مۇسۇلمانلار

تەرىقەتچىلىككە نەزەر 2

مۇندەرىجە
كىرىش سۆز  
1- تەسەۋۋۇپ    
2- ئۆلۈكلەردىن ياردەم تىلەش 
3- ۋەسىلە قىلىش
4- ھەربىر مۇسۇلمان ئەۋلىيادۇر
5- ئەۋلىيانىڭ ياردىمى  
6- ئىشاننىڭ مەنىۋى ياردىمى (ھىممىتى)  
7- ھەققى-ھۆرمىتىنى ۋەسىلە (ۋاسىتە) قىلىپ تۇرۇپ دۇئا قىلىش    8- ئادەتتىن تاشقىرى يوللار بىلەن ياردەم قىلىش    
a – ئادەتتىن تاشقىرى كۈچنىڭ مەنبەسى  
b– روھانىيلارنىڭ ھاياتى
c– ئۆلۈم ۋە ئۇيقۇ 
9- مۇسۇلمانلارنى نابۇت قىلغان شېرىك   
10- شېھىتلەرنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىشى
11- غايىپ ئەۋلىيالار (رجال الغيب) 
12- ئالىي ۋە تۆۋەن روھلار   
13- قۇرئاندا ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرى  
ئا- ۋەزىپىلىرى    
1) بۇيرۇقنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يەتكۈزۈش (تەبلىغ)
2) بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىش
3) خوشخەۋەر بېرىش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش    
ب- ئەلچىنىڭ ھۇقۇقى بولمىغان ئەھۋاللار
1) ئەلچىلەرنىڭ كۆزەتچىلىك ۋەزىپىسى يوق
2) ۋەكىللىك قىلىش ھوقۇقى يوق
3) ئەلچىلەر ھېچكىمنى توغرا كەلتۈرەلمەيدۇ
4) ئەلچىلەر بېسىم قىلالمايدۇ
5) ئەلچىلەر دىلدىكىنى بىلمەيدۇ     
14- غەيىبنى بىلىش    
15-ئىشانلارغا ۋەھىي   
16- پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسى بولۇش
17- مۆجىزە
18- كارامەت    
19- ئىستىدراج   
20- مەخپىي ئىلىملەر (ئىلمى لەدۇن- ئىلمى باتىن)   
21 – كەشف
22- پاراسەت     
23- ئىلھام 
1) ئىسيانكارلىقنىڭ ئىلھام قىلىنىشى   
2) تەقۋادارلىقنىڭ ئىلھام قىلىنىشى    
24- شاپائەت     
1) ئىشاننىڭ مۇرىدىنى ساقلىشى     
2) مۇرىدنى ئاللاھقا تۇنۇشتۇرۇش    
25- رابىتە 
26- ئىبادەت     
a– شېرىك 
b – ئىستىئانە (مەدەت تىلەش)
27- ئاللاھنىڭ كۆرۈنىشى (تەجەللىي)     
28- كىيىم – كېچەك   
29- ئىشان ئوقۇتقۇچى بولۇشى لازىم
30- ئىسلامنىڭ تارقىلىشى    
خۇلاسە
 
 
1- تەسەۋۋۇپ[1]
مۇرىد: ئالدى بىلەن شۇنى بىلىۋىلايلى، سەن تەسەۋۋۇپنى قوبۇل قىلامسەن، قىلمامسەن؟
بايىندىر: سىلەرچە تەسەۋۋۇپ دېگەن نېمە؟
مۇرىد: بىزنىڭ تەسەۋۋۇپ چۈشەنچىمىزنى ساڭا ئوقۇپ بىرەي. ھەزرىتى ئىمام رەببانىي «مەكتۇبات» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دېگەن:
«بىلگىنكى، شەرىئەتنىڭ ئۈچ تەركىبى قىسمى بار: ئىلىم، ئەمەل ۋە ئىخلاس. بۇ ئۈچ قىسىمنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيلەشمىسە شەرىئەت ئەمەلىيلەشمەيدۇ. شەرىئەت ئەمەلىيلەشكەندە، ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى قولغا كەلتۈرۈلگەن بولىدۇ. بۇ رازىلىق دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ بارلىق بەخت- سائادىتىدىن ئۈستۈندۇر.
«وَرِضْوَانٌ مِّنَ اللّهِ أَكْبَرُ»
«ئاللاھنىڭ بىر رازىلىقى ھەر نەرسىدىن بۈيۈكتۇر»- تەۋبە 9/72. شەرىئەت دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ بارلىق بەخت – سائادەتلىرىنى كاپالەت ئاستىغا ئالغان. شەرىئەتتىن باشقا ئىھتىياج قامدايدىغان نەرسە يوق.
سوپىلار تەشەببۇس قىلىۋاتقان تەرىقەت ۋە ھەقىقەت شەرىئەتنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ، ئۇلار شەرىئەتنىڭ ئۈچىنچى تەركىبى قسىمى بولغان ئىخلاسنى كامالەتكە يەتكۈزىدۇ. ئۇ ئىككى نەرسىنىڭ ھەر بىرىنىڭ مەقسىدى شەرىئەتنى كامالەتكە يەتكۈزۈشتۇر، خالاس.»[2]
بايىندىر: لېكىن سىلەرنىڭ قىلىۋاتقىنىڭلار بۇنىڭغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.
مۇرىد: بىزنىڭ ئۇنىڭغا زىت ھېچقانداق ئىشىمىز يوق.
بايىندىر: سىلەر قۇرئاننىڭ ئوچۇق ئىپادىلىرىگە خىلاپ ئىشلارنى قىلىۋاتىسىلەر. بىز پەقەت شۇ ئىشلارغىلا قارشى چىقىۋاتىمىز. بولمىسا بىز ئاللاھقا ھېساب بېرەلمەيمىز.
 
داۋامى بار…..


[1]– بۇ بۆلۈمدىكى كۆز قاراشلار ماھمۇت ئۇستا ئوسمان ئوغلۇ (ماھمۇت ئىشان) ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم مۇرىتلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مۇنازىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

[2]-ئىمامى رەببانىي، مەكتۇبات (ئەرەبچە) 36-مەكتۇب، 1-توم 50-بەت.
 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر