مۇسۇلمانلار

ئاياللار بايرىمى دۇرۇسمۇ؟

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
مۇسۇلمانلار ئاياللار بايرىمى (يەنى 8-مارت ئاياللار بايرىمى)، بالىلار بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى دېگەندەك بايراملارنى ئۆتكۈزسە بولامدۇ؟ مۇسۇلمانلار قانداق بايراملارنى ئۆتكۈزسە بولىدۇ؟
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
بۇ سوئالغا تۆۋەندىكى تۆت نۇقتىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ جاۋاب بېرىشكە توغرا كېلىدۇ:
1- مۇسۇلمانلارنىڭ پەقەت ئىككىلا بايرىمى بار
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەدىنىلىكلەرنىڭ جاھىلىيەت دەۋىدە ئىككى بايرىمى بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
 «سىلەرنىڭ ئىككى كۈنۈڭلار بار ئىدى. ئۇ ئىككى كۈندە بايرام قىلاتتىڭلار. ئاللاھ سىلەرگە ئۇ ئىككى كۈننىڭ ئورنىغا ئۇ ئىككى كۈندىن ياخشى بولغان روزا ھېيت كۈنىنى ۋە قۇربان ھېيت كۈنىنى بەردى»[].
بۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنى بويىچە ئېيتقاندا، مۇسۇلمانلارنىڭ يىلدا ئىككى بايرىمى بار: بىرى روزا ھېيت، يەنە بىرى قۇربان ھېيت. ئۇ ئىككى بايرامدىن باشقا بايراملار يەھۇدىيلارنىڭ ياكى خرىستىئانلارنىڭ ۋە ياكى باشقا كاپىرلارنىڭ بايراملىرى بولۇپ، بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ئۇ بايراملارنى تەبرىكلەش، تەبرىكەيدىغانلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە قېتىلىش توغرا بولمايدۇ. چۈنكى كاپىرلارنىڭ دىنى مۇراسىم ۋە بايراملىرىنى  تەبرىكلەش، ئۇلارنىڭ دىنى شۇئارلىرىنى ياقتۇرغانلىق، ئۇلارنى بۇ ئىشلىرىدا قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەنلىك، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى توغرا دەپ قارىغانلىق، نەتىجىدە ئاللاھنى غەزەپلەندۈرگەنلىك بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«إِن تَكْفُرُوا فَإِنَّ اللَّهَ غَنِيٌّ عَنكُمْ وَلَا يَرْضَى لِعِبَادِهِ الْكُفْرَ وَإِن تَشْكُرُوا يَرْضَهُ لَكُمْ وَلَا تَزِرُ وَازِرَةٌ وِزْرَ أُخْرَى ثُمَّ إِلَى رَبِّكُم مَّرْجِعُكُمْ فَيُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ إِنَّهُ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ»
 «ئەگەر كاپىر بولساڭلار، بىلىپ قويۇڭلاركى: ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىمانىڭلارغا موھتاج ئەمەستۇر. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ كاپىر بولۇشىغا رازى بولمايدۇ. ئەگەر شۈكۈر قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەردىن رازى بولىدۇ. ھېچبىر گۇناھكار باشقىسىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. ئاخىرىدا ھەممىڭلار رەببىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاندىن ئۇ سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇ دىلىڭلاردىكىنى بىلگۈچىدۇر»- زۇمەر 39/7.
2- باشقا بايرام قىلىش ئىسلامنىڭ تاماملىنىپ بولغانلىقىغا ئىشەنمىگەنلىك بولىدۇ
ئاللاھ تەئالا يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:
«الْيَوْمَ أَكْمَلْتُ لَكُمْ دِينَكُمْ وَأَتْمَمْتُ عَلَيْكُمْ نِعْمَتِي وَرَضِيتُ لَكُمُ الإِسْلاَمَ دِيناً»
«بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلامنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم»- مائىدە 5/3.
بىز مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى بولغان ئىسلام قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل بولۇپ بولۇشى بىلەن تاماملىنىپ بولغان. بۇنىڭ مەنىسى، ئىسلام دىنى ئىمان ئاساسلىرى، ئىسلام شەرتلىرى، ئەخلاق پىرىنسىپلىرى، ئىبادەت قائىدىلىرى ۋە مۇئامىلە ئەھكاملىرى… قاتارلىق پۈتكۈل تەلىماتلىرىدا مۇكەممەلدۇر، تولۇقتۇر. يەنى باشقا بىر دىننىڭ بىرەر پائالىيىتىگە ياكى باشقا بىر دىننىڭ دىندارىنىڭ بىر ئادىتىگە ئېھتىياجى يوقتۇر. مۇسۇلمان تۇرۇپ ئۆز دىنى بولغان ئىسلامدا ئاساسى يوق دىنى ئىشلارنى ياكى غەيرىي مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قۇبۇل قىلغۇچى ئىسلام دىنىنىڭ تاماملىنىپ بولغانلىقىغا ئىمان كەلتۈرمىگەن بولىدۇ.
3- باشقا بايرام قىلىش ئىسلامدىن باشقا بىر دىن ئىزدىگەنلىك بولىدۇ
 ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَمَن يَبْتَغِ غَيْرَ الإِسْلاَمِ دِيناً فَلَن يُقْبَلَ مِنْهُ وَهُوَ فِي الآخِرَةِ مِنَ الْخَاسِرِينَ»
«كىم ئىسلامدىن باشقا بىر دىن ئىزدەيدىكەن، بىلىپ قويسۇنكى، ئۇ دىن ئۇنىڭدىن ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ ۋە ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىدۇ»- ئال ئىمران 3/85.
غەيرىي مۇسۇلمانلارنىڭ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇلارنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇش، ئىختىيارىي ھالدا ئۇلارنىڭ بايرام مۇراسىملىرىغا قاتنىشىش، ئۇلارنىڭ بايرام كۈنلىرىدە ئۇلارنىڭ خوشاللىقىغا خۇشال بولۇش ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى ياقتۇرغانلىق، شۇنداقلا ئىسلامدىن باشقا بىر دىن ئىزدىگەنلىك بولىدۇ.
4- باشقا بايرام قىلىش غەيرىي مۇسۇلمانلارغا ئوخشىۋالغانلىق بولىدۇ
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسەلام مۇنداق دېگەن:
«كىمكى قانداقلا بىر قەۋمگە (مىللەتكە) ئوخشىۋالىدىكەن، ئۇ شۇ قەۋمنىڭ قاتارىدىن بولۇپ كېتىدۇ»[].
غەيرىي مۇسۇلمانلارغا ئوخشىۋېلىش ئۇلارنىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىدىغان نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىشتا بولىدۇ. مەسىلەن: ئىككى ھېيتتىن باشقا بايراملارنى ئۆتكۈزۈش، تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈش، بۈشۈك توي ئۆتۈزۈش، خرىستىئانلارنىڭ راھىب ۋە راھىبەلىرىنىڭ مەخسۇس راھىبلىق كىيىملىرىنى كىيىش، بۇددىستلەرنىڭ دىنى كىيىملىرىنى كىيىش… قاتارلىقلار ئۇلارغا ئوخشىۋالغانلىق بولۇپ دىنىمىز بۇنىڭدىن مەنئى قىلىدۇ.
ئەسكەرتىش:
ئەگەر ئىشچى-خىزمەتچى، ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچى ۋە ئىدارە-جەمئىيەتتە كادىرلىق قىلىۋاتقان مۇسۇلمانلار ئۇنداق بايراملارغا قېتىلمىسا ئىشىدىن ئايرىلىپ قېلىش، خىزمەتتىن ھەيدىلىش، مەكتەپتىن قوغلىنىش خەۋپى بولسا، بۇنداق قېرىنداشلىرىمىز كۆڭلىدە نارازى بولۇش شەرتى بىلەن ئۇ بايراملارغا قېتىلسا بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تەئالا باشقا بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:
«مَن كَفَرَ بِاللّهِ مِن بَعْدِ إيمَانِهِ إِلاَّ مَنْ أُكْرِهَ وَقَلْبُهُ مُطْمَئِنٌّ بِالإِيمَانِ وَلَـكِن مَّن شَرَحَ بِالْكُفْرِ صَدْراً فَعَلَيْهِمْ غَضَبٌ مِّنَ اللّهِ وَلَهُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ»
«ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن ئاللاھقا كاپىر بولۇپ، (قەلبى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرۇپ مەجبۇرلانغانلار مۇستەسنا) كۆڭلىنى كاپىرلىققا ئاچقانلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن غەزەپ ياغىدۇ ھەمدە ئۇلار چوڭ بىر ئازابقا دۇچار بولىدۇ» ـ نەھل 16/106.
بۇ ئايەتتە قەلبى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرغان لېكىن مەجبۇرلىنىش ئاستىدا ئىماندىن يانغانلىقىنى بىلدۈرگەنلەرنىڭ مۇرتەد بولۇپ كەتمەيدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. مەجبۇرلىنىش ئاستىدا ئۇنداق بايراملارغا قېتىلىش، كۇفۇر سۆزلەرنى قەلبى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرۇش شەرتى بىلەن مەجبۇرلىنىش ئاستىدا ئاغزىنىڭ ئۇچىدا قىلىش بىلەن ئوخشاشتۇر.
مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.

[]– بۇ ھەدىس سۈنەنۇننەسەئى، كىتابۇ سالاتىل ئىيدەين، بەيھەقى، ئەسسۈنەنۇلكۇبرا كىتابۇ سالاتىل ئىيدەين دە ئۆتىدۇ.

[]بۇ ھەدىس سۈنەنى ئەبۇداۋۇد ۋە مۇسنەدى ئەھمەددە ئۆتىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر