مۇسۇلمانلار

سەپەر دۇئاسى قايسى؟

سوئال:
سەپەرگە چىقىش ئۈچۈن قەدەم باسقاندا ئوقۇيدىغان دۇئانى دەپ بەرگەن بولسىڭىز. ئاللاھ رازى بولسۇن.
جاۋاب:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەپەرگە چىقىش ئۈچۈن تۆگىسىگە مىنىپ بولۇپ ئۈچ قېتىم تەكبىر ئېيتاتتى يەنى ئۈچ قېتىم «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەيتتى، ئاندىن مۇنداق دەيتتى:
«سُبْحَانَ الَّذِي سَخَّرَ لَنَا هَذَا، وَمَا كُنَّا لَهُ مُقْرِنِينَ، وَإِنَّا إِلَى رَبِّنَا لَمُنْقَلِبُونَ، اللهُمَّ إِنَّا نَسْأَلُكَ فِي سَفَرِنَا هَذَا الْبِرَّ وَالتَّقْوَى، وَمِنَ الْعَمَلِ مَا تَرْضَى، اللهُمَّ هَوِّنْ عَلَيْنَا سَفَرَنَا هَذَا، وَاطْوِ عَنَّا بُعْدَهُ، اللهُمَّ أَنْتَ الصَّاحِبُ فِي السَّفَرِ، وَالْخَلِيفَةُ فِي الْأَهْلِ، اللهُمَّ إِنِّي أَعُوذُ بِكَ مِنْ وَعْثَاءِ السَّفَرِ، وَكَآبَةِ الْمَنْظَرِ، وَسُوءِ الْمُنْقَلَبِ فِي الْمَالِ وَالْأَهْلِ»
 «بىزگە بۇنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زات پاكتۇر، بىز بۇنىڭغا مىنىشكە قادىر ئەمەس ئىدۇق، شۈبھىسىزكى، بىز پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز. ئى ئاللاھ! سەندىن مۇشۇ سەپىرىمىزدە ياخشىلىق ۋە تەقۋالىق سورايمىز ۋە سەن رازى بولىدىغان ئەمەللەرنى سورايمىز. ئى ئاللاھ! بىزنىڭ بۇ سەپىرىمىزنى ئاسان قىلغايسەن ۋە ئۇنىڭ يىرىقىنى يېقىن قىلغايسەن. ئى ئاللاھ! سەن بۇ سەپىرىمىزدە ئىگىمىز ۋە ئەھلىمىزدە يۆلەنچۈكىمىزدۇسەن. ئى ئاللاھ! سەپەرنىڭ مۇشەققىتىدىن ۋە سەپەردىن قايتقاندا مال-مۈلۈك ۋە ئەھلى-ئايال، بالىلىرىمىزنى يامان ھالەتتە كۆرۈشتىن ساڭا سېغىنىمەن»– مۇسلىم، ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.
ئۇلاغقا مىنگەندە ۋە قانداقلا بىر قاتناش ۋاسىتىسىگە ئولتۇرغاندا بۇ دۇئانى ئوقۇش ياخشىدۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر