سەئىد نۇرسىي ئۆلمىگەنمۇ؟
باش بەت > ئەقىدە > تەتقىقاتلار تارىخ: 05.06.2012 يازدۇرغىن
ھەقىقەتى مۇھەممەدىيە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تارىخىي شەخسىيىتى ئەمەستۇر، يەنى ھەقىقەتى مۇھەممەدىيە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ياشاپ ئۆلۈپ كەتكەن جىسمانىي كىملىكى ئەمەستۇر. بۇنىڭغا ئىشەنگۈچىلەرگە نىسبەتەن ئۇ ھەقىقەت، ھەر دەۋردە ئوخشاش بولمىغان ئىسىم ۋە سۈرەتلەردە پەيغەمبەر ياكى ئەۋلىيا بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ[1]. سەئىد نۇرسىي ئۆزىنىڭ شۇنداق بولغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرى مۇنداق:
«مەن بۇ دەۋردە سەكسەن سەئىدنىڭ جەۋھىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتىم. ئۇ سەكسەن سەئىد زەنجىرسىمان شەخسىي قىيامەتلەر ۋە زەنجىرسىمان تەناسۇخلار بىلەن يەنى روھنىڭ كۆچۈشلىرى بىلەن دولقۇنلىنىپ مېنى بۇ دەۋرگە ئاتقان.
سىلەر كۆرۈۋاتقان بۇ سەئىد، يەتمىش توققۇزى ئۆلۈك ۋە بىرى گەپ قىلىدىغان جانلىقنىڭ يىغىندىسىدۇر. ئەگەر زاماننىڭ سۈيى توختاپ تۇرسا ۋە پەرقلىق بەدەنلەردە ئوتتۇرىغا چىققان سەئىدلەر بىر-بىرلىرىنى كۆرسە، ئۇلار مۇھىم پەرقلىرى تۈپەيلىدىن بىر-بىرلىرىنى تونۇمايدۇ. مەن ئۇ بەدەنلەرنىڭ ئۈستىدە يۇمىلاندىم، ياخشىلىقلار ۋە لەززەتلەر تارقىلىپ كەتتى. دەرت- قىيىنچىلىق ۋە غەم-قايغۇلار يىغىلىپ قالدى. ئۇ قونالغۇلارنىڭ ھەر بىرىدە مەن مەن ئىدىم. ئۆلگىنىمدىن كېيىن كېلىدىغان قونالغۇلاردىمۇ يەنە مەن مەن بولىمەن. بۇ قونالغۇدا يېڭى بەدەندىكى ھۈجەيرىلەر يىلدا ئىككى قېتىم قانداق يېڭىلانسا، مەنمۇ ئەنە شۇنداق شەكىلدە كىيىم ئالماشتۇرىمەن. يىرتىلغان سەئىدنى تاشلىۋېتىپ، يېڭى سەئىدنى كىيىمەن»[2].
يۇقىرىدىكى سەپسەتىلەرنىڭ بېشىدا ئۆتكەن ««مەن بۇ دەۋردە سەكسەن سەئىدنىڭ جەۋھىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتىم» دېگەن سۆز مۇھىمدۇر. چۈنكى تەۋراتقا كۆرە ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن ياقۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىغىچىلىك 2413 يىل ئۆتكەن. يۇسۈف ئەلەيھىسسالام 110 يېشىدا، مۇسا ئەلەيھىسسالام 120 يېشىدا ۋاپات بولغان[3]. ياقۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلىشىغىچە جەمى 1600 (مىڭ ئالتە يۈز) يىل ئۆتكەنلىكىنى ھېسابقا ئالساق، تەخمىنەن 4 (تۆت) مىڭ يىل بولىدۇ. سەئىد نۇرسىي 1960- يىلى ئۆلگەن. تەۋراتقا كۆرە تۇنجى ئىنسان ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن باشلاپ سەئىد نۇرسىينىڭ ئۆلۈمىگىچىلىك 5960 يىل ئۆتكەن بولىدۇ. بۇنى 80 (سەكسەن) گە بۆلىدىغان بولساق، ئۇ كىرگەنلىكىنى داۋا قىلغان ھەر بىر بەدەننىڭ ئۆمرى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 75 (يەتمىش بەش) يىلغا توغرا كېلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن يۇقىرىدىكى سۆز ناھايىتى ئىنچىكە بىر ھېساب بىلەن سۆزلەنگەن سۆزدۇر.
بۇ بىر تەناسۇخ (روھنىڭ كۆچۈشى) چۈشەنچىسىدۇر. سەئىد نۇرسىي ئۆزىنىڭ داۋاملىق ئەڭ يۇقىرىدا ئىكەنلىكىنى ۋە قىيامەتكىچىلىك شۇنداق قالىدىغانلىقىنى ئالغا سۈرىدۇ. يەنى دۇنياغا كېلىپ كەتكەن بۈيۈك پەيغەمبەرلەر، ھەر دەۋردە ئوتتۇرىغا چىققان مۇرشىد، مۇجەددىد، مەھدى ۋە كېلىشى كۈتۈلۈۋاتقان ئىيسا ئۇدۇر. رىسالەئى نۇرنىڭ ماۋزۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىپادىلىرى مۇنداق:
«ئۇ نۇر تۈپەيلى بېلىق ساقلىدى يۇنۇسنى،
ئۇ نۇر بىلەن لۇت يوق ئەتتى قەۋمىنى،
نۇرغۇن ئەۋلىيا ئۇ نۇر بىلەن قىلدى قانائەت،
كۆپ پەس كىشى ئۇ نۇر بىلەن تاپتى كارامەت،
پارلىدى ئۇ نۇردىن كەلگەن رىسالەئى نۇر ئاسمان ئېچىلىپ دەرھال،
مېھرىبان ياراتقۇچى خەلقىنى مۇشۇنداق قىلدى خۇشال.
ئۇ يېڭى چىققان قۇياش ئۆلكىگە چاچسىلا نۇرلەر،
دائىما شاد بولىدۇ، زوق ئالىدۇ سۇنۇق كۆڭۈللەر.
ئى پەيغەمبەرلىك نۇرىدىن كەلگەن قۇرئان دەلىلى!
ئى ئاللاھنىڭ سىررىدىن چىققان ئىمان دەلىلى!
سەندىن بىزگە مەتلۇپ، يەنە سەندىن بىزگە مەۋئۇد.
سايەڭدە بۇگۈن ھەر كىم بولماقتا روھلۇق ۋە خوشنۇد،
 ھەرئان كۈتەتتى سېنى بۇ دۇنيا ھەم چۈشىدە كۆرەتتى،
ھەق ئۆزىنى كۆرسەتتى، بۈگۈن ئۇ چۈش پۈتتى.
مىڭ ئۈچ يۈز يىلدىن بېرى تۇپراققا ئايلاندى نەچچە مىليارت،
مۇئمىن ۋە مۇۋەھھىد سېنى كۈتتى دائىم ئى يار.
ھەممىسى سەن ئۈچۈن سۆزلەيتتى كالام،
ھەممىسى ھەر دائىم ساڭا قىلاتتى سالام.
ئەزەلدىن مەن بۇنى ھەم يادلىدىم ۋەللاھى،
ئۇ ئەڭ ئاخىرقى چوڭ مۇجەددىد رىسائىلننۇردۇر ۋەللاھى،
مېنى ئەپۇ قىل ئى ئەپۇسى كاتتا، ئېھسانى كاتتا رىسالەئىننۇر!
بىر دەممۇ ھەم ئەتمە مېنى سەندىن ئەي رەببىمىز مەھجۇر[4].
نۇر ھەققى، ھەق ھەققى، دوست ھەققى ئى نۇر!
نۇرۇڭ بىلەن، سىررىڭ بىلەن بۈگۈن قىل بىزنى مەسرۇر»[5].- ئاجىز بىچارە تالىپىڭىز ھەسەن فەيزىي.
بۇ ئىپادىلەرنى سەئىد نۇرسىينىڭ تالىپلىرىدىن ھەسەن فەيزىي يازغان ۋە سەئىد نۇرسىي «بەك پارلاق قەسىدە» دەپ ماختىغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىپادىلەر «رىسالەئى نۇر» نىڭ ئىچىدىن ئورۇن ئالغان. نۇرچىلارنىڭ مۇقەددەس كىتابى رىسالەئى نۇر بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىپادىلەر ئۇلارنىڭ سەئىد نۇرسىيغا بولغان ئېتىقادىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. دېمەك، نۇرچىلىق ئايرىم بىر «دىن» دۇر.
————————————-
[1]- ھەسەن كامىل يىلماز، ئىنسانى كامىل، ئالتىن ئولۇق مەجمۇئەسى 1996- يىلى 7- ئاي، 125- سان، 31- بەت.

[2]- سىككەئى تەسدىقى غەيبى، رىسالەئى نۇر كۇللىياتى، 2- جىلد، 2340- بەت.

 [3]- تەۋرات، يارىتىلىش 646- باب.

  [4]- مەھجۇر تەرك ئېتلگۈچى دېگەن بولىدۇ. بۇ سۆزلەر سەئىد نۇرسىينىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش ئىلاھلاشتۇرۇلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

  [5]- ئەمىرداغ لاھىقەسى، (1) مەكتۇپ نومۇرى: 72، رىسالەئى نۇر كۇللىياتى 2- جىلد، 1725- بەت.

Facebook'ta PaylaşTwitter'da Paylaş
16.146 قېتىم ئوقۇلدى