مۇسۇلمانلار

مېنى چوڭ دادام باققانكەن

‏‏ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئۇلۇغ ئاللاھ ئۆزلىرىگە كۆپ ئەجىر ئاتا قىلغاي. چوڭ كىچىك گۇناھلاردىن خالىي بولۇشۇم ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئەھۋالىمغا پەتىۋا بېرىشلىرىنى سورايمەن.
مېنى كىچىكىمدىن تارتىپ چوڭ دادام چوڭ ئاپام بېقىپ چوڭ قىلغان. چوڭ دادامنىڭ بەش قىزى بار، مەن چوڭ قىزىنىڭ ئوغلى. چوڭ دادامنىڭ ئوغلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن مېنى (چوڭ نەۋرە) ئوغۇل قىلىپ بېقىۋالغاچقا ھەممەيلەن مېنى چوڭ دادامنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىشىدۇ.گەرچە ئۇرۇق-تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرىم مېنىڭ نەۋرە ئىكەنلىكىمنى بىلسىمۇ باشقا تونۇشلىرىم مېنى چوڭ دادامنىڭ ئۆز ئوغلى دەپ قارايدۇ.
مەن ھازىر خىزمەت سەۋەبلىك باشقا بىر جايدا ياشاۋاتىمەن. چوڭ دادام ۋە چوڭ ئاپام بەكلا ياشىنىپ قالغاچقا پات ئارىدا ئايالىم بىلەن قايتىپ ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ خىزمىتىنى قىلىپ دۇئاسىنى ئالماقچى. ئەمدى تۆۋەندىكى سوئاللىرىمغا جاۋاب بېرىشلىرىنى سورايمەن:
1- مېنى چوڭ دادام چوڭ ئاپام بېقىپ چوڭ قىلغاچقا، دادام ئاپامنى ئاكا ئاچا دەپ چاقىرىپ كۆنۈپ قالغان. بۇنداق چاقىرىۋېرىش گۇناھمۇ؟ يەنە ھازىرغىچە فامىلەمگە چوڭ دادامنىڭ ئىسمىنى قوللىنىپ كېلىۋاتىمەن. (نوپۇس ۋە كىملىكممۇ شۇنداق). بۇندىن كېيىنمۇ قوللىنىۋەرسەم بولامدۇ؟
2- چوڭ دادام چوڭ ئاپامدىن كىيىن قالساق (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلغاي) ئاپام ۋە تۆت ھاممامنىڭ رازىلىقىنى ئالغان ئەھۋال ئاستىدا چوڭ ئۆيدە ئولتۇرسام بولامدۇ؟
3- ئەگەر ئۆيدە ئولتۇرۇپ قالسام ئۆينىڭ پۇلىنى چوڭ دادام سېتىۋالغان ۋاقىتتىكى باھا بويىچە ھاممىلىرىمغا بېرەمتىم؟ ئەگەر ئاپام بىلەن ھاممىلىرىم ئۆينىڭ پۇلىنى ئالماسلىققا رازى بولسا بۇ ئۆيدە ئولتۇرۇۋەرسەم بولامدۇ؟ ئاللاھ سىلەردىن رازى بولغاي ھۆرمەت بىلەن: شىر ئەلى
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
ئالدى بىلەن شۇنى بىلىڭكى، بېقىۋېلىش بېقىۋېلىنغۇچى بىلەن باققۇچى ئارىسىدا ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋىتى ئورناتمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بېقىۋېلىنغان بالا قۇرئان كەرىمنىڭ ھۆكمىدە باققۇچىنىڭ بالىسى ھېسابلانمايدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
«مَا جَعَلَ اللَّهُ لِرَجُلٍ مِنْ قَلْبَيْنِ فِي جَوْفِهِ وَمَا جَعَلَ أَزْوَاجَكُمُ اللَّائِي تُظَاهِرُونَ مِنْهُنَّ أُمَّهَاتِكُمْ وَمَا جَعَلَ أَدْعِيَاءَكُمْ أَبْنَاءَكُمْ ذَلِكُمْ قَوْلُكُمْ بِأَفْوَاهِكُمْ وَاللَّهُ يَقُولُ الْحَقَّ وَهُوَ يَهْدِي السَّبِيلَ. ادْعُوهُمْ لِآبَائِهِمْ هُوَ أَقْسَطُ عِنْدَ اللَّهِ فَإِنْ لَمْ تَعْلَمُوا آبَاءَهُمْ فَإِخْوَانُكُمْ فِي الدِّينِ وَمَوَالِيكُمْ وَلَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ فِيمَا أَخْطَأْتُمْ بِهِ وَلَكِنْ مَا تَعَمَّدَتْ قُلُوبُكُمْ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَحِيمًا»
«ئاللاھ ھېچكىمنىڭ ئىچىدە ئىككى قەلب ياراتمىدى. شۇنىڭدەك سىلەر: ‹سەن ماڭا ئانامنىڭ ئۇچىسىغا ئوخشاشسەن› دېگەن ئاياللىرىڭلارنى سىلەرنىڭ ئاناڭلار قىلمىدى ۋە بېقىۋالغان بالىلىرىڭلارنى ئۆز بالىلىرىڭلار قىلمىدى، ئۇ سىلەرنىڭ ئاغزىڭلاردىكىسۆزۈڭلاردۇر. ئاللاھ ھەقنى سۆزلەيدۇ ۋە توغرا يولغا باشلايدۇ.
بېقىۋالغان بالىلىرىڭلارنى ئۆز ئاتىلىرىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتاڭلار. بۇ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ئادالەتلىكتۇر. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىنى بىلمىسەڭلار، بۇ تەقدىردە ئۇلار سىلەرنىڭ دىنى قېرىنداشلىرىڭلاردۇر ۋە دوستلىرىڭلار. ئۇلارنى سەۋەنلىكتىن ئۆز ئاتىلىرىدىن باشقا بىرىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتاپ سالساڭلار گۇناھكار بولمايسىلەر، لېكىن بۇنى قەستەن قىلساڭلار گۇناھكار بولىسىلەر. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھىم قىلغۇچىدۇر»- ئەھزاب 33/4-5.
بۇ ئايەتكە بولۇپمۇ ئايەتنىڭ ئاستى سىزىلغان قىسمىغا ئاساسەن سىز سىزنى بېقىۋالغان چوڭ دادىڭىزنىڭ ئۆز بالىسى ھېسابلانمايسىز.
شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ۋە سىزنىڭ تۇغقان، يېقىن، دوست…. لىرىڭىز مۇنۇلارغا دىققەت قىلىشىڭلار كېرەك:
1 ـ سىز نوپۇس دەپتىرىڭىز، كىملىكىڭىز ۋە باشقا رەسمىيەتلەرگە ئىسىم-فامىلىڭىزنى ئۆز دادىڭىزنىڭ ئىسمى بىلەن يازدۇرۇشىڭىز لازىم. مەسىلەن: سىزنىڭ ئىسمىڭىز ئابدۇللاھ، ئۆز دادىڭىزنىڭ ئىسمى قۇربان، بېقىۋالغان دادىڭىزنىڭ ئىسمى رۇزى بولسا، كىملىكىڭىزگە ئابدۇللاھ قۇربان دەپ يازدۇرۇشىڭىز ۋە بېقىۋالغان دادىڭىزنىڭ شۇنداق يازدۇرۇشى كېرەك. ئەگەر ئابدۇللاھ رۇزى دەپ يېزىلسا، يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا ئەمەل قىلىنمىغان بولىدۇ. شۇنىڭدەك، سىزنى كىم ئابدۇللاھ روزى دەپ چاقىرسا ئاللاھ تەئالانىڭ يۇقىرىدىكى ھۆكمىگە بويسۇنمىغان بولىدۇ. يەنى سىزنى چوڭ دادىڭىزنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىغان، چاقىرغان ۋە بۇنىڭغا سەۋەبچى بولغان…لارنىڭ ھەممىسى قاتتىق گۇناھكار بولىدۇ.
2- بۇ پەتىۋانى ئوقۇغاندىن باشلاپ ئۆز ئاتا-ئانىڭىزنى ئاكام، ئاچام دېيىشتىن توختاپ ئۇلارنى دادام، ئانام دېيىشكە باشلاڭ. باشقىلارمۇ سىزنى ئۆز دادىڭىزنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىسۇن ۋە چاقىرىسۇن.
3ـ سىز ئانىڭىز ھاياتلا بولىدىكەن چوڭ دادىڭىزنىڭ مىراسىدىن ھېچ نەرسە ئالالمايسىز. چۈنكى ئانىڭىز سىزنىڭ چوڭ دادىڭىزنىڭ سىزگە «ئەڭ يېقىن» بولۇشىغا توسالغۇ بولىدۇ.
4- ئەگەر چوڭ دادىڭىزدىن كېيىن قالغان چېغىڭىزدا، ئۇنىڭدىن قالغان ئۆيدە سىز ئولتۇرماقچى بولسىڭىز ئۇ ئۆينى ئۇلارنىڭ رازىلىقى بىلەن ھازىرقى باھا بويىچە سېتىۋېلىپ پۇلىنى چوڭ دادىڭىزنىڭ ۋارىسلىرىغا سۈرە نىسانىڭ مىراس بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرىنىڭ مەزمۇنى بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىپ ئولتۇرسىڭىز بولىدۇ، ياكى ئۇلار ئۆينى ئۆز ئەركىن پىكىرلىرى بىلەن ھازىرقى باھادا سىزگە ئىجارىگە بەرسە ھەر قېتىملىق ئىجارىسىنى يەنە ئۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى بويىچە ئۇلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىپ ئولتۇرسىڭىز بولىدۇ.
5- ئۆينىڭ سېتىلىش پۇلى ياكى ئىجارە پۇلى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە بەلگىلەنگەن بويىچە چوڭ دادىڭىزنىڭ ۋارىسلىرىغا تەقسىم قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۇ ۋارىسلارنىڭ بىرى ياكى ئىككى ۋە ياكى ھەممىسى سىزگە بېرىۋەتسە، بۇ بېرىۋەتكەن مىقدار سىزگە ھالال بولىدۇ. لېكىن ئالدى بىلەن مىراسنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تەقسىم قىلىش كېرەك. تەقسىم قىلماي تۇرۇپ ئۇلارنىڭ سىزگە بېرىۋېتىشى توغرا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار مۇسىبەتنىڭ تەسىرى بىلەن يەنى چوڭ دادىسىنىڭ ئىچ ئاغرىقى بىلەن ياكى باشقىلارنىڭ ئەيىبلىشىدىن قورقۇش بىلەن ئالماسلىققا رازى بولدۇم دەۋېتىشى مۇمكىن. مۇشۇنداق بولماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مۇسىبەتنىڭ تەسىرىدە قالمىغان، ئۆزلىرىنىڭ مىراستىن ئالىدىغان ھەسسىسىنىڭ مىقدارىنى بىلگەن، ئەرلىرى ۋە بالىلىرى بىلەن مەسلىھەتلەشكەن ئەھۋال ئاستىدا سىزگە ھەدىيە (سوۋغات) قىلغان بولۇشلىرى شەرت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر