باش بەت > ئىبادەت > ئىبادەتلەر  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

ھەج ۋە ئۆمرە ھەققىدە ساۋات

تەييارلىغۇچى: ئەبۇلفاتىھ

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

مۇقەددىمە

ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

«إِنَّ أَوَّلَ بَيْتٍ وُضِعَ لِلنَّاسِ لَلَّذِي بِبَكَّةَ مُبَارَكاً وَهُدًى لِّلْعَالَمِينَ {96} فِيهِ آيَاتٌ بَيِّـنَاتٌ مَّقَامُ إِبْرَاهِيمَ وَمَن دَخَلَهُ كَانَ آمِناً وَلِلّهِ عَلَى النَّاسِ حِجُّ الْبَيْتِ مَنِ اسْتَطَاعَ إِلَيْهِ سَبِيلاً وَمَن كَفَرَ فَإِنَّ الله غَنِيٌّ عَنِ الْعَالَمِينَ {97}»

«ئىنسانلار ئۈچۈن سېلىنغان تۇنجى ئىبادەتگاھ مەككىدىكى كەبىدۇر. ئۇ مۇبارەكتۇر، ئالەملەر ئۈچۈن ھىدايەتتۇر. ئۇ يەردە روشەن ئايەتلەر بار. ئىبراھىمنىڭ ماقامى بار. كىم ئۇ يەرگە كىرسە ئامانلىققا ئېرىشىدۇ. ئۇ يەرگە بېرىشقا كۈچى يەتكەنلەرگە ھەج قىلىش پەرز قىلىندى. كىم كافىر بولسا بىلىپ قويسۇنكى، ئاللاھنىڭ ئالەملەرگە ئېھتىياجى يوقتۇر»- ئال ئىمران 3/96-97.

ئاللاھ تەئالا بۇ ئايەتتە مەككىگە بېرىشقا كۈچى يەتكەن مۇسۇلمانلارغا، ئۇ يەرگە بېرىپ ھەج قىلىشلىرىنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ھەج ئىبادىتىنىڭ باشقا ئىبادەتلەرگە ئوخشىمايدىغان تەرىپى، ئۇ ئىبادەتنى ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان يەردە ئادا قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىدە كۆرىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەج قىلماقچى بولغان مۇسۇلمانلارنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا مەككىگە بېرىپ، شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن پائالىيەتلەرنى، بەلگىلەنگەن يەرلەردە ئىجرا قىلىشى لازىم.

ھەج ئىبادىتىنىڭ شەكلى

1- بۇ ئىبادەتنى ئادا قىلماقچى بولغان كىشى زۇلھەججە ئېيىنىڭ 8 – كۈنى ھەجگە نىيەت قىلىپ ئىھرام باغلايدۇ ۋە «لەببەيك…» ئوقۇپ مىناغا چىقىدۇ. مىنادا نامازلارنى ئۆز ۋاقتىدا قەسرى قىلىپ ئوقۇيدۇ. كېچىنى مىنادا ئۆتكۈزىدۇ. بامدات نامازنى مىنادا ئوقۇپ بولۇپ، كۈن چىققاندىن كېيىن (زۇلھەججە ئېيىنىڭ 9 – كۈنى ئەتىگەن) ئەرەپاتقا ماڭىدۇ. ئەرەپاتقا كېتىۋېتىپ تەكبىر، تەھلىل ۋە لەببەيك ئوقۇيدۇ.

2- ئەرەپاتقا يېتىپ كېلىپ، شۇ كۈنى كۈن پاتقىچە ئەرەپاتتا تۇرىدۇ. پېشىن بىلەن ئەسىر نامىزىنى قەسرى قىلپ، پېشىننىڭ ئاۋۋالقى ۋاقىتىدا بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇيدۇ. ئەرەپاتقا كەلگەندىن باشلاپ قايتقىچە بولغان ئارىلىقتا دۇئا بىلەنلا مەشغۇل بولىدۇ. كۈن پاتقاندىن كېيىن مۇزدەلىفىگە قاراپ ماڭىدۇ.

3- مۇزدەلىفىگە كېلىپ، ناماز شام بىلەن خۇپتەننى، خۇپتەننىڭ ۋاقتىدا بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇيدۇ. خۇپتەن نامىزى قەسرى ئوقۇلىدۇ. ئۇ كېچىنى مۇزدەلىفىدە ئۆتكۈزىدۇ. بامدات نامىزىنى مۇزدەلىفىدە ئوقۇپ، كۈن چىقىشتىن بۇرۇن (يەنى زۇلھەججە ئېيىنىڭ 10 – كۈنى ئەتىگەندە) مىناغا قاراپ ماڭىدۇ. مۇزدەلىفىدىمۇ دۇئالار بىلەن مەشغۇل بولىدۇ.

4- مىناغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن چوڭ شەيتانغا يەتتە دانە تاش ئاتىدۇ. ھەر بىر تاشنى ئاتقاندا «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەيدۇ. تاش ئېتىشقا باشلاش بىلەن تەڭ «لەببەيكە…» ئېيتىشنى توختىتىدۇ.

5– شەيتانغا تاش ئېتىپ بولغاندىن كېيىن قۇربانلىق قىلىدۇ. ئاندىن كېيىن چېچىنى چۈشۈرۈپ ياكى كەستۈرۈپ بولۇپ ئىھرامدىن چىقىدۇ. ئىھرامدىن چىقىش بىلەن ئىھرامدىكى چېغىدا قىلىش چەكلەنگەن ئىشلاردىن ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتىن باشقا ھەممە ئىشلارنى قىلالايدۇ.

6- ئاندىن مەككىگە كىرىپ كەئبىنى تاۋاپ قىلىدۇ. تاۋاپ جەريانىدا ھەجەرۇل ئەسۋەدنى سۆيۈش ۋە سىلاش، رۇكنۇل يەمانىينى (كەئبىنىڭ تاۋاپ قىلغۇچىغا نىسبەتەن ھەجەرۇل ئەسۋەد ئورنىتىلغان بۇرجىكىدىن ئىلگىرىكى بۇرجىكىنى) سىلاش ياخشى ئىش. بۇنى ھىچكىمگە زىيان – زەخمەت يەتكۈزمەستىن قىلالىسا ياخشى بولىدۇ. تاۋاپ قىلغۇچى مەخسۇس بىر دۇئاغا باغلىنىپ قالماستىن خالىغان دۇئالارنى تاللاپ ئوقۇيدۇ. لېكىن رۇكنۇليەمانىي بىلەن ھەجەرۇلئەسۋەدنىڭ ئارىسىدا «رەببەنا… » نى ئوقۇسا ياخشى بولىدۇ. تاۋاپ جەريانىدا ئايەت ئوقۇشقىمۇ بولىدۇ.

7– تاۋاپتىن كېيىن «ماقامى ئىراھىم» دا، ئەگەر مۇمكىن بولمىسا، ھەرەمنىڭ ئىچىدە ھەرقانداق بىر يەردە ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ، سافا – مەرۋە ئارىسىدا يەتتە قېتىم سەئيى قىلىدۇ. سەئيى سافادىن باشلىنىدۇ. مەرۋىدە ئاخىرلىشىدۇ.

سافادىن مەرۋىگە بېرىش بىر قېتىم، مەرۋىدىن سافاغا كېلىش بىر قېتىم ھېساپلىنىدۇ. سەئيى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مەرۋىدە تۇرۇپ، قىبلىگە قاراپ دۇئا قىلىش ناھايىتى ياخشى. سەئيى قىلىش جەريانىدا ئىككى يېشىل بەلگە ئارىسىدا ئەرلەرنىڭ يۈگىرىشى ياخشى. سەئيى قىلىش جەريانىدا بىلگەن دۇئالىرىنى ئوقۇيدۇ.

8- سەئيى قىلىپ بولغاندىن كېيىن يەنە مىناغا چىقىدۇ. كېچىنى مىنادا ئۆتكۈزىدۇ. ئەتىسىدىن باشلاپ، ئىككى كۈن (يەنى زۇلھەججىنىڭ 11 ۋە 12 – كۈنى) ياكى خالىسا ئۈچ كۈن (يەنى 11، 12 ۋە 13 – كۈنلىرى) مىنادا قالىدۇ.

9- مىنادا كۆپلەپ تەكبىر ئوقۇلىدۇ. ھەركۈنى پېشىن نامىزىدىن كېيىن كىچىك شەيتاندىن باشلاپ، ئۈچ شەيتاننىڭ ھەر بىرىگە يەتتە دانىدىن تاش ئېتىلىدۇ. ھەر تاشنى ئاتقاندا «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەيدۇ. تاشلارنى بىراقلا ئەمەس، ئايرىم – ئايرىم ئاتىدۇ. كىچىك شەيتانغا تاش ئېتىپ بولغاندىن كېىيىن قىبلىگە قاراپ تۇرۇپ دۇئا قىلىش ياخشى. بۇ ئىش ئوتتۇرانچى شەيتەنغا تاش ئېتىپ بولغاندىن كېيىنمۇ قىلىنىدۇ. لېكىن چوڭ شەيتانغا تاش ئېتىپ بولغاندىن كېيىن قىلىنمايدۇ. مىنادا قالغان كۈننىڭ ئىككىنچى كۈنى ياكى خالىغان كىشى ئۈچىنچى كۈنى پېشىن نامىزىدىن كېيىن شەيتانلارغا يۇقىرىدىكىدەك تاش ئېتىش پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ھەج پائالىيتىنى ئاخىرلاشتۇرغان بولىدۇ.

ھەجدە ئىھرام باغلاش، تاۋاپ قىلىش، سافا – مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلىش ۋە ئەرەپە كۈنىسى ئەرەپات تەۋەسىدە تۇرۇش قاتارلىق ئىشلار ھەج ئىبادىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسلىرىدىن بولۇپ، بۇلاردىن بىرى تەرك ئېتىلسە، ھەج ئىبادىتى ئادا قىلىنمىغان بولىدۇ.

ھەجدە تۆۋەندىكى ئىشلاردىن بىرى يۈز بەرسە جازا كېلىدۇ:

1– مىيقاتتىن ئىھرامسىز كىرىش.

2– ئەرلەر بېشىنى يېپىش.

3– چېچىنى چۈشۈرۈش، كېسىش ياكى ۋۇجۇدىنىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدىن تۈك ئېلىش.

4– تىرناق ئېلىش.

5– تىكىلگەن بىر نەرسە كىيىش.

6– خۇشپۇراق نەرسە ئىستېمال قىلىش

7– پەلەي كېيىش.

8– ياۋا ھايۋانلارنى ئۆلتۈرۈش.

يۇقىرىدىكى ئىشلاردىن بىرىنى قىلغان كىشىنىڭ بىر قان قىلىشى لازىم. قان قىلىش، بىر قوي ياكى بىر ئۆچكە بۇغۇزلاپ گۆشىنى مەككىنىڭ پېقىرلىرىغا تارقىتىش بىلەن بولىدۇ.

ئەرەپاتتىن قايتىپ كېچىنى مۇزدەلىفىدە ئۆتكۈزمەسلىك، تەشرىق كۈنلىرىدە مىنادا قونماسلىق ۋە شەيتانلارغا تاش ئاتماسلىقتەك ئىشلارنى قىلغانلارغىمۇ بىر قان كېلىدۇ.

ھەجنىڭ ئادا قىلىنىش شەكىللىرى

ھەج ئىبادەتلىرى ئۈچ خىل بولىدۇ. بىرىنچىسى: تەمەتتۇ ھەججى، ئىككىنچىسى: ئىفرات ھەججى، ئۈچىنچىسى: قىران ھەججى.

بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئەۋزىلى «تەمەتتۇ ھەججى» دۇر.

1- تەمەتتۇ ھەججى

بۇنىڭ شەكىلى مۇنداق:

ھەج ئايلىرىدا ئۆيدىن چىقىپ، مىيقاتتا ئۆمرىگە ئىھرام باغلاپ ھەرەمگە بارىدۇ. ئۆمرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئىھرامدىن چىقىپ، ھەج ۋاقتىغىچە مەككىدە ساقلايدۇ. ھەج ۋاقتى يېتىپ كەلگەندە مەككىدە تۇرۇۋاتقان يېرىدىن ھەجگە يېڭىدىن ئىھرام باغلاپ مىناغا چىقىدۇ. بۇ شەكىلدە ھەج قىلغانلارنىڭ بىر قۇربانلىق قىلىشى لازىمدۇر.

2- ئىفرات ھەججى

كىشى ھەج ئايلىرىدا مىيقاتتىن ھەجگە ئىھرام باغلاپ، مەككىگە بارغاندىن كېيىن كەئىبىنى تاۋاپ قىلىدۇ. بۇ تاۋاپ «تاۋاپى قۇدۇم» دېيىلىدۇ (بۇ ھەجنىڭ تاۋپىغا ھېساپ بولمايدۇ). ئاندىن كېيىن ھەج ئۈچۈن سەئيى قىلىدۇ. بۇ ھەجنىڭ سەئيىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ھەجنىڭ پەرز تاۋاپىدىن كېيىن قىلىشقىمۇ بولىدۇ. سەئىيى قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئىھرامدىن چىقمايدۇ. يەنى ھەج ۋاقتىغىچىلىك ئىھرام بىلەن قالىدۇ ۋە ھەجنى مۇشۇ ئىھرام بىلەن قىلىدۇ. سەئيىنى قىلماي ھەجنىڭ پەرز بولغان تاۋاپىدىن كېيىن قىلسىمۇ بولىدۇ. بۇ شەكىلدە قىلنغان ھەج «ئىفرات ھەججى» بولىدۇ. بۇنداق ھەجگە قۇربانلىق كەلمەيدۇ.

3- قىران ھەججى

بۇ خىل ھەجدە ھەج قىلغۇچى ھەج بىلەن ئۆمرىگە بىرلىكتە ئىھرام باغلايدۇ. قىلىدىغان پائالىيىتى ئىفرات ھەججىنىڭ پائالىيەلىرىگە ئوخشايدۇ. لېكىن قىران ھەججى قىلغۇچى كىشى، ھەرەمدە قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ئۆزى بىلەن بىللە مال ئېلىپ كېلىدۇ.

ئۆمرە

بۇ ئىبادەتنى ئادا قىلماقچى بولغان كىشى يىلنىڭ ھەرقانداق بىر كۈنىدە ئۆمرىگە نىيەت قىلىپ ئھىرام باغلايدۇ ۋە لەببەيكە ئوقۇپ ھەرەم مەسجىدىگە كىرىپ كەئبىنى تاۋاپ قىلىدۇ. تاۋاپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئىككى رەكئەت نەپلە ناماز ئوقۇپ سافا – مەرۋىنىڭ ئارىسىدا سەئيى قىلىدۇ. تاۋاپ ۋە سەئيى ھەجدىكىگە ئوخشايدۇ. سەئيى ئاخىرلارشقاندىن كېيىن چېچىنى چۈشۈرۈپ ياكى كەستۈرۈپ ئىھرامدىن چىقىدۇ. ئۆمرىگە ئىھرام باغلاشمۇ ھەجگە ئىھرام باغلاش بىلەن ئوخشاش. ھەجگە ئىھرام باغلىغان كىشى ئۈچۈن چەكلەنگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۆمرىگە ئىھرام باغلىغان كىشى ئۈچۈنمۇ چەكلىنىدۇ.

ھەج ۋە ئۆمرىگە ئالاقىدار بەزى مەسىلىلەر

1– ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا قۇبۇل قىلىنغان ھەجنىڭ مۇكاپاتى جەننەتتۇر.

2– ھەجدە خەجلەنگەن پۇل، ئاللاھنىڭ يولىدا خەجلەنگەن پۇل بىلەن ئوخشاش بىرگە يەتتە يۈز ھەسسە ساۋاب بولىدۇ.

3– شارائىتى توشىدىغان كىشىنىڭ ھەج ئىبادىتىنى كېچىكتۈرمەسلىكى لازىم.

4– نارەسىدە بالىغا ھەج پەرز ئەمەس، لېكىن ھەج قىلسا توغرا بولىدۇ. بۇ ھەج پەرز ھەجنىڭ ئورنىنى تولدۇرمايدۇ.

5– قەرز ئېلىپ ھەج قىلىشقا بولمايدۇ.

6– ھارام پۇل بىلەن قىلىنغان ھەج، ھەج ھېساپلانمايدۇ.

7– ھەج ئىبادىتى جەريانىدا تىجارەت قىلىپ ياكى كىراكەشلىك قىلىپ پۇل تېپىشقا بولىدۇ.

8– لەببەيكىنى يۇقۇرى ئاۋاز بىلەن ئوقۇش ياخشى.

9– ئىھرام كىيىمىنى ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ.

10– ئىھرامدىكى كىشى خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلماستىن يۇيۇنسا بولىدۇ.

11– ھەج قىلغۇچى ياكى ئۆمرە قىلغۇچى ئىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ۋەتىنىگە قايتىدىغان چاغدا ۋىدالىشىش تاۋاپى قىلىدۇ.

12– قۇدۇم تاۋاپىنىڭ ئاۋۋالقى ئۈچ قېتىمىدا ئەرلەرنىڭ ئوڭ مۈرىسىنى ئوچۇق قويۇپ، قەدەمنى كىچىك ئېلىپ يۈگىرىشى ياخشى.

دەلىللەر:

بەقەر سۈرىسى 125، 158، 189، 196، 197، 198، 203 – ئايەتلەر؛ مائىدە سۈرىسى 2، 95،97؛ ھەج سۈرىسى29 ۋە 36 – ئايەت؛ فەتىھ سۈرىسى 25 ۋە27 – ئايەت؛ ئال ئىمران سۈرىسى 97 – ئايەت؛ كەۋسەر سۈرىسى 2 – ئايەت.

بۇخارىي، مۇسلىم، نەسەئىي، ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزىي، ئىبنى ماجە، مۇسنەد ئەھمەد، مۇۋاتتا مالىك، ھاكىم، تەبەرانىي، بەيھەقىي قاتارلىق كىتابلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملىرى.

بەدەل ھەج

ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

«إِنَّ أَوَّلَ بَيْتٍ وُضِعَ لِلنَّاسِ لَلَّذِي بِبَكَّةَ مُبَارَكاً وَهُدًى لِّلْعَالَمِينَ {96} فِيهِ آيَاتٌ بَيِّـنَاتٌ مَّقَامُ إِبْرَاهِيمَ وَمَن دَخَلَهُ كَانَ آمِناً وَلِلّهِ عَلَى النَّاسِ حِجُّ الْبَيْتِ مَنِ اسْتَطَاعَ إِلَيْهِ سَبِيلاً وَمَن كَفَرَ فَإِنَّ الله غَنِيٌّ عَنِ الْعَالَمِينَ {97}»

«ئىنسانلار ئۈچۈن سېلىنغان تۇنجى ئىبادەتگاھ مەككىدىكى كەبىدۇر. ئۇ مۇبارەكتۇر، ئالەملەر ئۈچۈن ھىدايەتتۇر. ئۇ يەردە روشەن ئايەتلەر بار. ئىبراھىمنىڭ ماقامى بار. كىم ئۇ يەرگە كىرسە، ئامانلىققا ئېرىشىدۇ. ئۇ يەرگە بېرىشقا كۈچى يەتكەنلەرگە ھەج قىلىش پەرز قىلىندى. كىم كافىر بولسا بىلىپ قويسۇنكى، ئاللاھنىڭ ئالەملەرگە ئېھتىياجى يوقتۇر»- ئال ئىمران 3/96-97.

يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ يەنى ئال ئىمران سۈرىسىنىڭ 97- ئايىتىنىڭ ئاستى سىزىلغان قىسمىنىڭ مەزمۇنى ھەرەمگە بېرىشقا كۈچى يەتمىگەنلەرگە ھەج ئىبادىتىنىڭ پەرز قىلىنمىغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۆلۈپ كەتكەن كىشى ياكى ھەرەمگە بارالمايدىغان كىشى ھەرەمگە بېرىشقا كۈچى يەتمىگەن كىشىدۇر، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ھەج قىلىش پەرز ئەمەستۇر.

ئاللاھ تەئالا يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:

«وَأَن لَّيْسَ لِلْإِنسَانِ إِلَّا مَا سَعَى»

«ئىنسان پەقەت ئۆزى قىلغان ئىشنىڭلا نەتىجىسىنى كۆرىدۇ»- نەجم 53/39.

باشقىسى قىلغان ھەج شۇ باشقىسى قىلغان ئىشتۇر. بۇ ئىشنىڭ نەتىجىسىنى يەنە بىر باشقىسى كۆرمەيدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:

«ئىنسان ئۆلسە، ئۇنىڭ بارلىق ئەمەلى توختايدۇ. پەقەت تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئەمەلىنىڭ ساۋابى توختىمايدۇ: بىرىنچى، ئىنسانلارغا مەنپەئەتى ئۈزۈلمەي بولۇپ تۇرىدىغان سەدىقە (مەسجىد، مەدرىسە سالغانغا ئوخشاش) . ئىككىنچى، پايدىلىق ئىلىم (باشقىلارغا ئۆگىتىلگەن ئىلىم ۋە يېزىلغان ئىلمىي ئەسەرلەر). ئۈچىنچى، ئارقىسىدىن ئاتا – ئانىسى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان ياخشى پەرزەنت»- مۇسلىم، ۋەسىيەت 14 ھەدىس نومۇرى 1631. تىرمىزى، ئەھكام 1297. نەسەئى، ۋەسايا 3591. ئەبۇ داۋۇد، ۋەسايا 2494.

يۇقىرىدىكى ئايەتلەرنىڭ ۋە ھەدىسنىڭ مەزمۇنى بىر كىشى قىلغان ئەمەلنىڭ يەنە بىر كىشىگە پايدىسى بولمايدىغانلىقىغا ئېنىق بىر شەكىلدە دالالەت قىلىدۇ. شۇڭا ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئاللاھ ئالدىدىكى قۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن قىلىدىغان ئىبادەتنى باشقا بىر كىشى ئۈچۈن نىيەت قىلىپ ئادا قىلىشقا بولمايدۇ. بولۇپمۇ ھەج ئىبادىتى بەدەن بىلەن قىلىنىدىغان ئىبادەتتۇر. ئۇنىڭ پۇل كېتىدىغان قىسمى ھەج ئىبادىتىنىڭ سىرتىدىكى ئىشلاردۇر.

ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر ئىبادەتنى قىلغان بىر مۇسۇلمان، ئۇنى ئۆزىنىڭ ئاللاھ تەئالا ئالدىدىكى قۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، شۇنداقلا ئاللاھ تەئالانىڭ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن قىلىدۇ ۋە قىلىشى لازىم. ئاللاھ تەئالا بۇنداق ئەمەلنى كىم قىلغان بولسا، ئەجىرنى شۇ قىلغۇچىغا بېرىدىغانلىقىنى نۇرغۇنلىغان ئايەتتە بايان قىلىدۇ.

ئال ئىمران 57، نىسا 152 ۋە 173، فاتىر 30 قاتارلىق ئايەتلەردىكى «ئۇجۇرەھۇم»، بەقەرە 62، 274، 277، ئال ئىمران 199، نەھل 97، ھەدىد 19- ئايەت قاتارلىق ئايەتلەردىكى «ئەجرەھۇم» ئەمەلنى كىم قىلسا، ئەجىر (ساۋاب) نى شۇنىڭ ئالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ ھەقتە يەنە بىر گەپ، ئىككى نەرسىنىڭ بىرلەشمىسىدىن ئىنسان ھاسىل بولىدۇ؛ بىرى تەن، يەنە بىرى روھ. ئىنسان ئۆزى ئىستېمال قىلغان يېمەكئىچمەكلەر بىلەن تېنىنى (بەدەنىنى) غىزالاندۇرىدۇ؛ ئۆزى قىلغان ئەمەلئىبادەت بىلەن روھىنى غىزالاندۇرىدۇ. بىر كىشىنىڭ باشقىسى يەپ – ئىچكەن نەرسە بىلەن قورسىقى تويمىغاندەك، باشقىسى قىلغان ئىبادەت بىلەنمۇ روھى غىزالانمايدۇ.

بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندىمۇ ھەجنى باشقىسى ئۈچۈن قىلغان «نىمكار» نىڭ: «مەن بۇ ھەجنى پالانى ئۈچۈن قىلىمەن» دېگەن سۆزى ياكى شۇنداق نىيىتى: «مەن ماۋۇ تاماقنى پالانى ئۈچۈن يەيمەن، شۇ پالانىنىڭ قورسىقى تويسۇن» دېگەندەك گەپ بولىدۇ. ھەج ئىبادىتىگە نىمكار سالغۇچى كىشىنىڭ: «ماۋۇ پۇلنى ئېلىپ دادام ئۈچۈن ھەج قىلىپ بەرسىلە» دېگەن سۆزى، «ماۋۇ پۇلغا دادام ئۈچۈن تاماق يەپ بەرسىلە، دادامنىڭ قورسىقى تويسۇن» دېگەندەك گەپ بولىدۇ.

بەدەل ھەج قىلدۇرۇشنىڭ توغرا بولدىغانلىقىغا دەلىل قىلىنىۋاتقان ھەدىسلەر سەنەد ئېتىبارى بىلەن خەبىرى ۋاھىددۇر، مەنا ئېتىبارى بىلەن يۇقىرىدىكى ئايەتلەرگە، يۇقىرىدىكى ھەدىسقا ۋە ئىسلام دىنىنىڭ روھىغا خىلاپتۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋىدالىشىش نۇتقى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زۇلھەججە ئېيىنىڭ 9 – كۈنى ئەرەپاتقا چىقتى ۋە بۇ يەردە ئىسلام دىنىنىڭ تۈپ يىلتىزى ۋە شاخچىلىرى بايان قىلىنغان ئۇلۇغ نۇتقىنى سۆزلىدى. نۇتۇقنىڭ تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

"ھەممە مەدھىيە ئاللاھقا خاس. ئاللاھنى مەدھىيەلەيمىز، ئاللاھتىن كەچۈرۈم سورايمىز، ئاللاھقا تەۋبە قىلىمىز، ئاللاھقا سېغىنىپ، نەپسىمىزنىڭ يامانلىقىدىن ۋە يامان ئىشلاردىن پانا تىلەيمىز. ئاللاھ ھىدايەت قىلغان ئادەمنى ھېچكىم ئازدۇرالمايدۇ. ئاللاھ ئازدۇرغان ئادەمنى ھېچكىم ھىدايەت قىلالمايدۇ. شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمەنكى يالغۇز بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوق. ئاللاھنىڭ شېرىكى يوق. يەنە گۇۋاھلىق بېرىمەنكى مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر.

ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! سىلەرنى ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىشقا تەۋسىيە قىلىمەن، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشىڭلارنى تەرغىب قىلىمەن، سۆزۈمنى خەيرلىك ئىشلاردىن باشلايمەن.

ئى خالايىق، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار! بۇ يىلدىن كېيىن مۇشۇ جايىمدا سىلەر بىلەن ئۇچىرشالماسلىقىم مۇمكىن دەپ ئويلايمەن، ئى خالايىق! تاكى رەببىڭلارنىڭ دەرگاھىغا بارغىنىڭلارغا قەدەر بىر – بىرىڭلارنىڭ جېنىغا، مېلىغا چېقىلىش، خۇددى مۇشۇ ئاينىڭ، مۇشۇ كۈننىڭ، مۇشۇ جاينىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىققا ئوخشاشلا ھارامدۇر. سىلەرگە شۇنى يەتكۈزىمەنكى، ئى ئاللاھ گۇۋاھ بولغىن.

قۇلىدا كىشىلەرنىڭ ئامانەتلىرى بار ئادەملەر ئامانەتنى ئۆز ئىگىلىرىگە قايتۇرسۇن؛ جاھىلىيەت دەۋرىدە قىلىنغان جازانە بىكار قىلىنىدۇ. ئالدى بىلەن تاغام ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتتەلىبنىڭ جازانىسىنى بىكار قىلشتىن باشلايمەن. جاھىلىيەت دەۋرىدىكى قان قەرز بىكار قىلىنىدۇ. ئالدى بىلەن ئامىر ئىبنى رەبىئە ئىبنى ھارىسنىڭ قان قەرزىنى بىكار قىلىشتىن باشلايمەن. جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئادەتلەردىن كەئبىنى، زەمزەم سۈيىنى باشقۇرۇشتىن باشقىلىرى بىكار قىلىنىدۇ.

قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئەگەر ئۇ، بىر كىشىنى تاياق بىلەن ياكى تاش بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرسە قىسمەن قەستەنلىك ھېساپلىنىپ، قىساسىغا 100 تۆگە تۆلىتىۋېلىنىدۇ. بۇنىڭدىن ئارتۇق تۆلىتىش جاھىلىيەت كىشىلىرىنىڭ ئىشى.

ئى خالايىق! شەيتان سىلەرنىڭ زېمىنىڭلاردا ئىبادەت قىلىنىشتىن ئۇمىدىنى ئۈزدى. لېكىن ئۇ سىلەر كىچىك سانايدىغان ئىشلىرىڭلاردا سىلەرنى ئۆزىگە بوي سۇندۇرماقچى بولىدۇ.

ئى خالايىق! نەسى[1] دېگەننى قوللىنىش كۇفرىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ. كاپىرلارنى ئازدۇرىدۇ. ئاللاھ ھارام قىلغان ئاينى ئۆزلىرىچە ھالال قىلىش ئۈچۈن ئۇنى بىر يىل ھالال قىلسا، يەنە بىر يىلى ھارام قىلىشىدۇ. ئاللاھ ئاسمان زېمىننى ياراتقا ۋاقىتتىن تارتىپ، زامان ئۆز پېتىچە دەۋر قىلىپ كەلدى. قۇرئاندا ئاللاھنىڭ ھۆكمىدە ئاسمان – زېمىن يارىتىلغاندىن تارتىپ، ئايلارنىڭ سانى ئون ئىككى. بۇلارنىڭ ئىچىدە تۆت ئاينىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىق ھارام قىلىنغان. بۇ ئايلارنىڭ ئۈچى – زۇلقەئدە، زۇلھەججە، مۇھەررەم بىر – بىرىگە ئۇلىنىپ كېلىدۇ. جۇمادىيەل ئاخىر ئېيى بىلەن شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رەجەپ ئېيى بولسا، يالغۇز كېلىدۇ. سىلەرگە تەبلىغ قىلدىممۇ (سىلەرگە ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى يەتكۈزدۈممۇ)؟ ئى ئاللاھ گۇۋاھ بولغىن!

ئى خالايىق! زىممىڭلاردا ئاياللىرىڭلارنىڭ سىلەر رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ھەققى بار. ئاياللىرىڭلارنىڭ زىممىسىدىمۇ ئۇلار رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك سىلەرنىڭ ھەققىڭلار بار. سىلەرنىڭ ھەققىڭلار شۇكى، ئاياللىرىڭلار تۆشەكلىرىگە سىلەردىن غەيرى ئادەملەرنى يولاتماسلىقى، سىلەر خوپ كۆرمەيدىغان ئادەملەرنى سىلەردىن رۇخسەتسىز ئۆيگە كىرگۈزمەسلىكى ۋە پاھىشە قىلماسلىقى لازىم. ئەگەر ئۇلار شۇنداق قىلسا، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئۇلارنى چىڭ تۇتۇشۇڭلارغا، ئۇلارنى ئۆيدىن چىقارماسلىقىڭلارغا، ئۇلار بىلەن بىر تۆشەكتە ياتماسلىقىڭلارغا، ئۇلارنى ئاستىراق ئۇرۇشڭلارغا رۇخسەت بېرىدۇ. ئەگەر ئۇلار چەكلىنىپ سىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنى چىرايلىقچە ئاش – نان، كېىيىم – كېچەك بىلەن تەمىنلەڭلار. سىلەرنىڭ ئەمرىڭلاردىكى ئاياللار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى ئىگە ئەمەس. ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئامانىتى قىلىپ ئالدىڭلار، ئۇلارنى نىكاھ ئارقىلىق ئۆزۈڭلارغا ھالال قىلدىڭلار. ئاياللار توغرىسىدا ئاللاھتىن قورقۇڭلار. ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش توغرىسىدىكى ۋەسىيەتلەرنى قوبۇل قىلىڭلار. سىلەرگە تەبىلىغ قىلدىممۇ؟ ئى ئاللاھ گۇۋاھ بولغىن.

ئى خالايىق! مۇئمىنلار بىر – بىرىگە قېرىنداش. قېرىندىشىنىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن بەرمىگەن مېلى ھېچكىمگە ھالال ئەمەس. سىلەرگە تەبىلىغ قىلدىممۇ؟ ئى ئاللاھ گۇۋاھ بولغىن.

مەندىن كېيىن مۇرتەد بولۇپ بىر – بىرىڭلارنى قىرىدىغان كاپىر بولماڭلار! سىلەرگە مەن ئاللاھنىڭ كىتابى بولغان قۇرئاننى قويۇپ كەتتىم. قۇرئاننى مەھكەم تۇتساڭلار، ئازمايسىلەر. تەبىلىغ قىلدىممۇ؟ ئى ئاللاھ گۇۋاھ بولغىن.

ئى خالايىق! سىلەرنىڭ رەببىڭلار بىر، ئاتاڭلار بىر، ھەممىڭلار ئادەم ئاتىدىن بولغان. ئادەم ئاتا تۇپراقتىن يارىتىلغان. كىم ئەڭ مۇتتەقى (ئاللاھنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى قىلىپ، ئۇنىڭ تۇسقان ئىشلىرىدىن چەكلەنگەن ئادەم) بولسا، شۇ ئادەم ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ھۆرمەتلىكتۇر. ئەرەب بولغان ئادەم بىلەن غەيرى ئەرەب بولغان ئادەمنىڭ قايسىسى تەقۋادار بولسا، شۇ ئەۋزەل. تەبىلىغ قىلدىممۇ؟ ئى ئاللاھ گۇۋاھ بولغىن.

سۆزۈمنى بۇ يەرگە ھازىر بولغانلار ھازىر بولمىغانلارغا يەتكۈزسۇن.

ئى خالايىق! ئاللاھ ھەر بىر ۋارىسقا مىراس نەسىۋىسىنى بەلگىلىدى. مىراسنى بىرلا ۋارىسقا ۋەسىيەت قىلىش دۇرۇس ئەمەس. مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن كۆپرەكىنى ۋەسىيەت قىلىش دۇرۇس ئەمەس. بالا ئەرنىڭ بولىدۇ. زىنا قىلغۇچىنىڭ بولمايدۇ. كىمكى، ئاتىسىدىن باشقا بىرىنى ئاتا دەپ، خوجايىنىدىن باشقا بىرىنى خوجايىن دەپ دەۋا قىلسا، ئۇ ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە ھەممە كىشىلەرنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ بەرگەن نەرسىسى ۋە گۇۋالىقى قۇبۇل قلىنمايدۇ. سىلەرگە ئامانلىق ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن


[1] نەسى – ئەرەبلەر يىل ئاي ھېساۋىدا قەمەرىيە ئايلىرىنى قوللىناتتى. قان تۆكۈش ھارام قىلىنغان ھەج ئايلىرىنىڭ ھۆرىمىتىنى ساقلاشتەك ئىشلار ئىبراھىم ۋە ئىسمائىل پەيغەمبەرلەرنىڭ زامانىدىن تارتىپ، شۇ ئايلار (شەۋۋال، زۇلقەئدە، زۇلھەججە، مۇھەررەم)غا قاراپ بەلگىلىنەتتى. ئۇلار، بۇ ئىشنىڭ شۇ قائىدە بويىچە كېتىۋېرىشنى ئۆلىرىنىڭ سودا قىلىش مەنپەئەتلىرىگە زىيانلىق دەپ قارىدى. چۈنكى ھەج بەزى چاغلاردا ئۇلارغا نامۇۋاپىق پەسىلدە كېلەتتى. بەزىدە ھارام قىلىنغان ئايلار ئۇلارنىڭ سودا ئىشلىرىغا مۇناسىپ پەسىلدە كەلمەيتتى. شۇڭا ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى مۇناسىپ كېلىدىغان پەسىلدە تۇراقلىق بولۇشى ئۈچۈن شەمسىيە يىلىغا ئۇيغۇنلاشتۇرماقچى بولۇپ، قەمەرىيە يىلىنىڭ ئاخىرىغا مەلۇم كۈنلەرنى قوشۇپ نەسى (كېچىكتۈرۈلدى) كۈنلىرى دەپ ئاتىدى. ئۇلار، بۇ كۈنلەرنى جەملەپ، بىرەر ئاي قىلىپ تولدۇراتتى، بۇنىڭ بىلەن بەزى يىللار، 12 ئاي، بەزى يىللار 13 ئاي كېلىدىغان بولۇپ قالدى. شۇنداق قىلىپ، ھەج بەزىدە زۇلھەججە ئېيىدا كەلسە، بەزىدە زۇلقەئدە ئېيىدا كېلەتتى. مۇشۇنداق ئايلىنىپ، ئىككىنچى قېتىم يەنە زۇلھەججە ئېيىدا كېلەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەججەتۇلۋىدادا ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە بۇ قائىدىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا، قەمەرىيە ئايلىرى بويىچە ئىش قىلىشقا بۇيرىدى. زامان ئايلىنىپ، ھەج يەنە ئۆز ئېيىدا كېلىدىغان بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام "زامان ئايلىنىپ كەلدى" دېدى.

 


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ