مۇسۇلمانلار

ۋەسىلە ۋە شېرىك 5

ب- ئىمان
ئىمان سۆزى «ئەمن» دېگەن سۆز يىلتىزىدىن چىققان بولۇپ، ئەمن لۇغەتتە قورقماسلىق، خاتىرجەم بولۇش، كۆڭۈل ئارام تېپىش، ئامانلىق بىخەتەرلىك ۋە ئىشەنچ قىلىش، دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ. ئىمان بولسا، ئەمن ئىچىگە كىرىش يەنى بىر نەرسىدىن قورقمايدىغان بولۇپ ئۇ نەرسىدىن كۆڭلى خاتىرجەم بولۇش ۋە ئۇ نەرسىگە ئىشىنىش دېگەن مەنانى ئىپادىلەيدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا ئىمان، قەتئىي بولغان ئۇچۇرغا تايىنىدۇ. يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك ھەر كىشى ئەتراپىدا ئېلىپ بارغان كۆزىتىشلىرى نەتىجىسىدە ئاللاھ توغرىسىدا قەتئىي ئۇچۇرغا ئىگە بولىدۇ. قۇرئاندا ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەت يوق ئىكەنلكى ۋە پەيغەمبەلەرنىڭ ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاش بىلەن مەشغۇل بولمىغانلىقى بۇ سەۋەپتىن بولغان.
ئاللاھ تائالا ئەمر-پەرمانلىرىنى پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق يەتكۈزىدۇ. ھەر پەيغەمبەرگە باشقا بىرىنىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن بولمايدىغان بىر بەلگە بېرىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئۇ بەلگە مۆجىزە دېيىلىدۇ. مۆجىزىنى كۆرگەنلەر ئۇ كىشىنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە شەكسىز ئىشىنىدۇ. ئاخىرقى پەيغەمبەرنىڭ مۆجىزىسى قۇرئاندۇر. قۇرئان ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزگەن ھەر كىشى ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ كىتابى ئىكەنلىكىنى، ئۇنى ئېلىپ كەلگەن كىشىنىڭ ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. ئۇنداقتا ئاللاھقا ئىشەنگەن ۋە ئىشەنچ قىلغان كىشى ئۇ كىتابقىمۇ ئىشەنمەي ۋە ئىشەنچ قىلماي تۇرالمايدۇ.
ئاللاھنى بىلىش بىلەن ئاللاھقا ئىشىنىش پەرقلىق نەرسىلەردۇر. مەسىلەن: سىز ئۆزىڭىزگە تونۇشلۇق بىر كىشى ھەققىدە «مەن ئۇنىڭغا ئىشەنمەيمەن» دەيسىز. بۇ سىزنىڭ ئۇنىڭغا ئىشەنچ قىلمايدىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھقا ئىشىنىش ئۈچۈن ئاللاھقا ئىشەنچ قىلىش لازىم. ئۇنىڭغا ئىشەنچ قىلىش ئاللاھنىڭ بارلىق بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىگە ئىشەنچ قىلىش بىلەن بولىدۇ. ھەرقانداق بىر مەسىلىدە كۆرسىتىلگەن ئىشەنچسىزلىك ئىمانسىزلىق ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا آَمِنُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ وَالْكِتَابِ الَّذِي نَزَّلَ عَلَى رَسُولِهِ وَالْكِتَابِ الَّذِي أَنْزَلَ مِنْ قَبْلُ وَمَنْ يَكْفُرْ بِاللَّهِ وَمَلَائِكَتِهِ وَكُتُبِهِ وَرُسُلِهِ وَالْيَوْمِ الْآَخِرِ فَقَدْ ضَلَّ ضَلَالًا بَعِيدًا»
«ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ۋە ئاللاھ ئەلچىسىگە نازىل قىلغان كىتابقا ۋە ئاللاھ ئىلگىرى نازىل قىلغان كىتابلارغا ئىشىنىڭلار. كىمكى ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا، ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ۋە ئاخىرەت كۈنىگە كاپىر بولىدىكەن، ئۇ چوڭقۇر بىر ئازغۇلۇققا چۈشكەن بولىدۇ»- نىسا 4/136.
«يَا أَهْلَ الْكِتَابِ لَا تَغْلُوا فِي دِينِكُمْ وَلَا تَقُولُوا عَلَى اللَّهِ إِلَّا الْحَقَّ إِنَّمَا الْمَسِيحُ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ رَسُولُ اللَّهِ وَكَلِمَتُهُ أَلْقَاهَا إِلَى مَرْيَمَ وَرُوحٌ مِنْهُ فَآَمِنُوا بِاللَّهِ وَرُسُلِهِ وَلَا تَقُولُوا ثَلَاثَةٌ انْتَهُوا خَيْرًا لَكُمْ إِنَّمَا اللَّهُ إِلَهٌ وَاحِدٌ سُبْحَانَهُ أَنْ يَكُونَ لَهُ وَلَدٌ لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ وَكَفَى بِاللَّهِ وَكِيلًا»
«ئى ئەھلى كىتاب! دىنىڭلاردا ھەددىدىن ئاشماڭلار، ئاللاھ توغرىسىدا پەقەت ھەقنىلا سۆزلەڭلار. مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا مەسىھ پەقەت ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر، ئۇ مەريەمگە يەتكۈزگەن «ۋۇجۇدقا كەل» سۆزى بىلەن بار بولغان، ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن بىر روھتۇر. ئۇنداقتا ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ئىشىنىڭلار. «خۇدا ئۈچتۇر» دېمەڭلار، بۇنداق دېيىشتىن يېنىڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشى بولىدۇ. ئاللاھ پەقەت بىرلا ئىلاھتۇر، بالىسى بولۇشتىن پاكتۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدۇر، ئاللاھ يېتەرلىك ھامىيدۇر»- نىسا 4/171.
ج – شېرىك ۋە كۇفۇر
شېرىك، ئاللاھقا خاس بولغان بەزى سۈپەتلەرنى باشقا مەۋجۇداتلاردىمۇ بار دەپ قاراپ مەزكۇر مەۋجۇداتلارنى ئۇ سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەش دېمەكتۇر. بىز بۇ ھەقتە يۇقىرىدا توختالغان ئىدۇق. تۆۋەندە تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.
كۇفۇر، كافىرلىق دېمەكتۇر. سۆز تومۇرى «كۇفر ۋە كۇفۇر» بولۇپ ئىنكار قىلىش، تېنىش، تۇزكورلۇق قىلىش ۋە يۆگەش، دېگەندەك مەنىلەردە كېلىدۇ.
ئاللاھنىڭ بارلىقى ئاشكارا بىر ھەقىقەت تۇرسا نۇرغۇن كىشىلەر ئاللاھنى تونۇماي پەرۋاسىز ھالدا ھاياتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. «ئاللاھ بار، ئۇ كائىناتنىڭ ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىپ تۇرىدۇ» دېگۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئاللاھ بىلەن بولىدىغان ئىشلىرىنى ۋەسىلە (ۋاسىتە بولغۇچى) لەرنىڭ قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن ئاللاھنى بۇ دائىرە ئىچىدە تونۇيدۇ.
كافىر ۋە مۇشرىك كەلىمىلىرى ئوخشاش بىر نەرسىنىڭ ئىككى يۈزىنى كۆرسىتىدۇ، يەنى ھەر كافىر «مۇشرىك»، ھەر مۇشرىك «كافىر» دۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«لَمْ يَكُنِ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ وَالْمُشْرِكِينَ مُنْفَكِّينَ حَتَّى تَأْتِيَهُمُ الْبَيِّنَةُ. رَسُولٌ مِنَ اللَّهِ يَتْلُو صُحُفًا مُطَهَّرَةً. فِيهَا كُتُبٌ قَيِّمَةٌ»
«ئەھلى كىتابتىن ۋە مۇشرىكلاردىن ئىبارەت بولغان كاپىرلار ئۆزلىرىگە روشەن دەلىل كەلگەنگە قەدەر ئايرىلغۇچىلار ئەمەس ئىدى. ئۇ روشەن دەلىل ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىدۇر. ئۇ، پاك-پاكىز سەھىپىلەرنى تىلاۋەت قىلىدۇ. ئۇ سەھىپىلەرگە توغرا ھۆكۈملەر يېزىلغان»- بەييىنە 98/1-3.
ئايەتتە ئۆتكەن ئەلمۇشرىكىن «الْمُشْرِكِينَ» دېگەن سۆز مەئرىفە (ئېنىق ئىسىم) بولۇپ مەلۇم بىر مۇشرىك پىرقىسىنى يەنى ئەھلى كىتابنىڭ سىرتىدىكى مۇشرىكلارنى كۆرسىتىدۇ. ئەكسىچە ئەھلى كىتابنىڭ مۇشرىك بولمىغانلىقىنى ئىپادىلىمەيدۇ. چۈنكى ئۇلاردىن كافىر بولغانلارنىڭ ئەينى زاماندا مۇشرىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان ئايەتلەر بار. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«اتَّخَذُوا أَحْبَارَهُمْ وَرُهْبَانَهُمْ أَرْبَابًا مِنْ دُونِ اللَّهِ وَالْمَسِيحَ ابْنَ مَرْيَمَ وَمَا أُمِرُوا إِلَّا لِيَعْبُدُوا إِلَهًا وَاحِدًا لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ سُبْحَانَهُ عَمَّا يُشْرِكُونَ»
«ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ ھاخاملىرىنى ۋە راھىبلىرىنى رەبلىرى قىلىۋالدى. مەريەم ئوغلى مەسىھنىمۇ شۇنداق قىلدى. ھالبۇكى، ئۇلار پەقەت بىر ئىلاھقىلا قۇل بولۇشقا بۇيرۇلغان. ئاللاھدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق. ئاللاھ ئۇلار شېرك قىلغان نەرسىلەردىن پاكتۇر»- تەۋبە 9/31.
ھەر مىللەتنىڭ ئۆتمۈشىدە بىر پەيغەمبەر بار. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«إِنَّا أَرْسَلْنَاكَ بِالْحَقِّ بَشِيرًا وَنَذِيرًا وَإِنْ مِنْ أُمَّةٍ إِلَّا خَلَا فِيهَا نَذِيرٌ»
«بىز سېنى خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ قۇرئان بىلەن ئەۋەتتۇق. ئاگاھلاندۇرغۇچى ئەۋەتىلمىگەن ھېچبىر ئۈممەت يوقتۇر»- فاتىر 35/24.
مەككە خەلقىنىڭ ئۆتمۈشىدە ئىبراھىم ۋە ئىسمائىل دېگەن پەيغەمبەرلەر بار ئىدى. قۇرەيشلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسلىدىن بولغانلىقلىرى بىلەن پەخىرلىنەتتى[1]. ئۇلاردىن قېلىپ قالغان ھەج ۋە ئۆمرە ئىبادەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى. لېكىن قوللىرىدا ئۇلارغا ئائىت بىر ئىلاھىي كىتاب يوق ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئەھلى كىتاب ئەمەس ئىدى. يەھۇدىيلارنىڭ ئۆتمۈشىدە مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرلىكتە نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇلاردىن قالغان تەۋرات بار. خرىستىئانلارنىڭ ئۆتمۈشىدە بولسا، ئىيسا پەيغەمبەر ۋە قوللىرىدا ئىنجىل بار. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئەھلى كىتاب ھېسابلانغان.
تەۋرات ۋە ئىنجىل دەسلەپكى ساپلىقى بىلەن ساقلىنىپ قالمىغان. لېكىن ئۇلارنىڭ ئاساسلىق نۇقتىلاردا قۇرئان بىلەن ئورتاق ھۆكۈملىرى بار. بۇ سەۋەب بىلەن قۇرئان ئۇلارنى بۇ ئاساسلىق نۇقتىلارغا چاقىرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«قُلْ يَا أَهْلَ الْكِتَابِ تَعَالَوْا إِلَى كَلِمَةٍ سَوَاءٍ بَيْنَنَا وَبَيْنَكُمْ أَلَّا نَعْبُدَ إِلَّا اللَّهَ وَلَا نُشْرِكَ بِهِ شَيْئًا وَلَا يَتَّخِذَ بَعْضُنَا بَعْضًا أَرْبَابًا مِنْ دُونِ اللَّهِ فَإِنْ تَوَلَّوْا فَقُولُوا اشْهَدُوا بِأَنَّا مُسْلِمُونَ»
«ئېيتقىنكى: ‹ئى ئەھلى كىتاب! بىز بىلەن ئاراڭلاردا ئورتاق بولغان سۆزگە كېلىڭلار. ئۇ سۆز بولسا، ‹ھەر ئىككىمىزنىڭ ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشىمىز، ئاللاھغا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماسلىقىمىز ۋە ئاللاھنى قويۇپ بىر-بىرىمىزنى رەب قىلىۋالماسلىقىمىز› دۇر›. ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە، ئۇلارغا: ‹گۇۋاھ بولۇڭلاركى، بىز مۇسۇلمانمىز› دەڭلار»- ئال ئىمران 3/64.
مەككىلىك ۋە باشقا يەرلىك مۇشرىكلارنىڭ قولىدا ئۇنداق بىر كىتاب بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئەقىللىرىنى ۋە بىلگەن ئىلىملىرىنى ئىشلىتىشكە چاقىرىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَهَذَا صِرَاطُ رَبِّكَ مُسْتَقِيمًا قَدْ فَصَّلْنَا الْآَيَاتِ لِقَوْمٍ يَذَّكَّرُونَ»
«مانا بۇ رەببىڭنىڭ توغرا يولىدۇر. شۈبھىسىزكى، بىز ئەقلىنى تاپىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى تەپسىلىي بايان قىلدۇق»- ئەنئام 6/126.
«وَمَنْ يُشَاقِقِ الرَّسُولَ مِنْ بَعْدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُ الْهُدَى وَيَتَّبِعْ غَيْرَ سَبِيلِ الْمُؤْمِنِينَ نُوَلِّهِ مَا تَوَلَّى وَنُصْلِهِ جَهَنَّمَ وَسَاءَتْ مَصِيرًا»
«كىمكى ئۆزىگە توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەرگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىدىكەن، مۇئمىنلارنىڭ يولىدىن غەيرىيگە ئەگىشىدىكەن، ئۇنى ئۆز يولىغا قويۇپ بېرىمىز، ئۇنى جەھەننەمگە كىرگۈزىمىز. ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!»- نىسا 4/115.
تەۋرات ۋە ئىنجىلگە ئىگە بولۇشلىرى يەھۇدىي ۋە خرىستىئانلارنىڭ مۇشرىك بولۇشىغا توسالغۇ بولمىغان. مۇھىمى بىر ئىلاھىي كىتابقا ئىگە بولۇش ئەمەس، ئۇنىڭغا بۇيسۇنۇشتۇر. قولىدا قۇرئان بولغان، ھەتتا ئۇنى يادلىغان ۋە ئۇنىڭ ئالىمى ھېسابلىنىدىغان كۆپلىگەن مۇسۇلماننىڭمۇ شېرىككە چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز.
ئاللاھقا تولۇق ئىشىنىش ۋە شەرتسىز بويۇن ئېگىش ئىماننىڭ بولمىسا بولمايدىغان شەرتىدۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاللاھقا بەزى شەرتلەرنى قويىدۇ. بەزىلەر شەرتلەرنى ئۆزلىرى بەلگىلەيدۇ. بەزىلەر بولسا ئۆزگىرىپ كەتكەن بىر دىننىڭ ياكى بىر تەرىقەتنىڭ قويغان شەرتلىرىنى مۇۋاپىق كۆرىدۇ. ئۆزىنى ياكى باشقىسىنى ئاللاھقا شەرت قويالايدىغان سەۋىيىدە كۆرگەن كىشى، ئۆزىنى ياكى شۇ باشقىسىنى ئاللاھ بىلەن تەڭ كۆرگەن ۋە ئىلاھ قىلىۋالغان بولىدۇ. بۇ خىل كىشىلەر قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا ئاللاھقا قويغان پۈتۈن شەرتلىرىنى ئۇنتۇيدۇ ۋە سەمىمىي ھالدا ئاللاھقا يۈزلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَإِذَا مَسَّكُمُ الضُّرُّ فِي الْبَحْرِ ضَلَّ مَنْ تَدْعُونَ إِلَّا إِيَّاهُ فَلَمَّا نَجَّاكُمْ إِلَى الْبَرِّ أَعْرَضْتُمْ وَكَانَ الْإِنْسَانُ كَفُورًا»
 «دېڭىزدا مۇسىبەتكە يولۇققان چېغىڭلارغا پەقەت ئاللاھقىلا دۇئا قىلىسىلەر، ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىدىغان كىشىلىرىڭلار ئېسىڭلارغا كەلمەيدۇ. لېكىن ئاللاھ سىلەرنى قۇتقۇزۇپ قۇرۇقلۇققا چىقىرىپ قويسا دەرھال يۈز ئۆرۈيسىلەر. ئىنسان ھەقىقەتەن تۇزكوردۇر»- ئىسرا 17/67.
مۇشرىكلار بىر قانچە تۈرگە ئايرىلىدۇ:
1- ئۆزلىرىنى ئىلاھلاشتۇرۇۋالغانلار
ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى سۆزلەيدىغان پۈتكۈل كىشىلەر مۇشرىكتۇر. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ بار ۋە بىرلىكىنى بىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَلَئِنْ سَأَلْتَهُمْ مَنْ خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَسَخَّرَ الشَّمْسَ وَالْقَمَرَ لَيَقُولُنَّ اللَّهُ فَأَنَّى يُؤْفَكُونَ. اللَّهُ يَبْسُطُ الرِّزْقَ لِمَنْ يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ وَيَقْدِرُ لَهُ إِنَّ اللَّهَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ. وَلَئِنْ سَأَلْتَهُمْ مَنْ نَزَّلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَحْيَا بِهِ الْأَرْضَ مِنْ بَعْدِ مَوْتِهَا لَيَقُولُنَّ اللَّهُ قُلِ الْحَمْدُ لِلَّهِ بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يَعْقِلُونَ»
«ئەگەر ئۇلاردىن: ‹ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، كۈننى ۋە ئاينى بويسۇندۇرغان كىمدۇر؟› دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: ‹ئاللاھ› دەيدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغاندۇ؟
ئاللاھ خالىغان بەندىسىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ، خالىغان بەندىسىنىڭ رىزقىنى تار قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر.
ئۇلاردىن ‹ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرگەن كىمدۇر؟› دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: ‹ئاللاھ› دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئەلھەمدۇ لىللاھ!». بەلكى ئۇلارنىڭ تولىسى ئەقىللىرىنى ئىشلەتمەيدۇ»- ئەنكەبۇت 29/61-63.
«قُلْ مَنْ يَرْزُقُكُمْ مِنَ السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ أَمَّنْ يَمْلِكُ السَّمْعَ وَالْأَبْصَارَ وَمَنْ يُخْرِجُ الْحَيَّ مِنَ الْمَيِّتِ وَيُخْرِجُ الْمَيِّتَ مِنَ الْحَيِّ وَمَنْ يُدَبِّرُ الْأَمْرَ فَسَيَقُولُونَ اللَّهُ فَقُلْ أَفَلَا تَتَّقُونَ. فَذَلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمُ الْحَقُّ فَمَاذَا بَعْدَ الْحَقِّ إِلَّا الضَّلَالُ فَأَنَّى تُصْرَفُونَ»
«ئېيتقىنكى: ‹سىلەرگە ئاسماندىن ۋە زېمىندىن رىزىق بېرىۋاتقان كىمدۇر؟ سىلەرنى ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قابىلىيەتلىرى بىلەن تەمىنلەۋاتقان كىمدۇر؟ تىرىكنى ئۆلۈكتىن، ئۆلۈكنى تىرىكتىن چىقىرىىۋاتقان كىمدۇر؟ بارلىق ئىشلارنى پىلانلىقبىر شەكىلدە باشقۇرۇۋاتقان كىمدۇر؟›. ئۇلار ھېچ ئىككىلەنمەستىن: ‹ئاللاھ› دەيدۇ. ئېيتقىنكى: ‹ئۇ ھالدا قورقمامسىلەر؟›.
ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ ھەقىقىي رەببىڭلاردۇر. ھەقىقەتتىن كېيىن ئازغۇنلۇقتىن باشقا نېمە بار؟ شۇنداق تۇرۇقلۇق قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغانسىلەر؟»- يۇنۇس 10/31-32.
ئاللاھ پەرىشتىلەرنى ئادەمگە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغاندا، ئىبلىس بۇ بۇيرۇقنىڭ ئۆز شەرتلىرىگە مۇۋاپىق كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن سەجدە قىلمىغان ئىدى. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر مۇنداق:
«وَإِذْ قَالَ رَبُّكَ لِلْمَلَائِكَةِ إِنِّي خَالِقٌ بَشَرًا مِنْ صَلْصَالٍ مِنْ حَمَإٍ مَسْنُونٍ. فَإِذَا سَوَّيْتُهُ وَنَفَخْتُ فِيهِ مِنْ رُوحِي فَقَعُوا لَهُ سَاجِدِينَ. فَسَجَدَ الْمَلَائِكَةُ كُلُّهُمْ أَجْمَعُونَ. إِلَّا إِبْلِيسَ أَبَى أَنْ يَكُونَ مَعَ السَّاجِدِينَ. قَالَ يَا إِبْلِيسُ مَا لَكَ أَلَّا تَكُونَ مَعَ السَّاجِدِينَ. قَالَ لَمْ أَكُنْ لِأَسْجُدَ لِبَشَرٍ خَلَقْتَهُ مِنْ صَلْصَالٍ مِنْ حَمَإٍ مَسْنُونٍ. قَالَ فَاخْرُجْ مِنْهَا فَإِنَّكَ رَجِيمٌ»
«رەببىڭ ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە مۇنداق دېگەن ئىدى: ‹مەن سېسىق قارا پاتقاقتىن شەكىللەنگەن قۇرۇق لايدىن بىر ئىنسان يارىتىمەن. مەن ئۇنىڭغا شەكىل بېرىپ، ئىچىگە روھىمدىن پۈۋلىگەن چېغىمدا ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار›.
شۇنىڭ بىلەن پەرىشىتىلەرنىڭ ھەممىسى بىردەك سەجدە قىلدى. ئىبلىس مۇستەسنا. ئۇ سەجدە قىلغۇچىلارنىڭ قاتارىدا بولۇشتىن باش تارتتى. ئاللاھ: ‹ئى ئىبلىس! سەن نېمىشقا سەجدە قىلغۇچىلارنىڭ قاتارىدا بولمىدىڭ› دېدى.
ئىبلىس: ‹سەن سېسىق قارا پاتقاقتىن شەكىللەنگەن قۇرۇق لايدىن ياراتقان ئىنسانغا سەجدە قىلىش ماڭا لايىق بولمايدۇ› دېدى.
ئاللاھ ئېيتتى: ‹ئۇ يەردىن دەرھال چىقىپ كەت! سەن شۇ ئاندىن ئېتىبارەن قوغلاندىڭ!›»- ھىجر 15/28-34.
«وَإِذْ قُلْنَا لِلْمَلَائِكَةِ اسْجُدُوا لِآَدَمَ فَسَجَدُوا إِلَّا إِبْلِيسَ أَبَى وَاسْتَكْبَرَ وَكَانَ مِنَ الْكَافِرِينَ»
«ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: ‹ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار› دېگەن ئىدۇق. ئۇلار دەرھال سەجدە قىلدى. ئىبلىس مۇستەسنا. ئۇ باش تارتتى، ئۆزىنى چوڭ تۇتتى ۋە كافىرلاردىن بولدى» بەقەرە 2/34.
ئىبلىسنىڭ چوڭچىلىق قىلىشى، ئادەمگە قارشى ئەمەس، ئاللاھقا قارشى ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ مۇۋاپىق كۆرمىگىنى ئاللاھنىڭ ئەمرى ئىدى. بۇ سەۋەپتىن ئاللاھ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:
«فَاهْبِطْ مِنْهَا فَمَا يَكُونُ لَكَ أَنْ تَتَكَبَّرَ فِيهَا فَاخْرُجْ إِنَّكَ مِنَ الصَّاغِرِينَ»
 «ئۇ يەردىن چۈشۈپ كەت، ئۇ يەردە چوڭچىلىق قىلىدىغان ھەققىڭ يوق، يوقال! شۈبھىسىزكى، سەن خار بولغۇچىلاردىنسەن»- ئەئراف7/13.
ئىبلىس ئاللاھنىڭ بارلىقىنىمۇ، بىرلىكىنىمۇ ئىنكار قىلمىغان. ئۇ قوغلانغاندىن كېيىنمۇ مۇنداق دېگەن:
«إِنِّيَ أَخَافُ اللّهَ وَاللّهُ شَدِيدُ الْعِقَابِ»
«شۈبھىسىزكى، مەن ئاللاھتىن قورقىمەن، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر»- ئەنفال 8/48.
ئىبلىس ئاخىرەتكىمۇ ئىشىنىدۇ. چۈنكى ئۇ قوغلانغاندا مۇنداق دېگەن ئىدى:
«رَبِّ فَأَنظِرْنِي إِلَى يَوْمِ يُبْعَثُونَ»
«رەببىىم! ماڭا خالايىقلار قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنگىچە مۆھلەت بەرگىن»- ھىجر 15/36.
ئاللاھقا، پەرىشتىلەرگە ۋە ئاخىرەتتە قايتا تىرىلدۈرۈلۈشكە ئىشىنىدىغان بۇنداق بىرىنى كۆپ كىشىلەر «ياخشى مۇسۇلمان» دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىبلىس كافىر بولغان چاغدا ئىشىنىشكە تېگىشلىك بىر پەيغەمبەرمۇ ياكى بىر كىتابمۇ يوق ئىدى. ئۇنىڭ كافىرلىقى بىر ئىشتا ئاللاھقا شەرت قويۇشى بىلەن باشلاندى.
خۇداسىزلار دەپ ئاتىلىدىغان ئاتېئىستلارمۇ شۇنداق. ئۇلارمۇ ھەر بىر ئىشتا ئۆزلىرى بەلگىلىگەن شەرتلەرگە بويسۇنىدۇ. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىدىن ئۆزلىرىگە مۇۋاپىق كەلگەنلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ، مۇۋاپىق كەلمىگەنلىرىنى رەت قىلىدۇ. بېشىغا كۈن چۈشكەندە بولسا، ئاللاھقا سېغىنىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ياردەم تىلەيدۇ. بۇلارنىڭ خۇداسى ئالدى بىلەن ئۆزلىرى، ئاندىن كېيىن ئاللاھتۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«أَرَأَيْتَ مَنِ اتَّخَذَ إِلَهَهُ هَوَاهُ أَفَأَنْتَ تَكُونُ عَلَيْهِ وَكِيلًا. أَمْ تَحْسَبُ أَنَّ أَكْثَرَهُمْ يَسْمَعُونَ أَوْ يَعْقِلُونَ إِنْ هُمْ إِلَّا كَالْأَنْعَامِ بَلْ هُمْ أَضَلُّ سَبِيلًا»
«نەپسى خاھىشىنى ئىلاھى قىلىۋالغان ئادەمنى كۆردۈڭمۇ! سەن ئۇ ئادەمنى توغرا يولغا كەلتۈرەلەمسەن؟ ياكى سەن ئۇلارنىڭ تولىسىنى ئاڭلايدۇ ياكى چۈشىنىدۇ، دەپ ئويلامسەن؟ شۈبھىسىزكى، ئۇلار تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلار بىلەن ئوخشاشتۇر، بەلكى ئۇلار تېخىمۇ تۆۋەندۇر»- فۇرقان 25/43-44.
«أَفَرَأَيْتَ مَنِ اتَّخَذَ إِلَهَهُ هَوَاهُ وَأَضَلَّهُ اللَّهُ عَلَى عِلْمٍ وَخَتَمَ عَلَى سَمْعِهِ وَقَلْبِهِ وَجَعَلَ عَلَى بَصَرِهِ غِشَاوَةً فَمَن يَهْدِيهِ مِن بَعْدِ اللَّهِ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ»
«ئى مۇھەممەد! نەپسى خاھىشىنى ئىلاھى قىلىۋالغان، ئاللاھ بىر ئىلىمگە ئاساسەن ئازدۇرغان، ئاللاھ قۇلىقىنى ۋە قەلبىنى پېچەتلىۋەتكەن، كۆزىنى پەردىلىۋەتكەن ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ ئاللاھ ئازدۇرغاندىن كېيىن ئۇنى كىم ھىدايەت قىلالايدۇ؟ ئويلاپ باقمامسىلەر؟»-جاسىيە 45/23.
ھەر كىشىدە ئەبەدىي ياشاش ھېس-تۇيغۇسى بار. ھەر ئىنسان خۇددى ھېچ ئۆلمەيدىغاندەك ھەرىكەت قىلىدۇ. ئاخىرەتكە ئىشىنىش بۇ ھېس-تۇيغۇنى ئارام تاپقۇزىدۇ. ئۆزلىرىنى ئىلاھلاشتۇرۋالغانلاردىن بەزىلىرى بۇ ھەقتىكى ھېس–تۇيغۇلىرىنى روھلارنىڭ كۆچۈش نەزەرىيىسى ئارقىلىق قاندۇرۇشقا تىرىشىدۇ. يەنى ئۆلىدىغانلىقىنى ۋە يېڭى بىر بەدەن بىلەن دۇنياغا تەكرار كېلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَقَالُوا مَا هِيَ إِلَّا حَيَاتُنَا الدُّنْيَا نَمُوتُ وَنَحْيَا وَمَا يُهْلِكُنَا إِلَّا الدَّهْرُ وَمَا لَهُم بِذَلِكَ مِنْ عِلْمٍ إِنْ هُمْ إِلَّا يَظُنُّونَ»
«ئۇلار: ‹ھايات بۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدىنلا ئىبارەتتۇر. ئۆلىمىز ۋە تىرىلىمىز. بىزنى پەقەت زامان ھالاك قىلىدۇ› دەيدۇ. ئۇلار بۇ سۆزىدە ھېچبىر ئىلىمگە ئاساسلانمايدۇ. ئۇلار گۇمان بىلەنلا گەپ قىلىدۇ»- جاسىيە 45/24.
بەزىلىرى ئۆلۈم بىلەن پۈتۈن ئىشلارنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ۋە ھېساب كۈنىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىش ئارقىلىق ئۇ ھېس–تۇيغۇلىرىنى بېسىقتۇرۇشقا تىرىشىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِلْمُكَذِّبِينَ. الَّذِينَ يُكَذِّبُونَ بِيَوْمِ الدِّينِ. وَمَا يُكَذِّبُ بِهِ إِلَّا كُلُّ مُعْتَدٍ أَثِيمٍ. إِذَا تُتْلَى عَلَيْهِ آَيَاتُنَا قَالَ أَسَاطِيرُ الْأَوَّلِينَ. كَلَّا بَلْ رَانَ عَلَى قُلُوبِهِمْ مَا كَانُوا يَكْسِبُونَ. كَلَّا إِنَّهُمْ عَنْ رَبِّهِمْ يَوْمَئِذٍ لَمَحْجُوبُونَ. ثُمَّ إِنَّهُمْ لَصَالُو الْجَحِيمِ. ثُمَّ يُقَالُ هَذَا الَّذِي كُنْتُمْ بِهِ تُكَذِّبُونَ»
«ئۇ كۈندە راستنى يالغان دېگۈچىلەرگە ۋاي! ئۇلار جازا ۋە مۇكاپات كۈنىنى يالغان دەيدىغان كىشىلەردۇر. ئۇنى ھەددىدىن ئاشقۇچى ۋە گۇناھ قىلغۇچىدىن باشقا ھېچكىم يالغان دېمەيدۇ. ئۇنداق بىرىگە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا، ئۇ: ‹بۇرۇنقىلارنىڭ ئەپسانىلىرى› دەيدۇ.
ياق، بەلكى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى قەلبلىرىنى داتلاشتۇرۇۋەتكەن. ياق[2]، ئۇلار ئۇ كۈنى رەببىنى كۆرۈشتىن توسۇلۇپ قالغۇچىلاردۇر. ئاندىن ئۇلار دوزاخقا كىرىپ كۆيگۈچىلەردۇر. ئاندىن: ‹مانا بۇ، سىلەر يالغان دېگەن نەرسىدۇر› دېيىلىدۇ»-مۇتەففىفىين 83/10-17.
2 – ۋەسىلە ئىزدەيدىغانلار
بەزى ئىنسانلار ئاللاھ بىلەن ئۆزلىرى ئوتتۇرىسىدا ۋەسىلە (ۋاسىتە) بولىدۇ دەپ خىيال قىلغان نەرسە ۋە كىشىلەرگە تىۋىنىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«إِنَّا أَنزَلْنَا إِلَيْكَ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ فَاعْبُدِ اللَّهَ مُخْلِصاً لَّهُ الدِّينَ»
 «بىز ساڭا بۇ كىتابنى ھەقىقەتەن ھەق بىلەن نازىل قىلدۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دىننى ئاللاھ ئۈچۈن ساپ ۋە پاك تۇتقان ھالدا ئالاھقا قۇل بول»-زۇمەر، 39/2.
دىننى ئاللاھ ئۈچۈن ساپ ۋە پاك تۇتۇش قۇرئانغا ئەگىشىش بىلەن بولىدۇ. بۇ ئىشنى دىندىن پايدىلىنىپ بۇ دۇنيا مەنپەئەتلىرىدىن پايدا ئېلىش مەقسىتىدە بولمىغان كىشىلەرلا قىلالايدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئىنسانلارغا پەيغەمبەرلەر سۆزلىگەن مۇنۇ سۆزنى سۆزلەيدۇ:
« لاَّ أَسْأَلُكُمْ عَلَيْهِ أَجْراً إِنْ هُوَ إِلاَّ ذِكْرَى لِلْعَالَمِينَ»
«مەن بۇ تەبلىغىم ئۈچۈن سىلەردىن بىر ھەق تەلەپ قىلمايمەن، بۇ ئالەملەر ئۈچۈن بىر ئەسلىتىشتۇر»-ئەنئام، 6/90.
دىندىن پايدىلىنىپ دۇنيالىق مەنپەئەتكە ئېرىشمەكچى بولغانلار دىننى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇشقا تىرىشىدۇ. بۇ ئىشنى پەقەت ئۇ دىن توغرىسىدا يېتەرلىك بىلىمگە ئىگە بولغانلارلا قىلالايدۇ. ئۇلارنىڭ پائالىيەت نىشانى توغرا يولدىكى كىشىلەردۇر.
ھەر ئىنسانغا ئوخشاش توغرا يولغا كىرگەنلەرنىڭمۇ بەزى تىلەكلىرى ۋە كېلەچەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەزى غەم–ئەندىشىلىرى بولىدۇ. تۇزاقچىلار ئاساسلىق ئويۇننى بۇ يەردە ئوينايدۇ. دىنىي زاتلارغا ئاللاھقا ئائىت بەزى ئالاھىدىلىكلەرنى يۈكلەپ، ئۇلارنىڭ ۋەسىلىسى (ۋاسىتىسى) بىلەن سۇنۇلغان تەلەپلەرنى ئاللاھنىڭ شەرتسىز قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاخىرەتتە شاپائەت قىلىدىغانلىقىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ. ئاللاھنىڭ كىتابىنى بۇ مەقسەتكە ماسلاشتۇرۇپ ئىزاھلايدۇ ۋە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ئايەتلەرنى باشقا تەرەپكە بۇراشقا تىرىشىدۇ.
ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن ئۇلۇغ زاتلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدۇ ۋە بۇنىڭغا لايىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن باشقىلاردىن پەرقلىق قىياپەتتە ياسىنىدۇ، باشقىلاردىن پەرقلىق گەپ قىلىدۇ ۋە باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان شەكىلدە ھەرىكەت قىلىدۇ. ئۆزلىرى «ئۇلۇغ زاتلار» نىڭ سۆزلىرى دەپ دەۋا قىلغان خىيالىي، فانتازىيىلىك ھېكايىلەردىن مەدەت كۈتىدۇ.
ئەقلى-ھوشى جايىدا ھەر ئىنسان بۇنىڭ بىر ئويۇن ئىكەنلىكىنى ئاسانلا بىلىۋالالايدۇ. لېكىن قارىماققا ئارزۇلىرىغا مۇۋاپىقتەك كۆرۈنگەنلىكى ئۈچۈن كۆپ ساندىكى كىشىلەر بۇنىڭ تەسىرىدىن ئۆزلىرىنى يوقىتىپ قويىدۇ. ئۇلار باشتا ئەقىللىرى بىلەن ھېس–تۇيغۇلىرى ئوتتۇرىسىدا كەسكىن كۈرەشلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ. ئاندىن ھېس-تۇيغۇلىرى ئەقىللىرى ئۈستىدىن غالىپ كېلىدۇ ۋە تۇزاققا چۈشىدۇ. مەلۇم مۇددەتتىن كېيىن ئەڭ كىچىك تاسادىپىيلىقلارنىمۇ تۇزاقچىلارنىڭ كارامىتى دەپ قارايدۇ، ئۇلارغا بەندە بولىدۇ. ھەممىسى بۇ ئويۇننى ئوبدان بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزئارا بىر جىنايەتچىلەر گۇرۇھىدەك بىر-بىرىگە چىڭ باغلىنىدۇ.
ئاللاھقا يۆنەلگەن ھەر ئىنسان بۇ تۇزاقلارنى ئۇچرىتىدۇ. بۇنداقلار كۆپىنچە ھېسسىياتچان كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرى ئەتراپىدا ئېتىلىۋاتقان خۇراپات بومبلىرى بىلەن بىرلەشكەندە ئۇلارنىڭ تۇزاققا چۈشۈشى ئاسان بولىدۇ. نەتىجىدە نەسىللەر بويى ئاللاھنىڭ دىنىغا قىلىنغان ئىلاۋەلەر بىلەن ئاللاھنىڭ دىنىدىن يىراقلاشقان، لېكىن ئاللاھنىڭ دىنىنى سۇيىئىستېمال قىلىدىغان بۈيۈك بىر جامائەت ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
ئەمدى مۇشرىكلارنى يېقىندىن تونۇشقا تىرىشايلى:
 
داۋامى بار……..

 


[1] – ئىبنى ھىشام، سىرەتۇننەبىي، م. مۇھيىددىن ئابدۇلھەمىدنىڭ تەھقىقى بىلەن، بېيرۇت، 1401/1981، 1- توم، 216- بەت.

[2]– ئىش ئۇلار ئۇلار دېگەندەك بولمايدۇ. يەنى ئۇلارنىڭ بىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئېتىبارلىق كىشىلەرمىز، دېگەن سۆزلىرى يالغان بولۇپ، ئۇلار ئاللاھنى كۆرەلمەيدۇ ۋە ئاللاھنىڭ ئىنئامىغا ئېرىشەلمەيدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر