مۇسۇلمانلار

ۋەسىلە ۋە شېرىك 17

ك- جامائەت شەكىللەندۈرۈش ۋە نۇر جامائىتى
دىنى زات دەپ تونۇلغان بىر كىشى ئادەتتىن تاشقىرى سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنسە، ئىنسانلارنى ئۇنىڭ ئەتراپىدا جۇغلاش ئاسان بولىدۇ. جۇغلانغانلارنىڭ ئارىسىدا ئۇنىڭ ئاللاھقا يېقىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۇلار ئۇنىڭ ۋەسىلە ۋە شاپائەتچى بولىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرىلىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ ئىلھام قىلىشى بىلەن يازغانلىقى دەۋا قىلىنىدىغان كىتابلار ئوتتۇرىغا چىقىرىلىدۇ. مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلەن ئايرىم نامى، ئايرىم رەھبىرى ۋە ئۆزىلىرىگە خاس كىتابلىرى بار بىر جامائەت شەكىللىنىدۇ. ئاندىن ئاستا-ئاستا ئىنسانلارنى مەپتۇن قىلىدىغان تاتلىق سۆزلەر سۆزلىنىشكە باشلىنىدۇ. ئاخىرىدا بۇ جامائەتكە كىرمىگەنلەرنىڭ نىجاتلىققا ئېرىشەلمەيدىغانلىقى دەۋا قىلىنىدۇ.
كاتولىك چېركاۋى مانا مۇشۇنداق شەكىللەنگەن بىر خرىستىيان جامائەتتۇر. چېركاۋ بىلەن جامە ۋە مەسجىدلەر بىر-بىرىگە ھەرگىزمۇ ئوخشىمايدۇ. جامە ۋە مەسجىدلەر ئىبادەت ئورنىدۇر. لېكىن چېركاۋ جانلىق بىر بارلىق، ئىيسانىڭ سىرلىق بەدىنى ۋە تۆۋەندىن يۇقىرىغا بىر-بىرىگە باغلىق زەنجىرسىمان ئورگانلاردىن تەركىپ تاپقان بىر جەمئىيەت دەپ قارىلىدۇ[1]. ئۇلارنىڭ كۆز قارىشىدا چېركاۋ يېگانىدۇر، مۇقەدەستۇر ۋە كاتولىكتۇر[2]. چېركاۋنىڭ يالغۇز بىرلا رەببى ۋە بىرلا ئىمامى بار. يالغۇز بىرلا چۆمۈلدۈرۈشتىن تۇغۇلىدۇ. يېگانە بىر ئۈمىد بىلەن يېگانە بىر روھ تەرىپىدىن جان ئاتا قىلىنغان يېگانە بىر بەدەندۇر[3]. كاتولىك چېركاۋى پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ئىيسا مەسىھنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۇنىڭ روھىنىڭ بىرلىكىدە، ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ياخشىلىقلار بىلەن بىرلىكتە بىر يەردە جۇغلاشقا تىرىشماقتا[4].
كاتولىكلارنىڭ دىنىي ئەنئەنە دەيدىغان ئۆزگىچە كىتابلىرى بار. ئۇلار بۇ كىتابلارنىڭ مۇقەددەس روھنىڭ جانلىق پائالىيىتى نەتىجىسىدە يەنى ۋەھىي ئارقىلىق شەكىللەنگەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. ئۇلار ئۇ كىتابلارغا تەۋرات ۋە ئىنجىل بىلەن ئوخشاش مەنبەدىن كەلگەن دەپ ئىشەنگەنلىكلىرى ئۈچۈن بۇ كىتابلارنى تەۋرات ۋە ئىنجىل بىلەن ئوخشاش دەپ قارايدۇ[5].
كاتولىكلار «كاتولىك چېركاۋىغا كىرمىگەن ئىنسان نىجاتلىققا ئېرىشەلمەيدۇ»[6] دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ.
نۇرچىلارمۇ مۇشۇنداق پىكىر ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن بىر جامائەتتۇر. ئالدى بىلەن سەئىد نۇرسىيغا ئادەتتىن تاشقىرى خۇسۇسىيەتلەر ئويدۇرۇپ چىقىلىپ، ئۇنىڭ مۇجەددىد، مەھدى، كۈتۈلگەن ئىيسا ۋە غەۋسىلئەزەم ئىكەنلىكى، فەردىيەت (يەككە-يېگانىلىك) ماقامىدا ئىكەنلىكى، «ھەقىقەتى مۇھەممەدىيە» نىڭ ئۇنىڭدا تەجەللىي قىلغانلىقى (كۆرۈنگەنلىكى) ۋە نۇرچىلارغا شاپائەت قىلىدىغانلىقى دەۋا قىلىنغان. ئاندىن رىسالەئى نۇرلار مۇقەددەسلەشتۈرۈلگەن. ئاخىرىدا نىجاتلىقنىڭ پەقەتلا نۇر جامائىتىگە ئەزا بولۇشتا ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇنىڭ بىلەن پەرقلىق بىر ئىسمى، مۇستەقىل بىر كىتابى ۋە ئايرىم بىر يولباشچىسى بولغان يېڭى بىر جامائەت ئوتتۇرىغا چىققان. ئەمدى بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىق دەۋالار ئۈستىدە توختىلىمىز:
1- سەئىد نۇرسىي ھەققىدە ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان ئالاھىدىلىكلەر
نۇرغۇنلىغان تەرىقەتلەردە بولغان «نۇرى مۇھەممەدىي» ۋە «ھەقىقەتى مۇھەممەدىيە» ئېتىقادى نۇرچىلاردىمۇ بار. سەئىد نۇرسىي ئۆزىنىڭ ھەقىقەتى مۇھەممەدىيەگە ۋەكىلىك قىلىدىغانلىقىنى ۋاسىتىلىك ھالدا ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنىڭ پىكرىچە رىسالەئى نۇرلارنىڭ ئاساسى مەنبەسى نۇرى مۇھەممەدىيدۇر. ئۆزى بولسا، ئۇ رىسالىلەرنىڭ مەنىۋى كىشىلىكىدۇر[7]. بۇنىڭ مەنىسى- نۇرى مۇھەممەدىيىگە، يەنى ھەقىقەتى مۇھەممەدىيەگە مەن ۋەكىللىك قىلىمەن، دېگەن بولىدۇ. رىسالەئى نۇرلاردا سەئىد نۇرسىينىڭ بۇ خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان ئىپادىلەر بار.
ئا- فەردىيەت (يەككە-يېگانىلىك) ماقامىدا بولغانلىقى دەۋاسى
ئاللاھ بىلەن ھەقىقەتى مۇھەممەدىيە بىر ھەقىقەتنىڭ ئالدى ۋە ئارقا يۈزلىرى ھېسابلانغانلىقى ئۈچۈن ھەقىقەتى مۇھەممەدىيەگە ۋەكىللىك قىلغان كىشى «فەردىيەت (يەككە-يېگانىلىك)» ماقامىدا دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ. سەئىد نۇرسىي ئۆزىنىڭ «فەردىيەت (يەككە-يېگانىلىك)» ماقامىدا ئىكەنلىكىنى شۇ سۆزلىرى بىلەن بايان قىلماقتا:
«ئاشكارىلاش خىيالىمدىنمۇ كەچمىگەن بىر سىرنى ئاشكارىلاشقا مەجبۇر بولۇپ قالدىم. مەسىلە مۇنداق:
رىسالەئى نۇرنىڭ مەنىۋى كىشىلىكى (يەنى مەن سەئىد نۇرسىي) ۋە ئۇنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان خۇسۇسىي شاگىرتلىرىنىڭ مەنىۋىي كىشىلىكلىرى فەردىيەت يەنى يەككە-يېگانىلىك ماقامى بىلەن شەرەپلەنگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۈستىدە بىر رايوننىڭ قۇتبىنىڭمۇ، زامانىنىڭ كۆپ قىسمىنى ھىجازدا ئۆتكۈزگەن قۇتبى ئەزەمنىڭمۇ (چوڭ قۇتۇبنىڭ) ھېچقانداق ھوقۇقى يوقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قۇتبى ئەزەمنىڭمۇ بۇيرۇقى ئاستىغا كىرىش مەجبۇرىيىتى يوق. ئۇلار ھەر دەۋردە بار بولغان ئىككى ئىمامغا ئوخشاش ئۇنى تونۇشقا مەجبۇر بولمايدۇ. مەن ئىلگىرى رىسالەئى نۇرنىڭ مەنىۋى كىشىلىكىنى (يەنى مەن سەئىد نۇرسىينى) ئۇ ئىماملاردىن بىرى دەپ قارايتتىم. ھازىر چۈشەندىمكى، رىسالەئى نۇرنىڭ مەنىۋى كىشىلىكى (يەنى مەن سەئىد نۇرسىي) غەۋسىلئەزەم، ھەم قۇتۇب ھەم غەۋس ھەمدە «فەردىيەت (يەككە- يېگانىلىك)» ماقامىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاخىر زاماندا ئۇنىڭ شاگىرتلىرى باغلىق بولغان رىسالەئى نۇر، ئۇ «فەردىيەت (يەككە- يېگانىلىك)» ماقامى بىلەن شەرەپلەندۈرۈلگەن. مەخپىي تۇتۇشقا لايىق بۇ چوڭ سىرغا ئاساسەن، مەككە مۇكەررەمەدە ھېچ كۈتۈلمىگەن بىر ھادىسە يۈز بەرسىمۇ رىسالەئى نۇرغا قارشى قۇتبى ئەزەمدىن بىر ئېتىراز كەلسە، رىسالەئى نۇر شاگىرتلىرى تەۋرەپ كەتمەسلىكى، ئۇ مۇبارەك قۇتبى ئەزەمنىڭ ئېتىرازىنى بىر ئىلتىپات ۋە سالام دەپ قارىشى، ئۇنىڭ ئېتىبارىنى قازىنىش ئۈچۈن ئېتىراز مەركەزلەشكەن نۇقتىلارنى كاتتا ئۇستازلىرىغا سۆزلەپ بېرىشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قوللىرىغا سۆيۈشلىرى لازىم»[8].
تەرىقەتچىلەرنىڭ قارىشىدا قۇتۇب- ئەڭ چوڭ ئەۋلىيادۇر. ئۇ ئاللاھقا يەتكەن كىشىلەرنىڭ بېشى ۋە ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن كائىناتتا تەسەررۇپ ئىگىسىدۇر. يەنى كائىناتنى باشقۇرۇشتا ھوقۇق ئىگىسىدۇر.
قۇتۇپتىن كېيىن كېلىدىغان ئىككى كىشى «ئىمامەيىن (ئىككى ئىمام)» دېيىلىدۇ. بۇلارنىڭ بىرى «ئىمامى يەمىن (ئوڭ تەرەپتىكى ئىمام)»، يەنە بىرى «ئىمامى يەسار (سول تەرەپتىكى ئىمام)» دېيىلىدۇ. ئىمامى يەمىن قۇتۇپنىڭ ھۈكۈملىرىگە، ئىمامى يەسار بولسا ئۇنىڭ ماھىيىتىگە مەزھەردۇر[9]. قۇتۇپ ئۆلسە ئۇنىڭ ئورنىغا ئىمامى يەسار ئۆتىدۇ. ئۈچلەر قۇتۇپ بىلەن ئىككى ئىمامدىن تەركىپ تاپىدۇ[10]. يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، سەئىد نۇرسىي ئىلگىرى ئۆزىنى بۇ ئىماملاردىن بىرى دەپ ئويلايدىكەنمىش.
بىردىن كۆپ قۇتۇب بار دەپ قارالغانلىقى ئۈچۈن قۇتۇبلارنىڭ رەئىسى «قۇتبۇلئەقتاب (قۇتۇبلارنىڭ قۇتۇبى)» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئۆزىگە سېغىنغانلارغا مەدەت (ياردەم) قىلغۇچى دېگەن مەنىدە غەۋس ياكى غەۋسىلئەزەم دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سەئىد نۇرسىيمۇ ئۆزىنى غەۋسىلئەزەم دەپ ئاتىغان.
بۇ ئېتىقادنىڭ ئىگىلىرىگە نىسبەتەن قۇتۇب ھەقىقەتى مۇھەممەدىيە تەجەللى قىلغان كىشىدۇر. ھەسەن فەۋزىينىڭ سەئىد نۇرسىيغا ئاتاپ يازغان ۋە سەئىد نۇرسىي «ناھايىتى پارلاق قەسىدە» دەپ ماختىغان شېئىرىدا بۇ ئىپادىلەر ئىشلىتىلگەن. ئۇ ئىپادىلەر تۆۋەندىكىچە:
«چۈنكى سەن بۇ ئەسىردە رەھمەتەن لىلئالەمىيننىڭ جىلۋىسى،
چۈنكى سەن ئەمدى شەپىئۇل مۇزنەبىيننىڭ ۋارىسى،
ئەغىسنا يا غىياسەل مۇستەغىسنىڭ دۇئاسى،
ئەي شوئلەئى رەھمەتى ئالەم رىسالەتۇننۇر[11].
شېئىرنىڭ يەشمىسى مۇنداق:
«چۈنكى سەن بۇ ئەسىردە ئالەمەلەرگە رەھمەت بولغان مۇھەممەدنىڭ كۆرۈنۈشىسەن.
چۈنكى سەن ھازىر گۇناھكارلارغا شاپائەت قىلىدىغان مۇھەممەدنىڭ ۋارىسىسەن،
گۇناھكارلارنىڭ سېنى چاقىرىشى مۇنداق بولىدۇ: «ياردەم قىل بىزگە، ئى مەدەت تىلىگۈچىلەرنىڭ مەدەتكارى!
ئى ئالەمگە رەھمەت مۇھەممەدنىڭ يالقۇنى، نۇر ئەلچىسى!».
بۇ ماقامنىڭ قۇتبۇلئىرشاد ۋە قۇتبۇلۋۇجۇد دېيىلىدىغان ئىككى تۈرى بار. ئۇلارغا نىسبەتەن قۇتبۇل ئىرشاد پەيغەمبەرلىك ماقامىنىڭ ئىچكى يۈزىگە، قۇتبۇلۋۇجۇد بولسا، ھەقىقەتى مۇھەممەدىيەنىڭ ئىچكى يۈزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ[12]. قۇتبۇل ئىرشاد ھەققىدە ئىمام رەببانىينىڭ سۆزلىرىنى ئىلگىرى سۆزلەپ ئۆتكەنىدۇق. قۇتبۇلۋۇجۇد ھەر دەۋردە پەقەت بىر دانە بولىدۇ، دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ. سەئىد نۇرسىي ئۆزىنىڭ بۇ ماقامدا ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىدۇ. ئۆزى بۇ ماقامدا بولغانلىقى ئۈچۈن رىسالەئى نۇر شاگىرتلىرىنىمۇ يېنىغا ئالغان بولىدۇ.
ئىككى ئىمامدىن كېيىن يەر يۈزىنىڭ تۆت تەرىپىنى باشقۇرۇۋاتقانلىقى دەۋا قىلىنغان ئەۋتادى ئەربەئە (تۆت تۈۋرۈك)، ئۇلارنىڭ تۆۋىنىدە يەتتە ئىقلىمنى باشقۇرۇۋاتىدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىنغان يەتتىلەرنىڭ (ئابدال، ئاخيار)، خەلققە ياردەم بېرىدۇ، دەپ قارالغان قىرىقلار[13]نىڭ (نۇجەبا) ۋە ئىنسانلارنى كۈزىتىپ كونترول قىلىپ تۇرىدىغانلىقى دەۋا قىلىنغان ئۈچ يۈزلەرنىڭ (نۇقەبا) بارلىقى ئېتىقاد قىلىنىدۇ. سەئىد نۇرسىيغا نىسبەتەن يەر يۈزىنى باشقۇرۇۋاتقانلارنىڭ بېشى بولغان قۇتبى ئەزەمنىڭ ماقامى رىسالەئى نۇر شاگىرتلىرىنىڭ ماقامىدىن خېلىلا تۆۋەن تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار قۇتبى ئەزەمنىڭ ئەمرى ئاستىغا كىرىشكە مەجبۇر ئەمەس. چۈنكى ئۇ رىسالەئى نۇرنى چۈشىنەلمەسلىكى مۇمكىن. بۇنداق بىرىنىڭ رىسالەئى نۇرغا ئېتىراز بىلدۈرۈشى نورمال ئەھۋال. رىسالەئى نۇر شاگىرتلىرى بۇ سەۋەبتىن تەۋرەپ كەتمەسلىكى، ئۇ مۇبارەك قۇتبى ئەزەمنىڭ ئېتىرازىنى بىر ئىلتىپات ۋە سالام دەپ قارىشى، ئېتىبارىنى قازىنىش ئۈچۈن ئېتىراز بىلدۈرگەن نۇقتىلارنى كاتتا ئۇستازلارغا ئىزھار قىلىشى ۋە قوللىرىنى سۆيۈشى لازىم.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يَتَّخِذُ مِنْ دُونِ اللَّهِ أَنْدَادًا يُحِبُّونَهُمْ كَحُبِّ اللَّهِ وَالَّذِينَ آمَنُوا أَشَدُّ حُبًّا لِلَّهِ وَلَوْ يَرَى الَّذِينَ ظَلَمُوا إِذْ يَرَوْنَ الْعَذَابَ أَنَّ الْقُوَّةَ لِلَّهِ جَمِيعًا وَأَنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعَذَابِ. إِذْ تَبَرَّأَ الَّذِينَ اتُّبِعُوا مِنَ الَّذِينَ اتَّبَعُوا وَرَأَوُا الْعَذَابَ وَتَقَطَّعَتْ بِهِمُ الْأَسْبَابُ. وَقَالَ الَّذِينَ اتَّبَعُوا لَوْ أَنَّ لَنَا كَرَّةً فَنَتَبَرَّأَ مِنْهُمْ كَمَا تَبَرَّءُوا مِنَّا كَذَلِكَ يُرِيهِمُ اللَّهُ أَعْمَالَهُمْ حَسَرَاتٍ عَلَيْهِمْ وَمَا هُمْ بِخَارِجِينَ مِنَ النَّارِ»
«ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى، ئۇلار بەزى كىشىلەرنى ئاللاھ بىلەن ئوخشاش تۇتىدۇ، ئۇلارنى ئاللاھنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرىدۇ. مۇئمىنلار بولسا ئاللاھنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ زالىملار ھازىر پۈتۈن كۈچ-قۇۋۋەتنىڭ ئاللاھغا مەنسۇب ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ قاتتىق ئىكەنلىكنى ئۆزلىرى ئۇ ئازابنى كۆرىدىغان كۈندە بىلگەندەك بىر بىلگەن بولسا كاشكى.
ئۇ كۈنى يېتەكچىلەر ئەگەشكۈچىلىرىدىن ئادا-جۇدا بولىدۇ، ئازابنى كۆرىدۇ ۋە ئارىلىرىدىكى پۈتكۈل مۇناسىۋەت ئۈزۈلىدۇ،
شۇنىڭ بىلەن ئەگەشكۈچىلەر مۇنداق دەيدۇ: ‹قولىمىزغا بىر پۇرسەت كەلسە، ئۇلار بىزدىن ئادا-جۇدا بولغـاندەك بىزمۇ ئۇلاردىن ئادا-جۇدا بولساق ئىدۇق كاشكى!›. ئاللاھ ئۇلارغا پۈتۈن قىلمىشلىرىنى ئەنە شۇنداق ھەسرەتلەر قىلىپ كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ دوزاختىن چىقىشى مۇمكىن ئەمەس»- بەقەرە 2/165-167.
ب- بەدىئۇززامان بولغانلىقى دەۋاسى
بەدىئ دېگەن سۆزنىڭ لۇغەتتە ئىككى تۈرلۈك مەنىسى بار: بىرى  ئۆرنىكى ۋە ئوخشىشى يوق نەرسىنى ياراتقۇچى. بۇ پەقەت ئاللاھتىلا بولىدىغان بىر ئالاھىدىلىك بولۇپ، ئايەتتە «بَدِيعُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ (ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ بەدىئىدۇر» دېيىلىدۇ. يەنى ئاللاھ تائالا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنىكى ۋە ئوخشىشى يوق ھالەتتە ياراتقۇچى زاتتۇر.
بەدىئنىڭ ئىككىنچى مەنىسى ئۆرنىكى ۋە ئوخشىشى بولمىغان بارلىق دېگەن بولىدۇ[14]. بۇنىڭدىن قارىغاندا بەدىئۇززامان بۇ دەۋرنىڭ ئۆرنىكى ۋە ئوخشىشى يوق، تەڭداشسىز كىشىسى، دېگەن بولىدۇ. بۇنداق خۇسۇسىيەت پەقەتلا ئىنسانى كامىل ۋە ھەقىقەتى مۇھەممەدىيە دېگەن  ئۇقۇملارغا ماس كېلىدۇ. سەئىد نۇرسىي «بەك پارلاق قەسىدە» دەپ ماختىغان بىر شېئىردا ھەسەن فەيزىي ئۇنى مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ:
«ئەسلى ئاۋۋىلىسەن بالنىڭ، شېكەرنىڭ،
دەرياسىسەن ھەممە ئىلىمنىڭ، ھۈنەرنىڭ،
كەلمىدى جاھانغا بۇنداق ئەسەر ئوخشىشىڭ،
ئى مىرئاتى رەھمەتى ئالەم رىسالەتۇننۇر»[15].
يەشمىسى:
«سەن ھەسەلنىڭ ھەم شېكەرنىڭ دەسلەپتىكى مەنبەسى،
ھەم پۈتۈن ئىلىم-بىلىمنىڭ ھەم ھۈنەرنىڭ دەرياسى،
كەلمىدى جاھانغا بۇنداق بىر ئەسەرنىڭ ئوخشىشىى،
ئى «ئالەمگە رەھمەت[16]»نىڭ ئەينىكى، رىسالەتۇننۇر!»
 بۇ يەردىكى «رىسالەتۇننۇر» نۇر ئەلچىسى دېمەكتۇر. رىسالەت- ئەلچىلىك دېگەن بولىدۇ. مەسدەرگە ئىسىمى فائىل مەنىسىنى بەرگىلى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەلچى دېگەن مەنىنىمۇ بىلدۈرىدۇ. رىسالىنىڭ نۇرغۇن يەرلىرىدە رىسالەئى نۇر دېگەن سۆز بىلەن سەئىد نۇرسىينىڭ مەنىۋىي كىشىلىكى مەقسەت قىلىنغان بولغاچقا، ئۇنىڭ «رىسالەتۇننۇر» نى «نۇر ئەلچىسى» دېگەن مەنىدە ئىشلەتكەنلىكى ئېنىقتۇر.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا «بەدىئۇززامان» دېگەن لەقەم ئۇنىڭغا بەك كىچىك يېشىدا ئادەتتىن تاشقىرى ئالاھىدىلىكلەرگە ۋە ئوكيان چوڭقۇرلۇقىدا كاتتا ئىلىمگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرگەن ئالىملار تەرىپىدىن بېرىلگەن[17].
ج- ئالەملەرگە رەھمەت بولغانلىقى دەۋاسى
ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىمىزگە مۇنداق دەيدۇ:
«وَمَا أَرْسَلْنَاكَ إِلَّا رَحْمَةً لِلْعَالَمِينَ»
«بىز سېنى ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتتۇق»- ئەنبىيا 21/107.
ھەسەن فەيزىي بۇ ئايەتنىڭ سەئىد نۇرسىيغا ئىشارەت قىلىدىغانلىقىنى ئالغا سۈرۈپ بىر شېئىر يازغان. بۇ شېئىرنى كۆرگەن سەئىد نۇرسىي مۇنداق دېگەن: «…رىسالەئى نۇر ئۇ ئومۇمىي رەھمەتنىڭ بىر جىلۋىسى ۋە بىر نەمۇنىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ھەقىقەتى مۇھەممەدىيەنىڭ بەزى سۈپەتلىرى مەجازىي مەنىدە جۈزئىي بىر ۋارىسىغا بېرىلىشى مۇمكىن دەپ، بۇ پارلاق قەسىدىگە قول تەگكۈزمىدىم. پەقەت ھەقىقەتى مۇھەممەدىيە بىلەن ئۇنىڭ ئەينىكى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقكە ئىشارەت قىلىش ئۈچۈن بەزى سۆزلەر ئىلاۋە قىلىندى»[18].
ئۇ شېئىر بەك ئۇزۇن بولغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇنىڭ بەزى بۆلۈملىرىنى نەقىل قىلىش بىلەن كۇپايىلىنىمىز:
«ھۇزۇر ئالماقتا سەن بىلەن بۈگۈن جاھان ئەھلى،
ئى بۇ ئەسىردە ئالەمگە رەھمەت نۇر ئەلچىسى!
بۇ خەستە كۆڭۈللەر چوقتىن[19] پەرىشان،
ئەگەر بولسا سەندە لوقماندىن نىشان،
شىپالىق بەخش ئەت، كەل ئى ئاللاھنىڭ سۆيۈملۈكى!
ئى «ئالەمگە رەھمەت» نىڭ جىلۋىسى، نۇر ئەلچىسى!
پەخرى ئالەم[20] ئەرشتىن بۇ يەرگە ئىندى[21]،
ئەۋلىيالار شاھى[22] كېلىپ دۇلدۇلغا مىندى،
زۇلپىقار بۇندىن ئېتىبارەن نۇر دېيىلدى،
ئى بۇ زاماندا ئالەمگە رەھمەت نۇر ئەلچىسى!
يولىمىز بۇ نۇرنىڭ بۇ نۇرلۇق يولى،
بولدۇق بىز ھەممىمىز ئۇ نۇرنىڭ قۇلى،
نۇر يولۇچىسىنىڭ ھەم خۇشتۇر كۆڭلى،
ئى «ئالەمگە رەھمەت» نىڭ نەمۇنىسى، نۇر ئەلچىسى!
بۇ ئالەمدە ماددا ئەمەس، جەۋھەر سەن،
ھەر زەررىدىن قاراپ تۇرغان پۈتۈن بىر كۆزسەن،
كائىناتنى ھەيران قىلغان، پۈتۈن بىر يۈزسەن،
ئى «ئالەمگە رەھمەت» نىڭ مىسالى، نۇر ئەلچىسى!
د- قىيىن ئەھۋالدا قالغانلارغا ياردەم قىلغانلىقى دەۋاسى
ھەسەن فەيزىينىڭ يۇقىرىدا بىز بەزى پارچىلىرىنى نەقىل كەلتۈرگەن ئۇ شېئىرىنىڭ بۇ ماۋزۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىسمى مۇنداق:
«گۇناھىمىز بىلەن گۈلخان كەبى بىر ئوت بىز،
ھەمدە دەرد قولىدىن ھەر كۈن زار-زار بىز،
كەچۈرگىن بىزنى مادامىكى ساڭا يار بىز،
ئى «ئالەمگە رەھمەت» نىڭ نۇرى، نۇر ئەلچىسى!  
ئاسمانلار قويۇۋەتتى بالا، يەر ھەم بەردى بالا،
قاپلىدى ئەتراپنى بىر ئېچىنىشلىق ھالەت ۋاۋەيلا![23]
رەھىم قىلغىن ئالەمگە ئى نۇرى مەۋلا[24]،
ئى «ئالەمگە رەھمەت» نىڭ جىلۋىسى، نۇر ئەلچىسى!
قورشالدى ئوت بىلەن بۇ كاتتا دۇنيا،
جەھەننەم مىسالى قاينىدى دەريا،
كەل، مەدەت ئەيلە ئى شاھى ئەۋلىيا!
ئى بۇ زاماندا «ئالەمگە رەھمەت»، نۇر ئەلچىسى»[25].
ئە- قۇرئاننى ۋە ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى دەۋاسى
سەئىد نۇرسىي ھەسەن فەيزىينىڭ مەزكۇر شېئىرى ھەققىدە مۇنۇ سۆزلەرنى سۆزلىگەن: «رىسالەئى نۇرنىڭ خۇسۇسىي شاگىرتلىرىدىن ۋە كونا ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ھەسەن فەيزىي غايەت سەمىمىي بىر قانائەت، كۈچلۈك بىر ئىشەنچ، چوڭقۇر بىر ئىلىم، پارلاق بىر ئىمان بىلەن، شۇنداقلا سىككەئى تەسدىقى غەيبتىن[26] ئالغان ئىلھام بىلەن رىسالەئى نۇرنىڭ ماھىيىتىنى تەرىپلەش، ئۇ نۇرنىڭ مەنبەسى ۋە ئاساسى بولغان نۇرى مۇھەممەدىينى، ھەقىقەتى قۇرئاننى ۋە سىررى ئىماننى تەرىپلەش ئۈچۈن بۇ قەسىدىنى يازغان»[27].
بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان «نۇرى مۇھەممەدىي، ھەقىقەتى قۇرئان ۋە سىررى ئىمان» دېگەن سۆزلەر مۇھىم. ئۇ ئۆزىنى رىسالەئى نۇرنىڭ ھەقىقىي ۋە مەنىۋى شەخسىيىتى دەپ ھېسابلاش بىلەن مەزكۇر خىسلەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىدە بار دەپ قارىماقتا. بۇ ھەقىقەتى مۇھەممەدىيە ئېتىقادىغا تولۇق ماس كېلىدۇ. چۈنكى ھەقىقەتى مۇھەممەدىيەنىڭ بارلىق پەيغەمبەرلەر، ئەۋلىيالار لەدۇننىي ۋە باتىنىي ئىلىملەرنى ئالغان مەنبە ئىكەنلىكى، ھەقتىن كەلگەن پەيزنىڭ ئىنسانلارغا يېتىپ كېلىشىدە بىر ۋاسىتە ئىكەنلىكى دەۋا قىلىنىدۇ[28]. شۇنىڭ ئۈچۈن سەئىد نۇرسىي ۋە رىسالەئى نۇرلار قۇرئاننىڭ ھەقىقىتى، يەنى قۇرئاننىڭ ئەسلىسى ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلار ئىماننىڭ سىرى دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ. ھەسەن فەيزىي تۆۋەندىكى مىسرالاردا تېخىمۇ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
«دەرتلەرگە دەرمان سەن، مەھبۇبى جانسەن![29]،
ھەم جامىئۇلئەسما ۋەلقۇرئانسەن[30]،
ھەمدە ھەق نۇرىدىن بىزگە ئېھسان سەن،
ئى بىزگە رەھمىتى ئالەم نۇر ئەلچىسى![31]
ف- ھەر دەۋردە پەرقلىق كىملىك بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقى دەۋاسى
ھەقىقەتى مۇھەممەدىيە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تارىخىي شەخسىيىتى ئەمەستۇر، يەنى ھەقىقەتى مۇھەممەدىيە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ياشاپ ئۆلۈپ كەتكەن جىسمانىي كىملىكى ئەمەستۇر. بۇنىڭغا ئىشەنگۈچىلەرگە نىسبەتەن ئۇ ھەقىقەت، ھەر دەۋردە ئوخشاش بولمىغان ئىسىم ۋە سۈرەتلەردە پەيغەمبەر ياكى ئەۋلىيا بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ[32]. سەئىد نۇرسىي ئۆزىنىڭ شۇنداق بولغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرى مۇنداق:
«مەن بۇ دەۋردە سەكسەن سەئىدنىڭ جەۋھىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتىم. ئۇ سەكسەن سەئىد زەنجىرسىمان شەخسىي قىيامەتلەر ۋە زەنجىرسىمان تەناسۇخلار بىلەن يەنى روھنىڭ كۆچۈشلىرى بىلەن دولقۇنلىنىپ مېنى بۇ دەۋرگە ئاتقان.
سىلەر كۆرۈۋاتقان بۇ سەئىد، يەتمىش توققۇزى ئۆلۈك ۋە بىرى گەپ قىلىدىغان جانلىقنىڭ يىغىندىسىدۇر. ئەگەر زاماننىڭ سۈيى توختاپ تۇرسا ۋە پەرقلىق بەدەنلەردە ئوتتۇرىغا چىققان سەئىدلەر بىر-بىرلىرىنى كۆرسە، ئۇلار مۇھىم پەرقلىرى تۈپەيلىدىن بىر-بىرلىرىنى تونۇمايدۇ. مەن ئۇ بەدەنلەرنىڭ ئۈستىدە يۇمىلاندىم، ياخشىلىقلار ۋە لەززەتلەر تارقىلىپ كەتتى. دەرت- قىيىنچىلىق ۋە غەم-قايغۇلار يىغىلىپ قالدى. ئۇ قونالغۇلارنىڭ ھەر بىرىدە مەن مەن ئىدىم. ئۆلگىنىمدىن كېيىن كېلىدىغان قونالغۇلاردىمۇ يەنە مەن مەن بولىمەن. بۇ قونالغۇدا يېڭى بەدەندىكى ھۈجەيرىلەر يىلدا ئىككى قېتىم قانداق يېڭىلانسا، مەنمۇ ئەنە شۇنداق شەكىلدە كىيىم ئالماشتۇرىمەن. يىرتىلغان سەئىدنى تاشلىۋېتىپ، يېڭى سەئىدنى كىيىمەن»[33].
يۇقىرىدىكى سەپسەتىلەرنىڭ بېشىدا ئۆتكەن ««مەن بۇ دەۋردە سەكسەن سەئىدنىڭ جەۋھىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتىم» دېگەن سۆز مۇھىمدۇر. چۈنكى تەۋراتقا كۆرە ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن ياقۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىغىچىلىك 2413 يىل ئۆتكەن. يۇسۈف ئەلەيھىسسالام 110 يېشىدا، مۇسا ئەلەيھىسسالام 120 يېشىدا ۋاپات بولغان[34]. ياقۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلىشىغىچە جەمى 1600 (مىڭ ئالتە يۈز) يىل ئۆتكەنلىكىنى ھېسابقا ئالساق، تەخمىنەن 4 (تۆت) مىڭ يىل بولىدۇ. سەئىد نۇرسىي 1960- يىلى ئۆلگەن. تەۋراتقا كۆرە تۇنجى ئىنسان ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن باشلاپ سەئىد نۇرسىينىڭ ئۆلۈمىگىچىلىك 5960 يىل ئۆتكەن بولىدۇ. بۇنى 80 (سەكسەن) گە بۆلىدىغان بولساق، ئۇ كىرگەنلىكىنى داۋا قىلغان ھەر بىر بەدەننىڭ ئۆمرى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 75 (يەتمىش بەش) يىلغا توغرا كېلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن يۇقىرىدىكى سۆز ناھايىتى ئىنچىكە بىر ھېساب بىلەن سۆزلەنگەن سۆزدۇر.
بۇ بىر تەناسۇخ (روھنىڭ كۆچۈشى) چۈشەنچىسىدۇر. سەئىد نۇرسىي ئۆزىنىڭ داۋاملىق ئەڭ يۇقىرىدا ئىكەنلىكىنى ۋە قىيامەتكىچىلىك شۇنداق قالىدىغانلىقىنى ئالغا سۈرىدۇ. يەنى دۇنياغا كېلىپ كەتكەن بۈيۈك پەيغەمبەرلەر، ھەر دەۋردە ئوتتۇرىغا چىققان مۇرشىد، مۇجەددىد، مەھدى ۋە كېلىشى كۈتۈلۈۋاتقان ئىيسا ئۇدۇر. رىسالەئى نۇرنىڭ ماۋزۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىپادىلىرى مۇنداق:
«ئۇ نۇر تۈپەيلى بېلىق ساقلىدى يۇنۇسنى،
ئۇ نۇر بىلەن لۇت يوق ئەتتى قەۋمىنى،
نۇرغۇن ئەۋلىيا ئۇ نۇر بىلەن قىلدى قانائەت،
كۆپ پەس كىشى ئۇ نۇر بىلەن تاپتى كارامەت،
پارلىدى ئۇ نۇردىن كەلگەن رىسالەئى نۇر ئاسمان ئېچىلىپ دەرھال،
مېھرىبان ياراتقۇچى خەلقىنى مۇشۇنداق قىلدى خۇشال.
ئۇ يېڭى چىققان قۇياش ئۆلكىگە چاچسىلا نۇرلەر،
دائىما شاد بولىدۇ، زوق ئالىدۇ سۇنۇق كۆڭۈللەر.
ئى پەيغەمبەرلىك نۇرىدىن كەلگەن قۇرئان دەلىلى!
ئى ئاللاھنىڭ سىررىدىن چىققان ئىمان دەلىلى!
سەندىن بىزگە مەتلۇپ، يەنە سەندىن بىزگە مەۋئۇد.
سايەڭدە بۇگۈن ھەر كىم بولماقتا روھلۇق ۋە خوشنۇد،
 ھەرئان كۈتەتتى سېنى بۇ دۇنيا ھەم چۈشىدە كۆرەتتى،
ھەق ئۆزىنى كۆرسەتتى، بۈگۈن ئۇ چۈش پۈتتى.
مىڭ ئۈچ يۈز يىلدىن بېرى تۇپراققا ئايلاندى نەچچە مىليارت،
مۇئمىن ۋە مۇۋەھھىد سېنى كۈتتى دائىم ئى يار.
ھەممىسى سەن ئۈچۈن سۆزلەيتتى كالام،
ھەممىسى ھەر دائىم ساڭا قىلاتتى سالام.
ئەزەلدىن مەن بۇنى ھەم يادلىدىم ۋەللاھى،
ئۇ ئەڭ ئاخىرقى چوڭ مۇجەددىد رىسائىلننۇردۇر ۋەللاھى،
مېنى ئەپۇ قىل ئى ئەپۋىسى كاتتا، ئېھسانى كاتتا رىسالەئىننۇر!
بىر دەممۇ ھەم ئەتمە مېنى سەندىن ئەي رەببىمىز مەھجۇر[35].
نۇر ھەققى، ھەق ھەققى، دوست ھەققى ئى نۇر!
نۇرۇڭ بىلەن، سىررىڭ بىلەن بۈگۈن قىل بىزنى مەسرۇر»[36].
– ئاجىز بىچارە تالىپىڭىز ھەسەن فەيزىي
گ- ئەڭ بۈيۈك مۇرشىد ۋە مۇجەددىد بولغانلىقى دەۋاسى
نۇرچىلار سەئىد نۇرسىينى مۇنداق تەرىپلەيدۇ:
 «بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسىي ھىجرىيە 14- ئەسىر ۋە مىلادىي 20- ئەسىرنىڭ مۇنارىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، زامانداشلىرى بولغان مۇسۇلمانلارغا ۋە ئىنسانلارغا ۋاقىراۋاتىدۇ، شۇنداقلا بۇ ئەسىرنىڭ ئارقىسىدا تىزىلغان ۋە كەلگۈسىنىڭ ئۆچىرەتلەردە سەپكە تىزىلىپ تۇرغان كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا ئەڭ بۈيۈك مۇرشىد ۋە ئەڭ بۈيۈك مۇجەددىد سۈپىتى بىلەن گەپ قىلىۋاتىدۇ»[37].
خ- مەھدى ئىكەنلىكى دەۋاسى
رىسالەئى نۇرنىڭ بەزى مۇھىم شاگىرتلىرى سەئىد نۇرسىيدىن مۇنۇ سوئالنى قايتا-قايتا سوراپ تۇرۇۋالىدۇ:
«بىز سىزنى ئاخىر زاماندا پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئائىلىسىدىن دۇنياغا كېلىدىغان ئۇ بۈيۈك مۇرشىد دەپ ئويلايمىز. لېكىن سىز بىزنىڭ بۇ پىكرىمىزنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى ئۇنىمايۋاتىسىز ۋە ئۆزىڭىزنى تارتىۋاتىسىز. بۇ بىر زىتلىقتۇر. بۇ زىتلىقنى ھەل قىلىشىڭىزنى سورايمىز.
 سەئىد نۇرسىي بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاپ بېرىدۇ:
«ئاخىر زاماندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلىسىدىن دۇنياغا كېلىدىغان مەھدى ۋەكىللىك قىلىدىغان مۇقەددەس جامائەتنىڭ مەنىۋىي كىشىلىكىنىڭ ئۈچ تۈرلۈك ۋەزىپىسى بار. بۇلار: ئىماننى قۇتقۇزماق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ خەلىپىسى ئۇنۋانى بىلەن ئىسلامنىڭ شۇئارلىرىنى جانلاندۇرماق، زاماننىڭ ئۆزگىرىشلىرى بىلەن نۇرغۇنلىغان قۇرئان ھۆكۈملىرى ۋە شەرىئەت قانۇنلىرى قىسمەن ئۆزگەرتىشكە دۇچار بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ كاتتا ۋەزىپىنى ئورۇنداشقا تىرىشماق.
نۇر شاگىرتلىرى بىرىنچى ۋەزىپىنى رىسالەئى نۇردا تولۇق كۆرگەنلىكلىرى ئۈچۈن، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ۋەزىپىلەر بۇنىڭغا نىسبەتەن ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى دەرىجىدە بولغانلىقىدىن، رىسالەئى نۇرنىڭ مەنىۋىي كىشىلىكىنى (يەنى مەن سەئىد نۇرسىينى) ھەقلىق رەۋىشتە بىر تۈرلۈك مەھدى دەپ قارايدۇ…. ھەتتا ئەۋلىيالارنىڭ بەزىسى، غەيب بىلەن مۇناسىۋەتلىك كارامەتلىرىدە رىسالەئى نۇر (نۇر ئەلچىسى سەئىد نۇرسىينىڭ) ئۇ ئاخىر زاماننىڭ ھىدايەت قىلغۇچىسىنىڭ دەل ئۆزى بولغانلىقىنى تەتقىقات ۋە ئىزاھات بىلەن چۈشەنگىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.
ئىككى نۇقتىدا مۈجمەللىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئىزاھلاشقا ئېھتىياج بار:
بىرىنچىسى:…پەيغەمبەرنىڭ خەلىپىسى بولۇش ۋە ئىسلام بىرلىكى؛ خەلقكە، سىياسەتچىلەرگە ۋە خۇسۇسەن بۇ دەۋردىكى پىكىرلەرگە قارىغاندا، بىرىنچى ۋەزىپىدىن مىڭ ھەسسە كەڭ دائىرىلىك كۆرۈنىدۇ. گەرچە ھەر ئەسىردە ھىدايەت قىلغۇچى بىر مەھدى ۋە مۇجەددىد كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەر بىرى ئۈچ ۋەزىپىدىن بىرىنى بىر جەھەتتىن ئادا قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاخىر زاماننىڭ بۈيۈك مەھدىيىسى دېگەن ئۇنۋاننى ئالالمىغان.
ئىككىنچىسى: ئاخىر زاماننىڭ مەزكۇر كاتتا كىشىسىنىڭ پەيغەمبەر ئائىلىسىدىن بولۇشىدۇر. ئەسلىدە مەن ھەزرىتى ئەلىنىڭ مەنىۋىي ئەۋلادى ھۆكمىدىدۇرمەن. ئۇنىڭدىن ھەقىقەت دەرسىنى ئالدىم. مۇھەممەد (ئەلەيھىسسالام) نىڭ ئائىلىسى بىر مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ھەقىقىي نۇر شاگىرتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقتىن مەنمۇ ئۆزۈمنى ئۇ ئائىلىدىن بىرى دەپ ھېسابلىسام بولىدۇ»[38].
«قىرىق كۈندە بىر نان يەپ، باشقا كۈنلەردە بىر نېمە يېمىگەن مەشھۇر ئەۋلىيا ئوسمان خالىدىي بىلەن ئىسپارتا[39]نىڭ تونۇلغان ئالىملىرىدىن توپال شۈكرۈ بىر ھەقىقەتنى ئوچۇق-ئاشكارا كۆرگەن ۋە خەۋەر بەرگەن. ئۇ ھەقىقەت شۇدۇر:
«ئۈممەت ئاخىر زاماندا دۇنياغا كېلىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلغان كىشىنىڭ ئۈچ ۋەزىپىسىدىن ئەڭ مۇھىمى ۋە ئەڭ بۈيۈكى ھەقىقىي ئىماننى يايماق ۋە ئىمان ئەھلىنى ئازغۇنلۇقتىن قۇتقۇزماق بولغانلىقتىن، ئۇلار بۇ ۋەزىپىنى تامامى بىلەن رىسالەئى نۇردا كۆرگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەزرىتى ئەلى، ئابدۇلقادىر جەيلانىي ۋە ئوسمان خالىدىيغا ئوخشاش زاتلار كېلىدىغان زاتنىڭ ماقامىنى رىسالەئى نۇرنىڭ مەنىۋىي كىشىلىكىدە (يەنى مەن سەئىد نۇرسىيدا) كۆزلىرى بىلەن كۆرگەندەك ئىشارەت قىلغان… بۇ ھەقىقەت ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇكى، كېلىدىغان ئۇ مۇبارەك زات رىسالەئى نۇرنى ئۆزىنىڭ پروگراممىسى سۈپىتىدە تەدبىقلايدۇ»[40].
ئى- كۈتۈلۈۋاتقان ئىيسا بولغانلىقى دەۋاسى
 رىسالەئى نۇرغا كۆرە ئاخىر زاماندا كېلىدۇ دەپ كۈتۈلۈۋاتقان ئىيسا سەئىد نۇرسىيدۇر. چۈنكى ئىيسانى ساقلاۋاتقانلار ئۇنىڭ دەججالنى ئۆلتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ[41]. سەئىد نۇرسىي ناھايىتى پارلاق قەسىدە دەپ ماختىغان شېئىرىدا بۇ مەسىلە ھەققىدە مۇنداق پىكىر بايان قىلىنغان.
مۇناسىۋەتلىك مىسرالار مۇنداق:
«ھەر يانغىننى سېنىڭ نۇرۇڭ ئۆچۈرۈر،
ھەر يەرنى گۇلىستانغا سېنىڭ نۇرۇڭ دۆندۈرۈر[42]،
دەججالنىمۇ بىر كۈنى سېنىڭ نۇرۇڭ ئۆلتۈرۈر،
ئى «ئالەمگە رەھمەت» نىڭ نۇرى، نۇر ئەلچىسى![43]
ژ- قۇتقۇزغۇچى ئىكەنلىكى دەۋاسى
نۇرچىلار سەئىد نۇرسىينىڭ بۇ دۇنيادا ئۆزلىرىنى قۇتقۇزىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. سەئىد نۇرسىي «بەك پارلاق قەسىدە» دەپ ماختىغان شېئىردا بۇ مەسىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇنداق مىسرالار بار:
«شىپا تاپسۇن شۇئان بىرئاز يارىمىز،
راۋاج تاپسۇن ئۆتمەيدىغان پۇلىمىز،
چاچ نۇرۇڭنى ئاق بوپكەتسۇن قارىمىز،
ئى «ئالەمگە رەھمەت» نىڭ نۇرى، نۇر ئەلچىسى!
ئاشىقلارنىڭ ئەرشكە چىققان پەريادى،
يىغلىتىدۇ ئۇ پاك روھلۇق ئەجدادنى،
ئاللاھ ئۈچۈن قىلغىن بىزگە مەدەتنى،
ئەي مۇھتاجلارغا رەھمەتى ئالەم، نۇر ئەلچىسى!
ئاسمانلار قويۇۋەتتى بالا، يەر ھەم بەردى بالا،
قاپلىدى ئەتراپنى بىر ئېچىنىشلىق ھالەت ۋاۋەيلا![44]
رەھىم قىلغىن ئالەمگە ئى نۇرى مەۋلا[45]،
ئى «ئالەمگە رەھمەت» نىڭ جىلۋىسى، نۇر ئەلچىسى!
بىر تەرەپتە سەل، بىر تەرەپتە قان ئاقىدۇ،
بۇ بالا ئوتى ئالەمنى كۆيدۈرىدۇ،
يىغلىغان بۇ ئىنسان ھەمىشە ساڭا قارايدۇ،
ئى «ئالەمگە رەھمەت» نىڭ نەمۇنىسى نۇر ئەلچىسى!
قورشالدى ئوت بىلەن بۇ كاتتا دۇنيا،
جەھەننەم مىسالى قاينىدى دەريا،
كەل، مەدەت ئەيلە ئى شاھى ئەۋلىيا!
ئى بۇ زاماندا «ئالەمگە رەھمەت»، نۇر ئەلچىسى»[46].
«كەل، مەدەت ئەيلە ئى شاھى ئەۋلىيا!» دېگەن سۆز، ئەۋلىيالارنىڭ پادىشاھى مەدەت قىل، دېگەن بولىدۇ. سەئىد نۇرسىي بۇ يەردە كىمگە قارشى ياردەمگە چاقىرىلغان؟ دۇنيانى كىم ئوت بىلەن قورشاپ، دېڭىزلارنى جەھەننەمدەك قايناتقان كىمدۇر؟ ئاللاھقا قارشى ياردەمگە چاقىرىلغان بۇ كىشىنىڭ ئاللاھتىن كۈچلۈك، ئاللاھتىن مەرھەمەتلىك ۋە ئىنسانلارنى ئاللاھتىنمۇ ياخشى تونۇيدىغان بىرى بولۇشى لازىم كەلمەسمۇ؟ بەش ۋاقىت نامىزىدا «پەقەت ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز، پەقەت سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز» دەيدىغان بىر مۇسۇلمان بۇ چوڭ گۇناھقا قانداقمۇ چۈشىشى مۇمكىن؟!
ك- شاپائەت قىلىدىغانلىقى دەۋاسى
نۇرچىلار سەئىد نۇرسىينىڭ شاپائەت قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. مۇناسىۋەتلىك سۆزلەرنىڭ بىر قىسمى مۇنداق:
«ئۇ نۇرنىڭ مۇبارەك تەرجىمانى ۋە مۇبارەك مەنىۋى كىشىلىكى (سەئىد نۇرسىي) قىلغان: «قۇتقاز بىزنى، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىمۇ قۇتقۇز، رىسالەئى نۇر تالىبلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنى ئوتتىن قۇتقۇز» دېگەن دۇئا بىلەن ئوخشاش دۇئالارنىڭ قوبۇل بولۇشى، شاپائىتى ۋە ھۆرمىتى بىلەن،… ئۇنىڭ شاگىرتلىرى، خىزمەتچىلىرى ۋە رىسالىلىرىنى ساقلىغۇچى ماگىزىنلار قانداق بولۇپ قۇتۇلۇپ قالغان بولسا، سىزلەرمۇ ئۇ مۇبارەك شاگىرتلارغا ئوخشاش، ئۇ مۇبارەك مۇقەددەس دائىرىگە كىرگەن چېغىڭلاردا دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ دەھشەتلىك ئوتلىرىدىن قۇتۇلىسىلەر، شۇنداقلا سىلەر ئەۋلات ۋە ئائىلەڭلارنىڭ بىر تۈرلۈك پادىچىسى بولغانلىقىڭلار سەۋەبلىك ئۇ سۆيۈملۈك كىشىلىرىڭلارنىمۇ قۇتقۇزۇپ قالىسىلەر. ھەر بىرىڭلار ماددىي ۋە مەنىۋى نىجاتلىققا ۋە سائادەتكە نائىل بولىسىلەر.
ئەي نۇرچىلار!… نۇرنىڭ شاپائىتى، نۇرنىڭ دۇئاسى ۋە نۇرنىڭ ھىممىتى سىلەرنى قۇتقۇزىدۇ»[47]
داۋامى بار…..

 


[1]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 779- پاراگراپ.

 [2]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 846- پاراگراپ.

 [3]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 866- پاراگراپ.

 [4]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 831- پاراگراپ.

 [5]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 7782- پاراگراپ.

 [6]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 846- پاراگراپ.

 [7]– ئەمىرداغ لاھىقەسى، (1) مەكتۇپ نومۇرى: 71، رىسالەئى نۇر كۇللىياتى 2- جىلد، 1725- بەت.

 [8]– كاستامونۇ لاھىقىسى مەكتۇپ نومۇرى: 121، رىسالەئى نۇر كۇللىياتى 2- جىلد، 1644- بەت.

 [9]– يەنى ئىمامى يەمىن قۇتۇپنىڭ ھۈكۈملىرىنىڭ، ئىمامى يەسار ماھىيىتىنىڭ كۆرۈنىدىغان يېرىدۇر.

 [10]– ھەسەن كامىل يىلماز، ئالتىن ئولۇق مەجمۇئەسى، 1995- يىلى 12- ئاي.

 [11]– سىككەئى تەسدىقى غەيبى، رىسالەئى نۇر كۇللىياتى، 2- جىلد، 2102- بەت.

 [12]– ھەسەن كامىل يىلماز، «رىجالۇلغەيىب» ئالتىن ئولۇق مەجمۇئەسى، 1995- يىلى 12- ئاي.

 [13]– ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا بۇلار «چىلتەنلىرىم» دەپ ئاتىلىدۇ.

 [14]– شەمسەددىن سامىي، قامۇسى تۈركىي، ئىستانبۇل 1317 تارىخلىق نۇسخىسىدىن ئوفسېت نەشرى، ئىستانبۇل 1999.

 [15]– سىككەئى تەسدىقى غەيبى، رىسالەئى نۇر كۇللىياتى، 2- جىلد، 2102- بەت.

 [16]– مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى دېمەكچى.

 [17]تارىخچەئى ھايات، دەسلەپكى ھايات، رىسالەئى نۇر كۇللىياتى، 2- جىلد، 2129- بەت.

 [18]– سىككەئى تەسدىقى غەيبى، رىسالەئى نۇر كۇللىياتى، 2- جىلد، 2101- 2102- بەت.

 [19]– بۇ تۈركچە كەلىمە بولۇپ مەنىسى ئىلگىرىدىن تارتىپ، دېگەن بولىدۇ.

 [20]– مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى دېمەكچى.

 [21]– چۈشتى.

 [22]– ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى دېمەكچى.

 [23]– ۋاي، ۋاي!

 [24]– ئاللاھنىڭ نۇرى.

 [25]– سىككەئى تەسدىقى غەيبى، رىسالەئى نۇر كۇللىياتى، 2- جىلد، 2102- بەت.

 [26] – سىككەئى تەسدىقى غەيبى، سەئىد نۇرسىينىڭ كىتابلىرىدىن بىرىنىڭ ئىسمى بولۇپ، رىسالەئى نۇرنىڭ بىر پارچىسى ھېسابلىنىدۇ.

 [27]ئەمىرداغ لاھىقەسى، (1) مەكتۇپ نومۇرى: 71، رىسالەئى نۇر كۇللىياتى 2- جىلد، 1725- بەت.

 [28]– مەھمەت دەمىرچى، «ھەقىقەتى مۇھەممەدىيە»، دىيانەت ئىسلام ئېنىسىكلوپېدىيەىسى، 15- جىلد، 179-180.

 [29] – كۆڭۈلنىڭ سۆيۈملۈكى.

 [30]– ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىنى ۋە قۇرئاننى ئۆز ئىچىدە جەملىگۈچىسەن.

 [31]– بۇ شېئىرنىڭ داۋامىنى كۆرۈش ئۈچۈن قاراڭ: سىككەئى تەسدىقى غەيبى، رىسالەئى نۇر كۇللىياتى، 2- جىلد، 2102-2103- بەت.

 [32]– ھەسەن كامىل يىلماز، ئىنسانى كامىل، ئالتىن ئولۇق مەجمۇئەسى 1996- يىلى 7- ئاي، 125- سان، 31- بەت.

 [33]– سىككەئى تەسدىقى غەيبى، رىسالەئى نۇر كۇللىياتى، 2- جىلد، 2340- بەت.

 [34]– تەۋرات، يارىتىلىش 646- باب.

 [35]– مەھجۇر تەرك ئېتلگۈچى دېگەن بولىدۇ. بۇ سۆزلەر سەئىد نۇرسىينىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش ئىلاھلاشتۇرۇلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

 [36]ئەمىرداغ لاھىقەسى، (1) مەكتۇپ نومۇرى: 72، رىسالەئى نۇر كۇللىياتى 2- جىلد، 1725- بەت.

 [37]– تارىخچەئى ھايات، بارلا ھاياتى، 2144- بەت.

 [38]– شۇئالار، 14- شۇئا، رىسالەئى نۇ كۇللىياتى، 2- جىلد، 1064- بەت.

 [39]– تۈركىيەنىڭ بىر ۋىلايىتى.

 [40]– سىككەئى تەسدىقى غەيبى، رىسالەئى نۇر كۇللىياتى، 2- جىلد، 2061- بەت. www.bediuzzaman.net www.risale-inur.com.tr

 [41]– كاستامونۇ لاھىقىسى، 27- مەكتۇپ، رىسالەئى نۇر كۇللىياتى، 2- جىلد، 1601- بەت.

 [42]– ئايلاندۇرىدۇ.

 [43]– سىككەئى تەسدىقى غەيبى، رىسالەئى نۇر كۇللىياتى، 2- جىلد، 2102- بەت

 [44]– ۋاي، ۋاي!

 [45]– ئاللاھنىڭ نۇرى.

 [46]– سىككەئى تەسدىقى غەيبى، رىسالەئى نۇر كۇللىياتى، 2- جىلد، 2102- بەت.

 [47]ئەمىرداغ لاھىقەسى، (1) مەكتۇپ نومۇرى: 81، رىسالەئى نۇر كۇللىياتى 2- جىلد، 1733- بەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر