مۇسۇلمانلار

تەرىقەتچىلىككە نەزەر 11

14- غەيىبنى بىلىش
غەيىب سەزگۈ ئەزا بىلەن سەزگىلى بولمايدىغان، ئىنساننىڭ بىلىش دائىرىسىدىن يىراق بولغان نەرسىدۇر[1].
ئاللاھدىن باشقىسى بىلەلمەيدىغان نەرسىلەر مۇتلەق غەيب دېيىلىدۇ.
باشقا بىر كىشى بىلگەن نەرسە مۇتلەق غەيىب كاتېگورىيەسىگە كىرمەيدۇ. مەسىلەن: كۆڭلىڭىزدىن ئۆتكەنلەرنى مەن بىلمەيمەن، لېكىن سىز بىلىسىز. ئۇ ماڭا نىسبەتەن غەيىب بولىدۇ، سىزگە نىسبەتەن غەيىب بولمايدۇ.
ئىشانلار غەيىبنى بىلگەنلىكىنى دەۋا قىلىدۇ. ھەتتا تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ قىيامەتنىڭ قاچان قايىم بولىدىغانلىقىنى، ئەتە نېمە بولىدىغانلىقىنى ۋە نەدە ئۆلىدىغانلىقىنى بىلگەنلىكىنى سۆزلىگەنلەرمۇ بار. ئەمدى بۇ مەسىلىدە قۇرئاننىڭ قانداق كۆزگە ئىلىنمىغانلىقىغا بىر مىسال بېرەيلى:
 ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«إِنَّ اللَّهَ عِنْدَهُ عِلْمُ السَّاعَةِ وَيُنَزِّلُ الْغَيْثَ وَيَعْلَمُ مَا فِي الْأَرْحَامِ وَمَا تَدْرِي نَفْسٌ مَاذَا تَكْسِبُ غَدًا وَمَا تَدْرِي نَفْسٌ بِأَيِّ أَرْضٍ تَمُوتُ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ خَبِيرٌ (34)»سورة لقمان
«قىيامەت ۋاقتىنىڭ ئىلمى پەقەت ئاللاھنىڭلا يېنىدىدۇر. ئاللاھ يامغۇرنى ياغدۇرىدۇ ۋە رەھىملەردىكىنى بىلىدۇ. ھېچكىم ئەتە نېمە ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ھېچكىم قەيەردە ئۆلۈشىنى بىلمەيدۇ. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچىدۇر»- لۇقمان 31/34.
بۇ توغرىدا ئەھمەد ئىبنى ئەلمۇبارەك ئۆزىنىڭ غوجىسى (ئىشانى) ئابدۇلئەزىز ئەددەبباغقا مۇنداق سوئال قويغان:
– غوجام! زاھىر ئالىملاردىن[2] ھەدىسچىلەر ۋە باشقىلار قۇرئاندا لۇقمان سۈرىسىدە زىكىر قىلىنغان بەش غەيىب نەرسىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىلىپ-بىلمىگەنلىكى ھەققىدە ئىختىلاپلاشقان ئىكەن. جانابلىرى بۇنىڭغا قانداق قارايلا؟
ئۇ ئىشان مۇنداق جاۋاپ بەرگەن:
– بۇ بەش غەيىب نەرسە قانداقمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەجھۇل[3]قالىدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈممىتىدىن تەسەررۇپقا[4] ھوقۇقلۇق[5] بىرىنىڭ تەسەررۇپتا بولالىشى ئۈچۈن بۇ بەش نەرسىنى بىلىشى كېرەك[6].
دېمەككى، بۇلار ئەتە نېمە بولىدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ نەدە ئۆلىدىغانلىقىنى ۋە قىيامەتنىڭ قاچان قايىم بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا بۇ كىشىلەر يۇقىرىدىكى ئايەتنى (نەئۇزۇ بىللاھ) كۈچكە ئىگە ئەمەس، دەپ قارايدۇ. ئەمدى مۇنۇ ئايەتلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزەيلى:
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«يَسْأَلُونَكَ عَنِ السَّاعَةِ أَيَّانَ مُرْسَاهَا قُلْ إِنَّمَا عِلْمُهَا عِنْدَ رَبِّي لَا يُجَلِّيهَا لِوَقْتِهَا إِلَّا هُوَ ثَقُلَتْ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ لَا تَأْتِيكُمْ إِلَّا بَغْتَةً يَسْأَلُونَكَ كَأَنَّكَ حَفِيٌّ عَنْهَا قُلْ إِنَّمَا عِلْمُهَا عِنْدَ اللَّهِ وَلَكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ (187)» سورة الأعراف
«ئۇلار سەندىن قىيامەتنىڭ قاچان قايىم بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ. ئېيتقىنكى: ‹ئۇنىڭغا دائىر ئىلىم پەقەت رەببىمنىڭلا يېنىدىدۇر. ئۇنى ۋاقتىدا ئاللاھ ئۆزى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. ئۇ ئاسمانلارغا ۋە زېمىنغا ئېغىر كېلىدۇ. ئۇ سىلەرگە تۇيۇقسىزلا كېلىدۇ›. گويا سەن ئۇنىڭ ۋاقتىنى بىلىدىغاندەك ئۇلار سەندىن سورىشىدۇ. ئېيتقىنكى: ‹ئۇنىڭغا دائىر ئىلىم پەقەت ئاللاھنىڭلا يېنىدىدۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ›.»- ئەئراف 7/187.
«يَسْأَلُونَكَ عَنِ السَّاعَةِ أَيَّانَ مُرْسَاهَا (42) فِيمَ أَنْتَ مِنْ ذِكْرَاهَا (43) إِلَى رَبِّكَ مُنْتَهَاهَا (44) إِنَّمَا أَنْتَ مُنْذِرُ مَنْ يَخْشَاهَا (45)» سورة النازعات
«ئى مۇھەممەد! ئۇلار سەندىن قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى سورايدۇ. قاچان قايىم بولىدۇ؟ دەپ. سەن نەدە، قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى ئېيتىپ بېرىش نەدە! ئۇنى پەقەت رەببىڭ بىلىدۇ. سەن ئۇنىڭدىن قورقىدىغانلارنى ئاگاھلاندۇرغۇچىسەن، خالاس»- نازىئات 79/42 – 45.
ئابدۇلئەزىز ئەددەبباغقا ئوخشاش قۇرئاننى كۆزىگە ئىلمايدىغان ۋە ئۆزىنى قۇرئاندىن ئۈستۈن كۆرىدىغان دىمىغى ئۈستۈنلەرنىڭ سۆزلىرىنى بۇ يەرگە ئېلىشنى خالىمايتتىم. لېكىن ئەپسۇسكى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادلىرى مۇشۇنىڭدەك سۆزلەر بىلەن بۇلغانماقتىدۇر.
ئوقۇغۇچىلىق يىللىرىمدا ھەسەن بەسرىي چانتاينىڭ «قۇرئان ھەكىم ۋە مەئالى كەرىم» ناملىق قۇرئان تەرجىمىسىنى كۆپ ئوقۇيتتىم. ئۇ تەرجىمىدە ئابدۇلئەزىز ئەددەبباغ مۇقەددەسلەشتۈرۈلگەن، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئەلئىبرىز» ناملىق كىتاپتىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ بەزى ئايەتلەر ئىزاھلانغان ئىدى. بۇ سەۋەبتىن ئەلئىبرىز مەن ھەۋەس قىلغان ۋە ئوقۇشنى ئارزۇ قىلغان كىتابلىرىمنىڭ ئارىسىغا كىرگەن ئىدى.
بۇ كىتابنىڭ جەلال يىلدىرىم قىلغان تەرجىمىسىنى ئوقۇدۇم. جەلال يىلدىرىم كىرىش سۆزىدە ئەلئىبرىزنى مۇقەددەسلەشتۈرىدۇ. ئۇنىڭچە، «… ئەلئىبرىز بۇ ماۋزۇدا يېزىلغان باشقا كىتابلار ئارىسىدا ساپ ئالتۇن ئورنىدىدۇر. چۈنكى ئابدۇلئەزىز ئەددەبباغ كامىل دەرىجسىدىكى بۈيۈك ئەۋلىيادۇر. ئىلىم ئادەملىرىنى گاڭگىرىتىپ قويغان، ئەقىللەرنى ئىشلىمەس قىلىپ قويغان، تەسەۋۋۇپ ئەربابىنى ھەيران قالدۇرغان لەدۇننىي[7] بىر ئىلىم – ئىرپانغا ئىگىدۇر. ئۇ بۇ كىتابتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك روھى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرىنى، مىسال ۋە مەلەكۇت ئالىمىدىكى كۆزىتىشلىرىنى بىر-بىرلەپ كۆرسەتمەكتىدۇر…»[8]
مىسال ئالىمى چۈش ئالىمى دېگەن بولىدۇ. مەلەكۇت ئالىمى بولسا پەرىشتىلەر ۋە روھلار تۇرىدىغان، سەزگۈلەر بىلەن بىلگىلى بولمايدىغان ئالەم دېگەن بولىدۇ. ھەر ئىككىلىسىنى بىرلەشتۈرۈپ غەيىب ئالىمى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ پلاتوننىڭ ئىدەلەر ئالىمى چۈشەنچىسىنىڭ تەسەۋۋۇپتا ئەكس ئېتىشىدۇر.
 بىر كىشىنىڭ مىسال ۋە مەلەكۇت ئالىمىدە كۆزىتىشلەردە بولۇشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمىغىنىدەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ روھى بىلەن سۆزلەشكەنلىك دەۋاسىنىمۇ قۇبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. چۈش كۆرۈش مەسىلىسى بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر. توغرا چۈشنى ھەر كىشى كۆرەلەيدۇ.
ئەلئىبرىز قۇرئانغا تۈپتىن زىت دەۋالار بىلەن تولغان بىر كىتابتۇر. بۇ دەۋالارنى بەزى پەلسەپىۋىي ئىزاھلارغا تايىنىپ ۋە سىر پەردىسى بىلەن يۆگەپ توغرا كۆرسۈتۈشكە تىرىشىش كىمگە نېمە پايدا ئېلىپ كېلىدۇ؟ قۇرئان تەپسىرى يازغان بىر كىشىنىڭ بۇنداق ئىشلارغا كۈچ سەرپ قىلىشى نېمىدېگەن يامان- ھە!
مېنىڭ ئۇ كىتابنى ئوقۇغان چېغىمدا قانداق ھالەتكە كەلگەنلىكىمنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ. مەن ئوقۇشنى ئىنتايىن ئارزۇ قىلغان كىتابنىڭ قۇرئانغا ئوچۇقتىن-ئوچۇق زىت سۆزلەرنى بىر ئالاھىدىلىك ھېسابلىشىغا ئېچىنايمۇ ياكى قۇرئان كەرىمنى تەفسىر قىلغان كىشىلەرنىڭ قۇرئان كەرىمنى كۆزگە ئىلمىغان قەبىھ سۆزلەر بىلەن تولغان بىر كىتابنى مۇقەددەسلەشتۈرگەنلىكىگە ئەپسۇسلىنايمۇ؟
مۇسۇلمانلار بۈگۈنكى ئەھۋالغا بىكاردىن بىكار چۈشۈپ قالمىدى، ئەلۋەتتە.
ئەمدى غەيىبكە مۇناسىۋەتلىك سۆھبىتىمىزگە ئۆتەيلى:
ئىشان: ئەۋلىيالارنىڭ ئىنساننىڭ دىلىدىن ئۆتكەنلەرنى بىلىشى ھەقتۇر ۋە ئەمەلىيەتتۇر. بۇ كەشفى زەمائىر، كەشف ما فىلقۇلۇب دېيىلىدۇ. بۇنىڭ نۇرغۇنلىغان تەسەۋۋۇپ كىتابىدا ئەۋلىيا تەرجىمىھاللىرىدە كۆپ مىساللىرى بار. غەرب ئالىملىرىمۇ بۇنىڭغا ئوخشىغان ئادەتتىن تاشقىرى ۋەقەلىكلەرنى ئىلمىي جەھەتتىن ئوتتۇرىغا قويغان.
بۇنى «دىلدىكىنى ئوقۇماق»، «تەلەپاتى»، «مەلۇم بولماق» دېگەندەك ئىسىملار بىلەن خەلقىمىزمۇ بىلىدۇ. كەمىنە غوجامدىن بۇنىڭ ناھايىتى كۆپ مىسالىنى كۆردۈم، بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈم.
سەن بىزگە سۈرەئى ئەنئامنىڭ 50- ئايىتىنى دەلىل كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتىسەن. سەن مۇفتىلىقنىڭ پەتىۋا بۆلۈمىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتىسەن[9]. راستىمنى ئېيتسام ئەجەپلەندىم ھەم ئېچىندىم ھەم ئەيىبلىدىم. ئىسلامىي ئىلىملەر بۇ قەدەر كەينىگە كەتكەنمىدۇ، دەپ ئەپسۇسلاندىم.
بۇ شەرىئەتكە زىت ئەمەس. مەشھۇر قۇربى نەۋافىل (يەنى نەفلە ئىبادەتلەر بىلەن ئاللاھقا يېقىنلىشىش بايان قىلىنغان) ھەدىستە پەيغەمبىرىمىز ئاللاھ تەئالانىڭ «…ئۇ ئابىد ۋە زاھىد بەندەمنى ياخشى كۆرگەن ۋاقتىمدا ئۇنىڭ كۆرىدىغان كۆزى، ئىشتىدىغان قۇلىقى، سۆزلەيدىغان تىلى، تۇتىدىغان قولى، ماڭىدىغان پۇتى بولىمەن. ئۇ مەن بىلەن كۆرىدۇ، مەن بىلەن ئىشتىدۇ، مەن بىلەن سۆزلەيدۇ، مەن بىلەن تۇتىدۇ ۋە مەن بىلەن ماڭىدۇ» دېگەنلىكىنى ئېيتىدىغۇ. ئۇ مانا مۇشۇ ھالەتتۇر[10].
بايىندىر: ئىسلامىي ئىلىملەر بۇ قەدەر كەينىگە كەتكەنمىدۇ، دەپ ئەپسۇسلىنىۋاتىسىزغۇ، مانا بۇ يەردە سىز ھەقلىق. ئىسلامىي ئىلىملەر يوقىلىپ، ئورنىنى خۇراپاتلارنىڭ ئالغانلىقىنى ماڭا سىز ئۆگەتكەن بولدىڭىز.
رەھمەتلىك مەھمەد زاھىد قوتقۇ «ئەھلى سۈننەت ئەقائىدى» ناملىق كىتابىدا بىر كىشىنى كاپىر قىلىدىغان سۆز ۋە ئەھۋاللارنى تۇنۇشتۇرۇپ مۇنۇلارنى يازىدۇ:
«غەيىبنى بىلىمەن» دەپ دەۋا قىلغان كىشىنى تەستىقلىغان،
«مەن ئوغرىلانغان ماللارنى بىلىمەن» دېگەن،
«ماڭا جىنلار خەۋەر ئېلىپ كېلىدۇ» دېگەن ۋە ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى تەستىقلىغانلار كاپىر بولىدۇ. چۈنكى غەيىبنى ئىنسانمۇ بىلمەيدۇ، جىنمۇ بىلمەيدۇ. ئەكسىچە غەيىبنى يالغۇز ئاللاھلا بىلىدۇ[11].
ئەمدى سىز بېرىپ «ئەۋلىيالارنىڭ ئىنساننىڭ دىلىدىن ئۆتكەننى بىلىشى بىر ھەقتۇر ۋە ئەمەلىيەتتۇر» دېگەن كىشىنىڭ ئورنىنى تەيىن قىلىڭ[12].
ئىشان: سەن غەيىب دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى ۋە غەيىبنىڭ تۈرلىرىنى بىلمەستىن سۆزلەۋاتىسەن. مۇتلەق غەيىبنى پەقەتلا ئاللاھ جەللە جەلالۇھۇ ھەزرەتلىرى بىلىدۇ، ئۇ بىلدۈرمىسە پەيغەمبەرلەرمۇ، ئەۋلىيالارمۇ بىلەلمەيدۇ. لېكىن رەببۇلئالەمىين (ئالەملەرنىڭ رەببى) بىلدۈرسە ھەر نەرسە بىلىنىدۇ ۋە سۆزلىنىدۇ. بىر كىشىنىڭ قەلبىدە، زېھنىدە، نىيىتىدە ۋە ئىچىدە ساقلىغان نەرسىسى «مۇتلەق غەيىب» ئەمەستۇر. ئۇنى بىلگىلى بولىدۇ، ئادەتتىكىدەكلا ئوقۇغىلى بولىدۇ[13].
بايىندىر: ئاللاھدىن باشقىسى بىلەلمەيدىغان نەرسىلەر مۇتلەق غەيىبدۇر. بىر نەرسىنى ئاللاھدىن باشقا بىرى بىلەلەيدىغان بولسا ئۇ مۇتلەق غەيىب بولمايدۇ. مەسىلەن: كۆڭلىڭىزدىن نېمىلەرنىڭ كېچىۋاتقانلىقىنى مەن بىلمەيمەن، ئەمما سىز بىلىسىز.
مۇنافىقلارنىڭ قەلبلىرىدە بولغانلار مۇتلەق غەيىب ئەمەس. چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىچىلىرىنى بىلىدۇ. ئەمما ئايەتى كەرىمە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدىكىلەرنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئوچۇق ئىپادىلەيدۇ.
ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:
«وَمِمَّنْ حَوْلَكُمْ مِنَ الْأَعْرَابِ مُنَافِقُونَ وَمِنْ أَهْلِ الْمَدِينَةِ مَرَدُوا عَلَى النِّفَاقِ لَا تَعْلَمُهُمْ نَحْنُ نَعْلَمُهُمْ سَنُعَذِّبُهُمْ مَرَّتَيْنِ ثُمَّ يُرَدُّونَ إِلَى عَذَابٍ عَظِيمٍ (101)» سورة التوبة
«ئەتراپىڭلاردىكى بەدەۋى ئەرەبلەردىن ۋە مەدىنە ئەھلىدىن مۇنافىقلىق قىلىشقا كۆنۈپ كەتكەن مۇنافىقلار بار. سەن ئۇلارنى بىلمەيسەن، ئۇلارنى بىز بىلىمىز»- تەۋبە 9/101.
ئىشان: بىر ماۋزۇدا تەتقىقات ئېلىپ بارغاندا، ماۋزۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك پۈتۈن تەپسىلاتلار توپلانمىسا توغرا نەتىجىگە ۋە ھەقىقەتكە ئېرىشكىلى بولمايدۇ. بىر ئايەتى كەرىمەنى دەلىل سۈپىتىدە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇ ھەقتىكى باشقا ئايەتلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىش ناقىسلىقتۇر، يېتەرسىزلىكتۇر، جىنايەتتۇر، مەنىۋى جەھەتتىنمۇ بۈيۈك خەتەردۇر. توغرا، ئەنئام سۈرىسىنىڭ 50- ئايىتى كەرىمەسىدە مۇنداق دېيىلىدۇ:
«قُلْ لَا أَقُولُ لَكُمْ عِنْدِي خَزَائِنُ اللَّهِ وَلَا أَعْلَمُ الْغَيْبَ وَلَا أَقُولُ لَكُمْ إِنِّي مَلَكٌ إِنْ أَتَّبِعُ إِلَّا مَا يُوحَى إِلَيَّ…» سورة الأنعام
«ئېيتقىنكى: مەن سىلەرگە ‹ئاللاھنىڭ خەزىنىلىرى مېنىڭ يېنىمدا› دېمەيمەن. مەن غەيىبنىمۇ بىلمەيمەن. سىلەرگە: ‹مەن چوقۇم بىر پەرىشتە› مۇ دېمەيمەن. مەن ماڭا ۋەھيى قىلىنغان نەرسىگىلا ئەگىشىمەن…›»- ئەنئام 6/50.
بۇ مۇشۇنداق، لېكىن يۇسۇف سۈرىسىنىىڭ 96- ئايىتىدە يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ:
«…ۋە مەن سىلەر بىلمىگەن نەرسىلەرنى ئاللاھ تەرىپىدىن (ماڭا بىلدۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈن) بىلىمەن»[14]
بايىندىر: ئۆزىڭىزنىڭ سۆزىنى ئۆزىڭىز بىكار قىلىۋاتىسىز. «بىر كىشىنىڭ قەلبىدە، زېھنىدە، نىيىتىدە، ئىچىدە ساقلىغان نەرسىنى بىلگىلى بولىدۇ، ئادەتتىكىدەك ئوقۇغىلى بولىدۇ» بولسا، يەئقۇب ئەلەيھىسسالام يۇسۇفنى قۇدۇققا تاشلاشنى قارار قىلىپ[15]، ئۇنى ئۆزلىرى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن روخسەت سورىغان ئوغۇللىرىغا نېمە ئۈچۈن ئۇنى قوشۇپ قويدى؟
يۇسۇفنى قۇدۇققا تاشلىۋېتىپ يېغلىغان ھالدا يېنىغا كەلگەن ئوغۇللىرىنىڭ قەلبلىرىدىكىنى ئوقۇپ، ئۆزىگە يېقىن بىر يەردىكى قۇدۇقتا تۇرىۋاتقان ئوغلىنى نېمىشقا قۇتۇلدۇرمىدى؟
ئازراق پىكىر يۈزگۈزۈپ باقىدىغان بولساڭلار، يۇسۇف سۈرىسىنىڭ 96- ئايىتىنىڭمۇ سىلەر ئۈچۈن دەلىل بولالمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىسىلەر.
سۈرىنىڭ باش تەرىپىدە يۇسۇف كۆرگەن بىر چۈشىنى ئاتىسى يەئقۇب ئەلەيھىسسالامغا ئېيتقانلىقى، يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولىدىغانلىقىنى چۈشەنگەنلىكى بايان قىلىنغان ئىدى. بۇ سەۋەبتىن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. ئايەتلەر مۇنداق:
«إِذْ قَالَ يُوسُفُ لِأَبِيهِ يَا أَبَتِ إِنِّي رَأَيْتُ أَحَدَ عَشَرَ كَوْكَبًا وَالشَّمْسَ وَالْقَمَرَ رَأَيْتُهُمْ لِي سَاجِدِينَ (4) قَالَ يَا بُنَيَّ لَا تَقْصُصْ رُؤْيَاكَ عَلَى إِخْوَتِكَ فَيَكِيدُوا لَكَ كَيْدًا إِنَّ الشَّيْطَانَ لِلْإِنْسَانِ عَدُوٌّ مُبِينٌ (5) وَكَذَلِكَ يَجْتَبِيكَ رَبُّكَ وَيُعَلِّمُكَ مِنْ تَأْوِيلِ الْأَحَادِيثِ وَيُتِمُّ نِعْمَتَهُ عَلَيْكَ وَعَلَى آَلِ يَعْقُوبَ كَمَا أَتَمَّهَا عَلَى أَبَوَيْكَ مِنْ قَبْلُ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْحَاقَ إِنَّ رَبَّكَ عَلِيمٌ حَكِيمٌ (6)» سورة يوسف
«ئۆز ۋاقتىدا يۇسۇف ئاتىسىغا: ‹دادىكا! مەن چۈشۈمدە ئون بىر يۇلتۇز، كۈن ۋە ئاينى كۆردۈم. ئۇلارنى ماڭا سەجدە قىلىۋاتقان ھالەتتە كۆردۈم> دېگەن ئىدى.
ئاتىسى مۇنداق دېدى: ‹ئوغۇلچىقىم! چۈشۈڭنى قېرىنداشلىرىڭغا دېمە. دېسەڭ ساڭا سۈيقەست قىلىدۇ. چۈنكى شەيتان ئىنسانغا ئاشكارا دۈشمەندۇر.
چۈشۈڭدە كۆرگىنىڭدەك رەببىڭ سېنى ئەلچىلىككە تاللايدۇ، ساڭا چۈش تەبىرىنى ئۆگىتىدۇ، بۇرۇن ئىككى ئاتاڭ ئىبراھىم ۋە ئىسھاققا نېمىتىنى تاماملىغاندەك، ساڭىمۇ ۋە يەئقۇب ئەۋلادىغىمۇ نېمىتىنى تاماملايدۇ. چۈنكى رەببىڭ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر>»- يۇسۇف 12/4 – 6.
11 يۇلتۇز يۇسۇفنىڭ 11 قېرىندىشى، كۈن ۋە ئاي بولسا ئاتا – ئانىسى دەپ تەبىر بېرىلگەن[16]. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇلار ئۇنىڭ ئالدىدا ھۆرمەت بىلەن ئىگىلەتتى. يەئقۇب شۇ كۈننى كۈتمەكتە ئىدى. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەەيدۇ:
«فَلَمَّا أَنْ جَاءَ الْبَشِيرُ أَلْقَاهُ عَلَى وَجْهِهِ فَارْتَدَّ بَصِيرًا قَالَ أَلَمْ أَقُلْ لَكُمْ إِنِّي أَعْلَمُ مِنَ اللَّهِ مَا لَا تَعْلَمُونَ (96)» سورة يوسف
«ئاندىن خۇش خەۋەرچى كېلىپ كۆڭلەكنى يەئقۇبنىڭ يۈزىگە تاشلىغان ئىدى، كۆزلىرى قايتا كۆرىدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن يەئقۇب: مەن سىلەرگە، ئاللاھ تەرىپىدىن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن، دېمىگەنمىدىم؟ دېدى»- يۇسۇف 12/96.
سىز غەيىبنى بىلىشكە دەلىل كەلتۈرگەن ئايەت مانا بۇ ئەھۋالنى بايان قىلماقتا.
سىزنىڭ سۆزلىرىڭىز مۇرىدلىرىڭىزنى گاڭگىرىتىپ قويىدۇ[17]. مەسىلەن: مەدىنە مۇنەۋۋەردە ھاجىلار بىلەن پاراڭلىشىۋېتىپ غەيىبنى ئاللاھدىن باشقا ھېچكىمنىڭ بىلەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقانىدىم. مۇرىدلىرىڭىزدىن بىر خانىم مۇنداق دېدى: «سىز ئۇنداق دېگەن بىلەن، مېنىڭ غوجام (ئىشانىم) كېچە ياتىقىمدا نەچچە قېتىم ئوڭغا، نەچچە قېتىم سولغا ئۆرۈلگەنلىكىمنىمۇ بىلىدۇ.»
ئىشان: (سەكرەپ قوپۇپ) ئاللاھ بىلدۈرسە بىلەلمەمدۇ؟ ئاللاھنىڭ بۇنىڭغا كۈچى يەتمەمدۇ؟
بايىندىر: ئاللاھنىڭ كۈچى يەتمەيدىغان نېمە بار؟ لېكىن ئاللاھنىڭ كۈچى بىلەن دەلىل كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. ئاللاھ خالىسا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى دوزاخقا، شەيتاننى جەننەتكە كىرگۈزەلمەمدۇ؟ ئۇنىڭ بۇنى قىلىشقا كۈچى يەتمەمدۇ؟
ئىشان: ئەلۋەتتە يېتىدۇ.
بايىندىر: لېكىن ئۇ، شەيتاننى دوزاخقا كىرگۈزىدىغانلىقىنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بولسا جەننەتتە «ماقامى مەھمۇد» دېيىلىدىغان ئەڭ ئۈستۈن ماقامغا كىرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن[18].
پۈتۈن غەيىبنى بىلىدىغان رەببىمىز مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ سىلەرگە غەيىبنى ھەرگىزمۇ بىلدۈرمەيدۇ» (ئال ئىمران 3/179). ئۇ بۇنداق دېگەن تۇرسا، كىم بۇنىڭ ئەكسىنى داۋا قىلالايدۇ؟
ئىشان: ئەمما ئاللاھ تەئالا يەنە بىر يەردە مۇنداق دەيدۇ:
«ئاللاھ پۈتۈن غەيىبنى بىلىدۇ، غەيىبنى ھېچكىمگە ئاشكارا قىلمايدۇ. لېكىن ئۆزى خالىغان ئەلچى بۇنىڭدىن مۇستەسنا»- جىن 72/26 – 27.
ئەۋلىيالار ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ ۋارىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئاشكارا قىلىنغان غەيىب ئۇلارغىمۇ ئاشكارا قىلىنىدۇ.
بايىندىر: ئۇ ئايەتلەر ئەلچىلەرگە ۋەھىينىڭ كېلىش شەكلى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن ئايەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇش كېرەك:
ئاللاھ تەئالا ئۇ يەردە مۇنداق دەيدۇ:
«عَالِمُ الْغَيْبِ فَلَا يُظْهِرُ عَلَى غَيْبِهِ أَحَدًا (26) إِلَّا مَنِ ارْتَضَى مِنْ رَسُولٍ فَإِنَّهُ يَسْلُكُ مِنْ بَيْنِ يَدَيْهِ وَمِنْ خَلْفِهِ رَصَدًا (27) لِيَعْلَمَ أَنْ قَدْ أَبْلَغُوا رِسَالَاتِ رَبِّهِمْ وَأَحَاطَ بِمَا لَدَيْهِمْ وَأَحْصَى كُلَّ شَيْءٍ عَدَدًا (28)» سورة الجن
«رەببىم غەيىبنى بىلگۈچىدۇر. ئۇ غەيىبنى ھېچكىمگە ئاشكارىلىمايدۇ.
ئۆزى رازى بولغان ئەلچىسى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭ ئالدىغا ۋە ئارقىسىغا كۆزەتچىلەر قويىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەلچى بىلىدۇكى، ئۇلار رەببىنىڭ ئەلچىلىكلىرىنى يەتكۈزدى. ئۆزىمۇ ئۇلار ئېلىپ كەلگەن ۋەھىينى تولۇق بىلدى ۋە بىر – بىرلەپ چۈشەندى»- جىن 72/26 – 28.
ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ يېنىغا شەيتانمۇ كېلىشى مۇمكىن. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَمَا أَرْسَلْنَا مِنْ قَبْلِكَ مِنْ رَسُولٍ وَلَا نَبِيٍّ إِلَّا إِذَا تَمَنَّى أَلْقَى الشَّيْطَانُ فِي أُمْنِيَّتِهِ فَيَنْسَخُ اللَّهُ مَا يُلْقِي الشَّيْطَانُ ثُمَّ يُحْكِمُ اللَّهُ آَيَاتِهِ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ (52)» سورة الحج
«شەيتان بىز سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن ھەر رەسۇل ۋە ھەر نەبىنىڭ قىلغان ئارزۇسىغا ۋەسۋەسە سالدى. لېكىن ئاللاھ شەيتان سالغان ۋەسۋەسىنى بەربات قىلىپ ئۆزىنىڭ ئايەتلىرىنى مۇستەھكەملىدى. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»- ھەج 22/52.
بەزى تەفسىرلەردە ئەنئام سۈرسىنىڭ نازىل بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان مۇنداق بىر ھەدىس نەقىل قىلىنىدۇ: «رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: قۇرئاندىن ئەنئام سۈرىسىدىن باشقا بىر سۈرە ماڭا بىر پۈتۈن ھالەتتە نازىل بولمىدى. شەيتانلار بۇ سۈرە ئۈچۈن جۇغلاشقانچىلىك ھېچبىر سۈرە ئۈچۈن جۇغلاشمىغان ئىدى. بۇ سۈرە ماڭا جىبرائىل بىلەن بىرلىكتە 50 مىڭ پەرىشتە بىلەن ئەۋەتىلدى. ئۇلار بۇنى چۆرىدىۋېلىپ، بىر توي دەبدەبىسى بىلەن ئېلىپ كەلدى»[19]
ئەلچى يېنىغا كەلگۈچىنىڭ پەرىشتە ئىكەنلىكىگە ۋە سۆزلىگەن سۆزگە شەيتان ۋەسۋەسىسى ئارلىشىپ قالمىغانلىقىغا ئىشىنىشى لازىم. جانابى ئاللاھنىڭ ۋەھىي ئەسناسىدا ئەلچىنىڭ ئەتراپىغا پەرىشتىلەرنى تىزىشى مۇشۇ سەۋەپتىندۇر.
ۋەھىينىڭ كېلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر ئايەتنى كەلتۈرۈپ، غەيىبنى بىلگىلى بولىدىغانلىققا دەلىل كەلتۈرۈش مۇمكىنمۇ؟
 
داۋامى بار…..


[1]– راغىب ئەلئىسفەھانى، مۇفرەدات ئەلفازىل قۇرئان، 616- بەت، غ ي ب ماددىسى.

[2]– تەرىقەتچىلەرنىڭ قارىشىچە تەپسىر، ھەدىس، فىقىھ ئالىملىرى زاھىر ئالىملاردۇر. ئۆزلىرىنىڭ غوجا-ئىشانلىرى باتىن ئالىملاردۇر.

[3]– بۇ بەش غەيىبنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قانداقمۇ بىلمەي قالىدۇ؟ دېمەكچى.

[4]– تەسەررۇپ كائىناتتا بولىدىغان ئىشلارنى مەيدانغا كەلتۈرۈش، كائىناتتىكى نەرسىلەرنى ۋە ئىشلارنى ئۆزى چاغلاپ ئورۇنلاشتۇرۇش دېگەن بولۇپ، بۇ ئاللاھ تەئالا ئۆزىنىڭ رەببىلىك سۈپىتى بىلەن قىلىدىغان ئىشلاردۇر. يارىتىش، تىرىلدۈرۈش، ئۆلتۈرۈش، پېقىر قىلىش، باي قىلىش، ئاسمان – زېمىننىڭ ئىنتىزامىنى ساقلاش، يامغۇر ياغدۇرۇش، ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرۈش، كېسەللەرگە شىپالىق بېرىش، … قاتارلىق ئىشلارنى قىلىش «كائىناتتا تەسەررۇپ قىلىش» دېيىلىدۇ.

[5]– تەسەررۇپ قىلىش ھوقۇقى توغرىسىدىكى دەۋا قۇرئانغا تۈپتىن خىلاپتۇر ۋە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىكتۇر. بۇ ھەقتە «كۆرۈنمەيدىغان يارانلار» دېگەن بۆلۈمدە توختالغان ئىدۇق.

[6]– ئابدۇلئەزىز ئەددەبباغ، ئەلئىبرىز، ئىستانبۇل 1979، 1/521 – 522.

[7]– لەدۇننىي ئىلىم، يەنى ئىلمى لەدۇن مەسىلىسى 20- ماۋزۇدا چۈشەندۈرۈلىدۇ.

[8]– جەلال يىلدىرىمنىڭ ئەلئىبرىز تەرجىمىسىگە يازغان كىرىش سۆزىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى.

[9]– بۇ مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلغان تارىخلاردا مەن ئىستانبۇل مۇفتىلىقىنىڭ فەتۋا ھەيئىتى باشلىقى ئىدىم. جانابى ئاللاھ 1976- يىلى 8- ئايدىن 1997- يىلى 2- ئايغا قەدەر مۇفتىلىقنىڭ فەتۋا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش نېمىتىنى ماڭا بەخش ئەتكەن ئىدى. ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇسانالار ئېيتىمەن (بايىندىر).

[10]ئەساد جوشان (خەلىل نەجاتى ئوغلۇ)، ئەۋلىيانىڭ كارامىتى ھەقتۇر، باش ماقالە، ئىسلام ژورنىلى 1992-يىلى 8-ئاي 108-سان. بۇ ماقالە سۇلايمانىيە جامەسىدە قىلغان بىر تەبلىغىمدىكى بەزى ئىپادىلىرىمگە جاۋاب سۈپىتىدە يېزىلغان. ئەساد جوشان 2001-يىلى ۋاپات بولغان. ئۇ ئىسلام ئەدەبىياتى پروفېسسورى ھەمدە نەقشىبەندى تەرىقىتىنىڭ خالىدىي تارمىقىنىڭ ئىشانلىرىدىن ئىدى. بۇ تەرىقەت ئىستانبۇلدا ئىسكەندەر پاشا جامەسىنىڭ ئىمامى مەرھۇم مەھمەد زاھىد قوتقۇ يولىنىڭ داۋامى بولغانلىقى ئۈچۈن ئىسكەندەر پاشا جامائەتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ كۈنى پروفېسسور ئەسئەد جوشان ۋە ئۇنىڭ جامائەتىدىن نوپۇزلۇق كىشىلەر مەندىن ئىلگىرى جامەگە كېلىپ مىھراپنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغانىكەن. ئۇلار مەن قىلغان تەبلىغدىن بەك بىئارام بولغان ئىدى. مەن شۇ ۋاقىتقىچە تەسەۋۋۇپ ۋە تەرىقەتلەر ھەققىدە يېتەرلىك مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس ئىدىم. جوشان ئەپەندىنىڭ بۇ ماقالىسى مېنىڭ تەسەۋۋۇپ ۋە تەرىقەتلەر ھەققىدە ئىزدىنىشىمگە سەۋەب بولدى. قولىڭىزدىكى كىتابچە شۇ ۋاقىتتا باشلىغان، كېيىنچە كېڭەيتىلگەن مۇنازىرىلەرنىڭ مەھسۇلىدۇر.

[11]– مەھمەت زاھىد قوتقۇ، ئەھلى سۈننەت ئەقائىدى، كۈفرۈ مۇجىپ سۆزلەر ۋە ھاللەر، سەھا نەشرىياتى، ئىستانبۇل 1992، 134-بەت. بۇ كىتابنى نەشىر قىلغۇچى ئەسئەد جوشان ئەپەندىدۇر. دىمەك، بۇ كىشى بۇنداق مۇھىم بىر ماۋزۇدا ئۆز ئۇستازى يازغان كىتابنىمۇ ئوقىمىغان.

[12]ئەساد جوشان،  ئەھلى سۈننەت ئەقائىدى ناملىق كىتابنىڭ بېشىغا رەھمەتلىك قوتقۇ ھەققىدە مۇنۇلارنى يازىدۇ: «…ئىنساننىڭ دىلىدىن ئۆتكەننى بىلىدۇ، كەلگەنلەر سوئاللىرىنى سورىماستىن ئۇلارغا جاۋابلىرىنى بېرەتتى، ئېھتىياج ئىگىسى تەلەپ قىلماستىن ئۇنىڭغا موھتاج بولغان نەرسىسىنى بېرەتتى…». بۇ سۆزلەر ئەينى كىتابنىڭ 134- بېتىدىن ئېلىنغان نەقىلگە ئىشىنىپ تۇرۇپ سۆزلىگۈچىنى كاپىر قىلىدۇ.

[13]ئەساد جوشان (خەلىل نەجاتى ئوغلۇ)، ئىسلام ژورنىلى 1992-يىلى 8-ئاي 108-سان.

[14]– ئەساد جوشان، مەزكۇر ماقالىنىڭ داۋامى.

[15]– قېرىنداشلىرىنىڭ ئاتىسىدىن رۇخسەت ئېلىپ يۇسۇفنى ئېلىپ كېتىشى ۋە قۇدۇققا تاشلىشى يۇسۇف سۈرىسىدە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: «يۇسۇفنىڭ قېرىنداشلىرى ئۆزئارا مۇنداق دېيىشەتتى: ‹يۇسۇف ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ئاتىمىزغا بىزدىن بەك سۆيۈملۈك. ھالبۇكى، بىز كۈچلۈك بىر جامائەدۇرمىز. شۈبھىسىزكى، ئاتىمىز ئوچۇق- ئاشكارا بىر خاتالىق ئىچىدىدۇر.
يۇسۇفنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار ياكى ئۇنى بىر يەرگە تاشلىۋېتىڭلار، ئاتاڭلارنىڭ سۆيگۈسى سىلەرگىلا قالسۇن. ئۇنىڭدىن كېيىن ياخشى كىشىلەر بولىسىلەر›.
ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن سۆزى ئۆتىدىغان بىرى: ‹يۇسۇفنى ئۆلتۈرمەڭلار. ئۇنى قۇدۇقنىڭ كۆرگىلى بولمايدىغان چوڭقۇر يېرىگە تاشلىۋېتىڭلار، ئۆتكەن كارۋانلاردىن بىرى ئۇنى ئالسۇن. قىلساڭلار مۇشۇنداق قىلىڭلار› دېدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مۇنداق دېدى: ‹ئى ئاتىمىز! نېمە ئۈچۈن يۇسۇف توغرۇلۇق بىزگە ئىشەنمەيسەن؟ بىز ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن كۆيۈنىدىغان كىشىلەر تۇرساق.
ئەتە ئۇنى بىز بىلەن بىللە ئەۋەتكىن. سەيلە قىلىپ يايرىسۇن، ئوينىسۇن. بىز ئۇنى ياخشى قوغدايمىز›.
ئۇلارنىڭ ئاتىسى: ‹ئۇنى ئېلىپ كېتىشىڭلار مېنى ھەقىقەتەن قايغۇغا سالىدۇ. سىلەر ئويۇن بىلەن بولۇپ كەتكەن بىر ئەسنادا ئۇنى بۆرىنىڭ يەپ كېتىشىدىن قورقىمەن› دېدى.
ئۇلار: ‹بىز كۈچلۈك بىر گۇرۇھ تۇرۇغلۇق ئۇنى بۆرە يەپ كەتسە، بىز ئۇ تەقدىردە ھەقىقەتەن زىيانغا ئۇچرىغانلار بولىمىز!› دېدى»-  يۇسۇف 12/8 – 14.

[16]– مۇھەممەد ئىبنى جەرىر ئەتتەبەرى، تەفسىرۇتتەبەرى، بېيرۇت 1412/1992، 7- توم، 149- بەت.

[17]– بۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋالار ماخمۇت ئۇستا ئوسمان ئوغلۇ (ماخمۇت ئىشان) ۋە ئۇنىڭ ھەيئىتى بىلەن ئېلىپ بارغان مۇنازىرىمىزدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

[18]– « كېچىنىڭ بىر قىسمىدا ئويغۇنۇپ قۇرئان بىلەن تەھەججۇد نامىزى ئوقۇغىن، بۇ ناماز ساڭا ئارتۇقچە بىر ۋەزىپىدۇر. شۇنداق قىلساڭ رەببىڭ سېنى مەدھىيىلىنىدىغان بىر ماقامغا ئېرىشتۈرىشى مۇمكىن»- ئىسرا 1/79.

[19]– ئەلمالىلى مۇھەممەد ھامدى يازىر، ھەق دىنى قۇرئان دىلى، ئىستانبۇل 1936، 2- توم، 1861 – 1862- بەتلەر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر