مۇسۇلمانلار

نۇرچىلار ۋە سەئىد نۇرسىي

نۇرچىلار سەئىد نۇرسىينىڭ بۇ دۇنيادا ئۆزلىرىنى قۇتقۇزىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. نۇرچىلارنىڭ «ئابىي» لىرىدىن ھەسەن فەيزىي سەئىد نۇرسىي «بەك پارلاق قەسىدە» دەپ ماختىغان شېئىردا بۇ مەسىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇنداق مىسرالار بار:
«شىپا تاپسۇن شۇئان بىرئاز يارىمىز،
راۋاج تاپسۇن ئۆتمەيدىغان پۇلىمىز،
چاچ نۇرۇڭنى ئاق بوپكەتسۇن قارىمىز،
ئى «ئالەمگە رەھمەت» نىڭ نۇرى، نۇر ئەلچىسى!
ئاشىقلارنىڭ ئەرشكە چىققان پەريادى،
يىغلىتىدۇ ئۇ پاك روھلۇق ئەجدادنى،
ئاللاھ ئۈچۈن قىلغىن بىزگە مەدەتنى،
ئەي مۇھتاجلارغا رەھمەتى ئالەم، نۇر ئەلچىسى!
ئاسمانلار قويۇۋەتتى بالا، يەر ھەم بەردى بالا،
قاپلىدى ئەتراپنى بىر ئېچىنىشلىق ھالەت ۋاۋەيلا![1]
رەھىم قىلغىن ئالەمگە ئى نۇرى مەۋلا[2]،
ئى «ئالەمگە رەھمەت» نىڭ جىلۋىسى، نۇر ئەلچىسى!
بىر تەرەپتە سەل، بىر تەرەپتە قان ئاقىدۇ،
بۇ بالا ئوتى ئالەمنى كۆيدۈرىدۇ،
يىغلىغان بۇ ئىنسان ھەمىشە ساڭا قارايدۇ،
ئى «ئالەمگە رەھمەت» نىڭ نەمۇنىسى نۇر ئەلچىسى!
قورشالدى ئوت بىلەن بۇ كاتتا دۇنيا،
جەھەننەم مىسالى قاينىدى دەريا،
كەل، مەدەت ئەيلە ئى شاھى ئەۋلىيا!
ئى بۇ زاماندا «ئالەمگە رەھمەت»، نۇر ئەلچىسى»[3].
«كەل، مەدەت ئەيلە ئى شاھى ئەۋلىيا!» دېگەن سۆز، ئەۋلىيالارنىڭ پادىشاھى مەدەت قىل، دېگەن بولىدۇ. سەئىد نۇرسىي بۇ يەردە كىمگە قارشى ياردەمگە چاقىرىلغان؟ دۇنيانى كىم ئوت بىلەن قورشاپ، دېڭىزلارنى جەھەننەمدەك قايناتقان كىمدۇر؟ ئاللاھقا قارشى ياردەمگە چاقىرىلغان بۇ كىشىنىڭ ئاللاھتىن كۈچلۈك، ئاللاھتىن مەرھەمەتلىك ۋە ئىنسانلارنى ئاللاھتىنمۇ ياخشى تونۇيدىغان بىرى بولۇشى لازىم كەلمەسمۇ؟ بەش ۋاقىت نامىزىدا «إِيَّاكَ نَعْبُدُ وإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ (ئى ئاللاھ! بىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز)» (فاتىھە 1/5) دەيدىغان بىر مۇسۇلمان بۇ چوڭ گۇناھقا قانداقمۇ چۈشۈپ قالدىغاندۇ؟!

[1]– ۋاي، ۋاي!

[2]– ئاللاھنىڭ نۇرى.

 [3]– سىككەئى تەسدىقى غەيبى، رىسالەئى نۇر كۇللىياتى، 2- جىلد، 2102- بەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر