مۇسۇلمانلار

ۋەسىلە ۋە شېرىك 18

2- رسالەئى نۇرلارنىڭ مۇقەددەسلەشتۈرۈلۈشى
رىسالەئى نۇرلاردا، رىسالەئى نۇرلارنى، سەئىد نۇرسىينى ۋە تالىپلىرىنى مۇقەدەسلەشتۈرىدىغان، ئۇ قەدەر كۆپ ئىپادىلەر باركى، ئۇلار چىقىرىۋېتىلسە كىتابلار بەكمۇ قىسقىراپ كېتىدۇ. بۇلارنىڭ بىر قىسمى ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. ئەمدى بىر قىسمىنى تۆۋەندە كۆرۈپ ئۆتەيلى:
«بۇ ئاجايىپ، دەھشەتلىك ۋە ھېچ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەۋردە، خۇسۇسەن مۇئمىنلار ئېغىر دەرىجىدە بېسىمغا ئۇچراۋاتقان، ۋەھشىي دۈشمەنلەر بىلەن ئىلىشىۋاتقان، كافىرلىق ئوتىنىڭ يالقۇنى يۇرتىمىزنى ئوراپ كېتىپ بارغان بىر زاماندا، پەقەت ۋە پەقەت بىخەتەرلىكىمىزنىڭ ئەڭ ساغلام، كۈچلۈك، يىقىلماس ۋە تەۋرەنمەس كۈچىگە ئىگە رىسالەئى نۇرنىڭ نۇرانە دالدىسىغا ئۆتۈش بىلەن ۋە ئۇنىڭ مۇقەددەس چەمبىرى ئىچىگە كىرىش بىلەن قۇتۇلغىلى ۋە ئىماننى قۇتقۇزۇپ، ئەبەدىي يوقلۇق دەپ گۇمان قىلىنغان ئۆلۈمنى ئەبەدىي ھاياتقا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ»[1]. «رىسالەئى نۇرلار روھىمىزنىڭ غىزاسى ۋە ئەبەدىي بەخت-سائادىتىمىزنىڭ ئاچقۇچىدۇر»[2].
ھازىر بۇ كىتابلار ھەققىدە توقۇپ چىقىرىلغان سۈپەتلەردىن بەزىلىرىنى كۆرۈپ باقايلى:
ئا- رىسالەئى نۇرنىڭ تەستىقلانغانلىقى دەۋاسى
نۇرچىلارنىڭ دەۋا قىلغىنىدەك نىجاتلىق پەقەت رىسالەئى نۇرلار بىلەنلا ئەمەلىيلىشىدىغان بولسا، ئۇ (رىسالەئى نۇر) لارنىڭ ئىلگىرىكى ئىلاھىي كىتابلار تەرىپىدىن خەۋەر بېرىلگەن ۋە تەستىقلانغان بولۇشى كېرەك. سەئىد نۇرسىي ئىشنىڭ بۇ تەرىپىگىمۇ سەل قارىمىغان. ئۇ بۇ ھەقتە «سىككەئى تەسدىقى غەيبى» يەنى «غەيب بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەستىق تامغۇسى» دەپ بىر رىسالە يازغان. ئۇ مەزكۇر رىسالەدە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ رىسالە باشتىن ئاخىرىغىچە مىڭغا يېقىن ئىشارەت بىلەن يالغۇز بىرلا نەرسىنى، يەنى رىسالەئى نۇرنىڭ مۇناسىپ كۆرۈلۈپ تەستىقلانغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. بىر دەۋادا بۇنچىلىك كۆپ ۋە بىر- بىرىدىن پەرقلىق مىڭلارچە ئىشارەتنىڭ بار بولۇشى پەقەت كەسكىن ئىلىم دەرىجىسىدىلا ئەمەس، ئەينى زاماندا كۆز بىلەن كۆرۈش ۋە كەسكىن قانائەت دەرىجىسىدە ئۇ دەۋانى ئىسپاتلايدۇ»[3].
بۇ ئىسپاتنىڭ قانداق ئەمەلىيلەشكەنلىكىنى بىلىشنى خالىغانلار، بىز ئالدىمىزدا توختىلىپ ئۆتمەكچى بولغان «سەئىد نۇرسىي ۋە قۇرئان» دېگەن تېمىغا قارىسا بولىدۇ.
ب- رىسالەئى نۇرنىڭ تۈركچە بولۇشى
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَمَا أَرْسَلْنَا مِن رَّسُولٍ إِلاَّ بِلِسَانِ قَوْمِهِ لِيُبَيِّنَ لَهُمْ»
«بىز قايسى ئەلچىنى ئەۋەتسەك، ئۇنى ئۆز قەۋمىنىڭ تىلى بىلەن ئەۋەتتۇق. بۇنى ئۇنىڭ ئۇ قەۋمگە بايان قىلىشى ئۈچۈن شۇنداق قىلدۇق»- ئىبراھىم 14/4.
سەئىد نۇرسىي بۇ ئايەتنى رىسالەئى نۇرلارنىڭ تۈركچە بولۇشىنىڭ دەلىلى دەپ قارايدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ:
«…ئەلچىلىك ۋە پەيغەمبەرلىكنىڭ نائىبى ۋە ۋەكىللىرىنىڭ ھەر ئەسىردە بار بولۇشى بىر قائىدە بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئايەت، بىر مىراسچىلىق ۋەزىپىسى ئۆتەيدىغان رىسالەئى نۇرنى ئۆزىنىڭ تارماقلىرى ئىچىگە بىر ئىشارەت مەنىسىدە ئېلىپ كىرىدۇ ۋە تىلىنىڭ ئەرەبچە ئەمەس، تۈركچە بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىدۇ»[4].
ج- رىسالەئى نۇرنىڭ گۇناھقا كاپارەت بولىدىغانلىقى دەۋاسى
سەئىد نۇرسىينىڭ پىكرىچە «رىسالەئى نۇرغا تېگىپ ئۆتۈپ كېتىش ئەمەس، ئۇنى تولۇق قوبۇل قىلىپ، يېيىشقا تىرىشىش لازىم. بۇ ئۇنىڭ ئۆتمۈشتىكى چوڭ گۇناھلىرىغا كاپارەت بولۇشى، كەلگۈسىدىكى چوڭ بالايىئاپەت ۋە زىيانكەشلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ئۈچۈن شەرتتۇر»[5].
د-رىسالەئى نۇرنى ئوقۇغانلارنىڭ ئالىم بولدىغانلىقى دەۋاسى
سەئىد نۇرسىينىڭ كۆز قارىشىدا كونا مەدرىسلەردە بەش ئون يىلدا ھاسىل قىلىنغان ئىلىملەر نۇر مەدرىسىلىرىدە بەش ئون ھەپتىدە ھاسىل قىلىنماقتا ۋە ئوخشاش نەتىجىگە ئېرىشىلمەكتە[6].
ئە- رىسالەئى نۇرلارنى مۇقەددەسلەشتۈرگەنلىكنىڭ مىساللىرى
رىسالەئى نۇرلارنىڭ ئىچىدىكى رىسالەئى نۇرلارنى مۇقەددەسلەشتۈرىدىغان قىسم چىقىرىۋېتىلسە ئۇ كىتابلارنىڭ ھەجمى خېلىلا كىچىكلەيدۇ. بۇلاردىن «ئايەتى كۇبرا» نى مىسال كەلتۈرۈپ بۇ ھەقتىكى دەۋالارنى قەدەممۇ قەدەم ئىزدەيلى:
1) سەئىد نۇرسىيغا يازدۇرۇلغانلىقى دەۋاسى
سەئىد نۇرسىي ئۆزى «ئايەتى كۇبرا» دەپ ئاتىغان رىسالىسىنىڭ كىرىش سۆز قىسمىنى ئۇزارتقىنىدا مۇنداق دەيدۇ:
«بۇ رىسالىنىڭ كىرىش قىسمىنىڭ بۇنداق ئۇزۇن بولۇپ كېتىشى مېنىڭ ئىختىيارىمچە بولمىدى. دېمەك، ئېھتىياج بار بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق يازدۇرۇلدى»[7].
2) ئىسىمنى ھەزرىتى ئەلىنىڭ قويغانلىقى دەۋاسى
سەئىد نۇرسىي بۇ رىسالە ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:
«بۇ رىسالىنىڭ شۇنداق ئەھمىيىتى باركى، ئىمام ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ غايىپتىن كۆرسەتكەن كارامەتلەر بىلەن بۇ رىسالىگە «ئايەتى كۇبرا (ئەڭ بۈيۈك ئايەت)» ۋە «ئاسايى مۇسا (مۇسانىڭ ھاسىسى)» دەپ ئات قويغان[8].
3) ھەزرىتى ئەلىنىڭ رىسالىدىن شاپائەت تىلىگەنلىكى دەۋاسى
سەئىد نۇرسىي مۇنداق دەيدۇ: «ئىمام ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نۇرنىڭ بۆلۈملىرىدىن خەۋەر بەرگەن ۋاقىتتا ‹ئايەتۇل كۇبرا ھەققى- ھۆرمىتى ئۈچۈن مېنى كۈتۈلمىگەن ئۆلۈمدىن مۇھاپىزەت قىل› دەپ ئۇ ئايەتۇل كۇبرانى شاپائەتچى قىلدى»[9].
4) رىسالىنىڭ «لائىلاھە ئىللەللاھ» نىڭ دەلىلى ئىكەنلىكى دەۋاسى
سەئىد نۇرسىي مۇنداق دەيدۇ: «لائىلاھە ئىللەللاھ» نىڭ دەلىلى بېسىلغان «ئايەتۇل كۇبرا» رىسالىسىدۇر. ئۇ مىسلىسىز ھۆججەتنىڭ ھەيران قالدۇرىدىغان خۇسۇسىيىتى سەۋەبىدىن ئىمام ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنى شاپائەتچى قىلغان»[10].
5) رىسالىنىڭ قۇتقۇزغۇچى بولغانلىقى دەۋاسى
سەئىد نۇرسىي مۇنداق دەيدۇ: «… ئۇ رىسالەنىڭ ھەم ئەنقەرە ھەم دېنىزلى مەھكىمىلىرىدە غالىب كېلىشى بىلەن ۋە پەردە ئاستىدا تەسىرلىك ھالدا تارقىلىشى بىلەن ئوقۇغۇچىلىرىغا مەھكىمىدە ئاقلىنىش قازاندۇرغىنىدەك…»[11].
6) بىر ماگىزىننى ئوت ئاپىتىدىن ساقلىغانلىقى دەۋاسى
سەئىد نۇرسىي دەيدۇكى: «… ئىسپارتا ۋىلايىتىدە ھۆكۈمەت ئىدارىلىرىدىن بىرىدە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، كېچىنىڭ ئەڭ سوغۇق ۋاقتىدا ئۇ ئىدارە ئۈچ سائەت كۆيدى. يانغىن تۇتاش بىر ماگىزىنغا تېزلا ئىلگىرىلىۋاتاتتى. ماگىزىن رىسالەئى نۇرنىڭ بىر تالىپىنىڭ ئىدى.  ماگىزىننىڭ ئىگىسى «بىز كۆيۈپ كەتتۇق، تۈگەشتۇق» دەپ يېنىمغا كەلدى. مەن ئىككى كۈن ئاۋۋال ئۇنىڭدىن ئۇ ماگىزىندىكى ئايەتۇل كۇبرانىڭ بەزى نۇسخىلىرىنى تەلەپ قىلغان ئىدىم، لېكىن ئۇ ئەكىلىپ بەرمىگەن ئىدى. دېمەك، ئۇ بۇ ئوتنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن ئۇ يەردە قالغان ئىكەن. مەن رىسالەئى نۇرنى ۋە ئايەتى كۇبرانى شاپائەتچى قىلىپ، «ئى رەببىم قۇتقۇز!» دېدىم. ئۈچ سائەت داۋاملاشقان ئۇ دەھشەتلىك يانغىن ئۇ بۈيۈك ئىدارىنى بەربات قىلدى، تۆۋىنىدىكى ۋە يېنىدىكى تۇتاش دۇكانلارنى پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈپ تاشلىدى. رىسالەئى نۇرنىڭ ۋە ئايەتى كۇبرانىڭ مۇھاپىزىتىدە بولغان ماگىزىنغا چېقىلمىدى ۋە ئاستىندىكى شاگىرتنىڭ دۇكىنىمۇ ساق قالدى»[12].
3- نىجاتلىقنىڭ نۇر جامائىتىدە ئىكەنلىكى دەۋاسى
نۇرچىلارغا نىسبەتەن «رىسالەئى نۇر شاگىرتلىرىنىڭ نىجاتلىققا ئېرىشىدىغانلىقىغا ۋە بەختلىك بولىدىغانلىقىغا دائىر قۇرئاننىڭ كۈچلۈك ئىشارەتلىرى، ھەرزىتى ئەلىنىڭ ۋە ئابدۇلقادىر جەيلانىينىڭ خۇش خەۋەرلىرى بار»[13]. تۆۋەندىكى ئايەتلەر مۇشۇ خىلدىكى ئىجتىمائىي گۇرۇھلارنىڭ ۋە تەرىقەتچىلەرنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىپ بەرمەكتە:
«إِنَّ الَّذِينَ فَرَّقُوا دِينَهُمْ وَكَانُوا شِيَعًا لَسْتَ مِنْهُمْ فِي شَيْءٍ إِنَّمَا أَمْرُهُمْ إِلَى اللَّهِ ثُمَّ يُنَبِّئُهُمْ بِمَا كَانُوا يَفْعَلُونَ»
«دىنىنى پارچىلاپ گۇرۇھ-گۇرۇھ بولغانلار بارغۇ، سەن ھېچبىر نەرسىدە ئۇلاردىن ئەمەسسەن. ئۇلارنىڭ ئىشى پەقەت ئاللاھقىلا تاپشۇرۇلىدۇ. ئاندىن ئاللاھ ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ»-ئەنئام 6/159.
«وَإِنَّ هَذِهِ أُمَّتُكُمْ أُمَّةً وَاحِدَةً وَأَنَا رَبُّكُمْ فَاتَّقُونِ. فَتَقَطَّعُوا أَمْرَهُمْ بَيْنَهُمْ زُبُرًا كُلُّ حِزْبٍ بِمَا لَدَيْهِمْ فَرِحُونَ. فَذَرْهُمْ فِي غَمْرَتِهِمْ حَتَّى حِينٍ. أَيَحْسَبُونَ أَنَّمَا نُمِدُّهُمْ بِهِ مِنْ مَالٍ وَبَنِينَ. نُسَارِعُ لَهُمْ فِي الْخَيْرَاتِ بَلْ لَا يَشْعُرُونَ»
«ئەنە شۇلارنىڭ دىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلاردۇر. ھەممىڭلارنىڭ دىنى بىردۇر. مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلارمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن مەندىن قورقۇڭلار.
ئاندىن ئىنسانلار ئۇ دىننى ئۆز ئارىسىدا پارچىلاپ ھەر خىل كىتابلارغا ئايرىدى. ھەر گۇرۇھ ئۆز دىنى بىلەن خۇشال بولۇپ ماختىنىدىغان بولدى.
سەن ئۇلارنى چۆمۈپ كېتىشكەن غاپىللىقلىرى ئىچىدە بىر مۇددەت تەرك ئەتكىن. ئۇلار بىزنىڭ مال-مۈلۈك ۋە ئەۋلاتلارنى بەرگەنلىكىمىزنى، ياخشىلىق قىلىشقا ئالدىرىغانلىقىمىز، دەپ ئويلامدۇ؟ ئىش ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدەك ئەمەس، ئۇلار ئۇقمايۋاتىدۇ»- مۇئمىنۇن 23/52-56.
يۇقىرىدىكى ئايەتلەرنىڭ ئىچىدىن 53- ئايەت ئۈستىدە قىسقىغىنا توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇ ئايەت مۇنداق:
«فَتَقَطَّعُوا أَمْرَهُمْ بَيْنَهُمْ كُلُّ حِزْبٍ بِمَا لَدَيْهِمْ فَرِحُونَ»
«ئاندىن ئىنسانلار ئۇ دىننى ئۆز ئارىسىدا پارچىلاپ ھەر خىل كىتابلارغا ئايرىدى. ھەر گۇرۇھ ئۆز دىنى بىلەن خۇشال بولۇپ ماختىنىدىغان بولدى»
ئايەتتە ئۆتكەن زۇبۇر «زُبُرًا» دېگەن سۆز «زەبۇر» نىڭ كۆپلۈكى بولۇپ، «كىتاب» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. دەرۋەقە شۇئەرا سۈرىسىنىڭ 196- ئايىتىدە «وَإِنَّهُ لَفِي زُبُرِ الْأَوَّلِينَ» «ئۇ قۇرئان ئىلگىرىكىلەرنىڭ كىتابلىرىدىمۇ بار» دېيىلىدۇ. ئىلگىرىكىلەرنىڭ كىتابلىرى ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابلاردۇر. زەبۇر ئەينى زاماندا داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان كىتابنىڭمۇ ئىسمىدۇر. دىنلىرىنى پارچىلىغانلارنىڭ كىتابلىرىغىمۇ زەبۇر دېيىلىشى ئۇلارنىڭ ئۇ كىتابلارغا ئىلاھىي كىتاب تۈسى بەرگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىش ئۈچۈن بولسا كېرەك.
 ل- جامائەتنى كۆپەيتىشنىڭ غايە بولۇشى
دىنغا بويسۇنۇشنىڭ ئورنىغا دىننى ئۆزلىرىگە بويسۇندۇرىدىغانلار، ئۇ دىننىڭ ئاساسىي ئېتىقادلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشنىڭ بىر ۋاسىتىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىدۇ. مەسىلەن، خرىستىئانلىقتىكى ئاتا، بالا ۋە مۇقەددەس روھ ئېتىقادى، چېركاۋنىڭ خرىستىئان جامائەسى ئۈستىدىكى ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ۋاسىتىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلمەكتە. بۇ بۈيۈك بىر دىن سۈيئىستېمالىدۇر. ئىنسانلار تېخىمۇ دىندارلىشىش ئۈچۈن ئاللاھقا باغلىنىشنىڭ ئورنىغا چېركاۋغا باغلىنىدۇ. «چېركاۋ مۇئەييەن دەرىجىلەرگە ئايرىلغان ئورگانلاردىن ۋە ئىيسا مەسىھنىڭ سىرلىق بەدىنىدىن تەركىپ تاپقان بىر تەشكىلاتتۇر. ساماۋىي ھەدىيىلەر بىلەن بېزەلگەن. ئۇ بىرى ئىنسانىي يەنە بىرى ئىلاھىي بولغان ئىككى پەرقلىق تەركىبى قىسىمغا ئىگە[14]. چېركاۋ ئىنسانىيەت بىلەن ئاللاھنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىرلىكنىڭ ئىشارىتى ۋە ۋاسىتەسىدۇر[15]. ئىيسا مەسىھكە ئوخشايدىغان چېركاۋ خىزمەتچىلىرى ئىيسا مەسىھنىڭ بەندىلىرىدۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرى ۋە قىلغان ئېھسانلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەمەس، بەلكى ئىيسا مەسىھنىڭ باشقىلارغا بېرىش ئۈچۈن ئۇلارغا ئامانەت قىلىنغان سۆز ۋە ئېھسانلىرىدۇر»[16].
 كاتولىكلار ئىيسا ئەلەيھىسسالام تەبلىغ قىلغان دىننى ئەنە شۇ شەكىلدە ئاللاھنىڭ دىنى بولۇشتىن چىقىرىپ، چېركاۋنىڭ دىنى ھالىتىگە كەلتۈرگەن. ھازىر چېركاۋ ئۆزىگە باغلىق كىشىلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى قوللانماقتا. بۇ ئەھۋال باشقا چېركاۋلاردىمۇ شۇنداق. ئۇلارنىڭ بۇ پائالىيىتى «مىسسىئونېرلىك» دەپ ئاتىلىدۇ.
مىسسىئونېرلىك دىن تەبلىغى ئەمەستۇر. دىن تەبلىغى بىر دىننى ئىنسانلارغا يەتكۈزگەندىن كېيىن ئىشىنىش مەسىلىسىدە ئۇلارنى ئىختىيارىغا قويۇپ بېرىشتۇر. مىسسىئونېرلىك بولسا پاۋلۇسنىڭ قىلغىنىغا ئوخشاش ئىنسانلارنى چېركاۋغا خىزمەت قىلىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىش پائالىيىتىدۇر. ھەممىمىزگە مەلۇملۇق ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئىشغال قىلىنغىنىغا تېخى 200 يىل بولماستىن ئوتتۇرا ئەسىر ئېنگىزىسيونىدىن[17] قېلىشمايدىغان دەرىجىدە زۇلۇم بىلەن يەرلىك ئېتىقاد ۋە مەدەنىيەتلەر يوقىتىلغان، شۇنداقلا خەلق خرىستىئانلاشتۇرۇلغان. ئەينى ئەھۋال ئاۋسترالىيە، يېڭى زىللاندىيە، غەرب ئېمپىرىيالىزمى تەرىپىدىن مۇستەملىكە قىلىنغان ئافرىقا دۆلەتلىرى ۋە دۇنيانىڭ باشقا دۆلەتلىرىدىمۇ يۈز بەرگەن[18].
مىسسىئونېرلار پاۋلۇسنىڭ يولىدىدۇر. ئۇنىڭ كورىنتلىقلارغا يازغان خېتىدە مۇنۇ جۈملىلەر ئورۇن ئالغان:
«19 مەن ھېچكىمدىن ھەق ئالمىغانلىقىم ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىدىن ئەركىن. لېكىن، تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ ئىيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشى ئۈچۈن، كۆپچىلىكنىڭ قۇلىدەك ياشاپ كەلدىم. 20 يەھۇدىيلارنىڭ ئىيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشى ئۈچۈن، يەھۇدىيلار ئارىسىدا بولغىنىمدا يەھۇدىيلاردەك ياشاۋاتىمەن. تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدىن ئازاد قىلىنغان بولساممۇ، تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە ياشايدىغانلارنىڭ ئىيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشى ئۈچۈن، شۇ كىشىلەردەك ياشاۋاتىمەن. 21 شۇنىڭغا ئوخشاش، تەۋرات قانۇنى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق يەھۇدىي ئەمەسلەر ئارىسىدا بولغىنىمدا، شۇ كىشىلەرگە ئوخشاش ياشاۋاتىمەن. بۇ، خۇدانىڭ قانۇنىدىن چەتنەپ كەتتىم دېگەنلىك ئەمەس، چۈنكى مەن ئىيسا مەسىھنىڭ قانۇنىغا ئىتائەت قىلىپ ياشاۋاتىمەن. 22 خۇدا توغرىسىدىكى بىلىمنى تونۇپ يەتمىگەنلىكتىن ۋىجدانى ئاسانلا ئازابلىنىدىغان ئېتىقادچىلارنىڭ ئارىسىدا ئۇلارغا ئوخشاش ياشاۋاتىمەن. بۇنداق قىلىشىمدىكى مەقسەت، ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەشتۇر. بارلىق چارىلەرنى ئىشلىتىپ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ قۇتۇلۇشى ئۈچۈن، مەيلى مەن قانداقلا كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا بولاي، خۇدا مەنئى قىلمىغانلا بولسا، شۇ كىشىلەرنىڭ ئادەتلىرى بويىچە ياشايمەن. 23 مەن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بۇ خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭدىن كېلىدىغان بەختتىن مەن بىلەن بىللە تەڭ بەھرىمەن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ ئىشلارنى قىلىۋاتىمەن»[19].
مىسسىئونېرلىك ئىنجىلنى خەلقلەرگە ۋە مەسىھكە ئىشەنمىگەن گۇرۇپپىلارغا يەتكۈزۈش بىلەن باشلىنىدۇ. خرىستىئان جامائەتلەرنىڭ ۋە يەرلىك چېركاۋلارنىڭ قۇرۇلۇشى بۇنىڭ ئارقىسىدىن كېلىدۇ. ئىنجىلنى خەلقلەرنىڭ كۈلتۈرلىرىدە (مەدەنىيەتلىرىدە) جانلاندۇرۇش ئۈچۈن بىر ئىنكۈلتۈراسيون باسقۇچى باشلىنىدۇ. خەلقلەرگە، گۇرۇپپىلارغا ۋە كىشىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ماۋزۇلاردا چېركاۋ ئۇلارغا قەدەممۇقەدەم يېقىنلىشىدۇ ۋە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىش ئىنجىلنى قوبۇل قىلمايدىغانلار بىلەن ئېھتىرام بىلدۈرگەن ئاساستا مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ[20].
ئىنكۈلتۈراسيۇن ئىنجىلنىڭ تەلىماتلىرىنى خرىستىئانلار بولمىغان ئەللەرنىڭ مەدەنىيەتلىرىگە كىرگۈزۈش دېمەكتۇر. خرىستىئانلىق تەلىماتى ۋە ھايات شەكلى باشقا مەدەنىيەتلەرگە ماس ھالەتكە كەلتۈرۈلىدۇ. بۇنىڭ غايىسى ئىنسانلارنى قەدەممۇقەدەم خرىستىئانلاشتۇرۇشتۇر.
نۇرغۇن مۇسۇلمان گۇرۇھ ۋە تەرىقەتچىلەردىمۇ بۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىسلامغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ كۆپىيىشىنى ئىسلامنىڭ يېيىلىشى دەپ ھېسابلايدۇ. ئەگەشكۈچىنى كۆپەيتىشنى ئاساسىي نىشان قىلىپ بەلگىلەيدۇ. سەئىد نۇرسىينىڭ تۆۋەندىكى كۆزقاراشلىرى بۇنىڭغا مىسال بولىدۇ:
«رىسالەئى نۇرنىڭ ئىسلام دۇنياسىدا تارقىلىشىغا قارشى ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن توسالغۇ پەيدا بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن نۇر شاگىرتلىرى تېنچلىق سۆيەر بولۇشى لازىم. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئۇستازلارنىڭ جۈمە ۋە جامائەتلىرىگە چېقىلماڭلار. ئۇلارغا قاتناشمىساڭلارمۇ قاتناشقانلارنى تەنقىد قىلماڭلار. گەرچە ئىمام رەببانى: ‹بىدئەت بار يەرگە كىرمەڭلار› دېگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ مۇنداق دېيىشتىكى مەقسىتى: ناماز باتىل بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس، نامازنىڭ ساۋابى بولمايدۇ دېگەنلىكتۇر[21].
نۇرچىلار نۇرچىلىقنى يېيىش ئۈچۈن ھەممە كىشى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇشقا تىرىشىدۇ ۋە مۇنازىرىگە كىرمەيدۇ…
«بىدئەت بار يەرلەرگە كىرمەڭلار» دېگەن سۆز بىلەن مەسجىد ۋە جامەلەرنىڭ مەقسەت قىلىنغانلىقى ئېنىق. مۇسۇلمان كىشى تېخىمۇ كۆپ ساۋاب ئېلىش ئۈچۈن مەسجىدكە بارىدۇ. ئەگەر نامازنىڭ ساۋابىنى ئالالمايدىغان ئىش بولسا مەسجىدكە بارامدۇ؟ سەئىد نۇرسىي بۇ يول ئارقىلىق نۇرچىلارغا، ئۆز ئىبادەتخانىلىرىنى شەكىللەندۈرۈش ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن.
م- ئىنسانىيەتنى قۇچاقلاش دەۋاسى
نۇرچىلار دەيدۇكى: «كىم ھەقىقەت ئىزدەيدىكەن رىسالەئى نۇردىن دەرس ئالسۇن. نۇر يولىدا ماڭغان ھەر بىر زىيالىي ھەقىقىي بەخت-سائادەتكە ئېرىشىدۇ ۋە يەر يۈزىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىدۇ. ئەدەبىي ھايات خەزىنىسىنى كۆرسىتىدىغان قۇرئان ھەكىمنىڭ نۇرى بولغان رىسالەئى نۇر ئەلۋەتتە بىر كۈنى ئەمەس بىر كۈنى دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرىدىغان نۇرلۇق ئاۋازىنى ياڭرىتىدۇ»[22]
سەئىد نۇرسىي تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇنداق دەيدۇ: «دىننىڭ، شەرىئەتنىڭ ۋە قۇرئاننىڭ يۈزدىن ئارتۇق تىلسىمات ۋە سىرلىرىنى يېشىپ ئوتتۇرىغا چىقارغان، ئەڭ تەرسا دىنسىزلارنىڭ ئېغىزلىرىنى تۇۋاقلاپ گەپ قىلالمايدىغان قىلىپ قويغان، مىراج ۋە ئاخىرەتتە روھ ۋە جەسەتنىڭ بىللە تىرىلىدىغانلىقىدەك ئەقىلدىن بەك يىراق دەپ گۇمان قىلىنغان قۇرئانىي ھەقىقەتلەرنى ئەڭ مۇتەئەسسىپ، ئەڭ تەرسا پەيلاسوپ ۋە زىندىقلارغا[23] قارشى قۇياشتەك ئىسپاتلىغان، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى ئىمانغا كەلتۈرگەن رىسالەئى نۇر نۇسخىلىرى، ئەلۋەتتە پۈتۈن دۇنيانى ۋە ھاۋا بوشلۇقىنى ئۆزى بىلەن ئالاقىدار قىلىدىغان، بۇ ئەسىرنى ۋە كەلگۈسىنى ئۆزىگە باغلاپ تۇرىدىغان بىر قۇرئان ھەقىقىتىدۇر، ئەھلى ئىمان قولىدا بىر ئالماس قىلىچتۇر»[24].
«شىئەلىكتە مۇتەئەسسىپ كىشىلەر، ۋەھھابىيلىقتا ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن كىشىلەر، پەيلاسوپلارنىڭ ئەڭ تەرساسى ۋە ئالىمى، مۇتەئەسسىپ ئۆلىمالارنىڭ ئەڭ مۇتەكەببىرلىرى بىردەك نۇر دائىرىسىگە كىرىشكە باشلىدى ۋە قېرىنداشلارغا ئايلاندى. ھەتتا بەزى مىسسىئونېرلارنىمۇ، ئىيسا دىنىنىڭ ھەقىقىي روھانىيسىنىڭمۇ (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ) ئۇ دائىرىگە كىرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىشارەتلەر بار. بۇلار بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلىشمايدۇ. ئەكسىچە ئىناق-ئىتتىپاقلىقنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىپ مۇنازىرىگە سەۋەب بولىدىغان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا تاشلىمايدۇ. دېمەك، ئىمام ئەلى ئوتتۇز-قىرىق ئىشارىتى بىلەن ئوچۇق ئاشكارا ھالدا خەۋەر بەرگەن رىسالەئى نۇر بۇ زاماننىڭ دەھشەتلىك جاراھەتلىرىگە تولۇق بىر دورىدۇر. ئۇ دائىرە (نۇرچىلىق) بىزگە كۇپايە قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ سىرتىغا چىقمايمىز»[25].
 
داۋامى بار………


[1]– ئەمىرداغ لاھىقىسى، (1) مەكتۇپ نومۇرى: 81، رىسالەئى نۇر كۇللىياتى 2- جىلد، 1733- بەت. 

[2]– شۇئالار، 14- شۇئا، رىسالەئى نۇ كۇللىياتى، 1- جىلد، 1111- بەت، جەيلان چالىشقاننىڭ مۇداپىئەسىدىن.

[3]كاستامونۇ لاھىقىسى، رىسالەئى نۇر كۇللىياتى، 2- جىلد، 1651- بەت.  

[4]– شۇئالار، 1- شۇئا، 4- ئايەت، رىسالەئى نۇ كۇللىياتى، 1- جىلد، 847- بەت. 

[5]– سىككەئى تەسدىقى غەيبى، رىسالەئى نۇر كۇللىياتى، 2- جىلد، 2061- بەت.

[6]– سىككەئى تەسدىقى غەيبى، رىسالەئى نۇر كۇللىياتى، 2- جىلد، 2061- بەت.

[7]– شۇئالار، 7- شۇئا، رىسالەئى نۇ كۇللىياتى، 1- جىلد، 985- بەت. 

[8]– شۇئالار، 7- شۇئا، رىسالەئى نۇ كۇللىياتى، 1- جىلد، 985- بەت. 

[9]– شۇئالار، 15- شۇئا، رىسالەئى نۇ كۇللىياتى، 1- جىلد، 1116- بەت. 

[10]– شۇئالار، 15- شۇئا، رىسالەئى نۇ كۇللىياتى، 1- جىلد، 1116- بەت.  

[11]– شۇئالار، 15- شۇئا، رىسالەئى نۇ كۇللىياتى، 1- جىلد، 1116- بەت.  

[12]ئەمىرداغ لاھىقىسى، 27- مەكتۇب، رىسالەئى نۇر كۇللىياتى 2- جىلد، 1723- بەت. 

[13]كاستامونۇ لاھىقىسى، 27- مەكتۇب،  رىسالەئى نۇر كۇللىياتى، 2- جىلد، 1608- بەت.  

[14]– كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 771- پاراگراف.

[15]– كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 775- پاراگراف.

[16]– كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 876- پاراگراف.

[17]– ئېنگىزىسيون كاتولىكلارنىڭ بىر خىل مەھكىمىلىرى بولۇپ، بۇ مەھكىمىلەر 15 ۋە 16- ئەسىرلەردە كاتولىك چېركاۋىغا قارشى چىققۇچىلارنى تېپىپ جازالاش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

[18]– شىناسى گۈندۈز، ماھمۇت ئايدىن، مىسسىئونېرلىك، ئىستانبۇل 2002، 18- بەت.

[19]– ئىنجىل، پاۋلۇسنىڭ كورىنتلىقلارغا يازغان بىرىنچى خېتى، 9/19-23.

[20]– كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 854- ۋە 856- پاراگراف.

[21]كاستامونۇ لاھىقىسى، 27- مەكتۇب،  رىسالەئى نۇر كۇللىياتى، 2- جىلد، 1667- بەت.  

[22]– تارىخىچەئى ھايات، ئىسپارتا ھاياتى، رىسالەئى نۇر كۇللىياتى، 2- جىلد، 2204- بەت.

[23]– زىندىق دەھرىي دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.

[24]– ئەمىرداغ لاھىقىسى، (1) 27- مەكتۇب، رىسالەئى نۇر كۇللىياتى 2- جىلد، 1695- بەت. 

[25]ئەمىرداغ لاھىقىسى، رىسالەئى نۇر كۇللىياتى 2- جىلد، 1769- بەت. 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر