورَهُنَّ وَلَا تُمْسِكُوا بِعِصَمِ الْكَوَافِرِ وَاسْأَلُوا مَا أَنفَقْتُمْ وَلْيَسْأَلُوا مَا أَنفَقُوا ذَلِكُمْ حُكْمُ اللَّهِ يَحْكُمُ بَيْنَكُمْ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ»
«ئى مۇئمىنلار! مۇئمىن ئاياللار ھىجرەت قىلىپ يېنىڭلارغا كەلسە ئۇلارنى سىناپ كۆرۈڭلار. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىمانىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر. ئەگەر ئۇلارنىڭ مۇئمىن ئىكەنلىكىنى بىلسەڭلار، ئۇلارنى كاپىرلارغا قايتۇرۇپ بەرمەڭلار، بۇلار ئۇ كاپىرلارغا ھالال ئەمەستۇر، ئۇ كاپىرلارمۇ بۇلارغا ھالال بولمايدۇ. ئۇ كاپىرلارغا سەرپ قىلغان نەرسىلىرىنى بېرىڭلار. ئۇ ئاياللارنىڭ مەھرىلىرىنى بېرىپ نىكاھىڭلارغا ئالساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. كاپىر ئاياللارنى نىكاھىڭلاردا تۇتماڭلار. سەرپ قىلغان نەرسىلىرىڭلارنى تەلەپ قىلىڭلار، كاپىر ئەرلەرمۇ سەرپ قىلغان نەرسىلىرىنى تەلەپ قىلسۇن. ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ ھۆكمىدۇر. ئاللاھ ئاراڭلاردا ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»- مۇمتەھىنە 60/10.
بۇ ئايەتتە كاپىرلارنىڭ يېنىدىن قېچىپ كەلگەن مۇئمىن ئاياللارغا قېچىپ كەلگەندىن كېيىن قانداق مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. تۆۋەندىكى ئايەتتە قېچىپ كېلەلمىگەنلەرنىڭ ئەھۋالى بايان قىلىنىدۇ:
«وَهُوَ الَّذِي كَفَّ أَيْدِيَهُمْ عَنكُمْ وَأَيْدِيَكُمْ عَنْهُم بِبَطْنِ مَكَّةَ مِن بَعْدِ أَنْ أَظْفَرَكُمْ عَلَيْهِمْ وَكَانَ اللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيراً. هُمُ الَّذِينَ كَفَرُوا وَصَدُّوكُمْ عَنِ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ وَالْهَدْيَ مَعْكُوفاً أَن يَبْلُغَ مَحِلَّهُ وَلَوْلَا رِجَالٌ مُّؤْمِنُونَ وَنِسَاء مُّؤْمِنَاتٌ لَّمْ تَعْلَمُوهُمْ أَن تَطَؤُوهُمْ فَتُصِيبَكُم مِّنْهُم مَّعَرَّةٌ بِغَيْرِ عِلْمٍ لِيُدْخِلَ اللَّهُ فِي رَحْمَتِهِ مَن يَشَاءُ لَوْ تَزَيَّلُوا لَعَذَّبْنَا الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْهُمْ عَذَاباً أَلِيماً»
«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، مەككىنىڭ ئىچىدە سىلەرنى ئۇلارغا غالىب قىلغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ قوللىرىنى سىلەردىن، سىلەرنىڭ قوللىرىڭلارنى ئۇلاردىن توستى. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
ئۇلار كاپىر بولغان، سىلەرنى مەسجىدى ھەرەمدىن، تۇتۇپ تۇرۇلغان قۇربانلىقلارنى ئۆز جايىغا يېتىپ بېرىشتىن توسقانلاردۇر. ئەگەر سىلەر بىلمىگەن مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللار بولمىسا ئىدى، ئۇلارنى بىلمەستىن ئېزىپ قويۇپ، ئەيىبلىنىش ئېھتىمالىڭلار بولمىسا ئىدى، ئاللاھ قوللىرىڭلارنى بىر-بىرىڭلاردىن توسمايتتى. بۇ ئاللاھنىڭ خالىغان كىشىنى رەھمىتىگە كىرگۈزۈشى ئۈچۈندۇر. ئەگەر ئۇلار ئايرىلسا ئىدى، بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى كاپىرلارنى ئەلەملىك ئازاب بىلەن ئازابلايتتۇق»- فەتىھ 48/24-25.
بۇ ئايەتنىڭ ئىچىدىكى «ئەگەر سىلەر بىلمىگەن مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللار بولمىسا ئىدى، ئۇلارنى بىلمەستىن ئېزىپ قويۇپ، ئەيىبلىنىش ئېھتىمالىڭلار بولمىسا ئىدى، ئاللاھ قوللىرىڭلارنى بىر-بىرىڭلاردىن توسمايتتى» دېگەن ئىپادە ھىجرەت قىلىشقا قادىر بولالمىغان مۇئمىنلارنىڭ كاپىرلارنىڭ ئارىسىدا باشقا مۇئمىنلار تەرىپىدىن تونۇلمىغۇدەك شەكىلدە ۋە تونۇلمىغۇدەك كۆرۈنۈشتە ياشاۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. چۈنكى بۇ ئىپادە، پەيغەمبىرىمىز مەككىنى فەتىھ قىلغىلى كەلگەن چاغدا، مەككىدە مۇشرىكلارنىڭ ئارىسىدا مۇشرىكلاردەك ياشاۋاتقان مەخپىي مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىقىغا، ھەتتا پەيغەمبىرىمىز بولسۇن ياكى باشقا مۇسۇلمانلار بولسۇن ھېچبىرىنىڭ ئۇلارنى تونۇمايدىغانلىقىغا ئوچۇق-ئاشكارا دالالەت قىلىدۇ. بۇ ئايەتلەر شۇ چاغلاردا مەككىدە مۇئمىنلەرنىڭ نىكاھىدا مۇشرىكەلەرنىڭ، مۇشرىكلارنىڭ نىكاھىدا مۇئمىنەلەرنىڭ بارلىقىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
تەرجىمىھال ۋە ھەدىس كىتابلىرىدىن مۇناسىۋەتلىك تارىخىي مەلۇماتلار ھەققىدە ئىزدىنىشىىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
Facebook'ta PaylaşTwitter'da Paylaş
8.803 قېتىم ئوقۇلدى