مۇسۇلمانلار

ۋىجدان ئازابىنىڭ سەۋەبى

سوئال:            
قەلپ سىقىلىشى نېمىدىن بولىدۇ؟ ئنسان نېمە ئۈچۈن بىلىپ تۇرۇپ گۇناھ قىلىدۇ ۋە نېمە ئۈچۈن گۇناھ ئشنى قىلىپ بولۇپ پۇشايمان قىلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن يەنە گۇناھ بولىدىغان ئشتىن يانالمايدۇ؟ ھۆرمەت بىلەن: ئابلەت
جاۋاب:
ئىنساننىڭ يارىتىلىشى ئۇرۇقلاندۇرۇلغان تۇخۇمدىن باشلىنىدۇ. ئۇ بۇ تۇخۇم ھالىتىدىن تا ھامىلىدارلىقنىڭ 4- ئېينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ئارلىقتا بەدەن ۋە جاندىن ئىبارەتتۇر. ئۇ بۇ مۇددەتنىڭ ئاخىرلىرىدا كۆز، قۇلاق ۋە باشقا بارلىق ئەزالىرى تولۇق، يۈرىكى سېلىۋاتقان بىر ھالەتكە كېلىپ بولىدۇ.
ئۇ بۇ 3 يېرىم ئايلىق زاماندا تولۇق بىر ئىنسان شەكلىگە كېلىپ بولغاندىن كېيىن، يەنى ھامىلىدارلىقنىڭ 102- كۈنىدىن 105- كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا ئاللاھ تەئالا ئۇنىڭغا روھ پۈۋلەيدۇ. بۇ روھنىڭ پۈۋلىنىشى بىلەن ئۇنىڭدا كۆزى بىلەن كۆرگەن نەرسىلەرنى ۋە قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغان ئاۋازلارنى تەھلىل قىلىش، ئۇ نەرسىلەر ۋە ئۇ ئاۋازلار توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش قابىلىيىتى پەيدا بولىدۇ، شۇنداقلا ھايۋاندىن پەرقلىق ھالەتكە كېلىدۇ. ئۇ بۇ چاغدىن باشلاپ خۇشال بولىدۇ، قايغۇرىدۇ. ئاللاھ تەئالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«ذَلِكَ عَالِمُ الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ الْعَزِيزُ الرَّحِيمُ {6} الَّذِي أَحْسَنَ كُلَّ شَيْءٍ خَلَقَهُ وَبَدَأَ خَلْقَ الْإِنسَانِ مِن طِينٍ {7} ثُمَّ جَعَلَ نَسْلَهُ مِن سُلَالَةٍ مِّن مَّاء مَّهِينٍ {8} ثُمَّ سَوَّاهُ وَنَفَخَ فِيهِ مِن رُّوحِهِ وَجَعَلَ لَكُمُ السَّمْعَ وَالْأَبْصَارَ وَالْأَفْئِدَةَ قَلِيلاً مَّا تَشْكُرُونَ {9}»
«ئەنە شۇ ئاللاھ غەيبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، غالىبتۇر، مەرھەمەتلىكتۇر.
ئۇ شۇنداق زاتكى، ياراتقان ھەر نەرسىسىنى چىرايلىق ياراتتى، ئىنساننى يارىتىشنى لايدىن باشلىدى.
ئاندىن ئۇنىڭ نەسلىنى ئەرزىمەس سۇنىڭ جەۋھىرىدىن ياراتتى.
ئاندىن ئۇنى تولۇق شەكىلگە كىرگۈزدى. ئاندىن ئۇنىڭ ئىچىگە روھىدىن پۇۋلىدى، سىلەر ئۈچۈن قۇلاقلارنى، كۆزلەرنى ۋە دىللەرنى بار قىلدى. بەكمۇ ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر!»- سەجدە 32/6-9.
ئىنساننىڭ روھ پۈۋلىنىشتىن بۇرۇنمۇ قۇلاق، كۆز ۋە يۈرىكى بار. لېكىن قۇلاق ئاڭلىغىنىنى، كۆز كۆرگىنىنى تەھلىل قىلالمايدۇ. يۈرەك بولغان بىلەن دىل يوق. يەنى يۈرەكنڭ ھۆكۈم چىقىرىش ئالاھىدىلىكى يوق.
تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا ئىنسان بەدەن ۋە جاندا ھايۋان بىلەن ئوخشاشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ھايۋاندا بولغان نەپىس ۋە ئەقىل ئىنساندىمۇ بار. ئىنساننى ھايۋاندىن پەرقلىق قىلغان ئالاھىدىلىك ئۇنىڭ كۆز ۋە قۇلىقىدىكى تەھلىل قىلىش قابىلىيىتى، دىلىدىكى ھۆكۈم چىقىرىش ئالاھىدىلىكىدۇ.
بۇنىڭغا ئاساسەن ئىنساندا جاننىڭ ئالاھىدىلىكرىدىن بولغان نەپىس بىلەن ئەقىل، روھنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن بولغان كۆز، قۇلاق ۋە دىل مەۋجۇتتۇر.
ئەقل داۋاملىق توغرىنى چۈشىنىدۇ، نەپىس راھەتنى قوغلايدۇ، دىل ھۆكۈم چىقىرىدۇ. بەدەن ئەقىلگە ئەمەس دىلغا بويسۇنىدۇ.
دىل ئەقىلگە بويسۇنۇپ ھۆكۈم چىقارسا توغرا ھۆكۈم چىقارغان بولىدۇ. بۇ تەقدىردە ئىشنى قىلىپ بولۇپ پۇشايمان قىلىدىغان، ۋىجدان ئازابى تارتىدىغان ئىش بولمايدۇ. ناۋادا دىل نەپىسكە بويسۇنۇپ ھۆكۈم چىقارسا، بەدەن شۇ قارارنى ئىجرا قىلغاچقا، خاتالىق يۈز بېرىدۇ. ئىش تۈگىگەندىن كېيىن ئەقىل دىلغا مالامەت قىلىشقا باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يامان ئىشنى قىلغان كىشى ۋىجدان ئازابى تارتىدۇ، پۇشايمان قىلىدۇ.
ھايۋان بەدەن بىلەن جاننىڭ بىرلەشمىسىدىن ھاسىل بولغان بىر مەخلۇق بولۇپ، ئۇنىڭدا روھ بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ كۆزى بىلەن كۆرگەن نەرسىلەرنى ۋە قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغان ئاۋازلارنى تەھلىل قىلىپ، ئۇ نەرسىلەر ۋە ئۇ ئاۋازلار توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرالمايدۇ. چۈنكى ھايۋاننىڭ يۈرىكى بار دىلى يوقتۇر. ئۇنىڭ يۈرىكى ۋۇجۇدىغا قان يوللايدۇ، خالاس.
تۆۋەندىكى ئايەتلەر ئىنسانلاردا بولغان ئۇ ئۈچ ئالاھىدىلىككە دالالەت قىلىدۇ:
«وَاللّهُ أَخْرَجَكُم مِّن بُطُونِ أُمَّهَاتِكُمْ لاَ تَعْلَمُونَ شَيْئاً وَجَعَلَ لَكُمُ الْسَّمْعَ وَالأَبْصَارَ وَالأَفْئِدَةَ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ»
«ئاللاھ سىلەرنى ئانىلىرىڭلارنىڭ قورساقلىرىدىن چىقاردى، سىلەر ھېچ نەرسە بىلمەيتتىڭلار. سىلەرگە قۇلاقلارنى، كۆزلەرنى ۋە دىللارنى بەردى. ئاللاھ سىلەرنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ شۇنداق قىلدى»- نەھل 16/78.
«وَلاَ تَقْفُ مَا لَيْسَ لَكَ بِهِ عِلْمٌ إِنَّ السَّمْعَ وَالْبَصَرَ وَالْفُؤَادَ كُلُّ أُولـئِكَ كَانَ عَنْهُ مَسْؤُولاً»
«بىلمىگىنىڭگە ئەگەشمىگىن. چۈنكى قۇلاق، كۆز ۋە دىل بارغۇ! بۇلارنىڭ ھەممىسى سوراققا تارتىلىدۇ»- ئىسرا 17/36.
«وَهُوَ الَّذِي أَنشَأَ لَكُمُ السَّمْعَ وَالْأَبْصَارَ وَالْأَفْئِدَةَ قَلِيلاً مَّا تَشْكُرُونَ»
«ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن قۇلاقلارنى، كۆزلەرنى ۋە دىللەرنى بار قىلغان زاتتۇر. بەكمۇ ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر!»- مۇئمىنۇن 23/78.
«قُلْ هُوَ الَّذِي أَنشَأَكُمْ وَجَعَلَ لَكُمُ السَّمْعَ وَالْأَبْصَارَ وَالْأَفْئِدَةَ قَلِيلاً مَّا تَشْكُرُونَ»
«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئى ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرنى ياراتقان، سىلەر ئۈچۈن قۇلاقنى، كۆزلەرنى ۋە دىللەرنى بەرگەن زاتتۇر»- مۇلك 67/23.
مانا بۇ ئايەتلەردىكى «كۆز، قۇلاق ۋە دىل (السَّمْعَ وَالْبَصَرَ وَالْفُؤَادَ ئىنسانغىلا بېرىلگەن ئالاھىلىكلەردۇر. بۇلار ھايۋاننىڭ كۆز، قۇلاق ۋە يۈرەكلىرىدىن پەرقلىقتۇر. بۇ ئالاھىدىلىك ئىنسانغا ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى چېغىدا روھنىڭ پۇۋلىنىشى بىلەن ھاسىل بولىدۇ.
ئىنسان يامان ئىشلارنى قىلىۋېرىپ، كۆزى توغرىنى توغرا دەپ كۆرمەيدىغان، قۇلىقى توغرىنى توغرا دەپ ئاڭلىمايدىغان، دىلى توغرا ھۆكۈم چەقارمايدىغان بولۇپ كەتكەندە تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلاردىن پەرقى قالمايدۇ، بەلكىدە ئۇ ھايۋانلاردىنمۇ تۆۋەن ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. تۆۋەندىكى ئايەتلەر  بۇ مەناغا دالالەت قىلىدۇ.
«وَلَقَدْ ذَرَأْنَا لِجَهَنَّمَ كَثِيراً مِّنَ الْجِنِّ وَالإِنسِ لَهُمْ قُلُوبٌ لاَّ يَفْقَهُونَ بِهَا وَلَهُمْ أَعْيُنٌ لاَّ يُبْصِرُونَ بِهَا وَلَهُمْ آذَانٌ لاَّ يَسْمَعُونَ بِهَا أُوْلَـئِكَ كَالأَنْعَامِ بَلْ هُمْ أَضَلُّ أُوْلَـئِكَ هُمُ الْغَافِلُونَ»
«شۈبھىسىزكى، بىز جىنلەردىن ۋە ئىنسانلاردىن نۇرغۇنلىرىنى جەھەننەم ئۈچۈن بېقىۋاتىمىز. ئۇلارنىڭ قەلبلىرى بار، ئۇلار ئۇ قەلبلەر بىلەن چۈشەنمەيدۇ. ئۇلارنىڭ كۆزلىرى بار، ئۇلار ئۇ كۆزلەر بىلەن كۆرمەيدۇ. ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى بار، ئۇلار ئۇ قۇلاقلار بىلەن ئىشىتمەيدۇ. ئۇلار تۆگە، كالا قوي ۋە ئۆچكىگە ئوخشاش. ھەتتا ئۇلار تېخىمۇ تۆۋەن. ئەنە شۇلار ھەقىقەتەن غاپىللاردۇر»- ئەئراف 7/179.
«أَرَأَيْتَ مَنِ اتَّخَذَ إِلَهَهُ هَوَاهُ أَفَأَنتَ تَكُونُ عَلَيْهِ وَكِيلاً {43} أَمْ تَحْسَبُ أَنَّ أَكْثَرَهُمْ يَسْمَعُونَ أَوْ يَعْقِلُونَ إِنْ هُمْ إِلَّا كَالْأَنْعَامِ بَلْ هُمْ أَضَلُّ سَبِيلاً {44}»
«نەپسى خاھىشىنى ئىلاھى قىلىۋالغان ئادەمنى كۆردۈڭمۇ! سەن ئۇ ئادەمنى توغرا يولغا كەلتۈرەلەمسەن؟
بەلكى سەن ئۇلارنىڭ تولىسىنى ئاڭلايدۇ ياكى چۈشىنىدۇ، دەپ ئويلامسەن؟ ئۇلار پەقەت تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلارغا ئوخشاشتۇر، ھەتتا تېخىمۇ تۆۋەندۇر»- فۇرقان 25/43-44.
تۆۋەندىكى ئايەتلەردىكى ھۆپۈپنىڭ سۆزلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشىگە ھەيران قىلىشى ھايۋانلاردىمۇ ئەقىلنىڭ بارلىقىغا ۋە ئەقىلنىڭ داۋاملىق توغرىنىلا چۈشىنىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. ئايەتلەر مۇنداق:
«وَتَفَقَّدَ الطَّيْرَ فَقَالَ مَا لِيَ لَا أَرَى الْهُدْهُدَ أَمْ كَانَ مِنَ الْغَائِبِينَ {20} لَأُعَذِّبَنَّهُ عَذَاباً شَدِيداً أَوْ لَأَذْبَحَنَّهُ أَوْ لَيَأْتِيَنِّي بِسُلْطَانٍ مُّبِينٍ {21} فَمَكَثَ غَيْرَ بَعِيدٍ فَقَالَ أَحَطتُ بِمَا لَمْ تُحِطْ بِهِ وَجِئْتُكَ مِن سَبَإٍ بِنَبَإٍ يَقِينٍ {22} إِنِّي وَجَدتُّ امْرَأَةً تَمْلِكُهُمْ وَأُوتِيَتْ مِن كُلِّ شَيْءٍ وَلَهَا عَرْشٌ عَظِيمٌ {23} وَجَدتُّهَا وَقَوْمَهَا يَسْجُدُونَ لِلشَّمْسِ مِن دُونِ اللَّهِ وَزَيَّنَ لَهُمُ الشَّيْطَانُ أَعْمَالَهُمْ فَصَدَّهُمْ عَنِ السَّبِيلِ فَهُمْ لَا يَهْتَدُونَ {24} أَلَّا يَسْجُدُوا لِلَّهِ الَّذِي يُخْرِجُ الْخَبْءَ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَيَعْلَمُ مَا تُخْفُونَ وَمَا تُعْلِنُونَ {25} اللَّهُ لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ رَبُّ الْعَرْشِ الْعَظِيمِ {26}»
«سۇلەيمان قۇشلارنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە مۇنداق دېدى: «مەن ھۆپۈپنى نېمىشقا كۆرمەيمەن؟ يا ئۇ غايىب بولغۇچىلاردىن بولدىمۇ؟
ئۇنى قاتتىق ئازابلايمەن، يا ئۇنى بوغۇزلىۋىتىمەن، يا ئۇ ماڭا روشەن دەلىل كەلتۈرىدۇ».
ھۆپۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا كېلىپ مۇنداق دېدى: «مەن سەن بىلمىگەن بىر نەرسىنى ئۆگەندىم ۋە ساڭا سەبەئدىن توغرا بىر خەۋەر ئېلىپ كەلدىم:
مەن ئۇ يەرنىڭ ئاھالىسىگە پادىشاھلىق قىلىۋاتقان بىر ئايالنى ئۇچراتتىم، ئاللاھ ئۇنىڭغا ھەر نەرسىدىن بېرىپتۇ، ئۇ چوڭ بىر تەختكە ئىگە ئىكەن.
مەن ئۇنى ۋە قەۋمىنى ئاللاھنى قويۇپ كۈنگە سەجدە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. شەيتان ئۇلارغا ئەمەللىرىنى چىرايلىق كۆرسىتىپ، ئۇلارنى توغرا يولدىن توسۇپتۇ. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار ھىدايەت تاپالمايۋېتىپتۇ.
ئۇلارنىڭ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى سىرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغان، سىلەرنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا قىلغان پۈتۈن قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدىغان ئاللاھقا سەجدە قىلىشلىرى كېرەك ئەمەسمىدى؟
ئاللاھ يەككە-يېگانە ئىلاھتۇر. ئۇ، بۈيۈك ئەرشنىڭ رەببىدۇر»- نەمل 27/ 20-26.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر