مۇسۇلمانلار

ئۆيدە يالاڭۋاشتاق يۈرسەم بولامدۇ؟

ئەسسالام ئەلەيكۇم

سوئال:
ئاياللار ئۆز ئۆيلىرىدە نامەھرەم بولمىغان ئەھۋالدا يالاڭ باش، كالتە يەڭ كىيىملەر بىلەن پائالىيەت قىلسا بۇ ھال ئائىلىدە بەرىكەت بولماسلىققا، ئىبادەتلەرنىڭ قوبۇل بولماسلىقىغا، ئۆيگە پەرىشتىنىڭ كىرمەسلىكىگە سەۋەپ بۇلامدۇ؟ بۇ گەپنىڭ دىنىمىزدا ئاساسى بارمۇ؟
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
ئايال كىشىنىڭ يۈزى، ئىككى قولى (بېغىشىغىچە) ۋە ئىككى پۇتى (ئىككى ئوشۇقنىڭ ئاستى قىسمى) قاتارلىق يەرلىرىدىن باشقا پۈتۈن بەدىنى ئەۋرەتتۇر، يەنى يۆگىشى پەرزدۇر. ئايال كىشى بۇ پەرزنى سىرتقا چىققان چېغىدا ياكى نامەھرەم كۆرۈپ قېلىش ئېھتىمالى بولغان يەرلەردە كەڭ ۋە قېلىن كىيىملەرنى كىيىش ئارقىلىق ئادا قىلىدۇ.
ئۆيىدە چېغىدا بولسا، يالغۇز بولسا ياكى يېنىدا ئېرىلا بولسا ئۇ پەرزنى ئادا قىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى يوق. يەنى ئايال كىشى ئۆز ئۆيىدە يالغۇز بولسا ياكى يېنىدا ئېرىلا بولسا، خالىغان كىيىملەر بىلەن ھەتتا ھېچ كىيىم كەيمەي يۈرەلەيدۇ. چۈنكى بۇ تەقدىردە بۇ ئايالنىڭ ئەۋرەت يەرلىرىنى ئۆيىنىڭ تاملىرى يۆگەپ تۇرغاچقا نامەھرەم كۆرمەيدۇ، كۆرۈش ئېھتىمالىمۇ يوق.
پەرىشتە مەسىلىسىگە كەلسەك، ئىنسان كىيىم بىلەن بولسۇن يالىڭاچ بولسۇن دائىم ئۇنىڭ ئەتراپىدا پەرىشتىلەر بولىدۇ. ھەتتا ھەر بىر ئىنساننىڭ ئىككى دۇلىسىدا ئىككى پەرىشتە بولىدۇ. بۇلار ئۇ ئىنساندىن ھېچقانداق چاغدا ئايرىلمايدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
      «وَلَقَدْ خَلَقْنَا الْإِنسَانَ وَنَعْلَمُ مَا تُوَسْوِسُ بِهِ نَفْسُهُ وَنَحْنُ أَقْرَبُ إِلَيْهِ مِنْ حَبْلِ الْوَرِيدِ. إِذْ يَتَلَقَّى الْمُتَلَقِّيَانِ عَنِ الْيَمِينِ وَعَنِ الشِّمَالِ قَعِيدٌ»
«شۈبھىسىزكى بىز ئىنساننى ياراتتۇق، بىز ئۇنىڭ كۆڭلىگە كەلگەننى بىلىمىز، بىز ئۇنىڭغا جان تومۇرىدىنمۇ يېقىنمىز.
ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنى خاتىرىلەپ تۇرىدىغان ئىككى خاتىرىلىگۈچى بار. ئۇلارنىڭ بىرى ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە، يەنە بىرى ئۇنىڭ سول تەرىپىدە ئولتۇرماقتىدۇر»- قاف سۈرىسى 16- ۋە 17- ئايەتلەر.
لېكىن ئىنساننىڭ پەرىشتىلەرگە قارشى بىر جاۋابكارلىقى يوقتۇر. ئايال كىشىنىڭ ئەۋرەت يەرلىرىنى يۆگىشىمۇ پەرىشتىلەرگە قارشى ئەمەس، ئىنسانلارغا قارشىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللار ئۆز ئۆيلىرىدە خالىغانچە كىيم كىيىپ يۈرسە بولىدۇ.
قۇرئان كەرىمدە ئايال كىشىنىڭ ئەۋرىتى ئۈچكە ئايرىلىدۇ، يەنى ئايال كىشىنىڭ بەدىنىدىن يۆگىشى پەرز بولغان  يەرلىرى ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە قاراپ ئۈچكە بۆلۈنىدۇ:
1- نامەھرەمنىڭ ئالدىدا يۆگىشى پەرز بولغان يېرى يۈزى، ئىككى قولى ۋە پۇتى (ئوشۇقىنىڭ ئاستى قىسمى) قاتارلىق يەرلىرىدىن باشقا پۈتۈن بەدىنىدۇر.
2- ئەرلىرى، ئاتىلىرى، قېيناتىلىرى، ئۆز ئوغۇللىرى، ئۆگەي ئوغۇللىرى، قېرىنداشلىرى، قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرى، ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرى، ئۆزىنىڭ تونۇش ئاياللىرى، قول ئاستىدىكى قۇل-چۆرىلەر، جىنسىي ئارزۇسى بولمىغان ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق يەرلىرىنى تېخى پەرق ئەتمىگەن بالىلار قاتارلىقلارنىڭ يېنىدا زىننەت ئورۇنلىرىدىن- بويۇنلىرىنىڭ ئۈستى يەنى باشلىرى، بىلەكلىرى ۋە پاچاقلىرى يەنى ئوشۇقلىرىنىڭ بىرئاز ئۈستۈن تەرەپلىرى قاتارلىق يەرلىرىدىن- باشقا يەرلىرىدۇر، يەنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا بۇ يەرلىرىنى يۆگىشى لازىم. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
      «وَقُل لِّلْمُؤْمِنَاتِ يَغْضُضْنَ مِنْ أَبْصَارِهِنَّ وَيَحْفَظْنَ فُرُوجَهُنَّ وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا مَا ظَهَرَ مِنْهَا وَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَى جُيُوبِهِنَّ وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا لِبُعُولَتِهِنَّ أَوْ آبَائِهِنَّ أَوْ آبَاء بُعُولَتِهِنَّ أَوْ أَبْنَائِهِنَّ أَوْ أَبْنَاء بُعُولَتِهِنَّ أَوْ إِخْوَانِهِنَّ أَوْ بَنِي إِخْوَانِهِنَّ أَوْ بَنِي أَخَوَاتِهِنَّ أَوْ نِسَائِهِنَّ أَوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُهُنَّ أَوِ التَّابِعِينَ غَيْرِ أُوْلِي الْإِرْبَةِ مِنَ الرِّجَالِ أَوِ الطِّفْلِ الَّذِينَ لَمْ يَظْهَرُوا عَلَى عَوْرَاتِ النِّسَاء وَلَا يَضْرِبْنَ بِأَرْجُلِهِنَّ لِيُعْلَمَ مَا يُخْفِينَ مِن زِينَتِهِنَّ وَتُوبُوا إِلَى اللَّهِ جَمِيعاً أَيُّهَا الْمُؤْمِنُونَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ»
«مۇئمىن ئاياللارغىمۇ ئېيتقىن: نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن. ئىپپەتلىرىنى ساقلىسۇن. زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن – ئۇ زىننەتلەرنىڭ ئوچۇق بولغان قىسمى مۇستەسنا-. ياغلىقلىرى بىلەن جەيب (بويۇن ۋە كۆكرەك) لىرىنى ياپسۇن. زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، قېيناتىلىرىدىن، ئۆز ئوغۇللىرىدىن، ئۆگەي ئوغۇللىرىدىن، قېرىنداشلىرىدىن، قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ئاياللىرىدىن، قول ئاستىدىكىلەردىن، جىنسىي ئارزۇسى بولمىغان ئەرلەردىن ۋە ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق يەرلىرىنى تېخى پەرق ئەتمىگەن بالىلاردىن باشقا ھېچكىمنىڭ يېنىدا ئاچمىسۇن. يوشۇرغان زىننەتلىرىنى بىلىنسۇن دەپ پۇتلىرىنى ئۇرمىسۇن. ئى مۇئمىنلار! ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر»- نۇر سۈرىسى 31 – ئايەتلىرى.
بۇ ئايەت مەزمۇنىدىن مۇنۇ ھۆكۈملەر چىقىدۇ:
ئاياللار نامەھرەمنىڭ ئالدىدا يۈزى، ئىككى قولى ۋە پۇتى (ئوشۇقىنىڭ ئاستى قىسمى) قاتارلىق يەرلىرىدىن باشقا پۈتۈن بەدىنىنى يۆگىشى پەرزدۇر.
 ئاياللار ئەرلىرى، ئاتىلىرى، قېيناتىلىرى، ئۆز ئوغۇللىرى، ئۆگەي ئوغۇللىرى، قېرىنداشلىرى، قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرى، ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرى، ئۆزىنىڭ تونۇش ئاياللىرى، قول ئاستىدىكى قۇل-چۆرىلەر، جىنسىي ئارزۇسى بولمىغان ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق يەرلىرىنى تېخى پەرق ئەتمىگەن بالىلار قاتارلىقلارنىڭ يېنىدا زىننەت ئورۇنلىرىنى- بويۇنلىرىنىڭ ئۈستى يەنى باشلىرى، بىلەكلىرى ۋە پاچاقلىرى يەنى ئوشۇقلىرىنىڭ بىرئاز ئۈستۈن تەرەپلىرى قاتارلىق يەرلىرىنى-  يۆگىمىسە گۇناھكار بولمايدۇ.
3- بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلىرىنىڭ يېنىدا كىندىكى بىلەن ئىككى تىزىنىڭ ئارىسىنى يۆگىشى پەرزدۇر. ئاللاھ تەئالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:
      «يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لِيَسْتَأْذِنكُمُ الَّذِينَ مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ وَالَّذِينَ لَمْ يَبْلُغُوا الْحُلُمَ مِنكُمْ ثَلَاثَ مَرَّاتٍ مِن قَبْلِ صَلَاةِ الْفَجْرِ وَحِينَ تَضَعُونَ ثِيَابَكُم مِّنَ الظَّهِيرَةِ وَمِن بَعْدِ صَلَاةِ الْعِشَاء ثَلَاثُ عَوْرَاتٍ لَّكُمْ لَيْسَ عَلَيْكُمْ وَلَا عَلَيْهِمْ جُنَاحٌ بَعْدَهُنَّ طَوَّافُونَ عَلَيْكُم بَعْضُكُمْ عَلَى بَعْضٍ كَذَلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمُ الْآيَاتِ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ. وَإِذَا بَلَغَ الْأَطْفَالُ مِنكُمُ الْحُلُمَ فَلْيَسْتَأْذِنُوا كَمَا اسْتَأْذَنَ الَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ كَذَلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمْ آيَاتِهِ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ»
«ئى مۇئمىنلار! قۇللىرىڭلار، چۆرىلىرىڭلار ۋە تېخى بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلىرىڭلار يېنىڭلارغا كىرىش ئۈچۈن شۇ ئۈچ ۋاقىتتا سىلەردىن ئىجازەت سورىسۇن: بامدات نامىزىدىن ئىلگىرى، چۈشلۈك ئىستىراھەت ئۈچۈن كىيىملىرىڭلارنى سالىدىغان چېغىڭلاردا ۋە خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن. بۇ ئۈچ ۋاقىت، يېپىشىڭلار كېرەك بولغان يەرلىرىڭلار ئېچىلىدىغان ۋاقىتلاردۇر. بۇلاردىن باشقا ۋاقىتلاردا ئۇلار يېنىڭلارغا ئىجازەتسىز كىرسە سىلەرگىمۇ، ئۇلارغىمۇ ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار يېنىڭلارغا كۆپ كىرىپ- چىقىدىغانلاردۇر. سىلەر بىر- بىرىڭلارنىڭ يېنىغا كىرىپ- چىقىپ تۇرىسىلەر. ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلىرىنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
    بالىلىرىڭلار بالاغەتكە يەتكەندە، يېنىڭلارغا كىرىش ئۈچۈن ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكىلەر ئىجازەت سورىغاندەك ئىجازەت سورىسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلىرىنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.»- نۇر سۈرىسى 58-59.
بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى بويىچە ئاياللار تېخى بلاغەتكە يەتمىگەن بالىلىرىنىڭ يېنىدا كىندىكى بىلەن ئىككى تىزىنىڭ ئارىسىدىن باشقا يەرلىرىنى يۆگىمىسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى ئايال كىشىنىڭ ئىككى تىزى بىلەن كىندىكىنىڭ ئارىسى، ئېرىدىن باشقا ھېچكىمگە ئېچىشى دۇرۇس بولمايدىغان يەردۇر. ئاللاھ تەئالا قۇرئان كەرىمدە بۇ يەرنى فەرج «فرج» دەپ ئاتايدۇ، شۇنداقلا ئاياللارنى بۇ يېرىنى ئەرلىرىدىن باشقا پۈتكۈل كىشىلەردىن ساقلاشقا ئەمر قىلىدۇ. مۇئمىنۇن سۈرىسىنىڭ 5- ئايىتى بۇنى كۆرسىتىدۇ.
خوش! ئەمدى كېلەيلى ئايال كىشىنىڭ ناماز ئوقۇغان چېغىدىكى قىياپىتىگە:
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«يَا بَنِي آدَمَ قَدْ أَنزَلْنَا عَلَيْكُمْ لِبَاساً يُوَارِي سَوْءَاتِكُمْ وَرِيشاً …»
«ئى ئادەم بالىلىرى! بىز سىلەرگە ئەۋرىتىڭلارنى ياپىدىغان كىيىم ۋە سىلەر زىننەتلىنىدىغان كىيىم نازىل قىلىپ بەردۇق…»- ئەئراف سۈرىسى 26.
ئاللاھ تەئالا يەنە مۇشۇ سۈرىنىڭ 31- ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ:
«يَا بَنِي آدَمَ خُذُواْ زِينَتَكُمْ عِندَ كُلِّ مَسْجِدٍ…»
«ئى ئادەم بالىلىرى! ھەر ناماز قىلىدىغان يېرىڭلاردا زىننەتلىنىدىغان كىيىمىڭلارنى كىيىڭلار…»- ئەئراف سۈرىسى 31- ئايەت.
مانا بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن ئاياللار نامىزىنى، ئۆيىدە  ئوقۇسۇن سىرتتا ئوقۇسۇن، يېنىدا نامەھرەم بولسۇن بولمىسۇن زىننەتلىنىدىغان كىيىمى بىلەن يەنى سىرتقا چىققۇدەك قىياپىتى بىلەن ئوقۇشى كېرەك.

      مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.

 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر