مۇسۇلمانلار

كۆڭلۈمنى يېرىم قىلدىڭىز!

ئېتىراز:

سىز: «توي قىلماقچى بولغانلار چوقۇم ياشاۋاتقان رايون ياكى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىدارىسىدىن رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ ئائىلە قۇرۇشلىرى لازىم. باشقا شەكىلدە بولغاندا دىنىمىزنىڭ نىكاھلىنىشقا مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملىرىگە تولۇق ئەمەل قىلىنمايدۇ. بۇنداق بىر نىكاھ شەرئەن كۈچكە ئىگە ھېسابلانمايدۇ. شەرئەن كۈچكە ئىگە بولمىغان نىكاھ بىلەن ‹توي قىلدۇق› دەپ تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرغانلار ئۆزىنى ئۆزىنى ئالدىغان بولىدۇ. بۇ ئىش، دىنىمىز ھارام قىلغان بىر نەرسىنى ‹بىسمىللاھ…› دەۋېتىپ يەپ – ئىچكەنگە ئوخشايدۇ» دېگەن مەزمۇندا پەتىۋا بېرىپسىز!!!

بۇ پەتىۋايىڭىز مېنى بەك ھەيران قالدۇردى… سىزنىڭ بۇ پەتىۋايىڭىزدىن كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى. چۈنكى مەن سىزنى پەتىۋالارنى ئايەت- ھەدىستىن ئالىدۇ، ئېتىقادى ياخشى مۇسۇلمان ئۆلىما، دەپ بەرگەن پەتىۋالىرىڭىزگە ئەمەل قىلاتتىم … سىز بۇ پەتىۋانى قايسى ئايەت، قايسى ھەدىسكە ئاساسەن بەردىڭىز؟؟؟

جاۋاب:

بۇرادەر! مەن بۇ يەردە «ئۆي سالدىم تاشتىن، گەپنى قىلاي باشتىن» دېگەندەك نىكاھ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەت-ھەدىسلەر ئۈستىدە قايتا توختىلىپ ئولتۇرمايمەن. چۈنكى بۇ ھەقتە تور بېتىمىزدە بەك كۆپ مەلۇمات بار. لېكىن مەن سىزگە نىكاھ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ نۇرى ئاستىدا سىزنى «بەك ھەيران قالدۇرغان» ۋە كۆڭلىڭىزنى «بەك يېرىم قىلغان» مەزكۇر پەتىۋانىڭ مەزمۇنىنىڭ توغرىلىقى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتىمەن. نىكاھ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى ئوچۇق-ئاشكارا ۋە كەسكىن بىر شەكىلدە دالالەت قىلىدۇكى:

نىكاھىدا بىردىن ئارتۇق خوتۇن ساقلىغۇچىلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن خوتۇنلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشلىرى شەرتتۇر. مەسىلەن:

1- ھەممىسىگە ئايرىم-ئايرىم ئوخشاش ئۆي تۇتۇپ بېرىشى، يېمەك -ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەكلىرىنى ئوخشاش قىلىپ بېرىشى، ھەر بىرىنىڭ يېنىدا تۇرغان مۇددىتىنىڭ ئوخشاش بولۇشى ۋە بۇ زاتنىڭ بىردىن ئارتۇق خوتۇنىنىڭ بارلىقىنى پۈتۈن يۇرت مەھەللىنىڭ بىلىشى شەرتتۇر!!!

2- بىرىنچى خوتۇنىنى قانداق ناغرا-سۇناي چېلىپ، ئەل- يۇرت ئالدىدا توي قىلىپ ئالغان بولسا، ئىككىنچى خوتۇنىنىمۇ شۇنداق ناغرا سۇناي چېلىپ ئەل-يۇرت ئالدىدا توي قىلىپ ئېلىشى شەرتتۇر!!!

3- نىكاھنىڭ ئائىلە قۇرۇش، بالا-چاقا تېرىش ۋە نەۋرە –چەۋرە كۆرۈش نىيىتى بىلەن بولۇشى شەرتتۇر!!!

نىكاھدا مانا مۇشۇ شەرتلەرگە رىئايە قىلىنسا غوجام خوتۇن ئالغان بولىدۇ، خېنىم ئەرگە تەگكەن بولىدۇ!!!

سىز مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ياشاۋاتقان رايونىڭىزدا ئىش بېشىدا بولغانلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىدارىسىدىن كېرەكلىك رەسمىيەتنى بېجىرمەي تۇرۇپ ئىشقا ئاشۇرالامسىز؟؟؟ ئەلجاۋاب: ئاشۇرالمايسىز، شۇنداققۇ!!!

سىز ياشاۋاتقان رايوندا سىزنى باشقۇرۇۋاتلارنىڭ ئاساسى قانۇنىدا قوش نىكاھلانغانلارغا مەلۇم مۇددەت قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، دەپ بېكىتىلگەن. سىز مۇشۇنداق بىر قانۇن كۈچكە ئىگە بولغان بىر دۆلەتتە ئىككىنچى خوتۇنىڭىزنى ناغرا- سۇناي چېلىپ، ئەل-جامائەتنى چاقىرىپ توي قىلىپ ئالالامسىز؟! ئەلجاۋاب: ئالالمايسىز، شۇنداققۇ!!!

دېمەك، ئىككىنچى، ئۈچىنچى ، تۆتىنچى خوتۇنلارنى ئېلىش ئۈچۈن ئىش بېشىدىكىلەر بۇنىڭغا رۇخسەت قىلىدىغان بىر رايونغا يۆتكىلىپ بېرىپ شۇ يەرگە يەرلىشىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ. بولمىسا، بىرىگە قانائەت قىلىپ ئولتۇرىشىڭىز كېرەك.

سىز يۇقىرىدىكى سۆزلىرىمنىڭ توغرىلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئاللاھ سىزنى ياراتقاندا ئاتا قىلغان ئەقىلنى نىكاھ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەت-ھەدىسلەرنى چۈشىنىشتە كىچىككىنە بولسىمۇ ئىشلىتىپ بەرسىڭىز ھەيران قالمايسىز.

بەزى ئىمانى جۆندەك، ئېتىقادى سۇس، شەيتانغا بەندە، نەپسىگە قۇل بولغان، لېكىن ئۆزىنى مۇسۇلمان ھېسابلايدىغان ئەخمەقلەر، ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى ۋە ياكى تۆتىنچى خوتۇنلىرىنى ئالىدىغان چاغلىرىدا: «توي خېتى ئېلىش كاپىرلارغا بويسۇنغانلىق بولىدۇ. شۇڭا بىز توي خېتى ئالمايمىز. دىنىمىزنىڭ قانۇنى بويىچە نىكاھ ئوقۇتۇپلا ئولتۇرۇۋېرىمىز» دېيىشىپ ئۆزلىرىنى ۋە ساددا كىشىلەرنى ئالدايدۇ.

بۇنداقلارغا بىرقانچە سوئال:

1-سىز ياشاۋاتقان رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگىنىدىن توي قىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرمەي تۇرۇپ يەنى توي خېتى ئالماستىن نىكاھلانغان تەقدىردە يۇقىرىدىكى شەرتلەرنىڭ قايسىسىنى ئورۇندىيالايسىز؟ تۇغۇلغان بالىلارنىڭ نوپۇسى، قۇرۇلغان ئائىلىنىڭ رەسمىيلىشىشى قانداق بولىدۇ؟

2- نىكاھنىڭ يۇقىرىقى شەرتلىرىدىن بىرىگە رىئايە قىلىنمىسا نىكاھ كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. ئۇنداقتا سىز سىزنى باشقۇرۇۋاتقان ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگىنىدىن رەسمىيەت ئالماي توي قىلسىىڭىز ئۇ شەرتلەرگە تولۇق رىئايە قىلالامسىز؟؟؟

3- ئەجەبا ، ئىككىنچى خوتۇن ئېلىشتا كاپىرنىڭ رەسمىيىتىنى ئالساق بولمايدۇ، دېگۈچىلەر بىرىنچى خوتۇنىنى كىمنىڭ رەسمىيىتى بىلەن ئالغان بولغىيدى؟ يانچۇقىدىكى كىملىك كارتىسى، تىجارەت كىنىشكىسى ۋە ھاكازالارنى بېجىرگەندە ئۇلارنىڭ ئىككىنچى خوتۇن ئالىدىغاندا تۇتۇۋالغان «تەقۋالىق غۇرۇرى» تېخى «پىشىپ يېتىلمىگەن» بولغىيمىدى؟

4- بىر كىشىنىڭ بويىغا يەتكەن بىر قىزى ياكى بىر ھەمشىرىسى بولسا، خوتۇنى بار، بىرقانچە بالىسىمۇ بار، 30، 40 ياش ئەتراپىدا بىر «تاشچى ھاجىم» قىزلىرىنى ياكى ھەمشىرىلىرىنى ماڭا ئىككىنچى خوتۇنلۇققا بەرسىلەر، مەخپىي ئالىمەن، خوتۇن-بالىلىرىم ئۇقمايدۇ، دەپ خېرىدار بولۇپ كەلسە، ئەگەر ئۇ كىشىنىڭ ئەقىل-ھوشى جايىدا بولسا، پىترىتى بۇزۇلمىغان بولسا ۋە پۇلنىڭ بەندىسى بولۇپ كەتمىگەن بولسا، ئۇ تەكلىپكە ماقۇل دەرمۇ؟؟؟

ئەلجاۋاب: ئەسلا ماقۇل دېمەيدۇ. دېمەككى، بۇ ئىشنى ئەقىل ئىنكار قىلىدۇ، ۋىجدان قوبۇل قىلمايدۇ، ئىنسانىي زوق تۈكۈرۈپ تاشلايدۇ، شۇنداقلا ئىسلامىي ئاڭ ئۇ ئىشتىن  يىرگىنىدۇ، پىترەت نەپرەت قىلىدۇ.

5- ئىككىنچى خوتۇن ئېلىشتا «بىز كاپىرغا ئىتائەت قىلمايمىز» دەيدىغان «مۇجاھىد» لار نېمىشقا ھەرەمگە بېرىش ئۈچۈن شۇ كاپىرنىڭ پاسپورتىنى ئېلىشقا ئۇنچىۋالا كۈچ چىقىرىدۇ؟؟؟ نېمە ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك كۇنسۇلدىن ۋىزا ئالىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئىنسانلار بەلگىلىگەن ماكاندا، ئىنسانلار بەلگىلىگەن زاماندا، ئىنسانلار ياسىغان قانتاش ۋاسىتىلىرىغا چىقىپ مەككىگە بارىدۇ. نېمىشقا ئۆيىدىن چىقىپلا خۇسۇسىي ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ ئۇدۇللا ھەرەم تەرەپكە ماڭمايدۇ؟

دېمەك، ئۇنداقلار ئىسلامنى ھايۋان نەپسىنى قاندۇرۇش، ئىناۋەت ۋە ئېتىبارىنى يۈكسەلدۈرۈش، يۈز-ئابرۇيىنى ئۆستۈرۈش… ئۈچۈن ئىشلىتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. ئىشنىڭ ئەسلى مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا بەش ۋاخ ناماز ئوقۇش ئېغىر كېلىدۇ، لېكىن ھەرەمگە بېرىپ «ھاجىم» بولۇشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىدۇ. ئىككىلىسى ئوخشاش پەرزغۇ!

خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇنداقلارنىڭ پېقىر-مىسكىنلەرگە، مىللەتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشقا، دىيارىمىزدا ئىلىم- مەرىپەتنىڭ نۇرىنى يورۇتۇشقا پۇل بەرگۈسى كەلمەيدۇ، لېكىن «ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن» پېقىر قىز-چوكانلارنى نىكاھىغا ئېلىپ قويىدۇ. ئاللاھنىڭ دىنى بۇنداقلارنىڭ چۈشەنچە ۋە قىلمىشلىرىدىن ئادا-جۇدادۇر. 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر