مۇسۇلمانلار

سەئىد نۇرسىي ۋە رىسالىسى

سەئىد نۇرسىينىڭ رىسالەئى نۇرنىڭ قۇرئان ئېلىنغان يەردىن ئېلىنغانلىقى ھەققىدىكى دەۋاسى ئۇنىڭ رىسالەئى نۇرلىرىدا بىرقانچە قېتىم تەكرارلىنىدۇ. ئۇلاردىن بىرى مۇنداق:
«رىسالەئى نۇرلار شەرقنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئىلىملىرىدىن ئېلىنغان ياكى غەربنىڭ پەلسەپە ۋە بىلىملىرىدىن ئېلىنغان بىر نۇر ئەمەستۇر. ئۇلار ئاسماندىن چۈشكەن قۇرئاننىڭ شەرقنىڭمۇ، غەربنىڭمۇ ئۈستىدە بولغان ئەرشتىكى ئورنىدىن ئېلىنغان»[1].
سەئىد نۇرسىي تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ مۇنۇلارنى سۆزلەيدۇ:
 «رىسالەئى نۇر دەپ ئاتىلىدىغان ئوتتۇز ئۈچ سۆز، ئوتتۇز ئۈچ مەكتۇپ، ئوتتۇز بىر لەمئالار بۇ زاماندا قۇرئاندىكى ئايەتلەرنىڭ ئايەتلىرىدۇر. يەنى ئۇنىڭ ھەقىقەتلىرىنىڭ كۆرسەتكۈچىلىرىدۇر. ئۇنىڭ ھەق ۋە ھەقىقەت بولغالىقىنىڭ كەسكىن دەلىلىدۇر، قۇرئان ئايەتلىرىدە زىكىر قىلىنغان ئېتىقاد بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەقىقەتلەرنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ئىسپاتلىرىدۇر»[2].
دېمەككى، سەئىد نۇرسىينىڭ يۇقىرىدىكى دەۋاسىغا قارىغاندا قۇرئان تەۋرات ۋە ئىنجىلنى تەستىقلايدىغان بىر كىتاب بولغاندەك، رىسالەئى نۇرمۇ قۇرئاننى تەستىقلايدىغان بىر كىتابتۇر. بۇ سەۋەبتىن ئۇ رىسالەئى نۇرنىڭ «ئايەتلىرى» نى قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ دەلىلى دەپ قارىغان.
سەئىد نۇرسىي بۇ ھەقتە يالغۇز قالماسلىق ئۈچۈن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغىمۇ «سەكىنە» دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىتابنىڭ نازىل قىلىنغانلىقىنى، ئۆتمۈش ۋە كېلىچەكنىڭ پۈتۈن ئىلىم ۋە سىرلىرىنىڭ ئۇ كىتاپتا يېزىلغانلىقىنى، ئۇ كىتابتا رىسالەئى نۇرلارغا ئىشارەت قىلىنغانلىقىنى دەۋا قىلىدۇ[3] ۋە مۇنداق دەيدۇ:
«ھەزرىتى جەبرائىل سەكىنە ناملىق بىر سەھىپىدە يېزىلغان ئىسمى ئەزەمنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ يېنىدا ھەزرىتى ئەلىنىڭ قۇچىقىغا تاشلىغان. ھەرزىتى ئەلى دەيدۇكى، ‹مەن جەبرائىلنى پەقەت ھەسەن-ھۈسەن شەكلىدە كۆردۈم، ئاۋازىنى ئاڭلىدىم، سەھىپىنى ئالدىم، بۇ ئىسىملارنى شۇ سەھىپىنىڭ ئىچىدە كۆردۈم›». سەئىد نۇرسىي ئىسمى ئەزەم ھەققىدە گەپ قىلىپ بەزى ھادىسىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېىن مۇنداق دەيدۇ:
 «دۇنيانىڭ باشلىنىشىدىن تا قىيامەتكىچىلىك بارلىق ئىلىملەر ۋە مۇھىم سىرلار بىزگە خۇددى كۆز بىلەن كۆرۈلىدىغان دەرىجىدە ئېچىلدى. كىم نېمىنى سوراشنى خالىسا سورىسۇن، سۆزلىرىمىزدىن شۈبھىلەنگەنلەر خورلۇققا دۇچار بولىدۇ»[4].
 سەئىد نۇرسىينىڭ سۆزىدىن قارىغاندا بۇ شۇنداق بىر سەھىپىكى، دۇنيانىڭ باشلىنىشىدىن تا قىيامەتكىچىلىك بولغان ئىلىملەر ۋە مۇھىم سىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ بىر سەھىپە ئەمەس، ناھايىتى چوڭ ھەجىملىك بىر كىتاب بولۇشى كېرەك. جەبرائىلنىڭ ھەزرىتى ئەلىگە مۇشۇنداق بىر كىتاب بەرگەنلىكىنى قوبۇل قىلىش ئۇنى پەيغەمبەر ھېسابلىغانلىق بولىدۇ. ئۇ كىتابتا بار بولغانلىقى سۆزلەنگەن ئىلىم ۋە سىرلارنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ بىلمىگەنلىكى ئېنىق بولغانلىقى ئۈچۈن ھەرزىتى ئەلى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بىر ماقامغا كۆتۈرۈلگەن بولىدۇ.
بۇ خىل سەپسەتىلەرنىڭ دىنىمىزدا ھېچقانداق ئورنى يوق. ئاللاھ تەئالا ئۇنداق كۆز قاراشتىكى ئىنسانلار ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:
«فَوَيْلٌ لِلَّذِينَ يَكْتُبُونَ الْكِتَابَ بِأَيْدِيهِمْ ثُمَّ يَقُولُونَ هَذَا مِنْ عِنْدِ اللَّهِ لِيَشْتَرُوا بِهِ ثَمَنًا قَلِيلًا فَوَيْلٌ لَهُمْ مِمَّا كَتَبَتْ أَيْدِيهِمْ وَوَيْلٌ لَهُمْ مِمَّا يَكْسِبُونَ»
 «كىتابنى ئۆز قوللىرى بىلەن يېزىپ، ئاندىن ئۇنى ئازغىنا[5] بىر پۇلغا سېتىش ئۈچۈن: ‹بۇ ئاللاھ تەرىپىدىندۇر› دېگەنلەرگە ۋاي! قوللىرى يازغان نەرسە سەۋەبىدىن ئۇلارغا ۋاي! ئېرىشكەن نەرسىلىرى سەۋەبىدىن ئۇلارغا ۋاي!»-بەقەرە 2/79.
سەئىد نۇرسىي رىسالەئى نۇرلارنىڭ مۇقەددەس ھېسابلىنىشى ئۈچۈن ئىنساننىڭ ئەقلىگە كېلىش ئېھتىمالى بولغان ھەر نەرسىنى سۆزلىگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «سۆزلەر[6] شەك شۈبھىسىز قۇرئاننىڭ نۇرلۇق جىلۋىسىدۇر. ئىچىدە ئىزاھلاشقا مۇھتاج جايلىرى كەم بولماسلىق بىلەن بىرلىكتە ھەممىسى قۇسۇرسىز ۋە نوقسانسىزدۇر»[7]. «رىسالەئى نۇر بۇ ئەسىردە، بۇ تارىختا بىر «ئۇرۋەتۇلۋۇسقا» دۇر، يەنى ناھايىتى ساغلام، ئۈزۈلۈپ كەتمەيدىغان بىر زەنجىر ۋە بىر «ھەبلۇللاھ» يەنى ئاللاھنىڭ ئارقىنىدۇر. ئۇنىڭغا قولىنى سۇنغان ۋە مەھكەم يېپىشقان كىشى نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ»[8].
«ئۇرۋەتۇلۋۇسقا» ۋە «ھەبلۇللاھ» قۇرئانغا ئائىت خۇسۇسىيەتلەردۇر[9]. سەئىد نۇرسىي كىتابلىرىغا يەنى «رىسالەئى نۇر» ىغا مۇنۇ ئالاھىدىلىكلەرنىمۇ قوشىدۇ:
«رىسالەئى نۇر شەرىئەت، دۇئا، ھېكمەت، ئىبادەت، ئەمىر ۋە دەۋەت، زىكىر، پىكىر، ھەقىقەت، تەسەۋۋۇپ، مەنتىق، كالام ئىلمى، ئىلاھىيات ئىلمى، سەنئەتكە تەرغىب ئىلمى، بالاغەت ۋە  ۋەھدانىيەتنى ئىسپاتلاش كىتابىدۇر. ئۇ قارشى چىقققۇچىلارنى مات قىلىپ تاشلايدۇ ۋە ئېغىز ئاچقۇزمايدۇ»[10].
رىسالەئى نۇرلاردا كۆپ تەكرار بار. سەئىد نۇرسىي بۇنىڭ قۇرئاندىمۇ بولغانلىقىنى ئەسلىتىپ مۇنداق دەيدۇ:
«قۇرئاندىكى تەكرارنىڭ بىرقانچە ھېكمىتى رەسالەئىن نۇردىمۇ بار[11]. دەرۋەقە، ھەر ۋاقىت قۇرئاننىڭ ھەممىسىنى ئوقۇش مۇمكىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن ھەر بىر سۈرە قۇرئان ھۆكمىدە قوبۇل قىلىنىپ، قىيامەت، تەۋھىد ۋە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسىگە ئوخشاش ھادىسىلەر تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ. ئەينى شەكىلدە ئىماننىڭ ئىنچىكە ھەقىقەتلىرى ۋە كۈچلۈك دەلىللىرى مېنىڭ خەۋىرىم بولماستىن بىرقانچە رىسالەدە تەكرارلىنىپ قالىدۇ. بۇلار نېمىشقا ماڭا تەكرار يازدۇرۇلدى، دەپ ھەيران قالاتتىم. كېيىن كەسكىن بىر شەكىلدە چۈشەندىمكى، بۇ زاماندا رىسالەئى نۇرغا ھەممە مۇھتاج بولسىمۇ، ھەممە ئادەم ئۇنى تولۇق ئوقۇشقا قادىر بولالمايدۇ، لېكىن مۇھتاج بولغان نەرسىلىرىنى كىچىك بىر رىسالەدىن ئوقۇيالايدۇ»[12].


[1]شۇئالار، بىرىنچى شۇئا، 1- جىلد، 833- بەت.

[2]شۇئالار، بىرىنچى شۇئا، يىگىرمە ئىككىنچى ئايەت ۋە ئايەتلەر، 1- جىلد، 841- بەت. ئىپادىلەر ئاددىيلاشتۇرۇلدى. ئەسلى مۇنداق: «رىسالەئى نۇر دېيىلگەن ئوتتۇز ئۈچ ئەدەد سۆز، ئوتتۇز ئۈچ ئەدەد مەكتۇب ۋە ئوتتۇز بىر ئەدەد لەمئەلەر بۇ زاماندا كىتابى مۇبىندىكى ئايەتلەرنىڭ ئايەتلىرىدۇر. يەنى ھەقائىقىنىڭ ئالامەتلىرىدۇر، ھەق ۋە ھەقىقەت بولغانلىقىنىڭ بۇرھانلىرىدۇر، ئۇ ئايەتلەردىكى ھەقائىقى ئىمانىييەنىڭ غايەت قۇۋۋەتلىك ھۆججەتلىرىدۇر». 

[3]– سىككەئى تەسدىقى غەيبى، ئونسەككىزىنچى لەمئە، 2- جىلد، 2078- بەت. ئۇ يەردە ئۆتكەن ئىپادە ئەينەن مۇنداق: «رىسالەئى نۇر شاگىرتلىرىغا ۋە ناشىرلىرىغا قارشى ھەزرەتى ئەلىينىڭ ئىشارەتكارانە ۋە تەۋەججۇھكارانە قارىشى ۋە ئىشارەت قىلىشىدۇر».

[4]سىككەئى تەسدىقى غەيبى، ئونسەككىزىنچى لەمئە، 2- جىلد، 2079- بەت.

[5]– ئۇلار بەدىلىگە ئاخىرەتنى بەرگەنلىكلىرى ئۈچۈن ئالغان نەرسىلىرى نېمە بولسا بولسۇن «ئاز» دۇر. «دۇنيا ھاياتىنىڭ مەنپەئەتى ئاخرەتنىڭ يېنىدا بەك ئازدۇر»- (تەۋبە 9/38).
 [6]– سۆزلەر رىسالەئى نۇرنىڭ بىر بۆلۈمىدۇر.

[7]– بارلا لاھىقىسى، يىگىرمە يەتتىنچى مەكتۇب ۋە زەيللىرى، 2- جىلد، 1415- بەت.

[8]– شۇئالار، ئونبىرىنچى شۇئا، ئونبىرىنچى مەسىلىنىڭ ھاشىيىسىنىڭ بىر لاھىقىسىدۇر، 1- جىلد، 985- بەت.

[9]– بەقەرە 2/256، ئالى ئىمران 3/103.

[10]– ئەمىرداغ لاھىقىسى، 1- جىلد، 2- بەت،

[11]– يەنى: قۇرئاندا بىر مەسىلىنىڭ كۆپ تەكرارلىنىشىنىڭ بىرقانچە ھېكمىتى رىسالەئى نۇرلاردىمۇ كۆرۈلىدۇ.

[12]– كاستامونۇ لاھىقىسى، يىگىرمە يەتتىنچى مەكتۇپ، 2- جىلد، 1589- بەت. سىككەئى تەسدىقى غەيبىي، سۆزلەر نەشرىياتى، ئىستانبۇل 1991، 33- بەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر