مۇسۇلمانلار

نامازنىڭ نىيىتى قانداق؟

سوئال:
نامازدا نىيەت قانداق بولۇشى كېرەك؟ مەسىلەن: پەرز ناماز ئوقۇماقچى بولسا «نىيەت قىلدىم ئۆتەرمەن، پالانى نامازنى مانچە رەكەت پەرزىنى…»، سۈننەت ناماز ئوقۇماقچى بولسا «نىيەت قىلدىم ئۆتەرمەن، پۇستانى نامازنىڭ سۈننىتى…» دەپ نىيەت قىلىش كېرەكمۇ؟
جاۋاب:
«ئىسلامدا ناماز» دېگەن كىتابىمىزنىڭ «نامازنىڭ شەرتلىرى» بۆلۈمىنىڭ «نىيەت» قىسمىدا ئوتتۇرىغا قويغىنىمىزدەك، نامازدا نىيەت قايسى نامازنى ئوقۇماقچى بولغانلىقىنى ۋە ئوقۇغانلىقىنى كۆڭۈلگە پۈكمەكتۇر.
نامازنىڭ نىيىتىنىڭ ئەرەبچە، پارسچە ۋە يا باشقا بىر تىلدا تەلەپپۇز قىلىنى شەرت ئەمەس. چۈنكى پەيغەمبىرىمىز نامازغا تۇرغاندا «نىيەت قىلدىم، ئۆتەرمەن، پالانى نامازنىڭ مانچە رەكەت پەرزىنى ياكى پۇستانى نامازنىڭ شۇنچە رەكەت سۈننىتىنى…» دېگەن شەكىلدە نىيەت قىلمىغان. ساھابىلەرمۇ بۇ شەكىلدە نىيەت قىلمىغان. يەنە كېلىپ نىيەتنىڭ ئورنى قەلبتۇر، ئەسلا تىل ئەمەستۇر. تىل بىلەن نىيەت قىلىنمايدۇ، سۆزلەر تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. پەيغەمبىرىمىز نىيەت ھەققىدە «ئەمەللەرنىڭ دۇرۇس بولۇشى نىيەتلەرگە باغلىق»[1].
شۇنىڭ ئۈچۈن بىر نامازنى ئوقۇماقچى بولغان كىشىنىڭ ئۇ نامازنى باشلاش ئەسناسىدا شۇ نامازنى ئوقۇماقچى بولغانلىقىنى كۆڭلىگە پۈكۈشى ئۇنىڭ نىيىتىدۇر. يەنى ناماز ئوقۇماقچى بولغان كىشىنىڭ قايسى نامازنى ئوقۇسا ئوقۇسۇن «نىيەت قىلدىم ئۆتەرمەن، پالانى نامازنىڭ مانچە رەكەت پەرزىنى ياكى سۈننىتىنى…» دېگەن شەكىلدە نىيەت قىلىش شەرت ئەمەس.

[1]– بۇخارى، بەدئۇلۋەھىي 1، ئىمان 41؛ مۇسلىم، ئىمارەت 155 (1907)

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر