مۇسۇلمانلار

تەرىقەتچىلىككە نەزەر8

9- مۇسۇلمانلارنى نابۇت قىلغان شېرىك
مۇرىد: ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان دىيارىمىزدا يېتەرلىك دىنى تەلىم- تەربىيە ئېلىپ بېرىلالمىغانلىقى، ھەتتا بەزىدە دىنى تەلىم- تەربىيە ئېلىش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقى تۈپەيلىدىن ئۆلىمالىرىمىز بەزىدە خاتا ئىشلارنى قىلىپ سېلىشى مۇمكىن. سىزمۇ بىلىسىز: 1924- يىلى شەرىئەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. پۈتۈن قانۇنلار غەربتىن ئېلىندى. بىر زامانلار دىنى تەلىم – تەربىيە تامامەن چەكلەندى… !
بايىندىر: بارلىق گۇناھنى باشقىلارنىڭ ئۈستىگە يۈكلەپ قويۇپ، ئۆزىڭىزنى چەتكە تارتماقچى بولۇۋاتىسىز، شۇنداقمۇ؟ نېمىدېگەن ئاسان قۇتۇلۇش يولى- ھە! يەتمىش يىل ئىلگىرىكى شەرت-شارائىتلار ئۆزلىكىدىن ئوتتۇرىغا چىقتىمۇ؟ ئىسلام دۇنياسى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا نېمە ئۈچۈن غەربلىكلەرگە مەغلۇب بولدى؟
مۇرىد: بۇنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە ئەسكىرىي جەھەتتىن نۇرغۇن سەۋەبلىرى بار. ئەمدى سەن بۇلارنىمۇ تەرىقەتلەرگە دۆڭگەمسەن؟
بايىندىر: بۇنى تەرىقەتلەرگە دۆڭگەش ئىشتىن ئاسانلا قۇتۇلۇشقا تىرىشقانلىق بولىدۇ. بۇ مەغلۇبىيەتنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە ئەسكىرىي سەۋەبلىرىنى بۇ ئىشنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىگە قويۇپ بېرەيلى. بىز بۇ يەردە قۇرئانغا بويسۇنۇشنىڭ ئورنىغا قۇرئاننى ئۆزىمىزگە بويسۇندۇرغانلقىمىز ھەققىدە پاراڭلىشايلى.
قۇرئانغا تۈپتىن زىت بولغان نۇرغۇن سۆزلەر ھەدىس، يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى دەپ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىپ، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا قوبۇل قىلىنغان. مۇنۇ سۆز ئۇلارنىڭ بىرىدۇر:
«ئىشلىرىڭلاردا نېمە قىلىشىڭلارنى بىلەلمەي قالغان چېغىڭلاردا قەبرىلەردىكى ئۆلۈكلەردىن ياردەم سوراڭلار»[1]
بۇ سۆزنى ھەدىس دەپ ئوتتۇرىغا چىقارغان كىشى ياۋۇز سۇلتان سەلىمنىڭ مەشھۇر شەيخۇلئىسلامى ئىبنى كامالدۇر. ئۇ بۇنىڭ بىلەنلا كۇپايە قىلماي، ئۇنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن پەلسەپىۋى ئىزاھلارغا باش ئۇرغان. شۇڭا مەسىلە ناھايىتى ئېغىر. بۇ «ئۆلۈكلەردىن ياردەم تىلەش» تە چۈشەندۈرۈلگەنىدى.
ئىسلام دۇنياسى قۇرئاندىن يىراقلىشىپ كەتكىلى ئەسىرلەر بولۇپ قالدى. ئىشانلارغا ئوخشاش مەزھەپ ئىماملىرىمۇ مۇقەددەسلەشتۈرۈلدى، ئۇلارنىڭ سۆزلىرى قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ ئورنىنى ئالدى، مۇسۇلمانلار قۇرئان ۋە سۈننەت نۇرى ئاستىدا يېڭى كۆزقاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى چوڭ گۇناھلاردىن ھېسابلايدىغان بولدى. ئاخىرقى بۆلۈمدە «قۇرئانغا قايتىش» ماۋزۇسى ئاستىدا بۇ مەسىلە ئۈستىدىمۇ توختىلىمىز.
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئېغىر مەغلۇبىيەت بىر باشلىنىش ئەمەس، بەلكىدە بىر نەتىجىدۇر. سىلەر يەتمىش يىللىق ئىجرائات دەپ تەنقىد قىلغان ئىشلارمۇ بىر نەتىجىدۇر. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى مەغلۇبىيەتنى بىر ئەسكىرىي مەغلۇبىيەت دەپ ھېساپلاش ئاسان، لېكىن ئەسلىدە ئۇ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتقان بىر جەمئىيەتنىڭ مەغلۇبىيىتىدۇر.
مۇرىد: سەن «ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ»تە نېمىنى كۆزدە تۇتماقچى؟ مۇسۇلمان ئۆزىگە ئەمەس، ئاللاھقا ئىشىنىدۇ.
بايىندىر: ئۆزىگە ئىشەنمەك، ئۆزى ئىشەنگەن تەۋەررۈكلەرگە ئىشەنمەكتۇر. ئۆزى ئىشەنگەن تەۋەررۈكلەرگە ئىشەنمىگەن كىشىنىڭ ئىمانىمۇ بولمايدۇ.
مۇرىد: بۇنى بىرئاز ئوچۇقراق چۈشەندۈرەمسەن؟
بايىندىر: قاراڭ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغاندا ئۇنى مەسخىرە قىلغانلار، ساراڭ دېگەنلەر، سىھىرگەر دېگەنلەر، ئۇنى مازاق قىلغانلار ۋە ھاقارەت قىلغانلار… بولغان ئىدى. ئەگەر بۇ مۇئامىلىلەر ئۇنىڭ ئىشەنگەن تەۋەررۈكىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تەۋرەتكەن بولسا، ئۇ بۇنىڭ تەسىرى بىلەن «ئەگەر بۇ كىشىلەرنىڭ ھەقلىق بولسىچۇ؟» دېگەن بولسا ئىدى، خەلقنىڭ ئالدىغا چىقىپ بىر ئىش قىلالامتى؟ ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
{فَلَعَلَّكَ تَارِكٌ بَعْضَ مَا يُوحَى إِلَيْكَ وَضَآئِقٌ بِهِ صَدْرُكَ أَن يَقُولُواْ لَوْلاَ أُنزِلَ عَلَيْهِ كَنزٌ أَوْ جَاء مَعَهُ مَلَكٌ إِنَّمَا أَنتَ نَذِيرٌ وَاللّهُ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ وَكِيلٌ} هود12
«ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلار سېنىڭ ھەققىڭدە: <نېمىشقا ئۇنىڭغا بىر خەزىنە چۈشۈرۈلمىدى، ياكى نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بىر پەرىشتە كەلمىدى؟> دېگەنلىكى ئۈچۈن ساڭا ۋەھىي قىلىنغان ئايەتلەرنىڭ بىر قىسمىنى تەرك ئېتىدىغاندەك قىلىسەن، ئۇنىڭ بىلەن يۈرىكىڭ سىقىلىدىغاندەك قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، سەن بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىسەن. ئاللاھ ھەر نەرسىنى باشقۇرغۇچىدۇر»- ھۇد 11/12.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشەنگەن تەۋەررۈكلىرىگە ئىشىنىشى ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىدىن شۈبھىلەنمەسلىكى ئۈچۈن نۇرغۇن ئايەت نازىل بولغان. ئۇلاردىن بىر قىسمى تۆۋەندىكىچە:
«يس (1) وَالْقُرْآَنِ الْحَكِيمِ (2) إِنَّكَ لَمِنَ الْمُرْسَلِينَ (3) عَلَى صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ (4)» يس
 «ياسىن. ئى مۇھەممەد! ھېكمەتلىك قۇرئان بىلەن قەسەمكى، سەن ئەلۋەتتە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلگۈچىلەردىنسەن. توغرا يولدىسەن»- ياسىن 36/1-4.
«فَذَكِّرْ فَمَا أَنْتَ بِنِعْمَةِ رَبِّكَ بِكَاهِنٍ وَلَا مَجْنُونٍ (29) أَمْ يَقُولُونَ شَاعِرٌ نَتَرَبَّصُ بِهِ رَيْبَ الْمَنُونِ (30) قُلْ تَرَبَّصُوا فَإِنِّي مَعَكُمْ مِنَ الْمُتَرَبِّصِينَ (31) أَمْ تَأْمُرُهُمْ أَحْلَامُهُمْ بِهَذَا أَمْ هُمْ قَوْمٌ طَاغُونَ (32) أَمْ يَقُولُونَ تَقَوَّلَهُ بَلْ لَا يُؤْمِنُونَ (33) فَلْيَأْتُوا بِحَدِيثٍ مِثْلِهِ إِنْ كَانُوا صَادِقِينَ (34)» الطور
«ئى مۇھەممەد! قۇرئان بىلەن نەسىھەت قىل. سەن رەببىڭنىڭ نېمىتى بىلەن رەممالمۇ ئەمەس، جىن چاپلىشىۋالغان ئادەممۇ ئەمەس.
ياكى ئۇلار سەن توغرۇلۇق: «ئۇ بىر شائىردۇر، ئۇنىڭ زاماننىڭ ھادىسىلىرىگە يولۇقىشىنى كۈتۈۋاتىمىز» دەمدۇ؟
ئېيتقىنكى: «كۈتۈڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىرلىكتە كۈتكۈچىلەردىنمەن».
ياكى ئۇلارنى بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ ئەقىللىرى بۇيرۇۋاتامدۇ؟ ياكى ئۇلار ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋممۇ؟
ياكى ئۇلار: «قۇرئاننى مۇھەممەد ئۆزى توقۇدى» دەمدۇ؟ ياق، ئۇلار ئىشەنمەيدۇ.
ئۇنداق بولسا، ئۇلار قۇرئانغا ئوخشاش بىر سۆز كەلتۈرۈپ باقسۇن! ئەگەر راستچىل بولسا»- تۇر 52/29-34.
«ن وَالْقَلَمِ وَمَا يَسْطُرُونَ (1) مَا أَنْتَ بِنِعْمَةِ رَبِّكَ بِمَجْنُونٍ (2) وَإِنَّ لَكَ لَأَجْرًا غَيْرَ مَمْنُونٍ (3) وَإِنَّكَ لَعَلى خُلُقٍ عَظِيمٍ (4) فَسَتُبْصِرُ وَيُبْصِرُونَ (5) بِأَيِّيكُمُ الْمَفْتُونُ (6) إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعْلَمُ بِمَنْ ضَلَّ عَنْ سَبِيلِهِ وَهُوَ أَعْلَمُ بِالْمُهْتَدِينَ (7) فَلَا تُطِعِ الْمُكَذِّبِينَ (8) وَدُّوا لَوْ تُدْهِنُ فَيُدْهِنُونَ (9)» ن
«نۇن. ئى مۇھەممەد! قەلەم ۋە ئۇلار يازىدىغان نەرسىلەر بىلەن قەسەمكى، سەن رەببىڭنىڭ نېمىتى بىلەن جىن چاپلىشىۋالغان ئادەم ئەمەسسەن. ساڭا پۈتمەس-تۈگىمەس ئەجىر بار. شۈبھىسىزكى، سەن بۈيۈك ئەخلاق ئۈستىدىسەن. يېقىندا كۆرىسەن، ئۇلارمۇ كۆرىدۇ: قايسىڭلارنىڭ ئەقلى يوقلىقىنى.
شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئېزىپ كەتكەنلەرنى ئوبدان بىلىدۇ، توغرا يولغا كەلگۈچىلەرنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ. ئۇ ھالدا راستنى يالغان دېگۈچىلەرگە ئىتائەت قىلما.
ئۇلار سېنىڭ ياغلامچىلىق قىلىشىڭنى، ئاندىن ئۆزلىرىنىڭ ياغلامچىلىق قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.»- نۇن 68/1-9.
«فَاصْبِرْ لِحُكْمِ رَبِّكَ وَلَا تَكُنْ كَصَاحِبِ الْحُوتِ إِذْ نَادَى وَهُوَ مَكْظُومٌ (48) لَوْلَا أَنْ تَدَارَكَهُ نِعْمَةٌ مِنْ رَبِّهِ لَنُبِذَ بِالْعَرَاءِ وَهُوَ مَذْمُومٌ (49) فَاجْتَبَاهُ رَبُّهُ فَجَعَلَهُ مِنَ الصَّالِحِينَ (50) وَإِنْ يَكَادُ الَّذِينَ كَفَرُوا لَيُزْلِقُونَكَ بِأَبْصَارِهِمْ لَمَّا سَمِعُوا الذِّكْرَ وَيَقُولُونَ إِنَّهُ لَمَجْنُونٌ (51) وَمَا هُوَ إِلَّا ذِكْرٌ لِلْعَالَمِينَ (52)» ن
«سەن رەببىڭنىڭ ھۆكمىگە سەۋر قىل، بېلىقنىڭ ھەمراھىدەك بولما، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ دەردىنى يۇتقان ھالدا رەببىگە نىدا قىلغان ئىدى. ئەگەر ئۇنىڭغا رەببىدىن بىر نىمەت يېتىشمىگەن بولسا ئىدى، ئۇ ئەيىبلەنگەن ھالدا دەرەخسىز جايغا ئېتىلغان بولاتتى. لېكىن رەببى ئۇنى تاللاپ ياخشىلاردىن قىلدى.
كاپىرلار قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغلىرىدا سېنى كۆزلىرى بىلەن يىقىتىۋەتكىلى تاس قالىدۇ ۋە سېنىڭ ھەققىڭدە: «ئۇ ھەقىقەتەن جىن چاپلىشىۋالغان ئادەمدۇر» دەيدۇ. ھالبۇكى، قۇرئان ئالەملەر ئۈچۈن بىر ئەسلىتىشتىنلا ئىبارەتتۇر»- نۇن 68/48-52.
بۇ ئايەتلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشەنچىسىنى كۈچەيتەتتى. بۇ مەزمۇندا كۆپ ئايەت بار. ئاللاھ تەئالا ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ تارتقان قىيىنچىلىقلىرىنى بايان قىلىش ئارقىلىقمۇ ئۇنىڭغا تەسەللىي قىلاتتى. بولمىسا ئۇ كاتتا ۋەزىپىنى قانداق ئورۇندىيالايتتى؟
مۇسۇلمانلار ھەرئان ئۆزگىرىدىغان ۋە بىر باسقۇچتىن يەنە بىر باسقۇچقا ئۆتىدىغان ۋەقە-ھادىسىلەر ئالدىدا ئۆزلىرىگە ۋە دىنىغا بولغان ئىشەنچىسىنى جانلىق تۇتۇش ئۈچۈن قۇرئاننى چۈشۈنۈپ ئۇقۇشى كېرەك. ئۇلار بۇنداق قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆز تەۋەررۈكلىرىگە بولغان ئىشەنچىلىرى تۆۋەنلەپ، نەپسىلىرىنى ئىسلاھ قىلىش نامى ئاسىتىدا ئۆزلىرىنى كىچىك كۆرۈپ، بەزى كىشىلەرنى ئادەتتىن تاشقىرى كاتتا كۆرۈشكە ۋە ئۇلار ئۈچۈن خىيالى ماقام – مەۋقەلەر ئويدۇرۇشقا كىرىشكەن.
ئاندىن كېيىن بۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە مەنىۋىي جەھەتتىن ياردەم قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. بۇ ئېتىقاد جەمئىيەتكە راك كېسىلىگە ئوخشاش تارقالغان بولۇپ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۇ كاتتا گەۋدە تارىخقا كۆمۈلۈپ كەتكەن. كېيىنكىلەر مەزكۇر خاتا ئېتىقادنى تەركەتمىگەن. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
{إِنَّ اللّهَ لاَ يُغَيِّرُ مَا بِقَوْمٍ حَتَّى يُغَيِّرُواْ مَا بِأَنْفُسِهِمْ وَإِذَا أَرَادَ اللّهُ بِقَوْمٍ سُوءاً فَلاَ مَرَدَّ لَهُ وَمَا لَهُم مِّن دُونِهِ مِن وَالٍ} الرعد 11
«بىر مىللەت ئۆزىدە بولغان نەرسىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلاردا بولغان نەرسىنى ئۆزگەرتمەيدۇ. ئاللاھ بىر مىللەتنى جازالىماقچى بولسا، ئۇنىڭغا قارشى تۇرغىلى بولمايدۇ. ئەمەلىيەت شۇكى، ئۇلارنىڭ ئاللاھدىن باشقا بىر قوغدىغۇچىسىمۇ يوقتۇر»- رەئد 13/11.
مۇرىد: ئىش بېشىدىكىلەردە بۇزۇلۇشنىڭ بولغانلىقى توغرا.
بايىندىر: مېنىڭچە ئەسلى گۇناھ ئۆلىمالاردا. ئۇلار قۇرئانغا يۈزلىنىشنىڭ ئورنىغا ئىلگىرىكى ئۆلىمالارنىڭ ئەسەرلىرىگە ئېسىلىۋالغان. ئەگەر ئۇلار قۇرئان كەرىمنى چۈشىنىشكە تىرىشقان بولسا، ھەدىسلەرنىمۇ چۈشىنىشكە مەجبۇر بولاتتى. چۈنكى ھەدىسلەر قۇرئاننىڭ ئىزاھلىرىدۇر. ئىزاھلىغۇچى بىلەن ئىزاھلانغۇچىنى بىرلىكتە مۇلاھىزە قىلىش مەسىلىنى توغرا چۈشىنىشكە ئېلىپ بارىدۇ. شۇنداق بولغاندا ئىلگىرىكى ئالىملار توغرا تونۇلاتتى ۋە ئەسەرلىرى زېھىن ئاچقۇچى بولاتتى. زاماننى قۇرئانغا بويسۇندۇرماقچى بولغانلاردىن ئۈلگە، قۇرئاننى زامانغا بويسۇندۇرماقچى بولغانلاردىن ئىبرەت ئېلىناتتى.
ۋەقە-ھادىسىلەرنى قۇرئانغا توغرىلاپ چۈشىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىدىغان ئالىم ھەر خىل يېڭىلىقلارنى قوبۇل قىلالايدىغان بولىدۇ، ئىلمىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتلارنى توغرا تەھلىل قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار باشقا بىر ئىزدىنىشتە بولمايدۇ. ئەمما ئۇلار قۇرئانغا، ھەدىسكە، شۇنداقلا ئەتراپىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە قۇلاق يوپۇرۇپ، زاماننىڭ ئارقىسىدا قالغان بىر ئىلىم چۈشەنچىسى بىلەن ئۆزلىرىنى ھالاكەتكە تەييارلىغان.
سۇلتان 2- ئابدۇلھەمىدنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنتايىن ئېچىنىشلىق خاتىرىلىرى نەقىل قىلىنىدۇ:
ياپونىيە ئىمپېرىيىسى بىر شاھزادە ئىمپېراتورنىڭ خۇسۇسىي بىر خېتىنى ئېلىپ سۇلتان ئابدۇلھەمىدنى زىيارەت قىلغىلى كېلىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسى مەزمۇنلىرىنى، ئىمان ئاساسلىرىنى، غايىسىنى، پەلسەپىسىنى، ئىبادەت قائىدىلىرىنى چۈشەندۈرەلەيدىغان قابىلىيەتتىكى ئالىملاردىن تەشكىل تاپقان بىر ھەيئەت تەلەپ قىلىدۇ. سۇلتان ياپونىيەدە ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشى ئۈچۈن ماددىي جەھەتتىن قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىدۇ. لېكىن شاھزادە تەلەپ قىلغان ھەيئەتنى ئەۋەتەلمەيدۇ. بۇ سۇلتاننىڭ يۈرىكىنى مۇجۇپ كەلگەن بىر ئەسلىمىدۇر. ئۇ بۇنىڭ سەۋەبىنى تۆۋەندىكى جۈملىلەر بىلەن ئىپادىلەيدۇ:
 «ئويلىدىمكى، ياپونىيە ئىمپېراتورى تەلەپ قىلغان مۇسۇلمان دىنى ئالىملار ئۆز دۆلىتىمىزدە بولغان بولسا ۋە مەن ئۇلارنى تاپالىغان بولسام، ياپونلاردىن بۇرۇن ئۆز خەلقىمنىڭ ۋە خەلىپە بولۇش سۈپىتىم بىلەن بارلىق ئىسلام دۇنياسىنىڭ خىزمىتىگە سالغان بولاتتىم…»
پادىشاھنىڭ كۆز قارىشىدا ئۇ ئالىملارنىڭ ئىلمىي قابىلىيەتلىرى ۋە دۇنياقاراشلىرى ئىسلامنىڭ كەلگۈسى توغرۇلۇق مۇھىم رول ئوينايدىغان بىر مەسىلىنى تەتقىق قىلىشقا ۋە نەتىجىلەندۈرۈشكە ئۇيغۇن ئەمەس ئىدى. ئۇ بۇنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:
«ياپونىيە ئېمپېراتورى تەلەپ قىلغان مۇسۇلمان دىنى ئالىملارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدىغان سېخىي مەنبەلەر ئەمدى يوق ئىدى. مەدرىسلىرىمىز ئىلىم-بىلىم بۇلىقى بولۇشتىن مەھرۇم ئىدى»[2]
مۇرىد: ئۇنداقتا تەرىقەتلەرنى بۇنچىۋالا قارىلاش توغرا بولمايدۇ. ئالىملار قۇرئاندىن يىراقلاشقان يەردە، تەرىقەت مەنسۇپلىرىنىڭ خاتالىقلىرىغا كۆز يۇمۇشقا بولىدۇ.
بايىندىر: ئاللاھ قوبۇل قىلمايدىغان ئۆزرىنى بىز قوبۇل قىلالمايمىز. چۈنكى ئالىم بولسۇن، جاھىل بولسۇن ھەر كىشى قۇرئانغا زىت قىلمىشلىرىنىڭ ھېساۋىنى ئاللاھقا بېرىدۇ. ئەمما ئالىملارنىڭ ھېسابى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«إِنَّ الَّذِينَ يَكْتُمُونَ مَا أَنْزَلْنَا مِنَ الْبَيِّنَاتِ وَالْهُدَى مِنْ بَعْدِ مَا بَيَّنَّاهُ لِلنَّاسِ فِي الْكِتَابِ أُولَئِكَ يَلْعَنُهُمُ اللَّهُ وَيَلْعَنُهُمُ اللَّاعِنُونَ (159) إِلَّا الَّذِينَ تَابُوا وَأَصْلَحُوا وَبَيَّنُوا فَأُولَئِكَ أَتُوبُ عَلَيْهِمْ وَأَنَا التَّوَّابُ الرَّحِيمُ (160) إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا وَمَاتُوا وَهُمْ كُفَّارٌ أُولَئِكَ عَلَيْهِمْ لَعْنَةُ اللَّهِ وَالْمَلَائِكَةِ وَالنَّاسِ أَجْمَعِينَ (161) خَالِدِينَ فِيهَا لَا يُخَفَّفُ عَنْهُمُ الْعَذَابُ وَلَا هُمْ يُنْظَرُونَ (162)» البقرة
«بىز نازىل قىلغان ئوچۇق ئايەتلەرنى ۋە توغرا يولنى، بىز كىتابتا ئىنسانلارغا بايان قىلغاندىن كېيىن يوشۇرىدىغانلار بارغۇ، ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ لەنىتىگە قالىدۇ ھەمدە پۈتكۈل لەنەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ لەنىتىگە قالىدۇ.
لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن تەۋبە قىلىپ ئۆزىنى تۈزەتكەن ۋە ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويغانلار ئۇنداق بولمايدۇ. مەن ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىمەن. چۈنكى مەن تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلىمەن، كۆپ ئىنئام قىلىمەن.
ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ۋە ئىنكار قىلغان پېتى ئۆلگەنلەرگە كەلسەك، ئەنە شۇلارغا ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ لەنىتى ياغىدۇ.
ئۇلار ئۇ لەنەتنىڭ ئاستىدا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ، ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمەيدۇ»- بەقەرە 2/159-162.
خۇراپات خۇددى تاماكىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭغا ئادەتلىنىپ قالغان كىشى يامانلىقىنى بىلىدۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن ۋاز كېچەلمەيدۇ. قۇرئاندىن يىراقلىشىش ئالىملارنى خۇراپات بەڭگىسى قىلىپ قويغان ۋە ئۇلارنىڭ قۇرئانغا تۈپتىن زىت بولغان نۇرغۇن ئىشلارنى نورمال كۆرۈشلىرىگە سەۋەپ بولغان. بۇنىڭغا مۇنۇ دىققەت چەككۈچى مىسالنى بېرەيلى:
ئوسمانىي دۆلىتىنىڭ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا كىرىشىگە مۇناسىۋەتلىك رەسمىي ھۆججەتلەردە، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ياردەم بېرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. گويا ئۇ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئەمەس، ئاللاھنىڭ يېنىدا ئىككىنچى بىر تەڭرىدۇر (نەئۇزۇبىللاھ). گويا ئۇ ئۆلمىگەن، تىرىكتۇر. گويا ئۇ ئۆزىگە قىلىنغان دۇئالارنى ئاڭلايدۇ، ۋەقە يۈز بەرگەن يەرنى كۆرىدۇ، كېلىدۇ ۋە خالىغىنىغا خالىغان ياردەمنى قىلىدۇ. گويا ئۇ كۈنكى ئالىملارغا ۋە قوماندانلارغا بۇ ھەقتە ۋەدە بەرگەن[3].
ئاللاھ تەئالا بۇنى ئەڭ چوڭ ئازغۇنلۇق ھېسابلايدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
{وَمَنْ أَضَلُّ مِمَّن يَدْعُو مِن دُونِ اللَّهِ مَن لَّا يَسْتَجِيبُ لَهُ إِلَى يَومِ الْقِيَامَةِ وَهُمْ عَن دُعَائِهِمْ غَافِلُونَ} الأحقاف 5
«ئاللاھنىڭ دۇنىدىن[4] قىيامەتكىچە دۇئاسىنى ئىجابەت قىلالمايدىغان كىشىلەرگە دۇئا قىلىدىغان ئادەمدىنمۇ ئازغۇن ئادەم بارمۇ؟ ھالبۇكى، ئۇ كىشىلەر بۇلارنىڭ دۇئاسىدىن خەۋەرسىزلەردۇر.» -ئەھقاف 45/5.
ئەمدى ھۆججەت ئارخىپلىرىدىكى ئىپادىلەرگە قىسقىچە قاراپ چىقايلى:
ئا- سۇلتان رەشادنىڭ ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىقىغا دائىر باياننامىسىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا مۇنداق دېيىلىدۇ:
«…ھەق ۋە ئادالەت بىزدە، زۇلۇم ۋە ئۇدۋان دۈشمەنلىرىمىزدە بولغانلىقتىن دۈشمەنلىرىمىزنى قەھرەتمەك ئۈچۈن جانابى ئادىلى مۇتلەقنىڭ ئىنايىتى سەمەدانىيىسىنىڭ ۋە پەيغەمبىرى زىشانىمىزنىڭ ئىمدادى مەنىۋىيىسىنىڭ بىزگە يار ۋە ياۋەر بولىدىغانلىقىدا شەك يوق…»[5].
يەشمىسى:
«بىز ھەقلىق ۋە دۇرۇس، دۈشمەنلىرىمىز زالىم ۋە تاجاۋۇزچى بولغانلىقتىن دۈشمەنلىرىمىزنى يەر بىلەن يەكسان قىلىش ئۈچۈن مۇتلەق ئادىل بولغان ئاللاھنىڭ بۈيۈك ئىلتىپاتىنىڭ ۋە شانلىق پەيغەمبىرىمىزنىڭ مەنىۋى ياردىمىنىڭ بىزگە ھەمراھ ۋە ياردەمچى بولىدىغانلىقىدا شەك يوق».
 ب- باش قوماندان ۋەكىلى[6] ئەنۋەر پاشانىڭ باياننامىسى مۇنۇ ئىپادىلەر بىلەن باشلىنىدۇ:
«ئاللاھنىڭ ئىنايىتى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ روھانىي ياردىمى ۋە مۇبارەك پادىشاھىمىزنىڭ ياخشى دۇئاسى بىلەن قوشۇنىمىز دۈشمەنلىرىمىزنى يوق قىلىدۇ»
باياناتنىڭ ئوتتۇرىلىردا شۇ ئىپادىلەر بار:
«…ھەممىمىز ئويلىشىمىز كېرەككى، ئۈستىمىزدىلا پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋە ساھابىلەرنىڭ روھلىرى ئۇچۇشۇپ يۈرىدۇ…»[7]
 ج- ئىسلام دۆلەتلىرىنى جىھادقا چاقىرىش باياننامىسى:
بۇ باياننامىنى مەجلىسى ئالىيە ئىلمىيە (ئالىي ئىلىم مەجلىسى) ھازىرلىغان، سۇلتان رەشاد خەلىپىلىك سۈپىتى بىلەن ئىمزالىغان. باياننامىدا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك 34 ئالىمنىڭمۇ ئىمزاسى بار. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۈچى سابىق، بىرى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تۆت شەيخۇلئىسالام ۋە پەتىۋا ئەمىنى ئەلى ھەيدەر ئەپەندىمۇ بار.
باياناتنىڭ تۆتىنچى ئابزاسى مۇنۇ ئىپادىلەر بىلەن ئاخىرلىشىدۇ:
«دىنى مۇبىينى ئىلاھىييىسى نامىغا جىھادقا شىتابان بولغان مۇسلىمىننى ھەر بىر خۇسۇستا مەزھەرى فەۋز ۋە نۇسرەت ئاتا قىلىدىغان ئىنايەت ۋە ئەلتافى جەلىلەئى سەمەدانىيدىن مەۋئۇد ۋە شەرىئەتى غەررائى ئەھمەدىينىڭ ئىئلائى شانى ئۈچۈن فەدائى جان ۋە مال ئەيلىگەن ئۇممەتى ناجىيەسىگە زاھىر ۋە دەستىگىر بولۇش ئۈچۈن روھانىيىتى مۇقەددەسەئى نەبەۋىييە ھازىر ۋە مەۋجۇتدۇر»
يەشمىسى:
«ئاللاھ ئۆزىنىڭ روشەن دىنىنى دەپ جىھادقا ئالدىراپ چىققان مۇسۇلمانلارنى ھەر جەھەتتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلىپ ئۇلارغا ياردەم قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن. ئەھمەد[8]نىڭ نۇرلۇق شەرىئىتىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن جېنىنى ۋە مېلىنى پىدا قىلغان ئۈممىتى ناجىيىسىگە[9] ياردەمچى بولۇپ قولىدىن تۇتۇش ئۈچۈن پەيغەمبەرنىڭ مۇقەددس روھى ھازىر ۋە مەجۇتتۇر»[10]
باياناتنىڭ ئاخىرقى ئابزاسى مۇنداق ئاخىرلىشىدۇ:
«ئەي مۇجاھىدىنى ئىسلام! جانابى ھەقنىڭ نۇسرەت ۋە ئىنايىتى، نەبىييى مۇھتەرەمىمىزنىڭ مەدەدى رۇھانىيەتىيلە ئەئدائى دىننى قەھر ۋە تەدمىر، قۇلۇبى مۇسلىمىنىي سەرمەدىي سائادەتلەرلە تەئسىير ئەيلىشىڭلار ۋەئدى جەلىيلى ئىلاھىي ئىلە مۇئەييەد ۋە مۇبەششەردۇر»[11].
يەشمىسى:
«ئى ئىسلام مۇجاھىدلىرى! جانابى ئاللاھنىڭ نۇسرەت ۋە ئىنايىتى، ھۆرمەتلىك پەيغەمبىرىمىزنىڭ روھانىي ياردىمى بىلەن دىن دۈشمەنلىرىنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ ھالاكەتكە دۇچار قىلىشىڭلار ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ يۈرەكلىرىنى ئەبەدىي بەخت-سائادەتلەر بىلەن سۆيۈندۈرۈشىڭلار ئاللاھنىڭ ۋەدىسى بىلەن تەكىتلەنگەن ۋە خۇش خەۋەر بېرىلگەن ئىشتۇر»[12]
مۇرىد: مۇسۇلمانلار كاپىرلارغا قارشى جىھادقا ئاتلىنىدۇ. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى سۆيۈندۈرىدىغان بىر ھەرىكەتتۇر. ئەلۋەتتە ئۇ روھانىيىتى بىلەن مۇسۇلمانلارغا ياردەم قىلىدۇ. ئۇنىڭ مۇنەۋۋەر ساھابىلىرىنىڭ روھلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈستىدە ئۇچۇشىدىن ئەجەبلەنمەسلىك كېرەك. چۈنكى ساھابىلەرمۇ بۇ ئۇرۇشقا قاتىنىشىشنى خالايدۇ- دە!
بايىندىر: ئەگەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ مۇنەۋۋەر ساھابىلىرى ھايات بولغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولغان ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن قوللىرىدىن كەلگەننى قىلغان بولاتتى. لېكىن ئۇلار ۋاپات بولۇپ كەتكەن. بىزنىڭ قىلىشىمىز كېرەك بولغان ئىش خىياللىرىمىزغا ئەمەس، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن قۇرئانغا بويسۇنۇشتۇر. ئاللاھ تەئالا ئۆزىدىن باشقىسىنىڭ ياردەمگە چاقىرىلىشىنى قۇرئاندا شېرىك ھېساپلىغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
{ذَلِكَ بِأَنَّ اللَّهَ هُوَ الْحَقُّ وَأَنَّ مَا يَدْعُونَ مِن دُونِهِ هُوَ الْبَاطِلُ وَأَنَّ اللَّهَ هُوَ الْعَلِيُّ الْكَبِيرُ} الحج 62
«بۇ مۇشۇنداقتۇر. چۈنكى ئاللاھ ھەقتۇر، مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان نەرسىلىرى باتىلدۇر. ئاللاھ ئۇلۇغدۇر، بۈيۈكتۇر»- ھەج 22/62.
ئەمىليەتتىمۇ ئاللاھتىن باشقا ياردەمگە چاقىرىلغان كىشى كىم بولسا بولسۇن ھېچ نەرسىگە كۈچى يەتمەيدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«يُولِجُ اللَّيْلَ فِي النَّهَارِ وَيُولِجُ النَّهَارَ فِي اللَّيْلِ وَسَخَّرَ الشَّمْسَ وَالْقَمَرَ كُلٌّ يَجْرِي لِأَجَلٍ مُسَمًّى ذَلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمْ لَهُ الْمُلْكُ وَالَّذِينَ تَدْعُونَ مِنْ دُونِهِ مَا يَمْلِكُونَ مِنْ قِطْمِيرٍ (13) إِنْ تَدْعُوهُمْ لَا يَسْمَعُوا دُعَاءَكُمْ وَلَوْ سَمِعُوا مَا اسْتَجَابُوا لَكُمْ وَيَوْمَ الْقِيَامَةِ يَكْفُرُونَ بِشِرْكِكُمْ وَلَا يُنَبِّئُكَ مِثْلُ خَبِيرٍ (14)» فاطر
«ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە قېتىپ كۈندۈزنى ئۇزارتىدۇ، كۈندۈزنى كېچىگە قېتىپ كېچىنى ئۇزارتىدۇ. ئاللاھ كۈننى ۋە ئاينى بويسۇندۇرغان. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى بەلگىلەنگەن بىر مۇددەتكە قەدەر ئۆز ئوربېتىسىدا ھەرىكەت قىلىدۇ. ئەنە شۇ ئاللاھتۇر، سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، ھەر نەرسىنىڭ ئىگىسىدۇر. سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان زاتلىرىڭلار قىلچىلىك نەرسىگىمۇ ئىگە ئەمەس.
ئۇلارغا دۇئا قىلساڭلار دۇئايىڭلارنى ئاڭلىمايدۇ، ئاڭلىغان تەقدىردىمۇ ئىجابەت قىلالمايدۇ. ئۇلار قىيامەت كۈنى سىلەرنىڭ ئۇلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلغانلىقىڭلارنى رەت قىلىدۇ. ھېچكىم ساڭا ھەر نەرسىدىن خەۋەردار زاتتەك خەۋەر بېرەلمەيدۇ»- فاتىر 35/13-14.
ئاللاھدىن باشقىسىنى ئادەتتىن تاشقىرى يوللار بىلەن ياردەمگە چاقىرىش شېرىكتۇر. ئاللاھ ئۇنداق كىشىلەرگە ياردەم قىلمايدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
{الَّذِينَ آمَنُواْ وَلَمْ يَلْبِسُواْ إِيمَانَهُم بِظُلْمٍ أُوْلَـئِكَ لَهُمُ الأَمْنُ وَهُم مُّهْتَدُونَ} الأنعام 82
«ئىمان ئېيتقان ۋە ئىمانغا شېرىكنى[13] ئارىلاشتۇرمىغانلار بارغۇ، خاتىرجەملىك ئەنە شۇلارنىڭ ھەققىدۇر.توغرا يولنى تۇتقانلار ئۇلاردۇر»- ئەنئام 6/82.
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇرۇشقان ئەنگىلىيەلىك، فرانسىيەلىك، ئىتالىيەلىك ۋە گىرىتسىيەلىكلەرمۇ غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئاللاھقا دۇئا قىلغان ئەمەسمىدى؟ لېكىن ئۇلار خرىستىئان بولغانلىقلىرى ئۈچۈن ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە ئىيساغىمۇ دۇئا قىلاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ مۇقەددەس كىتابى بۇنى تەشۋىق قىلىدۇ.
مەتتا ئىنجىلىدا دېيىلىشىچە ئىيسا كىرىستكە مىخلىنىپ دەپنە قىلىنغاندىن ئۈچ كۈن كېيىن قەبرىسىدىن چىققان، ئون بىر شاگىرتىغا كۆرۈنگەن ۋە مۇنداق دېگەن:
«ئەرشتە ۋە يەر يۈزىدە پۈتۈن ھوقۇق ماڭا بېرىلدى. 19 شۇنىڭ ئۈچۈن بېرىپ پۈتكۈل مىللەتلەرنى مېنىڭ شاگىرتلىرىم قىلىپ يېتىشتۈرۈڭلار. ئۇلارنى خۇدائاتا، ئۇنىڭ ئوغلى ۋە مۇقەددەس روھنىڭ نامى بىلەن چۆمۈلدۈرۈپ، 20 ئۇلارغا مەن سىلەرگە بۇيرۇغان بارلىق ئەمەللەرگە ئەمەل قىلىشنى ئۆگىتىڭلار. مەن ھەقىقەتمۇ زامان ئاخىرىغىچە ھەر دائىم سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن»- مەتتا 28/19-20.  
قۇرئانغا ئاساسەن ئاللاھدىن باشقىسىنى بۇ شەكىلدە ياردەمگە چاقىرىش شېرىكتۇر. يۇقىرىدا مەسىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئايەتلەر ئۆتتى. تۆۋەندىكى ئايەت ئاللاھتىن باشقىسىنى ياردەمگە چاقىرىشنى توغرا يولغا كىرىپ بولۇپ كەينىگە يېنىۋالغانلىق ۋە تۈپتۈز بىر يەردە تېڭىرقىغانلىق دەپ چۈشەندۈرىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
{قُلْ أَنَدْعُو مِن دُونِ اللّهِ مَا لاَ يَنفَعُنَا وَلاَ يَضُرُّنَا وَنُرَدُّ عَلَى أَعْقَابِنَا بَعْدَ إِذْ هَدَانَا اللّهُ كَالَّذِي اسْتَهْوَتْهُ الشَّيَاطِينُ فِي الأَرْضِ حَيْرَانَ لَهُ أَصْحَابٌ يَدْعُونَهُ إِلَى الْهُدَى ائْتِنَا قُلْ إِنَّ هُدَى اللّهِ هُوَ الْهُدَىَ وَأُمِرْنَا لِنُسْلِمَ لِرَبِّ الْعَالَمِينَ} الأنعام 71
«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: ‹ئاللاھنىڭ يېقىنىدىن، بىزگە پايدىمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان، زىيانمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىنى ياردەمگە چاقىرىپ، ئاللاھ بىزنى توغرا يولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن كەينىمىزگە ياندۇرۇلامدۇق؟ دوستلىرى ‹بېرى كەل› دەپ توغرا يولغا چاقىرىۋاتقان تۇرۇپ، شەيتانلار بىر يەردە ئارزۇسىغا ئەگەشتۈرۈپ تېڭىرقىغان ھالەتتە تاشلىۋەتكەن ئادەمدەك بولامدۇق؟› ئېيتقىنكى: ‹توغرا يول ئاللاھنىڭ يولىدۇر. بىز ئالەملەرنىڭ رەببىگە تەسلىم بولۇشقا بۇيرۇلدۇق›»- ئەنئام6/71.
مۇرىد: مۇسۇلمانلار تارىختا كۆپ مەغلۇبىيەتلەرگە ئۇچرىدى. بۇ ئاللاھنىڭ ئۇلاردىن ئالغان ئىمتىھانىدۇر. مەسىلەن: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قوشۇنىمۇ ئۇھۇد ئۇرۇشىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ غەيرىتى بىلەن كېيىن بۇ ئەھۋال مۇسۇلمانلارنىڭ پايدىسىغا ئۆزگەردى.
بايىندىر: ئۇھۇددا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زور غەيرەت كۆرسىتىپ ئەھۋالنى مۇسۇلمانلارنىڭ پايدىسىغا ئۆزگەرتىشكە مۇۋەپپەق بولغان. ئەمما ئۇ «مەن ئاللاھ نىڭ ئەلچىسى، مېنىڭ دۇئايىم ۋە مەنىۋى ياردىمىم بىلەن بۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىنىدۇ» دېمىگەن ئىدى.
مەغلۇبىيەت دېدۇق، ئۇرۇش مەيدانىدا مەغلۇپ بولۇش ئۇنچە مۇھىم ئەمەس. مەيداندا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندا قايتىدىن تەشكىللىنىپ، دۈشمەنگە تېخىمۇ ئېغىر زەربە بەرگىلى بولىدۇ. ئەسلى مەغلۇبىيەت روھىي مەغلۇپلۇقتۇر. بۇ ۋاقىتتا سىز ھېچ ئىش قىلالمايسىز.
مۇسۇلمانلار روھىي جەھەتتىن مەغلۇب بولغان بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربى ئىنتىزاملىرىغا ئىشەنچىسى قالمىغان. بۇلارنىڭ ئورنىغا باشقىسىنى قويۇش غەيرىتى بۇ ئىشەنچسىزلىكنىڭ نەتىجىسىدۇر. بۇنى چۈشەنمەكچى بولغان كىشى، مۇسۇلمانلار قوللاپ-قۇۋۋەتلەۋاتقان مەكتەپلەردە نېمىنىڭ ئۆگىتىلىۋاتقانلىقىغا قارىسۇن. بۈيۈك ماددىي ئىمكانىيەتلەر بىلەن ياردەم قىلىنىپ غەيرىيمۇسۇلمان دۆلەتلەرگە ئەۋەتىلگەن ئوقۇغۇچىلار قايسى سىستېمىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن كېىتىۋاتىدۇ؟ ئۆز سىستېمىمىزنى ئۆگىتىش ئۈچۈن قىلغان غەيرىتىمىزنى بۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرساق قورقۇنچلۇق بىر پەرق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. مانا بۇلار بۈگۈنكى دۇنيا ئالدىدا بېشىمىزنى تىك تۇتۇپ يۈرۈشىمىزگە توسالغۇ بولماقتا.
مۇرىد: خوش، تەرىقەتلەردىن نېمە تەلەپ قىلىسەن؟ تۈركىيەدە تەرىقەتلەرنىڭ خانىقا ۋە تەكىيىخانىلىرى رەسمىي ھالدا تاقىۋېتىلگەن.
 بايىندىر: خەلقنىڭ زېھنىگە سىڭىپ كەتكەن ئىجتىمائىي بىر ئورگاننى رەسمىيەتتە تاقىۋېتىش بىلەن ئىش تۈگىمەيدۇ. خۇراپاتلار يوقالمايدۇ. بۇ يەردە ئاساسلىق مەسئۇلىيەت دىن ئالىملىرىنىڭ زىممىسىدىدۇر. ئۇلار خەلقنى تەربىيىلىشى كېرەك. زېھىنلەر خۇراپاتلاردىن تازىلىنىپ، توغرا مەلۇماتلار بىلەن تولدۇرۇلۇشى لازىم. مانا بۇ ساھەدە يېتەرلىك پائالىيەت يوق. خەلقىمىزنىڭ زور بىر قىسمىنىڭ خۇراپاتلارغا ئالدىنىپ كېتىشى مۇشۇ سەۋەپتىن بولغان. بولۇپمۇ ئۇ پائالىيەتلەر داۋاملىق بولۇشى كېرەك. ئازراق دىققەتسىزلىك خۇراپاتلارغا ئىشىك ئاچقانلىق بولىدۇ.
مۇرىد– بىلىمى، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى بولغان نۇرغۇن ئىنسانلارمۇ تەرىقەتچىلەرگە قېتىلماقتا ۋە ياردەمچى بولماقتا. بۇ سېنىڭ دەۋايىڭىزنى بىكار قىلىپ تاشلىماسمۇ؟
بايىندىر: بۇ ئىنسانلار كۆپ ساھەدە مەلۇماتلىق بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ئۇلار دىنىنى ياخشى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئاسانلا ئالدىنىدۇ. شۇنداق بولغانىكەن دىننى ھەر كىشىگە توغرا ئۆگىتىش كېرەك. بۇ دىندارلارنىڭ خۇراپاتلارغا بېرىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. دىندىن يىراق كىشىلەرنى خۇراپات بىلەن توغرا دىننى بىر- بىرىدىن ئايرىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇلار خۇراپاتقا قارشى تۇرىمەن دەپ، دىندارلارنى رەنجىتىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىدۇ.
مۇرىد: ھازىرغىچىلىك ياشاپ ئۆتكەن ئالىملارنىڭ ھەممىسى خاتا يولدا، پەقەت سەنلا توغرا يولدىمۇ؟ سېنىڭ ئىلمىڭ ئۇلارنىڭ ئىلىملىرىدىن كۆپمۇ؟
بايىندىر: ئىلىمنىڭ كۆپلۈكى ياكى ئازلىقى ئەمەس، ئۇ ئىلىمنى نېمە مەقسەد بىلەن ئىشلەتكەنلىكىڭىز مۇھىمدۇر. ئەگەر ئىنسانلار رەنجىپ قالىدۇ ياكى ماڭا قارشى چىقىدۇ، دەپ توغرىسىنى سۆزلىمىسىڭىز، ئىلمىڭىزنىڭ كۆپلۈكى سالغان زىيىنىڭىزنى كۆپەيتىدۇ، خالاس. مەشھۇر بىر ئالىم ماڭا مۇنداق دېگەن ئىدى:
– ئابدۇلئەزىز بەگ، تەسەۋۋۇپ ۋە تەرىقەتلەر بىلەن ھەپىلىشىشتىن ۋاز كېچىڭ. خۇراپات بولمىسا تەسەۋۋۇپمۇ بولمايدۇ.
مەن مۇنداق دېدىم:
– بۇ خۇراپاتلار بىلەن كۈرەش قىلىش بىزنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىمىز ئەمەسمۇ؟ بۇلار ئىنسانلارنى شېرىككە ئېلىپ بارمامدۇ؟
ئۇ مۇنداق دېدى:
– توغرا، لېكىن بۇلار تۈزەلمەيدۇ.
مەن مۇنداق دېدىم:
– ئىنسانلار تۈزەلمەيدۇ، دەپ كۈرەشنى تەرك ئەتكەن بىرەر پەيغەمبەر بارمۇ؟ بىزنىڭ ئۈلگىمىز ئۇلار ئەمەسمۇ؟
ئۇ مۇنداق دېدى:
– مەن سىزنىڭ مەنپەئەتىڭىز ئۈچۈن سۆزلەۋاتىمەن. سىز تېخى ياش، ئىستىقبالىڭىز پارلاق، تەرىقەتچىلەر بولسا بەك كۈچلۈك. ئۇلارغا تەڭ كېلەلمەيسىز. ئىستىقبالىڭىزنى نابۇت قىلماڭ.
مەن مۇنداق دېدىم:
– مەن بۇلاردىن بىر نەرسە كۈتمەيمەن. مەن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىمەن، ئاللاھدىن كۈچلۈك ھېچكىم يوق.
ئۇ مۇنداق دېدى:
– مەن سىز ئۈچۈن ئەندىشە قىلىۋاتىمەن.
 مەن مۇنداق دېدىم:
– ئەسلىدە مەن سىز ئۈچۈن ئەندىشە قىلىۋاتىمەن. سىزنىڭ ئەھۋالىڭىز شەنبە كۈنى بېلىق تۇتۇش چەكلىمىسىنى ئاياغ ئاستى قىلغان يەھۇدىيلارغا قارشى كۈرەش قىلىشتىن ئۆزىنى تارتقانلارنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ.
مەلۇم بولغىنىدەك يەھۇدىيلاردا شەنبە كۈنى بېلىق تۇتۇش چەكلەنگەن. داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىسىدا دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان ئەيلە دېگەن كەنتتە يەھۇدىيلار ياشايتتى. دېڭىزنىڭ بۇلارغا يېقىن قىسمىغا يىلنىڭ بىر ئېيىدا ھەر تەرەپتىن بېلىقلار يىغىلاتتى. ھەتتا بېلىقلارنىڭ كۆپلىكىدىن سۇ كۆرۈنمەي قالاتتى. باشقا ئايلاردا بولسا، پەقەت ھەر شەنبە كۈنىدىلا يېغىلاتتى. ئاندىن ئۇلار دېڭىز قىرغاقلىرىغا كۆلللەرنى كولاپ، دېڭىزدىن ئۇ كۆللەرگە ئېرىقلارنى ئاچتى. شۇنىڭ بىلەن بېلىقلار شەنبە كۈنى كۆللەرگە تولدى، ئۇلار ئۇ بېلىقلارنى يەكشەنبە كۈنى ئوۋلىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قارىشىچە چەكلىمىنى ئاياغ- ئاستى قىلمىغان بولاتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇلار جازالىنىشتىن قورققان ھالدا بېلىقلاردىن پايدىلاندى. زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئەۋلاتلىرى ئاتا – بوۋىلىرىنىڭ يولىدا مېڭىپ مال-مۈلۈك ئىگىسى بولدى. ئۇ ئەسنادا شەھەردىن شەنبە كۈنى بېلىق تۇتۇشنى يامان كۆرىدىغان بىر بۆلۈك ئىنسانلار كېلىپ ئۇلارنى بۇ ئىشتىن ياندۇرۇشقا تىرىشتى. لېكىن ئۇلار يانغىلى ئۇنىمىدى ۋە مۇنداق دېيىشتى:
– «بىز ئۇزۇندىن بۇيان بۇ ئىشنى قىلىپ كېلىۋاتىمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھدىن ھېچبىر جازا كەلمىدى». شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا مۇنداق دېيىلدى:
– ئالدانماڭلار، سىلەرگە بىرەر ئازاپ كېلىپ، ھالاك بولۇپ كېتىشىڭلار مۇمكىن. ئاندىن ئۇلار بىر كۈنى ئەتتىگەندە خار، پەسكەش مايمۇنلارغا ئايلاندى. ئۈچ كۈن مۇشۇنداق ياشىغاندىن كېيىن ھالاك بولۇپ كەتتى[14].
بەقەرە سۈرىسىنىڭ 65- ۋە 66- ئايەتلىرىدە بۇ توغرىدا مۇنداق دېيىلىدۇ:
«وَلَقَدْ عَلِمْتُمُ الَّذِينَ اعْتَدَوْا مِنْكُمْ فِي السَّبْتِ فَقُلْنَا لَهُمْ كُونُوا قِرَدَةً خَاسِئِينَ (65) فَجَعَلْنَاهَا نَكَالًا لِمَا بَيْنَ يَدَيْهَا وَمَا خَلْفَهَا وَمَوْعِظَةً لِلْمُتَّقِينَ (66)» البقرة
«ئىچىڭلاردىن شەنبە كۈنى ھەددىدىن ئاشقانلارنى ئەلۋەتتە بىلىسىلەر. ئۇ سەۋەبتىن بىز ئۇلارغا ‹خار مايمۇنلار بولۇپ كېتىڭلار!› دېگەن ئىدۇق.
بىز بۇنى، زامانداشلىرىغا ۋە كېيىنكىلەرگە بىر ئىبرەت، تەقۋادارلارغا بىر نەسىھەت قىلدۇق»- بەقەرە 2/65 – 66.
بىر تۈركۈم كىشى شەنبە كۈنى بېلىق تۇتۇش چەكلىمىسىگە بويسۇنمىغانلارغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتسا، باشقا بىر تۈركۈم كىشىلەر بۇلارغا قارشى چىقاتتى. ئاللاھ تەئالا بۇ ئىككى جامائەنىڭ ئوتتۇرىدا بولۇپ ئۆتكەن سۆزلەرنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
{وَإِذَ قَالَتْ أُمَّةٌ مِّنْهُمْ لِمَ تَعِظُونَ قَوْماً اللّهُ مُهْلِكُهُمْ أَوْ مُعَذِّبُهُمْ عَذَاباً شَدِيداً قَالُواْ مَعْذِرَةً إِلَى رَبِّكُمْ وَلَعَلَّهُمْ يَتَّقُونَ} الأعراف 164
«ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر ئۈممەت: ‹ئاللاھ ھالاك قىلىدىغان ياكى قاتتىق ئازابلايدىغان بىر قەۋمگە نېمە ئۈچۈن ۋەز- نەسىھەت قىلىسىلەر؟› دېگەن ئىدى، ئۇلار: ‹رەببىڭلارغا ئۆزرە ئېيتىش ئۈچۈن، ھەمدە ئۇلارنىڭ گۇناھدىن ساقلىنىشىنى ئۈمىد قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن› دېدى»- ئەئراف 7/164.
ئايەت مۇنداق داۋام قىلىدۇ:
«فَلَمَّا نَسُوا مَا ذُكِّرُوا بِهِ أَنْجَيْنَا الَّذِينَ يَنْهَوْنَ عَنِ السُّوءِ وَأَخَذْنَا الَّذِينَ ظَلَمُوا بِعَذَابٍ بَئِيسٍ بِمَا كَانُوا يَفْسُقُونَ (165) فَلَمَّا عَتَوْا عَنْ مَا نُهُوا عَنْهُ قُلْنَا لَهُمْ كُونُوا قِرَدَةً خَاسِئِينَ (166)» الأعراف
«ئۇلار ئۆزلىرىگە قىلىنغان ۋەز- نەسىھەتنى ئۇنتۇغان چاغدا، يامانلىقتىن مەنئى قىلىدىغان كىشىلەرنى قۇتقۇزدۇق. زالىملىق قىلغان كىشىلەرنى شىددەتلىك ئازاب بىلەن جازالىدۇق. چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا قارشى چىققان ئىدى.
ئۇلار مەنئى قىلىنغان نەرسىنى تەرك ئېتىشتىن باش تارتقان چاغدا، ئۇلارغا: ‹خار مايمۇنلار بولۇڭلار!› دېدۇق»- ئەئراف 7/165 – 166.
سىز بىزگە ياردەمچى بولۇشنىڭ ئورنىغا، ۋاسىتىلىق ھالدا گۇناھكارلارغا ياردەم قىلىۋاتىسىز. ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بالالارنىڭ سىزنىڭ بېشىڭىزغا كېلىشىدىن قورقمامسىز؟
ئۇ مۇنداق دېدى:
– بىلمەيمەن قېرىندىشىم، مەن سىزنىڭ مەنپەئەتىڭىزنى ئويلاۋاتىمەن.
مەن مۇنداق دېدىم:
– قاراڭ، بىر قېتىم نەپەس ئالغۇچىلىك ئۆمرۈم قالغانلىقىنى بىلسەم، ئۇ بىر نەپەسنى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش خاتالىقلارنى تۈزۈتۈش ئۈچۈن سەرپ قىلىشنى خالايمەن[15].
مۇرىد: شۇنداق، بۇ توغرىدا سەن ھەقلىق. بەزى ئالىملار بىلىپ تۇرۇپ كۈرەشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. ئەمما ئىلگىرىكى زامانلاردا ھەقىقىي ئىلىم ئىگىلىرى بار ئىدى.
بايىندىر: ھەقىقىي ئىلىم ئىگىسى بولۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ. ئۇ ئىلىمنى ئۆز جايىدا ئىشلىتىش لازىم. بۇ توغرىدا ئاللاھ تەئالا بىزگە ئادەم ئەلەيھىسسالامنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىدۇ:
ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئاللاھ تەئالا ئىدى. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
« وَعَلَّمَ آَدَمَ الْأَسْمَاءَ كُلَّهَا ثُمَّ عَرَضَهُمْ عَلَى الْمَلَائِكَةِ فَقَالَ أَنْبِئُونِي بِأَسْمَاءِ هَؤُلَاءِ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ (31) قَالُوا سُبْحَانَكَ لَا عِلْمَ لَنَا إِلَّا مَا عَلَّمْتَنَا إِنَّكَ أَنْتَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ (32) قَالَ يَا آَدَمُ أَنْبِئْهُمْ بِأَسْمَائِهِمْ فَلَمَّا أَنْبَأَهُمْ بِأَسْمَائِهِمْ قَالَ أَلَمْ أَقُلْ لَكُمْ إِنِّي أَعْلَمُ غَيْبَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَأَعْلَمُ مَا تُبْدُونَ وَمَا كُنْتُمْ تَكْتُمُونَ (33)» البقرة
«ئاللاھ ئادەمگە ئىسىملارنىڭ ھەممىسىنى ئۆگەتتى. ئاندىن ئۇلارنى پەرىشتىلەرگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ: ‹قېنى، راستچىل بولساڭلار شۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار› دېدى. 
پەرىشتىلەر: ‹سەن ئۇلۇغسەن. بىزنىڭ سەن بىزگە ئۆگەتكەندىن باشقا بىر بىلىمىمىز يوق. شۈبھىسىزكى، سەن بىلگۈچىدۇرسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن› دېدى.
ئاللاھ: ‹ئى ئادەم! بۇلارغا شۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئېيتىپ بەرگىن› دېدى. ئادەم ئۇلارغا ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى، ئاللاھ: ‹مەن سىلەرگە، مەن ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ غەيبىنى بىلىمەن، مەن سىلەر ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن قىلىۋاتقان ھەر نەرسىنى بىلىمەن دېمىگەنمىدىم؟› دېدى»- بەقەرە 2/31 – 33.
كېيىن ئاللاھ ئادەمنى ۋە ئۇنىڭ جۈپتىنى جەننەتكە ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن شەيتاننى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېگەنىدى:
« يَا آَدَمُ إِنَّ هَذَا عَدُوٌّ لَكَ وَلِزَوْجِكَ فَلَا يُخْرِجَنَّكُمَا مِنَ الْجَنَّةِ فَتَشْقَى (117) إِنَّ لَكَ أَلَّا تَجُوعَ فِيهَا وَلَا تَعْرَى (118) وَأَنَّكَ لَا تَظْمَأُ فِيهَا وَلَا تَضْحَى (119) فَوَسْوَسَ إِلَيْهِ الشَّيْطَانُ قَالَ يَا آَدَمُ هَلْ أَدُلُّكَ عَلَى شَجَرَةِ الْخُلْدِ وَمُلْكٍ لَا يَبْلَى (120)» طه
«‹ئى ئادەم! مانا بۇ سېنىڭ ۋە ئايالىڭنىڭ دۈشمىنىدۇر. دىققەت قىلىڭلار! بۇ ئىككىڭلارنى جەننەتتىن چىقىرىۋەتمىسۇن. بولمىسا بەختسىز بولۇپ قالىسەن.
جەننەتتە ئاچمۇ قالمايسەن، يالىڭاچمۇ قالمايسەن.
جەننەتتە يەنە ئۇسساپمۇ قالمايسەن، ئاپتاپتىمۇ قالمايسەن›.
ئۇ ئەسنادا شەيتان ئادەمگە مۇنداق دەپ پىچىرلىدى: ‹ئى ئادەم! ساڭا، مېۋىسىدىن يېگەن كىشى ئۆلمەيدىغان ۋە مەڭگۈ پادىشاھ بولىدىغان دەرخنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟›»- تاھا 20/117 – 120.
بۇ جازىبىلىك تەكلىپ ئۇنىڭغا ھەممە نەرسىنى ئۇنتۇلدۇردى ۋە:
{فَأَكَلَا مِنْهَا فَبَدَتْ لَهُمَا سَوْآتُهُمَا وَطَفِقَا يَخْصِفَانِ عَلَيْهِمَا مِن وَرَقِ الْجَنَّةِ وَعَصَى آدَمُ رَبَّهُ فَغَوَى} طه 121
«ھەر ئىككىسى ئۇ دەرخنىڭ مېۋىسىدىن يېدى، ئاندىن ئۇياتلىق يەرلىرى ئۆزلىرىگە ئاشكارا بولۇپ قالدى، دەرھال ئۈستىگە جەننەتنىڭ ياپراقلىرىدىن قاتمۇقات چاپلاشقا باشلىدى. ئادەم رەببىگە ئاسىيلىق قىلدى ۋە ئازدى»- تاھا 20/121.
ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ بېشىغا كەلگەنلەر ئەنە شۇلاردۇر. ھېچبىر ئالىم ئۇ ئىگە بولغان شەرت-شارائىتلارغا ئىگە بولالمايدۇ. ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئاللاھ تەئالا، تۇرىدىغان ئورنى گۈزەل بىر باغ ئىدى. يامان ئادەملەرمۇ يوق ئىدى، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارمۇ يوق ئىدى. لېكىن ئەبەدىي ياشاش ۋە مەڭگۈ پادىشاھ بولۇش ئارزۇسى ئۇنىڭ ئاسىيلىق قىلىشىغا ۋە ئېزىشىغا سەۋەب بولغان. خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەشھۇر بولۇش ۋە دۇنيالىق مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئارزۇسى نۇرغۇن ئالىملارنى ئاسىيلىق قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ ۋە ئازدۇرىدۇ. چۈنكى ئاللاھنىڭ بەرگىنىگە ۋە بېرىشكە ۋەدە قىلغىنىغا قانائەت قىلغان ئىنسان بەك ئاز. ئىنسان داۋاملىق تېخىمۇ كۆپنى خالايدۇ. ھەتتا ئاللاھ بىلەن پۈتۈنلىشىشنى ۋە تېخىمۇ ئۈستۈن بولۇشنى مەقسەت قىلغانلارمۇ بار[16].
ئىلىم ھالال مالغا ئوخشايدۇ. ھالال مېلى بىلەن يامان ئىش قىلغانلار بولغىنىدەك، ئىلمى بىلەن خەلقنى ئازدۇرغانلارمۇ بار. ھەقىقىي ئالىم توغرا سۆزلىگۈچىگە قارشى چىقىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ توغرىنى سۆزلەشتىن يانمايدىغان ئالىمدۇر. توغرىنى بىلىدىغانلار كۆپ، لېكىن توغرىنى سۆزلەيدىغانلار ئازدۇر. بولمىسا مېنىڭ دېگەنلىرىم ھېچكىم بىلمەيدىغان نەرسىلەر ئەمەس.
مۇرىد: مۇسۇلمانلارنىڭ غەربلىكلەر ئالدىدا ئېغىر دەرىجىدە مەغلۇب بولغانلىقىنى ئېيتقان ئىدىڭ. غەربلىكلەرنى مۇسۇلمانلاردىن ئۈستۈن كۆرسەڭ بولمايدۇ. ئاللاھ تەئالا:
 {وَأَنتُمُ الأَعْلَوْنَ إِن كُنتُم مُّؤْمِنِينَ} آل عمران 139
«ئەگەر مۆئمىن بولساڭلار، ئۈستۈن كەلگۈچىلەر سىلەر بولىسىلەر»- (ئال ئىمران 3/139) دېمەمدۇ؟
بايىندىر: غەربلىكلەرنى مۇسۇلمانلاردىن كىم ئۈستۈن كۆرۈپتۇ؟ مەن مۇسۇلمانلارنىڭ مۇسۇلمانلىقتىن يىراقلىشىپ كەتكەنلىكىنى سۆزلەۋاتىمەن. مادامىكى بىز مۇسۇلمانلار غەيرىي مۇسۇلمانلارنىڭ بېقىندىسىغا ئايلىنىپتىمىز ۋە بۇ بىر ئەسىردىن ئۇزۇنراق ۋاقىتتىن بۇيان مۇشۇنداق داۋاملىشىۋېتىپتۇ. ئۇنداقتا بۇ ئىشتا بىر خاتالىق بار. سىز ئوقۇغان ئايەتنىڭ خاتا بولمايدىغانلىقىغا قارىغاندا خاتالىق بىزنىڭ مۇسۇلمانلىقىمىزدا بولۇشى كېرەك. ھازىرقى ئەھۋالىمىزنىمۇ ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن جازاسى، دەپ بىلىشىمىز لازىم.
ئاللاھ تەئالا قۇرئان كەرىمدە جازاغا تارتىلغان قەۋملەر ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ:
«ذَلِكَ مِنْ أَنْبَاءِ الْقُرَى نَقُصُّهُ عَلَيْكَ مِنْهَا قَائِمٌ وَحَصِيدٌ (100) وَمَا ظَلَمْنَاهُمْ وَلَكِنْ ظَلَمُوا أَنْفُسَهُمْ فَمَا أَغْنَتْ عَنْهُمْ آَلِهَتُهُمُ الَّتِي يَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ مِنْ شَيْءٍ لَمَّا جَاءَ أَمْرُ رَبِّكَ وَمَا زَادُوهُمْ غَيْرَ تَتْبِيبٍ (101)» هود
«ئەنە شۇلار، ئۇ مەملىكەتلەرنىڭ بەزى تارىخىي ۋەقەلىرىدۇر. بىز ئۇنى ساڭا ئەينەن بايان قىلىپ بېرىۋاتىمىز. ئۇلاردىن بۈگۈنگە قەدەر ئىزلىرى قالغىنىمۇ بار، ئورالغان زىرائەتتەك يوق بولۇپ كەتكىنىمۇ بار.
ئۇلارغا بىز زۇلۇم قىلمىدۇق، ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى. رەببىڭنىڭ ئەمرى كەلگەندە، ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلغان ئىلاھلىرى ھېچنېمىگە ئەسقاتمىدى، زىيانلىرىنى ئاشۇرۇشتىن باشقا بىر نەرسىگە يارىمىدى.»- ھۇد 11/100 – 101.
مۇسۇلمانلار پەقەت ئاللاھنىلا ئەمەس، ئاللاھقا يېقىن دەپ بىلگەن كىشىلىرىنىمۇ ياردەمگە چاقىرىشنى داۋاملاشتۇرسا زىيانلىرى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ.
مۇرىد: سەن ھەمىشە مۇشرىكلار ھەققىدىكى ئايەتلەرنى دەلىل كەلتۈرۈۋاتىسەن. بۇ قىلغىنىڭ توغرىمۇ؟ سەن خىتاپ قىلىۋاتقان كىشىلەر مۇشرىك ئەمەس، بەلكى ھەممىسى مۇسۇلمانغۇ!
بايىندىر: قۇرئاننىڭ كۆپ ئايەتلىرى شېرىك بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. بۇ ھەقتە پەقەت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى شېرىكتىن ئاگاھلاندۇرغان ئايەت ئۈستىدىلا پىكىر يۈرگۈزۈپ باقسىڭىز بىزنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىمىزنى چۈشىنىسىز. ئۇ ئايەت مۇنداق:
«وَلَا يَصُدُّنَّكَ عَنْ آَيَاتِ اللَّهِ بَعْدَ إِذْ أُنْزِلَتْ إِلَيْكَ وَادْعُ إِلَى رَبِّكَ وَلَا تَكُونَنَّ مِنَ الْمُشْرِكِينَ (87) وَلَا تَدْعُ مَعَ اللَّهِ إِلَهًا آَخَرَ لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ كُلُّ شَيْءٍ هَالِكٌ إِلَّا وَجْهَهُ لَهُ الْحُكْمُ وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ (88)» القصص
«ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ساڭا نازىل قىلىنغاندىن كېيىن ئۇلار سېنى ئۇ ئايەتلەردىن توسىمىسۇن، رەببىڭگە دەۋەت قىل، مۇشرىكلاردىن بولما،
ئاللاھقا قوشۇپ باشقا بىر ئىلاھقىمۇ دۇئا قىلما. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭ زاتىدىن باشقا ھەممە نەرسە يوق بولىدۇ. ھۆكۈمنى پەقەتلا ئۇ چىقىرىدۇ. سىلەر ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرىلىسىلەر»- قەسەس 28/87 – 88.
بۇ ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ بىۋاسىتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قارىتىلغانلىقىغا قارىغاندا بىزنى ھەقلىق دەپ چۈشىنىشىڭىز كېرەك. بۇ مەسىلە توغرىسىدا مۇسۇلمانلار بىر- بىرىنى داۋاملىق ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇشى لازىم. 
مۇسۇلمانلار بۈگۈن ئۆزىگە لايىق بىر ماقامدا بولمىسا، بۇنىڭ سەۋەبى بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تەئالا ھېچقانداق بىر قەۋمنى سەۋەپسىز ھالاك قىلمايدۇ. تۆۋەندىكى ئايەتلەر ھەر نەرسىنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ:
«فَلَوْلَا كَانَ مِنَ الْقُرُونِ مِنْ قَبْلِكُمْ أُولُو بَقِيَّةٍ يَنْهَوْنَ عَنِ الْفَسَادِ فِي الْأَرْضِ إِلَّا قَلِيلًا مِمَّنْ أَنْجَيْنَا مِنْهُمْ وَاتَّبَعَ الَّذِينَ ظَلَمُوا مَا أُتْرِفُوا فِيهِ وَكَانُوا مُجْرِمِينَ (116) وَمَا كَانَ رَبُّكَ لِيُهْلِكَ الْقُرَى بِظُلْمٍ وَأَهْلُهَا مُصْلِحُونَ (117)» هود
«سىلەردىن بۇرۇنقى ئۈممەتلەرنىڭ ئىچىدە، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن مەنئى قىلىدىغان پەزىلەتلىك كىشىلەرنىڭ بولۇشى لازىم ئەمەسمىدى! ئۇلاردىن بىز قۇتقۇزغان ئازغىنە كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. زالىملار بولسا، ئۆزلىرىنى ئەركىلەتكەن باياشاتلىققا بېرىلىپ ئېغىر جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزدى.
بولمىسا رەببىڭ ياخشى كىشىلەرنىڭ يۇرتلىرىنى ھەرگىزمۇ زۇلۇم بىلەن ھالاك قىلمايدۇ»- ھۇد 11/116 – 117.
 
داۋامى بار…


[1]– روھۇلفۇرقان تەپسىرى، 2- توم، 82- بەت.

[2]– فاتىھ ئوقيار، ئۈچ دەۋردە بىر ئادەم، ئىستانبۇل 1980، 101- 103 بەتلەر.

[3]– بۇ ماۋزۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەپسىلىي مەلۇمات «ئادەتتىن تاشقىرى يوللار بىلەن ياردەم» دېگەن بۆلۈمدە بېرىلدى.

[4]– ئايەتتە «دۇن» كەلىمىسى چىقىدۇ. «دۇن» كەلىمىسى «فەۋق»نىڭ قارمۇ-قارشىسىدۇر. ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋىدىن بېرى دېگەن بولىدۇ. ئۇنىڭدىن تۆۋىنى دېگەن بولىدۇ. بەزىلەر بۇنى «دۇنۇۋ»دىكى ھەرىپلەرنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇش بىلەن شەكىللەنگەن، دېيىشىدۇ. «غەيىر» باشقا دېگەن مەنانى ئىپادىلەيدۇ. ئەڭ يېقىن دېگەن مەناغا زەرف بولۇپمۇ كېلىدۇ. بەك يېقىن دېگەن مەنانى ئىپادىلەش ئۈچۈن «ھازادۇنەھۇ» دىيىلىدۇ. ئۇنىڭغا «قەبل (ئىلگىرى)» مەناسىمۇ بېرىلىدۇ. – (فىرۇز ئابادى، قامۇس تەرجىمىسى. مۇتەرجىم ئاسىن، بەھرىيە مەتبەئەسى 1305)
بۇنىڭغا ئاساسەن ئايەتلەردە ئۆتكەن «مىندۇنىللاھ» دېگەن سۆز ئورنىغا قاراپ ئاللاھنىڭ يېقىنىدىن، ئاللاھدىن تۆۋىنى، ئىنسانلاردىن يۇقىرى، يەنى، ئاللاھ بىلەن ئىنسان ئارىسىدا بىر يەردىن ۋە ئاللاھنىڭ باشقىسىدىن دېگەن مەنالارنى ئىپادىلەيدۇ. مۇشرىكلار بىر تەرەپتىن ئاللاھقا، بىر تەرەپتىن ئۆزىگە يېقىن كۆرگەن، ھەم ئاللاھقا ھەم ئىنسانغا ئائىت خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان نەرسە ۋە كىشىلەرنى ئاللاھ بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىغا قويۇپ ئىلاھلاشتۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئاللاھقا يېقىنلىشىشقا تىرىشىدۇ. ئاللاھ ئىنسانغا جان تۇمۇرىدىنمۇ يېقىن بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئېتىقاد ئاللاھ بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزىدۇ ۋە ئىنساننى مۇشرىك قىلىدۇ.

[5]– زىلھىججە، 1332 تارىخلىق باياننامەئى ھۈمايۇۈن، جەرىدەئى ئىلمىييە، مۇھەررەم 1333 تارىخلىق نۇسخا، 7- سان، 436- بەت.

[6]– باش قوماندان پادىشاھ بولغانلىقى ئۈچۈن ئەنۋەر پاشا پادىشاھتىن قالسا ئەڭ ھوقۇقلۇق ئەسكەردۇر.

[7]– باش قوماندانلىق ۋاكالىتىنىڭ باياننامىسى، جەرىدەئى ئىلمىييە، مۇھەررەم 1333 تارىخلىق نۇسخا، 7- سان، 436-437.

[8]– مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ئىسمىدۇر.

[9]– ئۇممەتى ناجىيە، ئېتىقاد ۋە ئەمەلى قۇرئانغا ئۇيغۇن بولغان ئۇممەت، دېگەن بولىدۇ.

[10] – بۇ سۆزنىڭ تېخىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇلغان شەكلى مۇنداق: «ئاللاھ تەئالا مۇجاھىدلارغا نۇسرەت ئاتا قىلىشقا ۋەدە بەرگەن. پەيغەمبەرنىڭ مۇقەددەس روھى، جان ۋە ماللىرىنى پىدا قىلغان مۇجاھىدلارغا  ياردەم قىلىشقا ھەر قاچان تەيياردۇر».

[11] – مۇھەررەم 1333 (1914- يىلى، 11- ئاينىڭ 23- كۈنى) تارىخلىق باياننامە، جەرىدەئى ئىلمىييە، مۇھەررە 1333 تارىخلىق نۇسخا، 7- سان، 456- ۋە 457- بەتلەر.

[12]بۇ سۆزنىڭ تېخىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇلغان شەكلى مۇنداق: «ئەي مۇجاھىتلار! ئاللاھنىڭ نۇسرىتى ۋە پەيغەمبەرنىڭ روھانىي ياردىمى بىلەن دىن دۈشمەنلىرىنى تارمار قىلىپ مۇسۇلمانلارنى سۆيۈندۈرىشىڭلار ئاللاھ تەرىپىدىن سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان».

[13]– ئايەتتە شېرىك دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە زۇلۇم «ظلم» دۇر. بۇ ئايەتنىڭ بېشىدىكى ئايەت ۋە لۇقمان سۈرىسىنىڭ 13- ئايىتىدىكى «شېرىك ھەقىقەتەن بۈيۈك بىر زۇلۇمدۇر» دېگەن ئىپادە بۇ مەناغا دالالەت قىلىدۇ.

[14]– فەخرۇددىن رازى، تەپسىرى كەبىر، مەتبەئى ئامىرە ، 1307، 1- توم، 553- بەت.

[15]– كېيىنچە بۇ كۈرەشلەر قولىڭىزدىكى بۇ كىتاپنى مەيدانغا چىقاردى. ئۇ ئالىم كىتاپنىڭ بىرىنچى نەشرىنى ئوقۇدى ۋە بۇنىڭ چوڭ غەلبە بولغانلىقىنى ئېيتتى.

[16]– بۇ توغرىدا «دۇئادا ئەۋلىيانى ۋاسىتە قىلىش ۋە شېرىك» (ئىستانبۇل) ناملىق كىتابىمىزنىڭ «بىز بىلمەيمىز، ئۇلۇغلار بىلىدۇ» بۆلۈمگە ۋە ئۇنىڭ داۋامىدىكى بۆلۈملەرگە قارىغايسىز.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر