مۇسۇلمانلار

ۋەسىلە ۋە شېرىك 6

ئىككىنچى بۆلۈم
 ۋەسىلىچىلىك ئېتىقادى
 قۇرئاننىڭ شېرىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرىدە چوقۇنۇلغان ۋە ياردەم تەلەپ قىلىنغان خىيالىي ئىلاھلارنىڭ ئورنى مىن دونىللاھ «من دون الله» ئۇقۇمى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. دۇن- لۇغەتتە ئۈستۈننىڭ ئەكسى، ئەڭ ئۈستۈن مەرتىۋىدىن بېرى، ئۇنىڭدىن تۆۋەنراق، باشقا ۋە ئەڭ يېقىن دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ[1]. ئاللاھنىڭ دۇنىدىن دېمەك- ئاللاھتىن تۆۋەن سەۋىيەدە، دېگەن بولىدۇ.
مۇشرىكلار ئاللاھنى بىر پادىشاھقا ئوخشاش ئۆزلىرىگە يىراق دەپ ھېسابلايدۇ. ئۇنىڭغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن ئۆزلىرى ئاللاھقا يېقىن دەپ بىلگەن نەرسە ۋە كىشىلەرنى ۋەسىلە قىلىدۇ. خرىستىئانلارنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ ئوغلى، مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ ئۆزلىرى چوقۇنغان روھانىيلىرىنى ئاللاھنىڭ قىزلىرى[2]، بەزى كىشىلەرنىڭ بەزى كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ دوستلىرى، ئەۋلىيالار دەپ ئاتاشلىرى مۇشۇ سەۋەبتىن بولغان.
مۇشرىڭلار ئاللاھنىڭ زاتىغا شېرىك كەلتۈرمەيدۇ، يەنى مۇشرىكلار بىردىن ئارتۇق ئاللاھنىڭ بارلىقىنى دەۋا قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ دەۋاسى سۈپەتتە ئورتاقلىقتۇر. يەنى ئۇلار ئاللاھقا ۋەسىلە قىلغان كىشىلىرىگە ئاللاھقا ئائىت بەزى ئالاھىدىلىكلەرنى يۈكلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى ئۆلمەس دەپ قارايدۇ. ئۇلارنى ئادەتتىن تاشقىرى ئاڭلاش، كۆرۈش، ھېس قىلىش ۋە ياردەمدە بولۇش ئىقتىدارىغا ئىگە، دەپ قارايدۇ. ئۇ ئالاھىدىلىكلەرنى ۋە پۈتۈن ھوقۇقلارنى ئۇلارغا ئاللاھنىڭ بەرگەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. مەككىلىك مۇشرىكلار كەبىنى تاۋاپ قىلىۋېتىپ مۇنداق دەيتتى:
«لَبَّيْكَ لاَ شَرِيْكَ لَكَ إِلاَّ شَرِيْكٌ ھُوَ لَكَ تمَلِكُهُ وَ مَا مَلَكَ»
«لەببەيك لا شەرىيكە لەك ئىللا شەرىكەن ھۇۋە لەك تەملىكۇھۇ ۋە ما مەلەك»
«خوش، مەن ئەمرىڭنى بەجا كەلتۈرۈشكە ھازىرمەن ئى ئاللاھ! سېنىڭ ھېچ شېرىكىڭ يوق، پەقەتلا بىر شېرىكىڭ بار، ئۇ ۋە ئۇ ئىگە بولغان ھەممە نەرسە سېنىڭ ئىلكىڭدە ئى ئاللاھ!»
بۇنى بىزگە نەقىل قىلغان ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئۇلار «لەببەيك لا شەرىيكە لەك- خوش، مەن ئەمرىڭنى بەجا كەلتۈرۈشكە ھازىرمەن ئى ئاللاھ! سېنىڭ ھېچ شېرىكىڭ يوق» دېگەن ۋاقىتلىرىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «ئىسىت سىلەرگە! بۇ يەردە توختىتىڭلار، بۇ يەردە توختىتىڭلار» دەيتتى[3]
شېرىكنىڭ قۇرۇلمىسىنى تۆۋەندىكى شەكىلدىكىدەك كۆرسىتىشكە بولىدۇ:
 
 
 شېرىكنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسى
 
رەسىمدە كۆرسىتىلگەن ھالقىلىق نۇقتىلار ئۈستىدە توختىلايلى:
1- توغرا يول. بۇ ئاللاھ خالىغان يولدۇر. توغرا ئېتىقادقا ئىگە بولغان ۋە ياخشى ئەمەل بىلەن شۇغۇللانغان ھەر قانداق كىشى ئۇ يولغا كىرگەن بولىدۇ. ياخشى ئەمەل قىلىش دېگەنلىك ئاللاھ خالىغان شەكىلدە ھەرىكەت قىلىش دېگەنلىك بولىدۇ. ئاللاھ كىشىگە جان تومۇرىدىنمۇ يېقىندۇر.
توغرا يول ئىبلىسنىڭ يەنى شەيتاننىڭ ئەسلى پائالىيەت قىلىش ساھەسىدۇر. ئۇ ئاللاھدىن مۆھلەت ئالغان چېغىدا مۇنداق دېگەن ئىدى:
«فَبِمَا أَغْوَيْتَنِي لَأَقْعُدَنَّ لَهُمْ صِرَاطَكَ الْمُسْتَقِيمَ. ثُمَّ لَآَتِيَنَّهُمْ مِنْ بَيْنِ أَيْدِيهِمْ وَمِنْ خَلْفِهِمْ وَعَنْ أَيْمَانِهِمْ وَعَنْ شَمَائِلِهِمْ وَلَا تَجِدُ أَكْثَرَهُمْ شَاكِرِينَ»
«سەن مېنى ئازدۇرغانلىقىڭ تۈپەيلى مەن چوقۇم ئۇلار ئۈچۈن سېنىڭ توغرا يولۇڭدا ئولتۇرىمەن.
ئاندىن كېيىن چوقۇم ئۇلارغا ئالدىلىرىدىن، ئارقىلىرىدىن، ئوڭلىرىدىن ۋە سوللىرىدىن كېلىمەن. ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنى شۈكرى قىلغۇچى كۆرمەيسەن.›
ئاللاھ: ‹چىق ئۇ يەردىن، ھۇ ئىپلاس قوغلاندى! ئۇلاردىن كىم ساڭا ئەگەشسە، جەھەننەمنى ھەممىڭلار بىلەن تولدۇرىمەن› دېدى»- ئەئراف 7/16-17.
ئەسلى قىيىنچىلىق ئىنسانىي شەيتانلار پەيدا قىلغان قىيىنچىلىقتۇر. ئۇلارمۇ توغرا يولدا ئولتۇرىدۇ، ئاللاھنى ئىنسانلارغا يىراق كۆرسىتىدۇ، ئارىلىقتىكى مۇساپىنى ئۆزلىرىنىڭ تولدۇرىدىغانلىقىنى داۋا قىلىدۇ.
2-ئىلاھلار. بۇلارئاللاھ بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ئورۇن ئالغانلىقىغا ئېتىقاد قىلىنغان، بىر تەرەپتىن ئاللاھقا ، يەنە بىر تەرەپتىن ئىنسانغا ئوخشىتىلغان، بۇ سەۋەپتىن ۋەسىلە قىلىنغان مەخلۇقلاردۇر.
 3- ئاتا روھلىرى. ئىنسانلار ئۆلۈپ كەتكەن ئۇلۇغلىرىنى مۇبارەك كىشى دەپ ھېسابلاشنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلاردا ئاللاھقا خاس بەزى ئالاھىدىلىكلەرنى بار دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. فەنا فىللاھ[4] ۋەھدەتۇلۋۇجۇد[5]قا ئوخشاش چۈشەنچىلەرنىڭ مەنبەسى بۇ بولسا كېرەك. بۇنداق قىلىش ئۇلارنى ئىلاھلاشتۇرغانلىق بولىدۇ.
3- دىنى زاتلار. بۇ خىلدىكى كىشىلەر ئادەتتىكى ئىنسانلار بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتىدىغان ۋە يۇقىرىدىكى شەكىلدە كۆرسىتىلگەن قۇرۇلمىنى دىن دەپ سۇنىدىغان كىشىلەردۇر. ئۇلار يېرىم ئىنسان، يېرىم ئىلاھ سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىلاھلار بىلەن ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا ۋەسىلە بولىدىغانلىقىغا ئېتىقاد قىلىنىدۇ.
5- ئىنسان. يۇقىرىدىكى شەكىلدە كۆرسىتىلگەن مۇناسىۋەتلەر زەنجىرى ئىنساندىكى دىنى ھېسسىياتنى سۇيىئىستېمال قىلىشقا يول ئاچىدۇ. ئىنسانلارنى مۇشۇنداق تەشكىلىي قۇرۇلمىنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىرگەن ئاساسى سەۋەب شۇ يەردە بولۇشنىڭ پايدىلىرىنى كۆرۈش ۋە مەنپەئەت مۇناسىۋىتىگە باغلىنىشتۇر. تۆۋەندىكى ئايەت بۇنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ: 
«وَقَالَ إِنَّمَا اتَّخَذْتُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ أَوْثَانًا مَوَدَّةَ بَيْنِكُمْ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ثُمَّ يَوْمَ الْقِيَامَةِ يَكْفُرُ بَعْضُكُمْ بِبَعْضٍ وَيَلْعَنُ بَعْضُكُمْ بَعْضًا وَمَأْوَاكُمُ النَّارُ وَمَا لَكُمْ مِنْ نَاصِرِينَ»
«ئىبراھىم مۇنداق دېدى: سىلەر ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارغا چوقۇنۇۋاتىسلەر. بۇنى بۇ دۇنيا ھاياتىدا ئاراڭلاردىكى دوستلۇقنى دەپلا قىلىۋاتىسىلەر. ئاندىن قىيامەت كۈنى بىر-بىرىڭلارنى ئىنكار قىلىسىلەر، بىر-بىرىڭلارغا لەنەت ئوقۇيسىلەر. سىلەرنىڭ بېرىپ ئورۇنلىشىدىغان يېرىڭلار دوزاختۇر. سىلەرگە ھېچ ياردەمچى يوقتۇر»- ئەنكەبۇت 29/25.
ھەق دىندىن باشقا پۈتۈن دىنلار مۇشۇنداق بىر قۇرۇلما ئىچىدىدۇر. ئاللاھ تەئالا بەزى يەھۇدىي ۋە خرىستىئانلار ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:
«اتَّخَذُوا أَحْبَارَهُمْ وَرُهْبَانَهُمْ أَرْبَابًا مِنْ دُونِ اللَّهِ وَالْمَسِيحَ ابْنَ مَرْيَمَ وَمَا أُمِرُوا إِلَّا لِيَعْبُدُوا إِلَهًا وَاحِدًا لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ سُبْحَانَهُ عَمَّا يُشْرِكُونَ»
 «ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھاخاملىرىنى، راھىبلىرىنى ۋە مەريەم ئوغلى ئىيسا مەسىھنى ئاللاھنى قويۇپ رەبلەر قىلىۋالدى. ھالبۇكى، ئۇلار پەقەت بىر ئىلاھقىلا قۇل بولۇشقا بۇيرۇلغان ئىدى، ئۇنىڭدىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر. ئاللاھ مۇشرىكلار شېرىك قىلغان نەرسىلەردىن پاكتۇر»-تەۋبە 9/31.
ئەدىي ئىبنى ھاتەم مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلدىم. بوينۇمدا ئالتۇندىن ئىشلەنگەن بىر كرېست بار ئىدى. ئۇ: «ئى ئەدىي! ئۇ بۇتنى تاشلىۋەت!» دېدى. ئۇنىڭدىن «ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھاخاملىرىنى، راھىبلىرىنى ۋە مەريەم ئوغلى ئىيسا مەسىھنى ئاللاھنى قويۇپ رەبلەر قىلىۋالدى…» دېگەن مەنىدىكى ئايەتنى ئاڭلىدىم. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇلار ئۇلارغا ئىبادەت قىلمىدى، لېكىن بۇلار ئۇلار بىر نەرسىنى ھالال دېسە ھالال، ھارام دېسە ھارام دەپ ھېسابلىدى». بۇلارنىڭ ئۇلارنى ئاللاھنى قويۇپ رەب قىلىۋېلىشى مانا مۇشۇ شەكىلدە بولدى[6].
توغرا يولدا ماڭماقچى بولغان ھەر بىر ئىنساننىڭ ئالدىغا توسالغۇلار چىقىپ تۇرىدۇ. چۈنكى توغرا يول شەيتاننىڭ پائالىيەت قىلىش ساھەسىدۇر. ئۇ تۇزاقلىرىنى شۇ يەردە قۇرىدۇ. ئۇ ئۇ يەرگە كەلگەنلەرگە ۋەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىدۇ، ۋەسىلىلەرنىڭ ئاللاھقا يېقىن ۋە ئاللاھ بىلەن دوست ئىكەنلىكىنى، ئاللاھقا يېتىدىغان يولدا ئۇلارنىڭ ياردەملىرىگە ئېھتىياج بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ ۋەسىلە ۋە شاپائەتچى بولىدىغانلىقىنى سۆزلەيدۇ. خىيالى، فانتازىيىلىك ھېكايىلەرنى سۆزلەپ ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلمايدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا تەسلىم بولۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇلار بۇ توغرىدا ئەڭ بۈيۈك قوللاپ-قۇۋۋەتلەشنى ئەقلىنى ئىشلەتمەيدىغان ئىنسانلاردىن ۋە ئەنئەئەنەچىلەردىن كۆرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىنسانلار ئاللاھقا قۇل بولۇشتىن بۇرۇن ئۆزلىرى ئاللاھقا ۋەسىلە بولىدۇ، دەپ قارىغان كىشىلەرگە قۇل بولىدۇ. مانا بۇخىل قىلمىش ئۇلارنىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ قويىدۇ. بۇنىڭغا ئىككى مىسال كەلتۈرۈلىدۇ. بىرى ئەھلى كىتابتىن كاتولىكلار، يەنە بىرى تاۋزىمچىلار.
 
داۋامى بار………….


[1]– دۇن «دون» كەلىمىسى توغرۇلۇق «قامۇس تەرجىمىسى» دە مۇنۇ ئىپادىلەر زىكىر قىلىنىدۇ: دۇن «دون» فەۋق «فوق» نىڭ زىددىدۇر. ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋىدىن بېرى، ئۇنىڭدىن تۆۋەنراق دېگەن بولىدۇ. بەزىلەر بۇنى دۇنۇۋ «دنو» دىكى ھەرىپلەرنىڭ ئورۇن ئالماشتۇرۇشى بىلەن شەكىللەنگەن، دېيىشىدۇ. بۇ كەلىمە غەير «غير» مەنىسىدىمۇ كېلىدۇ. ئەڭ يېقىن «أقرب» مەنىسىدىمۇ زەرف بولۇپ كېلىدۇ. ئۇنىڭغا بەك يېقىن دېگەن مەنانى ئىپادىلەش ئۈچۈن «هذا دونه» دېيىلىدۇ. دۇن كەلىمىسىگە «قبل (ئىلگىرى)» مەناسىمۇ بېرىلىدۇ. بىر نەرسە يەنە بىرىدىن بىرئاز تۈۋەندە بولسا ھازا دۇنە زاكە «هذا دون ذاك» دېيىلىدۇ– (فىرۇز ئابادى، قامۇس تەرجىمىسى. مۇتەرجىم ئاسىم، بەھرىيە مەتبەئەسى 1305).

[2] – مۇھەممەد ئىبنى جەرىر ئەتتەبەرىي، جامىئۇلبەيان فىي تەفسىرىلقۇرئان (تەپىسرى تەبەرى)، بېيرۇت 1412/1992، 11- جىلد، 519- بەت، نەجم سۈرىسى 19- ئايەت.

[3] – مۇسلىم، ھەج 22، ھەدىس نومۇرى 1185.

[4]– يەنى ئاللاھتا يوقىلىپ كېتىش، ئاللاھتا تۈگەش. بۇ سوپىلىققا خاس بىر ئاتالغۇ بولۇپ، مەنىسى تەرىقەتتە ھەقىقەت باسقۇچىغا يەتكەن سوپى ئۆزىنىڭ ئىنسانىي مەۋجۇدلۇقىنى يوقىتىپ ئاللاھ بىلەن قوشۇلۇپ ئۇنىڭغا سىڭىپ كېتىش، دېگەن بولىدۇ.

[5]– ئاللاھ بىلەن ئالەم بىر دېگەن قاراشتىكى نەزەرىيە.

[6]– تىرمىزى، تەفسىرۇلقۇرئان، 10- باب، ھەدىس نومۇرى: 3095، ئىستانبۇل، 1981/1401، 5- جىلد، 278- بەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر