يەنە ھېلىقى گەپ
باش بەت > ماقالىلەر تارىخ: 26.02.2010 Tavsiye Et يازدۇرغىن

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم

مۆھتەرەم زىيارەتچىلەر!
مۇسۇلمانلار تورى مۇسۇلمانلارنى ئاللاھ تەئالانىڭ كىتابىغا بويسۇنۇشقا ۋە ئاللاھ تەئالانىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگىشىشگە دەۋەت قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ تورنىڭ باشتىن بېرى تۇتۇپ كەلگەن ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تۇتۇپ ماڭىدىغان يولى بىرەر مەزھەپنى ئەمەس، قۇرئان-ھەدىس پۈتۈنلۈكىنى ئاساس قىلىشتۇر.
مۇسۇلمانلار تورىدا بۇ پرىنسىپ بويىچە بېرىلگەن پەتىۋا ۋە نەشىر قىلىنغان ئەسەرلەر، ئىسلام دىنىدىن ئاللاھقا قۇل بولۇشتىن باشقىسىنى كۆزلىمەيدىغانلار تەرىپىدىن ئالقىشقا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن بەزى ئالىم قىياپىتىدىكى جاھىللەر مۇسۇلمانلار تورىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كېتىشكەن ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار، مۇسۇلمانلار تورىغا ئىلمىي رەددىيە قايتۇرۇشنىڭ ئورنىغا «نەسىھەت» قىلىشقان، نەسىھەتلىرى قوبۇل قىلىنمىسا كىتابلىرىنىڭ «شەرھى-شۇرھىلىرى» دا ۋە ئۆزلىرىنىڭ «ئىسلامىي تور» لىرىدا «تەنە–ھاقارەت» قىلىپ «قورسىقىنى بوشىتىۋالغانمۇ بولۇشقان» ئىدى. ھەتتا «دەردلىرى ئىچىگە پاتماي» مۇسۇلمانلار تورىغا كىرگەنلەرگە ۋە بۇ توردىكى ئەسەرلەرنى باشقا تورلارغا يوللىغانلارغا «ئاگاھلاندۇرۇش» بېرىشكەن ئىدى.
جۈملىدىن ئۇلارنىڭ بەزىسى ئۆتكەن يىلى مۇسۇلمانلار تورىنىڭ «تېگىشلىك جاجىسنى بېرىش» ئۈچۈن ئۆزىنىڭ «ئىسلامىي تور» لىرىدا «بايانات ئېلان» قىلىشقانمۇ بولغان ئىدى. ئۇ ۋاقىتتا بىزمۇ بەزى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىلتىماسى بىلەن ئۇلارغا مۇسۇلمانلار تورىدا جاۋاب بەرگەن ۋە بىزنى يېڭىۋېتىشلىرى ئۈچۈن ئۇلارغا مۇنۇ تەكلىپنى سۇنغان ئىدۇق:
«ئى تەرجىمىچىلىكنى ئىلىم، تەقلىتچىلىكنى دىندارلىق، نەقىلچىلىكنى دەلىل كەلتۈرگەنلىك دەپ ئويلاپ قالغان «زاتلار»! ئالدىڭلاردا بىزنى «يېڭىۋېتىش» ىڭلار ئۈچۈن بىرلا يول بار. ئۇ بولسا سىلەرگە خاتا كۆرۈنگەن ئەسەرلىرىمىزنىڭ خاتالىقىنى قۇرئان-ھەدىستىن دەلىل كەلتۈرۈپ ئىلمىي بىر شەكىلدە ئىسپاتلاشتۇر.
بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇبدان تەييارلىق قىلىپ، ھەتتا «ئىسمى شىرىپى» زىكىر قىلىنسا، ماختىشىپ ئاغزىڭلارغا ماغزاپ كېلىپ كېتىدىغان بارلىق ئەرەب ۋە ئەجەم ئۇستازلىرىڭلاردىن «مەدەت» تەلەپ قىلىپ، ئاندىن قارشىمىزغا چىقىساڭلارمۇ بولىدۇ. بىزنىڭ ئالدىرىشىمىز يوق. قېنى ئەنە مەيدان!»
ھاسىلكالام ھازىرغىچە ئۇلاردىن بىر جاۋاب كەلمىدى. لېكىن يېقىندا يەنە بەزى «يولداش» لار، مۇسۇلمانلار تورىغا «زەربە بېرىش» ئۈچۈن ئۆز تورلىرىدا «سەپەرۋەرلىك» ئېلان قىلىشىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇنى كۆرگەن بەزى كۆڭۈلداشلىرىمىز بىزدىن ئۇلارغا جاۋاب بېرىشىمىزنى ئىلتىماس قىلدى.
مەن (ئەبۇلفاتىھ) بۇ قېرىنداشلىرىمغا ۋە مۇسۇلمانلار تورىدىن ئىلىم ئۆگىنىۋاتقان بارلىق دوستلىرىمغا دەيمەنكى:
مۆھتەرەم قېرىنداشلىرىم! ئۇلاردا بىرەر مەسىلە توغرىسىدا مۇھاكىمە قىلىش، مەسىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەت-ھەدىسلەرنىڭ ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىپ بىر نەتىجە چىقىرىش قابىلىيىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار «ئۇلۇغ» لىرى، نېمە دەپ بەرسە شۇنى ئۈنئالغۇدەك ياكى شاتۇتىدەك نەقىل قىلىدۇ.
ئۇلارنىڭ «ئۇلۇغ» لىرى ئۆزلىرىنىڭ مەزھەپ ۋە تەرىقەت كىتابلىرىنى بىلگەنلىكلىرىنى «دىنى ئىلىم» دەپ ئويلاپ قالغان «زات» لار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ئەنە ئاشۇنداقتۇر. چۈنكى توخۇنىڭ بالىسى چۈجە بولىدۇ، ئەسلا قوزا بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئىختىلاپ بىلەن تەپرىقىنى، زېھنىيەت بىلەن شەخسىيەتنى ئايرىيالمايدۇ.
لېكىن ئىتنى چىشلىدى دەپ چىشلىگىلى بولمايدۇ، تورپاقنى ئۈستى دەپ ئۈسكىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز يولىمىزغا مېڭىۋېرىمىز. ئۇلار قاۋاپ قېلىۋىرىدۇ. چۈنكى ھەر ئادەم ئۆزىگە يارىشا ئىش قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يولۇچىنىڭ قاۋىغان ئىتلارغا تاش ئېتىش بىلەن مەشغۇل بولۇشى، ئۇنىڭ مېڭىشىنى كېچىكتۈرىدۇ. ئىتلارنىڭ مەقسىتىمۇ بۇ بولسا كېرەك!  
قېرىنداشلار! شۇنى ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز لازىمكى:
خاتانىڭ ئارىسىدا توغرا غېرىپ بولۇپ قالىدۇ. جاھالەت بازىرىدا ئىلىمگە خېرىدار چىقمايدۇ. چىراغ يانمىغان ئۆينى چاشقانلار باسىدۇ. بەزى كېسەل كىشىلەرگە تاتلىق تاماق ئاچچىق تېتىيدۇ. شەپەرەڭلەر كۈن نۇرىدىن بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ. خالادا ياشايدىغان قوڭغۇزلار ھاۋاسى پاكىز جايدا نەپەس ئالالمايدۇ. كۆنچى ئەتىرچىنىڭ دۇكىنىنىڭ ئالدىدىن ئۆتسە بۇرنى پۈتۈپ قالىدۇ. سامساقنىڭ سېسىق پۇرىقى ئەنبەرنىڭ خۇش پۇرىقىنى بېسىۋالىدۇ، قاغىنىڭ ئاۋازى بۇلبۇلنىڭ ئاۋازىدىن يۇقىرى چىقىدۇ.
ئىت ئۆزىنىڭ ئىتلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن قاۋايدۇ. كۈچى يەتمىگەن تەرەپ ئاغزىنى بۇزىدۇ. ئۆزىنىڭ بىلمەيدىغانلىقىنى بىلمەسلىك ئەڭ خەتەرلىك بىلىمسىزلىكتۇر. بەزى كۆزى ئاجىز كىشىلەر ئىششىقلىقنى سېمىزلىك دەپ كۆرىدۇ. كەم ئالەت بىلەن يولغا چىققانلاردىن كامالەت ئۈمىد قىلىش تېكىدىن سۈت تەمە قىلىش بىلەن ئوخشاشتۇر.
ئاخىرىدا بەزى «داڭلىق» قېرىنداشلارنىڭ «بايانات» لىرىغا ئالدىنىپ مۇسۇلمانلار تورىغا «دوستانە ئۇلىنىش» بەتلىرىدىن «ئۈچۈرۈپ تاشلاش جازاسى» نى بەرگەن ئاق كۆڭۈل تورداشلىرىمغا مۇنۇ ھېكايىنى ئەسكەرتىشنى ئۇيغۇن كۆردۈم:
 بىر كىشى ئۆزىنىڭ بىر قويىنى يېتىلەپ كېتىۋاتسا، ئۈچ دانە ئوغرى ئۇ كىشىنىڭ قويىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش ئۈچۈن ئۆزئارا مەسلەھەتلىشىپ، ئاخىرى بىر قارارغا كېلىپ ئىشقا كىرىشىپتۇ:
بۇ ئۈچ ئوغرى باشقا بىر يول بىلەن ھېلىقى كىشىنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئارىلىرىدا بىرەر كىلومېتىردىن مۇساپە قويۇپ، ئاستا مېڭىشقا باشلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى قويىنى يېتىلەپ بىرىنچى ئوغرىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈشىگە، ئوغرى: «ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم، نەگە ئېلىپ ماڭلا بۇ ئىتنى؟» دەپتۇ.
قوي ئىگىسى: «ساراڭمۇ سىلەر؟ قويغۇ بۇ! نېمانداق قوينى ئىت دەيلا؟» دەپ يولىغا مېڭىۋېرىپتۇ. ئوغرى ئارقىسىدىن: «ماقۇل، ئىتمۇ، قويمۇ؟ ئۆزلىرى بىلەلا، مەن كۆرگىنىمگە قاراپ گەپ قىلدىم» دەپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن قوي ئىگىسى ئىچىدە: «قوينى ئىت دەۋاتىدۇيا ماۋۇ! ساراڭمۇ، نېمە؟» دېگەچ يولىغا داۋام قىلىپتۇ.
قوي ئىگىسى يەنە خېلى يول يۈرگەندىن كېيىن ئىككىنچى ئوغرى يېنىغا كېلىپ: «ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ، ئەتىگەن ئىت يېتىلەپ مېڭىپلىغۇ؟ نەگە ئېلىپ ماڭلا؟ تالاشتۇرغىلىمۇ؟ ياكى ساتقىلىمۇ؟ سىلەر بىر مويسىپىت ئادەم تۇرسىلا، توۋا! بۇ ياشقا كەلگەندە ئىت يېتىلەپ مېڭىش سىلىگە قەتئىي ياراشماپتۇ» دەپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ بۇ ئاق كۆڭۈل تاغىمىز: «نېمە دەۋاتىلا؟ قويغۇ بۇ مانا، ئۇبدان قارىسىلا» دەپ يولىغا مېڭىپتۇ. لېكىن كۆڭلىگە گۇمان چۈشۈپ، ئارقىسىغا بىر قاراپ، ئالدىغا بىر قاراپ، كۆزلىرىنى ئۇۋۇلاپ ئەتىگەن ئۆيىدىن ئۆزى باغلاپ چىققان قويىغا سەپسېلىشقا باشلاپتۇ ۋە ماڭغاچ ئۆزى بىلەن ئۆزى گەپلىشىپتۇ:
«ياق، بۇ قوي، راستىنلا قوي، ئۆزۈم ئېغىلغا كىرىپ باشقا قويلارنىڭ ئارىسىدىن تۇتۇپ چىقتىمغۇ! ياق، بۇ ئىت ئەمەس. ياكى مەن قوينى باغلىدىم دەپ ئىتنى باغىلىدىممۇيا! ئىككى ئادەم قولۇمدىكىنى ئىت دەۋاتىدۇغۇ! ئەگەر راست ئىتنى يېتىلەپ ماڭغان بولسامچۇ! بۇ نېمىدېگەن سەتچىلىك! مەن مەھەللىدە تونۇلغان بىر ئادەم تۇرسام! ھەي ي ي…».
بۇ كىشى ئۆزىگە ئۆزى ئەنە ئاشۇنداق بىر نېمىلەرنى دەپ، ئارا-سىرە كۆزلىرىنى ئۇۋۇلىۋېتىپ قويغا سىنچىلاپ بىر قاراپ قويۇپ كېتىۋاتسا، ئۈچىنچى ئوغرى تۇيۇقسىزلا: «ۋوي، توۋا خۇدايىم، زامانى ئاخىر بولدىمۇ نېمە؟ مەھەللىمىزدىكى تەقۋادار، خۇداگۇي ئادەملەردىن سىلىنى قالدى دەيتتۇق، خاتالىشىپتىمىز ئەمەسمۇ؟ ئىسىت! بۇ ياشتا ئىت يېتىلەپ ماڭغىنىنى، نېمە بولۇپ كەتتى بۇ جاھان؟» دەپتۇ.
ئۇ كىشىنىڭ بۇ گەپنى ئاڭلاپ قولىدىكىنىڭ قوي ئەمەس، ئىتلىقىدا قىلچە گۇمانى قالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قوينىڭ ئارغامچىسىنى يېشىۋېلىپ: «كۇچە!!! ھۇ لالما! قويلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالغان بولغىيدى بۇ نىجاسەت! دىققەت قىلمايلا باغلاپ چىقىپتىمەن ئەمەسمۇ!» دەپ قوينى ھەيدىۋېتىپتۇ.
نەتىجىدە ھېلىقى ئۈچ ئوغرى تاغىمىزنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكلىكىدىن پايدىلىنىپ قوينى ئېلىۋاپتۇ. تاغىمىز كۈندۈزلۈكتە كۆزى ئوچۇق تۇرۇپ قويىنى ئۆز قولى بىلەن ئوغرىلارغا بېرىۋېتىپتۇ.     
تورداشلار! ئوغرىلار باشقىلارنىڭ قولىدىكى قوينى، ئۇلارنىڭ قولىدىن چىقىرىۋېتىپ بولغۇچە ئىت دەيدۇ. ئوغرىلارنىڭ بۇ سۆزىنىڭ قويغا ياكى قوي ئىگىسىگە بىر زىيىنى يوق. لېكىن قاچانىكى قوي ئىگىسىنىڭ كۆزى ئۆزىنىڭ قويىنى ئوغرىغا ئالدىنىپ «ئىت» دەپ كۆرسە، ئۆزى زىيانغا ئۇچراپ كېتىدۇ.
ئەگەر ئوغرى قوي ئوغرىسى ئەمەس، دىن ئوغرىسى بولسا، دىندارلارنىڭ تېخىمۇ دىققەت قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى دىن ئوغرىلىرىنىڭ ھىيلە-نەيرەڭلىرى پەرقلىق بولىدۇ. «جان ساقلاش ھەر كىشىنىڭ ئىشى، دىن ساقلاش ئەر كىشىنىڭ ئىشى» دېگەن ھېكمەتلىك سۆز بىكارغا ئېيتىلمىغان.
«دىن» مەزھەپكە ئەمەس ئاللاھقا بويسۇنۇشتۇر، «دىن» مەزھەپچىگە ئەمەس پەيغەمبەرگە ئەگىشىشتۇر. «دىن» ئىنساننىڭ ئىنسانغا ئەمەس، ئىنساننىڭ ئاللاھقا قۇل بولۇشىدۇر. بۇنىڭدىن ۋاقىپ بولۇشقايلار!
1.970 قېتىم ئوقۇلدى