بايرام بولسۇن
باش بەت > ماقالىلەر تارىخ: 14.05.2010 يازدۇرغىن
ئاتا- ئانىلىرىمىزنىڭ ھەر كۈنىنى بايرام قىلايلى!
 بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
ئانىلارنىڭ ئىسلام دىنىمىزدىكى ئورنىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولىنى چۈشىنىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئايەت-ھەدىسلەرنى ئۇبدان چۈشىنىش كېرەك! قۇرئان كەرىمدە مۇئمىنلارنىڭ بۇ توغرىدىكى مەسئۇلىيىتى تۆۋەندىكى ئايەتلەر بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ:
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«بىز ئىنسانغا مۇنداق دەپ بۇيرۇق چۈشۈردۇق: ئاتا-ئاناڭغا ياخشىلىق قىلغىن…»[①].
«… ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا-ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار…»[②].
دېمەككى، ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىش ئاللاھنىڭ ئەمرىدۇر. بۇ ئەمر تەۋھىدكە بولغان ئەمردىن كېيىنلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
«ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش» ماددىي ۋە مەنىۋى ياخشىلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ماددىي ياخشىلىق
مۇئمىنلار ئاتا–ئانىلىرىنىڭ ماددىي جەھەتتىن كىچىككىنە بىر كەمچىللىك ھېس قىلماسلىقى، شۇنداقلا خۇشال-خۇرام بىر ھايات كەچۈرۈشى ئۈچۈن ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە غەيرەت كۆرسىتىشى كېرەك. بۇ ھەقتە ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ (ئەئۇزۇ بىللەھى مىنەششەيتانىر رەجىيم):
«ئۇلار سەندىن ‹ئاللاھ يولىدا نېمە سەرپ قىلىمىز دەپ سورايدۇ›. ئېيتقىنكى: ‹ئاللاھ يولىدا نېمە سەرپ قىلساڭلار، ئۇنى ئاتا- ئاناڭلارغا، ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە ۋە يولدا قالغانلارغا سەرپ قىلىڭلار. قانداق ياخشىلىق قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ›.»[③].
بۇ ئايەتكە ئاساسەن مۇئمىنلار، ياخشىلىق يولىغا سەرپ قىلىدىغان ماللىرىدا ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ ھەققى بارلىقىنى بىلىدۇ ۋە بۇنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئىش قىلىدۇ: ئېھتىياج ئىچىدە بولغان ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى ئەڭ گۈزەل شەكىلدە ھەل قىلىشقا، ئۇلارنى ھۇزۇر-ھالاۋەت ۋە راھەت-پاراغەت ئىچىدە ياشىتىشقا تىرىشىدۇ.
مەنىۋى ياخشىلىق
ئاللاھ تەئالا ئىنسانلارغا بوۋاقلىق ۋە كىچىكلىك چاغلىرىنى ئەسلىتىپ، ئۇلاردىن ئاتا-ئانىلىرى قىلغان مېھىر-شەپقەت، سىڭدۈرگەن ئەجىر ۋە كۆرسەتكەن پىداكارلىقلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى تەلەپ قىلىدۇ، شۇنداقلا ئاتا-ئانىلىرى ياشىنىپ قالغان ياكى موھتاج ھالەتكە چۈشۈپ قالغان چاغلىرىدا، ئۇلارغا مېھرىبانلىق ۋە كەمتەرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا، ئۇلارغا چىرايلىق سۆز سۆزلەشكە بۇيرۇيدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ (ئەئۇزۇ بىللەھى مىنەششەيتانىر رەجىيم):
«رەببىڭ مۇنداق ھۆكۈم قىلدى: ئاللاھدىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلماڭلار، ئاتا-ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى ياكى ئىككىلىسى سېنىڭ يېنىڭدا قېرىپ قالسا، ئۇلارغا: «ئۇفف!»[④] دېگەن سۆزنىمۇ قىلما. ئۇلارغا ئازار بەرمە، ئۇلارغا چىرايلىق گەپ قىل.
ئۇلارغا مېھرىبانلىق ۋە كەمتەرلىك بىلەن قول-قانات بولغىن ۋە ئۇلار ئۈچۈن مۇنداق دۇئا قىلغىن: ‹رەببىم! ئاتا- ئانام مېنى كىچىكلىكىمدە قانداق تەربىيىلىگەن بولسا، سەن ئۇلارغا شۇنداق مەرھەمەت قىلغىن!›.»[⑤].
دىققەت قىلىدىغان بولساق بۇ ئايەتتە ئاتا-ئانىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش، ئاللاھ تەئالاغا ئىبادەت قىلىش بىلەن يانمۇيان زىكىر قىلىنماقتىدۇر. بۇ، ئاتا-ئانىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى مەرتىبىسىنى ۋە ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكى كۆرسىتىدۇ.
ئانا بىرىنچى ئورۇندا
ئانا بالىسىنى دۇنياغا كەلتۈرۈش ۋە ئۇنى چوڭ قىلىش جەريانىدا ناھايىتى ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ، ئىنتايىن كۆپ جاپا-مۇشەققەتلەر تارتىدۇ. ئاللاھ تەئالا بالىلارغا بۇ ئەمەلىيەتنى ئەسلىتىدۇ ۋە ئانىنىڭ بالىسى ئۈستىدىكى ھەقلىرىگە دىققەت جەلب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«بىز ئىنسانغا مۇنداق دەپ بۇيرۇق چۈشۈردۇق- ئانىسى ئۇنى ئۈستى-ئۈستىلەپ ئاجىزلىق بىلەن قورسىقىدا كۆتۈردى. ئۇ ئىككى يىلدا ئەمچەكتىن ئايرىلىدۇ-: ‹ماڭا ۋە ئاتا-ئاناڭغا شۈكۈر قىلغىن. ئاخىرى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا كېلىسىلەر›.»[⑥].
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە بىر كۈنى بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ: «يا رەسۇلەللاھ! مېنىڭ ياخشىلىق قىلىشىمغا ئەڭ ھەقلىق ئادىمىم كىم؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاناڭ» دەپ جاۋاب بەردى.
ئۇ كىشى يەنە: «ئاندىن قالسىچۇ؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاناڭ» دەپ جاۋاب بەردى.
ئۇ كىشى يەنە: «ئاندىن قالسىچۇ؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاناڭ» دەپ جاۋاب بەردى.
ئۇ ئادەم يەنە (تۆتىنچى قېتىم): «ئاندىن قالسىچۇ؟» دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ قېتىم: «داداڭ»، دەپ جاۋاب بەردى[⑦].
دېمەك، ئانا بىرىنچى ئورۇندا.
ئانىمىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى ھەقلىرىنى تونۇپ يېتىش ئۈچۈن ئارقىمىزغا بىر قاراپ، ئانىمىزنىڭ بىزنى دۇنياغا كەلتۈرۈش ۋە بىزنى چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشۇش جەريانىنى ئازغىنا تەسەۋۋۇر قىلىشىمىز يېتەرلىكتۇر.
ئانىمىز بىزنى 9 ئاي ئەتراپىدا قورسىقىدا كۆتۈرگەن، بۇ ئەسنادا چەككەن جاپا–مۇشەققەتلىرىنى بىر ئاللاھ بىلىدۇ، بىر ئۆزى بىلىدۇ. بىز ئانىمىزنىڭ قورسىقىدا يۇغىنىغانسېرى ئانىمىزنىڭ خاپىلىقى شۇنچە يۇغىنىغان، كۈندىن–كۈنگە ئاجىزلاشقان، دەرد ئۈستىگە دەرد تارتقان.
بىزنى تۇغقان چېغىدا ئۆلۈمنى كۆزلىرى بىلەن كۆرگەن، لېكىن يېنىدا بىزنى كۆرۈپلا پۈتكۈل دەرد–ئەلەملىرىنى ئۇنتۇپ بارلىق ئارزۇ–ئۈمىدلىرىنى بىزگە باغلىغان ۋە ھاياتنىڭ خۇشاللىقىنى بىزدە ھېس قىلغان.
ئاندىن كېچە–كۈندۈز بىزنىڭ خىزمىتىمىز بىلەن مەشغۇل بولغان؛ بىزگە سۈتىنى رىزىق، قۇچىقىنى ئۆي، قولىنى ۋە سىرتىنى ئۇلاغ قىلىپ بەرگەن. بىزنى تويسۇن دەپ ئۆزى ئاچ قالغان، بىزنى ئۇخلىسۇن دەپ ئۆزى ئۇيقۇسىز قالغان، بىزنى راھەت ئالسۇن دەپ ئۆزى قىينالغان، بىزگە ھەر دائىم مېھرىبانلىق كۆرسەتكەن، يۈرىكى بىز ئۈچۈن سوققان، ئەقلى بىز ئۈچۈن چۈشەنگەن، قىسقىسى بارلىقى بىزگە ئاتالغان.
بىز ئانىمىز نېرى كەتسە چاقىرىمىز، چىرايى ئۆزگىرىپ قالسا غەمكىن بولىمىز، بىر كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچرىساق ئانىمىزدىن ياردەم تىلەيمىز، پۈتكۈل ياخشىلىقنىڭ ئانىمىزدا ئىكەنلىكىنى ئويلايمىز، ئانىمىزنىڭ قۇچىقىدا ياكى يېنىدا بولساقلا بىزگە بىر يامانلىق يەتمەيدۇ دەپ چۈشىنىمىز. قىسقىسى كىچىك ۋاقتىمىزدا ئانىمىز بىزنىڭ ھەر نەرسىمىز ۋە ھەممە نەرسىمىز.
شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بالىلار ئانىلىرىمىزنىڭ بۇ ئەجىر ۋە پىداكارلىقلىرىنى تەقدىرلىشىمىز، ئۇلارغا مېھىر-شەپقەت، ھۆرمەت ۋە پىدارلىقلار بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشىمىز كېرەك.
قېرىنداشلار! سۆزۈمنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسى بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئۇيغۇن كۆردۈم:
«ئاتىسى بىلەن ئانىسى ياكى ئۇلاردىن بىرى قېرىغۇچە ياشاپ، ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ جەننەتكە كىرەلمىگەن كىشى خاروزار بولسۇن! خاروزار بولسۇن! خاروزار بولسۇن!»[⑧].
ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن!

[]– ئەنكەبۇت 29/8.

[]ئەنئام 8/151.

[]– بەقەرە 2/215.

[]– بۇ سۆز قارشى تەرەپتىن بەزگەنلىكنى ئىپادىلەيدۇ.

[]– ئىسرا 17/23-24.

[]– لۇقمان 31/14.

[]– بۇخارى، ئەدەب 2؛ مۇسلىم، بىرر 1 (2548)؛ ئەبۇ داۋۇد. ئەدەب 129 (5141)؛ تىرمىزى، بىرر 1 (1898).

[]– مۇسلىم، بىرر 9 (251)؛ تىرمىزى، دەئەۋات 110 (3539).

Facebook'ta PaylaşTwitter'da Paylaş
21.281 قېتىم ئوقۇلدى