باش بەت > ئەقىدە > تەتقىقاتلار  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:
ئا- كاتولىكلاردا ۋەسىلە ئېتىقادى
خرىستىئانلارنىڭ راھىبلىرىنى رەب قىلىۋېلىشىنىڭ ئارقىسىدا ئاتا، بالا ۋە مۇقەددەس روھ ئېتىقادى بار. بۇ ئېتىقاد خرىستىئان مەزھەپلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئوخشاش. خرىستىئان مەزھەپلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئېتىقادلىرىمۇ بار. بىز ئۇلارنىڭ كاتولىكلىرى ئۈستىدە توختىلىش ئارقىلىق ئىيسا ئەلەيھىسسالام يەتكۈزگەن ساپ دىننىڭ بۈگۈنكى تونۇلمايدىغان ھالەتكە قانداق كەلگەنلىكىنى كۆرۈشكە تىرىشىمىز.
1- ئاللاھ
كاتولىكلارغا نىسبەتەنمۇ ئاللاھ بىردۇر. بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر. ئۇ ھەقىقەتنىڭ ئۆز ئەينىسىدۇر. ئۇ ئاسمان-زېمىننى ئۆزى يالغۇز ياراتقان. ئاسمان-زېمىننى ياراتقان، يارىتىلىش نىزامىنى بېكىتكەن ۋە دۇنيانى باشقۇرۇپ تۇرۇۋاتقان ئۇدۇر. ئۇ ئىنسانلارغا يېقىندۇر ۋە ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر. ئۇ ھەر دائىم باردۇر. بارلىقىنىڭ بېشى ۋە ئاخىرى يوقتۇر. شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى مەۋجۇدىيىتىدە ئۇنىڭغا قەرزداردۇر. ئىلكىمىزدە بولغان ھەر نەرسىمىز ئۇنىڭدىن كەلمەكتە. ئۇنىڭ بارلىقى ئۆزىدىندۇر[1]. ئاللاھنىڭ ئاتا دېيىلىشى ھەممە نەرسىنىڭ باشلانغۇچى، تەڭداشسىز قۇدرەت ئىگىسى بولغانلىقىدىن ۋە پۈتۈن بالىلارغا مېھىر-شەپقەت بىلەن تولغان ياخشىلىقى سەۋەبىدىندۇر.. ئاللاھ ئەرمۇ ئەمەستۇر، ئايالمۇ ئەمەستۇر. ئاللاھ ئاللاھتۇر[2].
بەزى خرىستىئانلار ئاللاھ بىلەن ئىنسان ئوتتۇرىسىدا بىر بوشلۇق بارلىقىنى ئېيتىدۇ ۋە بۇ بوشلۇقنى ۋەسىلىلەر بىلەن تولدۇرىدۇ. بىز تۆۋەندە كاتولىكلارنىڭ ۋەسىلە دەپ قارىغان نەرسىلىرىگە قاراپ باقايلى:
2- ئىيسا (بالا)
كاتولىكلارنىڭ قارىشىچە ئىيسا ئاتىنىڭ ئەلچىسىدۇر. ئاتا ئۇنى مۇقەددەس روھ بىلەن سىلىغان، راھىب، پەيغەمبەر ۋە پادىشاھ قىلغان. ئۇ ئۆزى خالىغانچە بىر ئىش قىلالمايدۇ. ھەر نەرسىنى ئۆزىنى ئەۋەتكەن ئاتىدىن ئالىدۇ[3]. ھازىر ئۇ ئاتىنىڭ يېنىدا خرىستىئانلارنىڭ ئادۋۇكاتلىقىنى قىلماقتىدۇر. ئۇلارنىڭ پايدىسىغا ۋەسىلە بولۇش ئۈچۈن دائىم تىرىكتۇر. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا داۋاملىق تەييار تۇرىدۇ[4]. ئۇ ئۆزىنى ۋەسىلە قىلىپ ئاللاھقا يېقىنلاشقانلارنى تامامەن قۇتقۇزۇشقا قادىردۇر[5].
خرىستىئانلاردا ئنساننىڭ ئورنى مۇنداق:
بۇ چۈشەنچىگە ئاساسەن مۇقەددەس تەڭرى يەنى ئاللاھ بىلەن گۇناھكار ئىنسان ئوتتۇرىسىدا چوڭ بىر بوشلۇق بار. تۆۋەندىن يۇقىرىغا ئىشارەت قىلىپ تۇرغان ئوقلار ئىنسانلارنىڭ ئاللاھقا ۋە ئۇ سۇنغان ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنىڭ سىمۋولىدۇر. تۆۋەندىكى رەسىم ئارىدىكى بوشلۇقنى ئېتىدىغان يولنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ خرىستىئانلارنىڭ كۆزقارىشىدا ئىيسانىڭ ئورنىدۇر[6].
 خرىستىيانلارنىڭ چۈشەنچىسىدە ئاللاھ بىلەن ئىنسان ئوتتۇرىسىدىكى قوزا ئىيسادۇر. ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ نىجاتلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلغان. پاۋلۇسنىڭ[7] تىموتېئوسقا يازغان خېتىدە مۇنۇلار دېيىلىدۇ: «يېگانە بىر ئاللاھ ۋە ئاللاھ بىلەن ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا يېگانە بىر ۋەسىلە بار. ئۇ بولسا ئىنسان بولغان ۋە ئۆزىنى ھەر كىشى ئۈچۈن پىدا قىلغان ئىيسا مەسىھتۇر»[8].
خرىستىئانلاردا ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن ئۈچ ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىن  قوبۇل قىلىنغان بالا ئوبرازى:
 ھەۋارىيلار دەۋرىدە ئىيسا ئەلەيھىسسالام ھەقىقىي مەنىدە بىر ئىنسان دەپ قارىلاتتى. ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكى دەۋاسىنى دەسلەپتە پاۋلۇس پەيدا قىلدى. بۇ دەۋانى توغرا دەيدىغان قارار مىلادىيە 3- ئەسىردىن كېيىن ئانتاكىيەدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئومۇمىي يېغىندا ئېلىندى[9].
325- يىلى توپلانغان ئۆكۈمېنىك ئىزنىك كونسىلى ئىيسانىڭ يارىتىلمىغانلىقىغا، ئاتىدىن تۇغۇلغانلىقىغا ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئەينى ماھىيەتتە بولغانلىقىغا قارار قىلدى[10].
431- يىلى 3- قېتىملىق ئۆكۈمېنىك ئەفەس كونسىلى مۇنۇ قارارنى ماقۇللىدى: «ئىيسا ئۆز كىشىلىكىنى ئەقىللىق روھ بىلەن جانلاندۇرۇلغان بىر بەدەن بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىنسان بولغان. مەريەم بولسا، ھەقىقىي مەنىدە تەڭرىنىڭ ئانىسىدۇر».
451- يىلى قادىكۆيدە چاقىرىلغان 4- ئۆكۈمېنىك قادىكۆي كونسىلى ئۇنىڭ ھەقىقىي تەڭرى ئىكەنلىكىنى مۇنداق ئېلان قىلدى:
«رەببىمىز مەسىھ ئىيسانىڭ مۇكەممەل تەڭرىلىككە ۋە مۇكەممەل ئىنسانلىققا ئىگە، ھەقىقىي تەڭرى ۋە ھەقىقىي ئىنسان ئىكەنلىكىنى، ئەقىللىق بىر روھتىن ۋە بەدەندىن شەكىللەنگەنلىكىنى، تەڭرىلىك جەھەتتىن ئاتا بىلەن، ئىنسانلىق جەھەتتىن بىز بىلەن ئوخشاش ماھىيەتتە ئىكەنلىكىنى، گۇناھنىڭ سىرتىدا ھەممىمىزگە ھەر جەھەتتىن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى، تەڭرىلىك جەھەتتىن يۈز يىللار ئىلگىرى ئاتىدىن تۇغۇلغانلىقىنى، ئىنسانلىق جەھەتتىن بىزنىڭ ئېسەنلىكىمىز ئۈچۈن توي قىلمىغان مەريەمدىن تۇغۇلغانلىقىنى بىردەك قوبۇل قىلغانلىقىمىزنى رەسمىي ئېلان قىلىمىز»[11].
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَقَالَتِ الْيَهُودُ عُزَيْرٌ ابْنُ اللَّهِ وَقَالَتِ النَّصَارَى الْمَسِيحُ ابْنُ اللَّهِ ذَلِكَ قَوْلُهُمْ بِأَفْوَاهِهِمْ يُضَاهِئُونَ قَوْلَ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ قَبْلُ قَاتَلَهُمُ اللَّهُ أَنَّى يُؤْفَكُونَ»
«يەھۇدىيلار: ‹ئۈزەير ئاللاھنىڭ ئوغلىدۇر› دېدى، ناسارالار: ‹مەسىھ (يەنى ئىسا) ئاللاھنىڭ ئوغلىدۇر› دېدى. بۇ ئۇلارنىڭ ئاغىزلىرىدىكى سۆزلىرىدۇر. ئۇلار بۇ سۆزلىرىنى ئىلگىرىكى كاپىرلارنىڭ سۆزلىرىگە ئوخشاتماقتىدۇر. ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلسۇن. ئۇلار بۇ بوھتانغا قانداقمۇ سۆرىلىدىغاندۇ؟»- تەۋبە 9/30.
خرىستئانلاردا ھەقىقىي ئاللاھ ۋە ھەقىقىي ئىنسان ئوبرازى:
خرىستىئانلار ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆزلىرى بىلەن ئاللاھنىڭ ئوتتۇرىسىدا ۋەسىلە قىلىش ئۈچۈن ئۇنى ھەقىقىي ئاللاھ ۋە ھەقىقىي ئىنسان دەپ ئاتىغان. كاتولىكلار بۇ مەسىلىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:
«مەسىھ ئىيسا ھەقىقىي ئاللاھ ۋە ھەقىقىي ئىنساندۇر. مانا بۇ سەۋەبتىن ئۇ ئىنسانلار بىلەن ئاللاھ ئارىسىدا بىرلا ۋەسىلىدۇر[12]. ھازىر ئۇ ئاتىنىڭ يېنىدا خرىستئانلارنىڭ ئادۋۇكاتلىقىنى قىلماقتىدۇر. ئۇلارنىڭ پايدىغا ۋەسىلە بولۇش ئۈچۈن ھەمىشە ھاياتتۇر. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا داۋاملىق تەييار تۇرىدۇ[13]. ئۇنىڭ ئۆزىنى ۋەسىلە قىلىپ ئاللاھقا يېقىنلاشقانلارنى تولۇق قۇتقۇزۇشقا كۈچى يېتىدۇ»[14].
بۇ ئېتىقاد ئەقىلگە مۇۋاپىق بولمىغانلىقى ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى چېركاۋ ئۆز ئۈستىگە ئالغان. ئۇلار بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«ئىماننىڭ سەۋەبى، ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەقىقەتلەرنىڭ تەبىئىي ئەقلىمىز بىلەن چۈشىنىلىشى ۋە ھەقىقەت سۈپىتىدە كۆرۈنۈشى ئەمەس[15]. ئىمان ئېيتىش بىر چېركاۋ پائالىيىتىدۇر. چېركاۋنىڭ ئىمانى بىزنىڭ ئىمانىمىزنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. ئۇ بىزنىڭ ئىمانىمىزنى كۆتۈرىدۇ ۋە ئوزۇقلاندۇرىدۇ. چېركاۋ پۈتۈن مۇئمىنلارنىڭ ئانىسىدۇر. ئانىسى چېركاۋ بولمىغان كىشىنىڭ ئاتىسى تەڭرى بولمايدۇ»[16].
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«لَقَدْ كَفَرَ الَّذِينَ قَالُوا إِنَّ اللَّهَ هُوَ الْمَسِيحُ ابْنُ مَرْيَمَ وَقَالَ الْمَسِيحُ يَا بَنِي إِسْرَائِيلَ اعْبُدُوا اللَّهَ رَبِّي وَرَبَّكُمْ إِنَّهُ مَنْ يُشْرِكْ بِاللَّهِ فَقَدْ حَرَّمَ اللَّهُ عَلَيْهِ الْجَنَّةَ وَمَأْوَاهُ النَّارُ وَمَا لِلظَّالِمِينَ مِنْ أَنْصَارٍ»
 «ئاللاھ مەريەمنىڭ ئوغلى مەسىھدۇر، دېگەنلەر ئەلۋەتتە كاپىر بولدى. ھالبۇكى، مەسىھ مۇنداق دېگەن ئىدى: ‹ئى ئىسرائىلنىڭ ئەۋلادى! مېنىڭ رەببىم ۋە سىلەرنىڭ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا قۇل بولۇڭلار. شۇ بىر ھەقىقەتكى: كىم ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ، ئۇنىڭ بېرىپ ئورۇنلىشىدىغان يېرى دوزاختۇر. زالىملارنىڭ ھېچ مەدەتكارلىرى بولمايدۇ›»-مائىدە 5/72.
3- كاتولىكلاردا مۇقەددەس روھ چۈشەنچىسى
كاتولىكلارغا نىسبەتەن مۇقەددەس روھمۇ بىر تەڭرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئاتا ۋە ئوغۇل بىلەن ئەينى ماھىيەتتىندۇر[17]. ئۇمۇ ۋەسىلە ۋە شاپائەتچى بولىدۇ. پاۋلۇسنىڭ رىملىقلارغا يازغان خېتىدە مۇنۇ ئىپادىلەر بار: «مۇقەددەس روھ بىزنىڭ ئاجىز تەرىپىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. چۈنكى بىز قانداق دۇئا قىلىشىمىز لازىملىقىنى بىلمەيمىز. لېكىن روھنىڭ ئۆزى سۆز بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدىغان ئىڭراشلار بىلەن بىزگە شاپائەت قىلىدۇ. ئىنسانلارنىڭ دىللىرىنى تەكشۈرگەن ئاللاھ روھنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ. چۈنكى روھ ئاللاھنىڭ تەلىپىگە بىنائەن مۇقەددەسلەرگە شاپائەت قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئىشلىرىنىڭ ۋۇجۇتقا كەلتۈرگۈچىسى بولغان  مۇقەددەس روھ دۇئانىڭمۇ خوجايىنىدۇر[18]. مۇقەددەس روھ بولمىسا تەڭرىنىڭ ئوغلىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. ئوغۇل بولمىسا ھېچكىم ئاتىغا يېقىنلىشالمايدۇ»[19].
4- كاتولىكلاردا مەريەم ئانا چۈشەنچىسى
كاتولىكلارغا نىسبەتەن مەريەم ئانا ھەقىقىي مەنىدە تەڭرىنىڭ ئانىسىدۇر[20]. ئۇنىڭ ئانىلىقى تۈگىمىگەن. ئۇ يېڭىلانغان ۋەسىلىلىكى بىلەن ئەبەدىي ئېسەنلىكلەر ئېلىپ كېلىدىغان سوۋغاتلارنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن مەريەم ئانا چېركاۋدا ئادۋۇكات، ياردەمچى، ياردەمگە يۈگۈرگۈچى ۋە كېلىشتۈرۈپ قويغۈچى دەپ ئاتىلىدۇ[21].
ئۇلار بۇ سۆزلىرى بىلەن مەريەم ئانىنى تەڭرى دەپ قارىغان بولىدۇ. قىيامەت كۈنى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«يَا عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ أَأَنْتَ قُلْتَ لِلنَّاسِ اتَّخِذُونِي وَأُمِّيَ إِلَهَيْنِ مِنْ دُونِ اللَّهِ»
«ئى مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا! سەن ئىنسانلارغا، ‹ئاللاھنى قويۇپ مېمىنى ۋە ئانامنى ئىككى ئىلاھ قىلىۋېلىڭلار› دېدىڭمۇ؟ ئىيسا مۇنداق دەيدۇ:
«سُبْحَانَكَ مَا يَكُونُ لِي أَنْ أَقُولَ مَا لَيْسَ لِي بِحَقٍّ إِنْ كُنْتُ قُلْتُهُ فَقَدْ عَلِمْتَهُ تَعْلَمُ مَا فِي نَفْسِي وَلَا أَعْلَمُ مَا فِي نَفْسِكَ إِنَّكَ أَنْتَ عَلَّامُ الْغُيُوبِ. مَا قُلْتُ لَهُمْ إِلَّا مَا أَمَرْتَنِي بِهِ أَنِ اعْبُدُوا اللَّهَ رَبِّي وَرَبَّكُمْ وَكُنْتُ عَلَيْهِمْ شَهِيدًا مَا دُمْتُ فِيهِمْ فَلَمَّا تَوَفَّيْتَنِي كُنْتَ أَنْتَ الرَّقِيبَ عَلَيْهِمْ وَأَنْتَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ شَهِيدٌ»
‹ھەرگىز! سەن ھەر تۈرلۈك نۇقسانلاردىن پاكسەن. مېنىڭ توغرا بولمىغان سۆزنى سۆزلەش ھەددىم ئەمەس. ئەگەر ئۇ سۆزنى دېگەن بولسام، سەن ئەلۋەتتە بىلىسەن. سەن مېنىڭ ئىچىمدىكىنى بىلىسەن، مەن سېنىڭ ئىچىڭدىكىنى بىلمەيمەن. غەيبلەرنى بىلگۈچى پەقەتلا سەندۇرسەن.
مەن ئۇلارغا پەقەت سەن مېنى ئېيتىشقا بۇيرۇغان سۆزنىلا سۆزلىدىم. يەنى مەن ئۇلارغا مېنىڭ رەببىم ۋە سىلەرنىڭ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا قۇل بولۇڭلار، دېدىم. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغان مۇددەتتە ئۇلارغا شاھىت ئىدىم، مېنى ۋاپات قىلدۇرغىنىڭدىن كېيىن ئۇلارغا پەقەت سەنلا كۆزەتچى بولدۇڭ. سەن ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىسەن»-مائىدە 116-117.
5- كاتولىكلاردا ھەۋارىيلار چۈشەنچىسى
ھەۋارىيلار[22] ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى قوللىغان ئون ئىككى كىشىدۇر. ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ[23] ئۆزىنى ئىنكار قىلغانلىقىنى كۆرۈپ،
«مَنْ أَنْصَارِي إِلَى اللَّهِ»
«ئاللاھ يولىدا كىملەر ماڭا ياردەمچى بولىدۇ؟» دېگەن ئىدى. ھەۋارىيلار مۇنداق دېدى:
«نَحْنُ أَنْصَارُ اللَّهِ آمَنَّا بِاللَّهِ وَاشْهَدْ بِأَنَّا مُسْلِمُونَ»
 «بىز ئاللاھ  يولىنىڭ ياردەمچىلىرىدۇرمىز. بىز ئاللاھغا ئىمان ئېيتتۇق. گۇۋاھ بول، بىز مۇسۇلمانمىز»- ئال ئىمران 3/52.
كۈنىمىزدىكى ئىنجىلىدا دېيىلىشىچە ئىيسا كىرىستكە مىخلىنىپ دەپنە قىلىنغاندىن ئۈچ كۈن كېيىن قەبرىسىدىن چىققان، ئون بىر شاگىرتىغا كۆرۈنگەن ۋە مۇنداق دېگەن:
«ئەرشتە ۋە يەر يۈزىدە پۈتۈن ھوقۇق ماڭا بېرىلدى. (19) شۇنىڭ ئۈچۈن بېرىپ پۈتكۈل مىللەتلەرنى مېنىڭ شاگىرتلىرىم قىلىپ يېتىشتۈرۈڭلار. ئۇلارنى خۇدائاتا، ئۇنىڭ ئوغلى ۋە مۇقەددەس روھنىڭ نامى بىلەن چۆمۈلدۈرۈپ، (20) ئۇلارغا مەن سىلەرگە بۇيرۇغان بارلىق ئەمەللەرگە ئەمەل قىلىشنى ئۆگىتىڭلار. مەن ھەقىقەتمۇ زامان ئاخىرىغىچە ھەر دائىم سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن»- مەتتا 28/19-20. 
بۇ ئىنجىلنىڭ سۆزى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ھەقىقىي ئىنجىل ئاللاھنىڭ سۆزلىرىدىن تەركىپ تاپىدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن ھەۋارىيلارغا كۆرۈنگەنلىكىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَقَفَّيْنَا عَلَى آثَارِهِمْ بِعِيسَى ابْنِ مَرْيَمَ مُصَدِّقًا لِمَا بَيْنَ يَدَيْهِ مِنَ التَّوْرَاةِ وَآتَيْنَاهُ الْإِنْجِيلَ فِيهِ هُدًى وَنُورٌ وَمُصَدِّقًا لِمَا بَيْنَ يَدَيْهِ مِنَ التَّوْرَاةِ وَهُدًى وَمَوْعِظَةً لِلْمُتَّقِينَ»
«ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسانى ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان تەۋراتنى توغرا دەپ قارايدىغان بىر ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇنىڭغا توغرا يولنى كۆرسەتكۈچى ۋە نۇرلاندۇرغۇچى بولغان ئىنجىلنى بەردۇق. ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان تەۋراتنى تەسدىق قىلغۇچى، توغرا يولنى كۆرسەتكۈچى ۋە تەقۋادارلارغا نەسىھەت قىلغۇچى بىر كىتابتۇر»- مائىدە 5/46.
«مَا الْمَسِيحُ ابْنُ مَرْيَمَ إِلَّا رَسُولٌ قَدْ خَلَتْ مِنْ قَبْلِهِ الرُّسُلُ وَأُمُّهُ صِدِّيقَةٌ كَانَا يَأْكُلَانِ الطَّعَامَ انْظُرْ كَيْفَ نُبَيِّنُ لَهُمُ الْآيَاتِ ثُمَّ انْظُرْ أَنَّى يُؤْفَكُونَ»
«مەريەمنىڭ ئوغلى مەسىھ، پەقەتلا بىر ئەلچىدۇر. ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ئەلچىلەر ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئانىسى بولسا ناھايىتى راستچىل ئايال ئىدى. ئۇ ئىككىسى تاماق يەيتتى. ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئايەتلەرنى قانداق بايان قىلغانلىقىمىزغا قارىغىن، ئاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھەقتىن قانداق بۇرۇلۇپ كەتكەنلىكىگە قارىغىن»-مائىدە 5/75.
ئىيسا ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن بۇ دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توختىغان. ئۇ ئاخىرەتتە ئاللاھ تەئالاغا مۇنداق دەيدۇ:
«مَا قُلْتُ لَهُمْ إِلَّا مَا أَمَرْتَنِي بِهِ أَنِ اعْبُدُوا اللَّهَ رَبِّي وَرَبَّكُمْ وَكُنْتُ عَلَيْهِمْ شَهِيدًا مَا دُمْتُ فِيهِمْ فَلَمَّا تَوَفَّيْتَنِي كُنْتَ أَنْتَ الرَّقِيبَ عَلَيْهِمْ وَأَنْتَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ شَهِيدٌ»
«مەن ئۇلارغا پەقەت سەن مېنى ئېيتىشقا بۇيرۇغان سۆزنىلا سۆزلىدىم. يەنى مەن ئۇلارغا مېنىڭ رەببىم ۋە سىلەرنىڭ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا قۇل بولۇڭلار، دېدىم. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغان مۇددەتتە ئۇلارغا شاھىت ئىدىم، مېنى ۋاپات قىلدۇرغىنىڭدىن كېيىن ئۇلارغا پەقەت سەنلا كۆزەتچى بولدۇڭ. سەن ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىسەن»- مائىدە 5/117.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ سۆزلىگەنلىكى دەۋا قىلىنغان يۇقىرىدىكى سۆزنىڭ ئىنجىلدىن بىر پارچە بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس.
ئىنجىلغا قىلىنغان بۇ خىل ئىلاۋەلەرگە ئاساسلىنىپ ھەۋارىيلارغا روھانىي سالاھىيەتلەر بېرىلگەن. بۇ ئىلاۋەلەردىن بىرىدە ئىيسا ئەلەيھىسسالام 12 ھەۋارىيسىدىن بىر ھەيئەت تەشكىللەپ پېترۇسنى ئۇلارغا مەسئۇل قىلغان ۋە ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن:
 «ئەرشىنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئاچقۇچلىرىنى ساڭا بېرىمەن. سېنىڭ يەر يۈزىدە يول قويغانلىرىڭ ئەرشتىمۇ يول قويۇلغان بولىدۇ. سېنىڭ يەر يۈزىدە يول قويمىغانلىرىڭ ئەرشتىمۇ يول قويۇلمىغان بولىدۇ»-مەتتا، 16/19.
يول قويۇش ۋە يول قويماسلىق ھوقۇقى مۇنداق ئىزاھلىنىدۇ: ھەۋارىيلار چېركاۋغا قوبۇل قىلغان ياكى رەت قىلغان كىشىلەر ئاللاھ تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلىنغان ياكى رەت قىلىنغان بولىدۇ. چېركاۋ بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈش ئاللاھ بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈش دېمەكتۇر[24].
6- كاتولىكلاردا چېركاۋ چۈشەنچىسى
كاتولىكلاردا چېركاۋ مۇئەييەن دەرىجىلەرگە ئايرىلغان ئورگانلار ۋە ئىيسا مەسىھنىڭ سىرلىق بەدىنىدىن تەركىپ تاپقان بىر تەشكىلاتتۇر. چېركاۋ ساماۋىي ھەدىيىلەر بىلەن بېزەلگەن. شۇنداقلا ئۇنىىڭ ئىنسانىي بولۇش ۋە ئىلاھىي بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئوخشىمايدىغان تەركىبى قىسمى بار[25]. چېركاۋ ئىنسانىيەت بىلەن ئاللاھنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىرلىكنىڭ ئىشارىتى ۋە ۋاسىتىسىدۇر[26].
7- كاتولىكلاردا راھىبلار چۈشەنچىسى
كاتولىكلارنىڭ كۆز قارىشىدا، راھىبلار ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇلارنىڭ ئاللاھقا ئاتىغان ھەدىيىلىرىنى ۋە گۇناھلىرى ئۈچۈن قىلغان قۇربانلىقلىرىنى ئاللاھقا سۇنۇش ئۈچۈن تەيىنلەنگەن كىشىلەردۇر[27]. بۇ تەبىر ئىنجىلنىڭ «ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت» دېگەن بۆلۈمىنىڭ 5- باب 1- جۈملىسىگە ئاساسەن بېرىلدى. بۇ خەتلەر كۈنىمىزدىكى ئىنجىلنىڭ بىر قىسمىدۇر. ئۇنىڭ كىرىش جۈملىسىگە قارىغاندا بۇ خەتلەرنى كىمنىڭ يازغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ.
كاتولىك راھىبلىرىنى ئېپىسكوپلار، پاپا ۋە پوپلاردىن ئىبارەت ئۈچ ماۋزۇ ئاستىدا مۇلاھىزە قىلىپ چىقىمىز.
ئا- ئېپىسكوپلار
ئېپىسكوپ كۈزەتچى ياكى رىياسەتچى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇلار كاتولىكلارنىڭ كۆزقارىشىدا چېركاۋنىڭ ئەڭ سالاھىيەتلىك كىشىلىرى ھېسابلىنىدۇ. چېركاۋ، مەسىھ ئىيسا يېڭىدىن كەلگەنگە قەدەر ھەۋارىيلارنىڭ ئىزباسارلىرى بولغان ئېپىسكوپلار ۋاسىتىسى بىلەن ھەۋارىيلار تەرىپىدىن تەربىيىلىنىشكە، مۇقەددەسلىنىشكە ۋە يېتەكلىنىشكە داۋام قىلىدۇ[28]. ئېپىسكوپلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىش ئىيسا مەسىھنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغانلىق، ئۇلارنى رەت قىلىش ئىيسا مەسىھنى ۋە ئىيسا مەسىھ ئەۋەتكەن كىشىنى رەت قىلغانلىق بولىدۇ[29].
ب- پاپا
پاپا ھەۋارىي پېترۇسنىڭ ئىزباسارى ۋە ئېپىسكوپلار ھەيئىتىنىڭ رەھبىرىدۇر. بۇ ھەيئەتنىڭ پۈتۈن چېركاۋلار ئۈستىدە تولۇق ۋە ئۈستۈن بىر باشقۇرۇش سالاھىيى بار. بۇ سالاھىيەتنى پەقەت پاپانىڭ ماقۇللىشى بىلەنلا ئوتتۇرىغا قويۇشقا بولىدۇ[30]. ھەر بىر ئېپىسكوپ پېترۇسنىڭ ئىزباسارى ۋە ئېپىسكوپلار ھەيئىتىنىڭ رەھبىرى بولغان رىم ئېپىسكوپى يەنى پاپا بىلەن بىللە خىزمەت قىلىدۇ. پاپا ۋە ئېپىسكوپلار ھەيئىتى خاتالاشمايدۇ[31]
كاتولىكلارغا نىسبەتەن رەب ئىيسا ھەۋارىي پېترۇسنى چېركاۋنىڭ كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان ئاساسى قىلدى. ئۇنىڭغا جەننەتنىڭ ئاچقۇچلىرىنى بەردى. ھەۋارىي پېترۇسنىڭ ئورۇنباسارى، رىم چېركاۋى ئېپىسكوپى بولغا پاپا، مەسىھ ئىيسانىڭ ۋەكىلى ۋە يەر يۈزىدىكى پۈتۈن چېركاۋلارنىڭ پادىچىسىدۇر[32]. پاپا «جانلارنىڭ ئۈستىدە ئىلاھىي بەلگىلىمە سايىسىدا ئۇلۇغ، تولۇق، ۋاسىتىسىز ۋە ئالەمشۇمۇل سالاھىيەتكە ئىگىدۇر»[33].
ج- پوپلار
راھىب ياكى كاھىن دەپ ئاتىلىدىغان پوپلار كاتولىكلارغا نىسبەتەن «ئاللاھ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا ئىنسانلارغا ۋەكىللىك قىلىش ئۈچۈن تەيىنلىنىدۇ[34]» ۋە ئېپىسكوپلارنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدىكى ئېپىسكوپلۇق رايونى دائىرىسى ئىچىدە خىزمەت قىلىدۇ[35]. پوپلۇقنىڭ مەنبەسى بىۋاسىتە ئىيسا مەسىھنىڭ ئۆزىدۇر. پوپلۇقنى ئۇ قۇرۇپ چىققان. ئۇنىڭغا ھوقۇق، ۋەزىپە، يوليۇرۇق ۋە كۈچ بەرگەن[36]. پوپ كىشىلىك سالاھىيىتى بىلەن ئىنسانلارغا: «سېنى ئاتىنىڭ نامى بىلەن چۆمۈلدۈرىمەن. سېنى ئەپۇ قىلىمەن» دەپ ئېيتالايدۇ[37].
گرېگورىئوس ياش بىر پوپ چېغىدا مۇنۇلارنى يازىدۇ: «…پوپ ھەقىقەتنىڭ قوغدىغۇچىسىدۇر. پەرىشتىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆرە تۇرماقتا، باش پەرىشتىلەر بىلەن بىرلىكتە ھەمد ئېيتماقتا، مېھراپ ئۈستىدە قۇربانلىقلارنى سۇنماقتىدۇر. مەسىھنىڭ راھىبلىقىغا قوشۇلماقتا، مەخلۇقاتنى يېڭىدىن شەكىللەندۈرمەكتە، تەڭرىنىڭ سۈرىتىگە يېڭىدىن يەتكۈزمەكتە. دۇنيا ئۈچۈن مەخلۇقاتنى يېڭىدىن ياراتماقتا، تېخىمۇ مۇھىمى ئۆزى ئىلاھلاشقاندەك ئىلاھلاشتۇرماقتىدۇر»[38]
8- كاتولىكلارنىڭ چۆمۈلدۈرمەك ئېتىقادى
چۆمۈلدۈرمەك سۇغا پاتۇرماق دېمەكتۇر. كاتولىكلارغا نىسبەتەن چۆمۈلدۈرمەك خرىستىئان بولۇشنىڭ بىرىنچى شەرتىدۇر[39]. رەب ئىيسا گۇناھلارنىڭ ئەپۇ قىلىنىشىنى ئېتىقادقا ۋە چۆمۈلدۈرۈشكە باغلىق قىلغان[40]. چۆمۈلدۈرۈش ئەسناسىدا شۇنداق مۇكەممەل بىر ئەپۇ ئەمەلىيلىشىدۇكى، دەسلەپكى گۇناھتىمۇ ھۆر ئىرادە بىلەن قىلغان گۇناھلاردىمۇ ئۆچۈرۈلىدىغان بىر نەرسە ياكى جازاسى ئۆتىلىدىغان بىر جىنايەت قالمايدۇ[41]. «چۆمۈلدۈرمەك، ئاتا تەڭرىدە بالىسى ۋاسىتىسى بىلەن مۇقەددەس روھتا قايتا تۇغۇلۇشنى مەيدانغا كەلتۈرىدىغان ئىنئامنى بېرىدۇ. چۈنكى ئىچىدە تەڭرىنىڭ روھى بار بولغانلار بالىغا يۈزلىنىدۇ. بالا ئۇلارنى ئاتىغا تونۇشتۇرىدۇ. ئاتا بولسا ئۇلارغا ئەبەدىيلىك بېغىشلايدۇ»[42].  
9- كاتولىكلارنىڭ گۇناھ چىقىرىش ئېتىقادى
كاتولىكلارغا نىسبەتەن «گۇناھلارنى يالغۇز ئاللاھلا كەچۈرۈم قىلىدۇ». بىر چېركاۋ روھانىيسى «گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى» دېگەندە ئاللاھقا ئائىت بولغان بىر سالاھىيەتنى ئىشلىتىدۇ[43]. شۇنىڭ ئۈچۈن قانچىلىك چوڭ بولسا بولسۇن چېركاۋ كەچۈرۈم قىلالمايدىغان ھېچقانداق گۇناھ يوقتۇر[44]. گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش سالاھىيىتى پەقەتلا پاپىغا ياكى ئۇنىڭ تەرىپىدىن سالاھىيەت بېرىلگەن يەرلىك ئېپىسكوپقا ياكى پوپقا ئائىتتۇر[45]
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَمَنْ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ إِلَّا اللَّهُ»
«گۇناھلارنى ئاللاھتىن باشقا كىم كەچۈرۈم قىلالايدۇ؟»-ئال ئىمران 3/135.
بۇنى كاتولىكلارمۇ قوبۇل قىلىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن بىر سالاھىيەتكە ئاساسلانماستىن گۇناھ كەچۈرۈشكە ئۇرۇنۇشى بەكمۇ ھەددىدىن ئاشقانلىق بولىدۇ.
10- كاتولىكلاردا ئىلاھلار پىرامىداسى
كاتولىكلارغا ئائىت مەلۇماتلارنى مۇلاھىزە قىلىپ كۆرىدىغان بولساق، كۆز ئالدىمىزدا بىر دانە ئىلاھلار پىرامىداسى شەكىللىنىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ ئۈستىدە ئاللاھ بار. ئاندىن تەرتىب بىلەن ئىيسا، مۇقەددەس روھ، مەريەم ئانا، ھەۋارىيلار، پاپا، ئېپىسكوپلار ۋە پوپلار ئورۇن ئالىدۇ. بۇلارنىڭ ھەر بىرىگە ئاللاھقا ئائىت بولغان سالاھىيەتلەر بېرىلگەن. مۇقەددەس روھتىن باشقىلىرى يېرىم ئىلاھ، يېرىم ئىنسان دەپ قارالغان. بۇ ئۇلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلغانلىقتۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«اتَّخَذُوا أَحْبَارَهُمْ وَرُهْبَانَهُمْ أَرْبَابًا مِنْ دُونِ اللَّهِ وَالْمَسِيحَ ابْنَ مَرْيَمَ وَمَا أُمِرُوا إِلَّا لِيَعْبُدُوا إِلَهًا وَاحِدًا لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ سُبْحَانَهُ عَمَّا يُشْرِكُونَ»
«ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ ھاخاملىرىنى ۋە راھىبلىرىنى رەبلىرى قىلىۋالدى. مەريەم ئوغلى مەسىھنىمۇ شۇنداق قىلدى. ھالبۇكى، ئۇلار پەقەت بىر ئىلاھقىلا قۇل بولۇشقا بۇيرۇلغان. ئاللاھدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئاللاھ ئۇلار شېرك قىلغان نەرسىلەردىن پاكتۇر»- تەۋبە 9/31.
«لَقَدْ كَفَرَ الَّذِينَ قَالُوا إِنَّ اللَّهَ ثَالِثُ ثَلَاثَةٍ وَمَا مِنْ إِلَهٍ إِلَّا إِلَهٌ وَاحِدٌ وَإِنْ لَمْ يَنْتَهُوا عَمَّا يَقُولُونَ لَيَمَسَّنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ»
«ئاللاھ ئۈچ ئىلاھنىڭ ئۈچىنچىسىدۇر، دېگۈچىلەر شەكسىز كاپىر بولدى. بىر ئىلاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئەگەر ئۇلار ئېيتىۋاتقان سۆزلىرىدىن قايتمىسا، ئۇلاردىن ئىبارەت بولغان كاپىرلار قاتتىق ئازابقا قالىدۇ»-مائىدە، 5/73.
كاتولىكلارغا نىسبەتەن ئىيسا، مۇقەددەس روھ، مەريەم ئانا ۋە ھەۋارىيلارغا چېركاۋ ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئەسلى ئىلاھ چېركاۋدۇر.
چېركاۋ مۇئەييەن دەرىجىلەرگە ئايرىلغان ئورگانلاردىن ۋە ئىيسا مەسىھنىڭ سىرلىق بەدىنىدىن تەركىپ تاپقان بىر تەشكىلاتتۇر. ساماۋىي ھەدىيىلەر بىلەن بېزەلگەن. ئۇ بىرى ئىنسانىي يەنە بىرى ئىلاھىي بولغان ئىككى پەرقلىق تەركىبى قىسىمغا ئىگە[46]. چېركاۋ ئىنسانىيەت بىلەن ئاللاھنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىرلىكنىڭ ئىشارىتى ۋە ۋاسىتەسىدۇر[47]. ئىيسا مەسىھكە ئوخشايدىغان چېركاۋ خىزمەتچىلىرى ئىيسا مەسىھنىڭ بەندىلىرىدۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرى ۋە قىلغان ئېھسانلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەمەس، بەلكى ئىيسا مەسىھنىڭ باشقىلارغا بېرىش ئۈچۈن ئۇلارغا ئامانەت قىلغان سۆز ۋە ئېھسانلىرىدۇر[48].
بىر پروتېستانت پوپ بىلەن ئوتتۇرىمىزدا بولۇپ ئۆتكەن شۇ دېئالوگ چېركاۋنىڭ ئۆزىنى ئاللاھنىڭ ئورنىدا تۇتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ:
بايىندىر: خرىستىئان بولۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم شەرتى نېمە؟
پوپ: چۆمۈلدۈرۈلۈش[49].
بايىندىر: چېركاۋنىڭ بارلىق ئېتىقاد ۋە ئىبادەتلىرىنى سەمىمىيلىك بىلەن قوبۇل قىلغان، دىنى مۇراسىملارغا ئاكتىپ قاتناشقان، چېركاۋغا داۋاملىق ياردەم قىلىپ تۇرغان، لېكىن چۆمۈلدۈرۈلمىگەن بىر كىشى خرىستىئان ھېسابلىنامدۇ؟
پوپ: ياق. چۈنكى ئۇ بارلىق ئىنسانلارغا ئوخشاش ئادەم (ئەلەيھىسسالام) ئۆتكۈزگەن ئەسلى گۇناھ بىلەن تۇغۇلغان. ئۇنىڭدىن ۋە پۈتۈن گۇناھلاردىن پاكلىنىشى پەقەت چۆمۈلدۈرۈش بىلەن بولىدۇ. چۆمۈلدۈرۈش كىشىنى تەڭرىنىڭ خەلقى ئىچىگە قوشىدۇ[50].
بايىندىر: بىر كىشى چۆمۈلدۈرۈلۈشنى تەلەپ قىلسا، لېكىن تەلىپى قوبۇل قىلىنمىسا، باشقا بىر چېركاۋغا كېتىۋېتىپ يولدا ئۆلگەن بولسا، ئۇ كىشى جەننەتكە كىرەمدۇ ياكى دوزاخقىمۇ؟
پوپ: دوزاخقا. چۈنكى ئۇ چۆمۈلدۈرۈلمىگەن.
بايىندىر: بوۋاق چېغىدا چۆمۈلدۈرۈلۈپ، ئاندىن كېيىن چېركاۋغا ھېچ يېقىنلاشمىغان، ئۆمرى گۇناھ ئىشلارنى قىلىش بىلەن تولۇپ كەتكەن بىر كىشى ئۆلگەندىن كېىيىن قەيەرگە بارىدۇ؟
پوپ: جەننەتكە. چۈنكى ئۇ چۆمۈلدۈرۈلۈش ئارقىلىق تەڭرىنىڭ خەلقىدىن بولغان.
بايىندىر: بۈگۈن نۇرغۇن جايلاردا مۇسۇلمان بولغان خرىستىئانلار بار. بۇلار سىزچىمۇ مۇسۇلمان ھېسابلىنامدۇ؟
پوپ: ياق. ئۇلار خرىستىئاندۇر. چۈنكى بىز ئۇلارنى چېركاۋدىن چىقىرىۋەتمىدۇق، ئەمەسمۇ!
بايىندىر: يەنى خرىستىئانلىقتىن چىقىش ئۈچۈنمۇ سىلەرنىڭ تەستىقىڭلار بولۇشى كېرەك. مەيلى يېڭى تۇغۇلغان بىر بوۋاق ھالىتىدە چۆمۈلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، شۇنداقمۇ؟
پوپ: ھەئە، شۇنداق.
بايىندىر: بۇ دىنغا كىرىشمۇ سىلەرنىڭ قارارىڭلار بىلەن بولىدىكەن، چىقىشمۇ شۇنداق. ئۇنداق بولسا، بۇ دىن ئاللاھنىڭ دىنى ئەمەس، چېركاۋنىڭ دىنى بولۇشى كېرەك.
پوپ: ھىم…
 
داۋامى بار…..


[1] كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 206-224 پاراگراپلار.

[2]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 239- پاراگراپ.

[3]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 783-859 پاراگراپلار.

[4]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 519- پاراگراپ.

[5]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 2634- پاراگراپ.

[6]– رەسىم ۋە مەلۇماتلار ئىنجىل تورىدىن ئېلىندى.

[7]– پاۋلۇسنىڭ مەكتۇبلىرى كۈنىمىزدىكى ئىنجىلنىڭ بىر پارچىسى ھېسابلانماقتا. بۇنى قۇرئان قوبۇل قىلمايدۇ. چۈنكى قۇرئانغا نىسبەتەن ئىنجىل ئاللاھنىڭ كىتابى، ئىيسا ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر. پاۋلۇس بولسا، ئىيسانى كۆرمىگەن. قولىمىزدىكى ئىنجىلدا پاۋلۇسنىڭ ئەسلى ئىسمىنىڭ سائۇل ئىكەنلىكى، (ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 13/9) ئەشەددىي بىر خرىستىئان دۈشمىنى بولۇپ يۈرگەن چېغىدا، شام يولىدا ئاسماندىن تۇيۇقسىز پارقىرىغان بىر نۇرنىڭ ئەتراپىنى قاپلاپ كەتكەنلىكى، ئىيسانىڭ ئۇنىڭغا نىدا قىلغانلىقى (ئەلچىلەرنىڭ ئىشلىرى 9/3-6)، كېيىن ئۇنىڭ ئىيساغا ئىشەنگەنلىكى ۋە چۆمۈلدۈرۈلگەنلىكى، (ئەلچىلەرنىڭ ئىشلىرى 9/18 ۋە باشقىلار) ئىپادە قىلىنماقتا. بۇنىڭغا قارىغاندا پاۋلۇس، ئادەتتىكى بىر خرىستىئاندۇر. ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئىنجىلدا يەر ئېلىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.

[8]ئىنجىل، 1. تىيموتېئوس 2/5-6. (كىتابى مۇقەددەس، كونا ۋە يېڭى ئەھد (تەۋرات ۋە ئىنجىل) كىتابى مۇقەددەس شىېركىتى ئىستانبۇل. 1981، 339- بەت)

[9]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 465- پاراگراپ.

[10]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 465- پاراگراپ.

[11]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 467- پاراگراپ.

[12]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 480- پاراگراپ.

[13]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 519- پاراگراپ.

[14]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 2634- پاراگراپ.

[15]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 156- پاراگراپ.

[16]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 181- پاراگراپ.

[17]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 689- پاراگراپ.

[18]ئىنجىل، رىملىقلار 8/2628.  كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 741- پاراگراپ.

[19]– كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 683- پاراگراپ.

[20]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 467- پاراگراپ.

[21]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 969- پاراگراپ.

[22]– ئىنجىلدا ھاۋارىيلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇنۇ سۆزلەر زىكىر قىلىنىدۇ: 13 ھەزرىتى ئىيسا بىر تاغقا چىقىپ، ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى يېنىغا چاقىردى. چاقىرىلغانلار ئۇنىڭ يېنىغا كېلىشتى.14 ھەزرىتى ئىيسا ئۇلاردىن ئون ئىككى كىشىنى ئەلچى دەپ ئاتاپ، ئۇلارنى ئۆزى بىلەن بىللە بولۇش، خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزۈش 15 ۋە جىنلارنى ھەيدەش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن تاللىدى. 16 بۇ ئون ئىككى كىشى: سىمۇن (ھەزرىتى ئىيسا ئۇنى پېتروس دەپمۇ ئاتىغان)،17 زەبەدىينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى يۇھاننا، (ھەزرىتى ئىيسا ئۇلارنى «بېنى رەگەش»، يەنى «گۈلدۈرماما ئوغۇللىرى» دەپمۇ ئاتىغان)،18 ئەندەر، فىلىپ، بارتولوماي، مەتتا، توماس، ھالپاينىڭ ئوغلى ياقۇپ، تاداي، ۋەتەنپەرۋەر دەپ ئاتالغان سىمون،19 ۋە ھەزرىتى ئىيساغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدا ئىسقارىيوتلاردىن ئىبارەت.  

[23]– سەف 61/14.

[24]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 1445- پاراگراپ.

[25]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 771- پاراگراپ.

[26]– كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 775- پاراگراپ.

[27]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 1539- پاراگراپ.

[28]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 857- پاراگراپ.

[29]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 862- پاراگراپ.

[30]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 877، 880، 883- پاراگراپلار.

[31]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 891- پاراگراپ

[32]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 936- پاراگراپ.

[33]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 937- پاراگراپ

[34]ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت، 5/1.

[35]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 877- پاراگراپ.

[36]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 878- پاراگراپ

[37]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 878- پاراگراپ.

[38]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 1589- پاراگراپ.

[39]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 1213- پاراگراپ ۋە..؛ ئابدۇراھمان كۈچۈك، دىنلەر تارىخى، ئوجاق نەشرىياتى، ئەنقەرە، 1997، 268- بەت.

[40]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 977- پاراگراپ.

[41]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 683- پاراگراپ.

[42]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 683- پاراگراپ.

[43]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 1441- پاراگراپ.

[44]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 982- پاراگراپ.

[45]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 1463- پاراگراپ.

[46]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 771- پاراگراپ.

[47]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 775- پاراگراپ.

[48]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 876- پاراگراپ.

[49]– چۆمۈلدۈرۈش چۆكتۈرمەك ياكى سۇغا پاتۇرماق دېمەكتۇر. مەسىھنىڭ ئۆلۈمىدە كۆمۈلۈشىنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە تىرىلىپ يېڭى بىر مەخلۇق سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشىنى سمۋول قىلىدۇ. – (كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 1214- پاراگراپ).

[50]– كاتولىكلارنىڭ كۆزقارىشىدا چۆمۈلدۈرۈش بىلەن پۈتۈن گۇناھلار، ئەسلى گۇناھ ۋە بارلىق شەخسىي گۇناھلار جازالىرى بىلەن بىرلەكتە ئەپۇ قىلىنغان بولىدۇ. چۆمۈلدۈرۈش بىلەن پاكلانغان كىشىلەرنىڭ، تەڭرىنىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشىگە ئادەمنىڭ گۇناھىمۇ، شەخسىي گۇناھلارمۇ، ھەممىدىن يامىنى تەڭرىدىن ئايرىلىش بولغان گۇناھمۇ توسالغۇ بولمايدۇ.- (كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 1263- پاراگراپ).


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ