مۇسۇلمانلار

ۋەسىلە ۋە شېرىك 3

بىرىنچى بۆلۈم
دىن
دىن ھەققىدە ئىنساننى ئەڭ كۆپ ئالدايدىغان نەرسە ئاللاھنى بار ۋە بىر دەپ تونۇش بىلەنلا بولدى قىلىشتۇر. ئەسلىدە ئاللاھنىڭ بار ۋە بىر ئىكەنلىكىنى ھەر كىشى بىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممە ئادەم ئۆزىنى ئۆزى دىندار ھېسابلايدۇ.
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَإِذْ أَخَذَ رَبُّكَ مِنْ بَنِي آَدَمَ مِنْ ظُهُورِهِمْ ذُرِّيَّتَهُمْ وَأَشْهَدَهُمْ عَلَى أَنْفُسِهِمْ أَلَسْتُ بِرَبِّكُمْ قَالُوا بَلَى شَهِدْنَا أَنْ تَقُولُوا يَوْمَ الْقِيَامَةِ إِنَّا كُنَّا عَنْ هَذَا غَافِلِينَ. أَوْ تَقُولُوا إِنَّمَا أَشْرَكَ آَبَاؤُنَا مِنْ قَبْلُ وَكُنَّا ذُرِّيَّةً مِنْ بَعْدِهِمْ أَفَتُهْلِكُنَا بِمَا فَعَلَ الْمُبْطِلُونَ. وَكَذَلِكَ نُفَصِّلُ الْآَيَاتِ وَلَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ»
«رەببىڭ ئادەم بالىلىرىدىن يەنى ئۇلارنىڭ بەللىرىدىن ئۇلارنىڭ نەسىللىرىنى ئالغاندا ئۇلارنى ئۆزلىرىگە قارشى گۇۋاھ قىلىپ تۇرۇپ: ‹مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئەمەسمۇ؟› دېدى. ئۇلار: ‹ھەئە، رەببىمىزدۇرسەن، بىز بۇنىڭغا گۇۋاھ بولدۇق› دېدى. ئى ئىنسانلار ئەمدى سىلەر قىيامەت كۈنى: ‹بىز بۇنىڭدىن غاپىل ئىدۇق› دېيەلمەيسىلەر. شۇنىمۇ دېيەلمەيسىلەر: ‹ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئىلگىرى شېرىك كەلتۈرگەن ئىدى، بىز بولساق ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن بىر نەسىل ئىدۇق. باتىلغا چۆمگەن ئۇ كىشىلەرنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلى بىزنى ھالاك قىلامسەن؟› بىز ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز. بۇ ئۇلارنىڭ گۇمراھلىقتىن قايتىشلىرى ئۈچۈندۇر»-ئەئراف7/172-174.
خەلق ئىچىدە بىزگە «ئاللاھ تەرىپىدىن روزا مىساقتا ئېلىنغان ئەھدە» ياكى «قالۇ بەلادا ئاللاھقا بېرىلگەن ۋەدە» دېگەندەك ئىپادىلەر بىلەن ئۇچراپ تۇرىدىغان بۇ ھادىسە، ئىنساننىڭ ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ۋە بىرلىكىنى كەسكىن بىر شەكىلدە قوبۇل قىلىش ھادىسىسىدۇر. يۇقىرىدىكى ئايەت بۇ ئىشنىڭ ئادەم بالىلىرىنىڭ «بەللىرىدىن نەسىللىرىنىڭ ئېلىنىشى» ئەسناسىدا قەتئىيلەشكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. نەسىلنىڭ بەلدىن ئېلىنىشى نەسىلنى داۋاملاشتۇرىدىغان ئۇرۇقنىڭ ئېلىنىشىدۇر. ئىنسان بۇ ھالەتكە كەلگەن ۋاقىت بالاغەتكە يەتكەن بولىدۇ.
ئىنسان دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن باشلاپ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئوقۇشقا باشلايدۇ. چۈنكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى پەقەت قۇرئاندىكى ئايەتلەردىنلا ئىبارەت ئەمەس، بەلكى پۈتۈن مەۋجۇداتلاردا: ئاسمانلاردا، زېمىندا، ھايۋانلاردا، ئۆسۈملۈكلەردە، قىسقىسى ھەر يەردە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى بار[]. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«سَنُرِيهِمْ آيَاتِنَا فِي الْآفَاقِ وَفِي أَنفُسِهِمْ حَتَّى يَتَبَيَّنَ لَهُمْ أَنَّهُ الْحَقُّ»
«بىز ئۇلارغا ئەتراپىدىكى ۋە ئۆزلىرىدىكى ئايەتلىرىمىزنى كۆرسىتىپ تۇرىمىز. ئاخىرىدا قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئۇلار ئۈچۈن ئېنىق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ»- فۇسسىلەت 41/53.
ئىنساننىڭ ئەتراپىدا ۋە ئىچكى دۇنياسىدا ئوقۇغان ئايەتلىرى ئۇنىڭغا بىر ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىدىن خەۋەر بېرىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئىنسان كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا ئاللاھ ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈشكە باشلايدۇ. بۇ ھەقتە ئەتراپىدىكى كىشىلەردىن سوئاللارنى سورايدۇ. نەتىجىدە ئاللاھنىڭ بار ۋە بىر ئىكەنلىكى ھەققىدە تولۇق قانائەت ھاسىل قىلىدۇ. كۆز ئالدىدىكى ئايەتلەر ئارقىلىق گويا ئاللاھ ئۇنىڭدىن: «مەن سېنىڭ رەببىڭ ئەمەسمۇ» دەپ سورايدۇ، ئۇ تولۇق بىر قەتئىيلىك بىلەن «شۇنداق، رەببىمدۇرسەن، مەن بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمەن» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئىنسان بۇنى ئۆمۈر بويى ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى داۋاملىق جانلىق تۇرىدۇ. ئۇ ئىچكى دۇنياسىدا بۇنىڭدەك سوئاللارغا ھامان ھەر كۈن يولۇقۇپ تۇرىدۇ.
مۇشرىك شېرىك كەلتۈرگۈچى دېگەن بولىدۇ. شېرىكلىكنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۈچۈن ئاز دېگەندە ئىككى نەرسە بولۇشى كېرەك. ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگۈچى مۇشرىكنىڭ بىرىنچى ئىلاھى ھەر دائىم ئاللاھ بولىدۇ. ئاللاھنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكىنىڭ سان-ساناقسىز دەلىللىرى بار بولسىمۇ، لېكىن ئاللاھقا قوشۇلغان شېرىكلەرنىڭ ئاللاھقا خاس ئىسىم-سۈپەتلەردە ئاللاھ بىلەن ئورتاق ئىكەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق دەلىل-ئىسپات مەۋجۇت ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن ھېچبىر مۇشرىك ئۆزىنىڭ مۇشرىك بولۇشى ئۈچۈن ھېچقانداق سەۋەب تاپالمايدۇ ۋە مۇنداقمۇ دېيەلمەيدۇ:
«إِنَّمَا أَشْرَكَ آَبَاؤُنَا مِنْ قَبْلُ وَكُنَّا ذُرِّيَّةً مِنْ بَعْدِهِمْ أَفَتُهْلِكُنَا بِمَا فَعَلَ الْمُبْطِلُونَ»
 «ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئىلگىرى شېرىك كەلتۈرگەن ئىدى، بىز بولساق ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن بىر نەسىل ئىدۇق. باتىلغا چۆمگەن ئۇ كىشىلەرنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلى بىزنى ھالاك قىلامسەن؟»- ئەئراف 7/173.
ئىنساننىڭ بالاغەتكە يەتكەن چېغى مۇھىمدۇر. مەسئۇلىيەت بۇ چاغدا باشلىنىدۇ. ئاتا-ئانىلار ئەكسىچە بىر نەرسە سۆزلىسىمۇ بالاغەتكە يەتكەن ئىنسان ئاللاھنىڭ بارلىقىغا، بىرلىكىگە، پۈتۈن مەۋجۇداتنىڭ ئىگىسى ۋە خوجايىنى ئىكەنلىكىگە قەتئىي بىر شەكىلدە گۇۋاھچى بولىدۇ. بەزىلىرى بۇنى ئاشكارىلايدۇ، بەزىلىرى بېشىغا بىر ئېغىرچىلىق كەلگەندە ئاشكارىلايدۇ.
ئۆزلىرىنى خۇداسىز دەپ ئاتايدىغان ئاتېئىستلار ئاللاھنى ئۆز ئىشلىرىغا ئارىلاشتۇرۇشنى خالىمايدىغان كىشىلەردۇر. ئۇلار ئۆزلىرىنى ئىلاھلاشتۇرىدۇ ۋە ئۆزلىرىگە-ئۆزلىرى خوجا بولۇشقا تىرىشىدۇ. باشقا مۇشرىكلار بولسا ئاللاھنىڭ يېنىدا باشقا خوجىلار تېپىپ، ئۇلارنى ئاللاھىنى ئۇلۇغلىغاندەك ئۇلۇغلايدۇ ۋە ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۇلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن يۈرۈتۈشكە تىرىشىدۇ.
قۇرئاندا «زىكىر» دېگەن سۆزدىن تۈرلەنگەن كەلىمىلەر ئۆتىدۇ. زىكر- بىلىمنى زېھىندە ئىشلىتىشكە تەييار ھالاتتە تۇتماق، ئۇنى قەلبكە ۋە تىلغا كەلتۈرۈش، ئەسلەش دېگەن مەنالارنى ئىپادىلەيدۇ[]. زېھىندە بار بولغان بىلىمنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشنى تەزەككۇر (تذكر) دېيىلىدۇ. ئىنسان تۇغۇلۇشىدىن تا ئۆلگىنىگە قەدەر ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى كۆرگەن ھالدا ياشايدۇ. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلاردىكى ئايەتلەر بىلەن چەكلىك ئەمەس. ئىنساننىڭ تاشقى دۇنياسىدا (ئەتراپىدا) ھەم ئىچكى دۇنياسىدا بار بولغان ئايەتلەرمۇ بار. ئىنسان بىلىمىنىڭ تولىسىنى تاشقى دۇنياسىدىن (ئەتراپىدىن) ۋە ئىچكى دۇنياسىدىن ئوقۇغان ئايەتلەردىن ئالىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئۇ بىلىملەر تەبىئىي قانۇن ۋە ئەخلاقنىڭ ئالەمشۇمۇل پرىنسىپلىرىنى كۆرسىتىدۇ. قۇرئان، تەۋرات، ئىنجىل ۋە باشقا ئىلاھىي كىتابلارنىڭ ئورتاق ئىسمىمۇ «زىكر» دۇر[]. چۈنكى تاشقى ئالەمدە ۋە ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىدا بار بولغان ئايەتلەر بىلەن قۇرئاننىڭ ئايەتلىرى ئوتتۇرىسىدا تولۇق بىر ماسلىق بار. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«سَنُرِيهِمْ آيَاتِنَا فِي الْآفَاقِ وَفِي أَنفُسِهِمْ حَتَّى يَتَبَيَّنَ لَهُمْ أَنَّهُ الْحَقُّ»
«بىز ئۇلارغا ئەتراپىدىكى ۋە ئۆزلىرىدىكى ئايەتلىرىمىزنى كۆرسىتىپ تۇرىمىز. ئاخىرىدا قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئۇلار ئۈچۈن ئېنىق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ»-فۇسسىلەت 41/53.
شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرلەر ئىنسانلارنى «تەزەككۇر» غا يەنى زېھىنلەرگە يەرلەشكەن بىلىملەردىن پايدىلىنىشقا چاقىرغان. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇشرىكلارغا «…تەزەككۇر قىلمەمسىلەر!» يەنى بالىلىق دەۋرىڭلاردىن بېرى ئېرىشكەن بىلىمىڭلار بىلەن مېنىڭ سۆزلىرىمنى سېلىشتۇرۇپ ئۆتكۈزگەن خاتالىقىڭلارنى كۆرمەمسىلەر؟ دېيىشىنىڭ سەۋەبى ئەنە شۇ ئىدى.
دەرۋەقە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئاللاھنىڭ ياراتقانلىقىنى، لېكىن ئۇلارنىڭ «مەلەكۇتىنى» يەنى باشقۇرۇش ئىشىنى قۇياشقا، ئايغا ۋە يۇلتۇزلارغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى دەۋا قىلاتتى. ئۇلارنى يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدەك كۆرەتتى، ھەر بىرىدە بىر روھانىيەت بار دەپ ئېتىقاد قىلاتتى. بۇ سەۋەب بىلەن تىلەكلىرىنى ئۇلارغا سۇناتتى، ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئۇلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن يۈرۈتۈشكە تىرىشاتتى. ئۇلارنىڭ ھەيكەللىرىنىڭ ئالدىدا ھۆرمەت بىلەن ئېگىلەتتى. ئۇلارغا قۇربانلىقلىرىنى سۇنۇپ ئۆزلىرىگە قارىتىشقا تىرىشاتتى. بۇ ئۇلارنى ئاللاھقا ئورتاق قىلغانلىق ئىدى. ئۇلار ئىجتىمائىي ھالەتنى شۇنىڭغا ئاساسەن شەكىللەندۈرگەن ئىدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئېلىپ بارغان كۆزىتىشلىرى نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ (قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلارنىڭ) كائىناتنى باشقۇرۇشتا نېسىۋىدار بولالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن «خەتەرلىك» بولشقا باشلىغان ئىدى. ئاللاھ تەئالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«وَكَذَلِكَ نُرِي إِبْرَاهِيمَ مَلَكُوتَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَلِيَكُونَ مِنَ الْمُوقِنِينَ. فَلَمَّا جَنَّ عَلَيْهِ اللَّيْلُ رَأَى كَوْكَبًا قَالَ هَذَا رَبِّي فَلَمَّا أَفَلَ قَالَ لَا أُحِبُّ الْآَفِلِينَ. فَلَمَّا رَأَى الْقَمَرَ بَازِغًا قَالَ هَذَا رَبِّي فَلَمَّا أَفَلَ قَالَ لَئِنْ لَمْ يَهْدِنِي رَبِّي لَأَكُونَنَّ مِنَ الْقَوْمِ الضَّالِّينَ. فَلَمَّا رَأَى الشَّمْسَ بَازِغَةً قَالَ هَذَا رَبِّي هَذَا أَكْبَرُ فَلَمَّا أَفَلَتْ قَالَ يَا قَوْمِ إِنِّي بَرِيءٌ مِمَّا تُشْرِكُونَ. إِنِّي وَجَّهْتُ وَجْهِيَ لِلَّذِي فَطَرَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ حَنِيفًا وَمَا أَنَا مِنَ الْمُشْرِكِينَ. وَحَاجَّهُ قَوْمُهُ قَالَ أَتُحَاجُّونِّي فِي اللَّهِ وَقَدْ هَدَانِ وَلَا أَخَافُ مَا تُشْرِكُونَ بِهِ إِلَّا أَنْ يَشَاءَ رَبِّي شَيْئًا وَسِعَ رَبِّي كُلَّ شَيْءٍ عِلْمًا أَفَلَا تَتَذَكَّرُونَ»
«شۇنىڭدەك، بىز ئىبراھىمغا ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ باشقۇرۇلۇشىنى كۆرسىتەتتۇقكى، ئۇ كەسكىن بىلىمى بولغۇچىلاردىن بولسۇن.
ئۇ كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى ئۈستىنى يېپىپ ئورىغاندا بىر يۇلتۇز كۆردى، ‹بۇ مېنىڭ رەببىمدۇر› دېدى. يۇلتۇز پېتىپ كېتىۋىدى ‹مەن پېتىپ كەتكۈچىلەرنى ياخشى كۆرمەيمەن› دېدى.
ئاندىن تۇغۇۋاتقان ئاينى كۆرۈپ: ‹بۇ مېنىڭ رەببىمدۇر› دېدى. ئۇ مۇ پېتىپ كېتىۋىدى: ‹رەببىم ماڭا توغرا يولنى كۆرسەتمىسە، مەن چوقۇم ئېزىپ كەتكۈچى قەۋمدىن بولۇپ كېتىمەن› دېدى.
ئاندىن چىقىۋاتقان كۈننى كۆرۈپ: ‹بۇ مېنىڭ رەببىمدۇر. بۇ تېخىمۇ چوڭدۇر!› دېدى. ئۇ مۇ پېتىپ كېتىۋىدى مۇنداق دېدى: ‹ئى قەۋمىم! مەن سىلەر ئاللاھقا شېرىك قىلىۋاتقان نەرسىلەردىن ئادا- جۇدامەن.
شۈبھىسىزكى، مەن يۈزۈمنى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان زاتقا يۈزلەندۈردۈم، ھەقكە بۇرالدىم، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەس›.
قەۋمى ئۇنىڭ بىلەن تالاش-تارتىش قىلىشتى. ئىبراھىم دېدىكى: ‹سىلەر مەن بىلەن ئاللاھ توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلىشامسىلەر؟ ئۇ مېنى ھىدايەت قىلغان تۇرسا. مەن سىلەرنىڭ ئۇنىڭغا شېرىك قىلغان نەرسىلىرىڭلاردىن قورقمايمەن. لېكىن رەببىمنىڭ بىر نەرسە خالىشىدىن قورقىمەن. رەببىمنىڭ ئىلمى ھەر نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. تەزەككۇر قىلمامسىلەر؟»- ئەنئام 6/75-80.
ئايەتنىڭ ئاخىرىدىكى «تەزەككۇر قىلمامسىلەر؟» دېگەنلىك «مېنىڭ كۆرگەنلىرىمنى سىلەرمۇ كۆرۈۋاتىسىلەر، ئۇلارنىڭ كائىناتنى باشقۇرۇشتا ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى سىلەرمۇ چۈشەنگەنسىلەر. بۇ بىلىمىڭلارنى ئىشلەتسەڭلار بولمامدۇ؟» دېگەنلىك بولىدۇ.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا «شۈبھىسىزكى، مەن يۈزۈمنى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان زاتقا يۈزلەندۈردۈم، ھەقكە بۇرالدىم، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەس» دېگەن چاغدا ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ھېچكىم «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان كىم؟» دەپ سورىمىغان ئىدى. چۈنكى ئۇلار ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچىنىڭ ئاللاھ ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:
«وَكَيْفَ أَخَافُ مَا أَشْرَكْتُمْ وَلاَ تَخَافُونَ أَنَّكُمْ أَشْرَكْتُم بِاللّهِ مَا لَمْ يُنَزِّلْ بِهِ عَلَيْكُمْ سُلْطَاناً فَأَيُّ الْفَرِيقَيْنِ أَحَقُّ بِالأَمْنِ إِن كُنتُمْ تَعْلَمُونَ»
 «مەن سىلەر ئاللاھقا شېرىك قىلغان نەرسىلەردىن قانداقمۇ قورقاتتىم! ھالبۇكى، سىلەر ئاللاھ ئۆزىنىڭ شېرىكى ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھېچبىر دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىنى ئاللاھقا شېرىك قىلىشتىن قورقمايۋاتىسىلەر. بۇ ئىككى پىرقىنىڭ قايسىسى قورقماسلىققا تېگىشلىك؟ ئەگەر بىلسەڭلار دەپ بېقىڭلار»- ئەنئام 6/81.
مۇشرىك ئەڭ ئاز بولغاندا ئىككى ئىلاھقا ئىشىنىدۇ. مۇشرىكلارنىڭ بىرىنچى ئىلاھى ھەر دائىم ئاللاھ بولىدۇ. ئىككىنچى ئىلاھى بولسا ئۇلارنىڭ ئاللاھقا ۋەسىلە بولىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلغان نەرسىسىدۇر. ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى بىردىنبىر ئاساسى چوڭلىرىدىن ئاڭلىغان-بىلگەنلىرىدۇر. بۇلار ئەقىللىرىنى ئىشلەتمەيدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ تَعَالَوْاْ إِلَى مَا أَنزَلَ اللّهُ وَإِلَى الرَّسُولِ قَالُواْ حَسْبُنَا مَا وَجَدْنَا عَلَيْهِ آبَاءنَا أَوَلَوْ كَانَ آبَاؤُهُمْ لاَ يَعْلَمُونَ شَيْئاً وَلاَ يَهْتَدُونَ»
«ئۇلارغا ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە كېلىڭلار، دېيىلسە: ‹ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ يولى بىزگە كۇپايە› دەيدۇ. ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرى ھېچ نەرسە بىلمىگەن ۋە ھىدايەت تاپمىغان كىشىلەر بولسىمۇ شۇنداق قىلامدۇ؟»-مائىدە 5/104.
«وَيَجْعَلُ الرِّجْسَ عَلَى الَّذِينَ لاَ يَعْقِلُونَ»
 «ئاللاھ پاسكىنىچىلىقنى ئەقلىنى ئىشلەتمەيدىغانلارنىڭ ئۈستىدە قىلىدۇ»- يۇنۇس 10/100.
ئاللاھنىڭ بار ۋە بىر ئىكەنلىكىنى شەخسىي كۆزىتىشلىرىمىز بىلەن چۈشىنىمىز ۋە بۇ سەۋەبتىن ئەشھەدۇ ئەن لا ئىلاھە ئىللەللاھ «أَشْهَدُ أَنْ لاَ إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ» يەنى «مەن گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق» دەيمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرگە ئېھتىياج بولسا ئىدى، «مەن گۇۋاھلىق بېرىمەنكى،…» نىڭ ئورنىغا «شۇ پەيغەمبەرنىڭ بىلدۈرىشىچە دەيمەنكى،…» دېيىشكە توغرا كېلەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانداق پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاش بىلەن ئەمەس، ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوقلۇقىنى، پەقەت ئاللاھقىلا قۇل بولۇشنىڭ لازىملىقىنى چۈشەندۈرۈش بىلەن مەشغۇل بولغان. ئەسلىدە ئەقلىنى ئىشلەتكەن ھەر كىشى بۇنىڭ مۇشۇنداق ئىكەنلىكىنى ئاسانلا كۆرەلەيدۇ. پەيغەمبەرلەرگە قارشى چىققۇچىلار خاتا ئېتىقاد ئۈستىگە قۇرۇپ چىققان ھايات پرىنسىپلىرىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن قورقىدىغانلار ۋە ئۇلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كەتكەن خاتا يولدىكى كىشىلەردۇر.
پەيغەمبەرگە ۋە پەيغەمبەر ئېلىپ كەلگەن كىتابقا ئىشەنگەنلەرمۇ دەۋرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كىتابنى ئۆزلىرىگە بويسۇندۇرۇشقا، نۇرغۇنلىغان ئايەتلەرنى كۆرمەسكە سېلىشقا ۋە شۇ بويىچە بىر ھايات قۇرۇشقا باشلىغان. يەھۇدىيلار، خرىستىئانلار ۋە ئۆزلىرىنى مۇسۇلمان دەپ ئاتايدىغان بەزىلەر بۇ گۇرۇپپىغا كىرىدۇ.

[] – خالىغانلار تۆۋەندە قۇرئان كەرىمدىكى سۈرىسى ۋە نومۇرى بېرىلگەن ئايەتلەرگە ئۈستىدە تەپەككۇر قىلسا بولىدۇ: بەقەرە 2/164؛ ئالى ئىران 3/190؛ ئەنئام 6/97، 99؛ ئەئراف 7/26، 58؛ يۇنۇس 10/5، 6، 67، 92، 101؛ يۇسۇف 12/7، 35؛ رەئد 13/2، 3، 4؛ نەھل 16/13، 65، 66، 67، 68، 69، 79؛ ئىسرا 17/12؛ كەھف 18/9؛ مەريەم 19/10؛ تاھا 20/128؛ ئەنكەبۇت 29/24، 33، 34،35؛ رۇم 30/21، 22، 23، 24، 28؛ لۇقمان 31/31، 32؛ سەجدە 32/26؛ سەبەئ 34/15؛ زۇمەر 39/42، 52؛ مۇئمىن 40/13؛ جاسىيە 45/3، 4، 5، 6؛ زارىيات 51/22، 23، 35، 36، 37؛ قەمەر 54/12، 13، 14، 15. 

[] – راغىب ئەلئىسفەھانى، مۇفرەدات، دەمەشق ۋە بېيرۇت، 1412/1992، «ذ ك ر» ماددىسى.

 [] – ئال ئىمران 3/58؛ ئەئراف 7/63؛ ھىجر 15/6، 9؛ نەھل 16/44؛ ئەنبىيا 21/2، 50، 105؛ فۇرقان 25/18؛

 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر