مۇسۇلمانلار

بالا بېقىۋالسام بولامدۇ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستازلار ئۇلۇغ ئاللاھ ئەجىرلىرىنى يەردە قويمىغاي. تۆۋەندىكى سوئالىمغا ئىسلامىي نۇقتىدىن چۈشەنچە بەرگەن بولسىلا:
1-بىرمۇ پەرزەنتىم يوق، بالا بىقىۋالسام بۇلامدۇ؟ بىقىۋالماقچى بولغان بالىنىڭ ئاتا ـ ئانىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سۈرۇشتۈرۈپ بىلىىش مۇمكىن بولمىغان ( تاشلىۋىتىلگەن بالا) ئەھۋال ئاستىدا دىنىي قائىدە بويىچە ئىسىم قويۇپ مېنىڭ فامىلەم بىلەن چاقىرساق گۇناھ بولامدۇ؟ ھۆرمەت بىلەن: ئالىم
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
بالا بېقىۋالسىڭىز بولىدۇ. لېكىن مۇنۇلارنى بىلىپ قويۇشىڭىز ۋە ئۇلارغا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك:
1- سىز بېقىۋالغان بالا ئاللاھنىڭ كىتابىنىڭ ھۆكمى بويىچە ھېچبىر زامان، ھېچبىر شەكىلدە ۋە ھېچقانداق ئەھۋالدا سىزنىڭ بالىڭىز ھېسابلانمايدۇ.
2- سىز بېقىۋالغان بالا قىز بولسا بالاغەتكە يەتكەندە سىز نامەھرەم بولىدۇ، ئوغۇل بولسا ئايالىڭىزغا نامەھرەم بولىدۇ.
3- سىز بېقىۋالغان بالىغا سىزدىن، سىزگە سىز بېقىۋالغان بالىدىن مىراس تەگمەيدۇ.
چۈنكى بىر بالىنى بېقىۋېلىش، ئۇنى بېقىۋالغۇچى ئەر ـ خوتۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاتا ـ بالىلىق ۋە ئانا ـ بالىلىق پەيدا قىلمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«مَا جَعَلَ اللَّهُ لِرَجُلٍ مِنْ قَلْبَيْنِ فِي جَوْفِهِ وَمَا جَعَلَ أَزْوَاجَكُمُ اللَّائِي تُظَاهِرُونَ مِنْهُنَّ أُمَّهَاتِكُمْ وَمَا جَعَلَ أَدْعِيَاءَكُمْ أَبْنَاءَكُمْ ذَلِكُمْ قَوْلُكُمْ بِأَفْوَاهِكُمْ وَاللَّهُ يَقُولُ الْحَقَّ وَهُوَ يَهْدِي السَّبِيلَ. ادْعُوهُمْ لِآبَائِهِمْ هُوَ أَقْسَطُ عِنْدَ اللَّهِ فَإِنْ لَمْ تَعْلَمُوا آبَاءَهُمْ فَإِخْوَانُكُمْ فِي الدِّينِ وَمَوَالِيكُمْ وَلَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ فِيمَا أَخْطَأْتُمْ بِهِ وَلَكِنْ مَا تَعَمَّدَتْ قُلُوبُكُمْ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَحِيمًا»
«ئاللاھ ھېچكىمنىڭ ئىچىدە ئىككى قەلب ياراتمىدى. شۇنىڭدەك سىلەر: ‹سەن ماڭا ئانامنىڭ ئۇچىسىغا ئوخشاشسەن› دېگەن ئاياللىرىڭلارنى سىلەرنىڭ ئاناڭلار قىلمىدى ۋە بېقىۋالغان بالىلىرىڭلارنى ئۆز بالىلىرىڭلار قىلمىدى، ئۇ سىلەرنىڭ ئاغزىڭلاردىكى سۆزۈڭلاردۇر. ئاللاھ ھەقنى سۆزلەيدۇ ۋە توغرا يولغا باشلايدۇ.
بېقىۋالغان بالىلىرىڭلارنى ئۆز ئاتىلىرىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتاڭلار. بۇ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ئادالەتلىكتۇر. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىنى بىلمىسەڭلار، بۇ تەقدىردە ئۇلار سىلەرنىڭ دىنى قېرىنداشلىرىڭلاردۇر ۋە دوستلىرىڭلار. ئۇلارنى سەۋەنلىكتىن ئۆز ئاتىلىرىدىن باشقا بىرىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتاپ سالساڭلار گۇناھكار بولمايسىلەر، لېكىن بۇنى قەستەن قىلساڭلار گۇناھكار بولىسىلەر. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھىم قىلغۇچىدۇر»- ئەھزاب 33/4-5.
شۇنىڭ ئۈچۈن بالا بېقىۋالغانلار مۇنۇلارغا دىققەت قىلىشلىرى كېرەك:
1 ـ بالىنىڭ نوپۇس دەپتىرى ۋە كىملىكلىرىگە ئۆز ئاتا ـ ئانىسىنىڭ ئىسمىنى يازدۇرۇشلىرى لازىم. مەسىلەن: بالىنىڭ ئىسمى ئابدۇللاھ، ئۆز دادىسىنىڭ ئىسمى قۇربان، بېقىۋالغان دادىسىنىڭ ئىسمى رۇزى بولسا، بالىنىڭ كىملىكىگە ئابدۇللاھ قۇربان دەپ يازدۇرۇشلىرى كېرەك. ئەگەر ئابدۇللاھ رۇزى دەپ يېزىلسا، يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا ئەمەل قىلىنمىغان بولىدۇ.
2- بالىنى مەيلى بېقىۋالغانلار بولسۇن مەيلى باشقىلار بولسۇن ئىسىمىنىڭ ئاخىرىغا دادىسىنىڭ ئىسمىنى قوشۇپ چاقىرىدىغان ئادەت بولسا، ئۆز دادىسىنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىش ۋە شۇنداق ئاتاش كېرەك.
     3ـ بالا بالاغەتكە يەتكەن ھامان يېتىپ ـ قوپىدىغان يېرىنىڭ ئايرىم بولۇشى، قىز بولسا، بېقىۋالغان دادىسى بىلەن، ئوغۇل بولسا بېقىۋالغان ئانىسى بىلەن بىر جايدا يالغۇز قالماسلىقى كېرەك. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «بىر ـ بىرىگە نامەھرەم كېلىدىغان بىر ئەر ـ ئايال، خالىي بىر جايدا ئىككىسى يالغۇز تۇرۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ ئۈچىنچىسى شەيتان بولىدۇ» دېگەن مەزمۇندا بىر ھەدىسى بار.
4- بېقىۋېلىنغان بالىغا بېقىۋالغۇچىدىن، بېقىۋالغۇچىغا بېقىۋېلىنغان بالىدىن مىراس تەگمەيدۇ. بۇنى بىلىش لازىم. چۈنكى مىراس ئارىسىدا قان مۇناسىۋىتى (مەسىلەن: ئاتا-ئانا، بالا، قېرىنداش ۋە ھەمشىرە قاتارلىقلار)، ئارىسىدا نىكاھ مۇناسىۋىتى بولغانلارغا سۈرە نىسادا بەلگىلەنگەن بويىچە تەقسىم قىلىنىدۇ.
5- سوئالىڭىزدا دېگىنىڭىزدەك ئەگەر سىز بېقىۋالماقچى بولغان بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ كىملىكىنى بىلمىسىڭىز، يەنىلا ئۇ بالىنى سىزنىڭ فامىلىڭىز بىلەن ئاتاش، سىزنىڭ فامىلىڭىز بىلەن چاقىرىش ۋە نوپۇس دەپتەرلىرىگە سىزنىڭ فامىلىڭىز بىلەن يازدۇرۇش ئەسلا توغرا بولمايدۇ. بۇ تەقدىردە بالىنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسى يوق، بۇ مەن بېقىۋالغان بالا دەپ يازدۇرىسىز، بالىنى ئۆز ئىسمى بىلەن چاقىرىسىز ۋە شۇنداق ئاتايسىز. يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ «ئەگەر ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىنى بىلمىسەڭلار، بۇ تەقدىردە ئۇلار سىلەرنىڭ دىنى قېرىنداشلىرىڭلاردۇر ۋە دوستلىرىڭلار. ئۇلارنى سەۋەنلىكتىن ئۆز ئاتىلىرىدىن باشقا بىرىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتاپ سالساڭلار گۇناھكار بولمايسىلەر، لېكىن بۇنى قەستەن قىلساڭلار گۇناھكار بولىسىلەر» دېگەن قىسمى بۇنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
مۇشۇنداق بولغاندا بالا تۇنجى ئەقلىگە كەلگەندىن تارتىپ سىزنىڭ ئۆز دادىسى بولمىغانلىقىڭىزنى، ئايالىڭىزنىڭ ئۆز ئانىسى بولمىغانلىقىنى بىلىدۇ ۋە «مېنى ئۆز ئاتا-ئانام بولماي تۇرۇپ باققان ئىكەن» دەپ سىزلەرگە مېھرى-مۇھەببەت بىلەن ھېس قىلىش بىلەن چوڭ بولىدۇ، شۇنداقلا سىزلەرگە رەھمەت ئېيتىدۇ، تەشەككۈر بىلدۈرىدۇ ۋە باققىنىڭىزنى ياندۇرۇشقا تىرىشىدۇ. ئەكسى تەقدىردە ئۇ بالا بىر شەكىلدە سىزنىڭ ئۆز دادىسى بولمىغانلىقىڭىزنى، ئايالىڭىزنىڭ ئۆز ئانىسى بولمىغانلىقىنى بىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سىزلەرگە «مەندىن ئەمەلىيەتنى يوشۇرغان ئىكەن» دەپ نەپرەت قىلىشقا باشلايدۇ. ئاندىن پۇرسەت تاپقان ھامان ئۆيدىن چىقىپ كېتىدۇ ياكى تويىنى قىلىپ بەرگەندىن كېيىن ئىزدىمەيدۇ.
بۇ ھەر كۈن جەمئىيەتتە بولۇۋاتقان ئەھۋال. بەزى بېقىۋېلىنغان بالىلار ناھايىتى ۋاپالىق چىقىدىغان ئىشلارمۇ بار. بىز بالا بېقىۋېلىشتا نەتىجىسىنىڭ ئۇنداق ياكى مۇنداق بولۇشىغا ئەمەس، رەببىمىز ئاللاھنىڭ بۇ ھەقتىكى ھۆكۈملىرىگە قاراپ ئىش قىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى بىز مۇسۇلماندۇرمىز. مۇسۇلمان ئاللاھنىڭ ھۆكۈملىرىگە بويسۇنغۇچى دېمەكتۇر. ئۇ ھۆكۈملەرنى يۇقىرىدىكى ئايەت ئوتتۇرىغا قويدى.  

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر