مۇسۇلمانلار

دۇئايى قۇنۇت

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
مەن سىزدىن دۇئايى قۇنۇتنى سۇراي دېگەن: بىز دۇئايى قۇنۇت دەپ بىلىدىغان ۋە ۋىتىر نامىزىنىڭ ئاخرقى رەكئىتىدە ئوقۇپ كېلىۋاتقان بىر دۇئا بار ئىدى. لېكىن ھەپتىيەكنىڭ ئاخىرىدا «دۇئايى قۇنۇت شافىئييە» دەپ بىر دۇئايى قۇنۇت باركەن.
ئۇلارنىڭ قايسىسىنى ئوقۇش توغرا؟ بۇنى چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز. يەنە بىر گەپ: مەن ھەر ئىككىلىسىنى ئۇيغۇرچە يېزىپ يوللىدىم. سىز ماڭا ئۇلارنىڭ تەرجىمىسى قىلىپ يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز. ھۆرمەت بىلەن: ئابدۇرېھىم
بىز ئوقۇپ كەلگەن دۇئايى قۇنۇت:
«ئەللاھۇممە ئىننانەستەئىنۇكە، ۋە نەستەغفىرۇكە، ۋە نەستەھدىكە، ۋە نۇئمىنۇ بىكە، ۋەنەتەۋەككەلۇ ئەلەيكە، ۋە نۇسنى ئەلەيكەلخەيرە كۇللەھۇ، نەشكۇرۇكە،ۋە لا نەكفۇرۇكە، ۋە نەخلەئۇ ۋە نەترۇكۇ مەن يەفجۇرۇكە.
ئەللاھۇممە ئىيياكە نەئبۇدۇۋە لەكە نۇساللى ۋە نەسجۇدۇ، ۋە ئىلەيكە نەسئا ۋە نەھفىدۇ، نەرجۇرەھمەتەكە، ۋە نەخشا ئەزابەكە، ئىننە ئەزابەكە بىلكۇففارى مۇلھىق».
ھەپتىيەكتىكى دۇئايى قۇنۇت:
«ئەللاھۇممەھدىنى فىيمەن ھەدەيتە ۋەئافىنى فيمەن ئافەيتە ۋەتەۋەللەنى فىيمەن تەۋەللەيتە ۋەبارىك لي فىيما ئەئتەيتە ۋەقىنى شەررە ماقەزەيتە فەئىننەكە تەقزىي ۋەلا يۇقزا ئەلەيكە ۋەئىننەھۇ لايەزىللۇ مەۋۋالەيتە ۋەلا يەئىززۇ مەن ئادەيتە تەبارەكتە رەببەنا ۋەتەئالەيتە فەلەكەل ھەمدۇ ئەلا ما قەزەيتە ۋەئەستەغفىرۇكە ۋەئەتۇبۇ ئىلەيكە».
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
سىلەر ئوقۇپ كېلىۋاتقان دۇئايى قۇنۇتنىڭ مەنىسى:
«ئى ئاللاھ! بىز سەندىن ياردەم تىلەيمىز، سەندىن مەغپىرەت تىلەيمىز، سەندىن ھىدايەت تىلەيمىز، ساڭا ئىمان كەلتۈرىمىز، ساڭا تەۋبەقىلىمىز، ساڭا تايىنىمىز، سېنى پۈتكۈل ياخشىلىقلار بىلەن ماختايمىز، ساڭاشۈكۈر ئېيتىمىز، ساڭا نان كورلۇق قىلمايمىز، ساڭا ئاسىيلىق قىلغانلارنىتاشلىۋىتىمىز ۋە تەرك ئېتىمىز.
ئى ئاللاھ! بىز ساڭىلائىبادەت قىلىمىز، سەن ئۈچۈنلا ناماز ئوقۇيمىز، ساڭىلا سەجدە قىلىمىز، سەنتەرەپكىلا يۈگۈرىمىز ۋە ئالدىرايمىز، رەھمىتىڭنى ئۈمىد قىلىمىز، ئازابىڭدىنقورقىمىز، چۈنكى سېنىڭ ئازابىڭ كاپىرلارغا يېپىشىۋالغۇچىدۇر».
ھەپتىيەكنىڭ ئاخىرىدىكى دۇئايى قۇنۇتنىڭ مەنىسى:
«ئى ئاللاھ! سەن ھىدايەت بەرگەن كىشىلەرنىڭ قاتارىدا ماڭىمۇ ھىدايەت بەرگىن، سەن سالامەتلىك بەرگەن كىشىلەرنىڭ قاتارىدا ماڭىمۇ سالامەتلىك بەرگىن، سەن دوست تۇتقان كىشىلەرنىڭ قاتارىدا مېنىمۇ دوست تۇتقىن، سەن ماڭا بەرگەن نەرسىلەرنى مەن ئۈچۈن بەرىكەتىلىك قىلىپ بەرگىن، مېنى ھۆكۈملىرىڭنىڭ يامىنىدىن ساقلىغىن، سەن ھۆكۈم قىلىسەن، ساڭا ھۆكۈم قىلىنمايدۇ، سەن دوست تۇتقان كىشى خار بولمايدۇ، سەن دۈشمەن تۇتقان كىشى ئەزىز بولمايدۇ، سەن ئۇلۇغسەن ئى رەببىمىز ۋە ئۈستۈنسەن! قىلغان ھۆكۈملىرىڭ ئۈچۈن ساڭا ھەمدۇسانالار بولسۇن، سەندىن مەغپىرەت تىلەيمەن، ساڭا تەۋبە قىلىمەن».
ۋىتىر نامىزىدا بۇ ئىككى دۇئانىڭ قايسىنى ئوقۇسىڭىز بولىدۇ، ئىككىلىسىنى ئوقۇسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر