مۇسۇلمانلار

«73 پىرقە» گە ئېتىراز

ئېتىراز:
سىز 73 پىرقە ھەدىسىنى «زەئىپ ھەدىس» دەپسىز! بىراق ئۇ ھەدىسنى ئەبۇ ھۇرەيرە، ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر، مۇئاۋىيە، سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس، كەسىير ئىبنى ئابدۇللاھ، ئەنەس، ئەلى، قەتادە قاتارلىق داڭلىق ساھابىلەر رىۋايەت قىلغان. ئۇ ھەدىس تىرمىزى، نەسەئى، ئەبۇ داۋۇت، ئىبنى ماجە قاتارلىق مەشھۇر تۆت ھەدىس كىتابىدا ۋە ئابدۇررازاق، ھاكىم قاتارلىق ئىماملارنىڭ ھەدىس كىتابلىرىدا زىكىر قىلغان. سىز ئۇ ھەدىسنى نېمىگە ئاساسەن «زەئىپ ھەدىس» دەيسىز؟ دەلىلىڭىز نېمە؟
جاۋاب:
قېرىندىشىم!  بۇ ھەدىسنى «زەئىپ» دېگەن ھەدىس ئالىملىرى بار. سىز بۇ ھەدىس ھەققىدە ئىزدىنىشكە داۋام قىلىڭ، چۈشىنىپ قالىسىز. بۇ ھەدىس سەنەد ئېتىبارى بىلەن سەھىھ بولۇشىمۇ مۇمكىن. لېكىن بۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنى قۇرئان كەرىمنىڭ نۇرغۇن ئايەتلىرىگە ۋە سەھىھلىكىدە ئىتتىپاق بولغان نۇرغۇن ھەدىسلەرگە خىلاپتۇر.
مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر مۇنداق:
«قُل لاَّ أَقُولُ لَكُمْ عِندِي خَزَآئِنُ اللّهِ وَلا أَعْلَمُ الْغَيْبَ وَلا أَقُولُ لَكُمْ إِنِّي مَلَكٌ إِنْ أَتَّبِعُ إِلاَّ مَا يُوحَى إِلَيَّ قُلْ هَلْ يَسْتَوِي الأَعْمَى وَالْبَصِيرُ أَفَلاَ تَتَفَكَّرُونَ»
مەناسى:
«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: ‹مەن سىلەرگە: ئاللاھنىڭ خەزىنىلىرى مېنىڭ يېنىمدىدۇر، دېمەيمەن. مەن غەيبنى بىلمەيمەن. سىلەرگە: مەن چوقۇم بىر پەرىشتە، دېمەيمەن. مەن ماڭا ۋەھىي قىلىنغان نەرسىگىلا ئەگىشىمەن›. ئېيتقىنكى: ‹كور ئادەم بىلەن كۆرگۈچى ئادەم باراۋەر بولامدۇ؟ تەپەككۇر قىلمامسىلەر؟›»- ئەنئام 6/50.
«قُل لاَّ أَمْلِكُ لِنَفْسِي نَفْعاً وَلاَ ضَرّاً إِلاَّ مَا شَاء اللّهُ وَلَوْ كُنتُ أَعْلَمُ الْغَيْبَ لاَسْتَكْثَرْتُ مِنَ الْخَيْرِ وَمَا مَسَّنِيَ السُّوءُ إِنْ أَنَاْ إِلاَّ نَذِيرٌ وَبَشِيرٌ لِّقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ»
مەناسى:
«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: ‹مەن ئۆزۈمگە، ئاللاھنىڭ خالىغىنىدىن باشقا ھېچقانداق پايدا-زىيان يەتكۈزەلەيمەن. ئەگەر غەيبنى بىلگەن بولسام، كۆپ ياخشىلىق قولغا كەلتۈرگەن بولاتتىم. ھەمدە بېشىمغا ھېچبىر يامانلىق كەلمەستى. مەن، ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن پەقەتلا بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە بىر خۇش خەۋەرچىمەن›»- ئەئراف 7/188.
«وَلاَ أَقُولُ لَكُمْ عِندِي خَزَآئِنُ اللّهِ وَلاَ أَعْلَمُ الْغَيْبَ وَلاَ أَقُولُ إِنِّي مَلَكٌ وَلاَ أَقُولُ لِلَّذِينَ تَزْدَرِي أَعْيُنُكُمْ لَن يُؤْتِيَهُمُ اللّهُ خَيْراً اللّهُ أَعْلَمُ بِمَا فِي أَنفُسِهِمْ إِنِّي إِذاً لَّمِنَ الظَّالِمِينَ»
مەناسى:
«سىلەرگە: ‹مېنىڭ يېنىمدا ئاللاھنىڭ خەزىنىلىرى بار› دېمەيمەن، مەن غەيبنى بىلمەيمەن، ‹مەن بىر پەرىشتە› دېمەيمەن، سىلەر كۆزگە ئىلمايدىغان كىشىلەر توغرۇلۇق: ‹ئاللاھ ئۇلارغا ھەرگىزمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلمايدۇ دېمەيمەن،- ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكىنى ئوبدان بىلىدۇ- چۈنكى مەن ئۇ ھالدا چوقۇم زالىملاردىن بولۇپ قالىمەن›»- ھۇد 11/31.
«فَإِن تَوَلَّوْا فَقُلْ آذَنتُكُمْ عَلَى سَوَاء وَإِنْ أَدْرِي أَقَرِيبٌ أَم بَعِيدٌ مَّا تُوعَدُونَ»
مەناسى:
«ئى مۇھەممەد! ئۇلار ئەگەر يۈز ئۆرۈسە ئېيتقىنكى: ‹مەن ھەقىقەتنى ھەممىڭلارغا ئوخشاش ئۇقتۇردۇم، بېشىڭلارغا كېلىشى ۋەدە قىلىنغان ئازاب يېقىنمۇ، يىراقمۇ، ئۇنى مەن بىلمەيمەن›»- ئەنبىيا 21/109.
«قُلْ مَا كُنتُ بِدْعاً مِّنْ الرُّسُلِ وَمَا أَدْرِي مَا يُفْعَلُ بِي وَلَا بِكُمْ إِنْ أَتَّبِعُ إِلَّا مَا يُوحَى إِلَيَّ وَمَا أَنَا إِلَّا نَذِيرٌ مُّبِينٌ»
مەناسى:
«ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: ‹مەن ئويدۇرما پەيغەمبەر ئەمەسمەن، ماڭا ۋە سىلەرگە نېمە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. مەن پەقەت ماڭا ۋەھىي قىلىنغان نەرسىگىلا ئەگىشىمەن. مەن ئوپئوچۇق بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن›»- ئەھقاف 46/9.
بۇرادەر! مانا بۇ قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرى. بۇ ئايەتلەر پەيغەمبىرىمىزنىڭ غەيبنى بىلمەيدىغانلىقىنى، ئۆزىگىمۇ پايدا-زىيان يەتكۈزۈشكە قادىر ئەمەسلىكىنى، ئۆزىگە ۋە ئىنسانلارغا ئاللاھ تەئالا تەرىپىدىن نېمە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئۇنداقتا سىزگە سوئال:
يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە غەيبنى بىلمەيدىغانلىقى ئاللاھ تەئالا تەرىپىدىن بايان قىلىنغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ئۇممىتىنىڭ 73 پىرقىگە بۆلۈنىدىغانلىقىنى نەدىن بىلگەن؟
 ئۆزىگە ۋە ئىنسانلارغا ئاللاھ تەئالا تەرىپىدىن قانداق مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقى ئايەتلەر بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان پەيغەمبىرىمىز 72 پىرقىنىڭ دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنى نەدىن بىلگەن؟
بۇنداق «ھەدىسلەر» قۇرئانسىز بىر «ئىسلام» پەيدا قىلغۇچىلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان، شۇنداقلا سەنەد سىلسىلىسى ئىجاد قىلىنىپ ھەدىس كىتابلىرىغا «سەھىھ ھەدىس» دەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
تۆۋەندىكى ھەدىسلەرمۇ 73 پىرقە ھەدىسىنىڭ بىر ئويدۇرما سۆز ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ:
1- 1677/450 – مَالِكٌ، عَنْ أَبِي النَّضْرِ، مَوْلَى عُمَرَ بْنِ عُبَيْدِ اللهِ؛ أَنَّهُ بَلَغَهُ أَنَّ رَسُولَ اللهِ صلى الله عليه وسلم قَالَ لِشُهَدَاءِ أُحُدٍ: «هؤُلاَءِ أَشْهَدُ عَلَيْهِمْ» . فَقَالَ أَبُو بَكْرٍ الصِّدِّيقُ: أَلَسْنَا، يَا رَسُولَ اللهِ، بِإِخْوَانِهِمْ؟. أَسْلَمْنَا، كَمَا أَسْلَمُوا؟. وَجَاهَدْنَا، كَمَا جَاهَدُوا؟. فَقَالَ رَسُولُ اللهِ صلى الله عليه وسلم: «بَلَى. وَلَكِنْ لاَ أَدْرِي مَا تُحْدِثُونَ بَعْدِي» . قَالَ: فَبَكَى أَبُو بَكْرٍ، ثُمَّ بَكَى. ثُمَّ قَالَ: أَئِنَّا لَكَائِنُونَ بَعْدَكَ؟. الموطأ كِتَابُ الْجِهَادِ،   الشُّهَدَاءُ فِي سَبِيلِ اللهِ
تەرجىمىسى: ئۆمەر ئىبنى ئۇبەيدۇللاھنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇھۇد شېھىدلىرى توغرىسىدا: «مەن بۇلارغا شاھىتلىق قىلىمەن» دېگەن ئىدى، ئەبۇ بەكىر سىددىق (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ): يا رەسۇلەللاھ! بىز ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى ئەمەسمۇ؟ ئۇلار مۇسۇلمان بولغاندەك بىزمۇ مۇسۇلمان بولدۇق، ئۇلار جىھاد قىلغاندەك بىزمۇ جىھاد قىلدۇق، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «شۇنداق، لېكىن مەن سىلەرنىڭ مەندىن كېيىن نېمە پەيدا قىلىدىغانلىقىڭلارنى بىلمەيمەن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ بەكىر يىغلىدى، ئاندىن يەنە يىغلىدى، ئاندىن: بىز ئۆزلىرىدىن كېيىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرامدۇق؟ دېدى. بۇ ھەدىس مۇۋەتتا، جىھاد، شېھىدلەرنىڭ بابىدا زىكىر قىلىنىدۇ.
2- 3349 – حَدَّثَنَا مُحَمَّدُ بْنُ كَثِيرٍ، أَخْبَرَنَا سُفْيَانُ، حَدَّثَنَا المُغِيرَةُ بْنُ النُّعْمَانِ، قَالَ: حَدَّثَنِي سَعِيدُ بْنُ جُبَيْرٍ، عَنِ ابْنِ عَبَّاسٍ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُمَا، عَنِ النَّبِيِّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ، قَالَ: " إِنَّكُمْ مَحْشُورُونَ حُفَاةً عُرَاةً غُرْلًا، ثُمَّ قَرَأَ: {كَمَا بَدَأْنَا أَوَّلَ خَلْقٍ نُعِيدُهُ وَعْدًا عَلَيْنَا إِنَّا كُنَّا فَاعِلِينَ} [الأنبياء: 104] ، وَأَوَّلُ مَنْ يُكْسَى يَوْمَ القِيَامَةِ إِبْرَاهِيمُ، وَإِنَّ أُنَاسًا مِنْ أَصْحَابِي يُؤْخَذُ بِهِمْ ذَاتَ الشِّمَالِ، فَأَقُولُ أَصْحَابِي أَصْحَابِي، فَيَقُولُ: إِنَّهُمْ لَمْ يَزَالُوا مُرْتَدِّينَ عَلَى أَعْقَابِهِمْ مُنْذُ فَارَقْتَهُمْ، فَأَقُولُ كَمَا قَالَ العَبْدُ الصَّالِحُ ": {وَكُنْتُ عَلَيْهِمْ شَهِيدًا مَا دُمْتُ فِيهِمْ فَلَمَّا تَوَفَّيْتَنِي} [المائدة: 117]- إِلَى قَوْلِهِ – {العَزِيزُ الحَكِيمُ} [البقرة: 129]  
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «شۈبھىسىزكى، سىلەر يالاڭ ئاياغ، يالىڭاچ ۋە سۈننەتسىز ھالدا ھەشىر قىلىنىسىلەر» دېدى، ئاندىن: «بىز قايتا تىرىلدۈرۈش ئىشىنى دەسلەپتە ياراتقىنىمزدەك قايتا قىلىمىز. بۇ بىزنىڭ ۋەدىمىزدۇر. بىز ۋەدىمىزنى ئەلۋەتتە ئەمەلگە ئاشۇرىمىز» دېگەن مەنىدىكى ئايەتنى ئوقۇدى. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قىيامەت كۈنى تۇنجى بولۇپ كىيىم كىيگۈزۈلىدىغان كىشى ئىبراھىمدۇر. مېنىڭ ئەسھابىمدىن بىر بۆلۈك ئىنسان سول تەرەپكە ئېلىپ مېڭىلىدۇ. بۇ چاغدا مەن: «ئەسھابىم، ئەسھابىم» دەيمەن. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تەئالا: «شۈبھىسىزكى، ئۇلار سەن ئۇلاردىن ئايرىلغاندىن تارتىپ داۋاملىق ئارقىلىرىغا يانغان ئىدى» دەيدۇ. مەن بەندە سالىھ (ئىيسا ئەلەيھىسسالام) نىڭ دېگىنىنىڭ ئوخشىشىنى دەيمەن: «… مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغان مۇددەتتە ئۇلارغا شاھىت ئىدىم، مېنى ۋاپات قىلدۇرغىنىڭدىن كېيىن ئۇلارغا پەقەت سەنلا كۆزەتچى بولدۇڭ. سەن ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىسەن. ئەگەر ئۇلارنى ئازابلىساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭ. ئەگەر ئۇلارغا مەغپىرەت قىلساڭ، شۈبھىسىزكى سەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن»– مائىدە 5/117. بۇ ھەدىسنى بۇخارى، مۇسلىم، تىرمىزى ۋە نەسەئىي رىۋايەت قىلغان.
      بۇ ھەدىسلەر سەنەد ئېتىبارى بىلەن سەھىھتۇر، مەنا ئېتىبارى بىلەن يۇقىرىدىكى ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا ئۇدۇل كېلىدۇ. بۇ ھەدىسلەرنى سۆزلىگەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ 73 پىرقە «ھەدىس» ىنى سۆزلىمىگەنلىكى ئېنىق. چۈنكى ۋەزىپىسى قۇرئاننى تەبلىغ قىلىش ۋە قۇرئانغا بويسۇنۇش بولغان پەيغەمبىرىمىزنىڭ قۇرئانغا خىلاپ بىر سۆزنى سۆزلىشى مۇمكىن ئەمەس، بىر-بىرىگە زىت سۆزنى سۆزلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر