مۇسۇلمانلار

ۋەسىيەتنى قانداق چۈشىنىمىز

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاللاھ سىلىگە كۆپ ئەجىر بەرسۇن. سىلە قېرىنداشلىرىمىزغا بەرگەن پەتىۋالاردىكى تۆۋەندىكى مەسىلىنى چۈشىنەلمەي، سوراپ باققۇم كەلدى.
2013.1.15  ئېلان قىلىنغان پەتىۋادا مۇنداق مەزمۇن بار ئىدى.
بۇ ھەسسىلەرنىڭ تەقسىماتى ئۆلۈك ۋەسىيىتى ئورۇندىلىپ بولغاندىن كېيىن ياكى قەرزى تۆلىنىپ بۇلغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ
2013.1.21  ئېلان قىلىنغان پەتىۋادا، قېرىندىشىمىزنىڭ سوئالنىڭ ئىچىدە تۆۋەندىكىدەك مەزمۇن باركەن.
مەن بىر بېقىۋېلىنغان بالا. مېنى بېقىۋالغان ئاتا-ئانامدىن قالغان بۇ ئوينى شۇلارنىڭ ۋەسىيىتى بۇيىچە ئۆزۈم تەسەررۇپ قىلىۋاتىمەن.
لېكىن بېرىلگەن جاۋابتا ۋەسىيەت توغرىسىدا گەپ يوق، بېقىۋالغان بالىغا قىلىنغان ۋەسىيەت كۈچكە ئىگە ئەمەسمۇ؟ ياكى مەن چۈشىنەلمەي قالغاندىمەنمۇ؟
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
قېرىندىشىم! ئۆلۈپ قالغۇچىنىڭ ۋەسىيىتى قەرز ئېتىراپىدىنلا ئىبارەتتۇر. ئەگەر بىر كىشىنىڭ مىراسى ئۇنىڭ ھايات چېغىدا قالدۇرغان ۋەسىيىتى بويىچە تەقسىم قىلىنىدىغان ئىش بولسا ئىدى، ئاللاھ تەئالا مىراس تەقسىماتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇنچىۋالا ئايەتلەرنى نازىل قىلماستىن «ھەر كىشى ئۆلۈپ قالىدىغان چېغىدا مىراسى توغرۇلۇق ۋەسىيەت قىلسۇن، ئۇ ئۆلگەندىن مىراسى شۇ ۋەسىيەت بويىچە تەقسىم قىلىنسۇن…» دېگەن مەزمۇندا ئايەتلەر نازىل قىلغان بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر كىشى ئۆلسە ئۇنىڭ مىراسى ئۇنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە ئەمەس، ئاللاھنىڭ ھۆكۈملىرى بويىچە تەقسىم قىلىنىدۇ ۋە شۇنداق تەقسىم قىلىنىشى كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن «ۋەسىيەت» نىڭ مەنىسىنى بىلىشىمىز كېرەك. ئاندىن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردىن ۋەسىيەت سۆزىنى چۈشىنىشكە تىرىشىشىمىز لازىم. جاۋاب بەك ئۇزۇن بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ۋەسىيەتنىڭ مەنىسى، بەندىنىڭ ۋەسىيىتى، ئاللاھنىڭ ۋىسىيىتى، ئۆلۈپ كەتكۈچىنىڭ قەرزى ۋە خۇلاسە دەپ تەرتىپلەندى. دىققەت بىلەن ئوقۇغايسىز.
تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر
ۋەسىيەتنىڭ مەنىسى
ۋەسىيەت بۇيرۇماق، ئەمر قىلماق، تاپىلىماق، جېكىلىمەك، تەكىتلىمەك، تاپشۇرماق دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. ۋەسىيەت ئاللاھ ئۈچۈن ئىشلىتىلسە، يەنى «ئاللاھ بۇ ئىشقا ۋەسىيەت قىلىدۇ» دېگەن شەكىلدە كەلسە بۇنىڭ مەنىسى «ئاللاھ ئەمىر قىلىدۇ، ئاللاھ بۇيرۇيدۇ» دېگەن بولىدۇ.
ئەگەر ۋەسىيەت دېگەن سۆز بەندە ئۈچۈن ئىشلىتىلسە يەنى «پالانى ۋەسىيەت قىلغان» دېگەن شەكىلدە كەلسە بۇنىڭ مەنىسى «مېنىڭ بۇ كىشىگە مانچىلىق قەرزىم بار، مەن ئۆلۈپ كەتسەم سىلەر گۇۋاھچى بولۇپ قالدۇرۇپ كەتكەن مال-مۈلكۈمدىن بۇ قەرزىمنىڭ تۆلىنىشىگە سەۋەبچى بولسىلا» دەپ گۇۋاھچىلارغا ۋەزىپە تاپشۇرغان دېگەن بولىدۇ.
بەندىنىڭ ۋەسىيىتى
ۋەسىيەت قىلىش باشقا، مال بېرىش باشقىدۇر. بىر كىشى ھايات ۋاقتىدا بىرەر نەرسىسىنى ئۆز مۈلكىدىن چىقىرىپ باشقا بىر كىشىگە بېرىۋەتكەن بولسا ۋە ئۇ نەرسە بېرىۋەتكۈچى ھايات چاغنىڭ ئۆزىدىلا بېرىۋېتىلگەن كىشىنىڭ ئىلكىگە ئۆتكەن بولسا بۇنىڭدا بىر مەسىلە يوق. چۈنكى ئۇ كىشى ئۆز مال-مۈلكىدە خالىغانچە تەسەررۇپ قىلغان بولىدۇ.
لېكىن بىر كىشىنىڭ «ماۋۇ نەرسە مەن ئۆلگەندىن كېيىن پالانىغا بېرىلسۇن…» دېگەندەك سۆزلىرى ۋارىسلاردىن مال قاچۇرغانلىقتۇر، ئاللاھ تەقسىماتىغا نارازى بولغانلىقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق سۆزنىڭ ھېچقانداق ئېتىبارى يوق.
بۇنىڭغا ئاساسەن «مىراس تەقسىماتىدىن ئىلگىرى ئۆلگەن كىشىنىڭ ۋەسىيىتى ئىجرا قىلىنسۇن» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى، ئۇ كىشىنىڭ مىراسىنى تەقسىم قىلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ئازغاكى ئېتىراپ قىلغان ۋە گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق قىلىشى بىلەن ئىسپاتلانغان قەرزلىرىنى تۆلىۋېتىپ ئاندىن تەقسىماتقا تۇتۇشۇڭلار دېگەن بولىدۇ.
«مىراس تەقسىماتىدىن ئىلگىرى ئۆلگەن كىشىنىڭ قەرزى ئادا قىلىنسۇن» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى بولسا، ئۇ كىشىنىڭ مىراسىنى تەقسىم قىلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ھۆججەت يېزىپ زىممىسىگە ئالغان قەرزلىرىنى تۆلىۋېتىپ ئاندىن تەقسىماتقا تۇتۇشۇڭلار دېگەن بولىدۇ.
ئۆلۈپ كەتكۈچىنىڭ ھۆججىتى يوق، لېكىن باشقىلارنى گۇۋاھچى قىلىپ تۇرۇپ ئاغزى بىلەن ئىقرار قىلغان قەرزى (ۋەسىيتى) توغرىسىدا ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا شَهَادَةُ بَيْنِكُمْ إِذَا حَضَرَ أَحَدَكُمُ الْمَوْتُ حِينَ الْوَصِيَّةِ اثْنَانِ ذَوَا عَدْلٍ مِنْكُمْ أَوْ آخَرَانِ مِنْ غَيْرِكُمْ إِنْ أَنْتُمْ ضَرَبْتُمْ فِي الْأَرْضِ فَأَصَابَتْكُمْ مُصِيبَةُ الْمَوْتِ تَحْبِسُونَهُمَا مِنْ بَعْدِ الصَّلَاةِ فَيُقْسِمَانِ بِاللَّهِ إِنِ ارْتَبْتُمْ لَا نَشْتَرِي بِهِ ثَمَنًا وَلَوْ كَانَ ذَا قُرْبَى وَلَا نَكْتُمُ شَهَادَةَ اللَّهِ إِنَّا إِذًا لَمِنَ الْآثِمِينَ. فَإِنْ عُثِرَ عَلَى أَنَّهُمَا اسْتَحَقَّا إِثْمًا فَآخَرَانِ يَقُومَانِ مَقَامَهُمَا مِنَ الَّذِينَ اسْتَحَقَّ عَلَيْهِمُ الْأَوْلَيَانِ فَيُقْسِمَانِ بِاللَّهِ لَشَهَادَتُنَا أَحَقُّ مِنْ شَهَادَتِهِمَا وَمَا اعْتَدَيْنَا إِنَّا إِذًا لَمِنَ الظَّالِمِينَ. ذَلِكَ أَدْنَى أَنْ يَأْتُوا بِالشَّهَادَةِ عَلَى وَجْهِهَا أَوْ يَخَافُوا أَنْ تُرَدَّ أَيْمَانٌ بَعْدَ أَيْمَانِهِمْ وَاتَّقُوا اللَّهَ وَاسْمَعُوا وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْفَاسِقِينَ»
«ئى مۇئمىنلار! بىرىڭلار ئۆلىدىغان چېغىدا ۋەسىيەت قىلماقچى بولسا سىلەردىن ئىككى ئادىل كىشى گۇۋاھ بولسۇن، ياكى سىلەر سەپەردە بولۇپ بېشىڭلارغا ئۆلۈم مۇسىبىتى كەلسە، سىلەردىن بولمىغان باشقا ئىككى كىشى گۇۋاھ بولسۇن. ئۇلارنى نامازدىن كېيىن ئېلىپ قېلىڭلار، ئەگەر گۇمانلانساڭلار ئۇلار: «بىز پايدىسىغا قەسەم قىلىدىغان كىشى بىزنىڭ يېقىنىمىز بولغان تەقدىردىمۇ قەسىمىمىزنى ھېچ نەرسىگە ساتمايمىز ۋە ئاللاھ ئۈچۈن قىلغان گۇۋاھلىقنى يوشۇرمايمىز. ئەگەر يوشۇرساق ئەلۋەتتە گۇناھكارلاردىن بولىمىز» دەپ ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلسۇن.
ئەگەر ئۇ ئىككى گۇۋاھچىنىڭ بىر گۇناھ قىلغانلىقى[1] بايقالسا، ئۇلارنىڭ ئورنىغا مىراس ئېلىشقا ئەڭ ھەقلىق بولغان ۋارىسلاردىن ئىككى كىشى گۇۋاھ بولۇپ: «شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ گۇۋاھلىقىمىز ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىدىن توغرىدۇر، بىز ھەقسىزلىك قىلمىدۇق. ئەگەر ئۇنداق قىلساق ئەلۋەتتە زالىملاردىن بولىمىز» دەپ ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلسۇن»- مائىدە 5/16-17.
ئاللاھنىڭ ۋەسىيىتى
مىراس تەقسىماتىنى ئاللاھنىڭ ۋەسىيىتى (ئەمرى، پەرمانى، بۇيرۇقى) بويىچە قىلىش لازىم. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
 «يُوصِيكُمُ اللّهُ فِي أَوْلاَدِكُمْ لِلذَّكَرِ مِثْلُ حَظِّ الأُنثَيَيْنِ فَإِن كُنَّ نِسَاء فَوْقَ اثْنَتَيْنِ فَلَهُنَّ ثُلُثَا مَا تَرَكَ وَإِن كَانَتْ وَاحِدَةً فَلَهَا النِّصْفُ وَلأَبَوَيْهِ لِكُلِّ وَاحِدٍ مِّنْهُمَا السُّدُسُ مِمَّا تَرَكَ إِن كَانَ لَهُ وَلَدٌ فَإِن لَّمْ يَكُن لَّهُ وَلَدٌ وَوَرِثَهُ أَبَوَاهُ فَلأُمِّهِ الثُّلُثُ فَإِن كَانَ لَهُ إِخْوَةٌ فَلأُمِّهِ السُّدُسُ مِن بَعْدِ وَصِيَّةٍ يُوصِي بِهَا أَوْ دَيْنٍ آبَآؤُكُمْ وَأَبناؤُكُمْ لاَ تَدْرُونَ أَيُّهُمْ أَقْرَبُ لَكُمْ نَفْعاً فَرِيضَةً مِّنَ اللّهِ إِنَّ اللّهَ كَانَ عَلِيما حَكِيماً.
وَلَكُمْ نِصْفُ مَا تَرَكَ أَزْوَاجُكُمْ إِن لَّمْ يَكُن لَّهُنَّ وَلَدٌ فَإِن كَانَ لَهُنَّ وَلَدٌ فَلَكُمُ الرُّبُعُ مِمَّا تَرَكْنَ مِن بَعْدِ وَصِيَّةٍ يُوصِينَ بِهَا أَوْ دَيْنٍ وَلَهُنَّ الرُّبُعُ مِمَّا تَرَكْتُمْ إِن لَّمْ يَكُن لَّكُمْ وَلَدٌ فَإِن كَانَ لَكُمْ وَلَدٌ فَلَهُنَّ الثُّمُنُ مِمَّا تَرَكْتُم مِّن بَعْدِ وَصِيَّةٍ تُوصُونَ بِهَا أَوْ دَيْنٍ وَإِن كَانَ رَجُلٌ يُورَثُ كَلاَلَةً أَو امْرَأَةٌ وَلَهُ أَخٌ أَوْ أُخْتٌ فَلِكُلِّ وَاحِدٍ مِّنْهُمَا السُّدُسُ فَإِن كَانُوَاْ أَكْثَرَ مِن ذَلِكَ فَهُمْ شُرَكَاء فِي الثُّلُثِ مِن بَعْدِ وَصِيَّةٍ يُوصَى بِهَا أَوْ دَيْنٍ غَيْرَ مُضَآرٍّ وَصِيَّةً مِّنَ اللّهِ وَاللّهُ عَلِيمٌ حَلِيمٌ»
«ئاللاھ سىلەرگە بالىلىرىڭلار ھەققىدە مۇنداق تەۋسىيە قىلىدۇ: بىر ئوغۇلغا ئىككى قىزنىڭ ھەسسىسىگە ئوخشاش ھەسسە تېگىدۇ. ئەگەر ئۇ بالىلار ئىككىدىن ئارتۇق قىز بولسا، ئۇلارغا مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى تېگىدۇ. ئەگەر ئۇ بالا بىر قىز بولسا، ئۇنىڭغا مىراسنىڭ يېرىمى تېگىدۇ. ئەگەر مېيىتنىڭ بالىسى بولسا، ئاتا- ئانىسىدىن ھەر بىرىگە، مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر مېيىتنىڭ بالىسى بولماي ئاتا- ئانىسى ئۇنىڭغا ۋارىس بولغان بولسا، ئانىسىغا مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر مېيىتنىڭ ئەر بىر تۇغقانلىرىمۇ بولسا، ئانىسىغا ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. بۇ ھەسسىلەرنىڭ تەقسىماتى ئۆلۈك ۋەسىيىتى ئورۇندىلىپ بولغاندىن كېيىن ياكى قەرزى تۆلىنىپ بۇلغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. دادىلىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلارنىڭ قايسىسى سىلەرگە پايدا جەھەتتە ئەڭ يېقىن؟ بۇنى بىلمەيسىلەر. بۇ ھەسسىلەر ئاللاھ تەرىپىدىن بېكىتىلدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، توغرا ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر.
ئاياللىرىڭلار قالدۇرغان مىراسنىڭ يېرىمى سىلەرگە تېگىدۇ؛ بۇ، ئۇلارنىڭ بالىلىرى بولمىغان تەقدىردە شۇنداق. ئەگەر ئۇلارنىڭ بالىلىرى بولسا سىلەرگە، ئۇلار قالدۇرغان مىراسنىڭ تۆتتىن بىرى تېگىدۇ. بۇ تەقسىمات مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئورۇندىلىپ بولغاندىن كېيىن ياكى ئۇنىڭ قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئاياللىرىڭلارغا، سىلەر قالدۇرغان مىراسنىڭ تۆتتىن بىرى تېگىدۇ؛ بۇ، سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار بولمىغان تەقدىردە شۇنداق. ئەگەر سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار بولسا، ئۇلارغا سىلەر قالدۇرغان مىراسنىڭ سەككىزدىن بىرى تېگىدۇ؛ بۇ تەقسىمات سىلەرنىڭ ۋەسىيىتىڭلار ئورۇندىلىپ بولغاندىن كېيىن ياكى قەرزىڭلار تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەگەر بىر ئەر ياكى بىر ئايالنىڭ دادىسى ۋە ئوغلى يوق ھالەتتە مىراسى ئېلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ پەقەتلا (ئانا بىر) بىر قېرىندىشى ياكى (ئانا بىر) بىر ھەمشىرىسى بار بولسا، ئۇ ئىككىسىدىن ھەربىرىگە مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئۇنىڭدىن كۆپ بولسا، ئۇلار مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرىدە شېرىك بولىدۇ. بۇ تەقسىماتنىڭ ھېچكىمگە زىيان يەتكۈزۈلمەستىن قىلىنغان ۋەسىيەتتىن ياكى قەرزدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن ۋەسىيەت قىلىندى. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھەلىيمدۇر»- نىسا 4/11- ۋە 12- ئايەتلەر.
ئاللاھ تەئالا بۇ ۋەسىيىتىنى ئۆلۈپ قالغان كىشىنىڭ تونۇش-بىلىشلىرى، قولۇم-قوشنىلىرى، يېقىن- يورۇقلىرى ۋە ئەل-جامائىتى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولغان مۇئمىنلارغا قىلغان. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
«كُتِبَ عَلَيْكُمْ إِذَا حَضَرَ أَحَدَكُمُ الْمَوْتُ إِنْ تَرَكَ خَيْرًا الْوَصِيَّةُ لِلْوَالِدَيْنِ وَالْأَقْرَبِينَ بِالْمَعْرُوفِ حَقًّا عَلَى الْمُتَّقِينَ»
«سىلەردىن بىرەيلەن كۆپ مال قالدۇرۇپ ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسى ۋە ئەڭ يېقىنلىرى ئۈچۈن ۋەسىيەتنى[2] مەرۇفقا ئۇيغۇن ئىجرا قىلىش سىلەرگە پەرز قىلىندى. بۇ، تەقۋادارلار ئۈچۈن بىر ۋەزىپىدۇر»
بۇ ئايەتتىكى ۋەسىيەت مەئرىفە (تونۇشلۇق ئىسىم) بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تەئالانىڭ سۈرە نىسانىڭ 12- ئايىتىدىكى «ۋەسىيىتى» نى ئىپادىلەيدۇ. دېمەككى، مىراس تەقسىماتىنى ئاللاھنىڭ بەلگىمىسى بويىچە تەقسىم قىلىش ئۆلۈپ كەتكۈچىنىڭ ئەتراپىدىكى مۇئمىنلارغا بېرىلگەن بىر ۋەزىپىدۇر.
ئۆلۈپ كەتكۈچىنىڭ قەرزى
مېيىتنىڭ ھۆججەت يېزىپ بەرگەن قەرزى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا تَدَايَنْتُمْ بِدَيْنٍ إِلَى أَجَلٍ مُسَمًّى فَاكْتُبُوهُ وَلْيَكْتُبْ بَيْنَكُمْ كَاتِبٌ بِالْعَدْلِ وَلَا يَأْبَ كَاتِبٌ أَنْ يَكْتُبَ كَمَا عَلَّمَهُ اللَّهُ فَلْيَكْتُبْ وَلْيُمْلِلِ الَّذِي عَلَيْهِ الْحَقُّ وَلْيَتَّقِ اللَّهَ رَبَّهُ وَلَا يَبْخَسْ مِنْهُ شَيْئًا فَإِنْ كَانَ الَّذِي عَلَيْهِ الْحَقُّ سَفِيهًا أَوْ ضَعِيفًا أَوْ لَا يَسْتَطِيعُ أَنْ يُمِلَّ هُوَ فَلْيُمْلِلْ وَلِيُّهُ بِالْعَدْلِ وَاسْتَشْهِدُوا شَهِيدَيْنِ مِنْ رِجَالِكُمْ فَإِنْ لَمْ يَكُونَا رَجُلَيْنِ فَرَجُلٌ وَامْرَأَتَانِ مِمَّنْ تَرْضَوْنَ مِنَ الشُّهَدَاءِ أَنْ تَضِلَّ إِحْدَاهُمَا فَتُذَكِّرَ إِحْدَاهُمَا الْأُخْرَى وَلَا يَأْبَ الشُّهَدَاءُ إِذَا مَا دُعُوا وَلَا تَسْأَمُوا أَنْ تَكْتُبُوهُ صَغِيرًا أَوْ كَبِيرًا إِلَى أَجَلِهِ ذَلِكُمْ أَقْسَطُ عِنْدَ اللَّهِ وَأَقْوَمُ لِلشَّهَادَةِ وَأَدْنَى أَلَّا تَرْتَابُوا إِلَّا أَنْ تَكُونَ تِجَارَةً حَاضِرَةً تُدِيرُونَهَا بَيْنَكُمْ فَلَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ أَلَّا تَكْتُبُوهَا وَأَشْهِدُوا إِذَا تَبَايَعْتُمْ وَلَا يُضَارَّ كَاتِبٌ وَلَا شَهِيدٌ وَإِنْ تَفْعَلُوا فَإِنَّهُ فُسُوقٌ بِكُمْ وَاتَّقُوا اللَّهَ وَيُعَلِّمُكُمُ اللَّهُ وَاللَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ»
«ئى مۇئمىنلار! بىر-بىرىڭلارغا قەرزدار بولغان چېغىڭلاردا ئۇنى يېزىپ قويۇڭلار. ئاراڭلاردىن خەت يازالايدىغان كىشى ئۇنى ئادىللىق بىلەن يازسۇن. خەت يازالايدىغان كىشى ئۇنى ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ئۆگەتكىنىدەك يېزىشتىن باش تارتمىسۇن، يازسۇن. ھەق زىممىسىگە يۈكلەنگەن كىشى ئېيتىپ بەرسۇن. ئۇ، رەببى ئاللاھدىن قورقسۇن، قەرزىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتمىسۇن. ئەگەر ھەق زىممىسىگە يۈكلەنگەن كىشى ئەقىلسىز ياكى كۈچسىز بولسا ۋە ياكى ئېيتىپ بېرىشكە قادىر بولالمىسا ئۇنىڭ ۋەلىيىسى ئادىللىق بىلەن ئېيتىپ بەرسۇن. ئەرلىرىڭلاردىن ئىككى گۇۋاھچىنى گۇۋاھچى قىلىڭلار. ئەگەر ئۇ ئىككى گۇۋاھچى ئىككى ئەر بولمىسا، ئۆزۈڭلار رازى بولىدىغان گۇۋاھچىلاردىن بىر ئەر ۋە ئىككى ئايال بولسۇن. بۇ، ئۇ ئىككى ئايالنىڭ بىرى ئېزىپ قالسا يەنە بىرىنىڭ ئەسلىتىشى ئۈچۈندۇر. گۇۋاھچىلار چاقىرىلغاندا كەلمەي قالمىسۇن. سىلەر پۈتۈكچىلەر! قەرز كىچىك بولسۇن، چوڭ بولسۇن ئۇنى قەرەلى بىلەن بىرلىكتە يېزىشتىن ئېرىنمەڭلار. بۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ توغرا، گۇۋاھلىق ئۈچۈن ئەڭ ساغلام، شۈبھىلەنمەسلىكىڭلار ئۈچۈن ئەڭ ئۇيغۇن بولىدۇ. لېكىن ئۇ، ئاراڭلاردا نەق قىلىشىدىغان بىر تىجارەت بولسا، ئۇنداق قىلمىساڭلارمۇ بولىدۇ. ئۇنى يازماسلىقىڭلاردا سىلەرگە بىر گۇناھ يوق. ئېلىم-سېتىم قىلىشقان چېغىڭلاردا گۇۋاھچى ھازىر قىلىڭلار. پۈتۈكچىگىمۇ، گۇۋاھچىغىمۇ زىيان يەتكۈزۈلمىسۇن. ئەگەر ئۇلارغا زىيان يەتكۈزسەڭلار توغرا يولدىن چىققان بولىسىلەر. ئاللاھدىن قورقۇڭلار. ئاللاھ سىلەرگە ئۆگەتمەكتىدۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر»- بەقەرە 2/282.
خۇلاسە
يىغىپ ئېيتقاندا، بىر كىشى ئۆلۈپ قالسا يېقىن-يورۇق، قولۇم-قوشنىلىرى يىغىلىپ ئۇنى ئۇزۇتۇش ئۈچۈن كېرەكلىك ئىشلارنى قىلىشقا باشلايدۇ. بۇ ئىشلارنىڭ بېشىدا مېيىتنىڭ قەرزى بولسا ئۇ قەرزىنى ئادا قىلىش كېلىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۆلگەن مۇئمىننىڭ روھى تاكى ئۇنىڭ قەرزى ئادا قىلىنغانغا قەدەر يۇقىرى ئورۇنغا يېتىشتىن ئېسىلىپ تۇرىدۇ» دېگەن[3]. بۇ ھەقتە «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زىممىسىدىكى قەرزنى ئادا قىلماي ئۆلۈپ كەتكەن ئادەمنىڭ نامىزىنى ئوقۇشتىن ئۆزىنى تارتاتتى» دېگەن ھەدىسمۇ بار[4].
يۇقىرىدا دېگىنىمدەك مېيىتنىڭ قەرزى بارلىقى ئىككى تۈرلۈك يولنىڭ بىرى بىلەن ئىسپاتلىنىدۇ: بىرى مېيىتنىڭ ئۆزى قىلىپ بەرگەن ھۆججىتى، يەنە بىرى ئەڭ ئاز ئىككى كىشىنىڭ بەرگەن گۇۋاھلىقى.
دىنىمىز مانا بۇ ئىككى يولنىڭ بىرى ياكى ئىككىلىسى بىلەن مېيىتنىڭ قەرز بارلىقى ئىسپاتلانسا، مېيىتنىڭ مىراسىنى تەقسىم قىلماي تۇرۇپ ئالدى بىلەن ئۇنىڭ قەرزلىرىنى ئادا قىلىۋېتىپ ئاندىن مىراسىنى تەقسىم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئايەتلەردىكى «بۇ تەقسىمات مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئورۇندىلىپ بولغاندىن كېيىن ياكى ئۇنىڭ قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ» دېگەن ئىپادە بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.
ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن


[1]– يالغان گۇۋالىق بەرگەنلىكى ياكى مىراسقا خىيانەت قىلغانلىقى.

[2] – بۇ ئاللاھ تەئالانىڭ نىسا سۈرىسىنىڭ 11-، 12- ئايىتىدە مىراس تەقسىماتى توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان «ۋەسىيىتى» دۇر.

[3]– تىرمىزى، جەنائىز 77؛مۇسنەد ئەھمەد 2/508؛ بەيھەقى 4/61، 9/25.

[4]– بۇخارى، كاپالەت 2/803؛ مۇسلىم، فەرائىز 3؛ ئەبۇ داۋۇد، جىھاد 143؛ تىرمىزى، جەنائىز 70؛ نەسەئى، جەنائىز 67.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر