ئاياللار ماشىنا ھەيدىسە
باش بەت > تەتقىقاتلار تارىخ: 14.06.2013 يازدۇرغىن
سوئال:
ئاياللارنىڭ ماشىنا ھەيدىشى دۇرۇس بولامدۇ؟ چەتئەلدە، بولۇپمۇ ئەرەبىستاندا ئوقۇپ كەلگەن بەزى كىشىلەر: «ئايال كىشى ماشىنا ھەيدىسە بولمايدۇ» دەۋاتىدۇ، بەزى خېلى ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەر «بولىدۇ» دەۋاتىدۇ. بىز قايسىسىنىڭ سۆزىنى تۇتىمىز؟
جاۋاب:
ئالدى بىلەن ئاياللارنىڭ بىر يەرگە بېرىشىنىڭ دىنىمىز ئىسلامدا چەكلىنىپ چەكلەنمەيدىغانلىقىنى بىلىشىمىز لازىم. بۇ مەسىلىنى تۆۋەندە ئىككى نۇقتىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ چۈشىنىشكە تىرىشىمىز، ئاندىن ئاياللارنىڭ ماشىنا ھەيدىسە بولۇپ بولمايدىغانلىقى ھەققىدە كۆزقارىشىمىز ئوتتۇرىغا قويىمىز.
1- سەپەر
«سەپەر» دېگەن سۆز ئەسلىدە ئەرەبچە بولۇپ مەنىسى «مەلۇم بىر ئىش ياكى زىيارەت ئۈچۈن بىر جايدىن يەنە بىر جايغا بېرىش» دېگەن بولىدۇ. دىنىمىز ئىسلام بىرقانچە تۈرلۈك مەقسەت بىلەن سەپەر قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
1- مەدەنىي ئاڭغا ئىگە بولۇش مەقسىتى بىلەن سەپەر قىلىش:
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«أَفَلَمْ يَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَتَكُونَ لَهُمْ قُلُوبٌ يَعْقِلُونَ بِهَا أَوْ آذَانٌ يَسْمَعُونَ بِهَا فَإِنَّهَا لَا تَعْمَى الْأَبْصَارُ وَلَكِن تَعْمَى الْقُلُوبُ الَّتِي فِي الصُّدُورِ»
«مۇشرىكلار زېمىندا سەير قىلمىدىمۇ؟ ئەگەر ئۇلار سەير قىلسا، چۈشىنىدىغان قەلبلىرى ياكى ئاڭلايدىغان قۇلاقلىرى بولاتتى. ئەمەلىيەت شۇكى، كۆزلەر كور بولمايدۇ، لېكىن سىينىلەردىكى قەلبلەر كور بولىدۇ»- ھەج 22/46.
2- بىلىم ۋە تەتقىقات مەقسىتى بىلەن سەپەر قىلىش:
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«قُلْ سِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَانظُرُوا كَيْفَ بَدَأَ الْخَلْقَ ثُمَّ اللَّهُ يُنشِئُ النَّشْأَةَ الْآخِرَةَ إِنَّ اللَّهَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ»
«ئېيتقىنكى: ‹يەر يۈزىدە سەير قىلىپ، ئاللاھنىڭ يارىتىش ئىشىنى قانداق باشلىغانلىقىنى كۆزىتىڭلار! ئاللاھ كەلگۈسىدە بۇ يارىتىش ئىشىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلايدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.»- ئەنكەبۇت 29/20.
3- دىنلەر تارىخىنى ئۆگىنىش مەقسىتى بىلەن سەپەر قىلىش:
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَلَقَدْ بَعَثْنَا فِي كُلِّ أُمَّةٍ رَّسُولاً أَنِ اعْبُدُواْ اللّهَ وَاجْتَنِبُواْ الطَّاغُوتَ فَمِنْهُم مَّنْ هَدَى اللّهُ وَمِنْهُم مَّنْ حَقَّتْ عَلَيْهِ الضَّلالَةُ فَسِيرُواْ فِي الأَرْضِ فَانظُرُواْ كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُكَذِّبِينَ»
«شۈبھىسىزكى، بىز ھەر ئۈممەتكە بىر ئەلچى ئەۋەتتۇق. ئۇ ئەلچى ئۇلارغا: ‹ئاللاھغا ئىبادەت قىلىڭلار، تاغۇتتىن نېرى تۇرۇڭلار› دېدى. ئاندىن ئۇلارنىڭ بەزىسى ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە ئېرىشتى، بەزىسى ئازغۇنلۇققا لايىق بولدى. يەر يۈزىدە سەير قىلىپ راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزىتىڭلار»- نەھل 16/36.
4- ئىبادەت قىلىش مەقسىتى بىلەن سەپەر قىلىش:
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
« إِنَّ أَوَّلَ بَيْتٍ وُضِعَ لِلنَّاسِ لَلَّذِي بِبَكَّةَ مُبَارَكًا وَهُدًى لِلْعَالَمِينَ (96) فِيهِ آيَاتٌ بَيِّنَاتٌ مَقَامُ إِبْرَاهِيمَ وَمَنْ دَخَلَهُ كَانَ آمِنًا وَلِلَّهِ عَلَى النَّاسِ حِجُّ الْبَيْتِ مَنِ اسْتَطَاعَ إِلَيْهِ سَبِيلًا وَمَنْ كَفَرَ فَإِنَّ اللَّهَ غَنِيٌّ عَنِ الْعَالَمِينَ (97)»
«ئىنسانلار ئۈچۈن سېلىنغان تۇنجى ئىبادەتگاھ مەككىدىكى كەبىدۇر. ئۇ مۇبارەكتۇر، ئالەملەر ئۈچۈن ھىدايەتتۇر. ئۇ يەردە ئوچۇق ئالامەتلەر بار. ئىبراھىمنىڭ ماقامى بار. كىم ئۇ يەرگە كىرسە ئامانلىققا ئېرىشىدۇ. ئۇ يەرگە بېرىشقا قادىر بولالىغان كىشىگە ھەج قىلىش پەرز قىلىندى. كىم كاپىر بولسا بىلىپ قويسۇنكى، ئاللاھنىڭ ئالەملەرگە ئېھتىياجى يوقتۇر»- ئال ئىمران 3/96-97.
يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە مەزكۇر سەپەرلەرنى قىلىدىغانلارنىڭ جىنسىيىتى (ئەر-ئاياللىقى) بايان قىلىنمىغان. دېمەك، ئۇ سەپەرلەرنى قىلىش ئۈچۈن ئىنسان بولۇش يېتەرلىكتۇر.
2- مەھرەم شەرتى
  يۇقىرىدا بايان قىلىنغىنىدەك قۇرئان كەرىمدە بىرقانچە مەقسەت بىلەن سەپەر قىلىشقا تەشۋىق قىلىنىدۇ، ھەتتا ئەمىر قىلىنىدۇ. لېكىن مەزكۇر سەپەرلەرنىڭ قىلىش ئۈچۈن ئەر كىشى بولۇش شەرت قىلىنمايدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ ھېچبىر ئايىتىدە ئاياللارنىڭ ئۇ سەپەرلەرنى قىلىشى ئۈچۈن يېنىدا بىر مەھرىمىنىڭ بولۇشىمۇ شەرت قىلىنمايدۇ. لېكىن بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەرقلىق يوليورۇقلىرى بار. مەسىلەن:
 بەزى ھەدىسلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللارنى بىر كېچە–كۈندۈزلۈك سەپەرگە مەھرەمسىز چىقىشتىن توسقانلىقى بايان قىلىنسا، بەزى ھەدىسلەردە ئىككى كېچە–كۈندۈزلۈك سەپەرگە مەھرەمىسز چىقىشتىن توسقانلىقى بايان قىلىنىدۇ. يەنە بەزى ھەدىسلەردە ئۈچ–كېچە كۈندۈزلۈك سەپەرگە مەھرەمسىز چىقىشتىن توسقانلىقى رىۋايەت قىلىنسا، بەزى ھەدىسلەردە مەھرەمسىز سەپەرگە چىقىشتىن مۇتلەق (يەنى ھېچ ۋاقىتقا باغلىق بولماستىن) توسقانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
بۇنىڭ بىلەن بىلەن بىرلىكتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەزى ھەدىسلىرىدە ئاياللار يالغۇز سەپەرگە چىقالايدىغان بىر زامانلارنىڭ كېلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. تۆۋەندە مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى ۋە ساھابىلەرنىڭ تەتبىقاتى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، ئاندىن بىر خۇلاسە چىقىرىلىدۇ:
ئا– بىر كېچە – كۈندۈزلۈك سەرپەگە مەھرەم شەرت قىلىدىغان ھەدىسلەر:
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ئاللاھغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بىر ئايالنىڭ، بىر كېچە–كۈندۈزلۈك سەپەرگە مەھرەمسىز چىقىشى ھالال ئەمەس»- بۇخارى، تەقسىرۇسسالات 4؛ مۇسلىم، ھەج 419، 422؛ مۇۋەتتا، ئىستىئزان 37، ئەبۇ داۋۇد، مەناسىك 2؛ تىرمىزى، رەدائ 15.
ئە – ئىككى كۈندۈزلۈك سەرپەگە مەھرەم شەرت قىلىدىغان ھەدىسلەر:
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ئايال كىشى ئىككى كۈنلۈك سەپەرگە، يېنىدا ئېرى ياكى مەھرىمى بولمىسا چىقمىسۇن»- بۇخارى، مۇھسەر 26، سەۋم 67؛ مۇسلىم، ھەج 74.
ب – ئۈچ كۈنلۈك سەپەرگە مەھرەم شەرت قىلىدىغان ھەدىسلەر:
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ئاللاھغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بىر ئايالنىڭ ئۈچ كۈنلۈك ۋە ئۈچ كۈنلۈكتىن ئارتۇق سەپەرگە، يېنىدا دادىسى ياكى ئوغلى ياكى ئېرى ياكى ئەر بىر تۇغقىنى ۋە ياكى ئۆزىگە مەھرەم كېلىدىغان بىر تۇغقىنى بولماستىن چىقمىسۇن»- دارىمى، ئىستىئزان 46؛ مۇسلىم، ھەج 413 – 424؛ بۇخارى، تەقسىرۇسسالات 4، مەسجىدى مەككە 6، سەيد 26، سەۋم 67؛ ئەبۇ داۋۇد، مەناسىك 2؛ تىرمىزى، رەدائ 15؛ ئبنى ماجە، مىناسىك 7؛ مۇۋەتتا، ئىستىئزان 37.
پ – ھەر قانداق سەپەرگە مەھرەم شەرت قىلىدىغان ھەدىسلەر:
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خۇتبە ئوقۇۋېتىپ: «ئايال كىشى مەھرەمسىز سەپەرگە چىقمىسۇن» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم- بۇخارى، مۇھسەر بابۇ ھەججىننىسائ؛ مۇسلىم، ھەج بابۇ سەفەرىلمەرئەتى مەئە مەھرەمىن؛ بۇ ھەدىسنى يەنە تەبەرانى ئەلمۇئجەمۇلكەبىر ناملىق كىتابىدا، بەيھەقى شۇئەبۇلئىمان ناملىق كىتابىدا ئىبنى ھىببان ئۆزىنىڭ سەھىھىدا رىۋايەت قىلىدۇ.
ت – پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بېشارىتى:
ئەدى ئىبنى ھاتىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئىدىم. بىر ئادەم كەلدى ۋە پېقىرلىقتىن دەرد تۆكتى. بۇ ئەسنادا يەنە بىر ئادەم كېلىپ يولدىكى بۇلاڭ–تالاڭلاردىن دەرد تۆكتى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا قاراپ: «ئى ئەدى! سەن ھىرە شەھىرىنى كۆردۈڭمۇ؟» دېدى. مەن: ياق، كۆرمىدىم، لېكىن ئاڭلىدىم، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:
«ئەگەر ئۆمرۈڭ ئۇزۇن بولسا، تۆگىسىنى مىنگەن بىر ئايال ھىرەدىن يولغا چىقىپ، مەككىگە كېلىپ كەبىنى تاۋاپ قىلغانلىقىنى چوقۇم كۆرىسەن. ئۇ، بۇ يولۇچىلىقىدا ئاللاھدىن باشقا ھېچكىمدىن قورقمايدۇ».
(ھىرە بۈگۈنكى ئىراقنىڭ نەجەف ۋە كۇفە رايونلىرىنىڭ ئوتتۇرىدا بىر كەنت) – تۈركىيە دىيانەت ۋەخپى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى 18 ـ توم، 122 ـ بەت.)
ئەدى مۇنداق دەيدۇ: ئىچىمدە، شەھەرلەرگە ئوت قويۇۋاتقان تەي قەبىلىسىنىڭ قاراقچىلىرى قەيەرگە كېتىدۇ؟ دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئۆمرۈڭ بولسا، كىسرانىڭ خەزىنىلىرىنڭ فەتىھ قىلىنغانلىقىنىمۇ كۆرىسەن». كىسرا ئىبنى ھۇرمۇزمۇ؟ دەپ گەپكە ئارىلاشتىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەئە، ئىبنى ھۇرمۇز بولغان كىسرا» دەپ جاۋاب بەردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
«ئەگەر ئۆمرۈڭ ئۇزارسا، چوقۇم كۆرىسەن: كىشى ئالىقىنى توشقىچە ئالتۇنىنى ياكى كۈمۈشىنى چىقىرىپ قوبۇل قىلىدىغان ئادەم ئىزدەيدۇ، لېكىن ئۇنى قوبۇل قىلىدىغان ئادەم تاپالمايدۇ. سىلەرنىڭ بىرىڭلار بىر كۈنى چوقۇم ئاللاھغا مۇلاقات بولىدۇ. ئاللاھ بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىدا تەرجىمان بولمايدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا: «مەن ساڭا ھەقنى يەتكۈزىدىغان پەيغەمبەر ئەۋەتمىدىممۇ؟» دەيدۇ. ئۇ: ‹ھەئە، ئەۋەتتىڭ› دەيدۇ.
ئاللاھ ئۇنىڭغا: «مەن ساڭا مال بەرمىدىممۇ؟ ساڭا ئىنئام قىلمىدىممۇ؟» دەيدۇ. ئۇ: ‹ھەئە، ماڭا مال بەردىڭ، ئىنئام قىلدىڭ› دەيدۇ. ئاندىن ئۇ ئوڭ تەرىپىگە قارايدۇ، دوزاختىن باشقا بىر نەرسە كۆرمەيدۇ. سول تەرىپىگە قارايدۇ، دوزاختىن باشقا بىر نەرسە كۆرمەيدۇ».
ئەدى مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنىمۇ ئاڭلىدىم: «يېرىم خورما بولسىمۇ سەدىقە بېرىپ دوزاختىن ساقلىنىڭلار. يېرىم خورما تاپالمىغانلار چىرايلىق سۆز بىلەن ساقلانسۇن».
ئەدى يەنە مۇنداق دەيدۇ: مەن تۆگىسىگە مىنىپ ئاللاھدىن باشقا ھېچكىمدىن قورقمىغان ھالدا ھىرەدىن كېلىپ بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلغان ئايالنى كۆردۈم. كىسرا ئىبنى ھۇرمۇزنىڭ خەزىنىلىرىنى فەتىھ قىلغانلارنىڭ ئارىسىدا مەنمۇ بار ئىدىم. ئەگەر سىلەرنىڭ ئۆمرۈڭلار ئۇزۇن بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇ سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى كۆرىسىلەر: «كىشى ئالىقىنى توشقىچە ئالتۇنىنى ياكى كۈمۈشىنى چىقىرىپ قوبۇل قىلىدىغان ئادەم ئىزدەيدۇ، لېكىن ئۇنى قوبۇل قىلىدىغان ئادەم تاپالمايدۇ»- بۇخارى، مەناقىب 25؛ تىرمىزى، تەفسىرۇلقۇرئان 48، باب 2.
ج – ساھابىلەرنىڭ تەتبىقاتى:
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىغا ھەجگە بېرىشلىرىغا رۇخسەت قىلغانلىقى، ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف رەزەيەللاھۇ ئەنھۇنى ئۇلارغا مەسئۇل قىلىپ ئەۋەتكەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ- بۇخارى، كىتابۇلھەج، بابۇ ھەججىننىسائ.
ئۆمەر، ئوسمان، ئابدۇراھمان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) بۇ ئىش توغرىسىدا بىر قارارغا كېلىشكەندە ھېچبىر ساھابە بۇ ئىشقا قارشى چىقمىغان- بۇخارى، كىتابۇلھەج، بابۇ ھەججىننسائ.
خۇلاسە 
قۇرئان كەرىمدە ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز سەپەر قىلىشىنىڭ ھاراملىقىغا دائىر بىر ئىشارەتنىڭمۇ يوقلىقى، بۇ توغرىدىكى ھەدىسلەرنىڭ پەرقلىق ۋە ھەممىسىنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللار مەھرەمسىز سەپەرگە چىقايلايدىغان بىر زاماننىڭ كېلىشىدىن بېشارەت بەرگەنلىكى ۋە بۇ بېشارەتنى ئاڭلىغان ساھابىنىڭ مەزكۇر بېشارەتنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىشى، ساھابىلەرنىڭ تەتبىقاتى قاتارلىقلار شۇنىڭغا قەتئىي دالالەت قىلىدۇكى:
ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز سەپەرگە چىقىشىنىڭ ھاراملىقى سەۋەبكە باغلانغان بىر ھاراملىق بولۇپ، سەۋەب يوق بولسا ئۇ ھاراملىقمۇ يوق بولىدۇ. سەۋەب مەۋجۇت بولسا ئۇ ھاراملىقمۇ مەۋجۇت بولىدۇ. بۇ يەردىكى سەۋەب يولنىڭ خەۋپلىك بولۇشىدۇر.
3- «ئاياللارنىڭ ماشىنا ھەيدىشى
دىنىمىز ئىسلامدا ئاياللارنىڭ ماشىنا ھەيدىشى چەكلەنمەيدۇ. تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا ئاياللار بارىدىغان يېرىگە ماشىنا ھەيدەپ بارسا بولىدۇ. چۈنكى ئاياللار ئىنسانىيەتنىڭ يېرىمىدۇر. ئاللاھ تەئالا قۇرئان كەرىمدە پۈتۈن ئىنسانىيەتنى يەر يۈزىدە بىرقانچە مەقسەت بىلەن سەپەر قىلىشىغا رۇخسەت بېرىدۇ، ھەتتا ئەمىر قىلىدۇ. يۇقىرىدا تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك ئاللاھ تەئالانىڭ بۇ ئەمرىدە ئەر-ئايال ئايرىلمايدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاياللار مەھەللە ئارىسىدا قىلىدىغان سەپەر، يول بىخەتەر بولغاندا ئۆزى يالغۇز ياكى باشقا ئاياللارنىڭ ھەمراھلىقىدا قىلىدىغان، يول بىخەتەر بولمىغاندا يېنىدا بىر مەھرىمى بولغان ھالدا قىلىدىغان سەپەر قاتارلىق سەپەرلىرىدە  بارىدىغان يېرىگە ئات، ئېشەككە ئوخشاش ئۇلاغلارغا مىنىپ بارسا بولىدۇ. بۇ ئەسلا چەكلەنمەيدۇ. مىنگەن ئۇلاغنىڭ باش بېغىنى قولىدا تۇتۇپ ئىككى پۇتىدا دېۋىتىپ ئۇ ئۇلاغنى تېز مېڭىشقا زورلىشى دۇرۇس بولغان بىر ئايالنىڭ، زامانىۋى ئۇلاغ بولغان ماشىنىغا چىقىپ ئۇنىڭ باش بېغى بولغان رولىنى تۇتۇپ ماڭغۇزىدىغان يېرىگە پۇتى بىلەن بېسىپ (دېۋىتىپ) بېرىشىنىڭ ھېچقانداق يامان تەرىپى يوق. ئۇ ئىككى ئۇلاغنىڭ بىرى باش بېغى بىلەن باشقۇرۇلىدۇ، يەنە بىرى رول بىلەن. بىرى دېۋىتىپ ھەيدىلىدۇ، يەنە بىرى مايغا بېسىپ ھەيدىلىدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق پەرق يوق.
مۇھىم بولغىنى ئايال كىشىنىڭ بىر يەرگە بېرىشىدىن يولدىشىنىڭ ياكى ئۆيىدىكىلىرىنىڭ خەۋىرى بولۇشى، كىيىم- كېچەكلىرىنىڭ  ئىسلامىي ئۆلچەمگە ئۇيغۇن بولۇشى، نامەھرەملەرگە نازلىنىپ گەپ قىلماسلىقى ۋە گۇناھلاردىن يىراق تۇرۇشىدۇدۇر.
«ئاياللار ماشىنا ھەيدىسە بولمايدۇ» دېگەن پەتىۋا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سىياسىي پەتىۋاسى بولۇپ ئۇنىڭ دىنىمىز بىلەن يېقىندىن-يىراقتىن مۇناسىۋىتى يوق.
سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئوقۇپ دىنىي ئىلىمدىن بەھرىمەن بولالماي «شەيخ»چى بولۇپ كەلگەن تالىپچاقلار ئەرەبىستاننىڭ ئەنە ئاشۇنداق سىياسەتلىرىنى دىيارىمىزدا دىننىڭ ئەمرى سۈپىتىدە بازارغا سېلىۋاتىدۇ. كەڭ مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئاندىن ۋە ھەدىستىن دەلىلى بولمىغان ئۇنداق سۆزلەرگە ئالدانماسلىقى كېرەك.
بارىدىغان يېرىگە ئۇلاغقا مىنىپ ياكى زامانىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن بىرىگە ئولتۇرۇپ بارسا بولىدىغان ئايال كىشى، مىنگەن ئۇلىغىنىڭ باش بېغىنى تۇتۇپ باشقۇرۇپ بارماقچى بولغان يېرىنىڭ يولىدا ماڭدۇرغاندەك، ئولتۇرغان زامانىۋى ئۇلىغى بولغان ماشىنىسىنىڭ باش بېغى بولغان رولنى تۇتۇپ بارىدىغان يېرىگە ئاپىرىدىغان يولدا ماڭغۇزۇپ شۇ يەرگە بارسا نېمە ئۈچۈن بولمايدۇ؟ بۇ ئايال ئۇ ماشىنىنى ھەيدەش بىلەن نېمە گۇناھ قىلدى؟ قانداق جىنايەت ئۆتكۈزدى؟ دىنىمىزنىڭ قايسى چەكلىمىسىگە بويسۇنمىدى؟ ياكى قايسى ئەمرىگە ئىتائەت قىلمىدى؟
«ئاياللار ماشىنا ھەيدىسە بولمايدۇ» دېگەن سۆزنىڭ ئەقلىي، مەنتىقىي، ۋىجدانىي ۋە دىنىي بىرەر ئىزاھى بارمۇ؟
«ئاياللار ماشىنا ھەيدىسە بولمايدۇ، بۇ ھارام» دېگۈچىلەرگە مەلۇم بولغايكى:
ئاللاھ تەئالا ھالال ھارام قىلىش ھوقۇقىنى ھېچكىمگە بەرمىگەن. دەلىلگە ئاساسلانماستىن «ماۋۇ ھالال، ئاۋۇ ھارام» دېگۈچىلەر ئاللاھقا يالغان چاپلىغان بولىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«تىللىرىڭلار توقۇغان يالغانغا ئاساسلىنىپ: ‹ئۇ ھالال، بۇ ھارام› دېمەڭلار. بولمىسا ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان بولىسىلەر. ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغانلار ھەرگىزمۇ مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ»- نەھل 16/116.
ئاللاھ تەۋپىق ئاتا قىلغاي.
Facebook'ta PaylaşTwitter'da Paylaş
11.224 قېتىم ئوقۇلدى