مۇسۇلمانلار

قايسى توي مۇۋاپىق؟

سوئال:
1-يىقىندا بىر قېرىندىشىمىز ئۆيلەنمەكچى، ئىنشائاللاھ ئالماقچى بولغان قىزمۇ ياخشى ئائىلە قىزى، ئۆزىمۇ ئىلىم ئالغان تەقۋادار قىز. قېرىندىشمنىڭ تويىنى قايسى خىل شەكىلدە قىلىش شەرىئەتكە ئەڭ مۇۋاپىق؟
2-قىزنىڭ توي كۆينەك كىيىشى دۇرۇس بولامدۇ؟بۇ يەردىكى كۆينەك ھەرگىز ھازىر كىيلىۋاتقان ياۋرۇپاچە كۆينەك ئەمەس، ئاڭلىساق مۇسۇلمانلارغا مۇۋاپىقلىرىمۇ چىقىپتۇ.
3- توينى سىنئالغۇغا ئالدۇرۇشقا بولامدۇ؟
4-  قىزنى يۆتكەپ ئەكىلىدىغان ماشىنىنى ئالاھىدە بىزەش توغرىمۇ؟
 جاۋاب:
1- دىنىمىزدا توي-تۆكۈن ئىشلىرى ۋە مۇراسىمىلىرىدا قىلىنىدىغان ئىشلار بەلگىلەنمەيدۇ. چۈنكى بۇنىڭ ئەڭ ياخشى شەكلىنى ئىنسانلار ئۆز ئەقىللىرى بىلەن بەلگىلىيەلەيدۇ. ئىنسانلار ئۆز ئەقىللىرى بىلەن تاپالايدىغان ھەقىقەتلەر توغرىسىدا دىنىمىز بىر بەلگىلىمە قويمايدۇ. ئەگەر دىنىمىز بۇنداق ھەقىقەتلەرنى بەلگىلىسە، بۇ «لەغمەننىڭ پىلتىسى مۇنداق بولسۇن، ناننىڭ خىېمىرى شۇنداق بولسۇن، ئۆينىڭ شەكىلى ئانداق بولسۇن، مۇرىسى مانداق بولسۇن….»، دېگەندەك ئىش بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئەقلىگە ھۆرمەت قىلمىغانلىق بولىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق مەسىلىلەردە قىلىنمايدىغان ئىشلارنى دىنىمىزنىڭ ئومۇمىي بەلگىلىمىلىرىدىن ئۆگىنىشكە تىرىشىشىمىز كېرەك. بۇ پىرىنسىپقا ئاساسەن تويلاردا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار مۇنۇلاردىن ئىبارەتتۇر:
ئا- ھاراق-شاراپنىڭ ئىچىلمەسلىكى،
ئە- ئايال مېھمانلارنىڭ شەرىئەتكە ئۇيغۇن كىيىملەر بىلەن ھازىر بولۇشى،
ب- مۇمكىنقىدەر ئەر-ئايال مېھمانلارنىڭ ئايرىم-ئايرىم سورۇنلاردا كۈتۈلۈشى،
پ- تويدا ناغرا-سۇناي چېلىشقا ۋە ئانچە-مۇنچە ئويناشقا رۇخسەت بېرىلىدۇ، لېكىن بۇ ئويناشتا ئەسلا ئەر-ئاياللارنىڭ بىر يەدە ئوينىماسلىقى،
ت- مېھمان چاقىرىشتا باي-نامرات دەپ ئايرىماسلىق، توينى ئەل-يۇرتقا ئېلان قىلىش شەرتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئاساس قىلىش،
ج- توينىڭ ھەر ئىشىدا، بولۇپمۇ تاماقتا ئىسراپتىن ساقلىنىش،
چ- كېلىننى يۆتكەش جەريانىدا يىگىت قولداشلارنىڭ كېلىننىڭ بىر يېرىنى تۇتماسلىقى، كېلىننى يۆتكەش جەريانىدا ئۇنىڭ بىر يېرىنى تۇتۇشقا توغرا كەلسە ئېرى ياكى ئاتىسى ۋە ياكى ئاكا-ئۇكىلىرى تۇتۇشى كېرەك.
2- كېلىننىڭ توي كۆينىكى كىيىش مەسىلىسى. بۇ كۆينەكنىڭ دېگىنىڭىزدەك مۇسۇلمانچىسىمۇ بار. يەنى ئۇ كۆينەكلەرنىڭ كېلىننىڭ يۈزىدىن باشقا پۈتۈن ئەزالىرىنى شەرىئەتكە ئۇيغۇن شەكىلدە يۆگەيدىغانلىرىمۇ بار. كېلىننىڭ مۇشۇنداق مۇسۇلمان ئايالغا ئۇيغۇن بولغان توي كۆينىكىنى كىيىشىدە بىر گۇناھ بولمايدۇ. چۈنكى كېلىننىڭ قايسى كۆينەكنى كىيىشى ئەمەس، ئەۋرەت يەرلىرىنىڭ تولۇق يېپىلغان بولۇشى مۇھىم.
3- بىر يەردە بولۇپ ئۆتكەن بىر ۋەقەنى تەپسىلىي بىر شەكىلدە ئېسىدەساقلىۋېلىپ ياكى تەپسىلىي بىر شەكىلدە قەغەزگە يېزىۋېلىپ، كېيىنچە ئۇنى ئەسلەش، ئۇقەغەزنى ئوقۇپ ۋەقەنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش ياكى كىشىلەرنىڭ قۇلىقىغا ئۇ ۋەقەنى تەپسىلىي دەپ بېرىش ۋە كىشىلەرگە ئۇ قەغەزدىكىنى ئوقۇپبېرىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۇ ۋەقەدىن خەۋەردار قىلىش توغرا بىر ئىشتۇر.
خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، بىر يەردە بولغان بىر ۋەقەنى سىنئالغۇغاتارتىۋېلىپ ياكى رەسىمگە تارتىۋېلىپ، ئاندىن ئۇنى كۆرۈپ ئەسلەش ۋە باشقىلارغاكۆرسىتىپ ۋەقەدىن ئۇلارنى خەۋەردار قىلىش توغرا ئىشتۇر. بۇ ئىككى ئىشنىڭ بىرى قۇلاققا، يەنە بىرى كۆزگە خىتاپقىلىدۇ. نەتىجىدە قارشى تەرەپ ئۇ ۋەقەدىن خەۋەردار بولىدۇ. بۇ ئىشتا «ئاللاھ بىلەن يارىتىش مۇسابىقىسىگە كىرگەنلىك» ھېسابلىنىدىغان «سۈرەت ئىجاد قىلىش» مەۋجۇت ئەمەس. بەلكىدە بۇ بار نەرسىنىڭ ئۆز ئەينىسىنى قاتۇرۇۋېلىشتۇر.
بۇ، بىر كىشىنىڭ ئەيننەككە، سۈزۈك سۇغا قاراپ ئۆزىنى كۆرىشى بىلەن ياكى باشقا بىر كىشىنىڭ ئەينەككە، سۈزۈك سۇغا قارىغانلارنىڭ شۆلىسىنى كۆرىشى بىلەن ئوخشاش ئىشتۇر. كۈنىمىزدىكى فوتو ئاپپاراتلاردا، قول تېلېفونلىرىدا تارتىلغان رەسىملەرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر. يەنى بۇ ماكىنىلاردا رەسىمگە چۈشۈشكە بولىدۇ. بۇنىڭدا ھېچ چەكلىمە يوق.
بۇنىڭغا بەزى ئۆلىمالار قارشى چىقىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرنى خاتا چۈشىنىۋېلىشىدىن، ھەدىسلەرنى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بىلەن بىرلىكتە مۇلاھىزە قىلمىغانلىقىدىن كېلىپ چىققان خاتا ئىجتىھادىدۇر.
4- «قىزنى يۆتكەپ ئەكىلىدىغان ماشىنىنى ئالاھىدە بىزەش.»
بۇ ئىشتىمۇ ئىسراپ قىلماسلىق شەرتىگە رىئايە قىلىنسا، بۇ ئىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. كېلىن يۆتكىگەن ماشىنىنىڭ ئادەتتە يولدا مېڭىۋاتقان ماشىنىدىن پەرقى بولىدۇ، ئەلۋەتتە. بۇنىڭدا بىر چەكلىمە يوق، لېكىن دېگىنىمدەك چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك كېرەك.
مۇسۇلماننىڭ تويى يۇقىرىدىكى شەرتلەرگە رىئايە قىلىنغان ھالدا ۋە غەيرىيمۇسلىملەرنىڭ توي مۇراسىملىرىغا ئوخشىمىغان ھالدا ئۆتكۈزۈلىشى لازىمدۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسەلام مۇنداق دېگەن: «كىمكى قانداقلا بىر قەۋمگە (مىللەتكە) ئوخشىۋالىدىكەن، ئۇ شۇ قەۋمنىڭ قاتارىدىن بولۇپ كېتىدۇ» بۇ ھەدىس سۈنەنى ئەبۇداۋۇد ۋە مۇسنەدى ئەھمەددە ئۆتىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر