مۇسۇلمانلار

تەرىقەتچىلىككە نەزەر 9

10- شېھىتلەرنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىشى
مۇرىد: ئۇرۇشقا قاتناشقان شېھىت روھلىرى ھەققىدە نېمە دەيسەن؟ بۇنى دۈشمەنلەرمۇ قوبۇل قىلىدۇ. شېھىتلەرنىڭ ئۆلمىگەنلىكىگە قارىغاندا بۇ مۇمكىنغۇ؟ ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
{وَلاَ تَقُولُواْ لِمَنْ يُقْتَلُ فِي سَبيلِ اللّهِ أَمْوَاتٌ بَلْ أَحْيَاء} البقرة 154
«ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى ‹ئۆلۈكلەر› دېمەڭلار. بەلكى ئۇلار تىرىكلەردۇر»- بەقەرە 2/154.
بايىندىر: ئايەتنىڭ ئاخىرىنىمۇ ئوقۇسىڭىزچۇ! شېھىتلەرگە بۈيۈك ئىنئامى بولغان ئاللاھ تەئالا سىز ئوقۇغان ئايەتنىڭ داۋامىدا مۇنداق دەيدۇ:
{بَلْ أَحْيَاء وَلَكِن لاَّ تَشْعُرُونَ}
«بەلكى ئۇلار تىرىكلەردۇر، لېكىن سىلەر ھېس قىلمايسىلەر». ئاللاھ «ھېس قىلمايسىلەر» يەنى بىلەلمەيسىلەر دېگەن بىر مەسىلە ئۈستىدە ئەقىل يۈرگۈزۈش ئاللاھنىڭ ئالدىدا بىلەرمەنلىك قىلغانلىق ۋە يالغان سۆزلىگەنلىك بولماسمۇ؟ ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
{وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ افْتَرَى عَلَى اللّهِ كَذِباً أُوْلَـئِكَ يُعْرَضُونَ عَلَى رَبِّهِمْ وَيَقُولُ الأَشْهَادُ هَـؤُلاء الَّذِينَ كَذَبُواْ عَلَى رَبِّهِمْ أَلاَ لَعْنَةُ اللّهِ عَلَى الظَّالِمِينَ} هود 18
«ئاللاھقا يالغان چاپلىغان كىشىدىنمۇ زالىم كىم بار؟ بۇنداق كىشىلەر رەببىنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىرىلىدۇ ۋە شاھىتلار بۇلارنىڭ ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «مانا بۇلار رەببىگە قارشى يالغان سۆزلىگەن كىشىلەردۇر!». بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ لەنىتى زالىملارنىڭ ئۈستىدىدۇر»- ھۇد 11/18.
ئاللاھ تەئالا مۇسۇلمان قوشۇنلارغا شېھىتلەرنىڭ روھلىرى بىلەن ئەمەس، پەرىشتىلەر بىلەن ياردەم قىلىدۇ. بەدىر ئۇرۇشىدا شۇنداق بولغان. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَلَقَدْ نَصَرَكُمُ اللَّهُ بِبَدْرٍ وَأَنْتُمْ أَذِلَّةٌ فَاتَّقُوا اللَّهَ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ (123) إِذْ تَقُولُ لِلْمُؤْمِنِينَ أَلَنْ يَكْفِيَكُمْ أَنْ يُمِدَّكُمْ رَبُّكُمْ بِثَلَاثَةِ آَلَافٍ مِنَ الْمَلَائِكَةِ مُنْزَلِينَ (124) بَلَى إِنْ تَصْبِرُوا وَتَتَّقُوا وَيَأْتُوكُمْ مِنْ فَوْرِهِمْ هَذَا يُمْدِدْكُمْ رَبُّكُمْ بِخَمْسَةِ آَلَافٍ مِنَ الْمَلَائِكَةِ مُسَوِّمِينَ (125) وَمَا جَعَلَهُ اللَّهُ إِلَّا بُشْرَى لَكُمْ وَلِتَطْمَئِنَّ قُلُوبُكُمْ بِهِ وَمَا النَّصْرُ إِلَّا مِنْ عِنْدِ اللَّهِ الْعَزِيزِ الْحَكِيمِ (126)» آل عمران
«ئاللاھ سىلەرگە بەدىردە نۇسرەت ئاتا قىلدى. سىلەر ئۇ چاغدا ناھايىتى كۈچسىز ئىدىڭلار. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، شۈكۈر قىلغان بولىسىلەر.
سەن ئۇ چاغدا مۇئمىنلەرگە: <رەببىڭلارنىڭ ئۈچ مىڭ پەرىشتە چۈشۈرۈپ سىلەرگە ياردەم بېرىشى سىلەر ئۈچۈن يېتەرلىك بولمامدۇ؟> دەيتتىڭ.
ئەلۋەتتە يېتىدۇ. ئەگەر سىلەر سۇبات قىلىپ قولۇڭلاردىن كەلگەننى قىلساڭلار ۋە دۈشمىنىڭلار ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ كەلسە، رەببىڭلار سىلەرگە ھۇجۇمچى بەش مىڭ پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىدۇ.
ئاللاھ بۇ ياردەمنى سىلەرگە خۇش خەۋەر بېرىش ۋە كۆڭلۈڭلارنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈنلا قىلدى. نۇسرەت پەقەت غالىپ ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىنلا كېلىدۇ»- ئال ئىمران 3/123 – 126.
ئاللاھ تەئالا بۇ ھەقتە يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:
{إِذْ يُوحِي رَبُّكَ إِلَى الْمَلآئِكَةِ أَنِّي مَعَكُمْ فَثَبِّتُواْ الَّذِينَ آمَنُواْ سَأُلْقِي فِي قُلُوبِ الَّذِينَ كَفَرُواْ الرَّعْبَ فَاضْرِبُواْ فَوْقَ الأَعْنَاقِ وَاضْرِبُواْ مِنْهُمْ كُلَّ بَنَانٍ} الأنفال 12
«ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭ پەرىشتىلەرگە مۇنداق دەپ ۋەھىي قىلاتتى: ‹مەن ئەلۋەتتە سىلەر بىلەن بىللە. سىلەر مۇئمىنلەرگە ياردەم بېرىڭلار. مەن كافىرلارنىڭ قەلبلىرىگە قورقۇنچ سالىمەن. سىلەر ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىنىڭ ئۈستىگە ئۇرۇڭلار، ئۇلارنىڭ ھەر بارماق ئۇچلىرىغا ئۇرۇڭلار!›»- ئەنفال 8/12.
بەدىر ئۇرۇشىغا قاتناشقانلاردىن ئەبۇ داۋۇد ئەلمازىنىي مۇنداق دەيدۇ: «مەن بەدىردە مۇشرىك ئەرلەردىن بىرىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن پېيىگە چۈشكەن ئىدىم. قىلىچىم تېخى ئۇنىڭ بوينىغا تەگمەستىن بېشى يەرگە چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى باشقا بىرىنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكىنى چۈشەندىم»[1].
بەدىر ئۇرۇشىدا ئەبۇ جەھىل ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدقا مۇنداق دېگەن ئىدى: «مېنى ئۆلتۈرگۈدەك ئۇرغان سەنمۇ؟ مېنى بۇنداق ئۇرغان كىشى، مەن شۇنچە غەيرەت قىلىپمۇ نەيزەمنىڭ ئۇچىنى ئېتىنىڭ تۇيىقىغا يەتكۈزەلمىگەن كىشىدۇر»[2].
قۇرتۇبىي يۇقىرىدىكى ئايەت ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «دۈشمەنگە قارشىسىدا سۇبات قىلغان ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلىگەن ھەر قوشۇننىڭ يېنىغا پەرىشتىلەر ئەۋەتىلىدۇ ۋە ئۇ قوشۇن بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇش قىلىدۇ»[3].
مۇرىد: شېھىتلەر ئۆلمىگەن تۇرسا، ئۇرۇشلارغا نېمىشقا قاتناشمىغۇدەك؟ ئۇلارنىڭ تىرىكلىكىنى پۈتۈنلەي چۈشىنەلمىسەك، بىر قىسمىنى بولسىمۇ چۈشىنەلمەمدۇق؟
بايىندىر: بۇنداق بىر مەسىلە ھەققىدە گەپ قىلىش ئۈچۈن يا قۇرئانغا ياكى سەھىھ ھەدىسلەرگە ئاساسلىنىش كېرەك. ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ياكى بۇرۇنقى زامانلاردا شېھىت بولغان مۇئمىنلەرنىڭ روھلىرىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرلىكتە ياكى ساھابە بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇشقا قاتناشقانلىقىغا دائىر بىرمۇ دەلىل يوقتۇر.
ئاللاھ تەئالا شېھىتلەر ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:
«وَلَا تَحْسَبَنَّ الَّذِينَ قُتِلُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ أَمْوَاتًا بَلْ أَحْيَاءٌ عِنْدَ رَبِّهِمْ يُرْزَقُونَ (169) فَرِحِينَ بِمَا آَتَاهُمُ اللَّهُ مِنْ فَضْلِهِ وَيَسْتَبْشِرُونَ بِالَّذِينَ لَمْ يَلْحَقُوا بِهِمْ مِنْ خَلْفِهِمْ أَلَّا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ (170) يَسْتَبْشِرُونَ بِنِعْمَةٍ مِنَ اللَّهِ وَفَضْلٍ وَأَنَّ اللَّهَ لَا يُضِيعُ أَجْرَ الْمُؤْمِنِينَ (171)» آل عمران
«ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى ئۆلۈك دەپ ئويلىما! بەلكى ئۇلار رەببىنىڭ دەرگاھىدا تىرىكلەردۇر، بېرىلگەن رىزىقتىن بەھرىمەن بولماقتىدۇر،
ئاللاھ ئاتا قىلغان نېمەتلەر بىلەن خۇرسەن بولماقتىدۇر،  ئارقىلىرىدىن يېتىشمىگەن مۇجاھىدلارغا: «سىلەرگە قورقۇنچمۇ يوقتۇر، غەم-قايغۇمۇ يوقتۇر» دەپ خۇش خەۋەر بېرىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
ئۇلار يەنە ئۇ مۇجاھىدلارغا ئاللاھنىڭ نېئمىتى، پەزلى ۋە ئاللاھنىڭ مۇئمىنلەرنىڭ ئەجرىنى زايە قىلىۋەتمەيدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىشنى ئارزۇ قىلىدۇ»- ئال ئىمران 3/169 – 171.
ئىنئامى كۆپ ئاللاھ ئۆزىنىڭ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى باشقا ئۆلۈكلەردىن ئايرىپ ئالاھىدە كۈتىۋالىدۇ. بۇلار (ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەر) نىڭ ئۇرۇشقا ئەۋەتىلگەنلىكىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن دەلىل كېرەك. بۇنداق بىر دەلىل بولمىغانلىقىغا قارىغاندا شېھىتلەرنىڭ روھلىرىنىڭ ئۇرۇشلارغا قاتناشقان ۋە قاتنىشىدىغانلىقىنى قوبۇل قىلالمايمىز. چۈنكى ئايەتلەرگە ئاساسەن ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشقان مۇئمىنلەرنىڭ ئۇرۇشىغا قاتناشقانلار پەرىشتىلەردۇر.
11- كۆرۈنمەيدىغان يارانلار (رجال الغيب)
مۇرىد: سەن ئۈچلەر، يەتتىلەر، قېرىقلەر، قۇتۇپلار ۋە غەۋىسلەرنىمۇ قوبۇل قىلمامسەن؟
بىلمەمسەنكى، ئەۋلىيالارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك بولغانلىرىغا «ئەۋتاد (تۈۋرۈكلەر)» دېيىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۈستىدە «رەۋاسىي (تاغلار)» بار. بىر پالاكەت زامانىدا بەندىلەر ئەۋتادغا يۆنىلىدۇ. ئەۋتاد رەۋاسىيگە يۆنىلىدۇ. رەۋاسىينى قۇتۇپ باشقۇرىدۇ.
قۇتۇپتىن كېيىن كېلىدىغان ئىككى كىشى «ئىمامەيىن (ئىككى ئىمام)» دېيىلىدۇ. بۇلارنىڭ بىرى «ئىمامى يەمىن (ئوڭ تەرەپتىكى ئىمام)»، يەنە بىرى «ئىمامى يەسار (سول تەرەپتىكى ئىمام)» دېيىلىدۇ. ئىمامى يەمىن قۇتۇپنىڭ ھۈكۈملىرىگە، ئىمامى يەسار بولسا ئۇنىڭ ماھىيىتىگە مەزھەردۇر[4]. قۇتۇپ ئۆلسە ئۇنىڭ ئورنىغا ئىمامى يەسار ئۆتىدۇ. ئۈچلەر قۇتۇپ بىلەن ئىككى ئىمامدىن تەركىپ تاپىدۇ.
قۇتۇپ ئەڭ بۈيۈك ئەۋلىيادۇر. ئۇ پۈتۈن يارانلارنىڭ بېشى بولۇپ، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن كائىناتتا تەسەررۇپ ھوقۇقىغا ئىگىدۇر.
غەۋس قىيىنچىلىقتا قالغاندا پاناھ تىلىنىدىغان، مەدەت تىلىنىدىغان يەنى ياردەم تەلەپ قىلىنىدىغان قۇتۇپتۇر. قىيىنچىلىقتا قالغان سوپىلار «مەدەت يا غەۋس!» دەپ غەۋسكە سېغىنىدۇ. غەۋس مەدەت تىلىگەنلەرگە ياردەم قولىنى سۇنىدۇ. ئابدۇلقادىر جەيلانىي «غەۋسىلئەزەم (ئەڭ بۈيۈك غەۋس)» دېگەن لەقىمى بىلەن مەشھۇردۇر.
لېكىن پۈتۈن سېغىنىش ۋە مەدەت تىلەشلەر كۆرۈنۈشتە غەۋسكە بولسىمۇ، ھەقىقەتتە ئاللاھقىدۇر. چۈنكى ئالەمدە يېگانە تەسەررۇپ ئىگىسى ئاللاھ تەئالادۇر. ئۇنىڭدىن باشقا فائىلى مۇتلەق يوقتۇر. «غەۋس» دەپ بىلىنگەنلەر ئەسما ۋە سىفاتى ئىلاھىي مەزھەرلىرىدۇر[5].
بۇلاردىن باشقا، سانى بىر رىۋايەتتە سەككىز، يەنە بىر رىۋايەتتە قىرىق بولغان «نۇجەبا» بىلەن، سانى ئون ياكى ئۈچيۈز بولغان «نۇقەبا» دېيىلىدىغان ۋە ئىنسانلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىن خەۋەردار بولغان كىشىلەر بار.
ئومۇمەن، «رجال الغيب» ۋە «غائىب يارانلار» دەپ زىكىر قىلىنىدىغان بۇ ھەق دوستلىرىنىڭ ماقامى بىكار قالمايدۇ. ئۆلگەننىڭ ئورنىغا نۆۋەت بىلەن ئۆزىدىن كېيىنكىسى يۈكسەلتىلىدۇ[6].
بايىندىر: بۇ توغرىدا بىرەر دەلىلىڭىز بارمۇ؟ بۇلارنى نېمىگە ئاساسلاندۇرىسىز؟
يەنە كېلىپ «ئەڭ بۈيۈك ئەۋلىيادۇر. ئۇ پۈتۈن يارانلارنىڭ بېشى بولۇپ، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن كائىناتتا تەسەررۇپ ھوقۇقىغا ئىگىدۇر» دەۋاتىسىز. بۇ تۇنۇشىڭىز مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ كەبىنى تاۋاپ قىلىۋېتىپ «لەببەيك لا شەرىيكە لەك ئىللا شەرىكەن ھۇۋە لەك تەملىكۇھۇ ۋە ما مەلەك (خوش، مەن ئەمرىڭنى بەجا كەلتۈرۈشكە ھازىرمەن ئى ئاللاھ! سېنىڭ ھېچ شېرىكىڭ يوق، پەقەتلا بىر شېرىكىڭ بار، ئۇ ۋە ئۇ ئىگە بولغان ھەممە نەرسە سېنىڭ ئىلكىڭدە ئى ئاللاھ!)» دېگىنىگە ئوخشاش بولمامدۇ؟
مۇرىد: ئاللاھ دۇنيانىڭ جىسمانىي ئىنتىزامىنى ساقلاش ئۈچۈن بەزى ئىنسانلارنىڭ بىر قىسىم ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشىنى ئىرادە قىلغاندەك، ئالەمدىكى مەنىۋىي ۋە روھانىي ئىنتىزامنىڭ قوغدىلىشى، ياخشىلىقلارنىڭ تەمىن قىلىنىشى، يامانلىقلارنىڭ يوقىتىلىشى ئۈچۈنمۇ ئۆزى ياخشى كۆرگەن بەزى بەندىلىرىنى ۋەزىپىلەندۈرگەن. بۇلار بۈيۈك پەيغەمبەرلەرنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان كىشىلەردۇر. ئۇلار «ئاللاھ يەر يۈزىنى مۇسەخخەر قىلغان كىشىلەر » دەپ چۈشىنىلىدۇ. ئۇلار ئالەمنىڭ ئىنتىزام سەۋەبىدۇر[7]. ئىنسانلارنىڭ ئىشلىرىنى تەرتىپكە سالىدىغانلىقلىرىغا ئىشىنىلىدۇ[8].
بايىندىر: «بۇلار ئاللاھ يەر يۈزىنى مۇسەخخەر قىلغان كىشىلەردۇر» دەۋاتىسىز. لېكىن ئىپادىلەش ئۇسلۇبىڭىز بۇنىڭغا تازا ئىشىنىپ كەتمەيدىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىدۇ.
مۇسەخخەر قىلىش، بىر نىشانغا زورلۇق بىلەن ئېلىپ مېڭىشتۇر[9]. تۈركچىسى بويسۇندۇرۇشتۇر.
پۈتۈن مەۋجۇداتلارنى ئىلكىدە تۇتۇۋاتقان ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:
«اللَّهُ الَّذِي سَخَّرَ لَكُمُ الْبَحْرَ لِتَجْرِيَ الْفُلْكُ فِيهِ بِأَمْرِهِ وَلِتَبْتَغُوا مِنْ فَضْلِهِ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ (12) وَسَخَّرَ لَكُمْ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا مِنْهُ إِنَّ فِي ذَلِكَ لَآَيَاتٍ لِقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ (13)» الجاثية
«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەرگە دېڭىزنى بويسۇندۇرۇپ بەردى. ئاللاھ بۇنى ئۆزى بېكىتىپ قويغان قانۇنلار بويىچە دېڭىزدا كېمىلەرنىڭ يۈرۈشى ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئېھسانىدىن تەلەپ قىلىشىڭلار ئۈچۈن ۋە شۈكرى قىلىشىڭلار ئۈچۈن قىلدى.
ئاللاھ يەنە ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز تەرىپىدىن بىر ئىنئام سۈپىتىدە سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى. بۇنىڭدا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئايەتلەر بار»- جاسىيە 45/12 – 13.
بىز ئاللاھنىڭ مۇسەخخەر قىلىشى بىلەن دېڭىزدا، ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا بولغان ھەر نەرسىدىن پايدىلىنىۋاتىمىز. ئۇلار پۈتۈن ئىنسانلارغا مۇسەخخەر قىلىنغان. بۇنىڭ بەدىلىگە ئاللاھنىڭ بىزدىن تەلەپ قىلغىنى بىر تەشەككۇر يەنى شۈكرى ئېيتماقتۇر. بۈگۈن بۇ نېمەتلەردىن غەيرىيمۇسۇلمانلار بەكرەك پايدىلانماقتا.
مۇسەخخەر قىلىش بەزى كىشىلەرگە ئايرىم مۇئامىلە قىلىش دېگەنلىك ئەمەس. سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلار مۇنۇ يېزا خەلقىنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ: بىر يېزىدا ياشايدىغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئېتىزلىقىنى كېسىپ ئۆتىدىغان چوڭ يولغا كۆۋرۈك سېلىنغان ئىكەن. كۆۋرۈكنى خىزمەتكە ئاچقان ئەمەلدار ئېتىزلىقنىڭ ئىگىلىرىگە: «كۆۋرۈك ئەمرىڭلاردىدۇر» دېسە، ئۇلار كۆۋرۈكنى ئۆزىنىڭ مۈلكى دەپ ئويلاپ ئۆتۈش ھەققى بەلگىلىگەن ۋە بۇ ھەقنى تۆلىمىگۈچىلەرنى ئۆتكۈزمىگەن ئىكەن. بۇ جىنايەتتۇر. چۈنكى ئۇ كۆۋرۈك پەقەت ئۇ يېزا خەلقىنىڭلا ئەمەس، ئۇ يولدىن ئۆتكەن ھەر كىشىنىڭ خىزمىتىگە سۇنۇلغان، يەنى ھەر كىشىگە مۇسەخخەر قىلىنغان.
مۇرىد: ئۈچلەر، يەتتىلەر، قېرىقلەر، قۇتۇپلار ۋە غەۋسلەر ئادەتتىكى كىشىلەر ئەمەسقۇ! ئۇلار بۈيۈك پەيغەمبەرلەرنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان كىشىلەردۇر.
بايىندىر: شۇنداقمۇ؟ قايسى پەيغەمبەرگە «ئالەمدىكى مەنىۋىي ۋە روھانىي ئىنتىزامنىڭ قوغدىلىشى، ياخشىلىقلارنىڭ تەمىن قىلىنىشى، يامانلىقلارنىڭ يوقىتىلىشى » ۋەزىپىسى بېرىلگەن؟
ئىنسانغا چەكلىك ھوقۇق بەرگەن ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دەيدۇ:
«قُلْ إِنِّي لَا أَمْلِكُ لَكُمْ ضَرًّا وَلَا رَشَدًا (21) قُلْ إِنِّي لَنْ يُجِيرَنِي مِنَ اللَّهِ أَحَدٌ وَلَنْ أَجِدَ مِنْ دُونِهِ مُلْتَحَدًا (22) إِلَّا بَلَاغًا مِنَ اللَّهِ وَرِسَالَاتِهِ … (23)» سورة الجن
«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: مېنىڭ سىلەرگە زىيان يەتكۈزۈشكە ۋە سىلەرنى كامالەتكە يەتكۈزۈشكە كۈچۈم يەتمەيدۇ.
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: مېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچكىم قۇتقۇزالمايدۇ. مەن ھەرگىزمۇ ئاللاھدىن باشقا ھېچقانداق باشپاناھ تاپالمايمەن.
مېنىڭ پەقەت ئاللاھنىڭ ئەمىرلىرىنى ۋە ئەلچىلىكلىرىنى يەتكۈزۈشكىلا كۈچۈم يېتىدۇ…»- جىن 72/21 – 23.
«ئالەمدىكى مەنىۋى ۋە روھانىي ئىنتىزامنىڭ قوغدىلىشى، ياخشىلىقلارنىڭ تەمىن قىلىنىشى ۋە يامانلىقلارنىڭ يوقىتىلىشى» پەقەت ئاللاھنىڭلا ئىلكىدىدۇر. بۇ توغرىدا باشقا بىرىنى ھوقۇقلۇق دەپ قاراش شېرىك بولىدۇ.
ئەگەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كۈچى يەتسە ئىدى، كاپىرلارنى ئىمانغا زورلاش ئۈچۈن ھەر ئىشنى قىلاتتى. ئۇلۇغ رەببىمىز ئاللاھ بۇ توغرىدا مۇنداق دەيدۇ:
«وَإِنْ كَانَ كَبُرَ عَلَيْكَ إِعْرَاضُهُمْ فَإِنِ اسْتَطَعْتَ أَنْ تَبْتَغِيَ نَفَقًا فِي الْأَرْضِ أَوْ سُلَّمًا فِي السَّمَاءِ فَتَأْتِيَهُمْ بِآَيَةٍ وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَجَمَعَهُمْ عَلَى الْهُدَى فَلَا تَكُونَنَّ مِنَ الْجَاهِلِينَ (35)» سورة الأنعام
«ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ يۈز ئۆرۈگەنلىكى ساڭا ئېغىر كەلگەن بولسا، كۈچۈڭ يەتسە يەر ئاستىغا كىرىشكە بىر تۆشۈك ياكى ئاسمانغا چىقىشقا بىر شوتا تېپىپ بىر مۆجىزە كەلتۈرىسەن. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارنى توغرا يولدا بىرلەشتۈرەتتى. ھەرگىز جاھىللاردىن بولما!»- ئەنئام 6/35.
مۆجىزە كۆرسىتىش ئەلچىنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەس. ئۇنى ئاللاھ قاچان كۆرسىتىشنى خالىسا شۇ ۋاقىتتا كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
{وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا رُسُلاً مِّن قَبْلِكَ مِنْهُم مَّن قَصَصْنَا عَلَيْكَ وَمِنْهُم مَّن لَّمْ نَقْصُصْ عَلَيْكَ وَمَا كَانَ لِرَسُولٍ أَنْ يَأْتِيَ بِآيَةٍ إِلَّا بِإِذْنِ اللَّهِ فَإِذَا جَاء أَمْرُ اللَّهِ قُضِيَ بِالْحَقِّ وَخَسِرَ هُنَالِكَ الْمُبْطِلُونَ} غافر 78
«بىز سەندىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئەلچى ئەۋەتتۇق. ئۇلاردىن بەزىلەرنىڭ قىسسىلىرىنى ساڭا بايان قىلىپ بەردۇق، بەزىلەرنىڭ قىسسىلىرىنى ساڭا بايان قىلىپ بەرمىدۇق. ھېچبىر پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز مۆجىزە كەلتۈرەلمەيدۇ. ئاللاھنىڭ ئەمرى كەلگەندە ھەق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ. باتىل تەرەپدارلىرى شۇ يەردە زىيان تارتىدۇ»- مۇئمىن 40/78.
داۋامى بار……………….
——————
[1]– ئەبۇ جەئفەر مۇھەممەد ئىبنى جەرىر ئەتتەبەرىي، تەفسىرۇتتەبەرىي، بېيرۇت 1412/1992، 3- توم، 423 – 424- بەتلەر.

[2]– ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئەلئەنسارىي ئەلقۇرتۇبىي، ئەلجامىئ لىئەھكامىلقۇرئان، بېيرۇت 1408/1988، 3- توم، 125- بەت.

[3]قۇرتۇبىي، مەزكۇر كىتاب3- توم، 125- بەت.

[4]– يەنى ئىمامى يەمىن قۇتۇپنىڭ ھۈكۈملىرىنىڭ، ئىمامى يەسار ماھىيىتىنىڭ كۆرۈنىدىغان يېرىدۇر.

[5]– ئاللاھنىڭ ئىسىم ۋە سۈپەتلىرى كۆرۈنىدىغان ئورۇنلاردۇر.

[6]– ھەسەن كامىل يىلماز، ئالتىن ئولۇق مەجمۇئەسى، سان 1995- يىلى 12- ئاي.

[7]– يەنى ئالەمنىڭ ئىنتىزاملىق بىر شەكىلدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ سەۋەبى شۇلاردۇر.

[8]– ھەسەن كامىل يىلماز، ئالتىن ئولۇق مەجمۇئەسى، سان 1995- يىلى 12- ئاي.

[9]– راغىب ئەلئىفھانىي، مۇفرەداتى ئەلفازىل قۇرئان 402- بەت، س خ ر ماددىسى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر