مۇسۇلمانلار

قەسىرنىڭ شەرتى بارمۇ؟

سوئال:
سەپەر ئۈستىدە نامازنى قەسىر قىلىپ ئوقۇش كاپىرلارنىڭ زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن قورقۇشىمىزغا باغلىقمۇ؟ تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتسام كۈنىمىزدىكى سەپەرلەردە نامازلىرىمىزنى تولۇق ئوقۇشىمىز كېرەكمۇ؟ سوئاللىرىمغا سۈرە نىسانىڭ 101- ئايىتىغا ئاساسەن جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز. ئاللاھ رازى بولسۇن.
جاۋاب:
ئاللاھ تەئالا سەپەر ئۈستىدە بولغان مۇسۇلمانلارغا نامازشامدىن باشقا نامازلارنى ئىككى رەكەتتىن ئوقۇشقا بۇيرۇغان. سەپەردە بولسۇن، مۇقىملىقتا بولسۇن ھەر مۇسۇلمان ئوقۇغان نامىزىنىڭ بىرىنى «ئوتتۇرا ناماز» قىلىپ ئوقۇشى لازىم[1]. شۇنىڭ ئۈچۈن نامازشامنىڭ رەكئەت سانى سەپەردىمۇ، مۇقىملىقتىمۇ ئۆزگەيدۇ. چۈنكى ئۈچ ئىككى تۆتنىڭ ئوتتۇرىسى ھېسابلانغاندەك، ئىككى ئىككىنىڭمۇ ئوتتۇرىسى ھېسابلىنىدۇ.
دېمەككى، سەپەر ئۈستىدە ئوقۇلىدىغان ئىككى رەكئەتلىك ناماز قەسىر قىلىپ ئوقۇلغان ناماز ئەمەس، تولۇق ئوقۇلغان نامازدۇر.
قەسىر قىلىپ ئوقۇلغان ناماز بولسا، سەپەر ئۈستىدە دۈشمەننىڭ زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشىدىن قورققان مۇسۇلمانلار قەسىر قىلىپ (ئىككى رەكئەتتىن بىر رەكئەتكە قىسقارتىپ) ئوقۇغان بىر رەكئەت نامازدۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَإِذَا ضَرَبْتُمْ فِي الْأَرْضِ فَلَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ أَنْ تَقْصُرُوا مِنَ الصَّلَاةِ إِنْ خِفْتُمْ أَنْ يَفْتِنَكُمُ الَّذِينَ كَفَرُوا إِنَّ الْكَافِرِينَ كَانُوا لَكُمْ عَدُوًّا مُبِينًا. وَإِذَا كُنْتَ فِيهِمْ فَأَقَمْتَ لَهُمُ الصَّلَاةَ فَلْتَقُمْ طَائِفَةٌ مِنْهُمْ مَعَكَ وَلْيَأْخُذُوا أَسْلِحَتَهُمْ فَإِذَا سَجَدُوا فَلْيَكُونُوا مِنْ وَرَائِكُمْ وَلْتَأْتِ طَائِفَةٌ أُخْرَى لَمْ يُصَلُّوا فَلْيُصَلُّوا مَعَكَ وَلْيَأْخُذُوا حِذْرَهُمْ وَأَسْلِحَتَهُمْ وَدَّ الَّذِينَ كَفَرُوا لَوْ تَغْفُلُونَ عَنْ أَسْلِحَتِكُمْ وَأَمْتِعَتِكُمْ فَيَمِيلُونَ عَلَيْكُمْ مَيْلَةً وَاحِدَةً وَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ إِنْ كَانَ بِكُمْ أَذًى مِنْ مَطَرٍ أَوْ كُنْتُمْ مَرْضَى أَنْ تَضَعُوا أَسْلِحَتَكُمْ وَخُذُوا حِذْرَكُمْ إِنَّ اللَّهَ أَعَدَّ لِلْكَافِرِينَ عَذَابًا مُهِينًا. فَإِذَا قَضَيْتُمُ الصَّلَاةَ فَاذْكُرُوا اللَّهَ قِيَامًا وَقُعُودًا وَعَلَى جُنُوبِكُمْ فَإِذَا اطْمَأْنَنْتُمْ فَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ إِنَّ الصَّلَاةَ كَانَتْ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ كِتَابًا مَوْقُوتًا»
«ئى مۇئمىنلار! سەپەرگە چىققان چېغىڭلاردا كاپىرلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشىدىن قورقساڭلار، نامازدىن قىسقارتىشىڭلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوق. شۈبھىسىزكى، كاپىرلار سىلەرگە ئوچۇق- ئاشكارا دۈشمەندۇر. ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلارغا ئىمام بولۇپ نامازنى تولۇق ئوقۇغان چېغىڭدا، ئۇلاردىن بىر پىرقە سەن بىلەن بىرلىكتە نامازغا تۇرسۇن ۋە قورال- ياراغلىرىنى تۇتسۇن.
بۇلار سەجدە قىلىپ بولغاندا ئارقاڭلاردىن قوغدىغۇچى بولۇپ تۇرسۇن. ناماز ئوقۇمىغان يەنە بىر پىرقە كېلىپ سەن بىلەن بىرلىكتە ناماز ئوقۇسۇن. بۇلارمۇ ھوشيار تۇرسۇن ۋە قورال- ياراغلىرىنى تۇتسۇن.
كاپىرلار سىلەرنىڭ قورال- ياراغ ۋە نەرسە- كېرەكلىرىڭلاردىن خەۋەرسىز قېلىشىڭلارنى، شۇنىڭ بىلەن سىلەرگە بىردىنلا ھۇجۇم قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەگەر سىلەر يامغۇردىن بىر ئەزىيەت تارتساڭلار ياكى كېسەل بولساڭلار، قورال- ياراغلىرىڭلارنى قويۇپ قويۇشىڭلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوق. شۇنداق بولسىمۇ ئېھتىياتچان ۋە ھوشيار بولۇڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ كاپىرلار ئۈچۈن خورلىغۇچى ئازاب تەييارلىدى.
نامازنى ئادا قىلغان چېغىڭلاردا، ئۆرە تۇرغان، ئولتۇرغان ۋە ياتقان ھالەتلىرىڭلاردا ئاللاھقا زىكىر ئېيتىڭلار. خاتىرجەم بولغان چېغىڭلاردا نامازنى تولۇق ئادا قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى ، ناماز مۇئمىنلارغا ۋاقتى بەلگىلەنگەن پەرزدۇر»- نىسا 4/101-103.
     بۇ ئايەتلەردە ئۆتكەن ۋە ناماز دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە ئەسسەلات «الصَّلَاة» بولۇپ، بۇ كەلىمە بېشىدىكى ئەلىف لام بىلەن ئېنىق ئىسىمدۇر، يەنى مۇئمىنلار تەرىپىدىن بىلىنگەن نامازنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى مۇنداق: ئادەتتە سەپەر ئۈستىدە ئوقۇلىدىغان ناماز ئىككى رەكئەت. بۇنى پۈتۈن مۇسۇلمانلار بىلىدۇ. يۇقىرىدىكى ئۈچ ئايەت يەنى سۈرە نىسانىڭ 101-، 102- ۋە 103- ئايەتلىرى سەپەر ئۈستىدە بولغان مۇسۇلمانلارنىڭ «سەپەر ئۈستىدە بولۇش» لىرىغا «كاپىرلارنىڭ زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشىدىن قورقۇش» لىرى قوشۇلسا، سەپەر ئۈستىدە ئوقۇپ كەلگەن ئىككى رەكئەت نامازلىرىنى قىسقارتىپ بىر رەكئەت قىلىپ ئوقۇشلىرىغا رۇخسەت بېرىشتىن ئىبارەت يېڭى ھۆكۈمنى ئىپادىلەيدۇ.
بۇنى تۆۋەندىكى ھەدىسلەرمۇ تەكىتلەيدۇ:
1- ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «ناماز مۇقىملىقتا ۋە سەپەردە ئىككى ركئەت، ئىككى رەكئەت پەرز قىلىندى. كېيىن مۇقىملىقتىكى نامازغا ئىككى رەكەت زىيادە قىلىندى، سەپەردىكى ناماز ئۆز پېتى قويۇلدى»[2].
2- ئبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ نامازنى پەيغەمبىرىڭلارنىڭ تىلى ئارقىلىق مۇقىملىقتا تۆت رەكەت ، سەپەردە ئىككى رەكەت ، قورقۇنچتا بىر رەكەت قىلىپ پەرز قىلدى»[3].
بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىش كېرەككى:
«سۈرە نىسانىڭ 101- ئايىتىگە قاراپلا ئاللاھ تەئالا نامازنى قەسىر قىلىپ ئوقۇشنى كاپىرلارنىڭ زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن قورقۇشقا باغلىق قىلغان، ھازىر ئۇنداق بىر قورقۇنچ يوق، شۇڭا سەپەردە نامازلارنى قەسىر قىلماي تولۇق ئوقۇش لازىم»، دېگەن كۆزقاراش توغرا ئەمەس. چۈنكى 101- ئايەتنىڭ ئىجرا قىلىنىش شەكلىنى 102- ئايەت ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئىككى ئايەت بىرلىكتە چۈشىنىلسە مۇنداق ھۆكۈم چىقىدۇ:
سەپەر ئۈستىدە ئوقۇلىدىغان نامازلار نامازشامدىن باشقىسى ئىككى رەكئەتلىكتۇر. ئەگەر سەپەر ئۈستىدە دۈشمەننىڭ زىيان يەتكۈزۈشىدىن قورقۇش مەۋجۇت بولسا، ئۇ ئىككى رەكئەت نامازنى قىسقارتىپ بىر رەكەت ئوقۇشقا بولىدۇ.
ئايەتتە بۇنىڭ گۇناھ ئەمەسلىكى بايان قىلىنغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەپەردە ئوقۇلىدىغان ئىككى رەكئەتنى قىسقارتماي تولۇق ئىككى رەكئەت، ئىككى پىرقىگە ئايرىلغان مۇسۇلمانلارنىڭ ھەر پىرقىسى ئۇ ئىككى رەكئەتنى قىسقارتىپ بىر رەكئەتتىن ئوقۇغان. دېمەك، نىسا سۈرىسىنىڭ 102- ئايىتى 101- ئايەتتىكى ھۆكۈمنىڭ ئىجرا قىلىنىش شەكلىنى بايان قىلىنىدۇ.

 


[1]ئاللاھ تەئالا سۈرە بەقەرەنىڭ 238- «حَافِظُوا عَلَى الصَّلَوَاتِ وَالصَّلَاةِ الْوُسْطَى… (نامازلارنى ۋە ئوتتۇرا نامازنى مۇھاپىزەت قىلىڭلار…)» دەيدۇ. بۇ ئايەتتە «نامازلار» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە سەلەۋات «الصَّلَوَات» دۇر. بۇ كەلىمە سەلات «الصَّلَاة» نىڭ كۆپلۈكىدۇر. ئەرەبچىدە كۆپلۈك (جەمى) ئەڭ ئاز ئۈچ نەرسىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇنداقتا ئايەتتىكى سەلەۋات «الصَّلَوَات» نىڭ مەنىسى ئەڭ ئاز «ئۈچ ناماز» بولىدۇ. ئايەتتە بۇ «نامازلار» بىلەن بىرلىكتە «ئوتتۇرا ناماز» دەپ ئاتىلىدىغان ئايرىم بىر ناماز ئەمر قىلىنماقتىدۇر. ئۈچتىن كېيىن ئوتتۇرىسى بولغان تۇنجى سان بەشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئايەت ئەڭ ئاز بەش ۋاخ ناماز ئوقۇشنىڭ پەرزلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. دېمەككى، بۇ ئايەت سەپەردە بولسۇن، مۇقىملىقتا بولسۇن ھەر مۇسۇلماننى بىرى «ئوتتۇرا ناماز» بولۇش شەرتى بىلەن كۈندە بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇيدۇ. مۇقىملىقتا ئوقۇغان چېغىدا پېشىن بىلەن نامازدىگەرنى تۆت رەكئەتتىن ئوغانلىقى ئۈچۈن ئىككى تۆتنىڭ ئوتتۇرىدىكى ئۈچ رەكئەتلىك نامازشام «ئوتتۇرا ناماز» بولغان بولىدۇ. سەپەر ئۈستىدە ئوقۇغان چېغىدا پېشىن بىلەن نامازدىگەرنى ئىككى رەكئەتتىن ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن ئىككى ئىككىنىڭ ئوتتۇرىدىكى ئۈچ رەكئەتلىك نامازشام يەنە ئۆزىنىڭ «ئوتتۇرا ناماز» لىق ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالىدۇ. دىققەت قىلىدىغان بولساق، بەش ۋاقىت نامازنىڭ بىرىنچىسى پېشىندۇر، ئاخىرقىسى بولسا بامدات نامازدۇر. بۇنى سۈرە ئىسرانىڭ 78- ئايىتى، سۈرە ھۇدنىڭ 114- ئايىتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ. پەيغەمبىرىمىزگە جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئىككى كۈن ئىماملىق قىلغاندىمۇ ھەر كۈنى بەش ۋاقىت نامازنى پېشىندىن باشلىغان.- بۇخارى، مەۋاقىت 2؛ مۇسلىم، مەساجىد 166-167؛ تىرمىزى، سالات 1؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات 2.

 [2]– بۇخارى، مۇسلىم، ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسەئى رىۋايەت قىلغان.

[3]مۇسلىم، ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسەئى رىۋايەت قىلغان.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر