ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
مۆھتەرەم زىيارەتچىلەر! مۇسۇلمانلار تورى مۇسۇلمانلارنى ئاللاھ تەئالانىڭ كىتابىغا بويسۇنۇشقا ۋە ئاللاھ تەئالانىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگىشىشگە دەۋەت قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ تورنىڭ باشتىن بېرى تۇتۇپ كەلگەن ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تۇتۇپ ماڭىدىغان يولى بىرەر مەزھەپنى ئەمەس، قۇرئان-ھەدىس پۈتۈنلۈكىنى ئاساس قىلىشتۇر.
مۇسۇلمانلار تورىدا بۇ پرىنسىپ بويىچە بېرىلگەن پەتىۋا ۋە نەشىر قىلىنغان ئەسەرلەر، ئىسلام دىنىدىن ئاللاھقا قۇل بولۇشتىن باشقىسىنى كۆزلىمەيدىغانلار تەرىپىدىن ئالقىشقا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن بەزى ئالىم قىياپىتىدىكى جاھىللەر مۇسۇلمانلار تورىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كېتىشكەن ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار، مۇسۇلمانلار تورىغا ئىلمىي رەددىيە قايتۇرۇشنىڭ ئورنىغا «نەسىھەت» قىلىشقان، نەسىھەتلىرى قوبۇل قىلىنمىسا كىتابلىرىنىڭ «شەرھى-شۇرھىلىرى» دا ۋە ئۆزلىرىنىڭ «ئىسلامىي تور» لىرىدا «تەنە–ھاقارەت» قىلىپ «قورسىقىنى بوشىتىۋالغانمۇ بولۇشقان» ئىدى. ھەتتا «دەردلىرى ئىچىگە پاتماي» مۇسۇلمانلار تورىغا كىرگەنلەرگە ۋە بۇ توردىكى ئەسەرلەرنى باشقا تورلارغا يوللىغانلارغا «ئاگاھلاندۇرۇش» بېرىشكەن ئىدى.
جۈملىدىن ئۇلارنىڭ بەزىسى ئۆتكەن يىلى مۇسۇلمانلار تورىنىڭ «تېگىشلىك جاجىسنى بېرىش» ئۈچۈن ئۆزىنىڭ «ئىسلامىي تور» لىرىدا «بايانات ئېلان» قىلىشقانمۇ بولغان ئىدى. ئۇ ۋاقىتتا بىزمۇ بەزى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىلتىماسى بىلەن ئۇلارغا مۇسۇلمانلار تورىدا جاۋاب بەرگەن ۋە بىزنى يېڭىۋېتىشلىرى ئۈچۈن ئۇلارغا مۇنۇ تەكلىپنى سۇنغان ئىدۇق:
«ئى تەرجىمىچىلىكنى ئىلىم، تەقلىتچىلىكنى دىندارلىق، نەقىلچىلىكنى دەلىل كەلتۈرگەنلىك دەپ ئويلاپ قالغان «زاتلار»! ئالدىڭلاردا بىزنى «يېڭىۋېتىش» ىڭلار ئۈچۈن بىرلا يول بار. ئۇ بولسا سىلەرگە خاتا كۆرۈنگەن ئەسەرلىرىمىزنىڭ خاتالىقىنى قۇرئان-ھەدىستىن دەلىل كەلتۈرۈپ ئىلمىي بىر شەكىلدە ئىسپاتلاشتۇر.
بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇبدان تەييارلىق قىلىپ، ھەتتا «ئىسمى شىرىپى» زىكىر قىلىنسا، ماختىشىپ ئاغزىڭلارغا ماغزاپ كېلىپ كېتىدىغان بارلىق ئەرەب ۋە ئەجەم ئۇستازلىرىڭلاردىن «مەدەت» تەلەپ قىلىپ، ئاندىن قارشىمىزغا چىقىساڭلارمۇ بولىدۇ. بىزنىڭ ئالدىرىشىمىز يوق. قېنى ئەنە مەيدان!»
ھاسىلكالام ھازىرغىچە ئۇلاردىن بىر جاۋاب كەلمىدى. لېكىن يېقىندا يەنە بەزى «يولداش» لار، مۇسۇلمانلار تورىغا «زەربە بېرىش» ئۈچۈن ئۆز تورلىرىدا «سەپەرۋەرلىك» ئېلان قىلىشىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇنى كۆرگەن بەزى كۆڭۈلداشلىرىمىز بىزدىن ئۇلارغا جاۋاب بېرىشىمىزنى ئىلتىماس قىلدى.
مەن (ئەبۇلفاتىھ) بۇ قېرىنداشلىرىمغا ۋە مۇسۇلمانلار تورىدىن ئىلىم ئۆگىنىۋاتقان بارلىق دوستلىرىمغا دەيمەنكى:
مۆھتەرەم قېرىنداشلىرىم! ئۇلاردا بىرەر مەسىلە توغرىسىدا مۇھاكىمە قىلىش، مەسىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەت-ھەدىسلەرنىڭ ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىپ بىر نەتىجە چىقىرىش قابىلىيىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار «ئۇلۇغ» لىرى، نېمە دەپ بەرسە شۇنى ئۈنئالغۇدەك ياكى شاتۇتىدەك نەقىل قىلىدۇ.
ئۇلارنىڭ «ئۇلۇغ» لىرى ئۆزلىرىنىڭ مەزھەپ ۋە تەرىقەت كىتابلىرىنى بىلگەنلىكلىرىنى «دىنى ئىلىم» دەپ ئويلاپ قالغان «زات» لار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ئەنە ئاشۇنداقتۇر. چۈنكى توخۇنىڭ بالىسى چۈجە بولىدۇ، ئەسلا قوزا بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئىختىلاپ بىلەن تەپرىقىنى، زېھنىيەت بىلەن شەخسىيەتنى ئايرىيالمايدۇ.
لېكىن ئىتنى چىشلىدى دەپ چىشلىگىلى بولمايدۇ، تورپاقنى ئۈستى دەپ ئۈسكىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز يولىمىزغا مېڭىۋېرىمىز. ئۇلار قاۋاپ قېلىۋىرىدۇ. چۈنكى ھەر ئادەم ئۆزىگە يارىشا ئىش قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يولۇچىنىڭ قاۋىغان ئىتلارغا تاش ئېتىش بىلەن مەشغۇل بولۇشى، ئۇنىڭ مېڭىشىنى كېچىكتۈرىدۇ. ئىتلارنىڭ مەقسىتىمۇ بۇ بولسا كېرەك!
قېرىنداشلار! شۇنى ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز لازىمكى:
خاتانىڭ ئارىسىدا توغرا غېرىپ بولۇپ قالىدۇ. جاھالەت بازىرىدا ئىلىمگە خېرىدار چىقمايدۇ. چىراغ يانمىغان ئۆينى چاشقانلار باسىدۇ. بەزى كېسەل كىشىلەرگە تاتلىق تاماق ئاچچىق تېتىيدۇ. شەپەرەڭلەر كۈن نۇرىدىن بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ. خالادا ياشايدىغان قوڭغۇزلار ھاۋاسى پاكىز جايدا نەپەس ئالالمايدۇ. كۆنچى ئەتىرچىنىڭ دۇكىنىنىڭ ئالدىدىن ئۆتسە بۇرنى پۈتۈپ قالىدۇ. سامساقنىڭ سېسىق پۇرىقى ئەنبەرنىڭ خۇش پۇرىقىنى بېسىۋالىدۇ، قاغىنىڭ ئاۋازى بۇلبۇلنىڭ ئاۋازىدىن يۇقىرى چىقىدۇ.
ئىت ئۆزىنىڭ ئىتلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن قاۋايدۇ. كۈچى يەتمىگەن تەرەپ ئاغزىنى بۇزىدۇ. ئۆزىنىڭ بىلمەيدىغانلىقىنى بىلمەسلىك ئەڭ خەتەرلىك بىلىمسىزلىكتۇر. بەزى كۆزى ئاجىز كىشىلەر ئىششىقلىقنى سېمىزلىك دەپ كۆرىدۇ. كەم ئالەت بىلەن يولغا چىققانلاردىن كامالەت ئۈمىد قىلىش تېكىدىن سۈت تەمە قىلىش بىلەن ئوخشاشتۇر.