مۇسۇلمانلار

ئۇلۇغلىرىمىز دەيدۇكى:

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۈم!
سوئال:
مەن ئوقۇغان بىر كىتابتا ئۇلۇغلىرىمىز دەيدۇكى:
«رەجەب ئىيىدا قىلغان ئىبادەت ۋە تائەتلەر كىشىنىڭ بەدىنىنى، شەئبان ئىيىدا قىلغان ئىبادەت ـ تائەتلەر بولسا قەلبىنى، روزا ئىيىدا قىلىنغان ئبادەت ـ تائەتلەر بولسا روھىنى مەنىۋى كىرلەردىن تازلايدۇ».
رەجەب ۋە شەئبان ئېيىنىڭ قايسى ئايلار ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم. ماڭا چۈشەندۇرۈش بەرگەن بولساڭلار، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! ھۆرمەت بىلەن:دىلئۇز
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
قېرىندىشىم! سىز قايسى كىتابنى ئوقۇدىڭىز بىلمەيمەن، لېكىن ئوقۇغان كىتابىڭىزنىڭ «ئەخلەت ساندۇقى» غا ئوخشاش بىر كىتاب ئىكەنلىكى يەنى ئىچى بىدئەت ۋە خۇراپات بىلەن توشقۇزۇلغان بىر «كىتاب» ئىكەنلىكى ئېنىق.
مەن ئالدى بىلەن سىزگە «قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى» نى ئوقۇشنى، ئاندىن «ياخشىلار باغچىسى» دەك ھەدىس كىتابلىرىنى ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
سوئالىڭىزنىڭ جاۋابىغا كەلسەك،
رەجەپ ئېيىدا تائەت-ئىبادەت قىلىشنىڭ ئالاھىدە بىر پەزىلىتى يوق، لېكىن رەجەپ ئېيى ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلارنىڭ بىرىدۇر. بۇ ئايلارنىڭ بەزى كۈنلىرىدە روزا تۇتۇش ياخشى ئىشتۇر. شەئبان ئېيىنىڭ كۆپ كۈنلىرىدە روزا تۇتۇشنىڭ ياخشىلىقى توغرىسىدىمۇ ھەدىس بار. ئەڭ ياخشىسى مەن سىزگە نەپلە روزا تۇتۇش ياخشى بولغان كۈنلەرنى دەپ بېرەي:
 1- ئەرەفات كۈنى يەنى زۇلھەججە ئېيى (ھىجرىيە 12- ئاي) نىڭ 9- كۈنى. بۇ كۈندە ھەجگە بارمىغان يەنى ئەرەپاتتا تۇرۇش ئىبادىتىنى ئادا قىلىۋاتىمىغان مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشى ياخشى ئىشتۇر.
ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەرەفات كۈنىدە روزا تۇتۇش توغرۇلۇق سورالغاندا مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن:
«ئەرەفات كۈنىدە روزا تۇتۇش ئۆتكەن يىلىدىكى ۋە كېلىدىغان يىلدىكى گۇناھلارغا كەففارەت بولىدۇ»- (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
بۇ ھەدىس، ھەج قىلىۋاتمىغان كىشىنىڭ ئەرەفات كۈنىسى روزا تۇتۇشىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىگە، ھەج قىلىۋاتقان كىشى ئەرەفات كۈنىدە روزا تۇتسا تەلبىيە ئېيتىش، زىكىر ۋە دۇئالاردا جانلىق بولالمايدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ كۈندە روزا تۇتۇشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىگە دالالەت قىلىدۇ.
 2- ئاشۇرا كۈنى، يەنى مۇھەررەم ئېيى (ھىجىرىيە بىرىنچى ئاي) نىڭ 10- كۈنى ۋە بۇنىڭغا قوشۇپ 9- كۈنى روزا تۇتۇش ياخشى ئىشتۇر.
ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاشۇرا كۈنىدە (مۇھەررەمنىڭ 10- كۈنى) روزا تۇتاتتى ۋە باشقىلارنىمۇ روزا تۇتۇشقا بۇيراتتى.- بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ئەبۇ قاتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ساھابىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئاشۇرا كۈنى (مۇھەررەم ئېيىنىڭ 10- كۈنى) روزا تۇتۇش توغرۇلۇق سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۆتكەن يىلقى گۇناھلارغا كەففارەت بولىدۇ»، دېدى.- مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر مەن كېلەر يىلغىچە ئامان بولسام، چوقۇم مۇھەررەمنىڭ توققۇزىنچى كۈنىدىمۇ روزا تۇتىمەن».- مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
بۇ ھەدىستە مۇھەررەم ئېيىنىڭ 9-، 10- كۈنلىرى روزا تۇتۇشقا ئۈندەلگەن. 9- كۈنىنى قوشۇپ روزا تۇتۇشتىكى ھېكمەت: 10- كۈنىدىلا روزا تۇتىدىغان يەھۇدىيلارغا ئوخشاپ قالماسلىق ئۈچۈندۇر.
3- شەۋۋال ئېيى (ھىجرىيە 10- ئاي، رامىزان ئېيىدىن كېيىنكى ئاي) نىڭ ئىچىدە 6 كۈن روزا تۇتۇش ياخشى ئىشتۇر.
ئەبۇ ئەييۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى رامىزان روزىسىنى تۇتۇپ بولۇپ ئارقىسىدىن شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتسا زاماندىن زامانغا روزا تۇتقانغا ئوخشاش بولىدۇ»- (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
بۇ ھەدىس، رامىزان ئېيىغا ئۇلاپلا شەۋۋال ئېيىدىن ئالتە كۈن روزا تۇتۇشنىڭ خۇددى پۈتۈن بىر ئۆمۈر روزا تۇتقانلىق بىلەن ئوخشاش بولىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: بۇ ئالتە كۈن روزىنى ھېيتتىن كېيىنلا ئارقىمۇئارقا تۇتۇش ئەۋزەلدۇر. لېكىن شەرت ئەمەستۇر يەنى كۈن ئاشۇرۇپ تۇتۇشقىمۇ بولىدۇ.
4- دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنى روزا تۇتۇش ياخشىدۇر.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەمەللەر ئاللاھ تائالاغا دۈشەنبە، پەيشەنبە كۈنى توغرىلىنىدۇ، مېنىڭ ئەمەللىرىمنىڭ مەن روزىدار ھالدا توغرىلىنىشىنى ياقتۇرىمەن»، دېدى.- (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۈشەنبە، پەيشەنبە كۈنى روزا تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرەتتى.- (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).
 4- شەئبان ئېيى (ھىجرىيە 8- ئاي، رامىزان ئېيىدىن ئىلگىرىكى ئاي) نىڭ كۆپ كۈنىدە روزا تۇتۇش ياخشى ئىشتۇر.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقا ئايلاردا شەئبان ئېيىدىكىدەك كۆپ روزا تۇتمايتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شەئبان ئېيىنىڭ كۆپ كۈنلىرىدە روزا تۇتاتتى.- (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
5- زۇلھەججە ئېينىڭ دەسلەپكى 9 كۈنى روزا تۇتۇش ياخشىدۇر.
ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالا زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىدە قىلغان ياخشى ئەمەللەرنى باشقا كۈندە قىلغان ئەمەللەرگە قارىغاندا بەك ياقتۇرىدۇ»…- (بۇخارى رىۋايەت قىلغان).
 6- ھەر ئاينىڭ (يەنى ئاسماندىكى ئاي بويىچە ھېسابلىنىدىغان ئاينىڭ) 13-، 14- ۋە 15- كۈنلىرى روزا تۇتۇش ياخشى ئىشتۇر.
ئابدۇللاھ ئىبن ئەمر ئىبن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش ئۆمۈر بويى روزا تۇتقانغا باراۋەر»- (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
مۇئاز ئەدەۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن ئائىشەدىن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتامتى؟ دەپ سورىسام، ئۇ: «ھەئە، شۇنداق»، دېدى. ئاندىن مەن: «ئاينىڭ قايسى كۈنلىرى روزا تۇتاتتى؟»، دەپ سورىدىم. ئۇ: «ئاينىڭ قايسى كۈندە تۇتۇشنى تەيىن قىلىۋالمايتتى»، دېدى.- مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەگەر ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتاي دېسەڭ، 13-، 14-، 15- كۈنلىرى روزا تۇتقىن»، دېدى.- (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).
قەتادە ئىبن مىلھان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى ئاينىڭ ئايدىڭ كېچىلىرى يەنى 13-، 14-، 15-، كۈنلىرى روزا تۇتۇشقا بۇيرۇيتتى.- ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەيلى ئۆيىدە بولسۇن مەيلى سەپەردە بولسۇن، ئايدىڭ كېچىلىرى يەنى ئاينىڭ 13-، 14-، 15- كۈنلىرى روزا تۇتماي قالمايتتى.- نەسەئىي رىۋايەت قىلغان.
7- كۈچى يەتكەنلەرنىڭ بىر كۈن يەپ، بىر كۈن روزا تۇتۇشى ياخشى ئىشتۇر.
ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇللاھ ئىبن ئەمر ئىبن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇ: مېنىڭ: «ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، ھاياتىم بار ئىكەن كۈندۈزى روزا تۇتىمەن ۋە ھاياتلا بولسام كېچىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزىمەن»، دېگەن سۆزۈم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئاڭلىنىپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەندىن: «سەن شۇنداق دېدىڭمۇ؟»، دەپ سورىدى. مەن: «ئى رەسۇلۇللاھ! ئاتا-ئانام ساڭا پىدا بولسۇنكى، مەن ھەقىقەتەن شۇ گەپلەرنى قىلدىم»، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «شۈبھىسىزكى، سەن شۇنىڭغا قادىر بولالمايسەن، روزىمۇ تۇتقىن، ئاغزىڭ ئوچۇقمۇ يۈرگىن، كېچىسى ئۇخلىغىن ۋە ئىبادەتمۇ قىلغىن. (رامزاندىن باشقا) ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتقىن. ھەقىقەتەن بىر ياخشىلىققا ئون ياخشىلىقنىڭ ساۋابى بېرىلىدۇ. ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش يىل بويى روزا تۇتقانغا باراۋەر بولىدۇ»، دېدى.
مەن: «ئۇنىڭدىن ئارتۇقراق قىلىشقا قادىر بولالايمەن»، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنداق بولسا بىر كۈن تۇتۇپ، ئىككى كۈن تۇتمىغىن»، دېدى. مەن: «ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇقراق قىلىشقا قادىر بولالايمەن»، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنداق بولسا بىر كۈن تۇتۇپ، بىر كۈن تۇتما، مانا بۇ داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ روزىسى بولۇپ، ئەڭ نورمال روزىدۇر»، دېدى.
ئابدۇللاھ قېرىغاندا مۇنداق دېگەن: «كاشكى مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسىنى (ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشنى) قوبۇل قىلسام بوپتىكەن»- (بۇخارى ۋە مۇسلىم).
 8- ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلار (زۇلقەئدە، زۇلھەججە، مۇھەررەم، رەجەپ ئايلىرى) دا روزى تۇتۇش ياخشىدۇر.
مۇجىيبە باھىلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇنىڭ دادىسى (ساھابە ئابدۇللاھ ئىبن ھارىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) ياكى تاغىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كەلدى. ئاندىن قايتىپ كېتىپ بىر يىلدىن كېيىن يەنە كەلدى، بۇ چاغدا ئۇنىڭ بۇرۇنقى تۇرقى ۋە رەڭگىرويى ئۆزگىرىپ كەتكەنىدى.
 ئۇ: يا رەسۇلەللاھ! مېنى تونۇمىدىڭمۇ؟ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سەن كىم؟»، دېۋىدى، ئۇ كىشى: مەن ئۆتكەن يىلى ھۇزۇرۇڭغا كەلگەن باھىلىلىق بولىمەن، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «نېمە سېنى بۇنچە ئۆزگەرتىۋەتتى، رەڭگىرويىڭ چىرايلىق ئىدىغۇ؟»، دەپ سورىدى. ئۇ ئادەم: مەن سەندىن ئايرىلغاندىن بىرى پەقەت كىچىسىلا تاماق يەۋاتىمەن (يەنى روزىدارمەن)، دېدى.
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «جېنىڭنى قىيناپسەن، رامىزان ئېيىدا بىر ئاي ۋە رامىزاندىن باشقا ھەر ئايدا بىر كۈن روزا تۇت»، دېۋىدى، ئۇ ئادەم: مېنى كۆپرەك تۇتۇشقا بۇيرۇغىن، چۈنكى مېنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىم يېتىدۇ، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنداق بولسا ھەر ئايدا ئىككى كۈن روزا تۇت»، دېدى. ئۇ ئادەم: مېنى يەنىمۇ كۆپرەك تۇتۇشقا بۇيرۇغىن، دېدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۈچ كۈن روزا تۇتقىن»، دېۋىدى، ئۇ ئادەم: يەنىمۇ كۆپرەك بۇيرۇغىن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلاردا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇپ، ئاندىن تەرك ئەت. ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلاردا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇپ، ئاندىن تەرك ئەت. ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلاردا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇپ، ئاندىن تەرك ئەت»، دېدى ۋە ئۈچ بارمىقىنى جۈپلەپ كۆرسىتىپ ئاندىن قويۇۋەتتى- (ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر