مۇسۇلمانلار

پەرقلىق دوختۇرغا كۆرۈنۈش

ئەسسالامۇئەلەيكۇم
سوئال:
مەن دوختۇرلۇق كەسپى ھەققىدە سوئال سوراي دېگەن، ئەر دوختۇر ھەققىدە: ئەر دوختۇرلار كېسەل داۋالاش ياكى كېسەل كۆرۈش جەريانىدا ئەر بىمارلارنىڭ كۆرۈشكە بولمايدىغان ئەزالىرىنى كۆرۈشكە مەجبۇر بولۇپ قالىدىكەنمىز (كېسىلىنى داۋالاش ئۈچۈن). بەزى ئامال يوق ئايال بىمارلارنى قوبۇل قىلىپ قالىدىكەنمىز. بۇ چاغدا بەدەن تەكشۈرۈش قىلىدىكەنمىز يەنى يۈرىكىنى ئاڭلاش، ئارقىسىدىن ئۆپكىسىنى ئاڭلايدىكەنمىز، جىگەر ۋە ئۆتنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن قورساقنى تۇتۇپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەنمىز (بۇ يەردىكى تەكشۈرۈش بىۋاسىتە بەدەنگە تەگكۈزۈشى كۆرسىتىدۇ )ئايال دوختۇر ھەققىدە سورايدىغان سوئالىممۇ يۇقىرىقىدەك. بۇ ئىشلار ھەر ئىككى تەرەپكە گۇناھ بولامدۇ؟ سوئاللىرىمغا جاۋاب بەرگەن بولسىلا، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام.
جاۋاب:
مۇمكىنقەدەر ھەر كېسەلنى ئۆز جىنستىكى دوختۇرلارنىڭ داۋالىشى ياخشىدۇر. تەقۋادار بىر مۇسۇلماننىڭ پەرقلىق جىنستىكى دوختۇرلارغا كۆرۈنۈشى ئۇيغۇن ئىش ئەمەس. تەقۋادار بىر دوختۇرنىڭ پەرقلىق جىنستىكى بىر بىمارنى كۆرۈشىمۇ ياخشى بولمايدۇ. لېكىن ئايال بىمارلارنى ئەر دوختۇرلار، ئەر بىمارلارنى ئايال دوختۇرلار كۆرۈشكە يەنى ئۇلارنىڭ كېسىلىنى تەكشۈرۈپ داۋالاشقا توغرا كېلىپ قالسا، بۇنىڭغا زۆرۈرىيەت سەۋەبىدىن رۇخسەت قىلىنىدۇ.
تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا بىر بىمارنى ئۆز ساھەسىدە مۇتەخەسسىس دوختۇرنىڭ تەكشۈرۈشى كېرەك بولۇپ، ئۇ بىمارنىڭ ئۆز جىنسىدىن ئۇ مۇتەخەسسىس دوختۇرنىڭ تېپىلماسلىقى، ئەكسىچە قارشى جىنستىن مۇتەخەسسىس دوختۇرنىڭ تېپىلىشى، شۇنداقلا بۇ تەكشۈرۈشنى تېز ئېلىپ بېرىش لازىملىقى… قاتارلىق زۆرۈرەتلەر ئوتتۇرىغا چىققاندا «زۆرۈرەتلەر چەكلەنگەن ئىشلارنى مۇباھ قىلىدۇ» دېگەن قائىدە بويىچە ئەر دوختۇر ئايال بىمارنى، ئايال دوختۇر ئەر بىمارنى تەكشۈرۈپ داۋالىسا بولىدۇ.
شۇنداقتىمۇ تەرەپلەرنىڭ مۇنۇلارغا دىققەت قىلىشى لازىم:
1- پەرقلىق جىنستىكى بىمارلارغا ئېھتىياجدىن ئارتۇق قارىماسلىق، ئېھتىياجدىن ئارتۇق بەدىنىنى تۇتماسلىق. چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«مۇئمىن ئەرلەرگە ئېيتقىن: نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئىپپەتلىرىنى ساقلىسۇن. بۇ، ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ پاكتۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن خەۋەرداردۇر.
مۇئمىن ئاياللارغىمۇ ئېيتقىن: نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن. ئىپپەتلىرىنى ساقلىسۇن…»- نۇر 24/30-31.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا مۇنداق دېگەن:
«ئى ئەلى! ئارقا – ئارقىدىن قارىما، بىرىنچى قېتىملىقىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ، ئىككىنچى قېتىملىقى مەنئى قىلىنىدۇ»- (بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى ۋە ئەھمەدلەر رىۋايەت قىلغان).
2- ئىككىسىنىڭ بىر جايدا يالغۇز تۇرۇپ قالماسلىقى لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن دوختۇرنىڭ كېسەلنى كۆرۈشى ئەسناسىدا كېسەلنىڭ يېقىنلىرىدىن بىرىنى ياكى ئۆز شاگىرتلىرىدىن بىرىنى ۋە ياكى باشقا بىر يات كىشىنى  ھەمراھ قىلىشى كېرەك. دوختۇر بۇنىڭغا دىققەت قىلمىغان بولسا كېسەل كىشى ياكى ئۇنىڭ يېقىنلىرى بۇ ئىشقا دىققەت قىلىشى لازىم.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان كىشى،  يېنىدا مەھرىمى بولمىغان بىر نامەھرەم ئايال بىلەن بىر جايدا يالغۇز قالمىسۇن. ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا، شەيتان ئۇ ئىككىسىنىڭ ئۈچىنچىسى بولىدۇ»– (بۇخارى، مۇسلىم ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر