مۇسۇلمانلار

سۇغۇرتا دۇرۇسمۇ؟

 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

سوئال:
ياشانغاندا كۈتىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىپ، ياشانغاندا كۈتىنىش تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولسا دۇرۇس بۇلامدۇ؟
ھۆرمەت بىلەن: ئابدۇللا قارىم
ۋەئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
دۇرۇس بولىدۇ. چۈنكى كېسەل بولۇش، ياشىنىش ھاياتتا يۈز بېرىدىغان ھادىسە. داۋالىنىش ۋە ياشانغاندا قىيىنچىلىقتا قالماسلىق ئىنساننىڭ ئېھتىياجى. ئىنسان بۇ ئېھتىياجىنى قامداشتا يېتەرلىك مەبلەغكە مۇھتاج. بىرقانچە كىشى بۇ ئېھتىياجىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئورتاقلىشىپ بىر مۇئەسسەسە قۇرۇپ ياكى بىر تەشلىكى ئورۇنغا ئەزا بولۇپ، فوندى جۇغلاپ لازىم بولغاندا ئۇنىڭدىن چىقىم قىلىشى نورمال ھادىسە.
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئى مۇئىمىنلار! توختاملىرىڭلارغا رىئايە قىلىڭلار…»(مائىدە سۈرىسى 1 – ئايەت)
بىر كىشىنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بىر سۇغۇرتا شىركىتى بىلەن قىلىشقان مۇئامىلىسى بىر توختامدۇر. ھەر ئىككى تەرەپ بۇ توختامغا رىئايە قىلىپ شۇ توختام بويىچە ئىش قىلسا بولىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:
«مۇسۇلمانلار قىلىشقان شەرتلىرىگە رىئايە قىلىشى لازىم. ھارامنى ھالال ياكى ھالالنى ھارام قىلىدىغان شەرتلەر مۇستەسنا»(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).
بۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنىمۇ ھالالنى ھارام، ھارامنى ھالال قىلمايدىغان شەرت (توختام) لەرگە رىئايە قىلىشنىڭ لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ھالالنى ھارام قىلغانلىقمۇ ئەمەس، ھارامنى ھالال قىلغانلىقمۇ ئەمەس. چۈنكى بۇ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش بىلەن قۇرئان-ھەدىستا ھارام قىلىنغان ھېچبىر ھالال ھارام قىلىنمايدۇ، ھېچبىر ھارام ھالالمۇ قىلىنمايدۇ.
بەزىلەر سۇغۇرتىغا قاتنىشىش قىمارغا ئوخشايدۇ، دەپ ئۇنى «ھارام» دەيدۇ. بەزى تەرەپلىرىدە ئوخشىشى مۇمكىن. لېكىن دىنىمىز ھەر قانداق ئىشتا ئوخشاشلىققا ئەمەس، پەرققە قاراپ ھۆكۈم قىلىدۇ. مەسىلەن: ئۈزۈم شىرنىسى بىلەن ئۈزۈم ھارىقى ئوخشايدۇ. ئەمما ئىككىسىنىڭ پەرقى شۇكى ھاراق مەست قىلىدۇ، شىرنە مەست قىلمايدۇ. دىنىمىز كۆرۈنۈشتىكى ئوخشاشلىققا ئەمەس، خۇسۇسىيەتتىكى پەرققە قاراپ ھاراقنى ھارام، شىرنىنى ھالال، دەپ ھۆكۈم بېرىدۇ.
خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كاپىر بىلەن مۇسۇلمانمۇ بىر-بىرىگە ئوخشايدۇ. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئوخشايدىغان تەرەپلىرى پەرقلىق تەرەپلىرىدىن كۆپ. لېكىن بۇ ئىككى ئىنساننىڭ ئارىسىدىكى پەرققە قاراپ بىرى كاپىر، بىرى مۇسۇلمان دېيىلىدۇ.
قىمار ئوينىماقچى بولغان بىر كىشى قىمار ئوينايدىغان پۇلىنى 20، 25 يىلدىن كېيىن قولغا كېلىدىغان بىر پايدا ئۈچۈن سۇغۇرتا شىركىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرمەيدۇ. ئۇ شۇ چاغنىڭ ئۆزىدىلا ئاسانلىق بىلەن پۇل تېپىش ئۈچۈن قولىدىكى پۇلى بىلەن قىمار ئوينايدۇ. قىمار دەپ تەرجىمە قىلىنغان «مەيسىر» دېگەن سۆزنىڭ مەناسىمۇ بۇنى كۆرسىتىدۇ.
بەزىلەر بۇنى تەقدىرگە قارشى كەلگەنلىك دەپ «ھارام» دەيدۇ. ئەسلىدە سۇغۇرتىغا قاتنىشىش تەقدىرگە قارشى كەلگەنلىك ئەمەس، تەقدىردە بولىدىغان ئىشقا تەييار تۇرغانلىق بولىدۇ. چۈنكى ھېچكىم كېسەل بولماسلىق ئۈچۈن ياكى قېرىماسلىق ئۈچۈن سۇغۇرتىغا قاتناشمايدۇ، ئەكسىچە كېسەل بولغاندا داۋالىنىش، قېرىغاندا كۈتۈنۈش ئۈچۈن سۇغۇرتىغا قاتنىشىدۇ.
تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ھارامنىڭ ھالال قىلىنىشى ياكى ھالالنىڭ ھارام قىلىنىشى ئۈچۈن تۈزۈلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق توختامنى تۈزۈش توغرىدۇر، شۇنداقلا تۈزۈلۈپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا رىئايە قىلىش لازىمدۇر.
ئوخشىشىتىشقا توغرا كەلسە بۇ (سۇغۇرتىغا قاتنىشىش)، بىرقانچە كىشى بىر يەرگە يىغىلىپ ئوتتۇرىغا بىر داستىخان سېلىپ ھەممەيلەن نېنىنى ئوتتۇرىغا تۆكۈپ بىرلىكتە يېيىشكەن بىلەن ئوخشاش ئىشتۇر.
 مۇشۇنداق بولغاندا سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ئۆزئارا ياردەملەشكەنلىك بولىدۇ. دىنىمىز ئۆزئارا ياردەملىشىشكە تەشۋىق قىلىدۇ.
ئەسكەرتىش:
بۇ پەتىۋا ئۆمۈر سۇغۇرتىسى (ھايات سۇغۇرتسى) ئۈچۈن كۈچكە ئىگە ئەمەس. چۈنكى بۇ سۇغۇرتىدا جازانىۋى مۇئامىلىلەر مەۋجۇتتۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر