مۇسۇلمانلار

پەرزەنت تەربىيىسى

پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدە ساۋات
تەييارلىغۇچى: ئەبۇلفاتىھ
بىسمىللاھىر راھمانىر رەھىم
كىرىش سۆز
مۆھتەرەم مۇئمىنلار! ئاللاھ تەئالا بىزگە: «ئى مۇئمىنلار! ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا-چاقاڭلارنى دوزاختىن ساقلاڭلار»[1] دېيىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنى ۋە بالا-چاقىلىرىمىزنى دوزاختىن ساقلاشقا بۇيرۇيدۇ. ئۆزۈمىزنى دوزاختىن ساقلاش ئۈچۈن دۇنيادىكى چېغىمىزدا ئاللاھنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىغا بويسۇنىشىمىز، بالا-چاقىمىزنى دوزاختىن ساقلاش ئۈچۈن ئۇلارنى ئوبدان بېقىشىمىز، ياخشى تەربىيىلىشىمىز، قىسقىسى ئۇلار توغرىسىدا زىممىمىزگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىشىمىز لازىم.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۇقارقى ئايەتنىڭ بايانى ماھىيىتىدىكى بىر ھەدىسىدە مۇنداق دەيدۇ:
«ھەممىڭلار پادىچى ۋە ھەممىڭلار ئۆز پاداڭلارغا مەسئۇلسىلەر. باشلىقمۇ پادىچىدۇر، ئۇ ئۆز پادىسىغا مەسئۇلدۇر. ئەر كىشىمۇ پادىچىدۇر، ئۇ ئۆز پادىسىغا مەسئۇلدۇر. ئايال كىشىمۇ پادىچىدۇر، ئۇ ئۆز پادىسىغا مەسئۇلدۇر. خىزمەتچىمۇ پادىچىدۇر، ئۇ ئۆز پادىسىغا مەسئۇلدۇر. دېمەك، ھەممىڭلار پادىچى بولۇپ، ئۆز پاداڭلاردىن مەسئۇلسىلەر»[2].
دىنىمىز ھەر بىر مۇئمىنغا ھالىغا يارىشا بىر مەسئۇلىيەت يۈكلەيدۇ. ئىنساننىڭ مۇئمىن ھېسابلىنىشى ئۈچۈن ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تونۇشى، قولىدىن كېلىشىچە ئۇنى ئادا قىلىشى شەرت. ئەكسى تەقدىردە مۇئمىنلىق دەۋاسى قىلىش بىر نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇئمىنلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تونۇشى، بىلىدىغانلارنىڭ بۇنىڭغا ياردەم قىلىشى كېرەك.
مۇئمىنلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتلەردىن بىرى ئۆز ئەۋلادلىرىنى تەربىيىلەشتۇر. ئەۋلادلىرىنى دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تەربىيىلىمىگەن ئاتا-ئانىلار بۇ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بۇ توغرىدىكى ئايەت-ھەدىسلەردىن ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئۆگىنىشى، شۇنداقلا ئۇنى ئادا قىلىشقا تىرىشىشى لازىم. بۇ يازمىدا مۇناسىۋەتلىك ئايەت-ھەدىسلەرگە ئاساسلىنىپ بۇ ھەقتە بىر قەدەر ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىلىدۇ.
تەربىيە سۆزىنىڭ لۇغەت مەنىسى
تەربىيە سۆزى «ر ب و» سۆز تومۇرىدىن ئېلىنغان ئۆتۈملۈك مەسدەرىدۇر.
قۇرئان كەرىمدە، «ر ب و» دىن تۈرلەنگەن 17 دانە سۆز بار[3]. ئايەتلەردە ئۇ سۆزلەرگە كۆپمەك، ئۆسمەك، زىيادە بولماق، چوڭايماق، يېتىلمەك ۋە ئۆرلىمەك دېگەن سۆزلەرنىڭ پەرقلىق شەكىللىرى بىلەن مەنا بېرىلىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن ئۆتۈملۈك مەسدەر بولغان تەربىيە سۆزىنىڭ لۇغەت مەنىسى كۆپتۈرمەك، ئۆستۈرمەك، زىيادە قىلماق، چوڭايتماق، يېتىلدۈرمەك ۋە ئۆرلەتمەك دېگەن شەكىلدە بولىدۇ. لۇغەت كىتابلىرىدىمۇ تەربىيە سۆزىگە بۇ خىل مەنالار بېرىلىدۇ[4].
تەربىيە سۆزىنىڭ ئىستىلاھ مەنىسى
مۇناسىۋەتلىك ئايەت-ھەدىسلەردە بالا تەربىيىلەش بالىنى جىسمانىي، ئەقلىي، روھىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن كامىل بىر ئىنسان قىلىپ يېتىلدۈرۈشنى ئىپادىلەيدۇ[5]. تەربىيە سۆزىنىڭ لۇغەت مەنىسىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ.
تەربىيە مۇنداق بولىدۇ:
1- تۇغۇلغان ھامان قۇلىقىغا ئەزان ئوقۇش
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «مال-دۇنيالار ۋە بالىلار دۇنيا ھاياتىنىڭ زىننىتىدۇر»[6]. بۇ ئايەتكە ئاساسەن بالا ئاللاھنىڭ بىر ئىنئامىدۇر. ئۇ بەزى چاغلاردا ئاتا-ئانىسىنىڭ دوستى، بەزى چاغلاردا ياردەمچىسى ۋە بەزى چاغلاردا دۇئاچىسىدۇر. بالا تۇغۇلغان ھامان قۇلىقىغا ئەزان ئوقۇش، بالىنى ئاتا قىلغان زاتقا شۈكۈر ئېيتقانلىق ھەمدە بالىغا تۇنجى قېتىم ئىسلامنىڭ شۇئارىنى ۋە ئىماننىڭ ئاساسلىرىنى ئاڭلاتقانلىق بولىدۇ. ئەبى رافىئ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىسى ھەسەن تۇغۇلغاندا قۇلىقىغا ئەزان ئوقۇغىنىنى كۆردۈم»[7].
2- ئېغىزلاندۇرۇش ۋە بەرىكەت تىلەش
بۇنىڭ مەنىسى بالىنى تازىلاپ ئاغزىغا بىرىنچى قېتىم يېمەكلىك سالماق (خورما سالسا تېخىمۇ ياخشى) دېگەن بولىدۇ. بۇنىڭ ئۇسۇلى مۇنداق: خورما ياكى باشقا بىر يېمەكلىك ناھايىتى يۇمشاق چاينىلىپ بالىنىڭ ئاغزىغا سېلىنىدۇ، ئاندىن ناھايىتى مۇلايىم بىر شەكىلدە بالىنىڭ ئاغزى ئوڭ-سولغا ھەرىكەتلەندۈرۈلىدۇ، نەتىجىدە بالىنىڭ ئاغزىغا سېلىنغان نەرسە گېلىدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇ ئىشنى تەقۋادار، سالىھ بىر كىشىنىڭ قىلىشى ئەۋزەل. بالىنى ئېغىزلاندۇرغان كىشى ئۇنىڭغا ئاللاھتىن بەرىكەت تىلەيدۇ.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ:
«كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا يېڭى تۇغۇلغان بالىلىرىنى ئېلىپ كېلەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ بالىلارنى ئېغىزلاندۇرۇپ ئۇلارغا بەرىكەت تىلەيتتى»[8].
ئەبۇ مۇسا ئىسىملىك بىر ساھابە مۇنداق دەيدۇ:
«مېنىڭ بىر ئوغلۇم تۇغۇلغان ئىدى. ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئېلىپ كەلدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوغلۇمغا ئىبراھىم دەپ ئىسىم قويدى، ئاندىن ئېغىزلاندۇردى ۋە ئۇنىڭغا بەرىكەت تىلىدى»[9].
3- ئېمىتىش
بالىنىڭ ئانىسىنى ئېمىش ھەققى بار. ئېنىكئانىلارغا ئېمىتىشكىمۇ بولىدۇ. ئىشقىلىپ بالىنىڭ تۇغۇلۇپ بىر مۇددەت ئانىسىنى ياكى ئېنىكئانىسىنى ئېمىش ھەققى بار. ئەگەر بالىنى تالاق قىلىنغان ئانىسى ئېمىتسە، بۇ ئانىنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنى ۋە كىيىم-كېچىكىنى بالىنىڭ دادىسى بېرىشى كېرەك. ئەگەر دادا ئۆلۈپ كەتكەن بولسا ۋارىسلىرى بېرىدۇ. ئەگەر دادا بالىنى بىر ئېنىكئانىغا ئېمىتمەكچى بولسا، ئېنىكئانىنىڭ ھەققىنى (دېيىشكەن بويىچە ئېمىتىش ھەققىنى) تولۇق بېرىشى كېرەك. بۇ ئىشنى سۈت پاراشوكى (نەيفىن) ياكى ھايۋان سۈتى بىلەن «بېجىرگەنلەر» بالىنىڭ ئېمىش ھەققىنى ئادا قىلمىغان بولىدۇ[10].
بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، ئېمىش بالىنىڭ ھەققى، ئېمىتىش ئاتا-ئانىنىڭ مەجبۇرىيىتى. ئاتا-ئانىنىڭ بۇ مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلغانلىقى ھەرگىزمۇ بالىغا قىلغان بىر ئىلتىپات ئەمەس، بەلكىدە ئۇ ئاللاھنىڭ ئەمرى. ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا بۇ ئەمىرنى ئادا قىلغان.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بالا چوڭ بولغاندا «بۇنى قىلساڭ بەرگەن سۈتۈمگە رازى ئەمەس، شۇنى قىلمىساڭ باققىنىمغا رازى ئەمەس»، دېگەن گەپلەرنى قىلىپ ئۇنى كونترول قىلىۋېلىشى ھەددىدىن ئاشقانلىق بولىدۇ. بەزى ئاڭسىز ئاتا-ئانىلار قولىدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قىلىپ تۇرۇۋاتقان بالىلىرىغا شۇنداق گەپلەرنى دېگەن تەقدىردە، بۇ گەپنىڭ بالىغا ھېچبىر زىيىنى يوق. چۈنكى بالا ئۆز ۋاقتىدا ئۆز ھەققىدىن پايدىلانغان، ئاتا-ئانىسى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان.   
4- ياخشى ئىسىم قويۇش
ئاتا-ئانىنىڭ بالىغا ياخشى ئىسىم قويۇشى لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەر قىيامەت كۈنى ئۆزۈڭلارنىڭ ۋە ئاتىلىرىڭلارنىڭ ئىسملىرى بىلەن چاقىرىلىسىلەر. شۇنىڭ ئۈچۈن چىرايلىق ئىسىم قويۇڭلار»[11].
بۇ توغرىدىكى ھەدىسلەردە ئوغۇل بالىنىڭ ئىسمى ئاللاھ تەئالانىڭ بىرەر ئىسىم-سۈپىتىنىڭ بېشىغا ئابدۇ (بەندە) قوشۇپ قويۇشنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەنىسى ياخشى بولمىغان ئىسىملەرنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكىمۇ رىۋايەت قىلىنىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن بالىغا ئىسىم تاللىغاندا ئىسىمنىڭ مەنىسىگە دىققەت قىلىش كېرەك. ئىسىم قويۇش بالىنىڭ ئەقىقىسىنى بەرگەن كۈنى (تۇغۇلۇپ يەتتىنچى كۈنى) ئائىلە-تاۋابىئات ۋە يېقىن-يورۇقلارنىڭ ئىچىدە بۇ بالىنىڭ ئىسمى مۇنداق بولسۇن، دەپ بىر ئىسىمنى ئېلان قىلىش بىلەن بولىدۇ. بۇ چاغدا ئەزان ئوقۇلمايدۇ. يۇقاردا بايان قىلىنغاندەك ئەزان بالا تۇغۇلغان چاغنىڭ ئۆزىدە، ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن يەرگە چۈشكەن ھامان ئوقۇلىدۇ[12].
5- ئەقىقىسىنى بېرىش
بالا تۇغۇلۇپ يەتتىنچى كۈنى بىر قوي ئۆلتۈرۈپ (بالا ئوغۇل بولسا ئىككىنى ئۆلتۈرۈش ئەۋزەل) گۆشىنى ئائىلە-تاۋابىئات ۋە يېقىن-يورۇقلار يىغىلىپ بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ يېيىشى ۋە پېقىر-مىسكىنلەرگە تارقىتىشى سۈننەت. يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك بالىنىڭ ئىسمىمۇ مۇشۇ ۋاقىتتا قويۇلىدۇ يەنى ئىسمىنىڭ نېمىلىكى مۇشۇ ۋاقىتتا ئېلان قىلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «بالا تۇغۇلۇپ يەتتىنچى كۈنى ئەقىقىسى بۇغۇزلىنىدۇ، ئىسمى قويۇلىدۇ ۋە بېشى چۈشۈرۈلىدۇ»، دېگەنلىكى ۋە نەۋرىلىرىنىڭ ئەقىقىسىنى بەرگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ[13].
6- چېچىنى چۈشۈرۈش
شۇ كۈنى يەنى يەتتىنچى كۈنى بالىنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈپ چېچىنىڭ مىقدارىدا ئالتۇن ياكى كۈمۈش سەدىقە قىلىش ياخشىدۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ھەر تۇغۇلغان بالىنىڭ ياخشى يېتىلىشى ئۇنىڭ ئەقىقىسىگە باغلىق. بۇ ئەقىقە بالا تۇغۇلۇپ يەتتىنچى كۈنى بۇغۇزلىنىدۇ، بېشى چۈشۈرۈلىدۇ ۋە ئىسمى قويۇلىدۇ» دېگەنلىكى ۋە نەۋرىسى ھەسەن ئۈچۈن ئەقىقە بۇغۇزلىغاندىن كېيىن: «ئى فاتىمە! ئۇنىڭ بېشىنى چۈشۈرگىن ۋە چېچىنىڭ ئېغىرلىقىغا تەڭ كېلىدىغان كۈمۈشنى مىسكىنلەرگە سەدىقە قىلغىن» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ[14]
7- خەتنە قىلىش
بۇ، ئوغۇل بالىلارنىڭ جىنسىي ئەزاسىنىڭ ئۇچ قىسمىدىكى تېرىسىنى قىسمەن كېسىش ياكى كەستۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلام مۇنداق دېگەن:
«بەش تۈرلۈك ئىش سۈننەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئىشلار: خەتنە قىلىش، سۈننەت قىلىش (ئەۋرەتنىڭ تۈكلىرىنى تازىلاش)، بۇرۇتنى قىرقىش، تىرناقنى ئېلىش ۋە قولتۇق ئاستىدىكى تۈكلەرنى يۇلۇشتىن ئىبارەت»[15].
8- مېھىر-شەپقەت بىلەن بېقىش
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەلىنىڭ ئوغلى ھەسەننى سۆيگەنىدى. بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئەقرە ئىبن ھابىس ئولتۇراتتى. ئەقرە: «مېنىڭ ئون بالام بار، ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى سۆيگەن ئەمەسمەن»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا بىر قاراپ قويغاندىن كېيىن: «مېھرىبان بولمىغان ئادەمگە ئاللاھ تەئالا مېھرىبان بولمايدۇ»، دېدى[16]
9- قۇرئان ساۋادىنى چىقىرىش
ئەقىل تېپىشقا باشلىغاندىن تارتىپ قۇرئان ساۋادىنى چىقىرىشقا تىرىشىش، نەتىجىدە ئۇنى تەجۋىد قائىدىلىرى بويىچە قۇرئان ئوقۇيالايدىغان قىلىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن «سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار قۇرئاننى ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەنلىرىڭلاردۇر»[17].
10- ناماز ئوقۇشقا ئادەتلەندۈرۈش
يەتتە يېشىدا ناماز ئوقۇشنى ئۆگىتىش ۋە ناماز ئوقۇشقا ئادەتلەندۈرۈش، مەسچىت-جامەلەرگە ۋە ئىلىم-مەرىپەت سورۇنلىرىغا بىللە ئاپىرىش. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
 «ئائىلەڭنى نامازغا بۇيرۇغىن، ئۆزۈڭمۇ ئۇنى ئادا قىلىشتا چىداملىق بولغىن»[18].
دېمەك نامازنى ئۆزىمىزنىڭ ئوقۇشىلا يەتمەيدۇ، بالا-چاقىلىرىمىزنىمۇ نامازنى ئوقۇشقا بۇيرۇشىمىز كېرەك.
بۇ ئايەت بالىنى ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇشنىڭ مۇھىملىقىغا دالالەت قىلىش بىلەن بىرگە، بالا ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلسا كۇپايىلىنىپ تۇرماسلىق، بەلكىدە ئۇنىڭغا ئىبادەتتە ۋە ياخشى ئىشلاردا ئۈلگە بولۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى ئۆگتىشنىڭ لازىملىقىغىمۇ دالالەت قىلىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «بالىلىرىڭلارنى يەتتە ياشقا كىرگەندە ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇڭلار، ئون ياشقا كىرگەندە ئوقۇمىسا ئۇرۇڭلار»[19]، دېگەن سۆزى بۇ ئىشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ھەزرىتى لوقمان بۇ توغرىدا بالىسىغا مۇنداق نەسىھەت قىلىدۇ: «ئى ئوغۇلچىقىم! نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئوقۇغىن، ياخشىلىققا بۇيرۇغىن ۋە يامانلىقتىن توسقىن»[20].
11- روزا تۇتۇشقا كۆندۈرۈش
يەنە يەتتە يېشىدا روزا تۇتۇشقا ئادەتلەندۈرۈش، زولۇققا ئويغۇتۇپ داستىخانغا ئولتۇرغۇزۇپ زولۇق يېگۈزۈش، كۈندۈزى كۈچى يەتكەن يەرگىچە روزا تۇتقۇزۇش، ئەگەر پۈتۈن بىر كۈن روزا تۇتۇشقا كۈچى يېتىدىغانلىقى بايقالسا كۈن بۇيى روزا تۇتۇشقا زورلاش. چۈنكى رامىزان ئېيىدا بىر ئاي روزا تۇتۇش دىنىمىزنىڭ ئاساسلىرىدىن بىرى. بۇ، بالاغەتكە يەتكەن ھەر مۇسۇلمانغا پەرز. بالىنىڭ بۇ پەرزنى بالاغەتكە يەتكەندە ئوبدان ئورۇندىيالىشى ئۈچۈن بالاغەتكە يېتىشتىن ئىلگىرى ئادەتلىنىشى ياخشى. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى كىچىكىدىن باشلاپلا بۇ پەرزنى ئادا قىلىشقا كۆندىرىشى كېرەك.
12- ياخشى ئۈلگە بولۇش
ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا ئۆي ئىچىدە ۋە سىرتتا ياخشى ئۈلگە بولۇش كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:
«ئەگەر ئىنسان ئۆلسە، ئۇنىڭ بارلىق ئەمەلى توختايدۇ. پەقەت تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئەمەلىنىڭ ساۋابى توختىماي نامۇئەمالىغا يېزىلىپ تۇرىدۇ: بىرىنچى، ساۋابى ئۈزۈلمەي بولۇپ تۇرىدىغان سەدىقە. ئىككىنچى، ئەلگە پايدىلىق ئىلىم. ئۈچىنچى، ئارقىسىدىن ئاتا-ئانىسى ھەققىدە دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان ياخشى بالا»[21].
بالىنىڭ ياخشى ئادەم بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭ تۇنجى ئۇستازى ھېسابلىنىدىغان ئاتا-ئانىلىرى يامان تەسىر بەرمەسلىكى لازىم.
13- ئائىلىۋى ئەدەپ – ئەخلاق ئۆگىتىش
يەنى ئاتا-ئانا بالىغا ئۆيگە كىرگەندە ئىشىكنى چېكىپ رۇخسەت بېرىلگەندىن كېيىن كىرىشىنى، كىرىپلا ئۆيدىكىلەرگە سالام قىلىشنى ئۆگىتىشى  ۋە بۇ توغرىدا بالىغا ئۈلگە بولۇشى كېرەك[22]. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئى مۇئمىنلار! باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىگە، ئۆي ئىگىسىدىن ئىجازەت سورىماستىن ۋە ئۇلارغا سالام بەرمەستىن كىرمەڭلار. بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. نەسىھەت ئاڭلىغايسىلەر!»[23]،
«ئى مۇئمىنلار! قۇل ۋە چۆرىلىرىڭلار، بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلىرىڭلار، يېنىڭلارغا كىرىش ئۈچۈن شۇ ئۈچ ۋاقىتتا سىلەردىن ئىجازەت سورىسۇن: بامدات نامىزىدىن ئىلگىرى، چۈشلۈك ئىستىراھەت ئۈچۈن كىيىمىڭلارنى سالىدىغان چېغىڭلاردا ۋە خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن. بۇ ۋاقىتلار ئەۋرەت يەرلىرىڭلارنىڭ ئېچىلىپ قېلىش ئېھتىمالى بولغان ۋاقىتلاردۇر. لېكىن بۇ ئۈچ ۋاقىتتىن باشقا ۋاقىتلاردا ئۇلار يېنىڭلارغا ئىجازەتسىز كىرسە سىلەرگىمۇ گۇناھ بولمايدۇ، ئۇلارغىمۇ گۇناھ بولمايدۇ. چۈنكى سىلەر بىر-بىرىڭلارنىڭ يېنىغا كىرىپ-چىقىپ تۇرىسىلەر. ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلەرىنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»[24].
«بالىلىرىڭلار بالاغەتكە يەتكەن چاغلىرىدا بولسا، يېنىڭلارغا ھەر قېتىم كىرىشىدە چوڭلار ئىجازەت سورىغاندەك ئىجازەت سورىسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلىرىنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»[25].  
14- ئوقۇتۇش
بالا ئوقۇش يېشىغا يەتكەندە مەكتەپكە بېرىش، ئوقۇش لازىمەتلىرىنى تولۇق قىلىپ بېرىش. چۈنكى قۇرئان كەرىمنىڭ دەسلەپتە نازىل بولغان ئايىتى ئوقۇشقا بۇيرۇيدۇ. بەقەرە سۈرىسىنىڭ 247- ئايىتى، زۇمەر سۈرىسىنىڭ 9- ئايىتى، ئال ئىمران سۈرىسىنىڭ 7- ئايىتى، نىسا سۈرىسىنىڭ 162- ئايىتى، ئەنكەبۇت سۈرىسىنىڭ 49- ئايىتى، سەبەئ سۈرىسىنىڭ 6- ئايىتى، فاتىر سۈرىسىنىڭ 28- ئايىتى، مۇجادەلە سۈرىسىنىڭ 11- ئايىتى قاتارلىق ئايەتلەر ئىلىمنىڭ بەك مۇھىم ئىكەنلىكىنى ۋە ئالىملارنىڭ دەرىجىسىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىلىم تەلەپ قىلىش ئەر-ئايال بارلىق مۇسۇلمانلارغا پەرز»، دېگەن[26].
بۇنىڭغا ئاساسەن ئاتا-ئانىلارنىڭ، بالىلىرىنى ئوقۇتۇشى، ئوقۇش ئۈچۈن كېرەكلىك نەرسىلەرنى تولۇق قىلىپ بېرىشى، قىسقىسى بالىلىرىنىڭ ئىلىملىك، ياراملىق ئادەم بولۇشى ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىشى لازىم.
15- بالىلارنى تەڭ كۆرۈش
 نۇئمان ئىبن بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، نۇئماننىڭ ئاتىسى ئۇنى رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا ئېلىپ كېلىپ: «مەن بۇ ئوغلۇمغا مېنىڭ خىزمەتكارىمنى بېرىۋەتتىم»، دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «سەن بالىلىرىڭنىڭ ھەممىسىگە مۇشۇنداق خىزمەتكار بەردىڭمۇ؟»، دېدى. ئۇ: «ياق»، دېدى. رەسۇلۇللاھ: «ئۇنى قايتۇرۇۋالغىن»، دېدى.
يەنە بىر رىۋايەتتە: رەسۇلۇللاھ: «بالىلىرىڭنىڭ ھەممىسىگە مۇشۇنداق قىلدىڭمۇ؟»، دېدى. ئۇ: «ياق»، دېدى. رەسۇلۇللاھ: «ئاللاھتىن قورقۇڭلار، بالىلىرىڭلارنىڭ ئارىسىدا ئادىل بولۇڭلار»، دېدى. دادام كېلىپ ئېھسان قىلغان نەرسىسىنى قايتۇرۇۋالدى، دېيىلگەن.
يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېيىلگەن: رەسۇلۇللاھ: «ئى بەشىر! بۇنىڭدىن باشقا بالىلىرىڭ بارمۇ؟»، دېۋىدى. ئۇ: «ھەئە»، دېدى. رەسۇلۇللاھ: «ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە مۇشۇنداق بەردىڭمۇ؟»، دېدى. ئۇ: «ياق»، دېدى. رەسۇلۇللاھ: «ئۇنداقتا مېنى گۇۋاھلىققا تارتمىغىن، چۈنكى مەن زۇلۇمغا گۇۋاھ بولمايمەن»، دېدى.
يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «باشقا ئادەمنى گۇۋاھ قىلغىن»، دېدى. ئاندىن: «ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ساڭا قارىتا باراۋەر ياخشىلىق قىلىشىدىن خۇشاللىنامسەن؟»، دېۋىدى، نۇئمان: «شۇنداق»، دېدى. رەسۇلۇللاھ: «ئۇنداقتا سەنمۇ ئۇلارنى باراۋەر كۆرگىن»، دېدى[27].
16- ئومۇمىي ئەدەپ-ئەخلاق ئۆگىتىش
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«سىلەر ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر. ياخشىلىققا بۇيرۇيسىلەر، يامانلىقتىن توسىسىلەر، ئاللاھغا ئىشىنىسىلەر»[28].
رەسۇلۇللاھنىڭ تەربىيىسىدە بولغان ئۇمەر ئىبن ئەبى سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەربىيىسىدە تۇرۇۋاتقان بالا ئىدىم. تاماق يەۋاتقان چاغدا قولۇم لېگەندە چېپىپ يۈرەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى بالا! ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، دەپ ئوڭ قولۇڭ بىلەن ئۆزۈڭنىڭ ئالدىدىن يېگىن»، دېگەن. شۇنىڭدىن بۇيان تاماق يېيىش ئۇسۇلۇم ھامان رەسۇلۇللاھ دېگەندەك بولۇپ كەلدى[29].
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇناسىۋەتلىك بىر ھەدىسى مۇنداق: «ئاتا-ئانا ئۆز بالىسىغا ياخشى ئەدەپ-ئەخلاق ئۆگىتىشتىنمۇ ئوبدانراق ئوزۇق بېرەلمەيدۇ»[30].
17- ئەقىدە توغرىسىدا ئالاھىدە تەربىيە بېرىش.
بىر ئىنساننىڭ ئەمەل-ئىبادەتلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەقىدىسىنىڭ توغرا بولۇشى شەرت[31]. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپ ئاللاھنىڭ بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ ياراتقۇچىسى، باققۇچىسى ۋە باشقۇرغۇچىسى ئىكەنلىكىنى، يەككە-يېگانە ئىكەنلىكىنى، چەكسىز قۇدرەت ۋە مۇتلەق ھاكىمىيەت ئىگىسى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ ئىبادىتىگە لايىق بولۇشتا يالغۇز ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك. چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۇئمىنلار! ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا-چاقاڭلارنى دوزاختىن ساقلاڭلار»[32].
بالا-چاقىنى دوزاختىن ساقلاش ئۇلارغا توغرا ئەقىدە ئۆگىتىش بىلەن بولىدۇ. شېرىك ئەقىدىسى بىلەن ئۆلگەنلەرنى ئاللاھ ھەرگىزمۇ ئەپۇ قىلمايدۇ[33].
بۇ توغرىدا ھەزرىتى لوقمان ئوغلىغا مۇنداق نەسىھەت قىلىدۇ:
«ئى ئوغۇلچىقىم! ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمە، چۈنكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ناھايىتى چوڭ زۇلۇمدۇر»[34].
«ئى ئوغۇلچىقىم! قىلمىشىڭ بىر دانە قىچا چاغلىق بولۇپ، ئۇ بىر تاشنىڭ ئىچىدە ياكى ئاسمانلاردا ۋە ياكى يەر ئاستىدا بولغان تەقدىردىمۇ ئاللاھ ئۇنى ھازىر قىلىپ سەندىن ھېسابىنى ئالىدۇ. ئاللاھ ئىنچىكىلەپ كۆزەتكۈچىدۇر، تولۇق خەۋەرداردۇر»[35].
دىققەت قىلىدىغان بولساق ھەزرىتى لوقمان ئوغلىغا ئالدى بىلەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرشنىڭ ناھايىتى چوڭ زولۇم ئىكەنلىنى چۈشەندۈرىدۇ، ئاندىن ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرۇشىنى كىچىك بالىلار چۈشىنەلەيدىغان بىر مىسال بىلەن ئۇقتۇرىدۇ.
دېمەك، بالىلارغا ئالدى بىلەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشنىڭ ناھايىتى چوڭ زۇلۇم ئىكەنلىكىنى، ئاندىن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ۋە ئىلمىنى چۈشەندۈرۈش لازىم. «لائىلاھە ئىللەللاھ» نىڭ مەنىسىمۇ بۇنى كۆرسىتىدۇ.
18- باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىتىش
بۇ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:
1- بالىغا ئۆز ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشنى ئۆگتىش، ئاتا-ئانىنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈستىدىكى ھەقلىرىنى ۋە بۇ ھەقلەرنى ئادا قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى تونۇتۇش[36].
بۇ ھەقتە ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«بىز ئىنساننى ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق، ئانىسى ئۇنى قورسىقىدا قاتمۇقات ئاجىزلىق بىلەن كۆتۈردى ۋە ئىككى يىل ئېمىتتى. ئى ئىنسان! ماڭا ۋە ئاتا-ئاناڭغا شۈكۈر قىل. ئاخىرى كېلىپ ماڭا ھېساب بېرىسەن»[37].
«رەببىڭ مۇنداق ھۆكۈم قىلدى: ئاللاھدىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلماڭلار ۋە ئاتا-ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى ياكى ئىككىلىسى سېنىڭ يېنىڭدا قېرىپ قالسا، ئۇلارغا: «ئۇفف!»[38] دېگەن سۆزنىمۇ قىلما. ئۇلارغا ئازار بەرمە، ئۇلارغا چىرايلىق گەپ قىل.
ئۇلارغا مېھرىبانلىق ۋە كەمتەرلىك بىلەن قول-قانات بولغىن ۋە ئۇلار ئۈچۈن مۇنداق دۇئا قىلغىن: «رەببىم! ئاتا-ئانام مېنى كىچىكلىكىمدە قانداق تەربىيىلىگەن بولسا، سەن ئۇلارغا شۇنداق ياخشىلىق قىلغىن!
رەببىڭلار ئىچىڭلاردىكىنى ئۇبدان بىلىدۇ. ئەگەر ياخشى كىشىلەر بولساڭلار، شۇنى بىلىڭلاركى ئاللاھ تەۋبە قىلغۇچىلارنى ئەپۇ قىلغۇچىدۇر»[39].
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:
«بالا ئاتىنىڭ ياخشىلىقىنى قايتۇرالمايدۇ، پەقەت بالىنىڭ ئاتىسى قۇل بولۇپ، بالا ئۇنى سېتىۋېلىپ ئازاد قىلسا، ئاندىن ئاتىسىنىڭ ياخشىلىقىنى قايتۇرغان بولىدۇ»[40].
«ئاتىسى بىلەن ئانىسى ياكى ئۇلاردىن بىرى قېرىغىچە ياشاپ، ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ جەننەتكە كىرەلمىگەن كىشى خاروزار بولسۇن! خاروزار بولسۇن! خاروزار بولسۇن!»[41].
بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىش كېرەككى: ئاتا-ئانىغا قىلىنىدىغان ئىتائەت چەكلىك بولۇپ، بۇ توغرا ئىشلاردا ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشنىڭ لازىملىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئۇلار بۇيرۇغان ئىش قىلغانلار گۇناھكار بولىدىغان بىر ئىش بولسا، ئۇ چاغدا ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تەئالا لۇقمان سۈرىسىنىڭ 14- ئايىتىدە ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇپ ئارقىسىدىنلا مۇنداق بىر ئاگاھلاندۇرۇشتا بولىدۇ:
«ئەگەر ئاتا-ئاناڭ سېنى ماڭا قارىغۇلارچە شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلما»[42].
دېمەك، ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشكە ئېلىپ بارىدىغان ئىش بولسا، ئاتا-ئانىغا ئىتائەت قىلماسلىق يەنى ئاللاھغا شېرىك كەلتۈرمەسلىك لازىم.
بۇ ئىككى ئىتائەت (ئاللاھغا ۋە ئاتا-ئاتىغا قىلىنىدىغان ئىتائەت) بىر-بىرى بىلەن زىتلىشىپ قالمىسىلا ئىككىلىسىنى قىلىش كېرەك. ئەگەر زىتلىشىپ قالسا دەرھال ئاتا-ئانىنىڭ ئىتائىتىنى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىگە قۇربان قىلىش كېرەك[43].
ئاللاھ تەئالا يۇقارقى ئايەتنى «ئۇلارغا دۇنيالىق ئىشلاردا ياردەملەشكىن» دېگەن جۈملە بىلەن ئاخىرلاشتۇرىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى شۇكى: شېرىككە زورلىغان ئاتا-ئانىلارغا ئىتائەت قىلىشتىن چەكلەش، دۇنيا ئىشلىرىدا ئۇلارغا ياخشىلىق قىلماسلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.
 2- بالىغا ئىنسانلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشنى ئۆگىتىش.
ھەزرىتى لوقمان بۇ توغرىدا ئوغلىغا مۇنداق نەسىھەت قىلىدۇ: «ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتۇپ ئىنسانلارنى كەمسىتمە، زېمىندا غادىيىپ ماڭما، چۈنكى ئاللاھ ھاكاۋۇر، پوچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ. تەبىئىي ماڭ، ئاۋازىڭنى بىرئاز پەسلەت، چۈنكى ئەڭ يامان ئاۋاز ئېشەكلەرنىڭ ئاۋازىدۇر»[44].
 بۇ ئايەتتە ئىنسانلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ. دىققەت قىلىدىغان بولساق ئايەت بىزگە، بالىلىرىمىزغا ئىنسانلار بىلەن يۈرۈش-تۇرۇش، گەپ-سۆز ۋە باشقا پۈتكۈل مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدا تولۇق تەربىيە بېرىشىمىزنىڭ لازىملىقىنى ئۆگىتىدۇ.
19- بالىغا دۇنيانىڭ ماھىيىتى چۈشەندۈرۈش
 نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ راھەت-پاراغەت ئىچىدە چوڭ بولۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ھەتتا ئۆزلىرى قىيىنچىلىق تارتسىمۇ بالىلىرىغا سەزدۈرمەي ئۇلارنىڭ ھۇزۇرىغا كۆڭۈل بۆلۈشكەن بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ خىل بالىلار، دۇنيا ھاياتىنى راھەت-پاراغەت، باياشاتچىلىق، ئويۇن-تاماشا، دەپ چۈشىنىدۇ ۋە بۇ چۈشەنچە ئىچىدە چوڭ بولىدۇ. بۇ ئاتا-ئانىلار: «بىز بالىلىرىمىزنى ئۇبدان باقتۇق»، دەپ ئويلايدۇ. بۇنداق بالىلار ئاتا-ئانىسىدىن قالسا نېمە ئىش قىلىشلىرىنى بىلمەي تېڭىرقاپ قالىدۇ، ئۆزى كەسپ قىلىپ تۇرمۇشىنى قامداشنى بىلمەيدۇ، ئاتا-ئانىسىدىن قالغىنى تۈگەيدۇ، نەتىجىدە جەمئىيەتتە قىيىنچىلىق ئىچىدە ياشايدىغان نۇرغۇن «بايۋەچچە» لەر پەيدا بولىدۇ. دېمەك، بالىلارنى بېقىش يەتمەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە تەربىيىلەش كېرەك.
دىنىمىز ئاتا-ئانىلاردىن بالىلىرىغا دۇنيانىڭ ھەقىقىتىنى ۋە كېلەچەك ئەھۋالىنى تونۇتۇشىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئۆلۈپ كېتىپ دۇنيانىڭ ئۇلارغا قالىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە تايىنىشلىرىنىڭ لازىملىقىنى ئۆگىتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. مانا بۇ توغرىدا لۇقمان بالىسىغا مۇنداق نەسىھەت قىلىدۇ: «ئى ئوغۇلچىقىم! نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئوقۇغىن، ياخشىلىققا بۇيرۇغىن، يامانلىقتىن توسقىن ۋە بېشىڭغا كەلگەن مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلغىن. مانا بۇلار قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردۇر»[45].
ھەزرىتى لۇقمان بۇ يەردە ئوغلىنى نامازنى ئۈزلۈكسىز ئوقۇشقا يەنى ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ئىبادىتىنى تولۇق ۋە داۋاملىق ۋە تەلەپكە لايىق ئورۇنداشقا بۇيرۇيدۇ. ئاندىن ياخشىلىققا بۇيرۇپ بامانلىقتىن توسۇشقا يەنى جەمئىيەتكە ئارىلىشىشقا، شۇنداقلا توغرىنى تەشۋىق قىلىپ خاتاغا قارشى تۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ. ئاندىن بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلىشقا يەنى جەمئىيەتتە ھەققانىيەتچى ۋە دادىل بىر كىشى بولۇپ ھايات كەچۈرۈشنىڭ بەدىلىنى تۈلەشكە ۋە ئەسلا بۇ يولدىن قايتماسلىققا بۇيرۇيدۇ.
دىققەت قىلىدىغان بولساق ھەزرىتى لۇقمان بۇ يەردە بالىسىغا كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزىنىڭ دۇنيادىن كېتىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئاتىسىز قالىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆزىگە تايىنىشنىڭ لازىملىقىنى بىلدۈرىدۇ ۋە بۇ ئىشنىڭ يوللىرىنى ئۆگىتىدۇ. ھەزرىتى لۇقماننىڭ بۇ نەسىھەتلىرىنىڭ قۇرئان كەرىمدە زىكىر قىلىنىشى قۇرئان كەرىمگە ئىمان كەلتۈرگەن بارلىق مۇئمىنلارنىڭ بالىلىرىغا شۇنداق نەسىھەت قىلىشىنىڭ لازىملىقىنى كۆرسىتىدۇ.
خۇلاسە
بالىنى پەقەت يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، ئۆي-بىسات ۋە دورا-دەرمان…لار بىلەنلا تەمىنلەش ئۇنى تەربىيىلىگەنلىك بولمايدۇ. ئۇنداقتا تەربىيە باشقا بىر نەرسىدۇر. ئۇ بولسا، بالا تۇغۇلغاندىن باشلاپ ئۇنى دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بىر تەرەپتىن بېقىش، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭغا كىچىكىدىن باشلاپ ئىماننىڭ ئاساسلىرىنى ۋە ئىسلامنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىنى ئۆگىتىش، قايسى ئىبادەتكە كۈچى يەتسە شۇنى قىلدۈرۈش، بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي تەرەپلىرىنى ئوخشاشلا ئۆستۈرۈش، يېتىلدۈرۈش، كامالەتكە يەتكۈزۈش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
[1]– تەھرىم سۈرىسى، 6- ئايەت.

[2]– بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

[3]– ھەج سۈرىسىنىڭ 5- ئايىتى، فۇسسىلەت سۈرىسىنىڭ 39- ئايىتى، رۇم سۈرىسىنىڭ 39- ئايىتى، بەقەرە سۈرىسىنىڭ265، 275، 276، 278- ئايەتلىرى، ئال ئىمران سۈرىسىنىڭ 130- ئايىتى، نىسا سۈرىسىنىڭ 161- ئايىتى، نەھل سۈرىسىنىڭ 92- ئايىتى، رۇم سۈرىسىنىڭ 39- ئايىتى، رەئد سۈرىسىنىڭ 17- ئايىتى، ھاققە سۈرىسىنىڭ 10- ئايىتى، نەھل سۈرىسىنىڭ 92- ئايىتى، ۋە مۇئمىنۇن سۈرىسىنىڭ 50- ئايىتى.

 [4]– مۇفرەداتۇ ئەلفازىل قۇرئان، ئەلمۇھىت، مۇھىتۇلمۇھىت، ئەلغەنى، ئەلۋەسىت، ئەلمۇئجەمۇل ئەرەبىيۇل ئاساسىيۇ (لارۇس) ۋە لىسانۇلئەرەب.

[5]– ئىسرا سۈرىسىنىڭ 24- ئايىتىدە ۋە شۇئەرا سۈرىسىنىڭ 18- ئايىتىدە كەلگەن تەربىيە كەلىمىسى بۇ مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. بالىلارنىڭ ئاتا-ئانا ئۈستىدىكى ھەقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان ھەدىسلەرمۇ بۇنى كۆرسىتىدۇ.

[6]– كەھف 18/46.

[7]– تىرمىزى، ئەبۇ داۋۇد ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان.

[8]– بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلىدۇ.

[9]– بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلىدۇ.

[10]– بەقەرە سۈرىسى 233- ئايەتنىڭ مەزمۇنى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.

[11]– ئەبۇ داۋۇد ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان.

[12]– بالىغا ئىسىم قويۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرنى ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، نەسەئى، ئىبنى ماجە ۋە دارىمىيلەر رىۋايەت قىلىدۇ.

[13]– بۇ رىۋايەتلەر ئەبۇ داۋۇد، نەسەئى ۋە باشقا ھەدىس كىتابلىرىدا زىكىر قىلىنىدۇ.

[14]– ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، نەسەئى ۋە ئىبنى ماجە.

[15]– بۇخارى، لىباس 63، 64، ئىستىئزان 51؛ مۇسلىم، تاھارەت 39؛ مۇۋەتتا، سىفاتۇننەبىي 3؛ تىرمىزى، ئەدەب 14؛ ئەبۇداۋۇد، تەرەججۇل 16؛ نەسەئىي، تاھارەت 10، 11.

[16]– بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

[17]– بۇخارى، فەزائىلۇل قۇرئان 21؛ تىرمىزى، فەزائىلۇل قۇرئان 15؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات 249؛ ئىبنى ماجە، مۇقەددىمە 16.

[18]– تاھا سۈرىسى، 132- ئايەت.

[19]– ئەبۇ داۋۇد، سالات 25، 26؛ تىرمىزىي، سالات 299.

[20]– لۇقمان سۈرىسى 17- ئايەت.  

[21]– مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

[22]– نۇر سۈرىسىنىڭ 27- ۋە 58-61 ئايەتلىرى بۇنى كۆرسىتىدۇ.

[23]– نۇر سۈرىسى 27- ئايەت.

[24]– نۇر سۈرىسى 58- ئايەت.

[25]– نۇر سۈرىسى 59- ئايەت.

[26]بۇ ھەدىسنى ئىبنى ماجە، ئالىملارنىڭ پەزىلىتى ۋە ئىلىم ئۆگىنىشكە تەشۋىق قىلىش بابىدا رىۋايەت قىلىدۇ.

 [27]– بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

 [28]– ئال ئىمران 3/110.

[29]– بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

 [30]– تىرمىزى رىۋايىتى.

[31]– نىسا سۈرىسىنىڭ 124- ئايىتى، نەھل سۈرىسىنىڭ 97- ئايىتى، ئىسرا سۈرىسىنىڭ 19- ئايىتى، تاھا سۈرىسىنىڭ 112- ئايىتى، ئەنبىيا سۈرىسىنىڭ 94- ئايىتى ۋە غافىر سۈرىسىنىڭ 40- ئايىتى قاتارلىق ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى بۇنىڭغا دەلىل بولىدۇ.

[32]– تەھرىم سۈرىسىنىڭ 6- ئايىتى.

[33]– نىسا سۈرىسىنىڭ 48- ۋە 116- ئايەتلىرى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.

[34]– لۇقمان سۈرىسى 13- ئايەت.

[35]– لۇقمان سۈرىسى 16- ئايەت.

[36]– بۇ توغرىدىكى ئايەت-ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنىدىن ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرى ئۈستىدە تۆۋەندىكى ھەقلىرىنىڭ بارلىقى چىقىدۇ: 1- ئاتا-ئانىلارغا ياخشىلىق قىلىش، 2- ئۇلارنى كىچىككىنە بىر سۆز ياكى ئاددىي بىر ھەرىكەت بىلەن بولسىمۇ رەنجىتمەسلىك، 3- ئۇلارنى ئازارلىماسلىق، يەنى ئۇلارغا ۋاقىراش ياكى قوپال گەپ-سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتماسلىق، 4- ئۇلارنىڭ ئالدىدا كەمتەر بولۇش، 5- ئۇلارغا مېھرىبانلىق كۆرسىتىش، 6- ئۇلارغا رەھمەت ۋە تەشەككۇر ئېيتىش، يەنى ئۇلاردىن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى سۆز-ھەرىكەتلىرىمىز بىلەن ھەر دائىم ئىپادىلەپ تۇرۇش، 7- ئۇلارغا ئىتائەت قىلىش؛ ئەسكەرتىش: ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشتا ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى شەرت قىلىنمايدۇ، پەقەت ئۇلار بۇيرۇغان ئىشنىڭ دىنىمىزدا گۇناھ ھېسابلانماسلىقى لازىم. 8- باشقىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنى تىللىماسلىق، سۆكمەسلىك ۋە ھاقارەت قىلماسلىق. 9- ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىش، يەنى ئۇلار مەيلى ھايات بولسۇن مەيلى ھايات بولمىسۇن ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھ تەئالاغا دۇئا قىلىش. 10- ئۇلارنىڭ قەرزى بولسا تۆلەپ قويۇش. 11- ئۇلارنىڭ دوست-يارەنلىرىگە ياخشىلىق قىلىپ تۇرۇش.  

 [37]– لۇقمان سۈرىسى 14- ئايەت.

[38]– ئۇفف! دېگەن سۆز، بەزگەنلىكنى ۋە زېرىككەنلىكنى ئىپادىلەيدۇ.

[39]– ئىسرا 17/23، 24، 25- ئايەتلەر.

[40]مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

[41]– مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

[42]– لۇقمان سۈرىسى 15- ئايەت.

[43]– پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ بايانى ماھىيىتىدىكى: «ئىتائەت پەقەتلا توغرا ئىشتا بولىدۇ؛ ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھ بولىدىغان ئىشتا ھېچ ئىتائەت يوق»، «ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھ بولىدىغان ئىشتا ھېچقانداق ئىنسانغا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ؛ ئاللاھغا ئاسىي بولۇپ تۇرۇپ ھېچقانداق مەخلۇققا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ» دېگەن سۆزلىرى بۇنى كۆرسىتىدۇ. بىرىنچى ھەدىسنى مۇسلىم، ئەبۇ داۋۇد، نەسەئى، ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلىدۇ. ئىككىنچى ھەدىسنى ئەھمەد بىننى ھەنبەل رىۋايەت قىلىدۇ.

[44]– لۇقمان سۈرىسى 18- ۋە 19- ئايەتلەر.

[45]– لۇقمان سۈرىسى 17- ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر