مۇسۇلمانلار

توردا ئالتۇن سېتىشقا بولامدۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
ئالتۇننى كۆرمەي تۇرۇوپ، تور ئارقىلىق، زاكالەت پۇلى تۈلەپ، توردىكى باھاسىنىڭ چۈشىشىگە ياكى ئۈسىشىگە ئەگىشىپ پايداتاپقانلىقى ياكى زىيان تارتقانلىقى ئايرىلسا ،بۇنداق سودىنى قىلسا دۇرۇسمۇ؟ ھۆرمەت بىلەن: ئالىم ئاخۇن
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
 دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى ئالتۇن سودىسىدا بىر قولدا بېرىپ يەنە بىر قولدا ئالمىسىڭىز جازانە شەكىللىنىدۇ، بۇنى بىلىشىڭىز لازىم.
ئاللاھنىڭ دىنىدا، ئالتۇن-كۈمۈشنى ۋە باشقا پۇل ھېسابلىنىدىغان نەرسىلەرنى ئۆز جىنسىغا ساتقاندا ھەر ئىككى بەدەلنىڭ «نەقمۇنەق ۋە تەڭمۇتەڭ» بولۇش شەرتىگە، پەرقلىق نەرسىلەرگە ساتقاندا «نەقمۇنەق» بولۇش شەرتىگە رىئايە قىلىش كېرەك. ئەكسى تەقدىردە جازانە مەيدانغا كېلىدۇ. تۆۋەندىكى ھەدىسلەر بۇنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
1 – «ئالتۇننى ئالتۇنغا، كۆمۈشنى كۆمۈشكە، ئارپىنى ئارپىغا، بۇغداينى بۇغدايغا، تۇزنى تۇزغا، خورمىنى خورمىغا تەڭمۇتەڭ ۋە نەقمۇنەق سېتىشقا بولىدۇ. كىمكى ئارتۇق بەرسە ياكى ئارتۇق ئالسا ئۆسۈم مۇئامىلىسى قىلغان بولىدۇ. بۇنىڭدا ئالغۇچى بىلەن بەرگۈچى ئوخشاشتۇر»– مۇسلىم، مۇساقات 82؛ ئەبۇ داۋۇد بۇيۇئ 12.
2 – «ئالتۇننى ئالتۇنغا، كۈمۈشنى كۈمۈشكە، نەقمۇنەق ۋە تەڭمۇتەڭ بولمىسا ساتماڭلار»– بۇخارى، بۇيۇئ 78؛ مۇسلىم، مۇساقات 88؛ نەسەئىي، بۇيۇئ 47.
3 ـ «ئالتۇننى ئالتۇنغا، كۈمۈشنى كۈمۈشكە، بۇغداينى بۇغدايغا، ئارپىنى ئاپىغا، خورمىنى خورمىغا، تۇزنى تۇزغا ساتقاندا، ھەر ئىككى بەدەلنىڭ تەڭمۇتەڭ ۋە نەقمۇنەق بولۇشى لازىم. لېكىن تۈرلىرى پەرقلىق بولسا، نەقمۇنەق بولۇش شەرتى بىلەن خالىغىنىڭلارچە ساتساڭلار بولىدۇ»– مۇسلىم، مۇساقات 81.
4– «ئالتۇننى كۈمۈشكە ساتقاندا، كۈمۈشنىڭ ئالتۇندىن كۆپراق بولۇشى گۇناھ ئەمەس؛ لېكىن ھەر ئىككى بەدەلنىڭ نەقمۇنەق بولۇشى شەرتتۇر، نېسى قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. بۇغداينى ئارپىغا ساتقاندا، ئارپىنىڭ بۇغدايدىن كۆپراق بولۇشى گۇناھ ئەمەس؛ لېكىن نەقمۇنەق بولۇش شەرتتۇر، نېسى قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ»– ئەبۇ داۋۇد، بۇيۇئ 12.
5 – پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر سا سۈپەتلىك خورمىنى ئىككى سا سۈپەتسىز خورمىغا سېتىۋالغانلارغا: «بۇ قىلغىنىڭلار ئۆسۈم مۇئامىلىسىنىڭ دەل ئۆزىدۇر. ئۇنداق قىلماڭلار! ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار. ئەگەر سۈپەتلىك خورما سېتىۋالماقچى بولساڭلار، سۈپەتسىز خورماڭلارنى سېتىپ ئۇنىڭ پۇلىغا سۈپەتلىك خورمىنى سېتىۋالساڭلار بولىدۇ» دېگەن. –بۇخارى، ۋەكالەت 95؛ مۇسلىم، مۇساقات 96، 97.
 6- فەدالە ئىبنى ئۇبەيدۇللا ئەل ـ ئەنسارىي مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خەيبەردە مارجان ۋە ئالتۇندىن ئىشلەنگەن بىر بىر بويۇنئاسقۇ كەلتۈرۈلدى. بۇ بويۇنئاسقۇ سېتىلىدىغان غەنىمەتلەردىن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بويۇنئاسقۇدىكى ئالتۇن ئايرىلدى. كېيىن ئۇلارغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئالتۇن ئالتۇنغا، تەڭمۇتەڭ سېتىلىدۇ» دېدى.- مۇسلىم، مۇساقات 89.
 7- فەدالە ئىبنى ئۇبەيد مۇنداق دەيدۇ: «خەيبەر كۈنى مارجان ۋە ئالتۇن ئارلاش بىر بويۇنئاسقۇنى 12 دىينارغا سېتىۋالدىم. ئالتۇن بىلەن مارجاننى ئايرىپ، ئۇنىڭدا 12 دىيناردىن ئارتۇق ئالتۇن بارلىقىنى بايقىدىم. بۇ ئەھۋالنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەلۇم قىلغان ئىدىم. ئۇ: «ئايرىماستىن سېتىشقا بولمايدۇ» دېدى.- مۇسلىم، مۇساقات 90.
8- ھەنەش مۇنداق دەيدۇ: بىز فەدالە ئىبنى ئۇبەيد بىلەن بىر ئۇرۇشتا بىللە ئىدۇق. مەن ۋە مېنڭ دوستلىرىم ئالتۇن ـ كۈمۈش ۋە گۆھەردىن ياسالغان بىر بويۇنئاسقۇغا ئېرىشتۇق. مەن ئۇنى سېتىۋلماقچى بولۇپ فەدالە ئىبنى ئۇبەيددىن سورىدىم، ئۇ مۇنداق دېدى: «ئالتۇننى ئايرىپ تارازىنىڭ بىر پەللىسىگە قوي، سېنىڭ ئالتۇنىڭنى يەنە بىر پەللىسىگە قوي. ئىككىسى ئوخشاش بولغاندىلا ئاندىن سېتىۋالغىن. شۈبھىسىزكى مەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم:
«كىم ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنسە، ئالتۇن سودىسىدا ئوخشىشى ئوخشىشىغا بولمىسا سېتىۋالمىسۇن»- مۇسلىم، مۇساقات 92.
 بۇ ھەدىسلەردە «نەقمۇنەق» دەپ تەرجىمە قىلىنغان سۆزنىڭ ئەرەبچىسى يەدەن بىيەدىن «يَدًا بيَدٍ» دۇر. بۇ سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى بىر قولدا بېرىپ بىر قولدا ئېلىش، دېگەن بولىدۇ. بۇ ئۇزۇن مەنانى «نەقمۇنەق» سۆزى ئەينەن ئىپادىلىگەنلىكى ۋە بۇ سۆز ئىخچام بولغانلىقى ئۈچۈن، يەدەن بىيەدىن «يَدًا بيَدٍ» مۇشۇنداق تەرجىمە قىلىنىدۇ.
ئەمدى مەنمۇ سىزدىن سوراپ باقاي:
توردا ئالتۇن سودىسى قىلسىڭىز، بۇ شەرتكە رىئايە قىلالامسىز؟ يەنى سىز قارشى تەرەپكە ئالتۇننى بىر قولىڭىزدا بېرىپ، بۇ ئالتۇننىڭ پۇلىنى يەنە بىر قولىڭىزدا ئالالامسىز؟ ياكى قارشى تەرەپنىڭ ئالتۇنىنى بىر قولىڭىزدا ئېلىپ، بۇ ئالتۇننىڭ پۇلىنى يەنە بىر قولىڭىزدا بېرەلەمسىز؟
ئەلجاۋاب: ياق!!!
مەن سىزگە شۇنى ئۇقتۇرۇپ قويايكى: تور دۇنياسى تامامەن مەۋھۇم (خيالىي) بىر دۇنيا بولۇپ، ئۇنىڭ ئەمەلىي ھايات بىلەن ھېچقانداق ئوخشاش تەرىپى يوقتۇر. دىنى ئىلىمدىن خەۋىرى يوق بەزى قارىمچاقلار ياكى موللا يوق يەردە موللىچىلىق قىلىپ جان ساقلاۋاتقان بىر قىسىم موللىچاقلار ۋە ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلامغا بولغان ھۆرمىتىدىن پايدىلىنىپ پۇل تېپىۋاتقان ۋە ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان بەزى «مۇجاھىد» لار سىزگە «بولىدۇ» دەپ بېرىشى مۇمكىن. لېكىن شۇنى ئۇنتۇماڭكى: قىيامەت كۈنى سىزدىن ئاللاھ ھېساب ئالىدۇ. ئۇلار ئەمەس!!!

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر