مۇسۇلمانلار

تەرىقەتچىلىككە نەزەر 10

12- ئالىي روھلار ۋە تۆۋەن روھلار
ھايات ئىنساننى مۇقەددەسلەشتۈرۈش تەس، لېكىن ياخشى نام قالدۇرۇپ ئۆلۈپ كەتكەن كىشى ئاسانلا مۇقەددەسلەشتۈرۈلۈشى مۇمكىن. ئۇلۇغ روھلار مانا مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ روھلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇلار ئالىي ۋە پاك روھلارمۇ دېيىلىدۇ. يامان ئادەملەرنىڭ روھلىرى بولسا تۆۋەن روھ بولۇپ، نىجىس ۋە يامان روھلار دېيىلىدۇ.
مۇرىد: بىر ئۇستازىمىز مۇنداق دېگەن ئىدى:
«ئالىي ۋە پاك روھلار ئىنسانلارنى ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. نىجىس ۋە يامان روھلار بولسا ئىنسانلارغا زىيان يەتكۈزۈش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىدۇ. نىجىس ۋە يامان روھلار ئەينى ۋاقىتتا ئىنسانلارغا دۈشمەندۇر. پۈتۈن يامانلىق ۋە ئەسكىلىكلەرنىڭ ئارقىسىدا بۇلار بار. خاراكتېر، ئىرادە ۋە روھى جەھەتتىن ئاجىز ئىنسانلارنى تەسىرى ئاسىتىغا ئالىدۇ»[1].
بايىندىر: ناھايىتى ئېغىر بىر دەۋا. ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. لېكىن «ئالىي ۋە پاك روھلارنىڭ ئىنسانلارنى ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغانلىقى، نىجىس ۋە يامان روھلارنىڭ ئىنسانلارغا زىيان يەتكۈزۈش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقى»غا ئېتىقاد قىلىش ياخشىلىقنى ئالىي روھلاردىن، يامانلىقنى تۆۋەن روھلاردىن كۈتكەنلىك بولىدۇ.
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
{مَّا أَصَابَكَ مِنْ حَسَنَةٍ فَمِنَ اللّهِ وَمَا أَصَابَكَ مِن سَيِّئَةٍ فَمِن نَّفْسِكَ وَأَرْسَلْنَاكَ لِلنَّاسِ رَسُولاً وَكَفَى بِاللّهِ شَهِيداً }النساء79
«ساڭا قانداق ياخشىلىق كەلسە ئاللاھتىن كېلىدۇ، ساڭا قانداق يامانلىق كەلسە ئۆزۈڭدىن كېلىدۇ. ئى مۇھەممەد! سېنى بىز ئىنسانلارغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئاللاھ يېتەرلىك شاھىتتۇر»- نىسا4/79.
{قُل لاَّ أَمْلِكُ لِنَفْسِي نَفْعاً وَلاَ ضَرّاً إِلاَّ مَا شَاء اللّهُ} الأعراف 188
«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: مېنىڭ ئۆزۈم ئۈچۈن پايدىلىق ياكى زىيانلىق بىر ئىش قىلىشقا كۈچۈم يەتمەيدۇ. ئاللاھنىڭ خالىغىنى بۇنىڭدىن مۇستەسنا[2]»- ئەئراف 7/188.
 ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ھۆكۈمرانىدۇر. ئۇلارنى قوغداش ھوقۇقىنى ھېچكىمگە بەرمىگەن. ھەر نامازدىن كېيىن ئوقۇلىدىغان ئايەتەل كۇرسىيدە مۇنداق دېيىلىدۇ:
{وَسِعَ كُرْسِيُّهُ السَّمَاوَاتِ وَالأَرْضَ وَلاَ يَؤُودُهُ حِفْظُهُمَا وَهُوَ الْعَلِيُّ الْعَظِيمُ} البقرة 255
«ئاللاھنىڭ كۇرسىسى (ھاكىمىيەت دائىرىسى) ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ساقلاش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ. ئۇ ئۇلۇغدۇر، بۈيۈكتۇر»- بەقەرە 2/255.
ئاللا تەئالا يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:
{وَقُلِ الْحَمْدُ لِلّهِ الَّذِي لَمْ يَتَّخِذْ وَلَداً وَلَم يَكُن لَّهُ شَرِيكٌ فِي الْمُلْكِ وَلَمْ يَكُن لَّهُ وَلِيٌّ مِّنَ الذُّلَّ وَكَبِّرْهُ تَكْبِيراً} الإسراء111
«ئى مۇھەممەد! ‹ئاتا بولمىغان، پادىشاھلىقتا شېرىكى بولمىغان ۋە ئاجىزلىق سەۋەبىدىن بىر ۋەلىيگە (ياردەمچىگە) مۇھتاج بولمىغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن› دېگىن، ئاللاھنى شەنىگە لايىق بىر رەۋىشتە ئۇلۇغلىغىن»- ئىسرا 17/111.
دېمەككى، ئاللاھنىڭ ۋەلىيگە ئىھتىياجى يوق. ياخشىلىقنى بىر گۇرۇپپا روھانىيدىن، يامانلىقنى باشقا بىر گۇرۇپپا روھانىيدىن كۈتۈش ياخشىلىق تەڭرىلىرى ۋە يامانلىق تەڭرىلىرىنى ئويدۇرغانلىق بولىدۇ.
ئەمدى ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرگە قاراپ ئۇستازىڭىزنىڭ سۆزى ئۈستىدە بىرئاز پىكىر يۈرگۈزەيلى.
13- قۇرئاندا ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرى
 ئاللاھ تەئالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا خىتاپ قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
{وَأَرْسَلْنَاكَ لِلنَّاسِ رَسُولاً وَكَفَى بِاللّهِ شَهِيداً} النساء 79
«ئى مۇھەممەد! بىز سېنى ئىنسانلارغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئاللاھ يېتەرلىك شاھىتتۇر»- نىسا 4/79.
ئەرەپچىدە ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان كىشى رەسۇل دېيىلىدۇ[3]. فىقىھ ئىستىلاھىدا رەسۇل، ئىشقا ئۆزىنى ئارىلاشتۇرماستىن بىرىنىڭ سۆزىنى يەنە بىرىگە يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان كىشىدۇر[4]. ئاللاھ ئۆزىنىڭ سۆزلىرىنى ئىنسانلارغا يەتكۈزسۇن دەپ ۋەزىپىلەندۈرگەن كىشى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دېيىلىدۇ.
ئا- ۋەزىپىلىرى
ئاللاھ تەئالا ئەلچىلىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۈچ تۈرلۈك قىلىپ بەلگىلىگەن:
1) بۇيرۇقنى ئورنىغا يەتكۈزۈش (تەبلىغ).
ئاللاھ تەئالا بۇ توغرىدا مۇنداق دەيدۇ:
{فَهَلْ عَلَى الرُّسُلِ إِلاَّ الْبَلاغُ الْمُبِينُ} النحل 35
«ئەلچىلىرىنىڭ روشەن تەبلىغ قىلىشتىن باشقا ھېچقانداق ۋەزىپىسى يوق»- نەھل 16/35.
{يَا أَيُّهَا الرَّسُولُ بَلِّغْ مَا أُنزِلَ إِلَيْكَ مِن رَّبِّكَ وَإِن لَّمْ تَفْعَلْ فَمَا بَلَّغْتَ رِسَالَتَهُ وَاللّهُ يَعْصِمُكَ مِنَ النَّاسِ إِنَّ اللّهَ لاَ يَهْدِي الْقَوْمَ الْكَافِرِينَ }المائدة67
«ئى ئەلچى! رەببىڭدىن ساڭا نازىل قىلىنغان نەرسىنى تەبلىغ قىلغىن (يەتكۈزگىن)، ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭ ئۇنىڭ ئەلچىلىكىنى قىلمىغان بولىسەن»- مائىدە 5/67.
{وَمَا أَرْسَلْنَا مِن رَّسُولٍ إِلاَّ بِلِسَانِ قَوْمِهِ لِيُبَيِّنَ لَهُمْ} إبراهيم 4
«بىز قايسى ئەلچىنى ئەۋەتسەك، ئۇنى ئۆز قەۋمىنىڭ تىلى بىلەن ئەۋەتتۇق. بۇنى ئۇنىڭ ئۇ قەۋمگە بايان قىلىشى ئۈچۈن شۇنداق قىلدۇق.»- ئىبراھىم 14/4.
{وَمَا أَنزَلْنَا عَلَيْكَ الْكِتَابَ إِلاَّ لِتُبَيِّنَ لَهُمُ الَّذِي اخْتَلَفُواْ فِيهِ وَهُدًى وَرَحْمَةً لِّقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ} النحل 64
«بىزنىڭ ساڭا بۇ كىتابنى نازىل قىلىشىمىز، ئۇلارغا ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرىنى بايان[5] قىلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈندۇر ھەمدە بۇ كىتابنىڭ ئىمان ئېيتىدىغان بىر قەۋمگە ھىدايەت ۋە رەھمەت بولۇشى ئۈچۈندۇر، خالاس»- نەھل 16/64.
2) ئەمىرنى ئىجرا قىلىش.
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
{اتَّبِعْ مَا أُوحِيَ إِلَيْكَ مِن رَّبِّكَ لا إِلَـهَ إِلاَّ هُوَ وَأَعْرِضْ عَنِ الْمُشْرِكِينَ }الأنعام106
«ئى مۇھەممەد! رەببىڭدىن ساڭا ۋەھىي قىلىنغان نەرسىگە ئەگەشكىن. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. مۇشرىكلاردىن يۈز ئۆرۈگىن»- ئىنئام 6/106.
3) خۇش خەۋەر بېرىش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش.
 ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
{وَمَا نُرْسِلُ الْمُرْسَلِينَ إِلاَّ مُبَشِّرِينَ وَمُنذِرِينَ فَمَنْ آمَنَ وَأَصْلَحَ فَلاَ خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلاَ هُمْ يَحْزَنُونَ} الأنعام 48
«بىز ئەلچىلەرنى پەقەت خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتىمىز، كىم ئىمان ئېيتسا ۋە ئۆزىنى تۈزەتسە، ئۇلارغا ھېچقانداق قورقۇنچ يوق ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ»- ئەنئام 6/48.
{وَمَا أَرْسَلْنَاكَ إِلَّا كَافَّةً لِّلنَّاسِ بَشِيراً وَنَذِيراً وَلَكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ} سبأ 28
«بىز سېنى پەقەت پۈتۈن ئىنسانلار ئۈچۈن خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ»- سابەئ 34/28.
ب- ئەلچىنىڭ ھوقۇقى بولمىغان ئەھۋاللار:
1) ئەلچىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىش (ساقلاش ۋە قوغداش) ھۇقۇقى يوق.
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
{فَإِنْ أَعْرَضُوا فَمَا أَرْسَلْنَاكَ عَلَيْهِمْ حَفِيظاً إِنْ عَلَيْكَ إِلَّا الْبَلَاغُ} الشورى 48
«ئى مۇھەممەد! ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە، بىلگىنكى بىز سېنى ئۇلارغا كۆزەتچى قىلىپ ئەۋەتمىدۇق. سېنىڭ ۋەزىپەڭ تەبلىغ قىلىشتىنلا ئىبارەت.»- شۇرا 42- 48.
2) ئەلچىنىڭ ۋەكىللىك قىلىش ۋەزىپىسى يوق.
ئاللاھنىڭ ئەلچىسى خەلققە ئاللاھنىڭ ۋەكىللىكىنى قىلمايدۇ. شۇنىڭدەك، ئاللاھقا خەلقنىڭ ۋەكىللىكىنىمۇ قىلمايدۇ. ۋەكىلىمىز ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:
{وَلَوْ شَاء اللّهُ مَا أَشْرَكُواْ وَمَا جَعَلْنَاكَ عَلَيْهِمْ حَفِيظاً وَمَا أَنتَ عَلَيْهِم بِوَكِيلٍ} الأنعام 107
«ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئۇلار شېرىك كەلتۈرمەيتتى. بىز سېنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدە بىر كۈزەتچى قىلمىدۇق. سەن ئۇلارنىڭ ئۈستىدە بىر ۋەكىلمۇ ئەمەسسەن»- ئەنئامم 6/107.
{إِنَّمَا أَنتَ نَذِيرٌ وَاللّهُ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ وَكِيلٌ} هود 12
«سەن پەقەتلا بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىسەن. ئاللاھ ھەر نەرسىگە ۋەكىلدۇر»- ھۇد 11/12.
3) ئەلچى ھېچكىمنى توغرا يولغا كەلتۈرەلمەيدۇ.
بىزنى يولىغا قوبۇل قىلغان رەببىمىز مۇنداق دەيدۇ:
{إِنَّكَ لَا تَهْدِي مَنْ أَحْبَبْتَ وَلَكِنَّ اللَّهَ يَهْدِي مَن يَشَاءُ وَهُوَ أَعْلَمُ بِالْمُهْتَدِينَ} القصص 56
«سەن ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭنى ھىدايەت قىلالمايسەن، لېكىن ئاللاھ خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ. ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ»- قەسەس 28/56.
 ئەلچى توغرا يولغا باشلايدۇ، خالاس.
 ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
{وَإِنَّكَ لَتَهْدِي إِلَى صِرَاطٍ مُّسْتَقِيمٍ} الشورى 52
«شۈبھېسىزكى، سەن توغرا يولغا باشلايسەن»- شۇرا 42/52. 
4) ئەلچى بېسىم ئىشلىتەلمەيدۇ.
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
{فَذَكِّرْ إِنَّمَا أَنتَ مُذَكِّرٌ. لَّسْتَ عَلَيْهِم بِمُصَيْطِرٍ} الغاشية 21-22
«سەن ئۇلارغا نەسىھەت قىلغىن. سەن پەقەتلا بىر نەسىھەتچىسەن. سەن ئۇلارنىڭ ئۈستىدە بىر زورلىغۇچى ئەمەسسەن»- غاشىيە 88/21-22.
5) ئەلچى كۆڭۈلگە كەلگەننى بىلەلمەيدۇ.
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
{وَمِمَّنْ حَوْلَكُم مِّنَ الأَعْرَابِ مُنَافِقُونَ وَمِنْ أَهْلِ الْمَدِينَةِ مَرَدُواْ عَلَى النِّفَاقِ لاَ تَعْلَمُهُمْ نَحْنُ نَعْلَمُهُمْ سَنُعَذِّبُهُم مَّرَّتَيْنِ ثُمَّ يُرَدُّونَ إِلَى عَذَابٍ عَظِيمٍ} التوبة 101
«ئەتراپىڭلاردىكى بەدەۋى ئەرەبلەردىن ۋە مەدىنە ئەھلىدىن مۇنافىقلىق قىلىشقا كۆنۈپ كەتكەن مۇنافىقلار بار. سەن ئۇلارنى بىلمەيسەن، ئۇلارنى بىز بىلىمىز. بىز ئۇلارنى ئىككى قېتىم ئازابلايمىز. ئاندىن ئۇلار چوڭ بىر ئازابقا قايتۇرىلىدۇ»- تەۋبە 9/101.
{وَإِذَا رَأَيْتَهُمْ تُعْجِبُكَ أَجْسَامُهُمْ وَإِن يَقُولُوا تَسْمَعْ لِقَوْلِهِمْ كَأَنَّهُمْ خُشُبٌ مُّسَنَّدَةٌ يَحْسَبُونَ كُلَّ صَيْحَةٍ عَلَيْهِمْ هُمُ الْعَدُوُّ فَاحْذَرْهُمْ قَاتَلَهُمُ اللَّهُ أَنَّى يُؤْفَكُونَ} المنافقون 4
«مۇناپىقلارنى كۆرگەن چېغىڭدا، ئۇلارنىڭ جىسىملىرى سېنى ئەجەبلەندۈرىدۇ. ئەگەر ئۇلار سۆزلىسە سۆزىگە قۇلاق سالىسەن. ئۇلار گويا يۆلەپ قويۇلغان ياغاچلاردۇر. ئۇلار ھەر ئاۋازنىڭ ئۆزلىرىگە قارىتىلغانلىقىنى ئويلايدۇ. ئۇلار دۈشمەندۇر. ئۇلاردىن ئېھتىيات قىل. ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلسۇن! ئۇلار قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغاندۇ؟»- مۇنافىقۇن 63/4.
6) ئەلچى غەيىبنى بىلمەيدۇ.
ئۇ پەقەت ئاللاھ ئۆزىگە ۋەھىي قىلغان نەرسىلەرنىلا بىلىدۇ.
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
{قُل لاَّ أَقُولُ لَكُمْ عِندِي خَزَآئِنُ اللّهِ وَلا أَعْلَمُ الْغَيْبَ وَلا أَقُولُ لَكُمْ إِنِّي مَلَكٌ إِنْ أَتَّبِعُ إِلاَّ مَا يُوحَى إِلَيَّ قُلْ هَلْ يَسْتَوِي الأَعْمَى وَالْبَصِيرُ أَفَلاَ تَتَفَكَّرُونَ} الأنعام 50
«ئېيتقىنكى: مەن سىلەرگە ‹ئاللاھنىڭ خەزىنىلىرى مېنىڭ يېنىمدا› دېمەيمەن. مەن غەيبنىمۇ بىلمەيمەن. سىلەرگە: ‹مەن چوقۇم بىر پەرىشتە› مۇ دېمەيمەن. مەن ماڭا ۋەھىي قىلىنغان نەرسىگىلا ئەگىشىمەن. ئېيتقىنكى: ‹كور بىلەن كۆرگۈچى باراۋەر بولامدۇ؟ تەپەككۇر قىلمامسىلەر؟›»- ئەنئام 6/50.
{وَلَوْ كُنتُ أَعْلَمُ الْغَيْبَ لاَسْتَكْثَرْتُ مِنَ الْخَيْرِ وَمَا مَسَّنِيَ السُّوءُ إِنْ أَنَاْ إِلاَّ نَذِيرٌ وَبَشِيرٌ لِّقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ} الأعراف 188
«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى….: ‹ئەگەر غەيبنى بىلگەن بولسام، كۆپ ياخشىلىق ھاسىل قىلغان بولاتتىم، بېشىمغا ھېچبىر يامانلىق كەلمىگن بولاتتى. مەن ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن پەقەتلا بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە بىر خۇش خەۋەر بەرگۈچىمەن»- ئەئراف 7/188.
پەيغەمبەرلەر بۇ ئەھۋالدا تۇرسا، باشقا ئىنسانلارنىڭ ئەھۋالى قانداق بولار؟
داۋامى بار……

[1]– ئالىي روھلار ۋە تۆۋەن روھلار، زامان گېزىتى، 1993- يىلى، 9- ئاينىڭ 29- كۈنىدىكى سانى.

[2]– بۇ سۆزنىڭ مەنىسى، مەن ئۆزۈمگە ئاللاھنىڭ قانۇنى بويىچە پايدا ياكى زىيان يەتكۈزەلەيمەن، دېگەن بولىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرلەرمۇ ئاللاھنىڭ قانۇنىغا بويسۇنماستىن ھېچبىر پايدا قولغا كەلتۈرەلمەيدۇ، ھېچبىر زىيانغا ئۇچرىمايدۇ.

[3]– راغىب ئەلئىسفەھانى، مۇفرەدات، 353- بەت، ر س ل ماددىسى.

[4]– رىسالەت (ئەلچىلىك) بىر كىشىنىڭ باشقا بىر كىشىنىڭ سۆزىنى يەنە باشقا بىر كىشىگە ئەينەن يەتكۈزۈشىدۇر.- مەجەللە، 1450- ماددە. مەجەللە ئوسمانىيە دۆلىتىدە 1868- 1876 يىللىرى ئارىسىدا تەيارلانغان، قەرزلەر، نەرسە-كېرەكلەر ۋە سوتلاش ھوقۇق ئاساسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇن.- تۈركىيە دىيانەت ۋەخپى، ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى 28- توم.
 

[5]– بۇ ئىككى ئايەتتىكى «بايان قىلىش» نىڭ مەنىسىمۇ ئەينەن يەتكۈزۈشتۇر. چۈنكى ئال ئىمران سۈرىسىنىڭ 187- ئايىتىدە ئاللاھ تەئالا كىتابنى يوشۇرماسلىقنىڭ ئۇنى بايان قىلىش بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ ئايەتنىڭ تەرجىمىسى مۇنداق: «ئاللاھ كىتاب بېرىلگەنلەردىن: ‹كىتابنى ئىنسانلارغا بايان قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭدىن ھېچبىر نەرسىنى يوشۇرماڭلار› دەپ كەسكىن ئەھدە ئالغان ئىدى. لېكىن ئۇلار بۇ ئەھدىگە ۋاپا قىلماي ئۇ كىتابنى ئاز پۇلغا سېتىۋەتتى. ئۇلارنىڭ بۇ ئېلىم-سېتىمى نېمىدېگەن يامان!»- ئال ئىمران 3/187.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر