مۇسۇلمانلار

ئىلىم ھەقىقىي يېتەكچىدۇر

ئىللەتلىرىمىز ۋە چارىلىرى
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
كىرىش سۆز
تارىخقا يازغان تۆھپىلىرىمىز ئۆچۈپ ۋە ئۆچۈرۈلۈپ جاھان ئەھلى بىزنى تونۇيالماس بولۇپ كەتكەن بۈگۈنكى كۈندە، ھايات سەھنىلىرىدە رىقابەتلىشەلمەسلىكىمىز، پۇرسەت ۋە ئىمكانىيەت مەيدانلىرىدا كەتكۈزۈپ قويۇشلىرىمىز ئاخىرى بىزنى نەدە يىقىلدۇق؟ نەدە كەتكۈزۈپ قويدۇق؟ بۇنچە زىيانلار نەدىن كەلدى؟ قانداق قىلىپ بۇ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدۇق؟ دېگەن سوئاللارنى ئۆزىمىزدىن سوراشقا ۋە جاۋابلىرى ھەققىدە ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلدى.
بۈگۈنكى دۇنيانىڭ نەرىدە قالغانلىقىمىز، نېمە كۈنلەرنى كۆرۈۋاتقانلىقىمىز، نەگە كېتىۋاتقانلىقىمىز بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا مەخپىي ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئەمما قانداق ئىشلارنى قىلساق ئۆز مەۋجۇدىيىتىمىزنى داۋاملاشتۇرالايدىغانلىقىمىز، ئاللىقاچان يوقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان كىملىكىمىزنى قانداق جانلاندۇرۇپ ياشىتالايدىغانلىقىمىز، نەتىجىدە بىز ئارزۇ قىلغان كۈنلەرگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىمىز بىزگە بىر مۇئەمما بولۇپ قالدى.
بۇ مۇئەممانىڭ يېشىلمەسلىكدەك بىر تەسەۋۋۇر ئۈمىدسىزلىك، ئىشەنچىسىزلىك، ئىرادىسىزلىك ۋە چۈشكۈنلۈك.. قاتارلىق بىر قاتار سەلبىي روھىي ھالەتلەرنىڭ ئىچكى دۇنيايىمىزغا يەرلىشىشىگە سەۋەبچى بولدى. ئىچىكى دۇنيايىمىزدىكى بۇ سەلبىي ھالەتلەر بوشاڭلىق، ھۇرۇنلۇق، ئۆزىنى تاشلىۋېتىش، تەييار تاپلىق سۈپىتىدە تاشقى دۇنيايىمىزدا ئەكس ئەتتى.
نەتىجىدە سۈننەتۇللاھ (ئاللاھنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنى) بىزگە خار ۋە زەبۇنلۇقتا ياشاش جازاسىنى مۇۋاپىق كۆردى. شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ بىر مىللەت بولۇپ ياشاش تەڭپۇقلىقىمىز بۇزۇلدى. يەنى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىچكى ۋە تاشقى كېسەللىكلىرىمىز بىزنى بىر مىللەت سۈپىتىدە ياشاش نېمىتىدىن مەھرۇم قىلدى.
تەبىئىتىمىز ئۇ قەدەر ئۆزگىرىپ كەتتىكى، يارىلىرىمىزغا مەلھەم، دەردىمىزگە داۋا، رەنجىمىزگە شىپا بولىدىغان ئىلىملەرنى ئۆگىنىشكە بىر پۈتۈن مىللەت ھالىتىدە سەل قارىدۇق. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ھازىرقى زاماندا ياشاش ئۈچۈن بولمىسا بولمايدىغان سىرتقى دۇنيا بىلەن ئۇچرىشىش، يېڭى ئۇچۇرلارنى ئىگىلەش، تەرەققىيات ۋە كەشپىياتتا زامانغا ماسلىشىش قاتارلىق ئىشلار بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتمايدىغان بولدى.
«چوڭ بولسۇن ھەممىمىزنىڭ بولسۇن» دەپ ئىش قىلىشنىڭ ئورنىغا «كىچىك بولسىمۇ مېنىڭلا بولسۇن» دەپ ئىش قىلىش بىر ھايات پەلسەپىسى بولۇپ قەلبىمىزنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىگە يەرلەشتى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ بىر-بىرىمىزنى كۆرەلمەسلىك، بىر- بىرىمىزگە ئورا كولاش، بىر-بىرىمىزنىڭ شەخسىي ھەق ۋە ھوقۇقلىرىغا تاجاۋۇز قىلىش قاتارلىق بىر قاتار يامان ئادەتلەر پەيدا بولدى.
بۇ ئادەتلەر بىزنى شەخسىي جەھەتتىن كۈچلىنىپ، مىللەت جەھەتتىن زورىيىشىمىزغا ئەڭ زور توسالغۇ بولۇۋاتقان ئامىللارنى شەكىللەندۈردى. بىز بۇ چەمبەرچاس بولۇپ كەتكەن زەنجىرسىمان كېسەللىكلىرىمىزنى تونۇش ۋە ساقىيىش يولىنى تېپىش چۈشەنچىسى بىلەن بۇ ماقالىنى يېزىۋاتىمىز. ئىنشائاللاھ، قويغان دىياگنوزىمىز ۋە يازغان رېتسېپىمىز كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتقۇسى!
تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.
ئىللەتلىرىمىز (كېسەللىكلىرىمىز)
ئىللەت مىللەت پىسخولوگىيسىدىكى[1] تەڭپۇڭسىزلىقتىن كېلىپ چىققان بىنورماللىق بولۇپ بىر مىللەت بولۇپ ئۇيۇشقان ھەرقانداق بىر توپنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللاردىندۇر. تۆۋەندە بىز شۇ ئىللەتلەرنىڭ بىر قانچىسى ھەققىدە توختىلىمىز.
1- ئۆگەنمەسلىك
كۆرۈۋاتقان كۈنلىرىمىز شۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇكى، بىز ئىككىلا دۇنيالىق بەخت-سائادىتىمىزنىڭ يولىنى توغرا بىر شەكىلدە ئۆگىنىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئىلىمنى تەلەپ قىلىشتا مۇسۇلمان ئۈممىتى ئىچىدە ئەڭ ئاخىرىدا قالغان بىر مىللەتمىز. دەرۋەقە ھەممىمىز دىنىمىزغا باغلىق ئىكەنلىكىمىزنى دەۋا قىلىمىز، مۇسۇلمانلىقنى ھېچكىمگە بەرگىمىز كەلمەيدۇ، دىنىمىز توغرۇلۇق گەپ-سۆز قىلىنسا بىزدىن چوڭ موللا يوقتەك سورۇننى ئىشغال قىلىمىز. لېكىن ئەمەلىيەت شۇكى: «قورسىقىمىزدا ئىلىپنىڭ سۇنۇقى يوق».
ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق دىنىمىزنىڭ ھەقىقىتىنى ئۆگىنىشكە تىرىشمايمىز. ھەر بىرىمىزنىڭ مەكتەپ-مەدرىسىلەرگە يەرلىشىپ تەپسىر، ھەدىس، فىقىھ ئىلىملىرىنى پۇختا ئۆگىنىپ بىردىن دىنى ئالىم بولۇشىمىز كېرەك ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئەمما بار بولغان دىنى ئالىملىرىمىزنىڭ سۆھبەتلىرىگە ئىشتىراك قىلىش، قۇرئان كەرىمنىڭ ۋە ھەدىسلەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىلىرىنى ئوقۇش، تور دۇنياسىدىكى ئىمكانلاردىن پايدىلىنىش ئارقىلىق دىنىمىزنىڭ ھۆكۈم، ھېكمەت، ئەدەپ، ئەخلاق، ۋەز-نەسىھەت، قىسسە ۋە يوليورۇقلىرى توغرۇلۇق بىر يۈرۈش مەلۇماتقا ئىگە بولۇشقا تىرىشمايمىز. بۇ بىز يەنى ھەممىمىز قىلايلايدىغان ئىشلارغۇ! ئىمانىمىز ئاجىزمۇ، ياكى شەيتان گەجگىمىزگە مىنىۋالدىمۇ ۋە ياكى قەلبىمىزنى دۇنيا مۇھەببىتى ئورىۋالدىمۇ؟ تۇنجى نازىل بولغان ئايىتى «ئوقۇ!» بىلەن باشلانغان بىر كىتابنىڭ ئېتىقادچىسى، «بۆشۈكتىن، تۆشۈككىچە ئۆگىنىشكە بۇيرۇغان[2]» بىر پەيغەمبەرنىڭ ئۇممىتى تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن ئۆگەنمەيمىز؟
بىز دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت-سائادىتىمىزنىڭ يەككە-يېگانە كاپالەتچىسى بولغان مۇقەددەس دىنىمىزنى توغرا-دۇرۇس ئۆگەنمىدۇق، مېڭىۋاتقان يولىمىز كۆرسىتىدۇكى، ئاللاھنىڭ قۇرئاندا مۇئمىنلارغا ۋەدە قىلغان نۇسرىتىنىڭ بىزگە ئاتا قىلىنماسلىقى بىزنىڭ شىرىكنى ئىمان، خۇراپاتنى ئىسلام، ئادەتنى ئىبادەت، ئىبادەتنى ئادەت دەپ قارىغانلىقىمىزدىن بولغان. بۇنىڭ ھەممىسىگە دىنىمىزنى ئۆگەنمىگەنلىك سەۋەبچى بولغان.
 خوش! دۇنيالىق توغرىسىدىكى ئىلىم ئۆگىنىش ئەھۋالىمىزچۇ؟ ئەلجاۋاب: نولدىن تۆۋەن. ھۈنەرۋەنلىرىمىز، ھەر ساھەدىكى ئۇستىلىرىمىز ئۆز كەسپىدە ئۆگىنىشكە ۋە ئىزدىنىشكە داۋام قىلىپ زامانغا ماسلىشالمىغانلىغى ئۈچۈن ھۈنەرلىرى يېتىپ قالدى، بىلىمسىز «ئۇستام» لىقى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمىدى.
بىر تەرەپتە ئەتىگەن ئاپىرىپ بەرگەن رەختتە كىيىم تىكىپ كەچتە ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىۋاتقان باشقا يەرلىك ئۇستا، يەنە بىر تەرەپتە بۈگۈن ئاپىرىپ بەرگەن رەختنى بىرقانچە كۈن، ھەتتا بىرقانچە ئايدىن كېيىن تىكىپ بېرىدىغان، ئەتىسى تۈگىمەيدىغان شۇ يەرلىك ئۇستا. بىر تەرەپتە خېرىدارنىڭ بوينىغا ئاپئاق لۆڭگىنى سېلىپ، باشنى سوپۇنلاپ يۇيۇپ، بۈگۈنكى زامانىۋى ئەسۋابلار بىلەن ساتىراشلىق قىلىۋاتقان باشقا يەرلىك بىر ئۇستا، يەنە بىر تەرەپتە ھېچنېمە سالماي باشنى تۈتۈن چىقىپ تۇرغان ئىككى دانە مەدەكنىڭ ئۈستىدىكى قاچىدا تۇرغان مۇزدەك سۇدا يىرىتىپ، تۆمۈرچى سوققان كونا ئۇستىرىسىنى چوڭ دادىسىدىن قالغان كاپقا كاپلىۋېتىپ باش چۈشۈرۈۋاتقان ۋە چۈشۈرۈش جەريانىدا كېسىۋاتقان يەرلىرىگە تام پوتلىسى سۇۋاپ قويۇۋاتقان شۇ يەرلىك ئۇستا.
بۇنداق مىسالنى كۆپەيتىشىمىز مۇمكىن. مەسىلەن: ياغاچچىلىق، موزدۇزچىلىق، تۆمۈرچىلىك، رېمونتچىلىق ساھەلىرىدىمۇ ئەھۋال ئوخشاش. نەتىجىدە پۈتۈن يەرلىك ھۈنەر-سەنئەتلىرىمىز باشقىلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى. بىزنىڭ ھۈنەرۋەنلىرىمىز دۇكانلىرىنى تاقىۋېتىپ ئەسۋابلىرىنى خالتىغا سېلىپ ئۆينىڭ بىر بۇرجىكىگە ئېسىپ قويۇپ، ئۆزلىرى ئاقسۇ بىڭتۈەنگە بېرىپ پاختا تېرىشكە باشلىدى.
مانا بۇ سۈننەتۇللاھنىڭ ئۇلارنىڭ جاھىللىقىغا بەرگەن جازاسى. دېمەك، دىنىمىز مەيلى چوڭ مەيلى كىچىك، مەيلى ئەر مەيلى ئايال ھەممىمىزنى دىنىي ۋە دۇنيەۋىي ئىلىملەرنى تەلەپ قىلىشقا چاقىرغان تۇرۇپ بىزنىڭ ئەھۋالىمىز ئەنە يۇقىرىقىلاردىن ئىبارەت. كۆرۈۋاتقان كۈنىمىزمۇ نەق مەيداندا.
ئاللاھ بىزگە زۇلۇم قىلمىدى، لېكىن بىز ئۆگەنمەسلىك بىلەن ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرگە يەتكەن ھەر قانداق مۇسىبەت ئۆزۈڭلار قىلغان ئىشلارنىڭ سەۋەبىدىن يېتىدۇ، ئاللاھ تولىسىنى ئەپۇ قىلىدۇ»- شۇرا 42/30.
يىغىپ ئېيتقاندا، ئۇزۇندىن بېرى دىنىمىزنى ئۆگىنىشكە لايىق رەۋىشتە تىرىشمىدۇق، دىنىمىزنى ئۆگىنىشكە بالىلىرىمىزنىڭ ئەڭ ئەقىللىك بولغانلىرىنى ئاتىمىدۇق، دىيارىمىزدىن دىنىمىزنىڭ نۇرىنىڭ ئۆچۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بايلىرىمىز كېرەكلىك پىداكارلىقنى كۆرسەتمىدى. يېتىشكەن ئۆلىمالىرىمىزنىڭ ئىلمىدىن لايىق رەۋىشتە پايدا ئېلىنمىدى، ھەتتا ھاياتىنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمىنى دىننى ئۆگىنىشكە ئاتاپ ئاللاھنىڭ ئىنايىتى، ئاتا-ئانىسىنىڭ پىداكارلىقى ۋە ئۆزلىرىنىڭ تىرىشقانلىقى بىلەن ئوقۇپ يېتىشىپ ئۆزلىرىنى دىنى خىزمەتكە ۋەقفە قىلغان ئۇستازلىرىمىز چەتكە قېقىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئارىمىزدىكى جاھىل ۋە نادان كىشىلەر يۇرتقا سەركە، بىزگە باش بولدى. ئاللاھنىڭ ئامانىتى بولغان دىننى ئۆزىنىڭ ۋە «ئاكا» لىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا ئۇرۇندى ۋە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ.
مۆھتەرەم قېرىنداشلار! پۈتۈن بۇ پاتقاقلىقلاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆگىنىشىمىز، ئىزدىنىشىمىز، تىرىشىشىمىز، پىداكارلىق قىلىشىمىز كېرەك ۋەشۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىشىمىز كېرەككى: «ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر»- ئەئراف 7/56.
ئەگەر بىزدە ئاللاھنىڭ رەھمىتى تېپىلمىسا، دېمەككى بىز يامانلىق قىلغۇچىلاردۇرمىز. بۇ تەقدىردە دەرھال ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىپ «ياخشىلىق قىلغۇچىلار» بولىشىمىز كېرەك. چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ ئۆز ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگەن قەۋمنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ»- رەئد 13/11.
ئىلىم بىر نۇردۇر. چىراغ ياندۇرۇلغان ئۆيدە چاشقانلار تۇرالمىغاندەك مىللىتىمىزنىڭ ئىچىدە ئىلىم-مەرىپەتنىڭ نۇرى يورۇسا يۇقىرىدىكى مەنىۋى چاشقانلارمۇ قېچىپ ئۇۋىسىغا كىرىۋالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دەيمىزكى: «ئىلىم تەلەپ قىلىش پەرز، ئوقۇغۇچىغا ياردەم قىلىش زۆرۈر».
چۈنكى بۈگۈن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى دىنى جەھەتتىن دىنى ھۆكۈملەرنى قۇرئان-ھەدىستىن بىۋاسىتە ئالالايدىغان، مەزھەپ بىلەن دىننى ئايرىپ چۈشىنەلەيدىغان، ئەقىدىدىكى شىرىكنى، ئىبادەتتىكى بىدئەتنى، چۈشەنچىدىكى خۇراپاتنى، ئەخلاقتىكى چىرىكلىكنى، مۇئامىلىدىكى خاتالىقنى قۇرئان-ھەدىستىن دەلىل كەلتۈرۈپ دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويالايدىغان دىنى زىيالىلارغا موھتاج.
چۈنكى بۈگۈن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى سىياسىي جەھەتتىن مىللەتنى يوق بولۇپ كېتىشتىن قۇتۇلۇپ قېلىش يولىغا باشلاپ ماڭالايدىغان داھىيلارغا موھتاج.
چۈنكى بۈگۈن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى پەننىي بىلىملەرنى پۇختا ئىگىلەپ ھەر ساھەدە ئېلىپ بارغان كەشىپ ۋە يېڭىلىقلىرى بىلەن ئۆزىگە ۋە مىللىتىگە غۇرۇر كەلتۈرەلەيدىغان، ئىلىم-مەرىپەت مەيدانىدا كۆزگە كۆرۈنۈپ دۇنيانىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرنىڭ ئۈستىگە تارتالايدىغان، ئىجادىيەت ساھەسىدە رىقابەتكە چۈشۈپ ئەڭ ئالدىدا ماڭالايدىغان ئىلىم ئەربابلىرى ۋە زىيالىيلارغا موھتاج.
چۈنكى بۈگۈن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى كۈندىلىك ھاياتىدا لازىم بولىدىغان تۇرمۇش لازىمەتلىرىنى ئەڭ سۈپەتلىك، ئەڭ چىداملىق ۋە زامانغا ماس بىر شەكىلدە ئىشلەپ چىقىرالايدىغان ھۈنەرۋەن ۋە سەنئەتكارلارغا موھتاج.
مانا مۇشۇنداق بىز (يەنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى) موھتاج بولۇپ تۇرۇۋاتقان كىشىلەرنى قوللاش، ئۇلارغا يېقىندىن ياردەمدە بولۇش، زاكىتىمىزنى، سەدىقىمىزنى، ئىئانىمىزنى، ھەتتا يەيدىغان نېنىمىزنىڭ يېرىمىنى ئەنە ئاشۇنداق كىشىلەرنىڭ يېتىشىشى ئۈچۈن بېرىش بىز ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىمدۇر. چۈنكى مۇشۇنداق تىرىشچانلىقىمىزنىڭ نەتىجىسىدە ئارىمىزدىن بىر مۇھەممەد فاتىھ، بىر جەۋھەر دۇدايېف، بىر ئەلىي ئىززەت بېگوۋىچ چىقىپ قالسا ئەجەب ئەمەس، «قازانمۇ ياغ، چۆمۈچمۇ ياغ» دېگەن مانا شۇ.
 شۇنىڭ ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم دەيمىزكى: «ئىلىم تەلەپ قىلىش پەرز، ئوقۇغۇچىغا ياردەم قىلىش زۆرۈر».
چۈنكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ «ساقال قويمىغانلار كاپىر» دەپ مۇسۇلماننى كاپىرغا چىقىرۋېتىدىغان، «ھازىرقى ئىماملارنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇغىلى بولمايدۇ » دەپ مەسچىت –جامەلىرىمىزنى مۇسۇلمانلاردىن «پاكىزلاپ» كۇپۇرنىڭ خىزمىتىگە تولۇق سۇنۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان، «مائاش ئالغانلار مۇسۇلمان ئەمەس» دەپ پۈتكۈل ئىدارە-جەمئىيەت، زاۋۇت-فابرىكا ۋە كان-كارخانىلاردىكى ئىش ئورۇنلىرىنى بوشىتىپ «ئاكا» لىرىغا ئىش ئورنى تەييارلاشقا تىرىشىۋاتقان، «ھىجرەت قىلمىغانلار مۇناپىق» دەپ دىيارىمىزدا ئۆز مەۋجۇدىيىتىمىزنى ساقلاپ تۇرۇۋاتقان ۋە ئەڭ ئېغىر كۈنلەردە ياشاۋاتقان ئۇ ئەزىز مىللەتنى ئائىلىۋى ۋەيرانچىلىققا، ئۆمۈرلۈك مۇساپىرچىلىققا ۋە چىدىغۇسىز پېقىرچىلىققا دەۋەت قىلىۋاتقان سىرلىق مۇجاھىد، ساختا قەھرىمان ۋە ساۋاتسىز موللىلارغا ئەسلا ئېھتىياجى يوقتۇر.
چۈنكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ يالىڭاچلىشىشنى مەدەنىيەت، ھاياسىزلىقنى مەرىپەت، كىتاب ئوقۇيالىغانلىقىنى ئىلىم، تەرجىمە قىلالىغانلىقىنى بىلىم، دىنسىزلىقنى تەرەققىي قىلغانلىق، ئەخلاقسىزلىقنى زامانىۋىيلاشقانلىق، سېكولارىزمنى سىياسەت، دورامچىلىقنى سانائەت دەپ ھېسابلايدىغان ئەقلى چولتا نائەھلىللەرگە ئەسلا ئېھتىياجى يوق.
شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى:
ئىلىم تەلەپ قىلىش، ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىلارغا ياردەم قىلىش ھازىرقى مەسلىلىرىمىزنى توغرا تەھلىل قىلىشىمىزنىڭ ۋە ئىللەتلىرىمىزگە توغرا دىياگنوز قويۇپ كېرەكلىك دورىلارنى تەييارلاپ داۋالىشىمىزنىڭ ئەڭ ئالدىنقى شەرتلىرىدىندۇر.
بۇ شەرتلەر لايىق رەۋىشتە ئورۇندالسا دىنىي ئەخلاقلارنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرگەن ۋە رىقابەت ساھەسىدە ئۆزىنى ئىپادىلەپ تۇرالايدىغان ھۈنەرۋەن، سەنئەتكارلار، مىللەتنى مۇنقەرز بولۇپ كېتىشتىن قۇتۇلۇپ قېلىش يولىغا باشلىيالايدىغان سىياسىي داھىيلار، كەشىپ ۋە ئىجادىيەت ساھەسىدە ئالەمشۇمۇل ئىشلارنى قىلالايدىغان زىيالىيلار، قۇرئان-ھەدىستىن بىۋاسىتە ھۆكۈم ئېلىپ مىللەتنى دىنى جەھەتتىن توغرا يولغا باشلاپ ماڭالايدىغان ئۆلىمالار يېتىشىپ چىقىدۇ.
نەتىجىدە مىللىتىمىز «ئىستېمالچى» لىق چۇقۇرىدىن «ئىشلەپچىقارغۇچى» لىق زېمىنىغا چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ «ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا يېقىن» دېگەن ۋەدىسى ئەمەلگە ئاشىدۇ. نەتىجىدە دۇنيالىق جەھەتتە بەختلىك بىر تۇرمۇشقا ئېرىشسەك، دىنى جەھەتتە سىراتىل مۇستەقىم ئۈستىدە ئۇدۇل ماڭالايدىغان ھالەتكە كېلىمىز.
2- شەخسىيەتچىلىك
1981-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن گېرمانىيەلىك يەھۇدىي ئەلىياس كانېتى پۈتۈن ھاياتىدىكى ئىجادىي ئىزدىنىشلىرىنىڭ يىغىندىسى قىلىپ يېزىپ چىققان ئەسىرى «مىللەت ۋە ھوقۇق» دېگەن كىتابىدا ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئالدىنقى شەرتلىرىنى بەشكە يىغىنچاقلاپ چىقىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ بەشىنچىسىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:
«ھەرقانداق مىللەتنى مىللەت قىلغان نەرسە شۇ مىللەتنىڭ ھەر ئەزاسىنىڭ ئومۇمنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن تۇتۇش پىسخىيكىسىدۇر، بۇ ھالەت تەبىئىي بىر شەكىلدە داۋاملاشقان مۇددەتچە ئۇلار مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالايلايدۇ».
بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا ھەرقانداق مىللەت ئۆزىنىڭ ئۇ پىسخىكىسىنى يەنى چۈشەنچىسىدە، سۆزىدە ۋە ھەرىكىتىدە ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىنى ئۆز مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن تۇتۇشتىن ئىبارەت تەبىئىي ھالىتىنى ئالىي غايە ۋە يۈكسەك نىشان قىلسىلا ئۇ مىللەتنىڭ تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلمايدۇ، يەنى ئۇلارنىڭ مىللەت سۈپىتىدىكى مەۋجۇتلۇقى شەخسىيەتچىلىك سۈپىتىدىكى ۋەيرانچىلىق بىلەن ئورۇن ئالماشتۇرمايدۇ.
بۈگۈنكى بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق، بىزدە ئاللاھ ياراتقان بۇ تەڭپۇڭلۇق ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان: شەخسىي غەرەز ۋە شەخسىي مەنپەئەت كۆزقارىشى مىللەتنىڭ ئورتاق نىشانىدىن ھامان ئۈستۈندە تۇرۇپ كەلگەن. مەسىلەن:
ئارىمىزدا توي قىلىش يېشىغا يەتكەن بولسىمۇ پۇل يوقلۇقتىن توي قىلالماي يېشى چوڭىيىپ كەتكەن قىز-يىگىتلىرىمىز شۇنچە تۇرۇقلۇق، بايلىرىمىزنىڭ تولىسى پەقەت قۇرۇق ھەۋىسى يۈزىسىدنلا ئۆيلىرىنى، ماشىنىلىرىنى ھەتتا خوتۇنىنى يېڭىلاشنىڭ كويىدا.
ئوقۇش يېشىدىكى پەرزەنتلىرىمىز، تولۇقسىز ۋە تولۇققا چىققان ئۆسمۈرلىرىمىز، ئۇنىۋېرسىتېت ئىمتىھانلىرىغا كىرىپ ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن شۇنداقلا ئالىي مەكتەپلەردىن چاقىرىق كەلگەن ئىستۇدېنتلىرىمىز پۇلى يوقلىقىدىن مەكتەپلەرگە بارالمايۋاتقان، ئۇنىۋېرسىتېتلارغا يەرلىشەلمەيۋاتقان، بىزنىڭ پۇللىرىمىز ئەيش-ئىشرەت ۋە كەيپ-ساپالارغا ئېقىۋاتقان.
ئەگەر ئۇ مال-دۇنيالار مەكتەپ-مەدرىسە سېلىش، ئۇستاز يېتىشتۈرۈش، زاۋۇت-كارخانا قۇرۇش ۋە ئۇستا يېتىشتۈرۈش قاتارلىق يوللارغا خەجلەنگەن بولسا ئىدى، مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇتلۇقىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر قەدەم ئېلىنغان بولاتتى.
ئەپسۇسكى، ئۇ پۇللار شەخسىي غەرەزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، نەپسانىي ھەۋەسنى قاندۇرۇش ئۈچۈن خەجلەنگەننىڭ سىرتىدا، بايلىقىمىزنى كۆز-كۆز قىلىش يولىدا رېستورانلاردا، توي-تۆكۈنلەردە، ئويۇن-تاماشالاردا ۋە ئولتۇرۇشلاردا ئىسراپ قىلىنغانماقتا.
نۇرغۇنلىغان ئوقۇش يېشىدىكى بالىلىرىمىز پۇل يوقلىقىدىن كوچىلاردا ئويۇن-تاماشا بىلەن، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇشى كېرەك بولغان ئۆسمۈرلىرىمىز ۋاڭبا ۋە دىبالاردا ئالتۇن ۋاقىتلىرىنى نابۇت قىلىش بىلەن، ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇشى ياكى بىرەر فابرىكىدا ئىشلەپ ئۆز تۇرمۇشىنى ئۆزى قامدىشى كېرەك بولغان قېرىنداشلىرىمىز كوچا-يوللاردا تېڭىرقاپ يۈرۈش بىلەن مەشغۇل بولماقتا.
يېتەرلىك ئىلىم ۋە كېرەكلىك غەيرەت بىلەن بىرلەشمىگەن خالىس نىيەت ھېچنېمىگە ئەسقاتمىدى. ھەتتا زىيانلىق بولۇۋاتىدۇ. مەسىلەن:
نۇرغۇنلىغان ئاق كۆڭۈل قېرىنداشلىرىمىز چالا-چالپاق ئىلىم بىلەن يولغا چىقىپ توغرا ئىشنى خاتا زاماندا ياكى خاتا ماكاندا قىلىپ قويغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا «چاشقان تۆشۈكى ساراي، قۇمچاق تۆشۈكى ھەرەمخانا» بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.
نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئائىلىۋى جەھەتتىن ۋەيران بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، ئۆزلىرىنىڭ روھى ۋە جىسمانىي جەھەتتىن تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئەزىيەتلەرگە مۇپتىلا بولۇۋاتىدۇ، ئۆزلىرى ھايات تۇرۇپ خوتۇنلىرىنىڭ تۇل، بالىلىرىنىڭ يېتىم بولۇپ كېتىۋاتىدۇ…
بۇلارنىڭ ئاساسلىق ئامىلى خالىس نىيەتنىڭ يېتەرلىك ئىلىم ۋە كېرەكلىك غەيرەت بىلەن بىرلەشمىگەنلىكىنىڭ تەبىئىي نەتىجىسىدۇر. پۈتۈن بۇلارنىڭ ئاساسى سەۋەبى شەخسىيەتچىلىكىمىزدۇر. مىللىتىمىزنىڭ ھەر ئەزاسىنىڭ كاللىسىدا ئىلىم-مەرىپەت نۇرىنىڭ يېنىشى ئۈچۈن ئىقتىسادى جەھەتتىن پىداكارلىك قىلماسلىقىمىزدۇر.
شەخسىيەتچىلىكتە، ناكەسلىكتە شۇ دەرىجىگە باردۇقكى، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ھەر ساھەدە ئىلىم تەھسىل قىلىشقا تىرىشىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا يامان كۆز بىلەن قارىدۇق. ئۇلارغا ياردەم قولىمىزنى ئەمەس، يامان تىلىمىزنى ئۇزاتتۇق. نەدىن كەلدۇق، نېمىشقا كەلدۇق، نەگە نېمە بىلەن قانداق بارماقچىدۇق، نەگە كېتىۋاتىمىز… بۇ توغرۇلۇق ئويلىنىشقا ۋاقتىمىز چىقمايۋاتىدۇ. «ئەتىكى دۈمبىدىن بۈگۈنكى ئۆپكە ياخشى» دېگەن خاتا مەنتىقە بويىچە ئۆزىمىزنىڭ كۈنىمىز بىزچە ياخشى ئۆتسە يېتەرلىك دەپ چۈشەندۇق. ئۆتمۈشىمىزدىن ساۋاق ئېلىپ كەلگۈسىمىز ئۈچۈن توغرا قەدەم ئېلىش ئۇخلىغاندا چۈشىمىزگىمۇ كىرمەيدىغان بولۇپ كەتتى.
ئىشنىڭ ئېچىنىشلىق تەرىپى شۇكى، ئارىمىزدا 50 يىلدىن بۇرۇنقى ئۆتمۈشىمىزنى بىلىدىغانلار يوق دېيەرلىك. كىتاب ئوقۇش، تېلېۋىزوردىن پايدىلىق پىروگراممىلارنى ئىزدەش، ئىنتېرنېت دۇنياسىدىكى ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ مىللىتىمىزنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن لازىملىق مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇش شەخسىي ئارزۇلىرىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا بىر ئىشقا يارىمانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى قىلمىدۇق. ھاياتىمىزدىن كىتاب دېگەن نەرسە يىراقلاشتۇرۇلدى.
ھەممىمىزگە مەلۇمكى، «ھېيت قۇربانلىقسىز بولمايدۇ». شۇڭا ھەربىرىمىز بۇنىڭدىن كېيىن بىر مىللەت سۈپىتىدە ياشاشقا ئاساس سېلىش ئۈچۈن شەخسىي مەنپەئەتىمىزنى مىللىي مەنپەئەتىمىزگە قۇربان قىلىشىمىز شەرت. بۇ شەرتنى ئورۇندىغان ۋاقتىمىزدا بىزنىڭمۇ دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدا بىر «مىللىي بايرىمىمىز» بولغان بولىدۇ.
بىز مىللەت بولۇپ قۇربان بەرمىدۇق، شۇڭا بىزنىڭ مىللىي بايرىمىمىز يوق. مىللىي بايرام قىلىش يارىتىلىشتا ئىنسانلارنىڭ خاراكتېرىغا سىڭدۈرۈلگەن تەبىئىي بىر ئېھتىياج بولغاچقا بىز بۇ ئېھتىياجىمىزنى باشقىلاردىن بايرام «ئىمپورت» قىلىش بىلەن قامداشقا تىرىشۋاتىمىز. بىزدىكى ئىككى دىنى بايرامدىن باشقا پۈتكۈل بايراملار ئەسلىدە باشقىلارنىڭ بايراملىرى بولۇپ، بىز ئۇلارنى يۈزىمىز قىزارماستىن ئۆتكۈزۈۋاتىمىز.  
دېمەك، بۇ يەردىكى شەخسىيەتچىلىكىمىزگە يۇقىرىدىكى ئۆگەنمەسلىكىمىز قوشۇلۇپ بىزنى شۇ ھالەتكە ئېلىپ كەلدىكى، بىز ئۆزىمىزنىڭ تارىخىي ئەنئەنىلىرىمىزنى، مىللىي ئۆرۈپ-ئادەتلىرىمىزنى ئۆگىنىپ ئۇلارنى كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزغا مىراس قالدۇرۇش ئۇياقتا تۇرسۇن باشقا مىللەتلەرنىڭ دىنىي بايراملىرىنى مىللىي بايرىمىمىز دەپ تونۇشتىن ۋە بۇنى ئەۋلادلىرىمىزغا سۆزلەشتىن يۈزىمىز قىزارمايدىغان دەرىجىدە قېلىنلاشتۇق.
شەخسىيەتچىلىكىمىز بىزنىڭ بۇ كۈنلەرگە قانداق كەلگەنلىكىمىزنى بىلىشكە، ئەجدادىمىزنىڭ ماڭغان يوللىرىدا بىرلىكتە مېڭىشقا ۋە ئۇلارنىڭ ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا توسالغۇ بولدى. نەتىجىدە ئۇلار سالغان مەنىۋى بىنالار يىقىلىپ كەتتى ياكى ئولتۇرغىلى ئادەم بولمىغانلىقىدىن توپا بېسىپ ئىچىنى چاشقانلار ۋە باشقا ھاشاراتلار بېسىپ كەتتى.  بارا- بارا مىللەت بولۇش ئالاھىدىلىكلىرىمىز بىر-بىرلەپ يوق بولۇپ قەبىلىۋازلىقتىن مەھەللىۋازلىققا تۆۋەنلىدۇق. ئون يىل بۇرۇن ئارىمىزدا خوتەنلىك، قەشقەرلىك دەپ تىللىشىدىغان بولساق بۈگۈنكى كۈنلەردە گۇمىلىق، قاراقاشلىق دەپ تىللىشىدىغان بولدۇق.
ھەتتا شۇ دەرىجىدە تۆۋەنلىدۇقكى، سەن ئا شۆدۈيلۈك مەن ب شودۈيلۈك دەپ تىللىشىدىغان بولدۇق. شۇنىڭ بىلەن كۈن ئۆتكەنسېرى بىزنىڭ زىيىنىمىز ئېغىرلاشتى، باشقىلارنىڭ پايدىسى كۆپەيدى.
بىزنىڭ شەخسىيەتلىچىلىكىمىز بىزنى زۇلۇمغا ئۇ قەدەر كۆندۈرۋەتتىكى، ئۆزىمىزنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي، دىنىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي جەھەتتىكى ئەركىنلىكلەرنى ئەسلىيەلمەيدىغان بولۇپ كەتتۇق. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بۈگۈن يېنىمىزدىكى قوشنىمىزنى چېقىۋاتقان يىلاننىڭ ئەتە بىزنى چاقىدىغانلىقىنى چۈشىنىشتىن ئاجىز كەلدۇق. ئەتىگە خېلى بار، ئۇنىڭغىچە كىم بار كىم يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىرقى ھۇزۇرىمىزنى قاچۇرمايلى دېگەن چۈشەنچە بىلەن ياشاۋاتىمىز.
خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، رەببىمىز ئاللاھ قۇرئاندا بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزئارا قېرىنداش ئىكەنلىكىمىزنى ئۇقتۇرغان ۋە نۇرغۇن ئايەتلىرىدە بىر مۇسۇلمان مىللىتى بولۇشىمىز بىلەن بىر- بىرىمىزگە قانداق ياردەمدە بولىشىمىز، بىر- بىرىمىزگە نېمىلەرنى تەۋسىيە قىلىشىمىز بىر- بىرىمىزنى نېمىگە چاقىرىشىمىزنىڭ كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن، ئۆزى ئاتا قىلغان مال-دۇنيالارنى قايسى يوللارغا قانداق ئىشلىتىشىمىزنى بىزگە ئۆگەتكەن تۇرۇپ، يەنە كېلىپ بىز ئۆزىمىزنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمىزنى داۋا قىلىۋاتقان ئىنسانلار تۇرۇپ، ئاللاھ تەئالانىڭ ئەنە شۇ ئەمىر-پەرمانلىرىغا بويسۇنمىدۇق، ۋەز-نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سالمىدۇق، قۇرئاندا زىكىر قىلىنغان بۇرۇنقى ئۈممەت قىسسىلىرىدىن ھېچ ئىبرەت ئالمىدۇق. نەتىجىدە ئاللاھ تەئالا بىزگە ئىسىم ۋە فامىلىمىزگە ئەمەس، ئېتىقاد ۋە ئەمىلىمىزگە قارىتا مۇئامىلە قىلىپ، بىزنى ھازىرقى كۈنىمىزگە مەھكۇم قىلدى. ئاللاھ تەئالا بىزگە زۇلۇم قىلمىدى، لېكىن بىز شەخسىيەتچىلىك قىلىش بىلەن ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق.
  3 تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇش
يۇقىرىدىكى ئىككى كېسەللىكىمىز تۈپەيلىدىن يەنى ئۆگەنمەسلىكىمىز ۋە شەخسىيەتچىلىكىمىز سەۋەبىدىن فىترىتىمىز (تەبىئىتىمىز) نىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىز نەرسىلەرنى خاتا كۆرۈدىغان، خاتا ئاڭلايدىغان، خاتا تەسەۋۋۇر قىلىدىغان بولۇپ قالدۇق. بۇنىڭغا ئەگىشىپ تىلىمىز ھەقنى سۆزلىمەيدىغان، قۇلىقىمىز ھەقنى ئاڭلىمايدىغان، دىلىمىز ھەقنى قوبۇل قىلمايدىغان ۋە پۇت-قول ئەزالىرىمىز ھەقنى ئىجرا قىلمايدىغان بولدى.
شۇنىڭ بىلەن بىز ھەقنى كۆرگەنلىكىمىزنى ھەقنى كۆزلىگەنلىكىمىز دەپ ئويلايدىغان، ھەقىقەتنى چۈشەنگەنلىكىمىزنى ھەقىقەتكە ئىشەنگەنلىكىمىز دەپ قارايدىغان، ھەققانىيەتنى تونۇغانلىقىمىزنى ھەققانىيەتتە تۇرغانلىقىمىز دەپ بىلىدىغان، مۇسۇلماننىڭ بالىسى بولغانلىقىمىزنى مۇسۇلمان بولغانلىقىمىز دەپ ھېسابلايدىغان بولۇپ قالدۇق.
بۇ كېسەللىك ھەممىمىزگە يۇقۇپ پۈتۈن ئەزالىرىمىزنى ئورىۋالغانلىقى ئۈچۈن ھەر بىرىمىزدىكى بۇ شەخسىي تەڭپۇڭسىزلىق ئىجتىمائىي تەڭپۇڭسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن ئىجتىمائىي مەنپەئەتلىرىمىز توغرۇلۇق بىر مىللەت سۈپىتىدە ئوخشاش نەرسە توغرۇلۇق پىكىر يۈرگۈزۈش، ئورتاق مەنپەئەت ھەققىدە كاللا قاتۇرۇش، بىر يولغا كىرىپ ئەينى نىشانغا قاراپ ئالغا ئىلگىرىلەش… قاتارلىق ئالىي خىسلەتلەر بىزدە قالمىدى. ئارىمىزدىكى ئىسلامىي قېرىنداشلىق، ئىمانىي بىرلىك، ئېتىقادىي دوستلۇق ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىق… قاتارلىق دىنى ماۋزۇلاردىن سۆز ئېچىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئارىمىزدا ئىنسانىي ئەخلاق، ئىنسانىي ئەدەپ، ئىنسانىي مۇئامىلە… قاتارلىق ئىنسانىي ئالاھىدىلىكلەردىن ھېچبىرى تېپىلمايدىغان بولۇپ كەتتى.
بۇ ساھەدە شۇ دەرىجىگە يۈكسەلدۇقكى، بىر-بىرىمىزنىڭ ھەققىنى يەۋېلىش، ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىش، نومۇسىغا تېگىش، ئىناۋىتىگە چېقىلىش، ئېتىبارىغا تەنە قىلىش ۋە شان-شەرىپىگە داغ تەگكۈزۈش ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالدى. قاندىشىمىزغا، قېرىندىشىمىزغا، دىندىشىمىزغا، يۇرتدىشىمىزغا ياخشىلىق قىلىشىمىز زىممىمىزگە يۈكلەنگەن ئىسلامىي بىر پەرز، ئىنسانىي بىر قەرز تۇرۇقلۇق بىز بىر-بىرىمىزگە يامانلىق قىلدۇق. بىر-بىرىمىزگە ياردەم قىلىش دىنى بىر ۋەزىپە، مىللىي بىر بۇرچ تۇرۇقلۇق بىر-بىرىمىزگە ئورا كولىدۇق. بىر-بىرىمىزنىڭ پايدىسىغا چىدىمىدۇق، زىيىنىغا سۆيۈندۇق. بىر-بىرىمىزنىڭ مۇسىبىتىگە خۇشتار، پايدىسىغا مۇسىبەتدار بولدۇق. بىر-بىرىمىزنىڭ ئۆلۈمىگە كۈلدۇق، تويىغا يىغلىدۇق.
كېيىنكى زامانلاردا خەلقىمىزنىڭ ئارىسىدا «ياخشىلىق قىلمىسىمۇ يامانلىق قىلمىسىلا بولاتتى، بېشىمغا كۈن چۈشكەندە مېنىڭ يېنىمدا تۇرۇپ يىغلىشىپ بەرمىسىمۇ، دۈشمىنىمنىڭ يېنىدا تۇرۇپ كۈلۈشۈپ بەرمىسىلا بولاتتى…» دېگەندەك سۆزلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئەنە شۇ سۆزلىرىمىزنى توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
شەخسىي بولسۇن ئىجتىمائىي بولسۇن ھەر  بىر كېسەللىك بىر تەڭپۇڭسىزلىقتۇر. ھەر تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ نەتىجىسى بىر مەھرۇملۇقتۇر. تەبىئەتتىكى پۈتۈن تەڭپۇڭلۇقلار ئاللاھ تەئالا تەرىپىدىن ئورنىتىلغان. ئاللاھ تەئالا نۇرغۇن ئايەتلىرىدە بىزنىڭ ئۇ تەڭپۇڭلۇقلارغا قاراپ ئۈگۈت ئېلىشىمىزنىڭ ۋە ئۇنى بۇزماستىن داۋاملاشتۇرىشىمىزنىڭ ئەڭ ياخشى بىر ھالەتتە ياشىشىمىزنىڭ شەرتى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.
 بىر تال تاشنى ئاتقىنىمىزدا ھامان يەرگە يېنىپ چۈشىدۇ. ئۇ تاش ھاۋاغا ئۆرلەپ كېتىش ياكى قالايمىقان ئۇچۇپ يۈرۈش ئارقىلىق ھېچبىر كىشىگە ۋە ھېچبىر نەرسىگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ. تەبىئەتتىكى ھەر نەرسىدە  مۇشۇنداق تەڭپۇڭلۇق بار. ئۇ تەڭپۇڭلۇقلار بۇزۇلسا يەر يۈزىدە ھاياتلىق قالمايدۇ.
خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئاللاھ تەئالا بىزنىڭ ئىچكى دۇنيايىمىزدىمۇ، تاشقى دۇنيايىمىزدىمۇ بىر تەڭپۇڭلۇق ئورناتقان. ھەقنى سۆيۈش، ھەقكە ئىنتىلىش، ھەقىقەتنى غايە قىلىش، ھەقىقەتنى كۆزلەش ئاللاھ تەئالا بىزنىڭ ئىچكى دۇنيايىمىزدا ئورناتقان تەڭپۇڭلۇق بولسا، ئاللاھنىڭ بىزدىكى نېمەتلىرىنى يەنى ئىلكىمىزدىكى ھەر نەرسىمىزنى ئاللاھ رازى بولىدىغان شەكىلدە ئىشلىتىشىمىز ئاللاھ بىزنىڭ تاشقى دۇنيايىمىزدا ئورناتقان بىر تەڭپۇڭلۇقىدۇر. بۇ تەڭپۇڭلۇقلار بىزدە ئەينەن ساقلانغان مۇددەتتە بىزدە ھاياتلىق تولۇق مەنىسى بىلەن تېپىلىدۇ. ناۋادا بىز بۇ تەڭپۇڭلۇقلارنى بۇزۇپ قويساق بىزدىكى ھاياتلىققا دەخلى يەتكەن بولىدۇ، شۇنداقلا كېسەل بولغان بولىمىز. يەنى ئەگەر بىز ئاللاھ بىزدە ئورناتقان ئىچكى ۋە تاشقى تەڭپۇڭلۇقلارنى بۇزۇپ قويساق، ئاللاھنىڭ نېمىتىدىن مەھرۇم قېلىپ ئازابىغا دۇچار بولىمىز. ھالاك قىلىنغانلارنىڭ قۇرئاندىكى قىسسىلىرىگە قارايدىغان بولساق، ھەممىسىنىڭ ئاللاھ ياراتقان ئۇ تەڭپۇڭلۇقلارنى بۇزۇش بىلەن ھالاك بولغانلىقىنى ئاشكارا كۆرىمىز.
ئەھۋالىمىزغا قارايدىغان بولساق ئېنىق كۆرىمىزكى، بىزدە ئاللاھ ئىچكى دۇنيايىمىزدا ئورناتقان تەڭپۇڭلۇق ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان. بۇ تاشقى دۇنيايىمىزدىكى تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلۇشىغا يول ئاچقان. نەتىجىدە ئىچكى دۇنيايىمىزدىكى روھسىزلىق، ئىشەنچىسىزلىك، ئىرادىسىزلىك، ۋىجدانسىزلىق، ھەسەتخورلۇق قاتارلىقلاردىن ئىبارەت تەڭپۇسىزلىق، تاشقى دۇنيايىمىزدىكى پاسىقلىق، مۇناپىقلىق ۋە ئاسىيلىق قاتارلىق تەڭپۇڭسىزلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ بىزگە ئاللاھنىڭ نېمىتىدىن مەھرۇم قېلىش جازاسىنى كەلتۈرگەن. ئاللاھ بىزگە زۇلۇم قىلمىدى، لېكىن بىز ئاللاھ ئىچىمىزدە ۋە تېشىمىزدا ئورناتقان تەڭپۇڭلۇقلارنى بۇزۇش بىلەن ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق.
چارىلەر (دورىلار)
ھايات چەكلىك، ئارزۇ-ئارمانلار چەكسىز. چەكلىك ھاياتتا چەكسىز ئارزۇ-ئارمانلارغا يېتىشنىڭ بىرلا يولى بار. ئۇ بولسا شۇ ئارزۇ-ئامانلارغا يېتىش غايىسى بىلەن، شۇ ئارزۇ-ئارمانلارغا يېتىش يولىدا توختاپ قالماي مېڭىشتىن ئىبارەت. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا بىز غايىمىزنى ئاللىقاچان ئۆزگەرتتۇق، يولىمىزدا مېڭىشتىن ئاللىبۇرۇن توختىدۇق، ھەتتا يولىمىزدىن ئاداشتۇق. ئەمدىكى مەسىلە غايىمىزنى تونۇش، يولىمىزنى تېپىش ۋە يولىمىزدا مېڭىشتىن ئىبارەت. لېكىن بىز غايىمىزنى ۋە يولىمىزنى تونۇش ئۈچۈن ساق ئەمەس، كېسەلدۇرمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ساقىيىشىمىز كېرەك. ساقىيىشىمىز ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ كېسەل ئىكەنلىكىمىزگە ئىشىنىشىمىز، دوختۇرغا رېتسېپ يازدۇرۇشىمىز ۋە رېتسېپ بويىچە داۋالىنىشىمىز شەرت.
يۇقىرىدا كېسەللىكلىرىمىزگە توغرا دىياگنوز قويۇشقا ۋە توغرا رېتسېپ يېزىشقا تىرىشتۇق. شۇنداقتىمۇ «ئەتتەكرارۇ ئەھسەن، ۋەلەۋكانە سەكسەن (سەكسەن قېتىم بولسىمۇ تەكرارلىماق بەك ياخشى ئىشتۇر)» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزنىڭ تەقەززاسى بويىچە بىز ماقالىمىزنىڭ بۇ بۆلۈمىدە ئۇ كېسەللىكلەرنىڭ دورىلىرىنى، داۋالىنىش جەريانىدا تۇتۇشقا تېگىشلىك پەرھىزلەرنى ۋە ساقىيىپ بولغاندىن كېيىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى بىرئاز تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشىمىز.  
1- دورا ئۆگىنىش
جاھىللىق كېسىلىمىزدىن ساقىيىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ كېسەل ئىكەنلىكىمىزگە ئىشىنىمىز كېرەك، ئاندىن داۋالىنىش ئۈچۈن كېسەلنىڭ ئۆز دورىسىنى ئىستېمال قىلىشىمىز لازىم. جاھىللىقنىڭ دورىسى ئۆگىنىش، ئىزدىنىش، تىرىشىش ۋە غەيرەت قىلىشتۇر. بۇ ئەر-ئايال، چوڭ-كىچىك، قېرى-ياش ھەممەيلەن ئۈچۈن مۇھىم. ئالدى بىلەن بۇنى بىلىشىمىز كېرەك، ئاندىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى ئىزدىشىمىز كېرەك. بۇ سوئالنىڭ جاۋاب شۇنىڭدىن ئىبارەت: ھەممىمىز ھەر نەرسىنى ئۆگىنىمىز. چۈنكى ئاللاھ تەئالا تۇنجى نازىل قىلغان ئايەتلىرىدە مۇنداق دەيدۇ:
«ياراتقان رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇ! ئۇ ئىنساننى يېپىشقاق بىر قاندىن ياراتتى. ئوقۇ! رەببىڭ ئەڭ سېخىيدۇر. ئۇ شۇنداق زاتكى، قەلەم بىلەن ئۆگەتتى، ئىنسانغا ئۇنىڭ بىلمىگىنىنى ئۆگەتتى»- ئەلەق 96/1-5.
ئاللاھ تەئالا بىرىنچى ئايەتتە بىزنى ئۆزىنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇشقا بۇيرۇيدۇ، ئاندىن ئۆزىنىڭ رەب ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ شۇنى كۆرسىتىدۇكى:
بىز ئوقۇغان چېغىمىزدا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلغان ھالدا ئوقۇشىمىز، ھەر ئوقۇشىمىزدا ئاللاھدىن ياردەم تىلىشىمىز، ئۇنىڭغا تايىنىشىمىز، ئۇنىڭغا تېۋىنىشىمىز، ئوقۇش، ئۆگىنىش ۋە ئىجرا قىلىشتا پەقەت ئۇنىڭ رىزاسىنىلا كۆزلىشىمىز، شۇنداقلا سۆز- ھەرىكەتلىرىمىزنى بۇنىڭغا قارىتا سادىر قىلىشىمىز لازىم.
شۇنىڭدەك، ھەر ئوقۇشىمىزدا ئاللاھ تەئالانىڭ كائىناتنى يوقتىن ياراتقان، ئۆزىنىڭ ھەر مەخلۇقىنى لازىملىق نەرسە بىلەن تەمىنلەۋاتقان، پۈتكۈل مەخلۇقات ۋە بارلىق مەۋجۇداتنى ھاكىمىيىتى ئاستىدا تۇتۇۋاتقان زات ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ تۇرشىمىز لازىم.
ئاللاھ تەئالانىڭ بىرىنچى ئايەتتە ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىلىق سۈپىتىنى، ئىككىنچى ئايەتتە ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى دالالەت قىلىدۇكى:
ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئىككى تۈرلۈكتۇر: بىرى ياراتقان ئايەتلىرى (ئاياتى كەۋنىيە)، يەنە بىرى نازىل قىلغان ئايەتلىرى (ئاياتى مۇنەززەلە). دېمەككى ئاللاھ تەئالا بۇ ئىككى ئايىتىدە ئالدى بىلەن پەيغەمبىرىمىزنى ئاندىن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەر ئۇممىتىنى ئۆزىنىڭ ياراتقان ئايەتلىرىنى ۋە نازىل قىلغان ئايەتلىرىنى ئوقۇشقا بۇيرۇغان. ئۇ ھالدا ئاللاھ تەئالانىڭ يۇقىرىدىكى بەش ئايىتىنىڭ تەپسىرى مۇنداق بولىدۇ:
«ئى مۇھەممەد! ئى مۇئىمىن! مەن ھازىر نازىل قىلىشقا باشلىغان قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇ، قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ مەنىلىرىنى ئۆگەن! شۇنىڭدەك، مەن تەبىئەتتە ياراتقان ئايەتلەرنى ئوقۇ، ئۇلارنىڭ سىرلىرىنى ئۆگەن!».
ئاللاھ تەئالانىڭ قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇپ، ئۇلارنىڭ مەنىلىرىنى ئۆگىنىشكە ئەمىر قىلىشى، ھەر بىرىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ مۇسۇلمانلىقىمىزنى تەلەپكە لايىق ئادا قىلغۇدەك دەرىجىدە قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىنىشكە ۋە ئۇنىڭ مەنىلىرىنى بىلىشكە ئەمىر قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ خىل ئوقۇش كۈنىمىز تىلىدا ئىلاھىيات ئوقۇش دەپ ئاتىلىدۇ. يەنى ئاللاھ تەئالا پەيغەمبىرىمىزگە دەسلەپتە نازىل قىلغان ئايەتلىرىدە بىزنى تەجۋىد، تەپسىر، ئەقىدە، ئىبادەت، ئەخلاق، قائىدە-يوسۇن ۋە ئۆلچەملەرنى قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىدىن ئوقۇپ ئۆگىنىشكە بۇيرۇغان. بۈگۈنكى تەجۋىد، تەپسىر، ھەدىس، فىقىھ، ئەخلاق، ئاقائىد ۋە دىنلەر تارىخى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىلىملەر ئەسلىدە ئەنە شۇ ئىلىملەردۇر. ئاللاھ تەئالا ئۇ ئىلىملەرنى ئوقۇشقا بۇيرۇش بىلەن ئۇ ئىلىملەرنى ئۆگىنىشكە ۋاسىتە بولىدىغان مورفولۇگىيە، سىنتاكسىس ۋە سىتىلىستىكا ئىلىملەرنى ئوقۇشقىمۇ ئەمىر قىلغان بولىدۇ.  
ئاللاھ تەئالانىڭ تەبىئەت ئايەتلىرىنى ئوقۇپ، ئۇلارنىڭ سىرلىرىنى ئۆگىنىشكە ئەمىر قىلىشى، ھەر بىرىمىزنى ئۆزىمىزدىن باشلاپ ئەتراپىمىزدىكى تەبىئەت (مەخلۇقات)نىڭ ماھىيەتلىرىنى ۋە ئالاھىدىلىكلىرىنى ئوقۇپ ئۆگىنىشكە ئەمىر قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ خىل ئىلىمنى ئوقۇش كۈنىمىز تىلىدا تەبىئىي پەن ئوقۇش دەپ ئاتىلىدۇ. يەنى ئاللاھ تەئالا دەسلەپتە نازىل قىلغان ئايەتلىرىدە بىزنى فىزىكا، خىمىيە، زوئولوگىيە، بوتانىكا، مىنېرالوگىيە، فىزىيولوگىيە ۋە ماتېماتىكا قاتارلىق ئىلىملەرنى ئوقۇشقا ئەمىر قىلغان.
ئاللاھ تەئالا ئۈچىنچى ئايەتتە «ئوقۇ!» دېگەن ئەمرىنى تەكرارلىغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ «ئەڭ سېخي» ئىكەنلىكىنى، بايان قىلىدۇ. بۇ ئاللاھ تەئالانىڭ تەبىئەتتىكى بارلىق نەرسىلەرنى يارىتىپ ئىنسانىيەتنىڭ خىزمىتىگە سۇنغانلىقىنى، ھەر كىشىنىىڭ ئۇلاردىن پايدىلىنىش ئۇسۇللىرىنى ۋە ئۇلاردىن ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىدىغان نەرسىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش يوللىرىنى ئۆگنىشىنىڭ لازىملىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
ئاللاھ تەئالا تۆتىنچى ئايەتتە قەلەم بىلەن ئۆگەتكۈچى ئىكەنلىكىنى، بەشىنچى ئايەتتە ئۆزىنىڭ قەلەم بىلەن ئىنسانغا ئىنساننىڭ بىلمىگىنىنى ئۆگەتكۈچى بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ ئاللاھ تەئالانىڭ ئىنسانغا يۇقىرىدىكى ئىلىملەرنى ئوقۇشىنى تەكىتلىگەنلىكىنى ۋە ئىنساننى قەلەم بىلەن ئۆگىنىلىدىغان بارلىق ئىلىم، پۈتكۈل پەن ۋە جىمى ھۈنەرلەرنى ئۆگىنىشكە ئەمىر قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ خىل ئىلىمنى ئوقۇش كۈنىمىز تىلىدا ئىجتىمائىي پەن ئوقۇش دەپ ئاتىلىدۇ. يەنى ئاللاھ تەئالا بىزنى تۇنجى نازىل قىلغان ئايەتلىرىدە سەنئەت، سىياسەت، ئىقتىساد، ئېستېتىكا، پىسخولوگىيە، تىل، ئېتىكا قاتارلىق ئىلىملەرنى ئوقۇشقا بۇيرۇغان.
(ئەسكەرتىش: ئايەتتىكى قەلەم كۈنىمىزدىكى خەت يېزىش ۋە شەكىل سىزش ئەسۋابلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن: قەلەم، ماشىنكا، كومپيۇتېر ۋەھاكازا قاتارلىق خەت يېزىش ۋە شەكىل سىزىش ئەسۋابلىرىنىڭ ھەممىسى قەلەم ھېسابلىنىدۇ).
ئاللاھ تەئالا باشقا بىر ئايىتىدە بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلارنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار ئوخشاش بولامدۇ؟»- زۇمەر 39/9.
ئەسلا ئوخشاش بولمايدۇ.
مۇسۇلمان شائىرىمىز ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بىر شېئىرىدا:
«ئىلىم- پەنگە يۈرۈش قىلغان ئۇچار كۆكتە-ئۈزەر سۇدا، مىنىشكە قوتۇر ئېشەك يوق، پىيادە قالغانىمىز باردۇر» دەپ ئېيتقاندەك بىلگەنلەر ھاۋادا ئۇچۇۋاتىدۇ، بىلمىگەنلەر پىيادە مېڭىۋاتىدۇ. بىلگەن دېھقان ۋە باغۋەنلەر ئاسان تېرىپ، ئوڭاي سۇغۇرۇپ، تېز ئۆستۈرۈپ، چاپسان تىرىپ، ئىتتىك يىغىپ، ئاز ئەمگەك بىلەن كۆپ ھوسۇل ئېلىپ، پەيتنى چىڭ تۇتۇپ باي بولۇۋاتىدۇ. بىلمىگەنلەر كۆپ ئىش قىلىپ، ئېغىر ئەمگەك قىلىپ، كۆپ يەردىن ئاز ھوسۇل ئېلىۋاتىدۇ، ئالغىنى ئۆزىنىڭ يېيىشىگە يەتمەيۋاتىدۇ.
بىلگەنلەر ئەقىللىرىنى ئىشلىتىپ ئىنسانىيەتكە لازىملىق پۈتكۈل تۇرمۇش لازىمەتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىۋاتىدۇ، بىلمىگەنلەر دۈمبىلىرىنى ئىشلىتىپ ئۇلارنىڭ ماللارىنى يۈدۈپ يۇرتمۇيۇرت ئاپىرىپ سېتىپ ئايىغىنى چىقىرىپ بېرىۋاتىدۇ. بىلگەنلەر پۇل تېپىۋاتىدۇ، بىلمىگەنلەر ئاران جېنىنى ساقلاۋاتىدۇ.
خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا بىز جاھىللىق كېسىلىمىزدىن ساقىيىش ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىشكە، ئىزدىنىشكە، ئوقۇشقا ۋە ئوقۇتۇشقا سەپەرۋەر بولۇشىمىز كېرەك. بالىلىرىمىزنى يېشىغا قاراپ مەكتەپلەرگە يەرلەشتۈرىشىمىز، ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۇشىمىز، ئىمكانىيەت تاپالىساق چەتئەللەرگە ئەۋەتىپ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا زامانىۋى ئىلىم ئەربابى قىلىپ يېتىشتۈرىشىمىز كېرەك.
ھەر بىرىمىز ئۆز ساھەمىز بويىچە «بىرىنچى» بولۇپ ئالدىدا مېڭىشقا تىرىشىشىمىز، بۇنىڭغا قارىتا ئۆزىمىزنى بىلىم ۋە تېخنىكا بىلەن بېزىشىمىز لازىم، ئۆز كەسپىمىزنى زامانغا ماسلاشتۇرۇش ۋە رىقابەت ساھەسىدە پۇت تىرەپ تۇرۇشىمىز ئۈچۈن ئىزدىنىشىمىز، تىرىشىشىمىز، ۋە غەيرەت قىلىشىمىز كېرەك.
مانا مۇشۇنداق بولغاندىلا بىز ئاللاھنىڭ «ئوقۇ!» دېگەن ئەمرىنى ئادا قىلغان بولىمىز، پەيغەمبىرىمىزنىڭ «بۆشۈكتىن تۆشۈككىچە ئوقۇڭلار» دېگەن مەزمۇندىكى يوليورۇقىغا ئەمەل قىلغان بولىمىز. نەتىجىدە بىزدىكى جاھىللىق كېسىلى ساقىيىدۇ، نادانلىق ئىللىتى يوقايدۇ.
2- ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىنى ئۈستۈن تۇتۇش روھىنى يېتىلدۈرۈش
ئەسلىدە بۇ روھ ھەر ئىنساننىڭ تەبىئىتىدە بار. چۈنكى ئاللاھ تەئالا ئىنساننى ياراتقاندا ئۇنى شۇنداق بىر روھ بىلەن ياراتقان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانلار تارىخ بويىچە مەھەللە، قەبىلە، رايون ۋە دۆلەت شەكىللەندۈرۈپ ئۆزلىرىگە بىرەر باشلىق سايلاپ شۇ باشلىقنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ ياشاپ كەلگەن، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي ۋە ئائىلىۋى مەنپەئەتلىرىنى مەھەللىنىڭ، قەبىلىنىڭ، رايوننىڭ ۋە دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە قۇربان قىلىپ جەمئىيەتنىڭ ھەر ئەزاسى ئۆز جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشقان. لېكىن يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك بىزدىكى بىرىنچى خىل كېسەل يەنى جاھىللىق بۇ روھنى كۈندىن كۈنگە تەسىر قىلالمايدىغان ھالەتكە كەلتۈردى، ھەتتا تەلتۆكۈس يوقاتتى. نەتىجىدە ھەربىرىمىز بىردىن شەخسىيەتچى بولۇپ چىقتۇق.
 ئەمدى جانابى ئاللاھ بىزنى ياراتقاندا پىترىتىمىزگە سىڭدۈرگەن ئۇ روھنى قايتا جانلاندۇرۇشىمىز ۋە ئۇ شەخسىيەتچىلىك كېسىلىمىزنى ساقايتىشىمىز لازىم. بۇنىڭ دورىسى يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىنى شەخسنىڭ مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن تۇتۇش روھىنى يېتىلدۈرۈشتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىش ئۆگىنىشتۇر. يەنى بىز ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىشكە سەپەرۋەر بولۇش بىلەن بىرىنچى كېسىلىمىز بولغان جاھىللىقىمىزدىن ساقايساق، توغرا تەپەككۇر قىلىدىغان، توغرا تەسەۋۋۇر قىلىدىغان، توغرا ھۆكۈم چىقىرىدىغان ۋە توغرا ھەرىكەت قىلىدىغان بولىمىز.
 شۇنىڭ بىلەن بىز ئاستا-ئاستا دوست بىلەن دۈشمەننى، تۇغقان بىلەن ياتنى، يىراق بىلەن يېقىننى تونۇشقا باشلايمىز. دەسسەپ تۇرۇۋاتقان يېرىمىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ يېرى ئىكەنلىكىنى بىلىشكە باشلايمىز. بۇنىڭغا ئەگىشىپ دوست-دۈشمەنگە پەرقلىق مۇئامىلە قىلىشنى، تۇغقانلىرىمىزغا مېھرى-شەپقەت قىلىشنى ۋە يېقىنلىرىمىزغا كۆيۈنۈشنى ئۆگىنىمىز. ئۆيىمىزگە، مەھەللىمىزگە ۋە زېمىنىمىزغا مۇھەببەت باغلاشقا باشلايمىز.
نەتىجىدە، دوستلىرىمىز، تۇغقانلىرىمىز ۋە يېقىنلىرىمىز بىلەن ئۆيىمىزدە، مەھەللىمىزدە ۋە زېمىنىمىزدا باياشاتچىلىق ئىچىدە ياشاشنىڭ چارىلىرىنى قىلمىساق بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىمىز. ئىش بۇ سەۋىيەگە يەتكەندە بىزدە شەخسىي مەنپەئەتنى ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىگە قۇربان قىلىش ياكى ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىنى شەخسىي مەنپەئەتتىن ئۈستۈن تۇتۇش روھى يېتىلگەن بولىدۇ. ئاللاھ تەئەلا بۇ روھنى جانلىق تۇتۇشنىڭ سىرىنى تۆۋەندىكى ئايەتلىرىدە بايان قىلغان:
«شۈبھىسىزكى، مۇئمىنلار بىر-بىرى بىلەن قېرىنداشدۇر. ئۇنداقتا ئىككى قېرىندىشىڭلارنىڭ ئارىسىنى ياخشىلاپ قويۇڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار رەھمەتكە ئېرىشەلەيسىلەر»- ھۇجۇرات 49/10.
«ئى مۇئمىنلار! گۇماننىڭ تولىسىدىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى گۇماننىڭ بەزىسى گۇناھتۇر. بىر-بىرىڭلارنىڭ ئەيىبىنى ئىزدىمەڭلار، بىر-بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار. سىلەردىن بىرىڭلار ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭ گۆشىنى يېيىشنى ياقتۇرامدۇ؟ بۇنى ياقتۇرمايسىلەر. ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر، رەھىم قىلغۇچىدۇر»- ھۇجۇرات 49/12.
3- تەڭپۇڭلۇقىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش     
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىككى كېسەللىكىمىز يەنى جاھىللىق ۋە شەخسىيەتچىلىكىمىز ساقىيىپ بىز ئىلىملىك ۋە پىداكار بىر ھالەتكە كەلگەندىن كېيىن بىزنىڭ شەخىسي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىكى تەڭپۇڭلىقلىرىمىز ئەسلىگە كېلىشكە باشلايدۇ. بۇ تەڭپۇڭلۇق قۇرئان ۋە ھەدىستە كۆرسىتىلگەن سەۋىيەگە يەتكەندە بىزنىڭ تاشقى كۆرۈنىشىمىزدىكى تەڭپۇڭلۇقمۇ ئەسلىگە كېلىدۇ. ئۇ چاغدا بىزنىڭ قەلبىمىزدىكى يامان نىيەت، ئۈمىدسىزلىك، چۈشكۈنلۈك، ئىرادىسىزلىك، ۋىجدانسىزلىق ۋە ھەسەتخورلۇق قاتارلىق مەرەزلەر ئورۇننى تەۋھىد نۇرى، ئىتتىپاقلىق غايىسى، قېرىنداشلىق ئارزۇسى ۋە ھەمكارلىق ئېڭى قاتارلىق ئالىي خىسلەتلەرگە بىكارلاپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىچكى دۇنيايىمىزدىكى تەڭپۇڭلۇق ئەسلىگە كەلگەن بولىدۇ.
پۈتۈن بەدىنىمىزنى قەلبىمىز، قەلبىمىزنى ئىچىدىكى چۈشەنچىلەر باشقۇرغانلىقى ئۈچۈن بۇ نۆۋەت قەلبىمىز بەدىنىمىزنى توغرا ئىشقا يېتەكلەيدىغان، توغرا ئىشتا قوماندانلىق قىلىدىغان ھالەتكە كېلىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ تاشقى دۇنيايىمىزدا تۇغقانلىرىمىزغا سىيلەرەھىم، يېقىنلىرىمىزغا ياخشىلىق، دوستلىرىمىزغا دۇرۇسلۇق، قېرىنداشلىرىمىزغا پىداكارلىق كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ. بۇ روھ جەمئىيىتىمىزنىڭ ھەر ئەزاسىدا يېتىلگەنلىكى ئۈچۈن ھەر بىرىمىز خالىس مۇئمىن، تەقۋادار مۇسۇلمان، پىداكار ئىنسان ۋە ياراملىق ئۇيغۇر بولۇپ چىقىمىز. بۇنىڭغا ئەگىشىپ مۇھىتىمىز «ياخشى مۇھىت» ھالىتىگە كېلىدۇ. شۇنداقلا بىز ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە لايىق بولغان بولىمىز. ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىدا تېپىلغان ھامان بىزنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى تەڭپۇڭلىقىمىز ئەسلىگە كەلگەن بولىدۇ.
خۇلاسە
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ ئۆز ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگەن قەۋمنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ»– رەئد 13/11.
بۇ ئاللاھ تەئەلانىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنىدۇر. بىز ھازىرقى ھالەتكە جاھىللىق، شەخسىيەتچىلىك ۋە بۇزۇلۇش بىلەن كەلگەندەك، ھازىرقى ھالىتىمىزدىن ئىلىم ئىگىلەش ، ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىنى ئۈستۈن تۇتۇش ۋە ئومۇميۈزلۈك تۈزۈلۈش بىلەن قۇتۇلۇپ كېتەلەيمىز. بۇنى يۇقىرىدا ناھايىتى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشتۇق.  ئاز پۇلغا كۆپ نەرسە ياكى قىممەت باھالىق نەرسە كەلمىگەندەك، دۇنيالىق ۋە ئاخىرەتلىك بەخت– سائادەتمۇ قۇرۇق ئارزۇ ۋە خام خىياللار بىلەن ئەسلا قولغا كەلمەيدۇ. بەدەل تۆلەش كېرەك. يەنى ۋاقىتنى، ياشلىقنى، ئىقتىسادنى ھەتتا ئىلكىمىزدىكى بارلىق نەرسىلىرىمىزنى دۇنيادا ئىنسانچە ياشاش، ئاخىرەتتە جەننەتكە كىرىش ۋە ئاللاھنىڭ رىزاسىغا ئېرىشىشدىن ئىبارەت ئالىي غايە ئۈچۈن قۇربان قىلىشىمىز كېرەك.
يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك بىزدىكى ئۈچ خىل كېسەللىك ساقايغاندىلا بىز بۇ سەۋىيەگە يېتەلەيمىز. بىز بۇ سەۋىيەگە يەتكەندىن كېيىن سۈننەتۇللاھنىڭ بىزگە دۇنيادا باياشاتچىلىق ئىچىدە ئىنسانچە ياشاش، ئاخىرەتتە جەننەتتە راھەت- پاراغەت ئىچىدە ئەبەدىي ياشاش مۇكاپاتىنى بېرىشى مۇھەققەقتۇر. بۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرىشىمىز لازىم.
دۇنيالىق جەھەتتە كىچىككىنە بىر راھەتكە ئېرىشىپ بولغۇچە پۈتۈن بەختنىڭ ھەممىسى مۇشۇ دەپ ئويلاپ قېلىش شاكىلاتقا ئالدانغان كىچىك بالىلارنىڭ ئىشى بولسا، ئۆزلىرى كەيپىنى سۈرۈۋاتقان ۋاقىتلىق مەنپەئەتنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن يۇقىرىدىكى دورىلارنى ئىستېمال قىلماسلىق ۋە كېرەكلىك پەرھىزلەرنى تۇتماسلىق شەيتانغا ئالدانغان غاپىللارنىڭ ئىشىدۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن بىز يۇقىرىدىكى دورىلارنى دەرھال ئىستېمال قىلىشقا باشلاپ ئەڭ قىسقا زاماندا ساقىيىشقا، پەرھىزلەرنى تۇتۇشقا ۋە كېسەللىكنىڭ قايتا قوزغالماسلىقى ئۈچۈن ئالدىنى ئېلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىشىمىز لازىم. ھەردائىم پەخەس بولىشىمىز، دىققەت قىلىشىمىز، كۆزىمىزنى ئېچىشىمىز، ھوشيار بولىشىمىز شەرت. چۈنكى ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە نېمىتى بىزنىڭ ئۆتمۈشىمىزگە ياكى كەلگۈسىمىزگە قاراپ ئەمەس، بىزنىڭ شۇ ئاندا قەلبىمىزدە مەۋجۇت بولۇۋاتقان پاكىز ئىمان، تىلىمىزدە جارى بولۇۋاتقان توغرا سۆز ۋە پۇت- قول ئەزالىرىمىزدىن سادىر بولۇۋاتقان سالىھ ئەمەللەرگە قارىتا بېرىلىدۇ.
ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن!

[1]– مىللەت پسخولوگىيسى (Mass Psychology) روھىي ئانالىز ئىلمى قۇرغۇچىسى فرويد، يۇڭ ۋە ئادلېر قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويغان ئاتالغۇ بولۇپ ھەرقانداق بىر شەخىسنىڭ ئۆزى تەۋە بولغان ئاممىنىڭ ئىچىگە كىرگەندە ئۆزى يەككە تۇرغاندىكى پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى يوقىتىش ھادىسىسى (deindividual) ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىققان ۋە پەقەت شۇ مىللەتكە خاس بولغان پىسخىكىلىق ئۆزگىرىشلەرنىڭ يىغىنىدىسىنى كۆرسىتىدۇ.
[2]– بۇ سۆز بۇ شەكلى بىلەن ھەدىس ئەمەس، لېكىن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىلىم ھەققىدىكى ھەدىسلىرىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بۇ مەنىگە دالالەت قىلىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر