باش بەت > روزا ۋە ھېيت > ماقالىلەر  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
ﻣﯚﮬﺘﻪﺭﻩﻡ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ! ﻣﯘﺑﺎﺭﻩﻙ رامىزان ﺋﯧﻴﻰ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯘ ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﻟﯩﺮﻯ ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻧﻪﭘﻠﻪ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ ﻛﯚﭖ ﺗﯩﻼﯞﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺪﯗﺭ.
    ﺑﯘ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ-ﺟﺎﻣﻪﻟﻪﺭ ﺗﺎﺋﻪﺕ-ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﯞﺍﺗﻠﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯚﻳﻠﻪﺭ ﺯﯨﻜﯩﺮ-ﺗﻪﺳﺒﯩﮭﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻳﯧﺸﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻣﯘ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻐﺎ ﺗﻮﻟﯘﭖ ﺗﺎﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺪﯗﺭ.
    ﺑﯘ ﭘﯧﻘﯩﺮ-ﻣﯩﺴﻜﯩﻨﻠﻪﺭﮔﻪ ﻏﻪﻣﺨﻮﺭﻟﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻳﯧﺘﯩﻢ-ﻳﯧﺴﯩﺮﻟاﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﻰ ﺳﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻏﯧﺮﯨﭗ-ﻏﯘﺭﯞﺍﻻﺭﻏﺎ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺪﯗﺭ. مىڭ ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﺩﯨﺮ كېچىسى ﺑﯘ ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ.
    ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ! ﺑﯘ ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﻧﻪﭘﺴﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﭘﺎﻛﻠﯩﺴﺎﻕ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﭘﯧﻘﯩﺮ-ﻣﯩﺴﻜﯩﻦ ﯞﻩ ﺋﯩﮕﻪ-ﭼﺎﻗﯩﺴﯩﺰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﯩﻴﯩﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﺩﯨﮕﻪ ﺩﻩﺭﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﭽﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
    ﺑﯘ ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﺩﯨﻠﯩﻤﯩﺰ ئاللاھﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ئاللاھغا ﮬﻪﻣﺪﯗﺳﺎﻧﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺷﻐﯘﻝ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ. ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺷﯧﺮﯨﻚ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ، ﺑﺎﺗﯩﻞ ﻛﯚﺯﻗﺎﺭﺍﺵ ﯞﻩ ﺧﺎﺗﺎ چۈشەنچىلەردىن ﭘﺎﻛﻼﻳﻠﻰ. ﻛﯚﯕﻠﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﺎﺩﺍﯞﺍﺕ، ﮬﻪﺳﻪﺕ ﯞﻩ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻧﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺗﺎﺷﻼﻳﻠﻰ!
    ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘ ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﺧﻪﻳﺮ-ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﻮﻗﯘﺷﻰ، ﻧﻪﭘﻠﻪ ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ، ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺳﺎ-ﻗﻮﭘﺴﺎ ئاللاھغا ﻳﺎﻟﯟﯗﺭﯗﭖ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﺰ ﺋﯜﻟﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯗﺭ.
    ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ! ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﺰ ﺩﯨﻨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ رامىزان ﺭﻭﺯﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺗﯘﺗﯘﺷﻘﺎ ﯞﻩ ﺑﯘ ﻣﯘﺑﺎﺭﻩﻙ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻏﻪﻧﯩﻤﻪﺕ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺷﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﺎﻳﻠﻰ!
روزا تۇتۇش تەرك ئېتىش، دېمەكتۇر. نېمىنى تەرك ئېتىمىز؟ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﯧﻤﻪﻙ-ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻨﻰ، ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻨﻰ ﯞﻩ ﺧﺎﺗﺎ ئىشلارنى ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ تەرك ئېتىمىز. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ «ﺭﻭﺯﯨﺪﺍﺭ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻨﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﺭﻙ ﺋﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻤﻪﻙ-ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻨﻰ ﺗﻪﺭﻙ ﺋﯧﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻼﮬ  ﻣﻮﮬﺘﺎﺝ ﺋﻪﻣﻪﺱ»[1] ﺩﯦﮕﻪﻥﺳﯚﺯﻯ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻳﺪﯗ
    ﺑﯘ ئاي ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﻳﻪﺕ ﯞﻩ ﮬﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺳﯚﺯﮔﻪ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ:
    ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪر (نىڭ تەرجىمىلىرى):
    ئاللاھ ﺗﻪﺋﺎﻻ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ:
«رامىزان ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻳﻜﻰ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﮬﻪﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺗﯩﻠﻨﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﻐﯘﭼﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺋﯘ ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯩﻢ ﺑﯘ ﺋﺎﻳﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﺸﺴﻪ، ﺋﯘﻧﻰ ﺭﻭﺯﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﺳﯘﻥ. ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﻮﻟﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺭﻭﺯﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺗﯘﺗﺴﯘﻥ. ئاللاھ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺳﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺗﻪﺳﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ. ساننى تولۇقلىغايسىلەر[2]، ئاللاھنى ﺋﯘﻟﯘﻏﻠﯩﻐﺎﻳﺴﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺷﯜﻛﯜﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻳﺴﯩﻠﻪﺭ. چۈنكى ئاللاھ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗتى.
ئى مۇھەممەد! ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﯨﻢ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﻣﯧﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﺴﺎ، ﺑﯩﻠﺴﯘﻧﻼﺭﻛﻰ، ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ بەك ﻳﯧﻘﯩﻦ. مەن ﻣﺎﯕﺎ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺩﯗﺋﺎﺳﯩﻨﻰ ﺋﯩﺠﺎﺑﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺋﯘﻻﺭﻣﯘ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺩﻩﯞﯨﺘﯩﻤﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ ﯞﻩ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯩشەنسۇن. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﻛﺎﻣﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻳﯧﺘﻪﻟﻪﻳﺪۇ»[3].
    ﺑﻪﺯﻯﮬﻪﺩﯨﺴﻠﻪر (نىڭ تەرجىمىلىرى):
    ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕﺩﻩﻳﺪﯗ:
«رامىزاندا ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﺳﺎﯞﺍﺏ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﮔﯘﻧﺎﮬﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ»[4].
«ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﻪ ﺭﻩﻳﻴﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﻘﺎﻧﻼﺭﻻ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﻛﯩﺮﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﻩ؟ ﺩﯦﻴﯩﻠﺴﻪ، ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯘ ﺋﯩﺸﯩﻜﺘﯩﻦ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ، ﺋﯘ ﺋﯩﺸﯩﻜﺘﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ بىرى ﻛﯩﺮﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺋﯘﻻﺭ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺗﺎﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﻛﯩﺮﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯗ»[5].
«رامىزان ﻛﯩﺮسە ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺩﻭﺯﺍﺧﻨﯩﯔ دەرۋازىلىرى تاقىلىدۇ، شەيتانلارغا ئىشكەل سېلىنىدۇ»- بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. 
تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر

[1]ﺑﯘﺧﺎﺭﻯ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.

[2]– يەنى، رامزان ئېيىدا روزا تۇتۇلۇشى پەرز بولغان، لېكىن سىلەر سەپەر ياكى كېسەل مۇناسىۋىتى بىلەن رۇخسەتتىن پايدىلىنىپ روزا تۇتمىغان كۈنلەرنىڭ ئورنىغا سەپەردىن قايتقاندىن كېيىن ياكى كېسەلدىن ساقايغاندىن كېيىن بىر كۈنگە بىر كۈن روزا تۇتۇش ئارقىلىق روزا تۇتۇلۇشى پەرز بولغان كۈنلەرنىڭ سانىنى تولۇقلىغايسىلەر.

[3]ﺑﻪﻗﻪﺭﻩ 2/185-186.
 [4]ﺑﯘﺧﺎﺭﻯ ﯞﻩ ﻣﯘﺳﻠﯩﻢ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.

[5]ﺑﯘﺧﺎﺭﻯ ﯞﻩ ﻣﯘﺳﻠﯩﻢ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ