مۇسۇلمانلار

ھەزرىتى ئىيسا چۈشەمدۇ؟2

«چۈشىدۇ» دېگەن «ھەدىس» لەرنىڭ تەھلىلى
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
كىرىش سۆز
يەھۇدىيلارنىڭ ئىچىدە «ئاخىر زاماندا بىر مەسىھ كېلىپ، يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل ھاكىمىيەتنى ئۆرۈپ تاشلاپ، ‹بۈيۈك يەھۇدىي ھاكىمىيىتى› نى قۇرىدۇ ۋە پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۇ ھاكىمىيەت ئاستىدا بىرلەشتۈرىدۇ» دېگەن ئېتىقاد بار. خرىستىيانلاردا «ئىيسا ئاخىر زاماندا ياخشىلارنى مۇكاپاتلاش، يامانلارنى جازالاش ئۈچۈن ئاسماندىن چۈشىدۇ» دېگەن ئېتىقاد بار. بىز بۇنى «ھەزرىتى ئىيسا چۈشەمدۇ؟» دېگەن سوئالغا بەرگەن جاۋابىمىزدا تەۋرات ۋە ئىنجىلدىن نەقىللەر كەلتۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويدۇق.
مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدىمۇ «قىيامەت قايىم بولۇشنىڭ ئالدىدا ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچى بولۇپ ئاسماندىن چۈشىدۇ» دېگەن ئېتىقاد مەۋجۇت. بۇ ھەقتە ھەدىس كىتابلىرىدا 100 (يۈز) گە يېقىن ھەدىس بار. بۇ ئېتىقاد بەزى ئەقىدە كىتابلىرىدىمۇ «ۋەنۇزۇلۇ ئىيسا ھەققۇن- ئىيسانىڭ چۈشۈشى ھەقتۇر» دېگەن شەكىلدە ئۆتىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردىكى «ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچى» دېگەن ئىپادە بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ «يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل ھاكىمىيەتنى ئۆرۈپ تاشلاپ ‹بۈيۈك يەھۇدىي ھاكىمىيىتى› نى قۇرىدۇ ۋە پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۇ ھاكىمىيەت ئاستىدا بىرلەشتۈرىدۇ» دېگەن ئېتىقادى ۋە خرىستىيانلارنىڭ «ياخشىلارنى مۇكاپاتلاش، يامانلارنى جازالاش ئۈچۈن» دېگەن ئېتىقادى ئەسلىدە بىرى-بىرىنىڭ ئەينىدۇر. بۇنى مەزكۇر جاۋابتا ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشتۇق.   
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ھەزىم قىلالماي ئىسلامغا چىش-تىرنىقى بىلەن قارشى چىققان ۋە قارشى چىقىپ كەلگەن يەھۇدىي ۋە خرىستىيانلار ئەنە شۇنداق ئېتىقاددا بولغانلىقى ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرمىگەن.
مۇسۇلمانلار ھەم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئاخىرقى پەيغەمبەر» لىكىگە ئىمان كەلتۈرگەنلىكىنى دەۋا قىلىدۇ، ھەم ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىيامەت قايىم بولۇشنىڭ ئالدىدا ئاسماندىن چۈشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
قۇرئان كەرىمدىكى مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالغان ئايەتلەرنىڭ ھېچبىرىدە «چۈشىدۇ» دەپ ئوچۇق بىر ئىپادە يوق. مەزكۇر ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى ئۇسۇلى ھەدىس (ھەدىس ئىلمى قائىدىسى) غا ئاساسەن خەبىرى ۋاھىد دەرىجىسىدىكى ھەدىسلەر بولۇپ، ئۇ ھەدىسلەر ئۇسۇلى فىقھى (فىقىھ ئىلمى قائىدىسى) غا ئاساسەن ئەقىدە ساھەسىدە دەلىل بولالمايدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاخىر زاماندا ئاسماندىن چۈشششىگە ئىمان كەلتۈرۈش بىر ئەقىدە مەسىلىسىدۇر.
ئەھۋال ئاشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بىز مۇسۇلمانلار «قىيامەت قايىم بولۇشنىڭ ئالدىدا ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئاسماندىن چۈشىدۇ» دېگەن ئېتىقادىمىزنى كۆزدىن كەچۈرۈپ بېقىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بىز بۇ ئېتىقاددا يەھۇدىي ۋە ناسارالارغا ئوخشىۋالدۇقمۇ؟ ياكى قۇرئان ئايەتلىرىگە ۋە قۇرئان ئايەتلىرى تەستىقلىغان ھەدىسلەرگە بويسۇندۇقمۇ؟ پىكرىمىزنى، زىكرىمىزنى، ئەقلىمىزنى، زېھنىمىزنى ئىشلىتىپ بۇ ھەقتە توختىلىشىمىز، ئىزدىنىشىمىز ۋە غەيرەت قىلىشىمىز، شۇنداقلا توغرىسىغا ئېتىقاد قىلىشىمىز لازىم.
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ بۇ ساھەدە ئىزدىنىشىگە بىر باشلانغۇچ بولار دېگەن ئۈمىد بىلەن ئاخىر زاماندا ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاسماندىن چۈشىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدىغان بەزى ھەدىسلەرنىڭ ئىپادىلىرىنى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بىلەن تەھلىل قىلىشقا تىرىشتىم. مەسىلىنى ياخشى چۈشىنىشلىرى ئۈچۈن ئوقۇرمەنلىرىمىزگە «جاۋاب» بىلەن «تەھلىل» نى بىرلىكتە ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئىنشائاللاھ بۇ تەتقىقات ئۇلارنىڭ «چۈشىدۇ» دېگەن ئەقىدىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈشىگە ۋاسىتە بولغۇسى.
تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.
1- «ھەدىس» لەر:
1- ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى، مەريەمنىڭ ئوغلى ئادىل بىر ھۆكۈم قىلغۇچى بولۇپ پات-يېقىندا ئاراڭلارغا چۈشىدۇ. ئۇ چۈشۈپ كىرېستلارنى چېقىپ تاشلايدۇ، چوشقىلارنى ئۆلتۈرىدۇ، جىزيەنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، مال- دۇنيا شۇ قەدەر كۆپ بولىدۇكى، ھېچكىم ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويمايدۇ. بىر سەجدە دۇنيادىن ۋە دۇنيا ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەردىن ياخشى بولىدۇ»[1].
2- يەنە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە پەيغەمبەر ئەلەيسسالام مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەرلەر دادا بىر ئانا باشقا بىر تۇغقانلاردۇر. ئۇلارنىڭ دىنى بىردۇر. مەن ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيساغا ئەڭ يېقىنىمەن، چۈنكى مەن بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىدا پەيغەمبەر يوق. ئۇ چوقۇم چۈشىدۇ. ئۇنى كۆرسەڭلار تونۇيسىلەر: ئۇ ئوتتۇرا بوي، رەڭگى قىزىل بىلەن ئاققا مايىل بىر كىشىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىدە سارغۇچ ئىككى كىيىم بار. ئۇنىڭ بېشى ھۆل قىلىنمىسىمۇ سۇ تامچىلاۋاتقاندەك تۇرىدۇ. ئۇ كىرېستلارنى چېقىپ تاشلايدۇ، چوشقىلارنى ئۆلتۈرىدۇ. جىزيەنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، ئىنسانلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭ زامانىدا ئىسلامدىن باشقا پۈتكۈل دىنلارنى ھالاك قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭ زامانىدا دەججال مەسىھنىمۇ ھالاك قىلىدۇ. زېمىندا شۇ قەدەر ئامانلىق ۋە تىنچلىق پەيدا بولىدۇكى، شىرلەر تۆگىلەر بىلەن، يولۋاسلار كالىلار بىلەن، بۆرىلەر قويلار بىلەن ئوتلايدۇ. كىچىك بالىلار يىلانلار بىلەن ئوينايدۇ. ئۇ، زېمىندا قىرىق يىل تۇرغاندىن كېيىن ۋاپات قىلىنىدۇ، مۇسۇلمانلار نامىزىنى ئوقۇپ دەپنە قىلىدۇ»[2].
3- ئىبنى ماجەنىڭ نەقىل قىلىشىچە قىلىشىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا ئۈممىتىمنىڭ ئىچىدە ناھايىتى ئادىل ھاكىم ۋە ئادالەتلىك بىر يېتەكچى بولىدۇ. ئۇ كىرېستلارنى چېقىپ تاشلايدۇ، چوشقىلارنى بوغۇزلايدۇ. جىزيەنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، سەدىقىنى تەرك ئېتىدۇ (چۈنكى ئۇ چاغدا ئىنسانلارنىڭ سەدىقە ۋە زاكاتلارغا ئېھتىياجى قالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى يىغىشقىمۇ ئېھتىياج قالمايدۇ)، شۇنىڭ بىلەن قوي ۋە تۆگىلەرنىڭ زاكىتىنى ئېلىشقا ھېچكىم بارمايدۇ. ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىشىش كۆتىرىلىپ كېتىدۇ. پۈتكۈل زەھەرلىك ھايۋانلارنىڭ زەھىرى تارتىپ ئېلىنىدۇ، بۇ شۇ دەرىجىدە بولىدۇكى ھەتتا كىچىك ئوغۇل بالا يىلاننىڭ ئاغزىغا قولىنى تىقىدۇ، يىلان ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزمەيدۇ. كىچىك قىز بالا شىرنىڭ ئاغزىنى تۇتۇپ چىشلىرىنى ئاچىدۇ، شىر ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزمەيدۇ. بۆرە قويلارنىڭ ئىچىدە بولىدۇ، خۇددى ئۇ قويلارنىڭ ئىتى بولۇپ قالىدۇ. قاچىلار سۇ بىلەن تولدۇرۇلغاندەك زېمىن تىنچلىق بىلەن تولدۇرۇلىدۇ. سۆز بىر بولىدۇ، (دىن بىرلىكى مەيدانغا كېلىدۇ)؛ ئاللاھدىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلىنمايدۇ، ئۇرۇش ئۆزىنىڭ ئېغىر يۈكلىرىنى تاشلايدۇ (ئۇرۇش توختايدۇ)»[3].
بۇ ماۋزۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر 100 گە يېتىدۇ. لېكىن مەن بۇ قىسقا يازمىدا ئۇلارنىڭ ئاساسلىق بولغانلىرىدىن يۇقىرىقى 3 نى زىكىر قىلىش بىلەن كۇپايىلىنىمەن. چۈنكى ئۇ «ھەدىس»لەرنىڭ ھەممىسى شەكىل جەھەتتە پەرقلىق بولسىمۇ مەنا ئېتىبارى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بۇ ئۈچ «ھەدىس»نى زىكىر قىلىپ ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەر بىر ئىپادىسىنى مۇناسىۋەتلىك ئايەت بىلەن تەىنقد قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھەقتىكى «ھەدىس» لەر ۋە بۇ ھەدىسلەرگە ئاساسلانغان ئېتىقادلار بىر تەرەپ قىلىنغان بولىدۇ.
2- مەزكۇر ھەدىسلەرنى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرگە توغرىلاش
ئۇ ھەدىسلەرنىڭ بىرىنچى ئىپادىسى:
«مەريەمنىڭ ئوغلى ئادىل بىر ھۆكۈم قىلغۇچى بولۇپ پات-يېقىندا ئاراڭلارغا چۈشىدۇ».
ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشىدۇ ياكى قايتا كېلىدۇ دېگەنلىك، يا ئىيسا ئەلەيھىسسالام تېخى ھايات، دېگەنلىك بولىدۇ ياكى ئاللاھ تەئالا ئۇنى قايتا تىرىلدۈرۈپ ئاندىن ئەۋەتىدۇ دېگەنلىك بولىدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تېخى ھايات ئىكەنلىكى، مۇنۇ ئايەتلەرگە زىت كېلىدۇ:
1- «مۇھەممەد پەقەتلا بىر ئەلچىدۇر، ئۇنىڭدىن بۇرۇن كۆپ ئەلچىلەر ئۆتتى…»- ئال ئىمران 3/144.
بۇ ئايەتتە ئاللاھنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالام دېگەن ئەلچىسىنىڭمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن بۇرۇن ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ئېنىق بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
2- «مۇھەممەد، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسىدۇر»- ئەھزاب 33/40.
بۇ ئايەتكە ئاساسەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسى ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئەمەس، بەلكىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر!
3- « ئۆز ۋاقتىدا مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مەن ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئەۋەتكەن ئەلچىسىمەن. مەن، مەندىن بۇرۇن كەلگەن تەۋراتنى تەستىقلىغۇچى ۋە مەندىن كېيىن كېلىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك پەيغەمبەر بىلەن خۇش خەۋەر بەرگۈچى بولۇپ كەلدىم»….»- سەف 61/6.
بۇ ئايەت ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ، تەۋراتنىڭ نازىل قىلىنىشىدىن كېيىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇپ كېلىشتىن بۇرۇن دۇنياغا كەلگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يەنە بىر قېتىم دۇنياغا كېلىشى بۇ ئايەتكە ئوچۇقتىن- ئوچۇق زىت كېلىدۇ.
ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھ قايتا تىرىلدۈرۈپ ئاندىن ئەۋەتىدۇ، دېگەن كۆزقاراش مۇنۇ ئايەتلەرگە خىلاپتۇر:
1- «ئى ئىيسا! مەن سېنى ۋاپات قىلدۇرىمەن ۋە ئۆز تەرىپىمگە كۆتۈرىمەن…»- ئال ئىمران 3/55.
بۇ ئايەتتە ئاللاھ تەئالا دەسلەپتە ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئۇنى ۋاپات قىلدۇرۇپ (قەبزى روھ قىلىپ/ئۆلتۈرۈپ) ئۆز تەرىپىگە كۆتۈرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. نىسا سۈرىسىنىڭ 158- ئايىتىدە «بەلكى ئاللاھ ئۇنى ئۆز تەرىپىگە كۆتۈردى…» دەپ ئۇ ۋەدىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. يەنى ئۆزىنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىى ئۆز ۋاقتىدا كۆتۈرۈپ بولغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
بەزىلەر: «بۇ يەردە كۆتۈرۈش ۋەدىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقى بايان قىلىنغان، ۋاپات قىلدۇرۇش ۋەدىسى ئەمەلگە ئاشقانلىقى بايان قىلىنمىغان» دېيىشى مۇمكىن. بۇنداقلارغا دەيمىزكى:
ئاللاھ تەئالا يۇقىرىقى ئايەت (ئال ئىمران 3/55) دە ئىككى ئىشنى قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ: بىرى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ۋاپات قىلدۇرۇش (قەبزى روھ قىلىش/ئۆلتۈرۈش)، يەنە بىرى ئۇنى ئۆز تەرىپىگە كۆتۈرۈش. ئۆز تەرىپىگە كۆتۈرۈش ۋەدىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقى، ئۆلتۈرۈش ۋەدىسىنىڭمۇ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ئۆلتۈرۈش ۋەدىسىمۇ كۆتۈرۈش ۋەدىسى بىلەن بىرلىكتە بەلكىدە ئۇنىڭ ئالدىدا ۋەدە قىلىنغان. (قۇرئان كەرىمدە بۇ خىل ئۇسلۇبلار ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ).
2- ئاللاھ تەئالا قىيامەت كۈنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا: «ئى مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا! سەن ئىنسانلارغا: ‹ئاللاھنى قويۇپ مەن بىلەن ئانامنى ئىككى ئىلاھ قىلىۋېلىڭلار› دېدىڭمۇ؟» دەيدۇ. بۇ چاغدا ئىيسا ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «مەن سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن. مېنىڭ ھەق بولمىغان بىر نەرسىنى سۆزلىشىم ھەددىم ئەمەس. ئەگەر ئۇ سۆزنى دېگەن بولسام، ئۇنى سەن چوقۇم بىلىسەن. سەن مېنىڭ زاتىمدىكىنى بىلىسەن، مەن سېنىڭ زاتىڭدىكىنى بىلمەيمەن. چۈنكى سەن غەيىبلەرنى بىلگۈچىدۇرسەن. مەن ئۇلارغا: پەقەت سەن مېنى ئېيتىشقا بۇيرۇغان سۆزنىلا دېدىم. يەنى ئۇلارغا: ‹مېنىڭ رەببىم ۋە سىلەرنىڭ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار› دېدىم. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغان مۇددەتتە، ئۇلارنىڭ ئۈستىدە كۆزەتكۈچى ئىدىم. سەن مېنى ۋاپات قىلدۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئۈستىدە پەقەت سەنلا كۆزەتكۈچى بولدۇڭ. سەن ھەر نەرسىدىن خەۋەردارسەن»- مائىدە 5/116-117.
بۇ سۆزلەر ئاللاھ تەئالا بىلەن ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوتتۇرىسىدا قىيامەت كۈنى بولىدۇ. چۈنكى ئايەت بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. ئەگەر تەۋرات، ئىنجىل ۋە مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردە دېيىلگەندەك ئىيسا ئەلەيھىسسالام قىيامەت قايىم بولۇشتىن ئىلگىرى زېمىنغا چۈشسە ئىدى، خىرىستىيانلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ ئۆزى بىلەن ئانىسىغا چوقۇنغانلىقىنى كۆرگەن بولاتتى ۋە بۇلارغا قارشى كۈرەش قىلغان بولاتتى. ئاندىن ئاخىرەتكە بارغان چېغىدا ئاللاھ تەئالا: «ئى مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا! سەن ئىنسانلارغا: ‹ئاللاھنى قويۇپ مەن بىلەن ئانامنى ئىككى ئىلاھ قىلىۋېلىڭلار› دېدىڭمۇ» دېسە، يۇقىرىدىكى شەكىلدە جاۋاب بەرمىگەن بولاتتى. ئەكسىچە مۇنداق جاۋاب بەرگەن بولاتتى:
«يا رەببى! مەن بىرىنچى قېتىم ئۇلاردىن ئايرىلغان چېغىمدا ھەممىسى توغرا يولنىڭ ئۈستىدە قالغان. ئاخىر زاماندا ئاسماندىن چۈشۈپ قارىسام ھەممىسى مەن بىلەن ئانامغا چوقۇنۇۋاتقان ئىكەن. مەن قولۇمدىن كېلىشىچە كۈرەش قىلدىم. بۇلارنى سەن ئوبدان بىلىسەن».
بۇ ئايەتتە ئۆتكەن «سەن مېنى ۋاپات قىلدۇرغاندىن كېيىن» دېگەن يەردىكى «ۋاپات» بىلەن سۈرە ئال ئىمراننىڭ 55- ئايىتىدىكى «ئى ئىيسا! مەن سېنى ۋاپات قىلدۇرىمەن» دېگەن يەردىكى «ۋاپات» نىڭ مەنىسى ئوخشاشتۇر. يەنى ئۆلتۈرۈشتۇر. دېمەككى، ئاللاھ تەئالا سۈرە ئال ئىمراننىڭ 55- ئايىتىدە بايان قىلغان ۋەدىسىنى ئۆز ۋاقتىدا ئەمەلگە ئاشۇرغان.
ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھ تەئالا قايتا تىرىلدۈرۈپ ئاندىن ئەۋەتىدۇ دېگەنلىك، يۇقىرىدا بايان قىلىنغىنىدەك نۇرغۇنلىغان ئايەتنىڭ مەنىلىرىگە خىلاپ كېلىش بىلەن بىرگە ئاللاھ تەئالانىڭ، ھەر ئىنساننى دۇنياغا بىر قېتىم ئەكېلىپ بىر قېتىم ئېلىپ كېتىدىغانلىقىدىن ئىبارەت قانۇنىيتىگىمۇ خىلاپ كېلىدۇ.
قۇرئان كەرىمنىڭ ئۆلۈم ۋە ھايات بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرى ھەر جانلىق دۇنياغا بىر قېتىم كېلىپ ئۆلۈمنىڭ تەمىنى بىر قېتىم تېتىيدىغانلىقىغا، شۇنداقلا بۇنىڭدىن ھېچكىمنىڭ مۇستەسنا ئەمەسلىكىگە دالالەت قىلىدۇ.
ئۇ «ھەدىس» لەرنىڭ ئىككىنچى ئىپادىسى
«كىرېستلارنى چېقىپ تاشلايدۇ»
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت روشەن تەبلىغ قىلىشتىنلا ئىبارەت»- نەھەل 16/35.
بۇ ئايەتكە ئاساسەن، ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئەگەر پەيغەمبەر بولۇپ كەلسە تەبلىغ قىلىشى لازىم. چۈنكى ئۇ بىر پەيغەمبەر، پەيغەمبەرنىڭ روشەن تەبلىغ قىلىشتىن باشقا ۋەزىپىسى يوق. تەبلىغ قىلىش، كرېستلەرگە چوقۇنۇشنىڭ خاتالىقىنى شۇ كرېستلەرگە چوقۇنغۇچىلارغا بايان قىلىش بىلەن بولىدۇ.
ئەگەر بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋارىس بولۇپ كەلسە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسى بولغان تەبلىغنى ئەينەن داۋاملاشتۇرۇشى لازىم. چۈنكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسىمۇ باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسىگە ئوخشاشلا تەبلىغ قىلىشتۇر، خالاس. (نەھل 16/82، نۇر 24/54، ئەنكەبۇت 29/18، شۇرا 42/48، تەغابۇن 64/12 قاتارلىق ئايەتلەر، بۇنى كۆرسىتىدۇ).
ھەم بۇ ئىش (كىرېستلارنى چېقىپ تاشلاش) نىڭ ئەقلەن ئەمەلگە ئېشىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى «ھەدىس» لەردىكى ئىپادە بۇ ئىشنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭلا قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل كىرېستلارنى بىر كىشىنىڭ چېقىپ تاشلىشى، تېخىمۇ توغرىراقى چېقىپ تاشلاپ بولالىشى ئەقىلگە سىغمايدۇ.
ئۇ «ھەدىس» لەرنىڭ ئۈچىنچى ئىپادىسى
«چوشقىلارنى ئۆلتۈرىدۇ»
قۇرئان كەرىمدە تۆت يەردە (بەقەرە 2/173، مائىدە 5/3، ئەنئام 6/145، نەھل 16/115 دە) توڭگۇزنىڭ گۆشىنىڭ ھارام قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان. توڭگۇزنىڭ گۆشىنى يېيىش ھارام قىلىنغان بىلەن، ئۇنىڭ باشقا تەرەپلەردىن پايدىلىق ئىكەنلىكى ئېنىق، چۈنكى ئاللاھ تەئالا بەقەرە سۈرىسىنىڭ 29- ئايىتىدە «ئاللاھ يەر يۈزىدىكى ھەممە نەرسىنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈن ياراتتى…» دەيدۇ.
ئايەتتە ئۆتكەن «لەكۇم/ سىلەرگە» دىكى «سىلەر» نىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىغا ۋە چوشقىلارنىڭ «يەر يۈزىدىكى ھەممە نەرسە» نىڭ بىر تۈرى ئىكەنلىكىگە قارىغاندا، ئۇلارنىڭ يەر شارىدا ئىنسان ياشىغان مۇددەت ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى مۇقەررەردۇر.
يەنە كېلىپ ھېچبىر پەيغەمبەرنىڭ چوشقىلارنى قەتلىئام قىلىش ۋەزىپىسى يوق. پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ نېمىلىكى «كىرېستلارنى چېقىپ تاشلاش» مەسىلىسىدە بايان قىلىندى.
ئاللاھ تەئالا ئىنسان سۈرىسى (76- سۈرە) نىڭ بېشىدا ئۆزىنىڭ ئىنساننى ئۇرۇقلاندۇرۇلغان تۇخۇمدىن ياراتقانلىقىنى، ئۇنى سىنايدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ئاڭلايدىغان ۋە كۆرىدىغان قىلىپ ياراتقانلىقىنى، ئۇنىڭغا ياخشى- يامان يولنى كۆرسەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ يا مۇئمىن يا كاپىر بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. مۈلك سۈرىسى (67- سۈرە) نىڭ 2- ئايىتىدە «سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن ئاللاھ ئۆلۈمنى ۋە ھاياتلىقنى ياراتتى» دەيدۇ.
دېمەك، يەر يۈزىدە ئىنسان دەپ ئاتىلىدىغان مەخلۇق مەۋجۇتلا بولىدىكەن، ئۆلۈم ۋە ھاياتلىق بارلا بولىدىكەن ئاللاھنىڭ سىنىقى بار دېگەن گەپ. سىناقتىن ئۆتۈش، ياخشى يولدا مېڭىپ يامان يولنى تەرك ئېتىش بىلەن بولىدۇ. ئاللاھ تەئالا بۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى- يامان يولنى كۆرسەتكەن. گۆشىنى يېيىش ھارام قىلىنغان ۋە بۇ ھارامغا يېقىن كەلمىگەنلەر سىناقتىن ئۆتكەن بولىدىغان توڭگۇزلار قەتلىئام قىلىنىپ تۈگىتىۋېتىلسە، بۇنىڭدىن كېيىن ياشىغان ئىنسانلار توڭگۇز گۆشىنى ئاللاھ تەئالا ھارام قىلغانلىق ئۈچۈن ئەمەس، يەر يۈزىدە توڭگۇز تېپىلمىغانلىقتىن يېمىسە، سىناقتىن ئۆتكەن بولامدۇ؟؟؟ ھەم بۇ تەقدىردە دۇنيانىڭ ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلۇپ كەتمەمدۇ؟؟؟ 
ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر كىشى يالغۇز يەر يۈزىدىكى چوشقىلارنى قانداق ئۆلتۈرۈپ بولالايدۇ؟ «ھەدىس» لەرنىڭ ئىپادىسى، بۇ ئىشنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يالغۇز قىلىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۆلتۈرۈشنىڭ پىچاق بىلەن بوغۇزلاش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە كېلىپ بۇ ھايۋاننىڭ يەرلىكى بار، ياۋىسى بار. يەر يۈزىدىكى يەرلىك ۋە ياۋا بولۇپ پۈتكۈل توڭگۇزلار ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا يىغىلىپ، مېنى ئۆلتۈرۈڭ دېيىشىپ ئۆچرەت بولۇپ تۇرغان تەقدىردە، ئىيسا ئەلەيھىسسالام ھەممە ئىشنى تاشلاپ قويۇپ ئۇلارنى بوغۇزلىغىلى تۇرسا (چۈنكى ئۇ «ھەدىس» لەرنىڭ بىرىدە «بوغۇزلايدۇ» دەيدۇ)، قانچە يىلدا بوغۇزلاپ بولار؟ كىرېستلارنى چېقىپ تاشلاشقا قانچە يىل كېتەر! بۇ ئىش يۇقىرىقى ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا خىلاپ كېلىش بىلەن بىرگە ئەقىلغىمۇ سىغمايدۇ.
ئۇ «ھەدىس» لەرنىڭ تۆتىنچى ئىپادىسى
«جىزيەنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ».
ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشۈپ جىزيەنى ئەمەلدىن قالدۇرشىغا ئىشىنىدىغانلار، بۇ مەسىلىنى مۇنداق ئىككى خىل شەكىلدە چۈشەندۈرۈشى مۇمكىن:
1- ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشۈپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ھاكىمىيىتىگە بويسۇنۇپ ياشاۋاتقان غەيرىي مۇسۇلمانلارنىڭ شۇ ھاكىمىيەتكە ھەر يىلى تۆلەيدىغان جىزيەسىنىڭ ھۆكمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىدۇ.
2- ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشكەندە يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل ئىنسانلار مۇسۇلمان بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن جىزيە تۆلەيدىغان كاپىر قالمايدۇ.
بىرىنچى خىل چۈشەنچىگە بېرىدىغان جاۋابىمىز شۇكى:
ئىسلام ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشاۋاتقان غەيرىي مۇسلىملەردىن جىزيە ئېلىش، تەۋبە سۈرىسى (9- سۈرە) نىڭ 29- ئايىتىنىڭ مەزمۇنى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىجراسى بىلەن دىنىمىزنىڭ بىر ھۆكمى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ ھۆكۈمنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئاللاھ تەئالانىڭ، جىزيەنىڭ ھۆكمىگە ئوخشاش بىر ھۆكۈمنى ياكى ئۇنىڭدىن ياخشى بىر ھۆكۈمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئايەت نازىل قىلىشى شەرت. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«بىز قانداقلا بىر ئايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرساق ياكى ئۇنتۇلدۇرساق ئورنىغا ئۇنىڭدىن ياخشىراقىنى ياكى ئۇنىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرىمىز»-بەقەرە 106.
دېمەك، بۇ ئىش بىرەر ئىنساننىڭ مەن بۇ ھۆكۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرىمەن دېيىشى بىلەن بولمايدۇ. ئەكسىچە ئاللاھ تەئالانىڭ ئىنسانلارنىڭ ئىچىدىن بىرىنى تاللاپ، شۇنىڭغا يېڭى ئايەت نازىل قىلىشى بىلەن بولىدۇ. بۇ ئايەتكە «ۋەھىي»، ئايەت نازىل قىلىنغان كىشىگە «پەيغەمبەر» دېيىلىدۇ.
بۇ ئايەتكە ئاساسەن ئاللاھ تائالا ئۆزى نازىل قىلغان قۇرئاننىڭ بىرەر ھۆكمىنى ئەمەلدىن قالدۇرماقچى بولسا، ئۇنى يەنە ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزى ئۇ ئايەتنىڭ ھۆكمىگە ئوخشاش بىر ھۆكۈمنى ياكى ئۇ ئايەتنىڭ ھۆكمىدىن ياخشىراق بىر ھۆكۈمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا بىر ئايەت نازىل قىلىش ئارقىلىق ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ.
يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالام جىزيەنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن يېڭىدىن پەيغەمبەر بولۇپ كېلىشى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئاللاھ تەئالا تەرىپىدىن جىزيەنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان بىر ئايەت نازىل قىلىنىشى لازىم.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر، قۇرئان كەرىمنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا نازىل قىلىنغان كىتاب ئىكەنلىكىنى دىققەتكە ئالغان ۋاقتىمىزدا بۇنداق ئەھۋال مۇمكىن ئەمەس. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«مۇھەممەد پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسىدۇر»- ئەھزاب 33/40.
ئىككىنچى خىل چۈشەنچىگە بېرىدىغان جاۋابىمىز شۇكى:
ئاللاھ تائالا يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل ئىنسانلارنى مۇسۇلمان قىلىۋېتىشنى خالىمىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئەگەر رەببىڭ خالىسا ئىدى، يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيتاتتى. ئۇ ھالدا سەن ئىنسانلارنى مۆمىن بولۇشقا زورلامسەن؟»-يۇنۇس 10/99.
«… ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئەلۋەتتە سىلەرنى بىر ئۈممەت قىلاتتى …»- مائىدە 5/48.
«… ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئۇلارنى ھىدايەت ئۈستىدە بىرلەشتۈرەتتى. ئۇنداقتا سەن جاھىللاردىن بولمىغىن»- ئەنئام 6/35.
«ئەگەر رەببىڭ خالىسا ئىدى پۈتكۈل ئىنسانلارنى بىر ئۈممەت قىلاتتى…»- ھۇد11/118.
«ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى سىلەرنى ئەلۋەتتە بىر ئۈممەت قىلاتتى…»- نەھل 16/93.
مانا بۇ يۇقىرىقى ئايەتلەر ئاللاھ تائالانىڭ پۈتكۈل ئىنسانلارنى بىر ئۈممەت (ئوخشاش بىر يولدىكى ئادەملەر) قىلمايدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. ھەتتا بىر ئايەت پۈتكۈل ئىنسانلارنى ھىدايەت ئۈستىدە بىرلەشتۈرمەيدىغانلىقىنى ئۇچۇق- ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
پەيغەمبەرلەرنىڭمۇ ئۇنداق بىر ۋەزىپىسى يوق، ھەم ئۇنداق بولۇشنى ئاللاھ خالىمىغان ئىكەن ئۇنىڭغا ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«پەيغەمبەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت روشەن تەبلىغ قىلىشتىنلا ئىبارەت»- نەھل 16/35.
«دىندا ھېچ زورلاش يوق. چۈنكى توغرا بىلەن خاتا بىر- بىرىدىن ئايرىلدى. تاغۇتنى ئىنكار قىلىپ ئاللاھغا ئىشەنگەنلەر، ھەرگىزمۇ سۇنۇپ كەتمەيدىغان مۇستەھكەم تۇتقىنى تۇتقان بولىدۇ. ئاللاھ ئاڭلىغۇچىدۇر، بىلگۈچىدۇر»- بەقەرە 2/256.
خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، ئاللاھ تائالا پۈتكۈل ئىنساننى ھىدايەت ئۈستىدە بىرلەشتۈرمەيدۇ، يەنى ھەممە ئىنسان مۇسۇلمان بولۇپ كەتمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ تەئالا ئىنسانغا پىكىر ئەركىنلىكى بەرگەن، ئۆز ئەركىنلىكى بىلەن مۇسۇلمان بولغانلار ئاللاھ تەئالا تەرىپىدىن مۇكاپاتلىنىدۇ. ئۆز ئەركىنلىكى بىلەن مۇسۇلمان بولمىغانلار ئاللاھ تەئالا تەرىپىدىن جازالىنىدۇ. بۇ ئاللاھ تەئالانىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنى. ئاللاھ تەئالانىڭ قانۇنىغا خىلاپ بىر ئىش ھېچبىر زامان مەۋجۇت بولمايدۇ، بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ.
ئۇ «ھەدىس» لەرنىڭ بەشىنچى ئىپادىسى
بىرىنچى «ھەدىس»تىن:
«مال- دۇنيا شۇ قەدەر كۆپ بولىدۇكى، ھېچكىم ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويمايدۇ».
ئىككىنچى «ھەدىس»تىن:
«ئىنسانلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىدۇ».
ئۈچىنچى ھەدىستىن:
«سەدىقىنى تەرك ئېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قوي ۋە تۆگىلەرنىڭ زاكىتىنى ئېلىشقا ھېچكىم بارمايدۇ».
تۆتىنچى ھەدىستىن:
«ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىشىش كۆتىرىلىپ كېتىدۇ».
بۇ ئىپادىلەر پەرقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ھەربىر ھەدىسنىڭ ئىپادىسىنى ئايرىم-ئايرىم تەھلىل قىلىپ ئۆتىمەن.
بىرىنچى «ھەدىس» نىڭ ئىپادىسى:
«مال- دۇنيا شۇ قەدەر كۆپ بولىدۇكى، ھېچكىم ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويمايدۇ».
تۆۋەندىكى ئايەتلەرگە قارايدىغان بولساق بۇنىڭمۇ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى چۈشىنىۋالالايمىز. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئەگەر ئاللاھ بەندىلىرىگە رىزىقنى يايسا ئىدى، ئۇلار زېمىندا ھەددىدىن ئاشاتتى. لېكىن ئۇ خالىغىنىنى بىر مىقدار بىلەن چۈشۈرىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىدىن خەۋەرداردۇر، ئۇلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر»- شۇرا 42/27.
بۇ ھەقتىكى ئايەتلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ تۆۋەندە ئۇ ئايەتلەرنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى ئورنىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش بىلەن كۇپايىلىنىمەن:
بەقەرە 2/245، رەئد 13/26، ئىسرا 17/30، قەسەس 28/82، ئەنكەبۇت 29/62، رۇم 30/37، سەبەئ 34/36 ۋە 39، زۇمەر 39/52.
مەزكۇر ئايەتلەرگە دىققەت بىلەن قارالسا، بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئوخشاشلا پېقىر ياكى ئوخشاشلا باي بولۇپ كەتمەيدىغانلىقى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ بۇ يەردىمۇ بىر تەڭپۇڭلۇق ئورناتقانلىقى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدۇ.
ئىككىنچى «ھەدىس» نىڭ ئىپادىسى:
«ئىنسانلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىدۇ».
ئەگەر ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشۈپ ئىنسانلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىدىغان ئىش بولسا ئىسلامنىڭ بىر ھۆكمى بولغان جىزيەنى نېمە ئۈچۈن ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ؟ چوشقىلارنى نېمىگە ئاساسەن ئۆلتۈرىدۇ؟ چوشقىلارنى ئۆلتۈرۈش ئىسلامنىڭ ئەمرى ئەمەسقۇ! ئۇنىڭ ئىسلامغا دەۋەت قىلىشى بىلەن جىزيەنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى ۋە چوشقىلارنى ئۆلتۈرۈشى ئارىسىدا بىر زىتلىق يوقمۇ؟
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋىدا ھەججىدە «… بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم….» (مائىدە 5/3) دېگەن مەزمۇندىكى ئايەت نازىل بولغان. بۇ ئايەت نازىل بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر خۇتبە ئوقۇغان بولۇپ، ئۇ خۇتبىسىدا بىزگە قۇرئان كەرىمنى قالدۇرۇپ كەتكەنلىكىنى سۆزلىگەن، شۇنداقلا قۇرئان كەرىمنى مەھكەم تۇتساق ئېزىپ كەتمەيدىغانلىقىمىزنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان ۋە بۇ سۆزنى باشقىلارغا يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغان. ئارقىسىدىن ئەتراپىدىكى ساھابىلەردىن «تەبلىغ قىلدىممۇ؟» دەپ سورىغاندا ئۇلار بىردەك «تەبلىغ قىلدىڭ» دەپ جاۋاب بېرىشكەن، بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچ قېتىم «ئى ئاللاھ گۇۋاھ بولغىن» دەپ ئاللاھ تائالادىن ئۇلارنىڭ بۇ سۆزىگە گۇۋاھ بولۇشىنى تىلىگەن[4].
دېمەك، ئىسلام دىنى شۇ كۈنى پۈتۈنلىنىپ بولغان ۋە تولۇق تەبلىغ قىلىنىپ بولغان. ئەگەر ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشۈپ ئىنسانلارنى بۇ ئىسلامغا چاقىرىدىغان ئىش بولسا، شۇ ئىسلامنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرماي ھەمدە ھېچبىر يېڭى ھۆكۈم قوشماي ئەينەن يەتكۈزۈشى ۋە ئىجرا قىلىشى لازىم. شۇنداق بولغاندا شۇ كۈنى پۈتۈنلىنىپ بولغان ئىسلامغا چاقىرغان بولىدۇ. لېكىن ئۇ ھەدىسلەرنىڭ ئىپادىسىدە زىكىر قىلىنغان ئىشلارنىڭ پۈتۈنلىنىپ بولغان ئىسلامدا ھېچقانداق ئورنى يوق.
مەزكۇر ھەدىسلەرنىڭ ئۆز ئىچىدىمۇ زىتلىق مەۋجۇت. بۇ ھەدىسلەرنى مۇلاھىزە قىلغان ھەربىر ئەقىل ئىگىسى شۇنى سورىماي تۇرالمايدۇ: ئەگەر ئەيسا ئەلەيھىسسالام كېلىپ ئىسلامغا دەۋەت قىلىدىغان ئىش بولسا بۇ يېڭى ھۆكۈملەر نەدىن چىقتى؟ ئەگەر يېڭى ھۆكۈملەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان ئىش بولسا ئىسلامغا دەۋەت قىلىشى قانداق گەپ؟ يېڭى ھۆكۈملەرنى ئىسپاتلايدىغان يېڭى ۋەھىيلەر يېزىلىدىغان يېڭى كىتابنىڭ ئىسمى نېمە؟
ئۈچىنچى «ھەدىس» نىڭ ئىپادىسى:
«سەدىقىنى تەرك ئېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قوي ۋە تۆگىلەرنىڭ زاكىتىنى ئېلىشقا ھېچكىم بارمايدۇ».
بىرىنچى ھەدىسنىڭ بەشىنچى ئىپادىسىگە قارىشى دەلىل كەلتۈرگەن ئايەتلەر بۇ توغرىدىمۇ ئەينەن كۈچكە ئىگە. يەنى ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلار ئارىسىغا بېكىتىپ قويغان ئىقتىسادى تەڭپۇڭلۇقتىن ئىبارەت قانۇنى قىيامەتكە قەدەر كۈچكە ئىگە. ئىسراپىل ئەلەيھىسسالام سۇر چالغانغا قەدەر باي-كەمبەغەل، سودىگەر-دېھقان، خوجايىن-ئىشچى، دەيدىغان سىنىپلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇنى يۇقىرىدىكى ئايەتلەردىنمۇ چۈشىنىۋېلىشىمىز قىيىن ئەمەس. بۇ سىنىپلار مەۋجۇت بولۇپلا تۇرىدىكەن سەدىقە-زاكات، ئۆزئارا ياردەملىشىش، قاتارلىق ئىشلارمۇ ئوخشاشلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
ئۈچىنچى «ھەدىس» نىڭ ئىپادىسى:
«ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىشىش كۆتىرىلىپ كېتىدۇ».
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «…بىز ناسارالارنىڭ ئارىسىغا قىيامەت كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان ئاداۋەتنى ۋە دۈشمەنلىكنى سالدۇق…»- مائىدە 5/14، «بىز يەھۇدىيلارنىڭ ئارىسىغا قىيامەت كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان ئاداۋەتنى ۋە دۈشمەنلىكنى سالدۇق»- مائىدە 5/64.
دېمەككى، يەھۇدىيلارنىڭ ۋە ناسارالارنىڭ ئارىسىغا ئاللاھ تەرىپىدىن سېلىنغان ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىك قىيامەتكە قەدەر داۋاملىشىدۇ. ئۇ بۇ دۇنيادا كۆتىرىلىپ كەتمەيدۇ.
ئاللاھ تەئالا سۈرە مائىدەنىڭ 82- ئايىتىدە بولسا يەھۇدىيلارنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. يۇقىرىدا يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇپ كەتمەيدىغانلىقى ئايەتلەر بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلدى. دېمەككى، يەر يۈزىدە قىيامەتكە قەدەر يەھۇدىي، مۇسۇلمان دەپ ئاتىلىدىغان ئىنسانلار ياشايدۇ. بۇ پىرقىلەر مەۋجۇتلا بولىدىكەن ئارىسىدا ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىك مەۋجۇت بولىدۇ.
  يۇقىرىقى ھەدىسلەرنىڭ باشقا ئىپادىلىرى دۇنيانىڭ تەڭپۇڭلۇقىنىڭ تامامەن بۇزۇلۇپ كېتىدىغانلىقى كۆرسىتىدۇ. قىيامەت قايىم بولۇشتىن بۇرۇن بۇنداق ئىشنىڭ بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا قۇرئان كەرىمنىڭ ھەر سەھىپىسىدىن ئايەتلەر كۆزىمىزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. يەنى قۇرئان كەرىم باشتىن-ئاخىر كائىنات يارىتىلغاندىن تارتىپ قىيامەتكىچە يەر يۈزىنىڭ مۇشۇنداق تۇرىدىغانلىقىنى بىزگە بايان قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ھەدىسنىڭ ئۇ ئىپادىلىرى ئۈستىدە توختىلىپ ئولتۇرمىدىم. چۈنكى قۇرئان كەرىمگە ئىشەنگەن ۋە ئۇنى ھاياتىنىڭ رەھبىرى قىلغان ھەركىم بۇنى بىلىدۇ.
خۇلاسە
يۇقىرىدا ئاخىر زاماندا ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاسماندىن چۈشىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدىغان بەزى ھەدىسلەر قۇرئان كەرىمنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرى بىلەن تەھلىل ۋە تەنقىد قىلىندى، شۇنداقلا مەزكۇر ھەدىسلەرنىڭ مەنىلىرىنىڭ ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىگە زىت كېلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنى ئىكەنلىكىگە، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرئان كەرىمگە زىت بىر سۆزنى سۆزلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىگە ئىمان كەلتۈرگەن بىز مۇسۇلمانلار ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشۈپ دۇنيانى قۇتقۇزىشىدىن ئۈمىدىمىزنى ئۈۈزۈشىمىز، كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك! چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ھەرقانداق قەۋم ئۆز ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە، ئاللاھ ئۇ قەۋمنىڭ ئەھۋالىنى ھەرگىزمۇ ئۆزگەرتمەيدۇ»- رەئد 13/11.
«شۇنىڭ بىلىنىشى لازىمكى، ئىنسان پەقەت ئۆز ئەمگىكىنىڭلا نەتىجىسىنى كۆرىدۇ»- نەجم 53/39.
بىز ئىككىلى دۇنيادا پەقەت ئۆز ئەمگىكىمىزنىڭلا نەتىجىسىنى كۆرىمىز. بىزنى ھېچكىم قۇتقۇزۇپ قويمايدۇ، بىزنى ئىككىلى دۇنيادا پەقەت ئاللاھ تەئالانىڭ رەھمىتىلا قۇتقۇزىدۇ. ئاللاھ تەئالانىڭ رەھمىتىگە ئەقىدىمىزنىڭ توغرا، ئەمەللىرىمىزنىڭ سالىھ بولۇشى بىلەن ئېرىشەلەيمىز. چۈنكى «ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر»- ئەئراف 7/56.
مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.

[1]بۇخارى، ئەنبىيا 50؛ مۇسلىم، ئىمان 71؛ تىرمىزىي، فىتەن 54؛ ئىبنى ماجە، فىتەن 33.

[2]مۇسنەد ئەھمەد 2/406 ۋە 437- بەتلەر .

[3]ﺋﯩﺒﻨﻰﻣﺎﺟﻪ ﻓﯩﺘﻪﻥ 32- ﺑﺎﺏ، ﻪﺩﯨﺲﻧﻮﻣﯘﺭﻯ 4077.

[4]– مۇسلىم ھەج، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەججىنىڭ بابى؛ ئەبۇ داۋۇد، مەناسىك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەججىنىڭ بابى؛ «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى» (ئۇيغۇرچە)، ۋىدالىشىش نۇتقى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر