باش بەت > روزا ۋە ھېيت > ماقالىلەر  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ نېمە ئىش قىلسا ياخشى ۋە مۇكەممەل قىلىدۇ. پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەنى ئۇلۇغ، دەرىجىسى ئۈستۈن بولسۇن.
قېرىنداشلار! كېچەكۈندۈز بىر – بىرىنى قوغلىشىپ توختىماي ئۆتۈۋاتىدۇ، ئايلار، يىللار ئار-ئارقىدىن كېلىۋاتىدۇ. ھەر كۈن، ھەر ئاي، ھەر يىل ئۆتۈپ كەتكىنىنىڭ ئەينىسى بولماستىن بەلكى يېڭىسى بولغاچقا ئۆمرىمىزمۇ كۈنلەر، ئايلار ۋە يىللار ئۆتكەنسېرى قىسقىرىۋاتىدۇ، يەنى بىز ھەر كۈنى ئۆلۈمگە بىرئاز يېقىنلىشىۋاتىمىز!
ھەر بىرىمىز ئەقلىمىزگە كەلدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۆتكەن ھاياتىمىزغا بىرقۇر نەزەر سېلىپ چىقىدىغان بولساق، نۇرغۇن ئىشلار خىيال ئېكرانىمىزدىن ئۆتۈشكە باشلايدۇ، قەلب كۆزلىرىمىزنى ئېچىپ ئېكرانغا قارىغىنىمىزدا ناھايىتى كۆپ ئىبرەتلىك ھادىسىلەرنى كۆرىمىز:
تېخى تۈنۈگۈن ئىسمىنى قويۇپ قويغان بالىلار يوغىناپ ئادەم قاتارىغا قوشۇلۇۋاتقان، تۈنۈگۈن ئارىمىزدا ياشاۋاتقانلار ئارقىسىدا كۆزى ياشلىق تۇل خوتۇن ۋە يېتىم بالىلارنى قويۇپ قارا تۇپراقنىڭ ئاستىغا كىرىپ كېتىۋاتقان، تاپقان مال-دۇنيالار ھېچنېمىگە ئەسقاتمايۋاتقان، كىچىكلەر چوڭىيىپ چوڭلار كىچىكلەۋاتقان، ئەزىزلەر خار، خارلارئەزىز بولۇۋاتقان، بىر زاماننىڭ بايلىرى يەنە بىر زاماننىڭ نامرىتى بولۇپ قېلىۋاتقان، شاھلار گاداي، گادايلار شاھ بولۇۋاتقان.
قېرىنداشلار! دۇنياھاياتى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، ئىنسان تۇغۇلىدۇ، ئاق-قارىنى پەرق ئېتىپ بولغۇچە بىر ئۆيگە كىرىپ قالىدۇ، ئارقىسىدىن تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى باشلىنىدۇ، ئاندىن قېرىيدۇ، ئاندىن ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئىنساننىڭ دۇنيادىكى ماقام ۋە ئورنى قانداق بولسا بولسۇن ئۇنىڭ ئىككى نەرسىسى ئۆزگەرمەيدۇ: بىرى ئۆمرى، يەنە بىرى رىزقى.
ئىش بۇنىڭ بىلەن تۈگەمدۇ؟ ياق! تېخى ھايات ئەمدى باشلىنىدۇ، بۇ قېتىم باشلانغان ھايات ئەبەدىي ھايات بولۇپ، ئۇ ھەرگىزمۇ ئاخىرلاشمايدۇ. بۇ ئەبەدىي ھايات بەزى ئىنسانلار ئۈچۈن جەننەتتە، بەزى ئىنسانلار ئۈچۈن دوزاختا باشلىنىدۇ، بۇ ھاياتنىڭ قايسى ئورۇندا باشلىنىشى ئىنسانلارنىڭ مۇشۇ قىسقا مۇددەتلىك ھاياتتىكى ئېتىقادلىرى، سۆزلىرى ۋەھەرىكەتلىرىگە باغلىق.
قېرىنداشلار! ئەنە ئىنسان، ئەنە ھايات. دىققەت قىلىدىغان بولساق، ئىنسان ئۆزىنىڭ ئىشلىرىدىن پەقەت ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىرىمۇ بار، ئۆزگەرتەلەيدىغانلىرىمۇ بار، مەسىلەن:
ئىنسان ئۆزىنىڭ قاچان قەيەردە قانداق تۇغۇلۇشى، كىمنىڭ بالىسى بولۇپ تۇغۇلۇشى ۋە كىم-كىملەر بىلەن بىرتۇغقان بولۇپ تۇغۇلىشى قاتارلىق ئىشلارغا ئارىلىشالمايدۇ ۋە بۇلارنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ (شۇڭا ئۇ بۇلاردىن جاۋابكارلىققا تارتىلمايدۇ). لېكىن ئۇ ئەقلىنى ئىشلەتسە ئاخىرەتتە باشلىنىدىغان ئەبەدىي ھاياتىنى جەننەتتە باشلىتالايدۇ ۋە جەننەتتىكى دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ. ئەقلىنى ئىشلىتىپ نېمە ئىش قىلىدۇ؟ پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن ئىلاھى پەرمانلارغا بويسۇنىدۇ، خالاس.
قېرىنداشلار! ئاللاھ تەئالا ئۆزىنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن تارىختا نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتابلارنى نازىل قىلغان. نۇرغۇن ئىنسانلار ئەقلىنى ئىشلىتىپ نازىل قىلىنغان ئۇ كىتابلارغا بويسۇنغان ۋە ئۇ پەيغەمبەرلەرگە ئەگەشكەن، نەتىجىدە ئۆزلىرىنىڭ دۇنيا ۋەئاخىرەتلىك بەخت-سائادىتىنى قولغا كەلتۈرگەن. نۇرغۇن ئىنسانلار ئەقىلسىزلىك قىلىپ ئۇ كىتابلارغا بويسۇنمىغان ۋە ئۇ پەيغەمبەرلەرگە ئەگەشمىگەن، نەتىجىدە دۇنيا ۋەئاخىرەتلىك بەخت-سائادىتىنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويغان.
ئاللاھ تەئالانىڭ ئەڭ ئاخىرىدا نازىل قىلغان كىتابى قۇرئان كەرىم، ئەڭ ئاخىرىدا ئەۋەتكەن پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر. بۇ پەيغەمبەر ئېلىپ كەلگەن دىن بىزنى نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ ۋە نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى قىلىشتىن توسىدۇ.
بۇ دىن بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلساق، نەپسىمىز پاكلىنىدۇ، روھىمىز يۈكسىلىدۇ، قەلبىمىز ئاقىرىدۇ، ئەقلىمىز ئۆتكۈر بولىدۇ، قىسقىسى دۇنيادا ئىنسانچە ياشايمىز، ئاخىرەتتە ئاللاھ تەئالانىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىمىز. بۇ دىن توسقان ئىشلارنى قىلساق، نەپسىمىزبۇلغىنىدۇ، روھىمىز چۈشكۈنلىشىدۇ، قەلبىمىز قارىيىدۇ، ئەقلىمىز ئشلىمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ، قىسقىسى دۇنيادا ھايۋانچە ياشايمىز، ئاخىرەتتە ئاللاھ تەئالانىڭ غەزىپى ۋە ئازابىغا دۇچار بولىمىز.
ھەممىمىزگە مەلۇم ئاللاھ تەئالا بەزى ماكانلارنى پەزىلەتلىك قىلغاندەك، بەزى زامانلارنىمۇ پەزىلەتلىك قىلغان. بۇمۇ بىز ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈندۇر، چۈنكى بىز ئەگەر شۇ ماكانلاردا ۋە شۇ زامانلاردا قىلىشقا تېگىشلىك ئەمەل-ئىبادەتلەرنى تەلەپكە لايىق بىر شەكىلدە قىلساق، ۋەدە قىلىنغان مۇكاپاتلارغا ئېرىشەلەيمىز.
ئاللاھ تەئالا پەزىلەتلىك قىلغان زامانلارنىڭ بىرى رامىزان ئېيىدۇر. ئاللاھ تەئالا بۇ ئاينى پەزىلەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە بىزنى بۇ ئايدا روزا تۇتۇشقا بۇيرۇغان.
مۆھتەرەم قېرىنداشلار! مانا ئۇ رامىزان ئېيى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ شۇنداق بىر ئايكى، قۇرئان كەرىم بۇ ئايدا نازىل قىلىنغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئايدا پەيغەمبەربولغان، مۇسۇلمانلار بۇ ئايدا (بەدىر ئۇرۇشىدا) زەپەر قۇچقان. مەككە بۇ ئايدا پەتھى قىلىنغان. ئاللاھ تەئالا بۇ ئايدا روزا تۇتۇشنى پەرز قىلغان، بۇ ئاينىڭ بىر كېچىسىنى مىڭ ئايدىن ياخشى قىلغان.
مۇسۇلمانلار بۇ ئايدا روزا تۇتىدۇ، زاكات ئايرىيدۇ، قۇرئان تىلاۋەت قىلىدۇ، خەير-ئېھسان قىلىدۇ، يېتىم-يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلايدۇ، بۇ ئارقىلىق رەببىنىڭ رەھمەت ۋە مەغپىرىتىگە لايىق بولىدۇ.
قېرىنداشلار! رامىزان ئېيى كىرسە جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئىچىلىدۇ، دوزاخنىڭ ئىشىكلىرى ئېتىلىدۇ، رەببىمىز ياخشى بەندىلىرىگە رەھمەت ۋە مەغپىرىتىنى ياغدۇرىدۇ، كۈندۈزى روزا تۇتۇپ سەھەر ۋاقىتلىرىدا ئىستىغپار ئېيتقان مۇئمىن بەندىلىرى بىلەن پەرىشتىلىرىگە پەخرى قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ياخشىلىقلىرىغا ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىدۇ، گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ.
مۆھتەرەم قېرىنداشلار!
بۇ ئاينى ئەمەلئىبادەتلەر بىلەن ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلايلى! بۇ ئايدا قەلبىمىز ئاللاھنىڭ زىكرى بىلەن، تىلىمىز ئاللاھنىڭ ھەمدى ۋە شۈكرى بىلەن مەشغۇل بولسۇن!. بۇئايدا خەير-ئېھسانلارنى كۆپ قىلىۋالايلى!
ئاللاھ تەئالادىن ئىككى نەرسىنى سورايلى، بىرى جەننەتكە كىرىش، يەنە بىرى دوزاختىن قۇتۇلۇش. بۇ ئايدا يەنە مۇسۇلمانلارغا بىرلىك-باراۋەرلىك، تىنچ-ئامانلىق ۋە ئىززەت-ھۆرمەت تىلەيلى.
نامازلارنى، جامائەت بىلەن ئوقۇش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ مەسچىتلىرىنى ئاۋات قىلايلى! قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن ئۆيلىرىمىزنى ۋە ئەقىللىرىمىزنى نۇرلاندۇرايلى! ئىچىمىزنى بىر-بىرىمىزگە سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە مېھىرشەپقەت بىلەن زىننەتلەيلى!
ھەممىمىزگە مەلۇم روزىنىڭ پەزىلىتى كۆپ، مۇكاپاتى چوڭدۇر، ئاللاھ تەئالانىڭ بۇ ئۇلۇغ ئايدىكى رەھمىتى ۋە مەغپىرىتىگە ئېرىشەلمىگەنلەر نېمىدېگەن بەختسىز!
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئى مۇئمىنلار! سىلەرگە روزا پەرز قىلىندى. بۇ سىلەردىن بۇرۇنقى ئۈممەتلەرگىمۇ پەرز قىلىنغان ئىدى. روزا تۇتۇپ تەقۋادار بولغايسىلەر!»- (بەقەرە 2/183).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«روزا گۇناھلاردىن ساقلايدىغان قالقاندۇر. سىلەرنىڭ بىرىڭلار روزا تۇتقان كۈندە ناشايان سۆزلەرنى قىلمىسۇن، جېدەل-ماجىرا تۇغدۇرۇپ چۇقان كۆتۈرمىسۇن، ئەگەر بىرەر كىشى ئۇنى تىللىسا ياكى ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشسا مەن روزىدارمەن دېسۇن، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، روزىدار ئادەمنىڭ ئاغزىنىڭ ھىدى ئاللاھ تەئالانىڭ دەرگاھىدا ئىپارنىڭ بۇيىدىنمۇ خۇش پۇراقتۇر. روزىدار ئادەمگە ئىككى تۈرلۈك خۇشاللىق بولىدۇ: بىرى ئىپتار قىلغاندا، يەنە بىرى،پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولغان چاغدا»- (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
ئاللاھ تەئالا ھەممىمىزنى بۇ ئايدا كۆپ ئەمەل-ئىبادەتلەرنى قىلىۋېلىشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن، ئامىن!

مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ