مۇسۇلمانلار

بېشىم قاتتى، نېمە قىلىمەن؟

ئەسسىلامۇئەلەيكۇم

ئەي مۇسۇلمان بۇرادەرلىرىم! مىنىڭ بېشىمگا ھەقىقەتەن مۇشكۇل ئىش كەلدى. بۇنىڭغا مېنىڭ ھېچ ئامالىم قالمىدى. مىنىڭ خېتىم سەل كۇپرەك ئېغىر كۇرمەي تەپسىلىي ئۇقۇپ، خۇدا رىزالىقى ئۇچۇن ماڭا تەپسىلىي چۇشۇنۇشلۇك جاۋاپ بەرسەڭلار بۇپتېكەن.
مەن بىر تاشچى ئىدىم……
ئەي جانابى ئۇستازلار !!! مەن بانكىدىن ئۆسۈملۈك قەرز پۇل ئېلىپ سەرمايە قىلىپ تىجارەت قىلسام، ئىقتىسادىمنى جانلاندۇرسام بۇلامدۇ؟ ياكى ئۇنداق قىلماي باشقا يۇللار بىلەن پۇل تېپىپ مەقسىتىمگە يېتىمەنمۇ؟ بۇنىڭغا ئسلام نېمە دەيدۇ؟ ماڭا تەپسىلىي جاۋاپ بەرگەن بۇلساڭلار ! ئابدۇراھمان.
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
 قېرىندىشىم! خېتىڭىزنىڭ سەرگۈزەشت قىسمىنى ۋە تەكرارلىرىنى ئۆچۈرۈۋەتتىم. سوئالىڭىزغا جاۋاب بېرىشكە تىرىشىمەن.
جاۋاب:
بۇرادەر! بېشىغا كۈن چۈشمىگەندە مۇسۇلمان بولۇش ئۇنچە تەسكە توختىمايدۇ. مۇھىمى مانا سىزدەك قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندا مۇسۇلمانلىقتا چىڭ تۇرۇشتۇر.
بېشىمىزغا كەلگەن مۇسىبەتلەر ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:
 1- ئاللاھنىڭ ئىمتىھانى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
 «وَلَنَبْلُوَنَّكُمْ بِشَيْءٍ مِّنَ الْخَوفْ وَالْجُوعِ وَنَقْصٍ مِّنَ الأَمَوَالِ وَالأنفُسِ وَالثَّمَرَاتِ وَبَشِّرِ الصَّابِرِينَ. الَّذِينَ إِذَا أَصَابَتْهُم مُّصِيبَةٌ قَالُواْ إِنَّا لِلّهِ وَإِنَّـا إِلَيْهِ رَاجِعونَ. أُولَـئِكَ عَلَيْهِمْ صَلَوَاتٌ مِّن رَّبِّهِمْ وَرَحْمَةٌ وَأُولَـئِكَ هُمُ الْمُهْتَدُونَ.» – تەرجىمىسى:
 «بىز سىلەرنى بىرئاز قورقۇتۇپ ۋە بىرئاز ئاچ قويۇپ سىنايمىز؛ شۇنىڭدەك مال، جان ۋە مەھسۇلاتلىرىڭلارنى كېمەيتىپ سىنايمىز. سەن بۇنىڭغا سەۋر قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن.
ئۇ سەۋر قىلغۇچىلار شۇنداق كىشىلەركى، بېشىغا بىر مۇسىبەت يەتكەندە: ‹بىز چوقۇم ئاللاھنىڭدۇرمىز ۋە بىز چوقۇم ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتقۇچىلارمىز!›
ئەنە شۇلارغا رەببىدىن مەغپىرەتلەر ۋە رھمەت ياغىدۇ، ئەنە شۇلار، ھىدايەت تاپقۇچىلارنىڭ دەل ئۆزىدۇر.»- (بەقەرە سۈرىسى 155-، 156- ۋە 157- ئايەتلىرى).
 2- قىلىنغان خاتا ئىشلارنىڭ جازاسى. ئاللاھ تەئەلا بۇ توغرىدا مۇنداق دەيدۇ:
 «وَمَا أَصَابَكُم مِّن مُّصِيبَةٍ فَبِمَا كَسَبَتْ أَيْدِيكُمْ وَيَعْفُو عَن كَثِيرٍ»- تەرجىمىسى:
  «سىلەرگە يەتكەن ھەر قانداق مۇسىبەت، ئۆز قىلمىشىڭلارنىڭ تۈپەيلىدىن يېتىدۇ. ئاللاھ گۇناھىڭلارنىڭ تولىسىنى ئەپۇ قىلىدۇ»ـ (شۇرا سۈرىسى 30 ـ ئايەت).
 سىز بېشىڭىزغا كەلگەن مۇسىبەتلەردىن قۇتۇلۇشىڭىز ئۈچۈن مۇنداق قىلىشىڭىز كېرەك:
 ئۆزىڭىزنى ئۇبدان تەكشۈرۈسىز، ئەگەر سىز ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن بۇ مۇسىبەتلەرنىڭ بېشىڭىزغا كەلگەنلىكىنى ھېس قىلسىڭىز، دەرھال تەۋبە-ئىستىغپار قىلىپ ئۆزىڭىزنى تۈزىتىسىز، شۇنداقلا ھالالدىن پۇل تېپىشنىڭ يوللىرىدىن بىرنى تۇتۇپ ئالدىڭىزغا ماڭىسىز.
 ئەگەر ئۇ مۇسىبەتلەرنىڭ بېشىڭىزغا كەلگەنلىكىدىن ئاللاھنىڭ سىزنى ئىمتىھان قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلسىڭىز، بۇنىڭغا سەۋر قىلىسىز، «مەجبۇر بولۇپ قالدىم» دەپ دىنىمىز مەنئى قىلغان ئىشلارنى قىلسىڭىز بولمايدۇ. «نېمە قىلساڭ قىل پۇل تاپ» دېگەن سۆز بويىچە خاتا يوللاردىن ئەمەس، «نېمە قىلساڭ قىل ھالالدىن پۇل تاپ» دېگەن مۇسۇلمانچە سۆز بويىچە ھالال يوللاردىن پۇل تېپىشقا تىرىشىسىز.
سوئالىڭىزنىڭ جاۋابىغا كەلسەك، بۇ سوئالنىڭ جاۋابى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:
1 ـ ئەگەر ئېلىنىدىغان قەرز ئۆسۈمسىز بولسا، مۇسۇلمانلار بۇنداق قەرزنى ئېلىپ، ئېھتىياجىغا ئىشلىتىپ تۆلەش ۋاقتى كەلگەندە تۆلىسە، بۇنىڭدا بىر مەسىلە يوق. بۇنداق قەرزنى مۇسۇلمانلار ئۆزئارا قىلىشسىمۇ ياكى مۇسۇلمانلار غەيرىي مۇسۇلمانلاردىن ئالسىمۇ بولىدۇ. بەقەرە سۈرىسىنىڭ 282 ـ ۋە 283 ـ ئايەتلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزئارا قەرز مۇئامىلىسى قىلىشىشىغا يول قويۇش بىلەن بىرگە بۇ ئىشنىڭ يوللىرىنى تەپسىلىي بىر شەكىلدە كۆرسىتىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىغا قارايدىغان بولساق، غەيرىي مۇسلىملەر بىلەن قەرز مۇئامىلىسى قىلغانلىقىنى ۋە قىلىشقا رۇخسەت قىلغانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ، قەرزنىڭ ئۆسۈمسىز بولۇش شەرتى بىلەن، مۇسۇلمان بولسۇن غەيرىي مۇسۇلمان بولسۇن ھەر قانداق كىشى بىلەن قەرز مۇئامىلىسى قىلىشىشقا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا ئالىدىغان قەرز ئۆسۈمسىزلا بولىدىكەن، كىمدىن ياكى قايسى مۇئەسسەسەدىن ئالسىڭىز ئېلىپ، ۋاقتى كەلگەندە ئۇنى تۆلىسىڭىز بولىدۇ. بۇنىڭدا ھېچقانداق گۇناھ يوق.
2 ـ ئەگەر ئېلىنىدىغان قەرز ئۆسۈملۈك قەرز بولسا، ئۇنى ئېلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تەئالا ئۆسۈمدىن ۋە ئۆسۈم مۇئامىلىسى قىلىشتىن قاتتىق مەنئى قىلغان.
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«الَّذِينَ يَأْكُلُونَ الرِّبَا لَا يَقُومُونَ إِلَّا كَمَا يَقُومُ الَّذِي يَتَخَبَّطُهُ الشَّيْطَانُ مِنَ الْمَسِّ ذَلِكَ بِأَنَّهُمْ قَالُوا إِنَّمَا الْبَيْعُ مِثْلُ الرِّبَا وَأَحَلَّ اللَّهُ الْبَيْعَ وَحَرَّمَ الرِّبَا فَمَنْ جَاءَهُ مَوْعِظَةٌ مِنْ رَبِّهِ فَانْتَهَى فَلَهُ مَا سَلَفَ وَأَمْرُهُ إِلَى اللَّهِ وَمَنْ عَادَ فَأُولَئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ (275) يَمْحَقُ اللَّهُ الرِّبَا وَيُرْبِي الصَّدَقَاتِ وَاللَّهُ لَا يُحِبُّ كُلَّ كَفَّارٍ أَثِيمٍ (276) إِنَّ الَّذِينَ آَمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ وَآَتَوُا الزَّكَاةَ لَهُمْ أَجْرُهُمْ عِنْدَ رَبِّهِمْ وَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ (277) يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَذَرُوا مَا بَقِيَ مِنَ الرِّبَا إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ (278) فَإِنْ لَمْ تَفْعَلُوا فَأْذَنُوا بِحَرْبٍ مِنَ اللَّهِ وَرَسُولِهِ وَإِنْ تُبْتُمْ فَلَكُمْ رُءُوسُ أَمْوَالِكُمْ لَا تَظْلِمُونَ وَلَا تُظْلَمُونَ (279) وَإِنْ كَانَ ذُو عُسْرَةٍ فَنَظِرَةٌ إِلَى مَيْسَرَةٍ وَأَنْ تَصَدَّقُوا خَيْرٌ لَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ (280) وَاتَّقُوا يَوْمًا تُرْجَعُونَ فِيهِ إِلَى اللَّهِ ثُمَّ تُوَفَّى كُلُّ نَفْسٍ مَا كَسَبَتْ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ»- تەرجىمىسى:
«ئۆسۈم يەيدىغانلار، شەيتان چاپلىشىۋالغان ساراڭ ئادەم تۇرغاندەكلا تۇرىدۇ. بۇ، ئۇلارنىڭ: ‹سودا-سېتىقمۇ خۇددى ئۆسۈم مۇئامىلىسىگە ئوخشاشتۇر› دېگەنلىكى ئۈچۈندۇر. ھالبۇكى ئاللاھ سودا-سېتىقنى ھالال، ئۆسۈم مۇئامىلىسىنى ھارام قىلغان. كىم رەببىدىن كەلگەن نەسىھەتكە بويسۇنۇپ ئۆسۈمدىن توختىسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ. ئۆسۈمنى داۋاملاشتۇرغانلار بولسا، جەھەننەم ئەھلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە  مەڭگۈ قالىدۇ.
ئاللاھ ئۆسۈمنى يوقىتىپ، سەدىقىلەرنى ئۆستۈرىدۇ. ئاللاھ ھېچبىر گۇناھكار نان كورنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، نامازنى ئۈزلۈكسىز ئوقۇغان ۋە زاكاتنى بەرگەنلەر بارغۇ، ئۇلار رەببىنىڭ يېنىدا چوقۇم مۇكاپاتلىرىنى ئالىدۇ، ھەرگىزمۇ قورقمايدۇ ۋە ھەرگىزمۇ قايغۇرمايدۇ.
ئى مۇئمىنلار! ئاللاھدىن قورقۇڭلار، تېخى قولۇڭلارغا ئۆتمىگەن ئۆسۈمنى ئالماڭلار. ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار شۇنداق قىلىڭلار.
ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى تەرىپىدىن سىلەرگە ئۇرۇش ئېچىلغانلىقىنى بىلىپ قويۇڭلار. ئەگەر تەۋبە قىلساڭلار سەرمايەڭلار ئۆزۈڭلارنىڭدۇر. زۇلۇم قىلمايسىلەر ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىمايسىلەر.
ئەگەر قەرزدار قىيىنچىلىق ئىچىدە بولسا، ئۇنىڭغا قولى ئۇزارغىچە مۆھلەت بېرىڭلار. ئەگەر بىلسەڭلار، ئېلىشىڭلارنى سەدىقە قىلىۋېتىشىڭلار سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر.
شۇنداق بىر كۈندىن قورقۇڭلاركى، ئۇ كۈنى سىلەر ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىرىلىسىلەر. ئاندىن ھەر كىشىگە قىلغان ئەمىلىنىڭ جازا/مۇكاپاتى تولۇق بېرىلىدۇ، ھېچكىمگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ.»- بەقەرە سۈرىسىنىڭ 275 – ئايىتىدىن 281 – ئايىتىگىچە.
مۇناسىۋەتلىك ئىككى ھەدىس:
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «يەتتە خىل ھالاكەتلىك گۇناھتىن ساقلىنىڭلار» دېگەن ئىدى. بىر كىشى: «يا رەسۇلەللاھ، ئۇلار قايسى گۇناھلار؟» دەپ سورىدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈش، سېھرىگەرلىك قىلىش، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش، جازانىخورلۇق قىلىش، يېتىمنىڭ مېلىنى يەۋېلىش، غازاتتىن قېچىش، ئىپپەتلىك، پاك مۇسۇلمان ئاياللارغا بوھتان چاپلاش»، دەپ جاۋاب بەردى. بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،  «رەسۇلۇللاھ ئۆسۈم ئالغۇچىغا ئۆسۈم بەرگۈچىگە ۋە ئىككى تەرەپنىڭ گۇۋاھچىسى ھەم خاتىرىلىگۈچىسىگە لەنەت قىلدى» مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
مۆھتەرەم قېرىندىشىم! بىر كىشىنىڭ مۇسۇلمان ھېسابلىنىشى ئۈچۈن،  ئاللاھ تەئالانىڭ ئەمر–پەرمانلىرىغا رىئايە قىلىشى شەرت. ئەگەر ئىنسان بۇ دۇنيادىكى قىسقا مۇددەتلىك ھاياتىدا ئۇ شەرتكە رىئايە قىلىپ ياشىسا، ئاللاھ تەئالانىڭ ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن بولۇپ ئاخىرەتتىكى ئەبەدىي ھاياتى جەننەتتە باشلىنىدۇ ۋە جەننەتتە داۋاملىشىدۇ. ئەگەر ئۇ شەرتكە رىئايە قىلماي ياشىسا،  ئاللاھ تەئالانىڭ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەن بولۇپ ئاخىرەتتىكى ئەبەدىي ھاياتى دوزاختا باشلىنىدۇ ۋە دوزاختا داۋاملىشىدۇ.
بۇرادەر! بىز بۇ دۇنياغا ئىمتىھان قىلىنىش ئۈچۈن كەلگەن. ئىمتىھاننىڭ شەرتلىرى بىز خالىغاندەك بولمايدۇ. بەزىدە دىنىمىز چەكلىگەن ئىشلاردىن بىرەرىنى قىلىشقا توغرا كېلىپ قالىدۇ، مانا مۇشۇنداق ۋاقىتتا «مېنىڭ دىنىم بۇ ئىشتىن مېنى چەكلىگەن، مېنىڭ مۇسۇلمانلىقىم بۇ ئىشقا يول قويمايدۇ» دېگەن ئېتىقاد بىلەن ئۇ ئىشتىن ساقلىنالىساق، «مۇسۇلمان» لىقىمىزغا يارىشىدىغان ئىش قىلغان بولىمىز، شۇنداقلا ئىمتىھاندىن ئۆتكەن بولىمىز. ئەكسى تەقدىردە بىزنىڭ باشقىلاردىن پەرقىمىز بولماي قالىدۇ.
دېمەك، مۇسۇلمانلىق بىزنىڭ ئاتا-ئانىمىز قويغان ئىسمىمىزغا ئوخشىمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ، ئىختىيارىي ھالدا بىرەر خاتالىققا قەدەم سېلىشىمىز بىلەن بىزدىن ئاجراپ كېتىدۇ (ئاللاھ ساقلىسۇن).  بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر دائىم دىققەت قىلىشىمىز كېرەك.
بۇ يەردە سىزگە شۇنىمۇ ئەسلىتىپ قويايكى:
قېرىندىشىم! مەن مۇسۇلمان دەيدىغان كىشى ھارامغا يېقىن بېرىپ قېلىشتىن ساقلىنىپ سەۋر قىلىشى كىرەك. مۇشۇنداق قىلسا ئاللاھ تەئالا ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن نېئمەت ئاتا قىلىدۇ. ئاللا تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«كىمىكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بىرىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بىرىدۇ» (تالاق سۈرىسى 2-3-ئايەتلىرى).
«كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ، ئۇنىڭغا كاتتا ساۋاپ ئاتا قىلىدۇ» (تالاق سۈرىسى 5-ئايەت).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر